Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 13:20:42

ئۈندىداردىكى جۆيلۈمىلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-15 13:23

بىزنىڭ ئارىمىزدا ھازىر ۋەز پىركامىل پەيلاسوپ ئاشتى دوكتور تەربىيلەيدىغانلار شۇنداق كۆپىيىپ كەتتىكىن دىن توغرلىق گەپ كەلسە دىندىن پەن توغرلىق گەپ كەلسە پەندىن سەنئەتتىن كەلسە سەنئەتتىن ۋەز ئېيتالايدىغان ۋەزخانلار پەيدا بولدىكىن .ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك ئالدىدا بىر ئىشلارنى قىلالمايسىز.

تۈركىيەلىك سەنئەتچىلەر كەلگەن ئىدى بىراقلا ئاق تاغلىق قارا تاغلىقلارغا بۆلۈنۈپ ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە، ئەنقەرەدىن غۇلجىغىچە ئىس تۈتەكسىز ئوسۇرۇقتىن تىز تارقىلدىغان سۈرئەت بىلەن تىل جېڭى قىلىشتى.ئاق تاغلىقلار دەيدۇكى كەلسە قېرىنداشلىرىمىز كەلدى دەيدۇ
قارا تاغلىقلار دەيدۇكى بۇلار تۈركىيە كوچىسىدا ماڭسا تازلىقچىلارمۇ سۈپۈرۈپ ئەخلەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلۋىتىدىغانلار ئىدى ، بىز ۋاي دەپ نىمە قىلمىز پۇلنى ئۆز سەنئەتچىمىزگە خەجلەيلى دەپ تۇرۇپ نەق مەيدان كېچىلىكىنى كۆرۈپ ۋىچەتكە يوللايدۇ.
بالىلار ياقتۇرغاننى بېسىپ قويسا باشقىلار شۇنچە ياقتۇردى دەپ تېخىمۇ بېيىتىپ شېئىرسىمان رومان يېزىپ سالونلارغا يوللاشقا چۈشىدۇ……..

كېرىيەدە يەر تەۋرە-تەۋرىمەي ۋىچەتتىكى بالىلار تەۋرەپ جاھاننى بىر ئالدى سائەت بولماي ئالىمجاننى پولو ئىتىشكە قاتتىق بۇيرۇقلارنى سوقۇپ ۋەز نەسىھەتلەر باشلىنىپ بۇ ئىشنى قەتئى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتپلەپ ئولتۇرۇپ كېتىشلەر پەقەت قولدىن تېلفۇن كونۇپكىسىنى بېسىشقىلا كۈچى يېتىشتى….

ئەمدى خەۋەر دىگەن سۈرەتلىك بولىدۇ سۈرەتسىز بولىدۇ. سۈرەتلىك چىقارغان سۈرەتلەرنى باشقىلار ئۆزىنى كۆرسىتىش ياكى <چولپان>بولغۇسى كەلگەن نان قېپىلار دەپ تىللاشقىمۇ ئۈلگۈردى. ئۇلارچە بولسا قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىزلەر پەقەت خەت ئارقىلىقلا بىلشىمىز كىرەك ئىكەن . رەسىملەرنى كۆرسەك رەسىمگە چىقىپ قالغانلار چولپان بولۇپ قېلىپ ئىچى قايناۋاتقانلارنىڭ تونۇلۇش يولىنى توساپ قوياتتىكەن. شۇڭا ئۇلارمۇ دەرھال موللىلىق پوسمىلىرىنى كېيىپ قۇرئاندىكى ئايەتتىن ھەدىس شەرىفلەرگە قاراپ بۇ ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى چۇقۇم مەخپى بولۇشى توغرلىق پەتىۋا پېچىششكە باشلىدى.
ھەتتاكى بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇپ تىگىگە باھادىرى قولباشى سەھەرى داڭلىقى دەپ نامىنى قويىۋالدىغانلارمۇ ئۆزىنىڭ تونۇلۇپ بولالمىغانلىقىغا ئىچى قىززىپ باش سۈرىتىنى يازغان خەتلىرىگە قوشۇپ تارقىتىشقا باشلاپبالىلار ئەمدى تونۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ ئىشلىرى بەرپات بولدى. چۇنكى يەر تەۋرەشكە بارغانلاررەسىمگە دەھشەت چۈشۈپ چىقرىپ ئۆزى يازغان ئەسەرلىرىدىكى رەسىملىرىدىن قارىغاندا يوغانلا چىققان ئىدى.
ئەتىسى ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بولدى. بۇمۇ تونۇلۇشنىڭ يەنە بىر پەيتى ئىدى . شۇڭا دەرھاللا بۇ بايرامنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈپ بايرام ئۆتكۈزگەنلەرنى قارا كاپىرغا چىقرىپ ئۆزىچە خۇشھال بولۇشتى. گۈل سېتىۋاتقانلارنىقوشۇپ كاپىرغا چىقرىشتىيۇ شۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن شۇ سودىنى قىلۋاتقانلىقنى ئەسلا يادىغا ئېلىشمىدى. ئەگەر گۈل ساتقۇچى باي بولسا گۈل ساتارمىدى؟سودا قىلىش ھاراممۇ؟ گۈل گە شەك چۈشىدىغان نەرسىلەر قوشۇلغانمۇ؟ چوشقا گۆشىدە ياسالغانمۇ؟   بۇ يەردە بىرسى ئاشىق-مەشۇقلار كۈنىنى توغرا دىمىدى تەشۋىق قىلىنمىدى.


