kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 07:51:05

پۇل ئورنىدا ئوبوروت قىلىنغان قەدىمكى خوتەن قاشتېشى

پۇل ئورنىدا ئوبوروت قىلىنغان قەدىمكى خوتەن قاشتېشى



ئاپتۇرى:مۇھەممەت تۇراپ



ئىنسانلارنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىنسانلار ئىشلەتكەن پۇللار ئاساسەن، بۇيۇم پۇل دەۋرى، مېتال پۇل دەۋرى، ئالتۇن پۇل دەۋرى ۋە قەغەز پۇل دەۋرىدىن ئىبارەت تۆت تەرەققىيات باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن.




قاشتېشى ـــ شىنجاڭنىڭ دۇنياغا داڭلىق كان مەھسۇلاتى بولۇپ، نەپىسلىكى ۋە سىرلىقلىقى بىلەن ھەرقانداق كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. خوتەن قاشتېشىنىڭ داڭقى ئېلىمىزنىڭ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئېلىمىز ۋە چەت ئەلنىڭ خوتەن ھەققىدىكى خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇن قاشتېشى بۇيۇم پۇل قىلىپ ئىشلىتىلىپ، ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ۋاستىسى قىلىنغان ۋە خوتەن قاشتېشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سوۋغات بۇيۇم ۋە تاۋار قاتارىدا ئىچكىرىگە توشۇلغان. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىردىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 16-ئەسىرگىچە خوتەننىڭ قاشتېشى ھۈنەر-سەنئىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ دەۋردە قۇلدارلار مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقايتتى، بىر-بىرىگە قاشتېشىدىن ياسالغان ھەر خىل بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىشاتتى. ئۇ دەۋردە مىستىن ياسالغان بۇيۇملارغا قاشتېشىدىن كۆز قۇيۇلاتتى. خوتەننىڭ قاشتېشى سودىسى خەن (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 221-207-يىللار)، جىن (مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 220-يىلدىن مىلادىيە 206- يىلغىچە) سۇلالىلىرى دەۋرىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالغان. شۇڭا، مۇشۇ دەۋرلەردە ئىچكى ئۆلكىلەرگە قاشتېشى توشۇلىدىغان ئېغىزلار ‹‹قاشتوسمىسى››، ‹‹قاشقوۋۇق››، ‹‹قاشتېشى ئۆتكىلى›› دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.




مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 221-يىللار ۋە 770-يىللار ئارىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن ‹‹تاغ دەريالار قامۇسى›› ناملىق تارىخىي ئەسەردە، يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قاراقۇرۇم تېغى تىلغا ئېلىنىپ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا خوتەندىن چىقىدىغان كۇئېنلون قاشتېشىنىڭ ياۋچى ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. جۇڭگولۇقلار خوتەننى كۇئېنلون قاشتېشى ئارقىلىق چاڭئەندىن بۇرۇن بىلگەن. جاڭ چيەن غەربىي دىيارغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرىلا قاشتېشى سودىگەرلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق سودا شەھىرى لوياڭغىچە بېرىپ ‹‹خوتەن قاشتېشى›› سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە خوتەندىن لوياڭغىچە بولغان خوتەن قاشتېشى سودا كارۋان يولىنى ئاچقان. يىن، شاڭ دەۋرىدىن باشلاپلا، جۇڭگو خوتەن قاشتېشىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان قاشتېشى بۇيۇمى ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان. تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە خوتەن قاشتېشىنى قېزىش ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقى ئالاھىدە روناق تاپقان. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە قاراقۇرۇم تېغىنىڭ باغرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز خوتەن قاشتېشىنى بايقىغان ھەم ‹‹يىپەك يولى›› ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا ‹‹قاشتېشى يولى››نى ئاچقان. خوتەن قاشتېشى قەدىمكى قاشتېشى يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە غەرب ئەللىرىگىمۇ تارقالغان ھەم ئاجايىپ رەڭدار قاشتاش بۇيۇملىرى سۈپىتىدە قىممەتلىك بۇيۇم قاتارىدا ئەتىۋارلىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىخىدا شانلىق سەھىپە ئاچقان مەدەنىيەت تارىخىنى ياراتقان. خوتەن قاشتېشى جۇڭخۇا قەدىمكى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يارىتىشقا ئىشتىراك قىلغان. خوتەن قاشتېشى خۇاشيا مىللەتلىرىنىڭ قاشتېشى سەھنىسىگە چىقىشى بىلەنلا، دۇنيادا شۆھرەت قازانغان شەرق سەنئىتى مەيدانغا كەلگەن، شۇنداقلا جۇڭگو قاشتېشىنىڭ تاجى سۈپىتىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بايلىقىغا، جۇڭگونىڭ ‹‹دۆلەت تېشى››غا، ھەتتا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەخلاق روھىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. ئۇ پارلاق قەدىمكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، دۇنيادا تەڭداشسىز جۇڭگو قاشتېشى مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئېلىمىز قاشتاشچىلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىچىلىقىدا خوتەن قاشتېشى ئالدىنقى ئورۇندا ۋە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى ‹‹ئالتۇندا بار باھا، خوتەن قاشتېشى بىباھا›› دېگەن سۆز بىكار ئېيتىلمىغان. خوتەن قاشتېشى كوئېنلون (قۇرۇم) تاغلىرىدىن ئالتۇن تاغقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەگرى-بۈگرى تاغ جىلغىلىرى ۋە ئىككى دەريا يورۇڭقاش، قاراقاش دەريالىرى ۋادىلىرىغا تارقالغان بولۇپ، يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مىرداي تېغى، يورۇڭقاش ۋە قاراقاش دەريا ۋادىلىرى، چىرا رايونى قاتارلىق ئۈچ ئورۇنغا مەركەزلەشكەن.







قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ خوتەندىكى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرى خوتەننىڭ سىمۋولى بولغان ئىككى دەريا ۋادىسىدىن قاشتېشى سۈزۈپ، ئۇنىڭدىن نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسىغان ھەمدە خەلقئارالىق قاشتېشى سودا بازىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ قاشتېشىدىن پايدىلىنىش تارىخى يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن بۇرۇن باشلانغانلىقى مەلۇم. بۇنى ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ تارىخىي دەۋرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مەملىكىتىمىزدە يېزىق بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى تارىخىي خاتىرىلەردىمۇ خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى قاشتېشى ھۈنەر-سەنئىتى ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر ئۇچرايدۇ. ئومۇمەن، قاشتېشى خوتەن خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقى بولۇپلا قالماستىن، قاشتېشىدىن نەپىس بۇيۇملارنى ياساش ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپ ئادەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ قاشتېشى سەنئىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىلا خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەنلىكى ۋە قاشتېشى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق، ھەمكارلىق ئالاقىلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنلا قاشتېشى يولىنى ئېچىپ، خەلقئارالىق قاشتېشى سودىسىنى قانات يايدۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خوتەن ‹‹ئېسىل تاشلار ماكانى››، ‹‹قاشتېشى ماكانى›› دېگەن نام بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان. خوتەن قاشتېشىنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، رەڭگى ئاق، قىزىل، سېرىق، كۆك (يېشىل)، قارا ۋە كۆكۈچ (سۇس يېشىل) بولۇپ، ئاق قاشتېشى بىلەن سېرىق قاشتېشى ئەڭ ئەتىۋار بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. خوتەن قاشتېشى رەڭدار، جۇلالىق، سۈزۈك، سۈپىتى ئېسىل ھەم پۇختا، قاتتىق ھەم سىپتا، نەپىس ھەم سىرلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغانلىقى ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ ‹‹ئېسىل گۆھەر›› دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن خەلقى ئارىسىدا قاشتېشىنى ئۇلۇغلاش ۋە مۇقەددەس بىلىش ئەقىدىسى بارلىققا كەلگەن. ئىككى دەريانىڭ نامىنىمۇ قاشتېشى شەرىپى بىلەن ئاتىغان. دەريا ۋادىلىرىدىن سۈزۈۋېلىنىدىغان قاشتېشى كىچىك، ئەمما ئىنتايىن سۈزۈك بولۇپ، ئۇنى خالىغان كىشى دەريادىن سۈزۈۋالىدۇ. دەريادىن قېزىۋالىدىغان قاشتېشى چوڭ ھەم ئۇيۇل بولۇپ، ئېلاستىكلىقى ياخشى، ئاسانلىقچە چېقىلمايدۇ. قەدىمكى رىۋايەتلەردە، خوتەن قاشتېشى ئارخاتنىڭ تاش قاتمىسىدىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ. خوتەن قاشتېشى كۇئېنلون ۋە قاراقۇرۇم تېغىنىڭ چوققىسىدا ساقلانغان. ئەمما قەدىمكى كىشىلەر تاغقا يامىشىپ قاشتېشىنى قېزىشنى قولايسىز كۆرۈپ، پەقەت تاغنىڭ ئاستىدىكى قاشتېشىنى قازغان.










