kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 10:36:20

كىرىيەنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى ناملىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش


كېرىيەنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى ناملىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش







ئاپتۇر:ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسسى-ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل




كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر مەمۇرى ناھىيەسى بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى، قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان. غەربى چىرا ناھىيىسى بېلەن، شىمالى ئاقسۇۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسى بېلەن، شەرقى نىيە ناھىيىسى بېلەن، جەنۇبى شىزاڭ زاڭزۇئاپتونۇم رايۇنىنىڭ گەيزې، رىتۇ ناھىيىلىرى بېلەن چىگرىلىنىدۇ. خوتەن شەھرى بېلەنكى مۇساپىسى 180 كلومېتىر.




«كېرىيە» نامى يەرلىك شىۋىدە «كېيا» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلاربار:




1) «كەل يار» سۆزىدىن ياسالغان ئىسىم دېگەن قاراش. رىۋايەت قىلىنىشىچە،بۇرۇنقى زاماندا قەشقەردىن كېرىيەگە نۇرغۇن ئاھالە كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىكەن، كېرىيەلىكلەرناھايىتى مېھماندوست بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ «كەل يار» دەپ كۈتۈۋالغان ئىكەن. بۇ سۆز كېيىنچە بۇ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ، «كەليار» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە«كېيا» بولۇپ قاپتۇ. كېرىيەگە ساق- سالامەت يىتىپ كەلگەنلەر 3 مىڭ ئائىلىلىك بولغاچقا، بۇ يۇرت يەنە «ئۈچ مىڭ كېيا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.




2) «قېرى يەر» سۆزىدىن ياسالغان ئىسىم دېگەن قاراش. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يۇرتنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، بۇ يۇرتقا كەلگەنلەر، «بۇ بەك قەدىمىي يەر ئىكەن، بەكمۇ قېرى يەرئىكەن» دەپ تەرىپلىشىپتۇ، شۇنىڭ بېلەن بۇ يەرنىڭ نامى «قېرى يەر» دەپ ئاتىلىپ،كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان ئىكەن.





3) «قىر يا» سۆزىدىن ياسالغان ئىسىم دېگەنقاراش. كېرىيە شىۋىسىدە تاغ «قىر» دەپ، دەريا «يا» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ يۇرت تاغقايېقىن، ھەم دەريا بويىغا جايلاشقاچقا، «تاغ، دەريا يېنىدىكى يۇرت» دېگەن مەنىدە«قىريا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان.


4) «قىر يا» سۆزىدىن ياسالغان ئىسىم دېگەن قاراش. كېرىيە شىۋىسىدە «قىر» ئېتىز قىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ، دەريا «يا»دەپ ئاتىلىدۇ، بۇرۇنقى دەۋىردە كېرىيە دەرياسى بويلىرى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى بولغاچقا، كىشىلەر «دەريا بويىدىكى ئېتىز» ياكى «ئېتىزلىقتىكى دەريا» دېگەن مەنىدە«قىريا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان.


5) «كەڭ يار» سۆزىدىن ياسالغان ئىسىم دېگەن قاراش. كېرىيە دەرياسى ئېقىنى ناھايىتى كەڭ بولغاچقا، «كەڭ دەريا»دېگەن مەنىدە «كەڭيار» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «كېيا» بولۇپ قالغان. 6) «كېيى»سۆزىدىن ياسالغان ئىسىم دېگەن قاراش. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇرۇنقى زاماندا بۇيەرگەن تۇنجى كەلگەن كىشىلەر تۇپرىقىنىڭ مۇنبەتلىكىنى كۆرۈپ «كېيىسا بۇلىتقانيەكەن» (كېيىسا بولىدىغان يەر ئىكەن) دىيىشىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپتۇ. كېرىيەشىۋىسىدە «كېيىش» دېھقانچىلىق قىلىش، پەرۋىش قىلىش، تېرىش، تەييارلىق قىلىش دېگەنمەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.


7) «كان يار» سۆزىدىن ياسالغان ئىسىم دېگەن قاراش. كېرىيەدەرياسىنىڭ تاغلىق بۆلەكلىرىدە ئالتۇن كان ۋە قاشتېشى كانلىرى كۆپ، بۇرۇنقى دەۋىرلەردە كىشىلەر دەريادىن سۇ ئېقىتىپ كەلگەن ئالتۇن ۋە قاشتاشلىرىنى تاپقان.شۇڭا بۇ دەريا «كان دەريا» دېگەن مەنىدە «كانيا» دەپ ئاتىلىپ، كېيىن «كېيا» بولۇپ قالغان.





يوقارقى قاراشلارنىڭ ھەممىسىدە خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر ئاساس قىلىنغان. رىۋايەتلەر «كېرىيە» ياكى يەرلىك شىۋىدىكى «كېيا» سۆزىگە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ياكى ھازىرقى زامانكېرىيە شىۋىسىدىكى ئىنتۇناتسىيە جەھەتتە يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرگە باغلانغان بولۇپ، پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.




فولىكلور تەتقىقاتچىسى ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ يازغان «كېرىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى ناملىرى ۋە ‹كېرىيە›نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى «شىنجاڭ ئىژتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىندى.



بۇ ماقالىدە كېرىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى ناملىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتتا يىڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، كېرىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى ئورنى مەسىلىسىدىكى بەزى چىگىشلەر تولۇق يېشىلمىگەن بولغاچقا، ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى ناملىرىدا قىسمەن كىرىش – چىقىش ساقلانغان. يەنە كېلىپ، «كېرىيە» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قارىشىم ئابدۇخالىق مەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشى بېلەن بىردەك ئەمەس. شۇڭا مەن تەتقىقاتچىلاربېلەن پىكىر جەھەتتىن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ ماقالىنى يېزىپ، كېرىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى ناملىرى، ئورنى ۋە «كېرىيە» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى ئۆزەمنىڭ يۈزەكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.




كېرىيە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كېىيىنكى دەۋىرلەردىكى يىپەك يولىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن قەدىمىي كارۋان يولى ـ «خوتەن قاشتېشى يولى» ئۈستىدىكى موھىم ئۆتكەل ھەم سودا تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بېلەن قەدىمقى دەۋىرلەردىلا يىراق- يېقىنغا مەشھۇر ئىدى. خەن دەۋرىدە (مىلادىنىڭ ئالدى- كەينىدە)كېرىيە غەربى دىياردىكى 36 بەگلىكىنىڭ بىرى بولغاچقا، شۇ دەۋىرلەردىكى «تارىخىخاتىرىلەر»، «خەن نامە»، «كېيىنكى خەن نامە»لەرگە كېرىيە توغرىسىدا ئاز بولمىغانبايانلار كىرگۈزۈلگەن. ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى تارىخى خاتىرىلەردە كېرىيە 扜鳁، 拘弥،扜冞، 污弥، 宁弥،杅弥، 居弥،汗弥، 扞弥، 宁弥،捍弥، 捍冞، 捍么، 达德力، 建德力،媲摩... قاتارلىق ناملار بېلەن ئۇچرايدۇ.



ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە pein ئۆلكىسى دەپ خاتىرىلەنگەن. كارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە «khema» دەپ، سانسىكرتچە ۋەسىقىلەردە«bhima» دەپ ئۇچرايدۇ. بۇ ناملار ھازىرقى كېرىيە ناھىيە بازىرىنىڭ نامى بولماستىن، بەلكى كېرىيەلىكلەر ئىلگىرى ئاپىرىدە قىلغان شەھەر ۋە بەگلىكلەرنىڭ نامى بولۇپ، كېرىيەلىكلەرنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق كۆچىشى بېلەن بۇرۇنقى نامى شۇيۇرتتا قېلىپ، يىڭى كۆچكەن ۋە بەرپا قىلغان شەھەرنى يىڭى نام بېلەن ئاتاپ كەلگەن.شۇڭا كېرىيەلىكلەر ياشاپ ئۆتكەن يۇرتنىڭ نامى ئۆزلۈكسىز يىڭىلىنىپ تۇرغان.ئۇنداقتا، كېرىيەلىكلەر بۇرۇن قايسى رايۇن، قايسى شەھەرلەردە ياشىغان؟  




خەلق ئارىسىدا: ”كېرىيەتارىختا 6 قېتىم كۆچكەن، ھازىرقى ئورنى ئاخىرقى قېتىم كۆچكەن، يەنى 7- ئورنى“دەيدىغان رىۋايەت بار. ھەم بۇ كۆچۈشلەرنىڭ قۇم بالاسى بېلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان ھىكايەتلەر بار.



ئارخىئولوگىيىلىك بايقاشلار ئارقىلىق،كېرىيەنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئورنى يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بۇ يەردىن كۆچكەن جايى قارا دۆڭ قەدىمىي شەھرى، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆچكەن جايى دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي شەھەرى، ئۇنىڭدىن كېيىن كۆچكەن ئورنى ھازىرقى بوستانلىق دەپ قارالغان بولسىمۇ،قالغان 3 قېتىملىق كۆچكەن جايى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. مەن ئىگىلىگەنئەھۋاللار ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار، خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر،ھىكايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، دەندان ئۆيلۈك شەھرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن كۆچكەن جايى ھازىرقى شەنبە بازار، سىيەك بوستانلىقى بولۇپ، بۇ يەردە بەرپا قىلىنغان شەھەربۇددىزىم دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.



ئىسلامىيەتتىن كېيىن ھازىرقى ئورنىغا كۆچكەنلىكى مەلۇم. سىيەك يېزا بەشتوغراق كەنتىدە يېقىنقى يىللارغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن شەھەر سېپىلىنىڭ قالدۇقى - بۇ قىياسىمىزنى ماددى پاكىت بېلەن تەمىن ئېتىدۇ. شۇنداق بولغاندىمۇ، يەنە ئارىلىقتا كۆچكەن 2 ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ياكى يىپ ئۇچى يوق.




ئۇنداقتا، كېرىيەلىكلەرنىڭ ئەجداتلىرى ياشاپ ئۆتكەن قەدىمىي شەھەرلەر ۋە بەرپا قىلغان دۆلەت، بەگلىكلەرنىڭ نامى قانداق ئىدى؟ «تارىخى خاتىرىلەر»، «خەن نامە»، «كېيىنكى خەن نامە»، «ئۈچ پادىشاھلىقتەزكىرىسى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردە ،拘弥، 扜冞، 污弥،宁弥، 杅弥، 居弥،汗弥، 扞弥،宁弥 قاتارلىق شەكىللەردە قەيت قىلىنىدۇ. «يىڭى تاڭ نامە»دە 捍弥،捍冞، 捍么، 建德力城، 达德力城شەكلىدە ئۇچرايدۇ. «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى غەرىبكە ساياھەت خاتىرىسى» ۋە «شۈەنزاڭنىڭتەرجىمىھالى»دا 媲摩 شەكلىدە ئۇچرايدۇ. «ماركوپولونىڭساياھەت خاتىرىسى»دە pein شەكلىدە ئۇچرايدۇ. «غەربىدىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دە 克里底雅، 克尔雅، 克里雅 دەپ، «چىڭ سۇلالىسى تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار»دا 于阗繁 دەپ ئۇچرايدۇ.



شۇڭا بۇناملارنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئوخشىمىغان شەكلىنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى ئېنتۇناتسىيىسىگە ئاساسەن، يەرلىك تىلدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى بىلىشكەۋە تارىخى ماتېرىياللاردىكى بايانلارغا ئاساسەن، شۇ دەۋىردىكى ئورنىنى بىكىتىشكەتوغرا كېلىدۇ. بىز ئالدى بېلەن بۇ ۋادىدىكى، بولۇپمۇ كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمقى ئېقىن بويلىرىدىكى قەدىمىي خارابىلەر بېلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى:




1. يۇمۇلاققۇم قەدىمى يشەھرى



يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھەرخارابىسى كېرىيە ناھىيىسى دەريابۇيى يېزىسىنىڭ يالغۇز توغراق دېگەن يىرىدىن غەربى شىمال يۆنۈلۈشىدە تەخمىنەن 70 كلومېتىر يىراقلىقتا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇراقىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە مەركىزى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 224كلومېتىر، خوتەن بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 250 كلومېتىر. بۇ خارابە 1994- يىلى سۈنئى ھەمراھتا تارتىلغان سۆرەتلەر ئارقىلىق بايقالغان.




بۇ شەھەر خارابىسى ئېلىپىس شەكلىدە بولۇپ، سېپىل جەنۇبى ۋە شەرقىدىن قوۋۇق ۋە يوللارنىڭ ئىزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. شەھەر ئىچى سىرتىدا چوڭ- كىچىك يارغۇنچاق، سۈرمەللەر بار. شەھەر ئەتراپىداكېسىشىپ كەتكەن ئېرىق- ئۆستەڭلەر تورى بار. ئۇنىڭدىن  باشقا بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەر بايقالغان. ئېرىق- ئۆستەڭلەرئاساسلىقى شەھەرنىڭ غەربىگە توپلاشقان، بۇ قەدىمىي شەھەر بىلەن كېرىيە دەرياسىنىڭ بۇرۇنقى قىنى ئاساسەن ماس كېلىدۇ. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدە  نۇرغۇنلىغان ھايۋانات سۆڭەكلىرى بار بولۇپ، قوي، تۆگە، كالا، ئات، ئېشەك،ئىت، بۇغا، توشقان، بېلىق سۆڭەكلىرى كۆپ. بۇنىڭدىن چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق،ئوۋچىلىق قاتارلىقلارنىڭ يۇمىلاق قۇملۇقلارنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى، كالىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئاساسلىق تېرىقچىلىق قورالى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقابولىدۇ. بۇلاردىن يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگىلىك قىياپىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى شىنجاڭدىن بۈگۈنگىچەبايقالغان ئەڭ قەدىمىي شەھەر ھېسابلىنىدۇ.  




يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىن ئالتە قەبرە توپى بايقالدى. قەبرىلەردىن تېرە كىيىم، يۇڭ رەختتىنتىكىلگەن كىيىم، ساپال، ياغاچ بويۇملار، مىس، تۆمۈردىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى تېپىلدى.  ئىنسانشۇناسلار بۇ قەبرىنىڭ يىل دەۋرىنى تەخمىنەن مىلادىدىن 100 يىل بۇرۇن  دەپ بېكىتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇكەممەل ساقلانغان قەبرە ئۈچ، جەسەتلەرنىڭ پۇتى پۈكلەندۈرۈلۈپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. يۇڭ رەخت ۋە تېرىدىن كېپەن  كەيگۈزۈلگەن، بېلى باغلانغان. قەبرىلەر توغراق شاخلىرىدىن ياسالغان شەمىگۆر،تىك ئورەك شەكىلدىكى شەمىگۆر، تىك ئورەك، تاۋۇتلۇق قەبرە  قاتارلىق تۆت خىل شەكىلدە. تاۋۇت ئىچىدىكى ئەر يالغان چاچ كىيىۋالغان، چېچى قوڭۇررەڭ، قاڭشارلىق، ئورا كۆز. قەبرىدىن بايقالغان توقۇلما بۇيۇملاردىن ئىككى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى يۇمىلاققۇملۇقلار يۇڭ توقۇمىچىلىق ئىشلىرىغا ئىنتايىن پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قوي يۇڭى، تۆگە يۇڭىدىن باشقا، ئاتنىڭ قۇيرۇقىدىكى قىللارمۇ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. رەڭ ۋە نەقىش تاللاشتا مول تەسەۋۋۇرئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان. يۇڭ توقۇلمىلار ئاق، سېرىق، قىزىل، كۆك، سۆسۈن، قارا،  بېغىر رەڭلەردە بويالغان. رەڭ  ماتىرىياللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى زىرائەت، كان مەھسۇلاتلىرى ۋە ھاشارەتلاردىن ئالغان. چاپان، ئىشتان ۋەكۆڭلەكلەرگە يۇڭ جىيەك ئىشلىتىپ بېزىگەن، نەقىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى گېئومتىرىيىلىك شەكىللەردە بولۇپ، تۈز  نەقىش ۋە قاپارتمانەقىشلەر بار.  




ئالىملار سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈش  ئارقىلىق، بۇنىڭدىن  ئىككى مىڭ يىللار بۇرۇن بۇ جايدا ئىنتايىن زىچ دەريا تورلىرى بارلىقى،ئۆسۈملۈك،  دەرەخلەرنىڭ بۈك-باراقسان ئۆسۈپ تۇرىدىغانلىقى، تۈرلۈك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بۇ ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ھاۋا كېلىماتىنىڭ بىر قەدەر نەم ئىكەنلىكىنى بايقىغان.




گەرچە يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى قۇملۇقتىكى بىر يېگانە ئارالغا ئوخشىسىمۇ، لېكىن ئارخېئولوگلار بۇ شەھەرنىڭ يىپەك يولى ئېچىلىشتىن بۇرۇنلا تاشقى دۇنيا بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. فرانسىيە ئىلىم- پەن مەركىزى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋىننا دىباننا فرانكفورت «ئاياللار بوينىغا تاقىۋالغان مارجان جەزمەن غەربتىن كەلگەن، بۇ يەر ئەڭ دەسلەپتىلا شەرق- غەرب مەدەنىيىتى ئۆز-ئارا ئۇچرىشىدىغان جاي بولغان» دەيدۇ. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەھلىل قىلىشتىن بايقىلىشىچە، يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرى جايلاشقان رايون كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي بىر ئاچىلى بولۇپ، كېرىيە دەرياسى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ ئوتتۇراقىسمىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتىن شىمالغا تەكلىماكان قۇملۇقىغا قاراپ ئېقىپ، ھازىرقى كېرىيە بوستانلىقىنى كېسىپ ئۆتۈپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە تەخمىنەن 200 كىلومېتىركىرگەندىن كېيىن ئاستا- ئاستا يوقاپ كېتىدۇ. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئەمەلىيتەكشۈرۈش ئارقىلىق قەدىمىي كېرىيە دەرياسىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنى چۆرىدەپ تەبىئىي مۇداپىئە سېپىلى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ شىڭجيا تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېرىيە دەرياسىنىڭ ھازىرقى خوتەن دەرياسىغا ئوخشاش جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئېقىپ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، تارىم دەرياسى بىلەن تۇتىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. كېرىيەدەرياسىنىڭ ھازىر يوقاپ كەتكەن جايى تارىم دەرياسىغا 200 كىلومېتىر كېلىدۇ،ئارىلىق چەكسىز قۇملۇقتۇر.  




تەكلىماكان قۇملۇقىدىن بايقالغان كروران،  نىيە،  دەندان ئۆيلۈك قاتارلىق مەشھۇر خارابىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىدە  خاتىرىلەنگەن، ھەتتا چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرىنى تۈركۈملەپ جەلپ قىلغان.ئەمما قۇملۇقنىڭ مەركىزىدىكى يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىنى  ھېچقانداق تارىخ كىتابلىرىدىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئارخېئولوگىيە خادىملىرى بۇ شەھەردىن ھېچقانداق يازما مېتېرىيال ياكى ۋەسىقە تاپالمىدى. بۇ تەرەپ ئارخىئولوگىيەخادىملىرىغا نىسبەتەن يېشىلمەس سىر بولۇپ قالدى. يۇمىلاققۇم قەدىمىي شەھىرىدىن غەربىي خەن سۇلالىسىدىن كېينكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلمىغان. شۇڭا، جۇڭگو-فرانسىىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىردەك: «بۇ شەھەر جەزمەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيران بولغان» دەپ قارىماقتا.




«تارىخى خاتىرىلەر. فەرغانە تەزكىرىسى 63- جىلد»دا:«جاڭ چىيەن فەرغانە، سوغدىيانا، باكتىرىيە، توخرىلار، ئارساك (بۇخارا)، ھىندىستان،ئۇدۇن، 扜鳁 ۋە ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەرگە نائىپ ئەلچى ئەۋەتتى.» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ كىتابنىڭ مۇشۇ جىلتىدىكى يىل نامىلەرگەئاساسلانغاندا، جاڭ چىيەننىڭ 扜鳁 گە نائىپ ئەلچى ئەۋەتكەن ۋاختى مىلادىدىن بۇرۇنقى 121- يىلىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ باياندىن شۇدەۋىردە بۇ بەگلىكنىڭ باشقا بەگلىكلەر بېلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان قۇدرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھرىنىڭ زاۋاللىققايۈز تۇتۇش، ئاھالىلارنىڭ كۆچۈشى، ئاخىر تاشلىنىپ قېلىش جەريانىنى نەزەردەتۇتقاندا، جاڭ چىيەن 扜鳁 گە نائىپ ئەلچى ئەۋەتكەن دەۋىرلەردە بۇ شەھەر ھېلىھىم مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئاھالىسى ئازلاپ، 扜鳁 بەگلىكىگە قاراشلىق شەھەر ياكى مۇستەقىل بولسىمۇ، ئىنتايىن زەئىپلىشىپ،باشقا بەگلىكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەسىرى قالمىغان ھالەتتە بولۇشى مۈمكىن.تارىخى ماتېرىياللاردىكى 扜鳁 بەگلىكىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندىمۇ، 扜鳁 بەگلىكىنىڭ يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھرى ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.




شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى،تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە شەھەر- راباتلارنى بەرپا قىلىپ ياشىغان ئاھالىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دەريا سۈيىنىڭ تارتىلىپ كېتىشى ياكى ئېقىن ئۆزگەرتىشى سەۋەپلىك يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تۈپەيلى، ياشاپ كېلىۋاتقان شەھەر-راباتلارنى تاشلاپ، باشقا رايۇنلاغا كۆچكەن. قەدىمىي شەھەرلەردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالە ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا- سېتىق بېلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بولۇپ، چارۋىچىلار يەنىلا يايلاقلارنى ئاساس قىلىپ كۆچمەن ياكى يېرىم كۆچمەن ھالەتتە شۇ شەھەرنى سۇ بېلەن تەمىن ئېتىدىغان دەريا- ئېقىنلارنى بويلاپ ياشىغان.



كېيىنكى دەۋىرلەردە بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق ئىگىلىكتىكى مەھەللە- كەنتلەرنى بەرپا قىلغان. قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن كۆچكەن ئاھالە ئەلبەتتە ئۆز قەۋمىدىن بولغان كىشىلەر يىڭىدىن بەرپا قىلغان، سۈيىمول كەنتلەرگە كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، يىڭى شەھەرلەرنى بەرپاقىلغان. يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھەر خارابىسى بېلەن دەندان ئۆيلۈك، ئۇزۇنتات قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمقى دەۋىردىكى غەربى تارمىقى بويىغاجايلاشقان بولغاچقا، ئارخىولوگلار دەندان ئۆيلۈك خارابىسى يۇمۇلاق قۇملۇقلار كۆچۈپكېلىپ بەرپا قىلغان شەھەر بولۇشى مۈمكىن، دەپ قارىماقتا.




«يۇمۇلاققۇم» ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدا ياسالغان ئىسىم بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك شەكلىگە ئاساسەن قويغان نام. «يۇمۇلاق (دۈگۈلەك) + قۇم» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن ياسالغان. بۇ نام ھەرگىزمۇ بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلى نامى ئەمەس. دېمەك،يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھرى گەرچە كېرىيەلىكلەرنىڭ ئەجداتلىرى بەرپا قىلغان شەھەربولسىمۇ، لېكىن ئەسلى نامىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، دىنىي ئېتىقادى، تىل- يېزىقى قاتارلىقلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.




2. قارادۆڭ قەدىمىي شەھرى



بۇ خارابە كېرىيەناھىيىسى دەريا بويى يېزىسىغا جايلاشقان. ناھىيە مەركىزى بىلەنكى تۈز سىزىقئارىلىقى 187 كىلومېتىر. خوتەن بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 240 كلومېتىر،يۇمۇلاققۇم قەدىمىي شەھەر خارابىسى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 44.4 كلومېتىر،ماجانلىق قەدىمىي ئىزى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 11.2 كلومېتىر، دەندان ئۆيلۈك بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 109 كلومېتىر. كېرىيە دەرياسى قەدىمىي ئېقىنىنىڭ شەرقى تارمىقى بويىغا جايلاشقان. خەن، جىن سۇلالىسى دەۋىرلىرىگە(مىلادىدىن بۇرۇنقى 206- يىلىدىن مىلادى 420- يىللار) تەۋە خارابە بولۇپ، 1896–يىلى شۋېتسىيىلىك سۋېن ھېدىن تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، 1901– يىلى قېزىش ئېلىپ بارغان.



1991–، 1993– ۋە 1994– يىللىرى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن فرانسىيە ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى 315– گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ خارابىدە سىستېمىلىق تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ بارغان. خارابىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تۆت خىل ئاساسىي تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ.ئۇلار: ئادەتتىكى قۇرۇلۇش، بۇددا ئىبادەتخانىسى، دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىزلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلانغان يەرلەردىن ئىبارەت بولۇپ، جەمئىي 63 ئورۇنغا تارقالغان. قەلئە چاسا شەكىلدىرەك بولۇپ، خارابىلىكنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان؛ بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن ئىككىسى بولۇپ، ئۇلارقەلئەنىڭ شەرىقى ۋە جەنۇبىغا جايلاشقان، تەكشى يۈزى回  خېتى شەكلىدە. سۇغىرىش ئۆستەڭلىرى خارابىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا. ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋەقورۇ– جاي ئىزلىرى پۈتۈنلەي خارابە ئىچىگە تارقالغان. قۇرۇلۇشلار ياغاچ، قۇمۇچ،يۇلغۇننى ئاساسىي ماتېرىيال قىلغان. بۇ خارابىلىكتىن مىس، تاش، تۆمۈر، ئەينەك بۇيۇملار، تاش يارغۇنچاق، سۈرمەل، بەش جۇلۇق يارماق ھەمدە تاش ۋە ئەينەك مارجان قاتارلىق تېپىلمىلار تېپىلغان. بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىن تام رەسىملىرىنىڭ پارچىلىرى تېپىلغان. خارابە پۈتۈنلەي قۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، يوقارقى ئەترەت بۇ شەھەردە ئېلىپ بارغان ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تېپىلمىلار ئۈستىدىكى كاربون 14 ئانالىزى ئارقىلىق، قارا دۆڭ شەھرىنىڭ ئىنسانلار ئەڭ ئاخىرقى پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەۋرى مىلادىيە 3–، 4– ئەسىرلەر دەپ قارالماقتا. ئارخىلوگلارقارا دۆڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى يۇمۇلاق قۇملارقلار كۆچۈپ بەرپا قىلغان شەھەربولۇشى مۈمكىن، دەپ قارايدۇ. خارابىلىكنىڭ جەنۇبىدىن تەخمىنەن 11 كلومېتىريىراقلىقتا ماجانلىق قەدىمىي ئىزى بار بولۇپ، مۇتەخەسىسلەر بۇ ئىزنى قارا دۆڭ خارابىسى بېلەن بىر دەۋىردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەپ قارىماقتا.




«قارا دۆڭ» ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ياسالغان ئىسىم بولۇپ، «قارا + دۆڭ» ئىككى سۆزدىن ياسالغان. بۇخارابىلىك ئەتراپىنى يولغۇنلۇق قۇم دۆڭلىرى ئوراپ تۇرىدۇ، يەرگە چۈشۈپ چىرىگەن يۇلغۇن چىمەنلىرى تۇپراقنىڭ رەڭگىنى قارامتۇل ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغاچقا،يەرلىكلەر شۇنداق دەپ ئاتىغان.




