irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 14:32:25

تارىختىكى بۈگۈن 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

     1989 -يىلى 2-ئاينىڭ15-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن توققۇز يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقان. بۇ ئەسكەر چېكىندۈرۈش 1988-يىلى 5-ئايدىن باشلانغان. بۇ قېتىملىق ئەسكەر چېكىندۈرۈش شەرق بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىي بولۇشىدىكى توساقنى ئېلىپ تاشلىغان.
         1982-يىلى 2-ئاينىڭ15-كۈنى ئېلىمىز«تۇنجى تۈركۈمدىكى تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلىرى» نى ئېلان قىلغان. بۇ مەدەنىيەت شەھەرلىرىدە تارىخىي يادىكارلىقلار ساقلانغان بولۇپ، شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان. تۇنجى ئېلان قىلىنغان تارىخىي مەدەنىيەت شەھەرلەر:بېيجىڭ، چېڭدې، داتۇڭ، نەنجىڭ، سۇجۇ، خاڭجۇ، زۈنيى، يەنئەن، چۈفۇ، لوياڭ قاتارلىقلار.
        1942-يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى سىنگاپور ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. سىنگاپورنى قوغداۋاتقان ئەنگلىيە ئارمىيىسى شەرتسىز تەسلىم بولغان. ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەنگلىيە ئەسكىرى 130 مىڭدىن ئاشقان. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئاران 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بار ئىدى.
              1564-يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى ياۋروپا يېقىنقى زامان تەبىئىي پەنلەر ئىلمىنى ياراتقۇچى، ئىتالىيە ئاسترونومىيە، فىزىكا ئالىمى گالىلىي ئىتالىيىنىڭ پىسا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىتالىيە پىسا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 17 ياشلىق بىر بالا بولۇپ، ئۇ تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە ئامراق ئىدى. ئۇ دائىم ھەقىقەت ئەمەلىي كۈزىتىش، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىنىش كېرەك دەيتتى .
   1586-يىلى ئۇ «ئېغىرلىق نەزىرىيىسى» نى ئېلان قىلدى. 1589-يىلى، گالىلىي داڭلىق پىسا يانتۇ مۇنارىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەرىكىتى تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن. ئۇ تۇنجى بولۇپ جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشۈش قانۇنىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى مۇھىم نەتىجىلىرى رىم پاپاسى بىلەن دىنىي مۇرتلارنى غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇنى تۈرمىگە سولىدى. 1989-يىلى رىم پاپاسى گالىلىينىڭ خاتا ئەيىپلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. 347 يىلغا سوزۇلغان ئۇۋالچىلىق ئاخىرى ئادىل بىر تەرەپ قىلىندى.
بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن 2-ئاينىڭ 15-كۈنى