irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 14:35:09

كېرەم ئاتۇش


«شىنجاڭ مىراج يېمەك-ئىچمەك شىركىتى» نىڭ باش دېرىكتورى. 1965-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە تۇغۇلغان.

  1980-يىلى تىجارەت ئارقىلىق تېجەپ تاپقان 800 يۈەننى ئېلىپ شاڭخەيگە تىجارەت قىلغىلى بارغان. پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى دەۋرىدە ئاشلىق، رەخت ۋە بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى چەكلىك ئۆلچەم بويىچە تەمىنلىنىدىغان بولغاچقا، ئاشلىق، رەخىت بىلەتلىرى بازاردا ئېلىپ-سېتىلاتتى. ئۇ خەنزۇ تىلى بىلمىسىمۇ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ، شاڭخەيدە بىر يېرىم يىل ئاشلىق بېلىتى ۋە رەخت بېلىتى سودىسى قىلغان. ئاندا-ساندا ئاتۇشقا كىيىم-كېچەك ئەۋەتىپ، ئاتۇش بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرىسىدا سودا يولى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1982-يىلى گۇاڭجۇغا بېرىپ، شاڭخەي، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، بېيجىڭ ئارىلىقىدا تېلېۋىزور، نىلون رەخت، سىن قويغۇ، سىنئالغۇ، ئاپتوموبىل سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ سودىنى 1988-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
1988-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، خەينەن قاتارلىق جايلاردىكى زىيان تارتىپ توختاش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۈچ توقۇمچىلىق زاۋۇتى، بىر بوياقچىلىق زاۋۇتىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرغان ھەم بۇ جەرياندا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ساتقان.
1992-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، رۇسىيە، شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.
2000-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش مەقسىتىدە «ئەنجۈر» ماركىسىنى قوللىنىپ، ئاشخانا ۋە تورتخانا ئاچقان.
2004 -يىلى مىراج ماركىسىنى قوللىنىپ، «مىراج يېمەك-ئىچمەك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نى قۇرۇپ، زامانىۋى قىياپەتتىكى ئۇيغۇر ئاشخانا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە باشلامچىلىق رول ئوينىغان. كارخانا باشقۇرۇش، كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن كېرەم ئاتۇش ئامېرىكىنىڭ كالفۇرنىيە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىتىدا سەككىز ئاي كارخانىچىلار كۇرسىدا ئوقۇغان ھەم بۇ مەزگىلدە تەكلىپ بىلەن مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنى قانداق قىلىپ جۇڭگو بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈش توغرىسىدا 80 نەپەر كارخانچىغا ئۈچ سائەت لېكسىيە سۆزلىگەن.
  ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشغا باشلامچىلىق رول ئوينىغان كېرەم ئاتۇش ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە «تېز تاماقخانا» ئۇقۇمىنى ئېلىپ كىرگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى جۇڭگو ۋە دۇنيا بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىكى بەزى ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ.

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:20:31

يامان ئېسىل ئادەم بۇ ...بالىلىرىمۇ شۇ ، كىبىر دېگەن نەرسە زادى يوق ... ھەرقانداق ئادەمگە سالام-سائىتى ياخشى ...
مىسرانىمدا بۇ ئادەمنى زىيارەت قىلغان خاتىرە بار ، شۇنى كۆرۈپ باقساڭلار بىر سائەتلىك ياخشى دەرس .....

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 18:15:26

مۇشۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ قانداق پۇل تاپقانلىقى ھەققىدە كىتابلار بولسا ھە، پالانچى خېل، پۇستانچى ماندىنو قاتارلىقلارنىڭىكىدىن جىق بۇ يەرنىڭ ئەمەلىيتىگە ئۇيغۇن كېلەتتى دەپ ئويلايمەن.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 19:02:45

ئۈمىد غەنىنىڭ بۇ ئادەمنى زىيارەت قىلغان بىر زىيارەت خاتىرىسىنى كۆرگەنتىم. ھەقىقەتەن كاللىسى ئوچۇق، پىكىرى ئۆتكۈر، خۇش پېئىل ئادەمكەن. بەك قايىل بولغان شۇ چاغدا. ئىشلىرى بەرىكەت تاپسۇن ئىنشائاللاھ

sayqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:02:10

باشقىلار مۇشۇنچىلىك ماتېرىيال تاپسا كېمىدە 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىۋېتىدۇ.سىنارىستلىرىمىز مۇشۇ ئەدەم بىلەن جىقراق ھال-مۇڭ بولۇپ يېزىپ باقسا ،ئارتىسلىرىمىز بىر رول ئېلىپ ئىشلەپ باقسا ،خەلقىمىز ھوزۇرلىنىپ كۆرەپ باقسا .ئارزۇ جۇمۇ بۇ باللاسەن قىپ باقمامسەن دەپ گەدەندىن باسماڭلا ئىزدىنىشقا ئاران ئىنكاس يازغىدەك بولغاندا:)

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:38:40

sayqi يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 21:02 static/image/common/back.gif
باشقىلار مۇشۇنچىلىك ماتېرىيال تاپسا كېمىدە 30 قىسىملىق ...

ئارزۇيىڭىز بولىدىكەن.:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:41:47

مىراجدىكى تاماق بەك قىممەت شۇغىنىسى ، 500 يۈز كوي بولمىسا ئىككى ئادەم تويمايدۇ

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 22:06:15

مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تۇرمۇش پروگراممىسىدا 2012-يىلى 1- ئايلاردىغۇ دەيمەن قىلغان بىر زىيارىتى بار.ئاڭلاپ جىق ئىلھام ئالغانىدىم بۇ كىشىدىن.
بەت: [1]
: كېرەم ئاتۇش