50 يۈەنگە چەكسىز سۆزلىشىش راست ئىشمۇ ؟
ئەسسالامۇئەلەيكوم تورداشلار!يىقىندا东阿亿信 دەپ بىر تىلفۇن دىتالىنى تىلفۇنغا چۈشۈرۈپ ئايدا 30 يۈەن تاپشۇرسا دۆلەت ئىچىدىكى خوڭكوڭ بىلەن ئاۋمىندىن باشقا جايلارغا تىلفۇن ئۇرۇپ چەكسىز پارڭلىشقىلى بولىدىكەن دەپ ئاڭلىغانىدىم . تاۋباۋ تورىغا چىقىپ قارىسام شىنجاڭ بىلەن شىزاڭغا بولمايدۇ دەپتۇ ، لىكىن يىقىندا خىلى ئۇيغۇر بالىلار ۋىيشىن سالونلىرى ئارقىلىق 48 يۈەندىن ، 50 يۈەندىن سىتىۋىتىپتۇ . بەيدۇغا چىقىپ ئىزدىسەم نۇرغۇن يولداشلار بۇ دىتالنىڭ ئىشەنچىسىزلىكىنى ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى يىزىپتۇ، تورداشلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ دىتالنى شىنجاڭ ئىچىدە ئىشلىتىپ ئۈنىمىنى كۆرگەنلەر بارمۇ ؟ ئەگەر مۇشۇ دىتال راسىت ئىشەنچىلىك بولسا مەن بۇنى توپ ئىلىپ مەكتەپتە ساتاي دەپ ئويلىغانىدىم . بەزىلەر ئالداندىم دېسە ئەقىلدارلار ۋاي سەن ئىشلىتەلمەپسەن ئاندىقەي ماندىقەي دەپ ساقال تارايدۇ چەكسىز ئەمەس ئەڭ كۆپ بولغاندا 744 سائەت پاراڭلىشالايسىز 31 كۈنلۈك ئايدا
شۇڭا ئۇلارنىڭ چەكسىز دىگىنى قىپ-قىزىل يالغان. مۇشۇ ھەقسىز دىگەن نەرسىلەرگە بەك كۈنۈپ كەتتۇق. بۇنداق ئەنسىرەپ يۈرگۈچە 有信 دىگەن بىر دېتال بار. ئەپ بازارلىرىدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ. شۇنىلا ئىشلەتسەك (يانفۇنىمىزدا تور بولسىلا، ئەمەلىيەتتەيانفۇن تورىنى ئىشلەتمەيدىغانلار بارغانسىرى ئازلاۋاتىدۇ) ئىشەنچىلىك. ئەمما بىر كەمچىلىكى بۇ دېتالىنى ئىشلىتىپ تېلېفۇن ئۇرغاندا قارىشى تەرەپكە ئۈزىمىزنىڭ نۇمۇرى كۈرۈنمەيدۇ. ھەم ئۇلىنىشى 10سىكۇنىت ئەتراپىدا. http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55076&highlight=kc
مەن مۇنۇسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، خېلى ئىشەنچلىك، بىر يىلدىن ئاشتى ئىشلىتىۋاتىمەن، باھاسى ئەرزان، ئۇلىنىش سۈرئىتى تېز، خەلقئارالىق تېلىڧۇنمۇ ئۇرغىلى بولىدۇ، سىناپ باقارسىز چەكسىز سۆزلىشى دېگىنى قىپقىزىل يالغان. يەنە كېلىپ چەكسىز سۆزلەشكۈدەك بىر ئادەمنىڭ 24سائەت تېلفوننى تاشلىماي سۆزلىشىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
خەقلەر ئاشۇنداق ئادەمنى چەكسىزلىككە قىزىقتۇرۇپ( ئادەمدىكى ئاچكۆزلۈك خاھىشىنى قوزغۇتۇپ دەمدۇق) سودىسىنى قىلىۋالىدۇ خالاس. Mahir512 يوللىغان ۋاقتى2014-2-16 14:53 static/image/common/back.gif
چەكسىز ئەمەس ئەڭ كۆپ بولغاندا 744 سائەت پاراڭلىشالايسىز ...
31*24=744 سائەت، دىمەك چەكسىز دىگەن گەپقۇ، سىز بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتامسىز؟:lol كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 888يۈەنلىك ئالەم كېزەر مۇلازىمىتىنى بىجىرسىڭىـز بىر ئايدا 4000مىنۇت دۆلەت تەۋەلىكىدە خالىغانچە سۆزلەشەلەيسىز. 3000مېگابايت تورغا چىقالايسىز ...
ئاپلا تېلېفون نۇسخىسىدا چىراي ھىجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى چىقمايدىكەنغۇ... مەن ھازىر 来电伴侣 نى ئىشلىتىۋاتىمەن، wifi مۇھىتىدا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ھەقسىز تېلىفۇن ئۇرغىلى بولىدىكەن. لېكىن باشقىلارغا ئىچكىرىنىڭ نومۇرى بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. تېلىفۇن مۇلازىمەتتىن توختىغان چاغدا سىناپ باقسام، نورمال بولدى. يوۇشىن دىگەن نەرسە توكنى يولۋاستەك يەيدۇ، ئويلىشىپراق قاچىلاڭلار
بەت:
[1]