    خوتەن قاشتېشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئەڭ ئەتىۋارلىق دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەن. مەشھۇر پەيلاسوپ ۋە دورىگەر گې خۇاڭ: ‹‹قاشتېشى خاسىيەتلىك دورىدۇر، لېكىن ئېرىتىش تەس. ئۇيۇلمىغان قاشتېشىغا ئېرىشسە، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇدۇن قاشتېشى ئەڭ ئەلاسىدۇر›› دەپ يازغان. ئۇيغۇر تېبابىتىدىمۇ قاشتېشى دورا قىلىپ ئىشلىتىلگەن.










    ھازىرقى زامان تارىخشۇناسلىرىمۇ خوتەن قاشتېشىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەر قايسى تارىخىي سۇلالىلىرى دەۋرىدە دەسلەپتە ئالماشتۇرۇش بۇيۇمى ئورنىدا، كېيىن سوۋغا-سالام ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ۋە شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرغان تۇنجى ۋاسىتە يىپەك، ساپال بۇيۇم ۋە ياكى چاي بولماستىن، بەلكى خوتەن قاشتېشى ئىكەن. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان خوتەن قاشتېشىنى ئالىيجانابلىقنىڭ، ساپلىقنىڭ، دوستلۇقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ، تىنچلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى، دەپ تونۇپ ئەتىۋارلاپ كەلگەن.










    قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ھازىرغىچە يېزىلغان تارىخىي كىتابلاردا خوتەننىڭ مەشھۇر قاشتېشى ھەققىدىكى خاتىرە ۋە تەزكىرىلەر ناھايىتى كۆپ. ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، قەدىمكى خوتەن قاشتېشى بۇنىڭدىن 3200 يىل بۇرۇن شاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىقىنىڭ ئوردىسىغا قويۇلغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ما زۇچاڭ: ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريا ياقىلىرىدا قاشتېشى سۈزۈلىدۇ. شەرقنىڭ يىپەكلىرىگە سۈزۈك قاشتاشلىرى تېگىشىلىدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرغان. ‹‹بەش دەۋر›› ناملىق كىتابتا خاتىرىلىنىشچە، خوتەن خانى ۋىسارا تەڭرىخان مىڭ جىڭ ئېغىرلىقتىكى قاشتېشى ۋە قاشتېشى تامغىلارنى جىن سۇلالىسىنىڭ خانى گاۋزوڭغا سوۋغا قىلغان. يىغىلىق دەۋردە يېزىلغان ‹‹گۇەنزى›› ناملىق كىتابنىڭ بىرمۇنچە باپلىرىدا قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ‹‹ياۋچى قاشتېشى››نى بەك قەدىرلەپ ئىشلىتىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالغان. يەنە شۇ دەۋردە يېزىلغان ‹‹رەسمىي تارىخقا كىرگۈزۈلمىگەن جۇ تارىخى›› ناملىق كىتابتا ‹‹ يەكەندىن ھۇن، ياۋچىلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىن چىقىدىغان ئاق قاشتېشى، تۆگە، قۇلان، خېچىرلار بەك مەشھۇر ئىدى›› دېيىلگەن. ‹‹تارىخنامە . لى سى تەزكىرىسى›› ناملىق ئەسەردە: ‹‹چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا كۇئېنلون قاشتېشى ساقلىنىۋاتىدۇ›› دېيىلگەن. ‹‹كونا تاڭنامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى›› ناملىق ئەسەردە خوتەن بەگلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: ‹‹خوتەندىن كۆركەم قاشتېشى چىقىدۇ. جېنگۇەننىڭ 6-يىلى ئەلچىلەر قاشتېشىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىپ تەيزۇڭ خانغا تەقدىم قىلغان›› دېيىلگەن.










