qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 10:43:24

كۆچمە خەۋەرلىشىش توغرىسىدا ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزىدىنىشتىكى تورداشلار ئالدىنقى قېتىم بىر مۇنازىرىنى كۆرگەن ئىدىم خەۋەرلىىش ئىدارىسى توغرىسىدا ئۇ تېمىنى تاپالمىغاچقا تېما يوللاشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم.
مەن  ئالدىنقى  ئايدا  تېلفۇنۇمنىڭ تور كەسپىنى ئۆزگەركەن ئىدىم.    بىر يىللىق   ھەر ئايلىقى  30 يۈەنلىك كەسىپىنى ئېچىپ قويۇپتۇ.  ئەسلىدە مەن بۇنداق كەسىپ ئېچىشنى  ئويلىمىغان   ئۇ خىزمەتچى ماڭا چۈشەندۈرمەيلا  30 يۈەن تۆلىسىڭىز  3 ئايدا 1G تور ئېقىمى سوۋغا قىلىدۇ. ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېگەن ئىدى. مەن شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ  ئاچقۇزۇپتىمەن. لېكىن ئۇ مۇلازىمەتچى ھەر ئايلىقى 30 يۈەنلىك  كەسىپنى بىر يىللىق ئېچىپ قويۇپتۇ.  ماڭا بۇ توغرىسدا ھېچ قانداق ئەسكەرتىمە بەرمەيلا  ئېچىۋېتىپتۇ.  
بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز  10086 گە تېلفۇن قىلسام سىز بىر يىللىق كەسىپنى بېجىرىپسىز  دەيدۇ مەن ئۇنداق بېجىرمىگەن دېسەم  ئەمىسە مۇلازىمەت زالىغا بېرىڭ دەيدۇ. مۇشۇنداق قىلسا توغرا بولامدۇ.   ئىككى يىل ئالىدىمۇ  ھېچ قانداق تور ئېھتىياجىم يوق تۇرۇپ   تېلفۇنۇمنىڭ تور كەسىپىنى بيريىللىق ئېچىپ قويۇپتۇ ، ئەسلىدە مەن  ئايلىق ئېچىپ بېرىڭ دەسەم ، بىر يىللىق ئېچىۋېتىپتۇ.
بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز ياردەم قىلغان بولساڭلار   مۇشۇ بىر يىل  مەجبۇرى  ئاچىدىغان  كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىكلى بولىدىغان قىلىمىسا  بولمايدىكەن.
يېزىدا بۇ ئىش ئېغىر ئىكەن . دېھقانلارنى ئۇقمايدۇ دەپ  بىر يىللىق كەسىپ بېجىرىپ بېردىكەن .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 11:13:54

سىز يېزىدىنمۇ ؟

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 11:21:42

سىز مەھكەم تۇرۇپ شۇ مۇلازىمەتچىنى ئەرىز قىلىۋىرىڭ ،يۇقىرغا  يوللاپ بىرىڭ دەپ زورلاۋەرسىڭىز ئاخىرى ۋىلايەتلىك باش  شىركەتكە يوللايدۇ ئاندىن شۇلارغا سىلەرنىڭ پالانى يەردىكى پونچى ىىزمەتچىڭلار مۇشۇنداق قىپتۇ دەڭ بەك بولمىسا ناھىيىلىك شىركەتكە كىرىپ ئىككىنى ۋارقىرسىڭىز ھەل قىلدۇ ئۇنى ،سىزنىڭ 30سوملۇقكەن مىنىڭ بەش سوملۇقنى ئېچىۋىتىپتىكەن ئۇرشۇپ يۈرۈپ ئىككى ئايلىق 10سومنى قايتۇرغۇزغان مەن

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 11:23:55

سىزمۇ ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپسىز دە، تونۇشلىرىڭىزنى ئىزدىسىڭىز توختاتقىلى بولىدۇ

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 11:24:58

sazguri يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 11:21 static/image/common/back.gif
سىز مەھكەم تۇرۇپ شۇ مۇلازىمەتچىنى ئەرىز قىلىۋىرىڭ ،يۇ ...

