izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:59:31

كىرىيەدە ياردەمنى قانداق تارقىتىش ھەققىدە

ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم  2.15-كۈنى
مەنبە: مىسرانىم تورى
ئاپەت رايونى ئەمەس،ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار مەن مىسرانىم تورىغا شۇنداقلا باشقا ئانا تۇپراق،چىمبۇلاق،كارۋان قاتارلىق تورلارغا ۋاكالىتە بۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تورداش ،قېرىنداشلارغا يەتكۈزىۋاتىمەن،بېشىدا دېگىنىمدەك ئاپەت رايونى دەپ تىلغا ئېلنىپ يېزىلۋاتقان ماقالىلەردىكى بۇ سۆز بىزنى چۆچىتمەي قالمايدۇ،ئاپەت رايونى مەڭگۈ بارساق بولمايدىغان ،دائىم نەس باسىدىغان يەر،توغرا ئاتىلىشى ئاپەتكە ئۇچىرغان رايون،قېرىنداشلارنىڭ ماقالە يازغاندا دىققەت قىلىشنى سورايمەن،ئەتتىگەندە كېرىيە ناھيە ھاكىمى بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا تۈنۈگۈندىن بۈگۈن ئەتىگەنگىچىمۇ نۇرغۇن قېرىنداشلار بۇ رايوندىكى قېرىنداشلار ئېھتىياجلىق كۆمۈر،يەم خەشەكلەرنى يەتكۈزگەن،شۇنداقلا ھازىرى ناھىيە ھۆكۈمەتتىكى زاپاس تەمىناتلارمۇ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركۈملەپ بۇ رايونغا كېلىشنى تەۋسىيە قىلمىدىم،چۈنكى ئەھۋال بىز يىراقتا تۇرۇپ باشقىلاردىن بىلگىنىمىزدەك ئۇنچە ئېغىر ئەمەسكەن،ئەپسۇس ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ يۈرەك ئېچىشتى،ئەسلىدىنلا نامرات بولغان بۇ رايوندىكى كىشىلەر مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش بىلەن بىزلەرنىڭ دىققىتىمىزنى تارتتى،شىنجاڭدا بۇنىڭدەك نامرات رايونلاردىن قانچىلىك بار بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،خوش ،گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك،تۈنۈگۈندىن بېرى كېلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ نەق قولىغا تېگىش مەسىلسى ئويلاندۇردى،كۆپلىگەن ساخاۋەتچىلەر،ۋەساخاۋەت ئەترەتلىرى نۇرغۇن يىغىشلارنى قىلۋاتىدۇ،ئەپسۇس ئىئانە قىلدىغىنى بولسا تارقاقلاشقان ئاھالىلەر، بۇ خىل ئەھۋالدابىۋاستە ئۇلارغا تەييارلىغان نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس،قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە بىردىنبىر ئۇسۇل ناھىيلىق ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ قايتىش،يېقىندىن كېلىۋاتقان سالاملار ۋە بويۇملار ئۇ يەرلەرگىمۇ بىرە قۇر توشتى،ئەپسۇسلىندىغان يەنە بىر ئىش،ئۇيغۇرلارنىڭ جۈملىدن خوتەن خەلقىنىڭ ئومومىي پىسخىك خاراكتىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ ئالدىغا تېلىنىپ بېرىشنى خالىمايدىغان خاراكتىرى بىز ئاپارغان نەرسىلەرنى دېھقانلار ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن ئېلۋىلىشى سەل تەسكە توختايدىغاندەك تۇرىدۇ، بىز ھەممىمىزنىڭ تېلۋىزورلاردىن كۆرگىنىمىزدە باشقا يەرلەردە يەر تەۋرىگىندە نەچچە مىڭ كىشىلىك ئادەملەر توپىنىڭ توپلىشىپ تاماقلارنى سىرتلاردا يەپ مەلۇم بىر رايوندا نۇرغۇن چېدىرلارنى تىكىپ ئولتۇرغان كۆرنىشى ئىدى،ئەپسۇس بۇ يەرنىڭ ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرىگەن نۇقتىلاردىمۇ نەچچە ئونتال چېدىرنى ئۇچراتمىقىمىز تەس،قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرى چوڭ قازان پولو ئېتىپ قالسا ئادەملەرنى يىغىپ بولالماي تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىشى ئېنىقلا،ھەممىمىز بىلىمىز،تەمىنات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتسە كىشىنى ھورۇن قىلىپ قويىدۇ،ئەمما بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرۋاقىت يوقلاپ تۇرىشىمىز كېرەككەن،بۇلارغا ھازىر ئەمدى ئېھتىياجلىق بولۋاتقىنى ئىقتىسادىي ياردەم، يەنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون ۋە باشقا ئاپەتكە ئۇچرىمىغان چەت،يېزا -قىشلاقلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇش ئىشلەپچىقىرىش،دېھقانچىلىقىنى نورمال ئېلىپ ماڭىدىغان ئىقتىسادىي كاپالەت ئىكەن،قېرىنداشلارنىڭ يەنىمۇ كۆپ ماددىي بويۇملارنى بولسا ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقى بولغان نامرات رايونلارغا بېرىشىنى ھەم سورايمىز،ئەلۋەتتە قېرىنداشلارنىڭ مېھىرلىك قوللىرى ھەر ۋاقىت يەر جايدىكى قېرىنداشلارغا يەتسە ھەم خوشالمىز،ئەمدى يەنە بىر ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم ئاپەت رايونىدىكى تەمىنات ئويلىغاندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئاپەتكەئۇچرىغان رايونىغا ياردەم قىلماقچى بولغانلار رەسىمدىكى جەدۋەلنى توشقۇزۇشىڭلار كېرەك ئىكەن،ئىئانە قىلماقچى بولغان شەخىسلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىشى تەس ئوخشايدۇ ،بايا بىز خوتەندىكى راۋان شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ 30 توننا كۆمۈرىنى بىر قاتار قانۇنىي رەسمىيەتلەر بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئاتلانغانلىق خەۋرىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن يەرلەر ئىئانىلەرنى توپلىدى،بولسا ئىقتىسادىي ياردەمنى يولنى ئۇزۇن كۆرمەي،ئۆيمۇ ئۆي تارقىتىپ ماڭساڭلار،بىرقانچىڭلار مەسئۇل بولۇپ،ئەمما ماددىي بويۇمنى مەلۇم تەشكىلات ياكى مەلۇم شىركەتلەر نامىدا بەرمىسەڭلار قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈشتە بىر قاتار قىيىنچىلىققا ئۇچرايسىلەر،شۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئاللاھ يۇرتلىرىمىزنى ئامان ئىسەن قىپتۇ،شۇ پۇرسەت بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا مېھرىمىزنى يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،ئەمما ئەھۋال راسلا توردا تارقىلىۋاتقاندەك ئېغىر بولىدىغان بولسا ئىئانىنى تىزىملاشقا،بىر قاتار رەسمىيەتلەرنى ئۆتۈشكە ۋاقىت يار بەرمەيدۇ،شۇنداقلا ھەممىمىز قاراپ تۇرماي خەلق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا يۈرۈپ كېتەتتۇق،مەن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئاخپاراتچى بولغانلىقىم سەۋەبلىك بىرقىسىم ئىشلارنى كۆرگىنىم ۋە ھېس قىلغىنىم بويىچە رەڭ بەرمەي ،پەردازلىمايلا ئاشكارلاپ،خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتىمەن،ساخاۋەتلىك قەلىبلەرگە مەڭگۈ بەختلەر يار بولسۇن،بۇ يەرگە كېلەلمىگەنلەرمۇ ئىچىڭلارنى پۇشۇرماي مېھىرلىك قوللىرىڭلارنى يەنىمۇ قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنىۋەرسەڭلار،ھەرگىزمۇ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسەت رەسىم چۈشۈش بولۇپ قالمىسا،تۈركۈملەپ يىغىۋاتقان ئىئانىلىرىمىز پەقەت يەر تەۋرىگەن رايوندىكى ساپمۇساق خەلىقلىرىمىز ئۈچۈنلا بولماي،كېسەل كارۋىتىدا تىپچەكلەۋاتقان،مائارىپتا تەربىيلىنەلمەيۋاتقان يەنەشۇنىڭدەك نامرات قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ،قالغىننى تەپەككۇرى ئويغاق قېرىنداشلىرىمىز تولۇق ھېس قىلالايدۇ، ئاللاھ ھەممىڭلارنى سالامەت قىلسۇن!
ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم 2.15-كۈنى
مەنبە: مىسرانىم تورى
بەت: [1]
: كىرىيەدە ياردەمنى قانداق تارقىتىش ھەققىدە