    ئەڭ بۇرۇن يېزىلغان ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر›› دېگەن تەزكىرىدە ‹‹ئۇدۇننىڭ غەربىدىكى دەريا غەربكە، شەرقىدىكى دەريا شەرققە ئاقىدۇ، ئايىغى لوپنۇر كۆلىگە قويۇلىدۇ، بۇ دەريالاردىن ئېسىل قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن. ‹‹يىڭى خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە : ‹‹ئۇدۇننىڭ دەريالىرىدىن بىباھا گۆھەر، قاشتېشى كۆپ چىقىدۇ. كىشىلەر ئايدىڭدىمۇ پارقىرىغان جايدىن قاشتېشى تاپالايدۇ›› دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان. جىن پادىشاھلىقىدىكى جاڭ گۇاڭيىلارنىڭ سەپەرنامىسىدە: ‹‹ئۇدۇندا ئۈچ دەريا بار، شەرقتە ئاق قاشتېشى دەرياسى، غەربتە كۆك قاشتېشى دەرياسى، ئۇنىڭ يەنە غەربىدىكى دەريا قارا قاشتېشى دەرياسى بولۇپ، ھەممىسىدىن چىقىدىغان قاشتېشى سۈزۈكلۈكى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن داڭلىق. بۇ ئۈچ دەريا قاراقۇرۇمدىن باشلىنىدۇ، كەلكۈن سۈيى ئازايغان كۈز پەسلىدە كىشىلەر بۇ دەريالاردىن قاشتېشى سۈزىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن. تارىخشۇناس زاھەيدەر: ‹‹ئۇدۇندا ئىككى دەريا بولۇپ، قاراقاش دەرياسى ۋە يۇرۇڭقاش دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى دەريادىن دۇنيادا ئاز تېپىلىدىغان ئېسىل قاشتېشى چىقىدۇ›› دەپ خاتىرىلىگەن. ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە: ‹‹خوتەن شەھىرىنىڭ شەرقىدە ئاق قاشتېشى دەرياسى، غەربىدە يېشىل قاشتېشى دەرياسى، ئۇنىڭ يەنە غەربىدە قارامتۇل قاشتېشى دەرياسى بار بولۇپ، بۇ دەريالارنىڭ مەنبەسى قاراقۇرۇم تېغىدىن ئىبارەت. قاشتېشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى ئېسىل بولۇپ دەريادىن چىقىدۇ. يەنە بىر خىلى ناچارراق بولۇپ تاغدىن چىقىدۇ›› دەپ يېزىلغان. ‹‹مىڭ سۇلالىسى تارىخى . غەربىي رايۇن تەزكىرىسى›› ناملىق ئەسەردە خوتەن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹بەگلىكنىڭ شەرقىدە ئاق قاشتېشى دەرياسى، غەربىدە يېشىل قاشتېشى دەرياسى، يەنە ئۇنىڭ غەربىدە قارا قاشتېشى دەرياسى بار، ئۇلار كۇئېنلون تېغىدىن باشلىنىدۇ. يەرلىك كىشىلەر كېچىدىكى ئاي نۇرى چۈشكەن جايغا قاراپ سۇغا كىرسە قاشتېشىغا ئېرىشەلەيدۇ›› دېيىلگەن (بۇ يەردىكى ئۈچ دەريا بۈگۈنكى يورۇڭقاش دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە قاراقاش دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ).










    مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆتكەن سۇڭ يىڭشىڭنىڭ ‹‹كۈللى مۆجىزات››(天工开物)ناملىق كىتابىدىكى ‹‹قاشتېشى›› دېگەن قىسمىدا، خوتەن قاشتېشىنىڭ تارىخى، ئالاھىدىلىكى ۋە سۈزۈش ئۇسۇلىنى بايان قىلغان. ‹‹شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەپسىراتى›› ناملىق ئەسەردە: ‹‹خوتەن قاشتېشى قىزىل، سېرىق، يېشىل، ئاق، قارا رەڭلەردە بولىدۇ›› دېيىلگەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ جاچىڭ يىللىرىدا ئېغىرلىقى 6000 جىڭ، 8000 جىڭ ۋە 10 مىڭ جىڭ كېلىدىغان ئايرىم-ئايرىم ئۈچ پارچە قاشتېشى چىڭ ئوردىسىغا توشۇلغان بولۇپ، ئوردىنىڭ ۋەزىيىتى تۇراقسىز بولغاچقا، ئوتتۇرا يولدا توشۇش توختىتىلىپ، ئۇششاقتالغا قويۇپ قويغان. ھازىر بېيجىڭدىكى گۇگۇڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىرلىقى 10 مىڭ جىڭ كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى قاشتېشى ھەيكەلنى شىنجاڭدىن چەنلوڭ خانغا تەقدىم قىلغان ئىكەن.










    ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دا: ‹‹تۈركلەردە، كىمنىڭ يېنىدا قاشتېشى بولسا، ئۇنىڭغا چاقماق تەگمەيدۇ›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار بولۇپ، ‹‹قاشتېشى ئاق، سۈزۈك بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئۈزۈك قىلىپ سالىدۇ. بۇ ئۈزۈكنى سېلىۋالغان كىشىگە چاقماق تەگمەيدۇ، ئۇسسۇغان ئادەم بۇنى ئاغزىغا سالسا، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ›› دەپ خاتىرىلەنگەن.










