akpar777 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 19:48:26

تىغلىق ئەسۋابلارنى تىزگىنلەش قانۇنى ئىلان قىلىندى.

[                 شىنجاڭ  ئۇيغۇر  ئاپتونوم  رايونىنىڭ  قىسمەن  تىغلىق  ئەسۋابلارنى  تىزگىنلەش  ۋاقىتلىق  چارىسى
                          شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى    178 - نومۇرلۇق

   «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قىسمەن تىغلىق ئەسۋابلارنى تىزگىنلەش ۋاقىتلىق چارىسى» 2012 - يىل 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 32 - قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدۇق. 2012 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
    ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى
    2012 - يىل 12 - ماي
    1 - ماددا بۇ چارە ئاممىنىڭ جىسمانىي ۋە مۈلۈك بىخەتەرلىكى، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
    2 - ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەلىكىدە قىسمەن تىغلىق ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشتە  بۇ چارە تەدبىقلىنىدۇ.
    3 - ماددا بۇ چارە بويىچە تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب تۆۋەندىكىچە:
    1) تىزگىنلىنىدىغان پىچاققا دائىر ئەسۋابلار؛
    2) پالتا، كەكە، قاتلىما ئورغاق قاتارلىق خەتەرلىك تىغلىق ئەسۋابلار؛
    3) قونداقلىق ئوقيا؛
    4) دۆلەت بەلگىلىگەن باشقا تىزگىنلىنىدىغان ئەسۋابلار.
    تىزگىنلىنىدىغان پىچاققا دائىر ئەسۋابلارنى بېكىتىش ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، بېكىتىش تەرتىپىنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگىنى تۈزىدۇ. تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلار كاتالوگىنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
    قونداقلىق ئوقيا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش، توشۇش، ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ئىجرا قىلىنىدۇ.
    4 - ماددا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى باشقۇرۇشتا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ج خ ئورگانلىرى مەسئۇل بولۇش، ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىش، جامائەت قاتنىشىش، مۇھىم نۇقتىنى تىزگىنلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.
    5 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابنى باشقۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارنى تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب بويىچە بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى؛ ئەنئەنىۋى بايرام ياكى چوڭ - چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەزگىلىدە، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولۇشتەك ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
    6 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش سورۇنلىرى، جامائەت سورۇنلىرى ۋە كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان باشقا سورۇنلاردا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن - نىزام تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە يېنىغا سېلىپ يۈرۈشكە قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
    7 - ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
    ناھىيە (شەھەر) دىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، قاتناش - ترانسپورت، سودا ئىشلىرى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى، پوچتا، تۆمۈر يول، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇندا بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
    8 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى ۋە توشۇغۇچىلارنى پاش قىلىپ تۆھپە ياراتقان خادىملارنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇكاپاتلىشى كېرەك.
    9 - ماددا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە (شەھەر)لىك ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، «تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىشنى ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش جەدۋېلى» نى تولدۇرۇشى ھەمدە ئىشلەپچىقارماقچى بولغان تىغلىق ئەسۋابنىڭ سۈرىتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
    10 - ماددا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تىزىملاش دەپتىرى تۇتۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم.
    تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ئىشلەپچىقارغۇچىلار مەھسۇلاتىغا كارخانا نامى ياكى دۇكان نامى ۋە نومۇرى( رەت نومۇرى ياكى تۈركۈم نومۇرى) ئويۇشى لازىم.
    11 - ماددا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ساتقۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە (شەھەرلىك) ج خ ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى ھەمدە « تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب سېتىشنى تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش جەدۋېلى» نى تولدۇرۇشى لازىم.
    12 - ماددا ھەرىكەت ئىقتىدارى تىزگىنلىنىدىغان، ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب سېتىشقا بولمايدۇ.
    تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ساتقۇچىلار ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان، ھەرىكەت ئىقتىدارى تىزگىنلىنىدىغان كىشىلەرگە تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب سېتىشقا بولمايدۇ.
    13 - ماددا مەكتەپ، يەسلى ئەتراپى، باغچا، مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان سورۇنلاردا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب سېتىشقا بولمايدۇ.
    14 - ماددا پوچتا كارخانىلىرى ۋە باشقا ئەۋەتىش، يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەۋەتىلىدىغان ۋە يەتكۈزۈلىدىغان ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرۇۋالغان ۋە ئەۋەتكەن چاغدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى؛ تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب بولسا ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەلىي نامىنى تىزىملىشى ھەمدە ج خ ئورگىنىغا خەۋەر قىلىشى كېرەك.
    پوچتا، تۆمۈر يول، قاتناش - ترانسىپورت، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى قاتارلىق تارماقلار ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ئەۋەتىلىدىغان ماددىي بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىش، ئەۋەتىش خىزمەت ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.
    15 - ماددا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابنى سېتىۋالغۇچىلار تالۇن ياكى باشقا سېتىۋېلىش ئىسپاتى بىلەن مۇۋاپىق سۈرۈك ئىچىدە سېتىۋالغان تىغلىق ئەسۋابنى يېنىغا سېلىۋېلىشقا بولىدۇ.
    16 - ماددا گۆش، مېۋە - چېۋە سېتىش ۋە كاۋاپ سېتىش قاتارلىق تىجارەت پائالىيەتلىرىدە تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابنى ئىشلىتىشكە ئېھتىياج بولغانلار، ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت سورۇنلىرىدا ئىشلىتىشى ھەمدە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش، ساقلاش قاتارلىق مۇھاپىزەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
    17 - ماددا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى تۆۋەندىكى سورۇنلارغا ئېلىپ كىرىش مەنئى قىلىنىدۇ:
    1) دوختۇرخانا، مەكتەپ، يەسلى، دۆلەت ئورگىنى، پۇل مۇئامىلە تىجارەت ئاپپاراتى؛
    2) سودا ساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا، كۆرگەزمىخانا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى(يۇرتى)، تورخانا، ئويۇنچۇقخانا، ناخشا - ئۇسسۇلخانا، مۇنچا؛
    3) مەيدان، پىيادىلىكلەر كوچىسى، سودا بازىرى، كەچلىك (ئەتتىگەنلىك) بازار، باغچا، مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى؛
    4) ئايرودروم، بېكەت، ئاپتوبۇس، تاكسى؛
    5) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا جامائەت سورۇنلىرى.
    ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابنى سودا ساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا، سودا بازىرى، كەچلىك (ئەتتىگەنلىك) بازار، باغچا، مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا ئېلىپ كىرىدىغانلار تىجارىتىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئېلىپ كىرسە بولىدۇ.
    18 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ج خ ئورگىنى جازالايدۇ:
    1) بۇ چارىنىڭ 9 -، 11 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
    2) بۇ چارىنىڭ 10 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛
    3) بۇ چارىنىڭ 17 - ماددا 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ ياكى ئۇنىڭغا 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
    19 - ماددا بۇ چارىنىڭ 12 - ماددا 2 - تارمىقى ۋە 13 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
    20 - ماددا بۇ چارىنىڭ 10 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
    21 - ماددا بۇ چارىنىڭ 18 -، 19 -، 20 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە مەمۇرىي جازالاشتا، تۇتۇپ قېلىش، يىغىۋېلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قانۇن بويىچە قوللىنىشقا توغرا كەلگەنلەرگە قارىتا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەبىقلىنىدۇ.
    22 - ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى ئامانلىق ساقلاش بويىچە جازالاشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر تەدبىقلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
    23 - ماددا تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئالاقىدار تارماقلاردىكى خىزمەتچى خادىملاردىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
    24 - ماددا بۇ چارە يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاب ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ چارە يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ، 90 كۈن ئىچىدە بۇ چارىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى تولۇقلاپ بېجىرىشى كېرەك.
    25 - ماددا بۇ چارە 2012 - يىل 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

_oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 20:22:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   _oylan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-15 20:55  

بولسا شىنجاڭدىكى ھەممە كىشىنى خىزمەتچى، كادىر قىلىۋەتسە، قولىدا قەلەم، قەغەزلا بولغان بولسا بۇ قانۇننى  چىقىرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى.

akpar777 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 20:49:13

_oylan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 20:22 static/image/common/back.gif
بولسا شىنجاڭدىكى ھەممە كىشىنى خىزمەتچى، كادىر قىلىۋەت ...

ما ئىنكاسقا كۈلگىلى بىر سائەت بولدى، قانداقمۇ ئىسىڭىزگە يەتكەندۇ؟;P ;P ;P

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 20:53:23

تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋاپلارنىڭ كاتالوگىنى كۆرسەك بولاتتى،بىلمەي نەزر-چىراقلارغا بەكە ئېسىپ بارمايلى يەنە

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 20:59:26

ئامرىكىدا قورال ياراقنى ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاپ سېتىۋالسا ما يەردە پالتا -پىچاقلانى ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملاپ سېتىۋىلىندىغان بوپتۇدە..لېكىن بۇ خەۋەرلەر خۇجىنتاۋ ۋاختىدىكى خەۋەرلەركەنغۇ بۇ چاقققىچە بۇ قانۇنلادا ئوزگىرىش بولغاندۇ..بۇندا بولغاندا تۇمۇرچىلىك كەسپىمۇ خىرىسقى دۇچ كەلگىدەك.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:08:50

قۇرۇق گەپ!
بۇ قانۇن يەنلا تىغلىق ئەسۋاپلارنى تەلتۆكۈش چەكلىيەلمەيدۇ. بىرەرسىدە ئۆچى بولسا، چاپىدىغانغا پالتا- پىچاق تېپىلماسما؟!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

biltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:17:13

ئاز بۇپ قاپتۇ . يەنە بىر قانۇن چىقىرىپ، ئۆيۈڭلاردا سەي توغرايدىغان پىچاق چەيدۇ قاتارلىقلارنى مەھەللە كامىتىتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇڭلار دەۋەتسە،،، بىز ئاش تاماقمۇ يىمەي  شۇلارنىڭ ئشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت ساقلاپ تۇرۇپكەتسەك،،، كادىرلىرىمىز بولسا يوقۇردىن تەستىق چۈشمىدى دەپ شۆلگەيلىرىنى ئىقىتىپ  يانجۇقلىرىنىڭ توپىسىنى يىنىك-يىنىك قىقىپ كەتسە ،،،،
ۋاھ ۋاھ ۋاھ  نىمەدىگەن باياشاتلىق بۇ،،،،
ئھ   ئۇلۇغ گوڭسەنداڭ ، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى سەن، گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، ئازغان گەراجدانلىرىڭنى توغرا يولغا باشلىغىن دەپ دۇئا لارنى ياغدۇرىۋەتسەك، كومونىزىمدىن ئاتلاپلا مومىيانىزىمغا ئۆتۆپ كەتسەڭلار ،،، ۋاھ ۋاھ ۋاھ،،

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:30:43

ياپۇنلۇقلار شەرقى شىمالنى بېسىۋالغاندا سەي-كۆكتات تۈغرايدىغانغا يەتتە ئائىلىگە بىر پىچاق تارقىتىپتىكەنمىش،،ئىشقىلىپ خۇداغا شۈكرى ھە

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:44:25

قايسى بىر ئىشقا قانۇن نىزام چىقمىغان، قانچىلىكى ئىجرا بولدى؟ پات پات جىددى مەزگىللەردە قاتتىق تەكشۈرۈپ قويىدۇ، تىپىۋالسا مۇسادىرە قىلىدۇ. يەنە بىر مەزگىل ئۆتسە بىسىقىپ قالىدۇ.
بىزنىڭ ئىدارىگە ئىش بىجىرگىلى كەلگەنلەردە ئاشۇنداق تىزگىنلىنىدىغان نەرسە بايقالسا، ئەسۋاپلارنى تۇتۇپ قىلىپ، چىقىپ كەتكەندە قايتۇرۇپ بىرىمىز.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:45:20

قانۇن ئەمەس ، ۋاقىتلىق چارىكەنغۇ ، ئۇقۇپ بۇلالمىدىم ، يېڭىسار پىچاق مەدەنىيىتى توسالغۇغا ئۇچرىماس بۇنىڭلىق بىلەن

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:45:31

ۋاي خۇدا  تاماقنى دېمىسەك تىغلىق ئەسۋابلارنى ئۆزىمىز ئاپىرىپ بېرەر ئىكەنمىز. ياكى بولمىسا تەتقىقاتچىلار مۇشۇ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان تىغلىق ئەسۋاپلارنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان تىغسىز ئەسۋابلارنى ياساپ چىقسىغۇ بەلەن بولاتتى. بارلىق يەرلەر تىنىچلىققا چۆمگەن بولاتتى :shutup:

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

akpar777 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:54:21

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 21:45 static/image/common/back.gif
قانۇن ئەمەس ، ۋاقىتلىق چارىكەنغۇ ، ئۇقۇپ بۇلالمىدىم ،  ...

شىنجاڭچىلىقتا ئىجرا بولىۋاتقىنى يىغىپ ئىيتقاندا ھەممىسى ئوخشاش قانۇن، ھىچقايسىسىغا خىلاپلىق قىلغىلى بولمايدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:58:21

akpar777 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 21:54 static/image/common/back.gif
شىنجاڭچىلىقتا ئىجرا بولىۋاتقىنى يىغىپ ئىيتقاندا ھەم ...

ئەمما قانۇن دەپ ئىلان قىلىنمىغان نەرسە جامائەت پىكرى پەيدا قىلمايدۇ ،،،

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 22:03:40

ئاقسۇدا بولغان ۋەقەدە گاز تۇڭى ئىشلىتىپتىكەن ، ئەتە ئۆگۇن گاز تۇڭىنىمۇ تىزىملاپ ئىشلىتەرمىزمۇ ،

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 22:18:24

قاسسپلىقنىمۇ پىراۋا ئالغاندەك ئوقۇپ كېنىشكە ئېلىپ قىلىدىغان ئىش چىقمىسا بولاتتىغۇ. {:107:}

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 22:26:41

f1sherman يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 22:18 static/image/common/back.gif
قاسسپلىقنىمۇ پىراۋا ئالغاندەك ئوقۇپ كېنىشكە ئېلىپ قىل ...

ماۋۇ مۇنبەردىكى قاسساپنىڭ كۈنى تەس بۇلىدۇ ۇ چاغدا:lol

biltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 22:39:35

f1sherman يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 22:18 static/image/common/back.gif
قاسسپلىقنىمۇ پىراۋا ئالغاندەك ئوقۇپ كېنىشكە ئېلىپ قىل ...

يالغۇز قاسساپلا ئەمەس، سەتىراچلارغىمۇ ئۇۋال بولغۇدەك.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 22:47:33

f1sherman يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 22:18 static/image/common/back.gif
قاسسپلىقنىمۇ پىراۋا ئالغاندەك ئوقۇپ كېنىشكە ئېلىپ قىل ...

خەپشۇك ئاڭلاپ قالمىسۇن!
بەت: [1] 2 3
: تىغلىق ئەسۋابلارنى تىزگىنلەش قانۇنى ئىلان قىلىندى.