مەن ئالدىنقى قېتىم  بىر يىللىق  5 سوملۇق كەسىپنى ئېچىپتىكەن  ئامال  يوق تورغا چىقمىساممۇ تۆلگەن بىر يىل، بۇ قېتىم  30 يۈەنلىكنى ئېچىپتۇ.
مەن يەكەندە بېجرىگەن بىر ۋاكالىتەن ھەق يىغىش ئورنىدا    ئۇ ئايال  ھە شۇنداق بولىدۇ. دەپ  باشقا ھېچ قانداق چىقىم قىلىمايسىز پەقەت شۇ 30 يۈەننى تۆلىسىڭىزلا بولىدۇ. باشقا چىقىم يوق دەپ ئېچىۋېتىپتۇ.بۇنى ئۇقماي يۈرۈپتىمەن.  10086 گە تېلفۇن قىلىسام شۇلار شۇنداق ئېچىپسىزبىزدە ئامال يوق دەيدۇ.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 11:27:31

bapkar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 11:23 static/image/common/back.gif
سىزمۇ ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپسىز دە، تونۇشلىرىڭىزنى  ...

توختاتقلى بولمايدۇ دەيدۇ.  ئەسلىدە 10 يۈەنلىك كەسىپنى بىر يىل ئاچسا  يەنە ھەر ئايدا  280 mb قوشۇپ بېردىكەن  لېكىن ئۇ ئايال ئۇنداق ئايلىق گەپنى چىقارمايلا  ھە  30 يۈەن تۆلىسە  1گ  تور ئېقىمنى ئۈچ ئايغا بۆلۈپ ئۇرۇپ بېرىدۇ. دەپلا  ئېچىپ بېرىپتۇ.  بۇ قىلاتققا يەنە مەندەكتىن قانچىسى چۈشتى بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ. بۇنى ئەرىز قىلىدىغان سورايدىغان ئورۇن بولسا شۇ يەرگە ئەرىز قىلىساق بولاتتى. ئادەمنى بۇنداق كولدۇرلاتسا قانداق بولىدۇ.

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 13:30:02

ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
سىز10086گەتېلىفۇن قىلىپ ئەرىزشىكايەت بۆلىمىگەيوللاپ بېرىڭ دەپ تۇرۇ ۋىلىڭ،ئۇلارسىزگەيوللاپ بەرگەنلىكىنى 24سائەت ئىچىدە سىزبىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىقانداتېلىفۇننى قويۇپ ئۇلارنىڭ تېلىفۇنىنى كۈتۈپ تۇرىسىز،ئەرىزشىكايەت بۆلىمىدىن سىزگەتېلىفۇن قايتۇرساسىزقەيەردەشۇمۇلازىمەتنى بىجىرگەن دىگەندەك بىرقاتارئەھۋاللارنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئۇلارغائېيتىڭ.ئاندىن ئۇلارنىڭ بىرتەرەپ قلىشىنى ساقلاپ تۇرۇڭ،مەن مۇشۇئۇسۇل ئارقىلىق ماڭائارتۇق ئېچىپ قويغان 10كويلۇق كەسىپنىڭ بىريىلىلىق پۇلى120كوينى قايتۇرۇۋالغان،يىللىق ئېچىلغان كەسەىپلەرنى ۋاقتى توشمىغۇچەتوختاتقىلى بولمايدىكەن،شۇڭامۇشۇئۇسۇل ئارقلىق تىجارەت زالىدىكى يولداش ماڭابىريىل ھەرئايدا10كويدىن تۇتىدىغان بىريىللىق 120كوينى قايتۇرۇپ بەرگەن.ئۇكەسىپ ئوچۇق تۇرىۋەرگەن.سىزمۇسىناپ بېقىڭ.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 14:53:18

axpazman يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 13:30 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
سىز10086گەتېلىفۇن قىلىپ ئەرىزشىكايە ...