    ئاتاقلىق تېۋىپ، مەرھۇم ئەمەت ھاجى ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا ئەلا سۈپەتلىك قاشتېشى تالقىنى ئىچىشنى، يۈرەك كېسىلى بارلارغا قاشتېشى مارجان، بۇلاپكا ئېسىشنى، قاشتېشى بىلەيزۈك سېلىشنى بۇيرۇغان. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دورا تېشى تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، قاشتېشىنىڭ زېھنىي قۇۋۋەتنى تولۇقلاش، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتەك شىپالىق رولى بار بولۇپ، ئادەمنى كېسەلدىن خالىي قىلىپ، بەدەندىكى ئاپەتنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدىكەن. ئالتۇن ئىقتىسادىي قىممەتنىڭ سىمۋولى بولغاندەك، خوتەن قاشتېشى بىباھالىقى، خىسلىتىنىڭ چەكسىزلىكى، ساغلاملىققا بولغان شىپالىق رولى بىلەن ئامان-ئېسەن ۋە بەختلىك تۇرمۇشنىڭ يارقىن سىماسى بولۇپ كەلمەكتە.










    ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقلاردىن، قەدىمكى خوتەننىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان قاشتېشى سودىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىشەنچلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان قەدىمكى خوتەن قاشتېشى ۋە قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار زور تۈركۈمدە قېزىۋېلىنغان. 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىردا خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ ۋىلايىتىدىكى 3200 يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمكى قەبرىستانلىقتىكى بىر پادىشاھنىڭ قەبرىسىدىن 1928 دانە تۈرلۈك قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن 756 دانە ئەسۋاب بار بولۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى گېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، بېيجىڭ ۋە ئەنياڭ ۋىلايەتلىك قاشتېشى ئەسۋابلىرى زاۋۇتى قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن 300 دانە ئەسۋابلار ئەۋرىشكىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەممىسىنىڭ ئاساسەن شىنجاڭ قاشتېشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە خوتەن قاشتېشى يىراق غەربىي جەنۇب چېگرا رايونلىرىغا كىرگەن. تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ خوتەن قاشتېشى ئىچكىرىگە كىرگەن. خوتەن قاشتېشى شەرققە تارقىلىش بىلەن بىللە ئىچكىرىنىڭ يىپەك توقۇلمىلىرى ۋە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى مىس ئەينەكمۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قەدىمكى خارابىلىقلاردىن قېزىۋېلىنغان. يېقىندا يۈننەن ئۆلكىسى چاڭچۈەن ناھىيەسىدىكى لى جاشەن قەبرىستانلىقىدىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردىكى ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە تەئەللۇق قاشتېشى بىلەيزۈك، قاشتېشى ھالقا، قاشتېشى ماتېرىيالى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، يۈننەن گىئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بۇلارنى قەدىمكى خوتەن قاشتېشى دەپ بېكىتتى. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بابىل، ئاسۇرىيەنىڭ قەدىمكى كەنت خارابىلىرىدىن خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان بۇيۇملار تېپىلغان.










    دېمەك، خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان قەدىمكى خوتەن قەشتېشىغا ئائىت مەلۇماتلار، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقلادىن قېزىۋېلىنغان خوتەن قاشتېشى ۋە قاشتېشىدىن ئىشلەنگەن ئەسۋابلار قەدىمكى خوتەن خەلقىنىڭ مەدەنىيەت مىراسى ۋە خوتەن خەلقىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھەم ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ قەدىمكى پۇللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئىشەنچلىك پاكىتى ھېسابلىنىدۇ.










    پايدىلانغان ماتېرىياللار:










    1. توخنىياز تۇرسۇننىڭ ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››نىڭ 1989-يىلى 12-دېكابىردىكى سانىغا بېسىلغان ‹‹قەدىمكى خوتەن پۇللىرى توغرىسىدا›› ناملىق ماقالىسى.










    2. ‹‹شىنجاڭنىڭ خاس مەنزىرە تەزكىرىسى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابىنىڭ 301-، 302-بەتلىرى.










    3. جاڭ چىشاڭنىڭ خەنزۇچە ‹‹غەربىي يۇرتنىڭ قەدىمكى پۇللىرى ھەققىدە تەتقىقات›› ناملىق كىتابىنىڭ 2-، 3-بېتى.




4. ‹‹شىنجاڭنىڭ ئېسىل تاشلىرى ۋە قاشتاشلىرى›› ناملىق خەنزۇچە كىتاب، 16- بەت.




تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى

WWW.UYHQT.COM
بەت: [1]
: پۇل ئورنىدا ئوبوروت قىلىنغان قەدىمكى خوتەن قاشتېشى