wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 23:23:43

ئۇيغۇر سۆيۈملۈك ~ئۇيغۇر كۆيۈملۈك

          ئۇيغۇر سۆيۈملۈك ~ئۇيغۇر كۆيۈملۈك  

چۈشەنمەستىن سوراپ قالساڭ ئۇ قانداق ,
مەرىپەتلىك ئۇيغۇر دېگەن ئاشۇنداق !
~ئاكا ,100سوم پۇل ئۇرىۋەتتىم .سىزنىڭ بۇ پۇللارنى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا  ئەۋەتىشىڭىزگە ئىشىنىمىز.
~ئۆيدە يېپيېڭى كىيىملەر بار ئىدى ,شۇ قېرىنداشلىرىمغا تېزىراق ئەۋەتىپ بەرسەك ……
~ئاز بولسىمۇ 10سوم پۇل كەتتى .تاپشۇرىۋىلىڭ
~بالام , نارىن چۆپ ۋە گۆشلەر ئاشا ~تاشا قالدى .مۇشۇ تاپتا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز  ئاپەتتە ,مۇمكىن بولسا ئىدى مۇشۇ گۆشنى ئەشۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ توپا باسقان ئېغىزىغا سېلىپ قويسام .بىچارە تۇغقانلىرىمغا بىرەر  ئېغىز تەسەللىي بېرىۋالسام . ئې كەرەملىك ئاللا ,قېرىنداشلىرىمىزغا غەيرەت ۋە چىدام ئاتا قىلغايسەن .……
رەسىمدىكى  يىغلامسىراپ قالغان چارىسىز  موماي  ,ئاپام سېنىڭ رەسىمىڭنى كۆرۈپ كۆز يېشى قىلدى , سېنىڭ  سالامەت قالغىنىڭ ئۈچۈن خوشال بولدى   يەۋاتقان ئاشىنى ساڭا تېۋىنىپ قالدى بىلەمسەن ؟
ئاللاھىم شۇلارغا بەرىكەت ئاتا قىلغايسەن دېدى  داداممۇ رەسىمدىكى مەتقاسىم ۋە مەتسىدىقلارنى  كۆرۈپ ……
بىلەمسىلەركى ,كۈنلەردىن بېرى ئەسۇ~يادىمىز  سىزلەردە  جان تۇغقانلىرىم ,يۈرىگىمىز سىلەردە خوتەنلىك جاھىللىرىم !پۈتكۈل ئۇيغۇر سىلەر بىلەن  بىلەن .قەددىڭلا ر ھەرگىز پۈكۈلمەس,چۈنكى سىلەر بىزنىڭ ئەڭ باتۇر ,ئەڭ    چەبدەس  ,مەيدانى مۇستەھكەم قېرىنداشلىرىمىز سىلەر !
ئەي ,تەكلىماكانغا بوي بەرمىگەن خوتەنلىكلىرىم !توپىلار جىسمىنى مەينەت قىلسىمۇ قەلبى ئەڭ پاكىزە سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ! دوۋلىدىن توپا چۈشسە  ئېغىزىدىن ئىمان چاچرايدىغان پاكىزىلىرىم !
سىلەر يالغۇز ئەمەس  ,بىز  سىلەر بىلەن بىللە ,ئۇيغۇر ئاتالغان ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ غېمى سىلەردە ,قەلبى سىلەردە ,دۇئاسى سىلەرگە!
ئۇيغۇرغا كۆز تەگمىگەي ,ئۇيغۇردىن دىل سۆيۈندى ,ياشا ئەزىز خەلقىم ,بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ   بۇ ئاپەت ئۈستىدىن غەلبە قىلىشقا ,ماكاننى قايتا قۇرۇشقا ئاتلىنايلى . بۇ سېخىيلىق  توختىمىسۇن ,توختاپ قالمىسۇنلەركى مەتقاسىملاتنىڭ ئۆيلىرى پۈتكۈچە ,توختىمىسۇنلەركى مەمەتتۇرسۇنلارنىڭ قوتانلىرىدە يەنە قوي ~كالىنىڭ مەرەشلىرى ئاڭلانغۇچە !توختاپ قالمىسۇنلەركى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان كېرىيەلىك ئايشەمگۈل ۋە مەتقاسىملار بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇشىنى ئائىلىدىن خاتىرجەم ئوقۇيالىغىچە ……
مەن ئۇيغۇرلىغىمدىن پەخىرلەندىم , ئۇيغۇردىن  سۆيۈندۈم  ئەي جاھان .
قالدۇق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقىنى,خەۋپ بارلىقىنى  ئويلاپمۇ قويماي  قېرىنداش ئوتىدا پۇچىلىنىپ  نەق مەيدانغا چېپىپ دېگۈدەك  بارغان شۇ پىدائىيلاردىن, ئۆزىنى قوللىغان خەلقىنى  قۇچاقلاپ , قولىدىن كەلگەن  ياردەملەر نى قىلالىغان بارلىق كارخانىچى باي بۇرادەرلەردىن قىسقىسى ئۇيغۇر ئاتلىق بۇ مىللەتتىن پەخىرلەندىم .ئالغا   ئۇيۇشقانلار ,ئالغا    ئىتتىپاقلاشقانلار ,خوتەنگە تەلپۈنۈپ سوقىۋاتقان يۈرىگىمنى تۇتقان   بۇ دەقىقىلەردە شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى   ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانلار ئۇرۇق ~تۇغقان  ,ئۇيغۇرلار بىر تۇغقان!
Wapadarim912   
2014~2~16    شەھرى بورتالا