مەنمۇ مۇشۇنداق  قىلىپ ئەرىز قىلىپ باقاي  بولمىسا  بىكاردىن بىكار  30 يۈەندىن  يىلىدا تۆلەپ چىقىدىغاندەك قىلىمەن.
كومپيوتېر ئالىدا  شۇنداق ئۇزۇن تۇرىمەن  تېلفۇنغا بۇنداق كۆپ ئېقىن كەتمەيدۇ. ئارتۇق  پۇل  تۆلىگىچە مۇشۇنداق ئەرىز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ باقاي

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 18:46:49

قىزچاقلارنىڭ چىرايلىق گەپلىرىگە، بولمايدۇ قائىدە مۇشۇنداق دېگەندەك باھانىلىرىگە ھە دېمەڭ، مەن دېگەن ئىستىمالچى، يەنە ھەل قىلىپ بەرمىسەڭلار 12315 غا ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىمەن، سىنانىڭكىدەك داڭلىق بىلوگلاردا قىلمىشىڭلار ئۈستىدىن قاقشايمەن دەپ تازا دەڭ. ئۇلارنىڭ ۋاي ئاكا دەپ ئىشىڭىزنى ھەل قىلمىغىنىنى بىر كۆرۈپ بېقىڭ.
ئالاقە شىركەتلىرى بىزگە ئاش-نان بېرىپ پۇل تاپمايدۇ، مۇلازىمەت قىلىپ پۇل تاپىدۇ، مۇلازىمەتنى دۇرۇس قىلمىسا ئاچ قالىدىغىنىنى ئۇلار ئۆزىمى ئۇقۇدۇ. ئىشقىلىپ ئاشۇ خەقكە بىر سېنت پۇلنىڭمۇ ھېسابى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويمىسا بولمايدۇ.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 18:57:38

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 18:46 static/image/common/back.gif
قىزچاقلارنىڭ چىرايلىق گەپلىرىگە، بولمايدۇ قائىدە مۇش ...

تېلفۇن قىلىپ ئەرىز قىلىپ باقتىم. 48 سائەت ئىچىدە ھەل قىلىپ بېرىمىز دەيدۇ. ئەگەر ھەل بولمىسا مەن يەنە ئەرىز قىلىمەن. نېمە ئادەم بوزەك قىلىدۇ بۇلار مەنغۇ گەپ قىلىماي تۆلەپ ئىشلىتەرمەن ماڭا ئوخشايدىغان يەنە نۇرغۇن ئادەم بار مۇشۇنداق ئېىنق چۈشەنچە بەرمەيلا تېلفۇنىڭ ھەر خىل كەسىپلىرىنى ئېچىپ قويدىغان.

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 19:19:30

مۇشۇ كۆچمە خەۋەرلىشى ئاجايىپ قويمىچى بوپ كەتتى..ھەم قىممەت ھەم ياخشى ئەمەس  بىرلەشمە ھەم تىلگىراف قا ئالماشتۇرۇپلا قوتۇلمامسىز..مەنمۇ يېڭدىن كارتا بىجىرىپ قويدۇم.كۆچمىنى تاشلايمەن 300 م ب تور ئېقىم 10 يۈۋەن بىلەن 70  م  ب  ئېقىم   10 يۈۋەن ماۋۇنىڭغا ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلىڭ

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 20:00:48

بىرلەشمىنىڭ 10 يۈئەنگە 1024mb مىگابايت  ئېقىم  ۋە 100 مىنۇت سۆزلىشىش  ئۇندىن ئېشىپ كەتسە  ھەرمىنۇتى  1مو5فۇڭ  لۇق  كارتىسى  نىمە دىگەن  ئەرزانچىلىق   تىلگىرافقۇ  6 ئاي  بولدى  1 كويغا  1024mb  ئېقىم  بىرىۋاتقىلى