3. دەندان ئۆيلۈك خارابىسى



بۇ خارابە ھازىرقى چىراناھىيىسى دامكۇ، گۇلاخما يېزىلىرىنىڭ شىمالىغا، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئوتتۇرسىغاجايلاشقان بولۇپ، چىرا بوستانلىقى بىلەنكى تۈز سىزىق ئارلىقى 90 كىلومېتىر، خوتەن بېلەنكى تۈزسىزىق ئارىلىقى 130 كلومېتىر، قارادۆڭ قەدىمىي شەھەرخاربىسى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 109 كلومېتىر، كروران قەدىمىي شەھەر خاربىسى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 824 كلومېتىر. كېرىيە دەرياسى قەدىمىي غەربى غول تارمىقى بويىغا جايلاشقان. بۇ خارابىلىكتە ئاۋرېل سىتەيىن بىرنەچچە قېتىم قېزىش ئېلىپ بارغان. 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى مەملىكىتىمىز ۋە ياپونىيەقاتارلىق چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيە ئەتەرەتلىرى بىر نەچچە قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەقېزىش ئېلىپ بارغان. 1997– يىلدىكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، ئېچىلىپ قالغان ئىزلار جەنۇبتىن شىمالغا ئوزۇنلىقى تەخمىنەن 12 كىلومېتىر،شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىگە تارقالغان.خارابىنىڭ سەل جەنۇبىدىكى تەخمىنەن ئىككى كۋادرات كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە قەدىمىيئىزدىن توققۇزى بار. ياغاچ تۈۋرۈكلۈك قومۇش تاملىق تۇرالغۇ ئۆيلەر، 回 خېتى شەكىللىك بۇددا ئىبادەتخانىسى، چىتلاق، قۇرۇپ كەتكەن ئۈجمىلىك قاتارلىقلارنى ناھايىتى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئاۋرېل سىتەيىن بۇخارابىنى قېزىپ، نۇرغۇن بۇددا تام رەسىملىرى، ياغاچ تاختايغا سىزىلغان رەسىملەر،خەنزۇ يېزىقىدىكى ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسلار ھۆججەتلىرىدىن 15 پارچە، ئۇدۇن يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ئېرىشكەن ھۆججەت- ۋەسىقىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن بۇ خارابە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ ئالتە شەھىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، قورغان سانغۇنىنىڭ ياڭ جىنچىڭ ئىكەنلىكى، ئالتە شەھەرنىڭ بېگى«ئاماچىۋىسا» ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ياغاچ تاختايغا سىزىلغان رەسىملەرد ەيىپەكنىڭ ئۇدۇنغا تارقىلىپ كىرىشى ۋە چاشقان پادىشاھى توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر  تەسۋىرلەنگەن.




بۇ خارابىلىكتىن تېپىلغان تېپىلمىلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئارخىئولوگلار بۇ شەھەر خەن دەۋرىدىن تاڭ دەۋرىگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇغان، دەپ قارىماقتا. بىر قسىم ئارخىئولوگلار بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لايقى قورغىنىنىڭ ئەسلى ئورنى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ئۇمې بەگلىكىنىڭ ئورنى دەپقارايدۇ.




دەندان ئۆيلۈك «دەندان +ئۆيلۈك» ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولۇپ، «دەندان» پارىس تىلىدا چىش دېگەن مەنىدە. خوتەن ساك تىلىدا «داندا» سۆزى چىش مەنىسىدە. سانسىكرت تىلىدا «پىل چىشى»دېگەن مەنىدە. ئۆيلۈك – ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى. لېكىن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار«دەندان ئۆيلۈك» سۆزىنى سانسىكرىتچە «Dantaloka» (Danta پىل چىشى، loka ئائىلەدېگەن مەنىدە) دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارپىراكىت تىلىدىكى «danta» سۆزىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. ئۇلار «يىڭى تاڭ نامە»دىكى «达德力城» سۆزى «دەندان ئۆيلۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدەپ قارايدۇ.① لېكىن «دەندان» سۆزىنىڭ مەنىسى يەر نامىغا ماس كەلمەيدۇ.يەنە كېلىپ، بۇ رايۇندا پىل ياشىيالمايدۇ، بۇ رايۇندىن پىل چىشى تېپىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق، ھەم پىل چىشى چىقىشىمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. بىراھمى يېزىقىدىكى ھۆججەت- ۋەسىقىلەردە، چەرچەننىڭ قەدىمقى نامى «Calmadana» دەپ ئۇچرايدۇ. خوتەننىڭ قەدىمقى نامى «kustana, khotana, khodana» دەپ ئۇچرايدۇ. كرورەننىڭ قەدىمىقى نامى  kroraina دەپ ئۇچرايدۇ. «乌秅» نامى uddiyana دەپ ئۇچرايدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇ يەرناملىرىنىڭ ئاخىرى بىردەك «ana, yana» بېلەن تۈزۈلگەن. بۇ خىل ئەھۋال بۇسۆزلەرنىڭ ئاخىرىدىكى «ana, yana»لار شەھەر، ئايماق ياكى بەگلىك دېگەن مەنانى بىرىدىغاندەك قىلىپ تۇرىدۇ. «خوتەن ساك تىلى لوغىتى»دە يانا (yāna-) سۆزىگە «① پوتا ② رايۇن، بەلباغ» دەپ تەبىر بېرىلگەن.بۇ خىل يەر ناملىرى ياساش ئادىتى ساك تىلىدىن قالغان ئادەت بولسا كېرەك.



چۈنكى ساكلار كۆچۈپ بېرىپ دۆلەت قۇرغان رايۇنلاردا «ئىندىيانا»، «سوغدىيانا» دېگەندەك تارىخى يەر ناملىرى ئۇچرايدۇ. شۇ بويىچە قارىغاندا، «دەندان» سۆزى «دەندانا» ياكى«دەندىيانا» بولۇپ، كېيىنكى دەۋىرلەردە قىسقىراپ «دەندان» بولۇپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. ئەگەر بۇ قىياسىم توغرا بولسا، «دەندانا» بۇ شەھەرنىڭ ئەسلى نامى بولۇپ،«ئۆيلۈك» سۆزىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدا مېنىڭ قىياسىم مۇنداق ئىككى خىل: 1) كېيىنكى دەۋىرلەردە يەرلىك كىشىلەر بۇ خارابىلىكتە ساقلىنىپ قالغان ئۆيلەرنى كۆرۈپ، «دەنداناشەھرىنىڭ ئۆيلىرى» دېگەن مەنىدە شۇنداق ئاتىغان بولۇشى مۈمكىن؛



2) «ئىلەك» سۆزىدىن  فونىتىلىك ئۆزگۈرۈش ياساپ شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن. خوتەن شىۋىسىدە كەلكۈن پەسلىدە كەلكۈن سۈيى كېلىدىغان، باشقا پەسىلدە سېزىندى سۇلار يىغىلىپ ئاقىدىغان كىچىك ئېقىنلار «ئىلەك» دەپ ئاتىلىدۇ. كېرىيە ناھىيىسىدە «قۇرۇغ ئىلەك» (قۇرۇقئىلەك)، «سېسىغلەك» (سېسىق ئىلەك) دېگەن ئېقىن نامىلىرى بار. كېرىيە دەرياسىنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىشى بېلەن قەدىمكى كېرىيە دەرياسىنىڭ بۇ شەھەرنى سۇ بېلەن تەمىنلەيدىغان ئېقىنىدا سۇ ئۈزۈلگەندىن كېيىن، دەريا قىنىدا سىزىندى سۇ يىغىلىپ ئاقىدىغان ئىلەك ھاسىل قىلغان بولۇشى ئىھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. چۈنكى سېسىغ لەكمۇكېرىيە دەرياسى قەدىمىي تارماق ئېقىنىنىڭ ئىزى. شۇنداق بولغاندا، بۇ سۆز «دەندانائىلەك» بولۇپ، كېيىنچە ئېغىز تىلىدا «دەندان ئۆيلۈك» بولۇپ قالغان بولۇشى مۈمكىن.




4. ئۇزۇنتات خارابىسى



ئۇزۇنتات خارابىسى چىراناھىيىسى دامىكۇ يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان بولۇپ، دامىكۇ بوستانلىقى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 20 كلومېتىر، خوتەن بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى110 كلومېتىر، دەندان ئۆيلۈك خارابىسىنىڭ قىيپاشراق جەنۇبىغا توغراكېلىدۇ، تۈزسىزىق ئارىلىقى 67 كلومېتىر، بەشتوغراق قەدىمىي شەھەرئورنى بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 52 كلومېتىر. خارابىلىك نىسبەتەن كەڭ دائىرىگە تارقالغان بولۇپ، دامىكۇ يېزىسىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى قۇملۇق، يۇلغۇنلۇقلاردا ئاز بولمىغان قەدىمىي ئىزلار، بۇدخانا ئىزلىرى، بۇددا مۇنارى قاتارلىقلار بار. مالقالغان، پەرھات بەگنىڭ يايلىقى،خادىلىق، مازا توغراق قاتارلىق خارابە نوقتىلىرى بار. ئاۋرېل سىتەيىن بۇخارابىلىكتە بىر نەچچە قېتىم قېزىش ئېلىپ بارغان ۋە «تاڭ دەۋرىدىكى غەرىبكەساياھەت خاتىرىسى»دا تىلغا ئېلىنغان媲摩  شەھرىنى «دامىكۇنىڭ شەرقىدىكى رايۇندا» دەپ قارىغان.②




ئۇزۇنتات خارابىسى ئۈستىدە تېخى سېستىمىلىق ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىدى. پەقەت تېپىلمىلار ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، ئۇزۇنتات خارابىسىنى خەن دەۋرىدىن تاڭ دەۋرىگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇشى مۈمكىن دەپ قارالماقتا.




«ئۇزۇن تات» يەرلىك تىلدا يەنە «ئۇزۇن تېتى» دەپمۇئاتىلىدۇ. بۇ سۆز ھازىرقى زامان خوتەن شىۋىسىدە ياسالغان ئىسىم بولۇپ، «ئۇزۇن»سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بېلەن ئوخشاش «يىراق» دېگەن مەنىدە. «تېتى» سۆزى«سېغىز، قۇم، شور ئارىلاش، سۇ بارمايدىغان، قاقاس يەر» دېگەن مەنىدە. بۇ سۆز باشقاشىۋىلەردە «تېتىر»، «تېتىرلىق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ سەل قەدىمقىراق دەۋىردىكى تەلەپپۇزى «تاتى» بولۇپ، ئاۋرىل سىتەيىن ئۆزىنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە خاتىرىلىرىدە باشقارايۇنلاردىكى مۇشۇ خىلدىكى يەرلەرنى بىردەك يەرلىك تىل بويىچە «تاتى» دەپ ئاتىغان.بۇ سۆز ئېغىز تىلىدا قىسقىراپ «تات» بولۇپ قالغان. دېمەك بۇ سۆزنىڭ مەنىسى«يىراقتىكى قاقاس يەر» دېگەن مەنىدە. شۇڭا بۇ ئىسىمنى بۇ خارابىلىكنىڭ ئەسلى نامى دېگىلى بولمايدۇ. بەلكى يېقىنقى دەۋىرلەردە يەرلىك كىشىلەر بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى ۋە تۇپراق ئەھۋالىغا قاراپ قويغان ئىسىمدۇر.




5. بەشتوغراق قەدىمىي شەھرى



بۇ خارابە كېرىيە ناھىيىسى سىيەك يېزىسى بەشتوغراق كەنتگە جايلاشقان بولۇپ، 1958- يىلدىكى تەكشۈرۈشتە 3.5 كلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شەھەرسېپىلى قالدۇقى بار ئىدى. 1985- يىلدىكى تەكشۈرۈشتە بۇ سېپىل قالدۇقى نەچچە ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىلا قالغان، ھازىر پۈتۈنلەي يوقاپ تېرىمغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەرلىك كىشىلەر بۇ يەردە بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە دېھقانچىلىق قىلىش جەريانىدا، مارجان، مىسيارماق، ساپال پارچىلىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى تېپىۋالغان. بۇ رايۇندا ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر ياكى ئارخىئولوگلار ھېچقانداق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ يىل دەۋرى، ئەمەلىي كۆلۈمى قاتارلىقلار توغرىسىداھېچقانداق ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق. يەرلىك كىشىلەرنىڭ پاكىت بېرىشىچە، بەشتوغراق كەنتى تەۋەسىدىكى بۇ شەھەردە يات بىر قەۋىم ياشاپ كەلگەن. مىلادى 1810- يىلىدىكى بىر قېتىملىق زور كەلكۈن بۇ شەھەرگە باستۇرۇپ كېلىپ، شەھەرنى ھەيران قىلىۋەتكەن، شەھەر سېپىلىنىڭ كۆپ قىسمى شۇ قېتىملىق كەلكۈندە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. بۇنىڭ بېلەن بۇ شەھەردىكى ئاھالە بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن.شەھەر سېپىلى سوقما تام بولۇپ، 1985- يىلىدىكى قالدۇقىنىڭ قېلىنلىقى 4 مېتىرئەتراپىدا، ئىگىزلىكى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا ئىدى. سېپىل قالدۇقى كوپىراتسىيە دەۋرىدىكى بوزيەر ئېچىشتا ئاز- ئازدىن چۇۋۇلۇپ تېرىمغا ئۆزگەرتىلگەن. 2002-، 2003-يىللىرى ئەڭ ئاخىرقى سېپىل قالدۇقى پۈتۈنلەي چۇۋۇلۇپ تېرىمغا ئايلاندۇرۇلغان.ھازىرمۇ سېپىل ئورنىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردىن ساپال پارچىسى، مارجان دېگەندەك بۇيۇملار تېپىلىدىكەن. بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەر ئەينى دەۋىردە خېلىلا چوڭ شەھەر بولۇپ، تاكى 1810- يىلىغىچە ئاھالە داۋاملىق تۈردە ياشاپ كەلگەن.لېكىن بۇ شەھەرنىڭ نامىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرەر مەلۇمات ياكى رىۋايەت يوق. شەھەر خارابىسى – قىغاز كەنتىدىكى دېھقانلار يىڭىدىن بوزيەر ئېچىپ بەرپاقىلغان بەشتوغراق كەنتى تەۋەسىدە بولغاچقا، «بەشتوغراق قەدىمىي شەھەر خارابىسى»دەپ ئاتالغان.