ئەمدى شۇندا ساتارمەنلەر بار ئىكىن ئۆزى قىلۋاتقان سودىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى باشقا يەرنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا پەتىۋا پىچىشۋاتقان ئىدى. بۇ مال پەقەت تۈركىيەدىلا ھالال بولۇپ چىقىدۇ باشقا يەردە ياسىسا ھارام شۇڭا باشقا يەردىكىنى ئالماڭ تۈركىيەنىڭكىنى قانداق ئالمىز دىدىڭزما؟ مەندە بار مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ ئالاقە نومۇرىمىز xxxxx
ۋاكالەتچى قۇبۇل قىلمىز سىزنى باي قىلۋىتىمىز . شۇ گەپنى دىۋاتقان بالا ئۈلۈشكۈن تېخى تۈركىيەلىكلەرنى تىللاپ يەھۇدىغا چىقىرۋەتكەن بىرسى ئىدى. ئەمما تۈركىيەدىن چىققان نەرسىنى ئۆزى سېتىۋاتىدۇ…..

ھازىر ۋىچەتتە شۇنداق داڭدار كىشلەر بار ئالىم پەيلاسوپ يازغۇچى شائىر تەتقىقاتچى شۇنداق يازىدۇكىخۇددى ئەتىسىلا بۇ كىشى نوبىل مۇكاپاتىنى ئېلۋىتىدىغاندەكبۇرۇندىن تارتىپ بۇ مۇكاپات شۇنىڭغا بېرىلىشى كىرەكتەكلا…..ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق ھىچ بىر ئىشتا سېپى يوق

ھاياجانلارنى ئاز قىلايلى. بىزگە ھازىر قۇرۇق شۇئارلىقلار لازىم ئەمەس.
مەنبە: ئۈندىدار

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 15:31:48

       بەزى جۆيلىمىلەر ھەقىقەتەن ئېشىپ كەتكەن ، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش دەرىجىسىگە بارىدۇ . ئەمما بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدا شۇ ئۈندىدار ، توربەتلەردىن باشقا ئاۋامنىڭ پىكىر قىلىش سەھنىسى بولمىغاچقا پۈتۈن گەپ شۇ تاراتقۇلارغا مەركەزلىشىپ قالغان . ئالىم توغۇرلۇق گەپلەرنىڭ بولىنىشىمۇ ئاۋامنىڭ يەنىلا ئالىمدىن ئۈمىت كۈتۈۋاتقانلىنى چۈشۈندۈرىدۇ . مەنچە بولسا ئۇنىڭ كېرىكى يوق ئىدى .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:16:05

ئۇنى قىلسام بۇنى قىل دەيسەن، بۇنى قىلسام ئۇنى قىل دەيسەن، بېرىپ كەتمىنىمنى چاپسام بولامدۇ؟
خەق چىقارسا تېڭشۇننىڭ مۇلازېمېتېرى ۋاي دېمىسە، سىلەر قاقشاپ نېمە قىلىسىلەر؟
ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئويلىغىنىنى يا بولمىسا ياقتۇرغان گېپىنى چىقارغاندۇ، بۇنىڭغىمۇ قىل قۇيساڭلا، ئەمدى ئادەملەر گاچا بولاپ يۈرسە بولامتى؟
خەقنىڭكىنى ياقتۇرمىغان بولساڭ، ياقتۇرمىغان مەزمۇن چىقارغانلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپلا قۇتۇلساڭ بولىدىغۇ، نېمە ھاجەت مۇنبەرگە كىرىپ غاجىغاننىڭ؟
بىرسى چەمبىرىكىدىكى مەزمۇنلارنى كۆزۈڭگە تىقمىغاندۇ، ئۆزەڭ كۆرەپ ئۆزەڭ قاقشاپ.....

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:24:12

newstar يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 16:16 static/image/common/back.gif
ئۇنى قىلسام بۇنى قىل دەيسەن، بۇنى قىلسام ئۇنى قىل دەيس ...

ھە ئۆسەك سۆزنى سەن تارقىتىپتىكەنسەندە ئەسلى كىرىپلا قاقشاپ كەتتىڭ. دەل تىگىپتۇ قارىغاندا. كەتمىنىڭنى چاپامسەن ياكى ئوچىقىڭغا ئوت قالامسەن مەندىن سورىما. يەنە شۇ يەردە گەپدانلىقىڭنى قىلىپ سۆزلەۋەر. مەن سەندەك خەقنى غاجاپ باقمىدىم . ھەممە قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ. ئارتىسلار كەلسە كۆرۈش بىلىتىنى ئالالماي سەندەك سىرتتا تۇرۇپ تىللاپ باقمىدىم. باشقىلار گۈل ساتسا كاپىرغا چىقرىپ موللام بولىۋالمىدىم. غاجاش بىلەن غاجاشنىڭ مەنىسىنى ئايرىيالمىغان ئوخشايسە. بەك زىرىكىپ كەتسەڭ كىرىيەگە بېرىپ ئۆيلەرنى قۇرۇشقا ياردەملەشكىن بۇ يەردە ئاچچىقڭنى چىقارماي.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:32:52

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 04:24 static/image/common/back.gif
ھە ئۆسەك سۆزنى سەن تارقىتىپتىكەنسەندە ئەسلى كىرىپلا...

ئەمچەكنى تاپالماي پوداققا ئۈسۈپتۇ دېگەندەك گەپ قىلماي، ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتقان ئادەمنى تېپىپ دە. ھەقىچان ئۆزەڭنىڭ ۋېيشىنىڭداكۆرگەنسەن، سېنىڭكىگە مېنىڭ قېتىغلىق بولمىسا، قانداق بولۇپ مېنىڭ يازمامنى كۆرىسەن؟
تولا ئوغامنى قايناتما. پەقەت سېنى بۇ يەرگە كىرىپ گەپ ئۇلغايتما دېمەكچى. خەقنىڭ ھەممە ئىشىغا چات كەرگۈچە، ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ؟ خەقنىڭ يازمىسى ياقمىغان بولسا چىقىرىۋەت، بۇ يەرگە كېلىپ قاقشىما.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:40:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-15 16:46

.......
ئۇنى قىلسام بۇنى قىل دەيسەن،
بۇنى قىلسام ئۇنى قىل دەيسەن،
بېرىپ كەتمىنىمنى چاپسام بولامدۇ؟
.....

بۇ ئەسقەر كۆكبۆرىنىڭ ناخشىسىى...جېدەل چىقىرىشماڭلار....

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:41:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-15 16:43

newstar يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 16:32 static/image/common/back.gif
ئەمچەكنى تاپالماي پوداققا ئۈسۈپتۇ دېگەندەك گەپ قىلما ...

كىرىپلا ئۈسكىنىڭگە قارىغاندا شۇ ئۆزۈڭ قىلغاچ يېغىرىڭ ئېچىلىپ قاقشاپ كەتكەنسەن . خۈدۈكى بارنىڭ مۈنىكى بار دىگەندەك سەكرەپ كېتىپسەن. ئەگەر سەن خەق يوللىغاننى ئۇدۇل ئۆزەڭمۇ چاپلاپ يېزىپ تارقاتمىغان بولساڭ بۇ گەپ ساڭا تەگمەيتتى . گېپىم بەك ئۆتۈپ كېتىپ ئۆتۈڭ يېرىلىپ كەتمىسۇن .
قاقشىسام سېنىڭ قازىنىڭنىڭ بېشىدا قاقشىمىدىم ماۋۇ ئىزدىنىش سېنىڭ شەخسى مۇلىكىڭ ئەمەستېمامنى كۆرۈپلا قاقشاپ كېتىپسەن . سەن ئاشۇ چوڭ كۆرگەن تېڭشۇنگە چىقىپ ئېقىمغا پۇل ئالمىغانكىن شۇ يەردە ئوينا. ئۆزۈڭنى پوداققا ئوخشىتىپ قاپسەن، ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا قۇملۇق بولسا قۇم چېچىپ ئوينا قىشنىڭ قۇمى پايدىلىق قىلىپ قالار.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:47:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   newstar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-15 04:52