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 23:45:14

ئۇيغۇرغا كۆز تەگمىگەي!
بۇ قېتىملىق ئىشتىن مەنمۇ شۇنداق ھاياجانلاندىم. ئاجايىپ بىر دەۋردە تۇرىۋېتىپتۇق، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا ئىنشائاللاھ!

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 08:19:45

بەزىدە ئۇيغۇر ئەسەبىي {:86:}{:86:}{:86:}{:86:}{:86:}

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 08:27:29

تۆنۆگۈن تۇرپاندىكى خوتەنگە ئەۋەتىلدىغان  خەيرى ساخاۋەت بۇرۇملىرىنى يىغىش ئورنىغا بارغىنىمدا بىر ماشىنا ھەرخىل ماددى بۇيۇملار بىلەن توشۇپتۇ ، ئالدىنقى كۈنى خەيرى ساخاۋەت بۇيۇملىرىنى يىغىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئۈندىداردىن كۆرگەن ئىدىم ، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بۇ ئىشتىن خەۋرى يوقكەن ئەگەر رادىئو تىلىۋىزورلاردا بۇ ئۇچۇلار بېرىلگەن بولسا يىلىغان نەرسىلەر ھەسسىلەپ كۆپ بولغان بۇلاتتى ،
نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەي دىمى ئىچىدە يۈرۈيدۇ بولغايي

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 09:45:20

نىمىلا بولمىسۇن، بۇ قېتىم ئۇيغۇردىكى روھى بىرلىك، مەنىۋىي كىملىك، مەدەنىيەت ئورتاقلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇق. شۇنداقلا، تورنىڭ كۈچىگە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئوقۇماي بولمايدۇ.

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 10:22:24

دۇنيادا ياخشى ئادەملەر كوپ.....

bitalay يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 11:25:59

ئۇيغۇرلۇقۇمدىن پەخىرلىنىمەن!   

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 11:27:51

قىنى ئەمدى كىم ئۇيغۇرنى ئۇيۇشالمايدۇ، چىچىلاڭغۇ دىيەلىسۇن. ياشا مىللىتىم

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 13:49:58

بىز تىلداش، بىز قىرىنداش، بىز دىلداش، چۇنكى بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ،

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 17:08:48

ھەقىقەتەن يەر تەۋرەپ يۈرەكلەر بىللە تەۋرىدى. شۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى دىگۈدەك ئېغىر بولمىسىمۇ(ئۆلۈش، يۇقاپ كىتىش، ئېغىر يارىلىنىش ئەھۋالى كۈرۈلمىگەن) لىكىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆز ئارا ياردەم بىرىش، غەمخورلۇق قىلىش، ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇش، ئاپەت نەخ مەيدانىغا بېرىش، تۈرلۈك شەكىللەردە ئىئانە توپلاش..... قاتارلىق يۈرەك ھەرىكەتلىرى شۇ يەردىكى ، شۇنداقلا پۈتكۈل دىيارىمىزدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر لەرزىگە سالدى.
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى يەنىمۇ ئۇلغايغاي.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 18:37:36