6. 拘弥بەگلىكىنىڭ نامى مەسىلىسى



«تارىخى خاتىرىلەر»، «خەننامە»، «كېيىنكى خەن نامە»، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردە  تىلغا ئېلىنغان 拘弥، 扜冞، 污弥،宁弥، 杅弥، 居弥،汗弥، 扞弥،宁弥 سۆزلىرى قەدىمكى زامان خەنزۇ تىلىدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؟ يەرلىك تىلدىكى نامى قانداق ئىدى؟ بىز بۇمەسىلىگە جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، ئالدى بېلەن قەدىمىي زامان خەنزۇ تىلىغا، ئاندىن كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى شەرھىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. گو شىلىياڭ تۈزگەن «خەنزۇچە خەتلەرنىڭ قەدىمىي تەلەپپۇزى قوللانمىسى»دىكى يېشىملەرگەئاساسلانغاندا: 扜 خېتى «iwa, iu» (يىۋا، يۇ) دەپ؛ 拘 خېتى«kiwo,kiu» (كىيۇ، كىۋو) دەپ؛ 居 خېتى «kia, kio» (كىئا، كىئو) دەپ؛ 扞، 汗 خەتلىرى «yan» (يەن) دەپ؛ 污،汙 لەر «a, u»(ئا، ئۇ، ۋۇ) دەپ؛ 杅 خېتى «kan» (كەن) دەپ؛ 宁 خېتى «nieng» (نىيېڭ) دەپ؛ 弥،冞 خەتلىرى ئوخشاش «miei,mie» (مىيې) دەپ تەلەپپۇزقىلىنىدىغانلىقىنى مەلۇم. شۇنداق بولغاندا بۇ سۆزلەرنىڭ تەلپپۇزى مۇنداق بولىدۇ:



扜冞,扜弥             iwamie                  يىۋامىې



拘弥                  kiumie                  كىيۇمىې



污弥 ,  汙弥          umie,amie             ئامىې، ئۇمىې، ۋۇمىې



宁弥               niengmie                    نىيېڭمىې



杅弥             kanmie                       كەنمىې



居弥                kiamie,kiomie            كىئامىې، كىئومىې



汗弥,扞弥          yanmie                    يەنمىې




سېن جوڭمىيەن تۈزگەن «خەن نامە غەربى دىيارتەزكىرىسىدىكى يەر ناملىرىغا يىشىم» ناملىق كىتابتا «扜弥»سۆزى ئۈستىدە توختۇلۇپ: 扜خېتى «چىرا تەزكىرىسى»دە 木 يان بۆلىكى بېلەن 杅 شەكلىدە يېزىلغان. «تارىخى خاتىرىلەر» 123- بۆلەك «فەرغانە تەزكىرىسى»دە: ”شەرقىدە 扞冞، 于阗 بار“ دەپ يېزىلغان. «توپلامشەرھى»نىڭ مۇئەللىپى يۈن شۈگۇاڭ: ”«خەن سۇلالىسى تارىخى»دا 拘弥 بەگلىكى، ئۇدۇنغا 300 چاقىرىم دىيىلگەن، 扜冞 سۆزى 拘弥شەكلىدەيېزىلغان“ دېگەن. «خەن نامەنىڭ داۋامى»دا:宁弥”بەگلىكى،ئەسلى ئىسمى 拘弥،ھەم 拘弥 ھەم 宁弥 دىيىلىدۇ. تەزكىرىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، 扜弥 نىڭ ھازىرقى نامى 宁弥 بولۇپ، كېيىنكى كىتابلاردا 拘弥، 居弥،宁弥 شەھرى دەپ ئېلىنغان، 扞弥، 拘弥 لەر بىر تەلەپپۇزدىن ئۆزگەرگەن، 宁弥 ئاستانە (مەركىزى) شەھرىنىڭ نامىدۇر“ دىيىلگەن.



شا ۋەن تۈزگەن «ئىخچامۋىي نامە. غەربى روڭ تەزكىرىسىگە ئىزاھات»تا: ”扜弥 دۆلىتى، بۇ دۆلەتنىڭ«بۇرۇنقى خەن نامە» دە 扜弥 دەپ يېزىلىشى خاتا.“ دىيىلگەن. يىن سوڭيۈننىڭ «سەپەرخاتىرىلىرى»دە 捍么،«تاڭ نامە»دە 汗弥دىيىلگەن. «يۆ مەنتاڭ تارىخى خاتىرىلەردىن خاتىرە» 2- باپتا: ”«خەننامە. غەربىيۇرت تەزكىرىسى»دە 扜弥يېزىلغان، 扜بېلەن 拘 نىڭ ئاھاڭى يېقىن، 扜 يېزىش خاتا“ دىيىلگەن. 扞بېلەن 扜 نىڭ قايسىسى توغرا، سۆزمەنبىئىنى تاپمىغۇچە يەشكىلى بولمايدۇ،③ دەپ يازغان.




خەن سۇلالىسىدا ئۆتكەن تارىخچى سىماچىيەن يازغان«تارىخى خاتىرىلەر»نىڭ «فەرغانە تەزكىرىسى 63- جىلد»دا: «تەفسىرچىچۇ گۇاڭ: ”خەن خاتىرىلىرىدە拘弥  بەگلىكىدىن ئۇدۇنغا 300 چاقىرىم دىيىلىدۇ.“ئەسلىسى 扜冞، دۆلەت ئىسمى، تەلەپپۇزى  污弥ئىككى بوغۇم. خەنخاتىرلىرىدە شۇنداق خاتىرىلەنگەن. 拘نىڭ تەلەپپۇزى 俱، 弥 نىڭ تەلەپپۇزى 冞 دۇر، 拘弥بېلەن 扜冞 ئىككىسى بىردۇر.» دىيىلگەن. يوقارقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا،مەيلى 拘弥 ياكى 扜弥، 宁弥 بولسۇن، بۇ سۆزلەرنىڭ قەدىمىي تەلەپپۇزى «污弥»غامەركەزلىشىدۇ. بۇ سۆزنىڭ قەدىمىي خەنزۇ تىلىدىكى تەلپپۇزى «umie» ياكى «amie» بولىدۇ. شۇڭا 拘弥،扜冞، 污弥، 宁弥،杅弥، 居弥،汗弥، 扞弥، 宁弥 لاربىردەك «umie»ياكى «amie»تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك. ئىلگىرى بۇ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا ئۇزۇنتات خارابىسىنىڭ ھازىرقى زامان نامى بېلەن «ئۇزۇنتات»، «ئۇزۇنتات بەگلىكى»، «ئۇزۇنتات دۆلىتى» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. بىز يوقارقى مەلۇماتلاغا ئاساسەن، بۇ تەرجىمىنىڭ خاتالىقىنى بىلەلەيمىز.




ئالىم ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن ئۆزىنىڭ «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق ئەسىرىدە بۇ سۆزلەرنى «ئۇمى»دەپ ئالغان.④ ئۇنىڭ بۇنداق تەلەپپۇز قىلىشىنى قەدىمىي زامان خەنزۇيېزىقلىرىنىڭ شۇ دەۋىردىكى تەلەپپۇزىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.



بۇنىڭدىن باشقا، كارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە «khema» دېگەن نام ئۇچرايدۇ. بۇ نامئۇدۇننىڭ نامى «khotamnade» بېلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلگەن بولغاچقا، فىلولوگ ج. بۇرروۋ (J.Burrow) ” khemaسۆزىخاس ئىسىم“ دەپ قارايدۇ.



فىلولوگ تۇماس”扜弥، 拘弥،宁弥 ياكى 杅弥 لار قەدىمىي بەگلىك بولۇپ، نېرەن بەگلىكى بېلەنخوشنا، چىرا دەرياسى بېلەن كېرىيە دەرياسى ئارىسىغا جايلاشقان، چىرا، كېرىيە دېگەنناملار بېلەن كارۇشتى يېزىقىدىكى نام يېقىنلاشمايدۇ. بۇ «khotamna-khema» قوشما سۆزى بېلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى مىلادى 150- يىلى (ئەمەلىيەتتە مىلادى 129- يىلى – ئا) ئۇدۇنتەرىپىدىن يۇتىۋېلىنغان. khema سۆزى ئۇدۇننىڭ يەرلىك تىلى ئىكەنلىكى ئېنىق.  khemaنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ سانلىق كىشىلەر سانسكرت تىلىدىكى ksema، يەنى تۈبۈت ۋەسىقىلىرىدىكى خوتەننىڭ نامى Dge-ba بېلەن بىردەك، دەپ قارايدۇ. khema نى ئۇدۇن دەپ ئاتاشقا ئېنىق دەلىل بولمىسىمۇ، مىلادى 3-، 4- ئەسىرلەردىكى توغرا ئىشلىتىلىشى بۇ قارىشىمىزغائاساس بولالايدۇ“⑥ دەپ، khema سۆزىنى ئۇدۇننىڭ نامى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن سېن جوڭمىيەن ئەپەندى: ” 扜نىڭ تەلەپپۇزى xiu (خىيۇ)، 拘نىڭ kiu (كىيۇ)، x بېلەن k دائىم ئالمىشىپ كېلىدۇ، شۇڭا 弥拘، 扜(杅)弥 لارنى khema دىيىش دۇرۇس. 扞 ran بېلەن 捍، 汗لەر ئوخشاش، x بېلەن k ئىران يېزىقىدا دائىمئالمىشىپ كېلىدۇ، m بېلەنn ئۆز ئارا ئۆتۈشىدۇ، شۇڭا 扞弥، 捍么،汗弥 لارنى khema دىيىش دۇرۇس. بىراھمى يېزىقى بېلەن خەنزۇچە نام شۇنچە يېقىن تۇرسىمۇ، توماس ئىنكار قىلغان، بۇ يەر كېيىن ئۇدۇن تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇ نام ئۇدۇنغا كۆچكەن دىيىلسە ئانچە غەلىتەبولماس.“⑦ دەپ، توماسلىڭ قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ سۆزنىڭ 扞弥، 捍么،汗弥 لارنىڭ كارۇشتى يېزىقىدىكى شەكلى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.



يوقارقى قاراشلارغا قارىتا مېنىڭ قارىشىم مۇنداق:



خوتەن ساك تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلار بېلەن باشلانغان ئىسىملارنىڭ ئالدىغا «ھ» تاۋۇشىنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتى بار. شۇڭا مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا:”خوتەنلىكلەر بېلەن كەنچەكلەر سۆزنىڭ بېشىدىكى «ا – ئىلىف»نى «ھ- file:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image002.jpg»غا ئالماشتۇرىدۇ... مەسىلەن: تۈركلەر «ئاتا»نى «file:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image004.jpgتا- ata» دېسە، ئۇلار «file:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image006.jpgتا-ata file:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image002.jpg» دەيدۇ؛ تۈركلەر «ئانا»نى «file:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image004.jpgنا » دېسە،ئۇلار «file:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image006.jpgنا file:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image002.jpgana» دەيدۇ.“ دەپ يازغان.⑧ شۇنداق بولغاندا، خوتەن ساكتىلىدا «ئۇمې» سۆزى «ھۇمى» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ يەردىكى khema «ھۇمى»نىڭ بىراھمى يېزىقىدىكى يېزىلىشى بولۇپ، «ھېما» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى مۈمكىن. چۈنكى خوتەنمۇ خوتەن ساك تىلىنىڭ قەدىمكى شەكلىدە «ھۇدۇن» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «ھوتەن» بولۇپ، ئاندىن ھازىرقى «خوتەن» شەكلىگە ئۆزگەرگەن. «ھۇدۇن، ھوتەن» سۆزلىرى بىراھمى يېزىقىدا «khotamnade، khotamna، khotan» شەكلىدە ئۇچرايدۇ. مۇنداقچەئېيتقاندا، خوتەن ساك تىلىدىكى «ھ» تاۋۇشى بىراھمى يېزىقىدا «kh» تەلەپپۇزىدا  ئىپادىلەنگەن بولۇشى مۈمكىن.




دېمەك، خەن دەۋرىدەقۇرۇلغان ئۇمې بەگلىكى بەزىدە مۇستەقىل، بەزىدە ئۇدۇنغا قاراشلىق ئۆلكە ياكى ئايماق بولۇپ، تاڭ دەۋرىگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. بەزىدە پايتەخت قىلىنغان شەھەرنى «ئۇمې» نامى بېلەن ئاتىغان بولسا، بەزىدە دۆلەت نامىنى شۇنداق ئاتاپ،پايتەختىنى ئۆز نامى بېلەن ئاتىغان.




7. ئۇمې بەگلىكىنىڭ ئورنى مەسىلىسى.



تارىخچىلار ۋە ئارخىئولوگىيەخادىملىرىنىڭ بىر قىسمى «تارىخى خاتىرىلەر»، «خەننامە»، «كېيىنكى خەن نامە»، «ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردە  تىلغا ئېلىنغان 拘弥، 扜冞، 污弥،宁弥، 杅弥، 居弥،汗弥، 扞弥،宁弥 نى ئۇزۇنتات قەدىمىي شەھەرخارابىسى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي شەھەر خارابىسى دەپقارايدۇ، يەنە بەزىسى قارادۆڭ قەدىمىي شەھەر خارابىسى دەپ قارايدۇ. بۇ ھازىرغىچەئېنىق بېكىتىلمىگەن بىر مەسىلە.



شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى،ئارخىئولوگلار دەندان ئۆيلۈك ۋە ئۇزۇنتات خارابىلىرىدىن تېپىلغان ۋۇجۇ يارمىقىغائاساسلىنىپلا، «ئىنسانلار پائالىيىتى خەن دەۋرىدىن باشلانغان» دەپ قارىماقتا.لېكىن، قەدىمىي دەۋىردىكى مىس يارماقلارنىڭ كېيىنكى دەۋىرلەردىمۇ داۋاملىق خەجلەنگەنلىكى، يەنە كىلىپ، ۋۇجۇ يارمىقى گەرچە خەن دەۋرىدە پەيدا بولغان بولسىمۇ،كېيىنكى دەۋىرلەردىمۇ داۋاملىق ۋۇجۇ يارمىقى قۇيۇپ ئىشلىتىلگەنلىكىدىن ئىبارەت بىرتەرەپ – بۇ خارابىلەردە «ئىنسانلار پائالىيىتى خەن دەۋرىدىن باشلانغان»لىقىغاگۇمان پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بۇ خارابىلەردە «ئىنسانلار پائالىيىتى خەن دەۋرىدىنباشلانغان» بولسا، ئۇنداقتا، يۇمۇلاققۇم، قارادۆڭ، دەندان ئۆيلۈك، ئۇزۇنتاتقاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە «ئىنسانلار پائالىيىتى خەن دەۋرىدىن باشلانغان»بولىدۇ. بۇ شەھەرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان.



ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئەينى دەۋىردە بۇ شەھەرلەردە ئىقتىزاد، مەدەنىيەت، ئىشلەپ چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردەبىر بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك تەرەققىياتلار مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئاھالىسىنىڭمۇ خېلى كۆپئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئۇنداقتا، تارىخى تەزكىرىلەردە نېمە ئۈچۈن بۇشەھەرلەر ئايرىم- ئايرىم تىلغا ئېلىنمايدۇ؟




مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ۋە تارىخى تەزكىرىلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، مېنىڭچە يۇمۇلاق قۇملۇقلار غەربى خەنسۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كېلىپ، ئاھالىسى تەدرىجى باشقارايۇنلارغا كۆچۈشكە باشلىغان. بۇ دەۋىرلەردە قارا دۆڭ بوستانلىقىدا كەنت ياكىقورۇل مەۋجۇت بولۇپ، ھۈنەرۋەن- كاسىپلار، سودىگەرلەر قارا دۆڭ شەھرىگە كۆچكەن بولسا، دېھقانلار دەندان ئۆيلۈككە كۆچۈپ، يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلىپ، بۇيەرنى ئاۋاتلاشتۇرغان. چارۋىچىلار دەندان ئۆيلۈك، ئۇزۇنتات ئەتراپلىرىدىكى يايلاقلارغاكۆچۈپ، چاچقۇن ھالەتتە ئولتۇراقلىشىپ، چارۋىچىلىق قىلغان ۋە تەدرىجى ھالدا يەرئېچىپ، دېھقانچىلىق بېلەنمۇ شۇغۇللانغان. قارا دۆڭ قەدىمىي شەھرى ئاھالىسى مىلادى3-، 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تۈپەيلى، بۇ شەھەرنى تاشلاپ،دەندان ئۆيلۈك بوستانلىقىغا كۆچۈپ، بۇ يەرگە ئىلگىرى كۆچۈپ كەلگەنلەر بېلەن بىرلىكتە شەھەر بەرپا قىلغان بولۇشى مۈمكىن.



تاڭ دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگەكەلگەندە، دەندان ئۆيلۈكمۇ قۇرغاقچىلىق ۋە قۇم- بوران ئاپىتىگە ئۇچراپ، شۇدەۋىرلەردە ئاۋاتلىشىۋاتقان ئۇزۇنتات بوستالىقىغا تەدرىجى ھالدا كۆچۈپ، بۇ يەرنىئاۋاتلاشتۇرغان. كېيىن بۇ بوستانلىقمۇ قۇرغاقچىلىققا ۋە قۇم ئاپىتىگە دۇچ كېلىپ،بۇ بوستانلىقمۇ تاشلىنىپ، ئاھالىلىرى سىيەك بوستانلىقى ۋە چىرا بوستانلىقىغا كۆچكەن بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق دىيىشىمدە، بىرىنچىدىن: بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى كېرىيەدەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىن بويىلىرىغا جايلاشقان. ئىككىنچىدىن، بۇ شەھەرخارابىلىرىدىكى تۇرالغۇ ئۆي مەدەنىيىتى، دېھقانچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقامەدەنىيەتلەر مۇئەييەن ئىچكى باغلىنىشقا ۋە ئوخشاشلىققا ئېگە. ئۈچۈنچىدىن،جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتە، بۇ شەھەرلەر بىرسى بىرسىگە نىسبەتەن يېقىن.



بەنگۇ يازان «خەن نامە» 96- جىلد، ئالدى بۆلەك«غەربى دىيار تەزكىرىسى 66- باپ ئالدى بۆلەك»تە: ”ئۇمې (拘弥)دۆلىتى، پادىشاھى ئۇمې شەھرىدە تۇرىدۇ، چاڭئەنگە 928 چاقىرىم. 3340 تۈتۈن، نوپۇسى20040، لەشكىرى 3540 ئادەم. دۆلەت يۆلەكچىسى، ئوڭ قول، سول قول سانغۇن، ئوڭ قول،سول قول كاھبەگ، ئوڭ قول، سول قول چەۋەندازلار كاھبېگى بىردىن، تىلماچ بەگ 2 كىشى.شەرقى شىمالى قورۇقچىبەگ باش مەھكىمسى تۇرۇشلۇق جايغا 3553 چاقىرىم، جەنۇبى چىرا (渠勒)بېلەن، شەرقى شىمالى كۈسەن بېلەن، غەربى شىمالى قۇم (姑墨)بېلەن تۇتىشىدۇ، غەربى ئۇدۇنغا 390 چاقىرىم. ھازىرقى نامى 宁弥.“دەپ خاتىرىلەنگەن. «كېيىنكى خەن نامە» 88- جىلىد «غەربى دىيار تەزكىرىسى 78-باپ»تا: ”بۇ دۆلەتنىڭ غەربى ئۇدۇنغا 390 چاقىرىم“ دىيىلگەن. «نىرەن تەزكىرىسى»دە:”غەرىبكە قاراپ 460 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇمېغا بارغىلى بولىدۇ“ دىيلگەن. كېرىيە،چىرا تەۋەسىدىكى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىنىڭ ھازىرقى خوتەن شەھرى بېلەنكى تۈزسىزىق ئارىلىقى مۇنداق:



يۇمۇلاققۇم ← خوتەن: 250كلومېتىر.



قارا دۆڭ ← خوتەن: 240 كلومېتىر.



دەندان ئۆيلۈك ← خوتەن: 130كلومېتىر.



ئۇزۇنتات ← خوتەن: 110 كلومېتىر.



بەشتوغراق قەدىمىي شەھەر ئورنى ← خوتەن: 155كلومېتىر.




تارىخى ماتېرىياللاردا نىرەن (精绝)بېلەن ئۇدۇننىڭ ئارىلىقى 700 چاقىرىم دىيىلگەن. نىيە خارابىسى بېلەن خۇتەننىڭ تۈزسىزىق ئارىلىقى 272 كلومېتىر. بىز نىسبەتلەشتۈرۈپ ھېسابلىساق، 272 كلومېتىر تۈزسىزىق ئارىلىق 700 چاقىرىم يول مۇساپىسىگە تەڭ بولسا، ئۇ ھالدا 390 چاقىرىم يولمۇساپىسى تەخمىنەن 151 كلومېتىر تۈز سىزىق ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ مۇساپە بەشتوغراق قەدىمىي شەھەر ئورنىغا يېقىنلاشسىمۇ، لېكىن تارىخى ماتېرىياللاردا ئۇمې بەگلىكىنىڭ جەنۇبى چىرا بەگلىكى بېلەن تۇتىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. «خەن نامە» 96- جىلد،كېيىنكى بۆلەك «غەربى دىيار تەزكىرىسى 66- باپ كېيىنكى بۆلەك»تە: ”كۈسەن.....جەنۇبى نىرەن (精绝) بېلەن، شەرقى جەنۇبى چەرچەن (且末)بېلەن، غەربى جەنۇبى ئۇمې (杅弥)بېلەن، شىمالى ئويسۇن (乌孙) بېلەن، غەربى قۇم (姑墨)بېلەن چىگرىلىنىدۇ“ دەپ خاتىرىلەنگەن. دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي شەھرى ھازىرقى چىرا بوستانلىقىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. «خەننامە»دە خاتىرىلەنگەن چىرا (渠勒)ھازىرقى چىرا ناھىيىسىنىڭ چاقا يېزىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان. بۇ يەردەدىيىلىۋاتقان قۇم  (姑墨)ھازىرقى ئاقسۇ تەۋەسىدە بولۇپ، دەندان ئۆيلۈك شەھرىنىڭ غەربى شىمالىغا توغراكېلىدۇ. ئۇزۇنتات خارابىسى بېلەن دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي شەھرى بۇ جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا ماس كېلىدۇ.



بۇ دەۋىرلەردىكى قەدىمىي كارۋان يولى توغرىسىدا «كېيىنكى خەننامە» 88- جىلىد «غەربى دىيار تەزكىرىسى 78- باپ»تا مۇنداق مەلۇمات بار:”قاشقۇۋۇقتىن چىقىپ، پىشامشان (鄯善)،چەرچەن (且末)، نىران (精绝)دىنئۆتۈپ، 3 مىڭ چاقىرىمدىن كۆپرەك ماڭغاندىن كېيىن، ئۇمې (拘弥)غابارغىلى بولىدۇ.“ بۇ بايانغا ئاساسلانغاندا، قەدىمىي كارۋان يولى قۇملۇق ئىچكىرىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. قۇملۇقتىكى قەدىمىي كارۋان يوللىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ، ئۇمې بەگلىكىنىڭ ئورنىنى دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي شەھەر خارابىسى دېسەك، مۇساپە ۋە جۇغراپىيىك ئورنىغا نىسبەتەن يېقىنلىشىدۇ.




ئۇنداقتا، خەن دەۋرىدىن تاڭ دەۋرىگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۇمې بەگلىكىنىڭ دۆلەت كۈچى قانچىلىك ئىدى؟ جەنۇبى سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدەئۆتكەن فەن خۇا يازغان «كېيىنكى خەن نامە» 47- جىلىد «بەنلىياڭ تەزكىرىسى 37-باپ»تا: ”جىيەنچۇنىڭ 3- يىلى (مىلادى 78- يىلى)، بەن چاۋ سۇلى، كانجۇت، ئۇدۇن،ئۇمې (居弥) لەشكەرلىرىدىن 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، قۇم (姑墨)تاش شەھرىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى، 700 ئادەمنىڭ بېشىنى ئالدى. بەن چاۋشۇنداق قىلىپ، ئەتراپتىكى بەگلىكلەرنى تىنجىتتى، سۇلىدىن يەنە لەشكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.



ئۇ دىدىلەركى:‹ۋەزىر (مەن) شىيەندى خاننىڭ چىنماچىننى⑤ئېچىش ئىستىكىنى كۆرۈپ يىتىپ، شىمالدا ھونلارغا زەربە بەردۇق، غەربتە چەتئەللەرگەئەلچى ئەۋەتتۇق، پىشامشان، ئۇدۇن بەگلىكلىرى دەرھال ماھىل بولدى. بۈگۈنكى ئۇمې (拘弥)،ياركەنت (莎车)، سۇلى (疏勒)،توخرى (月氏)، ئۇيسۇن (乌孙)،كانجۇت (康居)لار بەيئەت قىلدى، ئۈمۈدۈم لەشكەر توپلاپ كۈسەننى مەغلۇپ قىلىپ،خەن يولىنى ئامان ۋە راۋان قىلىشتۇر.›“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ بايانلار «خەنخاتىرلىرى 38» 46- جىلدىدا تېخىمۇ تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. «كېيىنكى خەن نامە» 6-جىلىد «شاۋ شۈن، شاۋ جۇڭ، شاۋجى خانلار تەزكىرىسى 6- باپ»تا: شۇ يىلى (مىلادى 129-يىلى)..... ئۇمې دۆلىتى (拘弥国)ئەلچى ئەۋەتىپ سوغا تەقدىم قىلدى.“ دەپ خاتىرىلەنگەن. «كېيىنكى خەن نامە» 88-جىلىد «غەربى دىيار تەزكىرىسى 78- باپ»تا: ”ئۇمې دۆلىتى، نىڭمى شەھرىدە (宁弥城)تۇرۇشلۇق، دورغاپ تۇرۇشلۇق لىيۇۋ جۇڭغا 4900 چاقىرىم، لوياڭغا 12800 چاقىرىم. 2173تۈتۈن، 7251 نوپۇس، لەشكىرى 1760 كىشى. شۈندىنىڭ يۇڭجىيەن 4- يىلى (مىلادى 129-يىلى) ئۇدۇن پادىشاسى پىۋاڭ دزىيەن (放前)ئۇمې پادىشاسى شىيەڭنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز ئوغلىنى ئۇمې پادىشاسى قىلىپ تىكلىدى، ھەم ئەلچى ئەۋەتىپ خەن خانلىقىغا سوغا تەقدىم قىلدى. دەشت ئاتا (敦煌)ۋالىيسى چۇ يۇۋ يوقۇرىدىن جازا يۈرۈشى قىلىشنى تەلەپ قىلدى، خان ئۇدۇننىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇمې دۆلىتىنى قايتۇرۇپ بىرىشكە بۇيرىغان بولسىمۇ، پىۋاڭ دزىيەن ئۇنىمىدى.



ياڭ جىيانىڭ تۇنجى يىلى (مىلادى 132- يىلى)، چۇ يۇۋ سۇلىنىڭ پادىشاھ-ۋەزىرلىرىنى ئەۋەتىپ، 20 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بېلەن ئۇدۇنغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى،نۇرغۇن كاللا كېسىلىپ، تالان- تاراج قىلىندى، پادىشاھ جەمەتىدىن بىرسىنى ئۇمې پادىشاھى قىلىپ تىكلەپ، (ئۇمېنى) قايتۇرۇپ بەردى. لىڭ دى شىپىڭنىڭ 4- يىلى (مىلادى175- يىلى)غا كەلگەندە، ئۇدۇن پادىشاھى ئەن كۇۋەك (安国)  ئۇمېگە ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ،پادىشاھىنى ئۆلتۈردى، ئۆلگەنلەر سان- ساناقسىز ئىدى. 5- يىلى (مىلادى 176- يىلى)چاۋۇش بېشى، غەربى دىيار دورغاپى ھەر قايسىسى لەشكەر تارتىپ، پادىشاھنىڭ خاسمەھرىمىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. بۇ چاغدا بار ئادىمى مىڭ جان ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ غەربى ئۇدۇنغا 390 چاقىرىم.“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ۋاقەلەر «خەن خاتىرلىرى 43» 51-جىلد ۋە «خەن خاتىرلىرى 49» 57- جىلدىدىمۇ شۇنداق خاتىرىلەنگەن. بىز يوقارقى بايانلاردىن خەن دەۋرىدە ئۇمېنىڭ خېلى قۇدرەت تاپقان بەگلىك بولسىمۇ، كېيىن ئۇدۇننىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن تەدرىجى ئاجىزلاپ بارغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.