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 04:41 static/image/common/back.gif
كىرىپلا ئۈسكىنىڭگە قارىغاندا شۇ ئۆزۈڭ قىلغاچ يېغىرىڭ ...

خەقنىڭ شەخسىيىتىگە ئارلاشما دېمەكچى.
بەك مېنى قىلغانمىكى دەپ ئويلاپ قېلىپ، كۆڭلۈڭ ئارام تاپالمايۋاتقان بولسا، قېتېۋېلىپ چەمبىرىكىمنى تەكشۈرۈپ باق، شۇنداق ئۆسەك سۆزدىن بىرسى بوپ قالسا، بولدى، مەن سەن بوپ كېتەي.
تېماڭغا ھېچكىم ھېچنېمە دېمىسۇن، ۋاي ياخشى بوپتۇ، ئېسىل گەپ بوپتۇ دېسۇن دېسەڭ، ئەڭ ياخشىسى چەمبىرىكىڭگە چىقىرىپ، خەقلەر زەنلەپ قويسا كۆڭلۈڭنى خوش قىلىپ يۈر.
مۇنبەرگە يېزىلغان تېمىغا ئاشۇنداق ياخشى ئىنكاسمۇ، يامان ئىنكاسمۇ چۈشىدۇ، چىدىمىساڭ، مۇنداق قىل ئۇنداق قىل دەيدىغانغا سەن بىر مېنىڭ كىچىك خوتۇنۇم بولمىغاندىكىن ،تولا تۆھمەت چاپلايمەن دېمە.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:51:43

newstar يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 16:47 static/image/common/back.gif
خەقنىڭ شەخسىيىتىگە ئارلاشما دېمەكچى.
بەك مېنى قىلغان ...

ماڭە ۋاي ~ سەندەك لاۋزىنى ئۈندىدارىمغا قوشۇپ تېخىمۇ لاۋزا قىلغۇم يوق. خەقنىڭ شەخسىيتى دەپ مۇقۇم بىرسىنى تۇتۇپ دەپتىمەنمۇ؟ ئۇمۇمى ئەھۋالنى دىسەم ساڭغىلا تىكىتىپتۇ. شۇڭا دەيمەنغۇ سەن قىلغان بۇ ئىشنى بولمىسا بۇنچىۋالا سەكرىمەيتىڭ. سەكرەشكە ئۇستا بولسا سوچى قىشلىق تەنھەرىكەت يىغىنىغا بېرىپ سەكرەشتىن مۇسابىقلاش بۇ يەردە ئاقمايدۇ ئۇنداق سەكرەپ بەرسەڭ.ياكى بىرىنچىلىكنى تۇتقۇزۇپ قويمايمىز بەك سەكرىدىڭ گەپكە دەپ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:54:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   newstar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-15 04:56

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 04:51 static/image/common/back.gif
ماڭە ۋاي ~ سەندەك لاۋزىنى ئۈندىدارىمغا قوشۇپ تېخىمۇ ل ...

ئۇنداق بولسا تېمىنى نېمە مەقسەتتە يازغانتىڭ؟ قارىسام بۇ تېماڭمۇ چەمبىرەكتىن كۆچۈرۈپ ئەكېلىنگەن چىراي.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:02:36

newstar يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 16:54 static/image/common/back.gif
ئۇنداق بولسا تېمىنى نېمە مەقسەتتە يازغانتىڭ؟ قارىسام ...

سەندەك ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئىتەلمەي پوقنىمۇ كۆچۈرۈپ تارقىتىدىغانلارغا دېيىلگەن گەپ، تېخىچە چۈشىنىپ بۇلالماپسەندە. ئەقلىڭدە توسالغۇ بار ئىكەن.4-دوختۇرخانىدا 4كۈن داۋالانساڭ ياخشى بولۇپ كېتىسەن بەلكىم.تېمىدىكى ھەر بىر شەخىسنى ئۆزۈڭ دەپ ئويلاپ ئۆرتىنىپ كېتىپسەن قارىسام. مېنى قانداق بىلۋالغاندۇ.ئەپتى-بەشىرەم ئېچلىپ كەتتى دەپ......