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 23:31:53

قارىغاندا سىز كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئالدىنقى يىلى چىقارغان سانلىق مەلۇمات سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيتى يەنى كېلىشىملىك تور مۇلازىمىتىنىڭ 30يۈەنلىك ئېقىم مۇلازىمىتىنى ئاچقۇزۇپسىز. بۇنى ئېچىشتىن ئاۋال مۇناسىۋەتلىك كەسپى خادىم سىزگە بۇ كەسپنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى، ئاخىرلىشىش ۋاقتى،ئىشلىتىدىغان رايۇن يەنى ئۆلكى ياكى دۆلەت ئىچى ... ھەق ئۆلچىمى، ەق تۇتۇش ۋاقتى قاتارلىقلارنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ كەسپنى ئاچقاندىن كېيىن سوۋغا سۈپىتىدە ھەر ئايدا 1024مېگابايت ئېقىم ياكى 1024مېگابايتنى ئۈچ ئايغا بۆلۈپ سوۋغا قىلىدۇ.
سىزنىڭ ئاچقۇزغىنىڭىز مۇشۇ ئايدا بىجىرسە كېيىنكى ئايدا ئىشلەيدىغان 30يۈەنلىك بىر يىللىق كېلىشىملىك ئېقىم مۇلازىمىتى كەسپى ئىكەن. بۇنى ھەقىقەتەن ئېتىۋەتكىلى بولمايدۇ.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 23:39:26

بىجىرگەن ۋاقىتتا سىستىما  كېلىشىمنى ئاپتۇماتىك بېسىپ چىقىرىدۇ. سىز ئىمزا قويغاندىن كېيىن سىكاننىر ئاپاراتى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئىسپات سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ. سىز بۇ كەسپنى ئېچىشتىن ئاۋال كەسپى خادىم راستىنلا يىللىق مۇلازىمەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەن بولسا ياكى سىز ئېنىق چۈشەنمىگەن بولسىڭىز سىز شۇ كەسپنى بىجىرگەن زالغا بېرىپ ئەھۋالنى تەپسىلى ئېيتىڭ.
ئۇ كەسپى خادىم بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.  مەسىلەن ئېلىكتىرونلۇق پۇل قاپچۇقى كەسىپىنى ئېچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىستىما ھەر ئايدا سىزگە سۆزلىشىش ھەققى قىلىپ پۇل ئۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل كەسىپنىڭ 2يۈەندىن باشلاپ نەچچە ئون يۈەنگىچە پۇل ئۇرۇپ بېرىدىغىنى بار.  بۇنى ئۆزۈڭلار كېلىشىپ ئايلىقى 20ۈەن بولامدۇ ياكى 30يۈەنمۇ كېلىشىپ ئاچقۇزىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كەسپى خادىم بۇنداق قىلىشقا قوشۇلمىسا ياكى سىزنى قەستەن ئوڭايسىزلاندۇرسا ، 10086 گە ئەھۋالنى تەپسىلى دەڭ.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 00:02:55

10086دىكى تېلېفونىستقا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ كەسپكە ئىھتىياجلىق ئەمەسلىكىڭىزنى كەسپى خادىمنىڭ سىزگە تەپسىلى چۈشەندۈرمەي ياكى مۈجمەل گەپلەر بىلەن سىزنى قايمۇقتۇرۇپ ئېچىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بۇ كەسپنى مۇشۇ ئايدا توختىتىپ بېرىشنى ياكى بۇنىڭدىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىڭ. تېلېفونىست رەت قىلسا ياكى نەتىجىدىن رازى بولمىسىڭىز مەخسۇس خادىمغا ياكى دېرىكتورغا ئۇلاپ بېرىشنى ئېيتىڭ.  تېلېفوننى ئۇلاپ بەرگەندە مەخسۇس خادىمغا يۇقارقى گەپلەرنى قايتا ئېيتىڭ. نورمال ئەھۋالدا مۇشۇ باسقۇچقا ھەرقانداق ئەرز شىكايەت ھەل بوپ بولىدۇ. يەنى كەسپى خادىم يا بۇ كەسپنى توختىتىپ بېرىدۇ ياكى ئىقتىسادى زىياننى تۆلەپ بېرىدۇ. ناۋادا كەسپى خادىم ئەرزنى قوبول قىلىپ 15كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ بەرمىسە ئاپتونۇم رايۇنلۇق تېلېگراف مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە 12530گە ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.