«ئۈچ پادىشاھلىق تەزكىرىسى» ۋېي نامە 30- جىلد«ئوغانلار، سىيانپىلارنىڭ شەرقىدىكى يات قەۋىملەر تەزكىرىسى 30- باپ»تا: ”جەنۇبىييولدىن غەربكە يۈرگەندە، چەرچەن بەگلىكى (且志国)،ئەندىرە (سىياۋ يىۋېن) بەگلىكى (小宛国)،نىران بەگلىكى (精绝国)، كروران بەگلىكى (楼兰国)پىشامشان (鄯善)غا قارايدۇ. روڭلۇ بەگلىكى (戎卢国)،ئۇمې بەگلىكى (扞弥国)، چىرا بەگلىكى (渠勒国)، پىشىيانابەگلىكى ((穴山国)〔皮山国〕) ئۇدۇنغا قارايدۇ. “ دەپ خاتىرىلەنگەن. دېمەك ۋىي سۇلالىسى(مىلادى 220~265- يىللار) غا كەلگەندە، ئۇمې دۆلىتى ئۇدۇنغا قارام بولۇپ كەتكەن.




قارادۆڭ شەھەر خارابىسى خەن دەۋرىدىن جىن دەۋرىگىچەمەۋجۇت بولۇپ، ئۇمې دۆلىتىگە قاراشلىق كىچىك شەھەر ياكى قورۇل بولۇشى مۈمكىن.چۈنكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردە ئۇمېگە قاراشلىق ئاز بولمىغان شەھەر- رابات،قورۇل- قورغانلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. يەنە كېلىپ قارا دۆڭ شەھەر خارابىسىنىڭ كۆلۈمىچوڭ ئەمەس، خۇددى چوڭ ياسالغان ساراي ياكى قورۇقچىلىك كېلىدۇ. ئۇزۇن تات خارابىسىمۇ ھەم ئۇمې بەگلىكىگە قاراشلىق شەھەر ياكى قورۇل بولۇشى مۈمكىن. ئۇزۇنتات خارابىسىدا تېخى سېستىمىلىق ئىلمىيتەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، يىل دەۋرى ۋە باشقا ئەھۋاللار بىزگە ئايدىڭ ئەمەس.




8.建德力 شەھرىنىڭ نامى.



建德力يەرلىك تىلدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنغان؟ بۇ مەسىلىدە بىز ئالدى بېلەن بۇ خەتلەرنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزىغا قاراپ باقايلى: 建 خېتىنىڭ قەدىمىي تەلپپۇزى kian،  kien كىئان، كىئېن)، 德 خېتىنىڭ قەدىمىي تەلپپۇزى tfile:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image008.gifk (تەك)، 力 خېتىنىڭ قەدىمىي تەلپپۇزى lifile:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image008.gif,lifile:///C:/Users/lenovo/AppData/Local/Temp/msohtml1/01/clip_image009.gifk (لىيەك، لىيە). شۇنداق بولغاندا، بۇ سۆزنى قەدىمىي تەلەپپۇزدائوقۇساق «كەنتەكلەك، كەنتەكلە» بولىدۇ. بۇ سۆز ئۇمې بەگلىكىنىڭ بىر بازىرى بولغان كامژېڭ بازىرى (坎城镇) بېلەن باش بوغۇمى ئاھاڭ جەھەتتىن يېقىنلاشقاندەك قىلسىمۇ، لېكىنكامژېڭ ئىككى بوغۇم، 建德力 بولسا ئۈچ بۇغۇملۇق سۆز بولغاچقا، يەنىلا ئىككىسىبىر نام دەپ يەكۈن چىقارغىلى بولمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتېرىياللاردا ياكىبۇ رايۇندىكى يەر ناملىرىدا «كەنتەكلەك، كەنتەكلە» سۆزىگە يېقىن كېلىدىغان بىرەرئىسىم مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا يوقارقى ئىسىمنىڭ قەدىمىي تەلپپۇزىنى نەزەردىن ساقىتقىلىشقا توغرا كېلىدۇ.




خوتەن رايۇنىدىكى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يەر ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى قەدىمىي خوتەن ساك تىلىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قەدىمىي خوتەن تىلى نېمە ئۈچۈن «خوتەن ساك تىلى» دەپ ئاتىلىدۇ؟ ئالىملارتەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىكى ھەرقايسى قەدىمى ئىزلاردىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە يازما يادىكارلىقلارغائاساسلىنىپ، ”ئومۇمەن قەدىمكى زاماندىن ئوتتۇرائەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى بوستانلىقلارداتوخرىلار بىلەن ساكلار ياشىغان“ دەپ قارىماقتا. ساكلار قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىشىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلە. ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسىنىڭ شەرقى ئىران تىلتۈركۈمىنىڭ بىر تارمىقىغا كىرىدۇ. سارما تېسلار بېلەن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بار.مىلادىدىن بۇرۇنقى 8- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىرگىچە سەيھۇن دەرياسى(ھازىرقى سىر دەرياسى) نىڭ شىمالىغا، جۈملىدىن ئىلى دەريا ۋادىسى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئىتىكىگە كۆچۈپ بېرىپ جايلاشقان.



مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىرگىچە قەبىلە ئىتتىپاقى شەكىللىنىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى ماكېدونىيە ئالكساندىرنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توخرىلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر تارمىقى ھىندىستاننىڭ غەربى شىمالىقىسمىغا كۆچۈپ بېرىپ، كەشمىردە زابولىستان دۆلىتىنى قۇرغان. يەنە بىر تارمىقى غەربى جەنۇبقا كۆچۈپ، سوغدىيانا ۋە باكتېرىيىدەئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەنە بىر تارمىقى يەنىمۇ غەربكەئىلگىرىلەپ، ئارساك (پارفىيە)نىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىغا بېرىپ، دىرانگىيانا(ھازىرقى ئىراندىكى سىستان) رايونىدا ساكلاردۆلىتى قۇرغان. ساكلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئاتلىق ئوۋ قىلىشقا،جەڭگە ماھىر مىللەت ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە جەنۇبى قىسىملىرىغا كىرگەندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا شۇ يەردىكى ئاھالىلەرگەقوشۇلۇپ كەتكەن. «تارىخى خاتىرىلەر»، «خەننامە» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلەردەساكلار «سەيرېن (塞人)»دەپ ئاتالغان. «تارىخنامە»، «خەننامە»لەردە: ”توخرىلار ۋە ئويسۇنلار غەرىبكەكۆچۈشتىن ئىلگىرى ئىلى دەريا ۋادىسى ساكلارنىڭ زىمىنى ئىدى، توخرىلار ۋە ئويسۇنلارئىلى دەريا ۋادىسىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئويسۇنلار ئاسىرىدا ساكلار ۋەتوخرىلار پەيدا بولدى“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن شۇچاغلاردا مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ناھايىتى ئومۇمى يۈزلۈك بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقابولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پامىر ئىگىزلىكىدىكى بەزى شەھەر بەگلىكلىرىمۇ ساكلار ئىدى،پامىر ئىگىزلىكىدىكى ساكلار تەخمىنەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆزلۈكسىز ھالداتەبىئى شارائىت بىر قەدەر ياخشى بولغان ئۇدۇن تەرەپكە كۆچكەن. دەشت ئاتادىنتېپىلغان ئۇدۇن ۋەسىقىلىرىدە زور مىقتاردا ساكلارنىڭ تىل تەركىبى بارلىقى سېزىلگەن.




توخرىلار قەدىمىي يازما يادىكارلىقلاردا «توخار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللاردا «大月氏»، «小月氏»دەپ ئىككى تارماققا ئايرىلىدۇ. كىچىك تارمىقى (小月氏) دەسلەپتە ھىندىقۇش تېغى بىلەن ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ شىمالى قىسمى)دا ياشىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ،پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسى بولغان. مىلادىدىن 250 يىل ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، باكتېرىيىنى پايتەخت قىلغاچقا «باكتېرىيە دۆلىتى» (大夏) ياكى «گرېتسىيە- باكتېرىيە پادىشاھلىقى» «توخارىستان» (土火罗)دەپ ئاتالغان.



مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زېمىنى ھىندىستانغىچە كېڭەيگەن. چوڭ تارمىقى (大月氏) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دەشت ئاتا (دۇڭ خۇاڭ)بىلەن قۇلانتاغ (چى ليەنشەن) ئارىلىقىغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. تەخمىنەن مىلادىدىن 165 يىل ئىلگىرى ھونلارنىڭ قايۇق رۇشات تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئۇلار تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئارقىلىق ئىلى دەريا ۋادىسىغا بېرىپ،ساكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يىرىنى تارتىۋالغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 161يىل ئىلگىرى يەنە ئاسيولارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، غەربتە ئوكۇس دەرياسى (ھازىرقى ئامۇ دەرياسى) رايونىغا كۆچۈپ كەتكەن. مىلادىدىن 130 يىل ئىلگىرى باكتېرىيىنى بويسۇندۇرۇپ، ماۋرا ئۈننەھىر (ئامۇدەرياسى ۋە سىر دەرياسى ۋادىسى)نى بويسۇندۇرغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 128 يىل ئىلگىرى ئۆز تەۋەسىنى ۋاھان، سىياماكا، كوشان، يارۋان، كابولدىن ئىبارەت 5بەگلىككە ئايرىغان.



مىلادىيە 1- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كوشان بەگلىكىنىڭ بېگى كۇجۇلا كادپىس قالغان 4 بەگلىكنى يۇتۇۋېلىپ، كۇشانىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان.ئاھالىلىرى ھىندى- ياۋرۇپا تىل سېستىمىسى ئىران تىل تۈركۈمىگە كىرىدۇ.




خوتەن رايۇنىدىكى ھەرقايسى قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى،قەدىمىي ئىزلاردىن ۋە دەشت ئاتادىن تېپىلغان ۋەسىقىلەردە زور مىقتاردا ساك تىلى ۋەتوخرى تىلى تەركىبى بولغاچقا، ئالىملار قەدىمىي خوتەن تىلىنى «خوتەن ساك تىلى» دەپ ئاتىغان. بەزى تارىخچىلار خوتەننىڭ قەدىمىي نامى «چىنماچىن» سۆزىنى «ساكلارنىڭ چىن قەبىلىسى خوتەن رايۇنىدا، جۈملىدىن قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى ۋادىلاردا ياشىغان، شۇڭا بۇ شەھەر شۇ قەبىلىنىڭ نامى بېلەن چىنماچىن دەپ ئاتالغان»دەپ قارايدۇ.



توخرىلار مىلادىدىن 165 يىل ئىلگىرى ھونلارنىڭ قايۇق رۇشات تەڭرىقۇت تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئارقىلىق ئىلى دەريا ۋادىسىغابېرىپ، ساكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ يىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن،ئۇلارنىڭمۇ بىر تارمىقى تارىم ۋادىسىغا كەلگەن بولۇشى ۋە خوتەن رايۇنىنى مەركەزقىلىپ ياشىغان بولۇشى مۈمكىن. ساكلار ۋە توخرىلارنىڭ چوڭ تارماقلىرى باشقارايۇنلارغا كۆچكەندە، بۇ خىلۋەت ھەم پىنھان، شۇنداقلا مۇنبەت تۇپراق، كەڭ كەتكەن يايلاقلارغا ئېگە بۇ ۋادىغا كەلگەن ساكلار ۋە توخرىلارنىڭ كىچىك تارماقلىرى بۇۋادىدىن كۆچمەي، داۋاملىق ياشىغان بولۇشى مۈمكىن.




ساكلار بېلەن توخرىلارنىڭ تىل سېستىمىسى بىر بولۇپ،تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار. ھازىرقى ئىرانلىقلار سۆزلىشىدىغان تىل پارىس تىلى،مۇنداقچە ئېيتقاندا، پارىس تىلى – ساك ۋە توخرى تىللىرىدىن شەكىللەنگەن تىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، قەدىمىي خوتەن تىلىنىڭ پارىس تىلى بېلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى پارىسچە سۆزلەرنىڭ ئەدەبىي تىلغا مەنسۇپلىرىنى «پارىسلاردىن قوبۇل قىلىنغان» دېگەندىمۇ،تۇرمۇش تىللىرىنى ئۇنداق دىگىلى بولمايدۇ، بۇ خىل سۆزلەرنى «خوتەن شىۋىسىدىن كىرگەن» دېگەن تۈزۈك. ھازىرقى زامان خوتەن شىۋىسىدە پارىسچە سۆزلەر بېلەن ئوخشاش سۆلەر خېلى كۆپ. بۇ سۆزلەرنىمۇ يوقارقى قائىدە بويىچە، ئەدەبىي تىلغا تەۋەلىرىنى پارىسچىدىن كىرگەن دېگەندىمۇ، تۇرمۇش سۆزلىرىنى «خوتەننىڭ ئەسلى تىلى» دىيىش كېرەك. شۇڭا خوتەن رايۇنىدا خوتەن ساك تىلىدا ياسالغان يەر- جاي ناملىرىنى«پارىسچە» دىيىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.