بۇ يەردە باشقا گەپ يوق. ھەممە ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بار. گۈل سېتىۋاتقاننى كۆرۈپلا كاپىرنىڭ بايرىمىدا گۈل ساتتى دەپ تىللاشنىڭ ئورنى يوق. ياردەم دىگەن خالىسانە بولىدۇ. تىللىغاننى تەڭ تارقاتقاننىڭ ئورنىغا سۈكۈت قىلسا بولىدۇ.ياردەمگە بېرىپ ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ياخشى نىيتىنى بىلمەي رەسىملەرنى چىقرىپ قويسا چولپان بولغۇسى كەپتۇ دەپ تىللىسا شۇنىمۇ تارقاتقان بارما نوچى بولسا ئۆزى بېرىپ ياردەم قىلىپ تورغىمۇ چىقارماي غ غا ت نى قىسىپ ئولتۇرسا بولمامدۇ. سەندەك توردا تىللايدىغاننى تىللاپ بىرەرسى قارشى پىكىر بەرسە ئۆزىگە ئېلىپ ئۆلەپ بەرگۈچە......

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:06:16


تورلارنى بىرەر قۇر تۈزەپ ئوڭشاپ بولغان. ئەمدىكى نۆۋەت ئۇندېدار دىگەندەك ئالاقە ۋاستىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش. ھەممە ئىش مۇشۇ شەكلىدىكى جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. بەك چۈشۈنۈشلىك ئىشقۇ بۇ. يېڭى يۇلتۇز بۇرادەرنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاچچقىغى كەلگەنلىكىنى مەن ياخشى چۈشەندىم.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:06:57

جۆيلىگىلى قويغاننىڭمۇ يامىنى يوق . جىمجىت ئۇخلىغاندىن مۇشۇنداق جۆيلۈپ ئويغۇنۇپ قېلىشى مۇمكىن .   بىر مەسلىگە قارشى تۇرغۇچىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بولغاندەك ياقلىغۇچىمۇ بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە بولىدۇ . بۈگۈنكى قارشىلىق كىيىنكى قوللاشقا ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن . ھەر قانچە قايىل بولمىسىمۇ كوڭلىدە بەزى گەپلەرنى ئاشۇرۋەتتكىنىنى ھىس قىلسا يىتەرلىك . يەنە نىمە كېرەك ؟كاللا ھەممە ئادەمدە بار ،مىڭ سۆزلىسەكمۇ بىكار .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:24:41

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 05:02 static/image/common/back.gif
سەندەك ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئىتەلمەي پوقنىمۇ كۆچۈرۈ ...

قارا، تولا خەقكە تەربىيە قىلىمەن دېمەي، ئۆزەڭنىڭ ئىشى بىلەن بول.
ناۋادا ھەممە ئادەم خەقنىڭ ئىشىنى باھالاپ، خەقنىڭ قىلغىنىنى چەكلەپ ئۆتكەن بولسا ئىدى، Utube, Youku دېگەندەك تور بېكەتلەر ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولاتتى، ئەمدى خەق ئۇنى دېدىيەي، بۇنى يوللاپتۇيەي دەپ قۇسۇر ئىزدىگىلى تۇرساڭ، ئەمىسە، تور دۇنياسىدىكى بەزى تېتىقسىز ئېلان، تېتىقسىز مەزمۇنلارنى ھەجەپ تىللاپ تېما يازمايدىكەنسىنا.
پوق ئىزدىگەن ئىتتەك ھەممە ئادەمنى قېتىۋېلىپ، ھەممىدىن قۇسۇر تاپىمەن دېسەڭ ئاشۇنداق قايناپ قالىسەن. سەن دېمىسەڭمۇ، خەقنىڭ بوينىنىڭ ئۈستىدىكى قاپاق ئەمەس، يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ، خەقنىڭ يازمىسى يارىمىغان بولسا، چىقىرىۋەت.بۇ يەردە قاقشاپ بەرگىنىڭنىڭ پەقەت ساڭا تىل ئاڭلاشقىلا پايدىسى بولىدۇ.
ئەمدى يەنە گەپدانلىق قىلىمەن دېسەڭ، ھايانىڭ بۆكىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىپ گەپ قىلىپ سالىمەن. خەقكە يول كۆرسىتىمەن دېمەي، ئۆزەڭنىڭ ئىشىنى ياخشى قىل. دورغىلارنىڭ جىقلىقىدا دورغىنى كۆرسەم ئۈچ كۈن قۇسىمەن..