سەمىمى تەكلىپ:سىزگە قولايلىق بولسا ئامال بار 10086گە ئەرز قىلماي شۇ تىجارەت زالىغا بېرىپ چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىڭ.  كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئابونتىنىڭ كۆپ بولىشىدىكى سەۋەب ئەرزانلىقىدا ئەمەس مۇلازىمىتىنىڭ ياخشىلىقىدا. ئەگەر ئۇ كەسپى خادىم خالىسىلا سىزگە سىستىمىدىن ھەر ئايدا پۇل ئۇرۇپ بېرىدىغان مۇلازىمىتىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ. ئۇنىڭغا يانجۇقىدىن بىر تىيىن ھەق تۆلىمەيدۇ. بىراق سىز ئەرز قىلسىڭىز  بۇ ئىشنى 10086بىر تەرەپ قىلسا سىزگە كەسپ بىجىرىپ بەرگەن خادىمنىڭ مۇئاشىدىن 200يۈەن تۇتۇپ قالىدۇ. بۇنى مېنىڭچە ئۇ خادىممۇ بىلىدۇ.  

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 00:19:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 00:27  

بىر چاغدا ئۆزۈم 30 يۈەنلىك تورنى ئاچقۇزغان. ئەپسۇس ئاچقۇزغىنىم 3G تورى ئىكەن. بىزنىڭ يېزىدا 3G يوق. شۇنىڭ بىلەن 10086 غا تېلېفون قىلسام، بىر يىل ئاچقۇزۇپسىز ئەتكىلى بولمايدۇ دېدى. تىجارەت زالىغا بارساممۇ شۇنداق دېدى. 10086 يەنە تېلېفون قىلىپ، يېزامغا 3G تورى تارتىپ بېرىڭلار، مەن بۇ مۇلازىمەتنى قەتئىي ئىشلەتمىسەم بولمايدۇ،... دەپ تۇرۇۋالسام، بۇ مۇلازىمەتنى ئېتىۋېتەيلى، ھازىرچە يېزىلاردا 3G تورى يوق... دەپ «بىر يىغلىچە ئەتكىلى بولمايدىغان» مۇلازىمەتنى ئېتىپ بەرگەن.
--------
بۇلتۇر تېلېگرافنىڭ تورىنى 1 يىللىق تارتقان. ئەپسۇسكى، تۆت ئاي بولغاندا ئۆي كۆچتۈم. تورنى يۆتكەيمەن دېسەم، مەن كۆچكەن رايوندىكى تورنىڭ بىر نېمىلىرى ئوخشىمايدىكەن. يۆتكىگىلى بولمايدىكەن. ئەمسە، بۇ تورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بېرىڭلار، يېڭى كۆچكەن ئۆيگە باشقىدىن تور تارتىمەن دېسەم ئۇنىمىدى، 1 يىلغىچە ئىشلىتىشىڭىز كېرەك دەپ. شۇنىڭ تېلېفونۇمنى چىقىرىپ، تىجارەت زالىدىكى خەنسو قىزنى شارتتىدە بىرنى رەسىمگە تارتتىم ۋە دېدىم، ئەمسە ئېسىڭدە تۇتۇۋال، مەن ئالدىڭغا ئۆي كۆچتۈم، تورنى يۆتكەپ بەر دەپ كەلدىم، يۆتكەپ بەرمىدىڭ، مەن تور تارتقان ئۆي ھازىر مېنىڭ ئەمەس، ئۇ تورنى مەن ئىشلىتەلمەيمەن، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بەر دېسەممۇ ئۇنىمىدىڭ، شۇڭا بىر يىلغىچە تور قەرز بولۇپ قالسا، سەن تۆلەيسەن. شۇڭا رەسىمىڭنى تارتىۋالدىم، بايا دېيىشكەن گەپلىرىمىزنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت.... دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىۋاتسام، چاقىردى، بارسام توختاپ تۇر، مەن باشلىققا دەپ باقاي، دېدى. شۇنىڭ بىلەن، باشلىق تورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلۇپتۇ.
-----------
مەن قارىسام، ئەمەلىيەتتە، ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ ھەرخىل يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرى مەيلى قەرەللىك بولسۇن ياكى قەرەلسىز بولسۇن، ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پەقەت بىر-ئىككى كۇنۇپكىنى بېسىشنىڭلا ئىشى.
----------