ھازىر بار بولغان تارىخى ماتېرىياللاردا 建德力 سۆزى ئۇيغۇرچە «جەندىر» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە 建德力河 سۆزى «كېرىيە دەرياسى» دەپ تەرجىمەقىلىنىۋاتىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەينى دەۋىردىكى تەلەپپۇزى توغرىسىدىكى قارشىم مۇنداق: بۇسۆزنى خوتەن ساك تىلىدىن ئىزدىسەك، خوتەن ساك تىلىدا كىچىك دەريا ياكى ئېقىنلار«يا»، چوڭ دەريالار «دارا» دەپ ئاتالغان. «خوتەن ساك تىلى لوغىتى»دە «داراdara-» سۆزىگە «valley» (تاغ ئېغىزى، جىلغا، ئېقىن،دەريا) دەپ تەبىر بېرىلگەن. يەنە «دارdar-» سۆزىگە ”دارا «‘valley’ dara» غا قارالسۇن“ دەپ تەبىربەرگەن.⑨ دېمەك، «دەريا» سۆزى خوتەن ساك تىلىدا «دارا، دار»دىيىلگەنلىكى مەلۇم. بۇ سۆز ھازىرقى زامان پارس تىلىدا «داررە» شەكلىدە ساقلىنىپقالغان. كېيىنچە «دارا، دار» سۆزى بېلەن «يا» سۆزى بىرىكىپ، دەريا- ئېقىنلارنىڭئومۇمى نامىغا ئايلىنىپ، «دەريا» شەكلىدە قوللۇنۇلغان. ھازىرقى زامان پارس تىلىدا«دەريا» سۆزى «دېڭىز» مەنىسىنى، «دەرياچە» سۆزى «كۆل» مەنىسىنى بېرىدۇ.



مېنىڭ قىياسىمچە، 建德力 سۆزىدىكى 德力 دەريانى بىلدۈرىدىغان «دەر»ياكى «دارا»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇشى مۈمكىن. ئالدىدىكى 建 سۆزىگە كەلسەك، بۇ خوتەن ساك تىلىدىكى «جەم» سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولسا كېرەك. قەدىمىي خەنزۇ تىلىدا «k-ك» تاۋۇشى بېلەن «j-ج» تاۋۇشى نۆۋەتلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆپ. يەنە كېلىپ، 建 خېتىنڭ kian،  kienتەلەپپۇزى ئاساسەن خەن دەۋرىگە قارىتىلىدۇ. بۇ يەردىكى 建 تاڭ دەۋرىدىكى ئاتالغۇ. «جەم»سۆزى خوتەن ساك تىلىدىن ساقلىنىپ قالغان سۆز بولۇپ، ھازىرقى زامان تىلىمىزدا «بىرلىشىش،جەم بولۇش، يىغىلىش» دېگەن مەنىلەرنى بىرىدۇ. «خوتەن ساك تىلى لوغىتى» دىمۇ شۇ خىل مەنىلەردە تەبىر بېرىلگەن.⑩



ھازىرقى زامان خوتەن شىۋىسى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە پارس تىلىدىمۇ شۇ مەنىدە. بۇ رايۇندا دەريا تاراملىرى يىغىلىپ،بىر- بىرىگە قوشۇلۇپ، چوڭ ساسلىق ۋە كۆل ھاسىل قىلغاچقا، «جەملەشكەن دەريا» دېگەن مەنىدە «جەمدارا» ياكى «جەمدار» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن. «غەربى دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»نىڭ 19- جىلتىدا: ”قەدىمكى ئۇمې دۆلىتى (扜弥国)نىڭ غەربى ئۇدۇن بېلەن چېگرىلىنىدۇ، ھازىرقى كېرىيە (克尔雅)نىڭ شەرقىدە، بۇ قەدىمقى ئۇمې دۆلىتىنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكىدە شەك يوق“ دىيىلگەن. شۇ كىتابنىڭ 28- جىلتىدا: ”بىمۇدەرياسى ھازىرقى چىرا شەھىرىنىڭ غەربىدىكى دەريادۇر، شەرققە ئىككى يۈز چاقىرىمدىن كۆپرەك يۈرگەندە نىران شەھرىگە بارغىلى بولىدۇ، ھازىرقى كېرىيە شەھرىدۇر، ئاتالمىش چوڭ كۆل (大泽) ھازىرقى يېشىل كۆلدۇر، كېرىيە دەرياسى «غەربى دىيارتەزكىرىسى»دىكى 建德力 دەرياسىدۇر، بۇ دەريانىڭ شەرقى قەدىمقى ئۇمېدۆلىتى جايلاشقان يەردۇر“ دىيىلگەن. مۇشۇ كىتابتا يەنە: ”يېشىل كۆلنىڭ مەنبىئىجەنۇپتىكى تاغ بولۇپ، بۇ يەردە (ئېقىنلار) بىرلىشىپ چوڭ كۆل ھاسىل قىلغان، كېرىيەدەرياسى جەنۇپتىن كېلىپ بۇ كۆلگە قۇيۇلىدۇ“ دىيىلگەن. گەرچە بۇ بايانلاردايۇرتلارنىڭ ۋە دەريالارنىڭ ئورنىدا زور خاتالىق بولسىمۇ (مۇئەللىپ بۇ يۇرتلارغاكېلىپ باقمىغاچقا، بۇ سەھۋەنلىكلەرنى توغرا چۈشۈنۈشكە بولىدۇ)، لېكىن كېرىيەدەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرى يىغىلىپ، يېشىل كۆلدىن ئىبارەت چوڭ كۆلنى ھاسىل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بايان بىزنىڭ يوقارقى قارىشىمىزغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.«يېشىل كۆل» نامى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ كۆل ھازىرقى بوستان شاللىق رايۇنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا.




«يېڭى تاڭ نامە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ سۆز دەريانىڭ ئىسمى. بۇ دەريانىڭ شەرقى قىرغىقىدائاپىرىدە بولغان بۇ شەھەر شۇ دەريانىڭ نامى بېلەن ئاتالغان. دەريا نامىنىڭ يۇرت نامى بولۇپ كېلىش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ، بۇ يەردە بۇ توغرۇلۇق سۆزلىمىسەممۇ بولار.دېمەك بۇ يەردىكى 建德力 سۆزى قەدىمىي تىلىمىزدا «جەمدارا»ياكى «جەمدار» دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە «جەمدەر» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن.



ھازىرقى نىيە ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئەندىر (ھەم دەريانىڭ ھەم بىر يېزىنىڭ نامى)، كېرىيەناھىيەسى تەۋەسىدىكى پوندۇر (كەنت نامى، كىچىك ئېقىننىڭ بويىدا. بۇرۇن بۇ ئېقىن«پوندۇريا» دەپ ئاتالغان، ھازىر پوندۇرا كەنتىدىن ئايرىلىپ چىققان سېرىق ئۆي كەنتىنىڭ نامى بېلەن «سېرىق ئۆي يا» ياكى «ئويچىغيا» دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەنيەرناملىرىغا ئاساسەن تەھلىل قىلغاندىمۇ، «ئەندەر»، «پوندەر»، «جەمدەر» شەكلىدەياسالغان ئىسىم بولۇشىمۇ مۈمكىن. بۇ ئىسىملاردىكى «دەر» دەريانى بىلدۈرىدىغان سۆزبولۇپ، ھازىرقى زامان تىلىمىزدىكى «دەريا» سۆزىنىڭ ئالدىنقى بۇغۇمى بولۇشى مۈمكىن.«ئەن، پون، جەم» بوغۇملىرى ئېنىقلىغۇچى بولۇپ، شۇ دەريا- ئېقىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن قويۇلغان بولۇشى مۈمكىن. «خوتەن ساكتىلىلوغىتى» دە «پۇنە» سۆزىگە: گەمە، ئۆڭكۈر دەپ تەبىر بېرىلگەن. ئەگەر «پونەدار» دەپئاتىلىپ، كېيىنچە «پوندۇر» بولۇپ ئۆزگەرگەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ دەريا نامىنىڭ مەنىسى «ئۆڭكۈر بار دەريا» دېگەنلىك بولىدۇ. پوندۇريا بۇرۇن تىك ئويۇلۇپ كەتكەنئېقىن بولۇپ، قىرغىقى گەمە، سۇۋۇق كولاشقا باپ كېلەتتى. 20- ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغىچە بۇ يارنىڭ قىرغاقلىرىدىكى كونا گەمە، سۇۋۇقلار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.بۇرۇنقى دەۋىرلەردە كۆچمەن چارۋىچىلار ھەمىشە يايلاقلاردىكى ئەپلىك يەرلەردىن گەمە كولاپ تۇرالغۇ قىلاتتى ياكى سۇۋۇق كولاپ كېچىسى چارۋىلىرىنى سولاپ قوياتتى. بۇ خىل ئادەت تاغلىق كەنلەردە ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە.




9. جەمدەر دەرياسى ۋەجەمدەر شەھرىنىڭ ئورنى



تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە، يەنى ئۇدۇن بەگلىكىدە بۇددىزىم تازا گۈللەنگەن بىر دەۋىردە، دەريا سۈينىڭ تارتىلىپ كېتىشى سۇ يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاھالىلار شۇ دەۋىرلەردە ئۇمې بەگلىكىنىڭ بىر سەھراسى سۈپىتىدە كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى غول تارمىقى بويى ۋەكىچىك تاراملار ھاسىل قىلغان چوڭ ساسلىق، كۆللۈك بويىدا گۈللىنىۋاتقان بىر يېزىغاتەدرىجى كۆچۈپ كېلىپ، ئەسلىدىكى ئۇمې شەھرى ۋەيران بولغان.




«يىڭىتاڭ نامە» 48- جىلد «تەزكىرە 33- باپ كېيىنكى بۆلەك. ئوڭ (غەرب) تەرەپ لىفېڭ ئايمىقى تۇتۇق مەھكىمىسى. تاغنىڭ جەنۇبىدىكى يول»دا: ”... نامپا قەدىمىي شەھرى (宁弥故城) بار، بىر ئېيتىلىشىچە دادېلى شەھرى (达德力城)، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇمې دۆلىتى (汗弥国)، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە ئۇمې شەھرى (拘弥城) ئىكەن. ئۇدۇننىڭ 390 چاقىرىم شەرقىدە 建德力 دەرياسى، 700 چاقىرىم شەرقىدە نىران دۆلىتى (精绝国) بار. ئۇدۇننىڭ 380 چاقىرىم غەربىدە بېشەن شەھرى (皮山城) بار بولۇپ، شىمالى قۇم (姑墨) بېلەن تۇتىشىدۇ. مۇزتاغ ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ 700 چاقىرىم غەربى جەنۇبىدا. يەنە ئۇدۇننىڭ 300 چاقىرىم شەرقىدە كامژېڭ بازىرى (坎城镇) بار، 600 چاقىرىم شەرقىدە لامژېڭ بازىرى (兰城镇) بار، 600 چاقىرىم جەنۇبىدا غۇنۇ بازىرى (胡弩镇) بار، 200 چاقىرىم غەربىدە كۇژېڭ بازىرى (固城镇) بار، 390 چاقىرىم غەربىدە كىلياڭ بازىرى (吉良镇) بار. ئۇدۇننىڭ شەرقىدىن چەرچەن بازىرىغا (且末镇) 1600 چاقىرىم.... لوپنۇر كۆلى (蒲昌海)نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن... يەنە غەربكە يۈرگەندە، سېتلېتېي قۇدۇقى(悉利支井)،جىن قۇدۇق (祆井)بار، سۇ كەمچىل ئەمەس، 500 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇدۇننىڭ شەرقىدىكى لامژېڭ قورۇلى (兰城守捉) غا بارىدۇ. يەنە غەربكە يۈرۈپ، جېدۇ قەلئەسى (移杜堡)، بېڭخۇەي قەلئەسى (彭怀堡)، كامژېڭ قورۇلى (坎城守捉)دىن ئۆتۈپ، 300 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇدۇنغا بارىدۇ.“ دەپ خاتىرىلەنگەن.




«يىڭى تاڭ نامە» 237- جىلد «تەزكىرە 146- باپ ئالدىنقى بۆلەك. غەربى دىيار، ئالدىنقى بۆلەك»تە: ”ئۇدۇننىڭ 300 چاقىرىم شەرقىدە 建德力 دەرياسى بار، 700 چاقىرىم شەرقىدە نىرەن (精绝国) دۆلىتى بار؛ دەريانىڭ شەرقىدە ئۇمې (汗弥) بار، 达德力 شەھرىدە، نامپا (宁弥) قەدىمىي شەھرىبار، يەنە بىر ئىسمى ئۇمى (拘弥) شەھرى. بۇكىچىك بەگلىكتۇر.“




بۇ ئىككى باياندا建德力 نىڭ ئۇدۇن بېلەنكى ئارىلىقىنى بىرسىدە 390 چاقىرىم دېگەنبولسا، يەنە بىرىدە 300 چاقىرىم دېگەن. مېنىڭچە، 390 چاقىرىم بۇرۇنقى تارىخى خاتىرىلەردىن ئېلىنغان، 300 چاقىرىم بولسا، كېيىنكى دەۋىرلەردە ئۇمې بەگلىكىنىڭ مەركىزى دەندان ئۆيلۈكتىن كۆچكەن چاغلاردىكى تارىخى خاتىرىلەردىن ئېلىنغان بولۇشى مۈمكىن. شۇنداق بولغاندا، نىسبەتلەشتۈرۈپ ھېسابلىساق، 300 چاقىرىملىق يول مۇساپىسى116 كلومېتىر تۈز سىزىق ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇزۇنتات خارابىسىنىڭ خوتەن بېلەنكى تۈز سىزىق ئارىلىقى 110 كلومېتىر، بۇ مۇساپە يۇقارقى ھېساۋىمىزغايېقىنلىشىدۇ. بۇنىڭدىن 建德力 ئۇزۇنتات خارابىسىنىڭ نامى بولۇشى مۈمكىن دېسەك، مۇساپە جەھەتتىن مۇۋاپىقلاشسىمۇ، لېكىين جۇغراپىيىلىك ئورنى مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.