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:28:14

ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى،دۇنيا قارىشى،تەپەككۇرى،ياخشى-يامانغا بولغان كۆزقارىشى ئوخشىمايدۇ !(پۈتۈن دۇنيادا).
بارلىق ئادەملەرنىڭ بىر ئىشقا ئوخشاش ئوي-پىكىردە بولىشى مومكىن ئەمەس !(شۇنداق بولسا ماشىنا ئادەمدىن پەرقى قالمايدۇ؟) .ئۇ ئۇنى دەپ،بۇ بۇنى دەپ جەمئىيەت مۇشۇنداق تەرەققى قىلىدۇ..... !(تارىختىن بۇيان شۇنداق بولىۋاتىدۇ).
ئۆزىمىزنىڭ كاللىسىدىكىنى:‹‹ باشقىلارمۇ مۇشۇنداق ئويلىسا بولمامدىغاندۇ ؟››دىسەك بولمايدۇ ....!
ئەينى يىللىرى قويۇلغان ‹‹خويۈەنجا،شاۋلىنسې،دىسكو چولپىنى........دىسەم بەك كۆپ››.قاتارلىق فىلىملەرنى كىنوخانىلاردا بەس-بەستە بىلەت ئىلىپ كۆرىتۇق.تىخى ئۇ ئارتىسلارنىڭ سۆزىنى،ھەركەتلىرىنى دوراپ ئوينايتۇق.ھىچكىم بىرنىمە دىمەيتى....
‹‹ئەمدى تۈركىيەلىك داڭلىق ئارتىسلار كىلىپ ئويۇن قويسا ھەرخىل گەپ -سۆزلەر بولۇپتۇ...››
بۇنىڭدىن نىمىنى بىلىمىز ؟:- كىشىلەر بىر ئىشقا پىكىر قىلىشنى،كاللا يۈگۈرتىشنى،ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى دەپ بىقىشنى،تەپەككۈر قىلىشنى،نىمە دىسە ھە دەپ ئولتۇرماي، ئۆزىنىڭ بىلىش دائىرىسىدە ھىس قىلغىننى ئوتتۇرغا قويۇشنى...... ئۈگىنىپتۇ.(مەيلى توغرا،مەيلى خاتا بولسۇن)بۇ بىر ياخشى ئەھۋال ئەمەسمۇ ؟
بەزى ئىشلارنى مۇشۇنداق ئويلىساق بەك چارچاپ كەتمەيمىز.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:34:29

تازا ئەھمىىيىتى يوق تېما بوپتۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ساپاسى ،بىلىمى ، كوز قارشى ئوخشاش بولمىسا يا..... سىلە بۇ يەردە ئۇندىداردا مانى ياز، مۇنداق ياز دەپ، قۇڭاڭلىنى چېقىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ بولاممايسىلەن :lol:lol:lol ئۇندىدار يوقتىن پەيدا بولدى، ناچارلىقتىن ياخشىلىققا ، خاتالىقتىن توغرۇلۇققا قاراپ تەرەققى قىلدۇ . ئاشۇندا ئۇنى -بۇنى كورۇپ ، يېزىپ ئۇگۇنىدۇ...يازىدىغان باشقا يېرى بولمىغانكىن ئاشۇندا كاللىسىغا كەلگەننى يازىدىغاندۇ بەلكىم..بۇ ئىشلارمۇ ياخشى بوپ كېتىدۇ..

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:39:21

newstar يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 17:24 static/image/common/back.gif
قارا، تولا خەقكە تەربىيە قىلىمەن دېمەي، ئۆزەڭنىڭ ئىش ...