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 00:45:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alshah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-17 00:47  

尊敬的客户,01月您共计使用GPRS流量303.99M,剩余的套餐累积流量还有407.34M。仅供参考,具体以月结账单为准。查询流量使用情况可拨打1008612。如需退订该提醒服务,请回复TDRTX即可退订。中国移动
مەن سىز ئاچقۇزغان كەسپنىڭ 10يۈەنلىك نۇسخىسىنى ئاچقۇزغان.  ماڭا بۇ كەسپنى پائالىيەت ۋاقتىدا  ئاچقۇزدىڭىز دەپ بىر يىلغىچە ھەر ئايدا 10يۈەندىن ئۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ھەر ئايدا 340مېگابايت سوۋغا قىلىدىكەن.  ئۈچ ئاي توشۇپ قاپتىكەن بۇ ئايدا قايتا ئاچقۇزىۋالدىم، يەنە بەش يۈەنگە 300مېگاباي كېچىلىك ئېقىم كەسپىنىمۇ ئاچقۇزۇپ قويغان. مەن پەقەت بەش يۈەن تۆلەپلا ھەر ئايدا 700مېگابايتتىن كۆپرەك ئېقىم ئىشلىتەلەيدىكەنمەن.

سىز كەسپنى ئاچقاندا توختامغا قول قويغان بولسىڭىز بەلكىم ئۇلارنى شۇنى كوزۇر قىلىپ سىزنى كولدۇرلىتىپ بېقىشى مۇمكىن شۇتوختامنىڭ گېپىنى قىلىپ قالسا نېمىدەپ ئۇيغۇرچە يېزىشمايسەن، مەن چۈشەنمىسەم يا سەن دەپ بەرمىسەڭ، كەسپنى ئېتىۋېتىشەلمىسەڭ پۇلۇمنى تولۇقلاپ بېرىش بولمىسا12530گە ئەرز قىلىمەن دەڭ. ھازىر ھەممە تىجارەت زالىنىڭ ئىشكىسىگە ياكى ئىچىگە 12530نۇمۇر بار چوڭ قەغەز چاپلاقلىق.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 07:48:04

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 00:45 static/image/common/back.gif
尊敬的客户,01月您共计使用GPRS流量303.99M,剩余的套餐累积流量还有407.34M。仅供参考,具体以月结账单为 ...

مەن ھېچ قانداق توختامغا قول قويمىغان پەقەت شۇ مەخپى نۇمۇرنى دەپ بەرگەن بۇنى مەن ۋاكالىتەن كەسىپ بېجىرىش ئورنىدا ئاچقۇزغان ئىدىم. ئۇلار شۇنداق ئېچىپ قويۇپتۇ. ئەگەر ھەل بولمىسا مەن سىز دېگەندەك ئەرىز قىلىسام بولغۇدەك.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 09:30:15

باش شىركىتىگە تىلفۇن قىلىپ پاش قىلىڭ .

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-17 10:11:38

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-17 09:30 static/image/common/back.gif
باش شىركىتىگە تىلفۇن قىلىپ پاش قىلىڭ .

بۇ يەنىلا شۇ  مۇشۇ كەسىپنى ئاچقان ئادەمگە بولىدىكەن. ئۇلار  خاتا ئېچىپ قويۇپتىمىز پۇلنى بىز تۆلەپ بېرەيلى    10086 دىن تېلفۇن قىلىسا  ھەل بولدى دەڭ دەيدۇ.  قانداق قىلىمىز.   ھەر ئايدا پۇل  ئۇرۇپ بېرىدىغان بولدى  ئۇرۇپ بەرمىسە ك يەنە كېلەر ئايدا ئەرىز قىلىسىڭز بولىدۇ دەيدۇ.
كېلەر ئايدا يەنە ئەرىز قىلىسام ئۇلار سورامدۇ؟
بەت: [1] 2
: كۆچمە خەۋەرلىشىش توغرىسىدا ياردەم سورايمەن