بۈگۈن قاراقاش ئويباغ جامە خاتىپى روزى مۇھەممەد قارىھاجىم باشچىلىقىدىكى قېرىنداشلىق يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى كېرىيە ناھىيە پىشكا كەنتە 2- مەھەللىدىكى مەسجىد ئىمامىغا يەر تەۋرەشتىكى ئاپەتكە ئۇچۇرغانلارغا يەتكۈزۈپ بىرىشكە نەق پۇل ۋە ماددى ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بىرىپ كەلدۇق،          يەر تەۋرەش نەق مەيدانىدىن ئىگەللىشىمىزچە ئاپەت بۇيۇملىرى ئاپەتكە ئۇچۇرغانلارنىڭ قولىغا تەگمىگەنلىكى، ھەتتا مۇخپىرلار سۈرەتكە ئالغاندا تارقاتقان ماددى ئەشيالارنىڭمۇ يېغىۋېلىنغانلىقىنى ئاپەت رايونىدىكى خەلىقنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلىدۇق، ئۇندىن باشقا ئاپەت رايونى يول ئېغىزىنىڭ قورۇقلانغان بۇلۇپ، ماددى ئەشيا ۋە نەق پۇللارنى بىۋاستە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە توشىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، كەچ ۋاقتىدا بېرىپ بىۋاستە ئاپەتكە ئۇچۇرغان خەلىققە بىۋاستە يەتكۈزۈپ بەردۇق، ياردەمگە بارماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ئويلۇشۇپ ئىش قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز          بۇنى دىيىشىمدە بىزنىڭ قىلغان ياردىملىرىمىزنى رىيا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يەرلىك خەلىقتىن ئاڭلىشىمىزچە ھازىرغىچە قولىغا بىرەر خالتا ئۇنمۇ تەگمىگەن بۇلۇپ، پەقەت ئەھلى مۇسۇلمانلارنىڭ باشلامچىلىرىلا بۇئىشنى ھەق قىلىدۇ، شۇڭا باشقىلارمۇ ياخشى ئويلىشىپ بۇ ئىشنى جايىدا ھەل قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن،  
  ―    ئۈندىدار دا يۇقىرقىدەك مەزمۇنلار تارقىلىپ يۇرىۋاتىدۇ ،  كىرىيەگە بارغانلار  ئىئانەنىڭ تارقىتىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرسەڭلار

HeQQuli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 19:21:02

ئاللاھ   ئامان قىلسۇن !

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 22:15:25

بورتالادىكى قېرىنداشلار ۋە بىر سوم پىلانى تورداشلىرى ئۈچ كۈن ئىچىدە  يىغقان 70000 سوم پۇل  ۋە 3000 قۇر كىيىم -كېچەك ۋە گېلەم قاتارلىق ماددى ئەشيالار  خۇدا بۇيرىسا ئەتە سەھەردە يولغا چىقىدۇ .....

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 22:37:01

wapadarim912 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-16 22:15 static/image/common/back.gif
بورتالادىكى قېرىنداشلار ۋە بىر سوم پىلانى تورداشلىرى  ...

ئەيساجان ئاكا ئۆزلەمۇ كىلەملا ؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 22:59:55

ھاۋا  بىردىنلا ساپلىشىپ قالغاندەك بىلىندى... ئاللاھ خالىسا بۇلغانماسمىز...

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-16 23:43:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-16 23:51  

سەپىرىڭلا ئوڭۇشلۇق بولسۇن. ئۇندىدارداقۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكى بىر خەنزۇ 于田县山节村 دىگەن يەرگە تۇنجى بولۇپ 15 چىسلا يېتىپ بارغانلىغىنى  بۇ كەنىتتە 37 ئائىلە بولۇپ 14 ئوينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىغىنى بۇ يەرنىڭ يەر شارائىتى بەك ناچار بولۇپ توك، ماگزىن ،دوختۇرخانا ، مەكتەپ دىگەنلەرنىڭ ئەسلا يوقلىغىنى كەنت ئاھالىلىرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ناھايىتى ناچارلىغىنى  بۇ كەنتتىكى ياشتا چوڭ كىشىلەرنىڭ ناھىيىگىمۇ كىرىپ باقمىغانلىغىنى شۇنداقلا مۇشۇنداق ناچار شارائىتتا ياشاپمۇ ئۇلانىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم كۇلكىلىرىگە قاراپ ھەيران قاپتۇ.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-18 18:22:01

izqi1991
مەن ھەيدەكچىلىك قىلغان دوس بۇرادەرلىرىمنىڭ تۇلىسى تەشكىلى ئاپارات ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرسە بەرمەيمىز دەپ كەتكەن ئىدى ئەمدى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالغانچى بۇلدۇممۇ ئەمدى ئۈندىداردىكى ئۇچۇرلارنى دىمەيلا قويىلى ھەي خەلىقنىڭ چاكالىرى
بەت: [1]
: ئۇيغۇر سۆيۈملۈك ~ئۇيغۇر كۆيۈملۈك