ئۆتۈڭ يېرىلەي دەپ چىداپ بۇلالماي ئۆت دورىسىدىن 3نى ئىچىۋېتىپبىر جۈرئەتكە كېلىپ يېزىۋەتكەن ئىنكاسىڭما بۇ؟ گەپدانلىق سەندىن ئايلانسۇن . بىر گەپ چىقىپ بولغىچە پودىقىنى سىرتقا چىقرىپ ئاران قالدىڭ خەققە قۇم چاچقۇزۇشقا. يەنە تېخى باشقىلارغا گەپدانلىق قىلما دەپ قورسىقىدا قالغان بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ كىتىپسەن خۇددى مەن تېپىپ قويغاندەك .خىجىل بولماي سىزىكىم بارتى دىيەلمەي قۇسىۋىتىمەن دەپ. {:107:}

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:44:52

sipartak يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 17:28 static/image/common/back.gif
ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى،دۇنيا قارىشى،تەپەككۇرى،ياخش ...

ئۇ خۇيەنجا دەۋرى بىلەن ھازىرقى دەۋر ئوخشىمايدۇ ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ئۈندىدار بولسا ئىدى چۇقۇم بۇنداق جۆيلۈشلە ھامىنى چىقار ئىدى. ئۈندىدارنىڭ چىققىنىغا ئاران 2يىل بولدى. خۇيەنجاۋەي يەنە باشقا بىر چامباشىچىنىڭ كىنوسى قويۇلۇپ قىززىغان دەۋر قايسى زامان؟ مەن چىقارمىسۇن دىمدىم ھەم چىقارماڭلار دەيدىغان ھوقۇقۇممۇ يوق شۇ باش ئۈستىدىكى كاللا بولغانكىن تارقاتقاندا دىققەت قىلىپ تارقاتسا بولىدۇ. بولمىسا
http://bbs.izdinix.com/thread-57205-1-1.html
ماۋۇ تېمىدىكىگە ئوخشاش ئاقىۋەت چىقىدىغان گەپ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:48:20

Typography يوللىغان ۋاقتى2014-2-15 05:39 static/image/common/back.gif
ئۆتۈڭ يېرىلەي دەپ چىداپ بۇلالماي ئۆت دورىسىدىن 3نى ئى ...

ئىنكاسلىرىڭنى ئوقۇپ كېلىپ گەپ قىل، كىم سېنى دورغىلىق قىلىپ بەر دېگەنتى؟ خەق يازمىسىنى دۈمبەڭگە يازمىغاندىكىن ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامدۇ...
دېدىمغۇ،بىرسى يازمىسىنى ئۇچلاپ كۆزۈڭگە تىقمىغاندىكىنيازمىسى يارىمىغان بولسا ئوقۇما...يا بولىسا ئاشۇلارنى تېپىپ گەپ قىل، ئىزدىنىشتا ئۆزىنىڭ نېمە يوللىشىنى، نېمىنى يوللىماسىلىقىنى بىلمەيدىغان نادان ئادەملەر يوق. بۇ يەرگە كىرىپ تەربىيە قىلىمەن دېمەي، چەمبىرىكىڭدىكى غەلغەشلىرىڭنى ئادالا.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 18:15:56

بىر چاقچاق پاراڭ ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ياراپ قالسا ئۈندېدارغا يوللاپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ.{:87:}

بىر ئادەم بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ دەيدىكەندە، «يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى. مەندىن كىيىن قالساڭ، روزىغارىمىزنى ياخشى باشقۇرۇپ كېتەلەرسەنمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. » ئاندىن بالىسىدىن سورايدىكەن،« قوتاندىكى قويلار يەم-خېشەك ناچار دەپ تولا جىدەل قىلىدۇ. ئېشەك يۈكۈم ئېغىر دەپ يېتىۋالغىلى خېلى بولدى. كالىلارمۇ ئىش ئېغىر ھېرىپ كەتتۇق دەپ ئىش تاشلاۋاتىدۇ. سەن بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىسەن؟»
بالىسى دەيدىكەندە، «قويلارنىڭ يەم-خېشىكىنى ياخشىلايمەن، ئېشەككە يۈكنى ئازراق ئارتىمەن. كالىلارنىڭ ئىشىنى يەڭگىلىتىمەن. شۇ ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ، تىنچ تەرققىيات ئىزچىللىقىنى ساقلايمەن.»
دادىسى دەيدىكەندە، « ھوي كالۋا، بۇنداق قىلساڭ، ئاران يىغقان روزىغارىمىزنى ھايۋانلار يەپ تۈگىتىۋەتمەمدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى، ئىتقا بېرىدىغان سۆڭەكنىڭ مىقدارنى كۆپەيتىپ، بۆرە كەلدى دەپ جاكارلايمىز.»
بەت: [1] 2 3
: ئۈندىداردىكى جۆيلۈمىلەر