چۈنكى يۇقارقى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، 建德力 دەريانىڭ نامى بولۇپ، بۇشەھەر شۇ دەريانىڭ شەرقىدە ئىكەنلىكى مەلۇم. لېكىن ئۇزۇنتات خارابىسى دامىكۇيا ۋەگۇلاخمايانى سۇ مەنبىئى قىلغان بولۇپ، كېرىيەنىڭ قەدىمىي دەريا ئېقىنى بۇ رايۇنغابارمايدۇ. تاڭ دەۋرىدىكى كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى غول ئېقىنى ھازىرقى توغرىغازيېزىسى تەۋەسىدىكى ئايدىڭ كۆل بولۇپ، غەربى شىمال يۆنۈلۈشىدە ئېقىپ شىۋول يېزىسىدىن ئۆتۈپ، شاقىن ئارقىلىق دەندان ئۆيلۈك قەدىمىي شەھرى يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. دامىكۇيا، گۇلاخمايالار بۇلاق سۈيىنى ئاساسى مەنبە قىلغان، پەقەت كەلكۈن پەسلىدىلا ئاقسۇ كېلىدىغان كىچىك ئېقىنلار بولۇپ، نامى تارىخى خاتىرىلەرگەكىرگۈزۈلگۈدەك دەرىجىدە چوڭ ئەمەس. 390 چاقىرىملىق يول مۇساپىسى151.5 كلومېتىر تۈز سىزىق ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ.بىز 建德力 دەرياسىنى كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمقى غەربى تارماق غول ئېقىنى دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا بۇ شەھەرنىڭ ئورنى ھازىرقى شەنبازار،سىيەك تەۋەسىگە توغرا كېلىدۇ. بەشتوغراق قەدىمىي شەھرىنىڭ خوتەن بېلەنكى يۈز سىزىق ئارىلىقى 155كلومېتىر. بۇ مۇساپە ئالدىنقى باياندىكى مۇساپىگە توغرا كېلىدۇ. ھەم بۇشەھەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى يۇقارقى بايانلارغا ماس كېلىدۇ. شۇڭا بەشتوغراق قەدىمىي شەھرىنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى 建德力 شەھرى ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.




يوقارقى بايانلاردىن يەنەشۇ دەۋىرلەردە ئۇمې بەگلىكى جەنۇپقا يۆتكىلىپ، ئۇمې شەھرى شەھەر خارابىسىگەئايلانغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.  建德力دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى 汗弥، 拘弥، 宁弥 لار بىر بولۇپ، ئۇمېنى ياكىنامپانى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ 达德力 شەھرى تەۋەسىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بۇيەردە 建德力 ۋە 达德力 دېگەن ئىككى ئىسىمغا دۇچ كېلىمىز. مېنىڭچە، بۇ  بىرلا سۆز بولۇپ، 达 خېتىنىڭ قەدىمىي نۇسخىسى 達 بولغاچقا، قەدىمىي يېزىقلاردىكى خەت ئالمىشىشسەۋەبىدىن 建 خېتى شۇنداق يېزىلىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. سېن جوڭمىيەنئەپەندىمۇ بۇ ئىككى خەتنىڭ بىرسى خاتا، دەپ قارىغان.⑪




10. 媲摩 شەھرىنىڭ نامى



سەيياھ تاڭ شۈەنزاڭ يازغان«ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەرىبكە ساياھەت خاتىرىسى»نىڭ 12- جىلدىدا بۇ شەھەرنىڭ نامى 媲摩城 دەپ قەيت قىلىنغان.



مەھمۇد كاشىغەرىدىن بىر ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى،تەرجىمان، تىلشۇناس سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمەقىلىنغان «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى»نىڭ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پەنلەرئاكادېمىيىسىنىڭ لېنىنگىراتتىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستوتىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا، بۇ سۆز «بىم بالىق» دەپ ئاتالغان. تۈبۈتچە يادنامىلەردە by-ma ياكى phye-ma دەپ يېزىلغان. «بىم بالىق»سۆزىدىكى «بىم»نىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراش بار، بىرى: سانسكرىتچە Bhima دېگەن سۆزىن كەلگەن، بۇ خوتەن خەلقى ئېتىقاد قىلىدىغان بىر ئىلاھنىڭ ئىسمى. يەنە بىرى: تۈبۈتچە Bye-ma (قۇم) دېگەن سۆزدىن كەلگەن⑫.سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «سەپەر خاتىرىلىرى»دا 捍摩 ياكى 捍么 دەپ يېزىلغان. «غەرىپكە ساياھەت خاتىرىسى»دا بىمبالىق تىكى زور بۇت توغرىسىدا ”كېسەل كىشى قايىرى ئاغرىسا بۇتنىڭ شۇيېرىگە ئالتۇن ھەل سۈركىسە، دەرھال ساقىيىدىكەن“ دەپ يازغان.



«سەپەر خاتىرىلىرى»دەئالتۇن بۇت توغرىسىدا: ”كىشىلەردە كېسەل بولسا، ئالتۇن ھەلنى بۇتنىڭ شۇ يېرىگەسۈرتۈپ قويسا ساقىيىدۇ“ دىيىلگەن. بۇ ئىككى ھېكايە ئوخشاش بولسىمۇ، «سەپەرخاتىرىلىرى»دە: ”تسامات شەھرى  (左末城)نىڭ غەربىدىن 1275 چاقىرىميۈرگەندە مات شەھرى (末城)گە بارغىلى بولىدۇ، ماتشەھرىنىڭ غەربىدىن 22 چاقىرىم يۈرسە ھېما (捍么) شەھرىگە بارىدۇ، ھېماشەھرىنىڭ غەربىدىن 878 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇدۇنغا بارىدۇ“ دەپ يېزىلغان. سېن جوڭمىيەنئەپەندى: ”بۇ خاتىرىدە يېزىلغان مۇساپە «غەرپكەساياھەت خاتىرىسى»دا خاتىرىلەنگەن ئۇدۇن بېلەن بىمبالىقنىڭ مۇساپىسىدىن 500چاقىرىم ئارتۇق. شۇڭا شى ۋەن، تېڭ تىيەنلەر بىردەك «سەپەر خاتىرىلىرى»دىكى مۇساپىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە كېلىپ، يوقارقى خاتىرىلەردىن 捍么 نىڭ  khema، 媲摩 نىڭ bhima ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقابولىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىگىسى باردۇر، مۇساپە ئارىلىقىدىكى پەرققە قاراپمۇئايرىم قاراش كېرەك“ دەپ شەرھىلىگەن.⑬ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مىلادى1271- يىللىرى قەدىمىي يېپەك يولى بېلەن جۇڭگۇغا كەلگەن ئىتالىيىلىك سەيياھ ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە «Pein ئۆلكىسى» دەپ ئاتالغان. بۇسۆز خەنزۇچە 媲摩 سۆزى ۋە سانسكرىتچە Bhima سۆزى بېلەن ئاھاڭداش بولۇپ،ھەممىسىنىڭ بىر نام ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يوقارقى ئەھۋاللاردىن خەنزۇيېزىقىدىكى 媲摩، سانسكرىتچە Bhima، تۈبۈتچە يادنامىلەردىكى by-ma ياكى phye-ma، ماركوپولو خاتىرىسىدىكى  Pein لەرنىڭ بىردەك بىمبالىق شەھرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقابولىدۇ.




يەنە شۇنىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، «بىمبالىق» سۆزىدىكى «بىم» شەھەرنىڭ نامى، «بالىق» قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا «شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز. سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ «媲摩城» سۆزىدىكى «媲摩»نى «بىم» دەپ، «城» سۆزىنى «بالىق» دەپ ئاھاڭتەرجىمىسى بېلەن مەنەن تەرجىمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان. لېكىن قەدىمىي دەۋىر خوتەن تىلىدا «بالىق» سۆزى ئىشلىتىلمەيدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا «ئانا، يانا»قوشۇمچىسىنى قوشۇپ، «ئايماق، شەھەر، بوستانلىق، بەلباغ» دېگەن مەنىلەرنىئىپادىلىگەن. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ ئەينى دەۋىردە ئاۋام تىلىدا «بىمبالىق»دەپ ئاتىلىدىغانلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىدۇ. يەرلىك تىل ئادىتى بويىچە «بىميانا»ياكى «بىمانا» دىيىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بۇ نام سانسكرىتچە Bhima، تۈبۈتچە يادنامىلەردىكى by-ma ياكى phye-ma لار بېلەن تېخىمۇيېقىنلىشىدۇ. بەلكىم كېيىنكى دەۋىرلەردىكى تىل تەرەققىياتى ۋە سۆزلەرنىڭ فونىتېكىلىق ئۆزگۈرۈش ياسىشى سەۋەبىدىن «بىميانا» ياكى «بىمانا» سۆزلىرى قىسقىراپ«بىما» ياكى «پىما» تەلەپپۇز قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن. تىلىمىزدا «ب» تاۋۇشىنىڭ«پ»غا يېنىكلەش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىدۇ. «م» تاۋۇشى بېلەن «ن» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىپكېلىش ھادىسىسىمۇ ئۇچرايدۇ. شۇ بويىچە ئېيتقاندا، «بىم» سۆزى كېيىنكى دەۋىرلەردەيىنىكلەپ «پىم» ياكى «پىن» تەلەپپۇز قىلىنغان بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا ماركوپولونىڭساياھەت خاتىرىسىدە «پىن» تاۋۇشى ئاھاڭ تەرجىمىسى، «انا» قوشۇمچىسى مەنەنتەرجىمىسى قىلىنىپ « Peinئۆلكىسى» دەپ ئېلىنغان بولۇشى مۈمكىن.




11. بىمبالىق شەھرىنىڭ ئورنى



ئۇنداقتا بىمبالىق بەگلىكىنىڭ ئورنى زادى قەيەر؟ ئاۋرىل سىتەيىن: بۇ شەھەر ئۇزۇنتات، چىرا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇلۇغ زىيارەت ياكى ئۇلۇغ مازار دېگەن جايلارغا توغرا كېلىدۇ، دەپقارايدۇ. لېكىن تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ دەۋىرلەردە ئۇزۇنتات (ئۇمې)شەھرى ئاللىبۇرۇن خارابىلىققا ئايلانغان. ئاۋرىل سىتەيىن بۇ قاراشتا بۇ يەردىكىقەدىمىي بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىزىنى ئاساس قىلغان. ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى، شۇنداقلا يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى دەۋىر تېپىلمىلىرىغائاساسلانغاندا، چىرا ناھىيىسىنىڭ شەرقى شىمالى، دامىكۇ، گۇلاخما يېزىلىرىنىڭ ئەتراپلىرىدا، بولۇپمۇ شىمالى تەرەپلىرىدە ئاز بولمىغان تۇرالغۇ ئىزلىرى ۋە بۇددائىزلىرى بار.



دامكۇ يېزىسىنىڭ شەرقى جەنۇبى، دۆلەت مۇداپىيە يولىنىڭ جەنۇبىدىن 3كلومېتىر يىراقلىتىكى جاڭگالدىن تېپىلغان كىچىك بۇددا ساڭرامى (ئائىلە بۇدخانىسى)ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى زور بۇد قاتارلىقلار بۇرايۇندا چاچقۇن ئولتۇراقلاشقان بۇددامۇخلىسلىرى ياشىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. قەدىمىي چىرا بەگلىكى ھازىرقى چاقا يېزىسىنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان. دامىكۇ، گۇلاخما، چىرا تەۋەلىكى قەدىمىي دەۋىرلەردە چەكسىزكەتكەن يايلاق ئىدى. ئاۋرېل سىتەيىن دامىكۇ يېزىسىنىڭ شىمالى ۋە شەرقىدىكى  جاڭگالدىن بۇدخانا ئىزلىرى ۋە تۇرالغۇ ئىزلىرىنىبايقاپ قېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، شەھەر خارابىسى بايقىمىغان. ھەم ھازىرغىچە بۇ رايۇندا سەھەر خارابىسى بارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بۇئەھۋاللار ۋە رىۋايەتتىن بۇ رايۇندا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردە مۇنتىزىمئولتۇراقلىشىپ ياكى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئاھالىنىڭ يوقلۇقىدىن دېرەك بىرىدۇ. شۇڭا «جەمدەر» دەرياسى بويىدىكى «بىم بالىق» شەھرىنىڭ ئورنى مەسىلىسىدە، بىرى، كېرىيە دەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىنلىرىغا نەزەر سېلىشقا،يەنە بىرى كېرىيە دەرياسىنىڭ قادىمىي ئېقىن بويلىرىدىكى قەدىمىي ئىزلارغا قاراشقاتوغرا كېلىدۇ.




ئارخىلوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەھلىلى ۋە مەن ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، كېرىيەدەرياسىنىڭ قەدىمىي غول ئېقىنى ۋە تارماق ئېقىنلىرى توغرىسىدىكى خۇلاسەم شۇكى:كېرىيە دەرياسى قاراقۇرۇم تاغ تىزمىلىرىدىكى نۇرغۇن ئېقىنلارنىڭ بىرلىشىشىدىن غولئېقىن ھاسىل قىلىپ، تاغ ئىتىكىدىكى يەلپۈگۈچ سىمان لاتقىلىققا كەلگەندىن كېيىن،يەنى ھازىرقى لەنگەر يېزىسى توغراق كەنتىنىڭ شەرقى شىمالىدا ئىككى تارامغائايرىلىپ، غول ئېقىنى غەربى شىمال يۆنىلىشىدە ئاققان، كىچىك تارماق ئېقىنى كېرىيەدەرياسىنىڭ ھازىرقى ئېقىنىنى ئاساس قىلىپ، شەرقى شىمال يۆنىلىشىدە ئېقىپ، ھازىرقى كېرىيە بوستانلىقىنىڭ جەنۇبىدا نۇرغۇن تاراملارنى ھاسىل قىلىپ، بۇ بوستانلىقىنىڭ شەرقىدىن ئۆتۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدا سىڭىپ تۈگىگەن. ھازىرقى كېرىيە بوستانلىقىدىكى تىگەن (مۇغاللا بازار باش قاچۇن كەنتى بېلەن جاي يېزا ئوتتۇرا جاي كەنتى ئارىلىقىدا،ھازىر تېرىمغا ئايلىنىپ كەتتى)، قاراتۇغان (جاي يېزا قاراتۇغان كەنتى تەۋەسىدە، ھازىرتېرىمغا ئايلىنىپ كەتتى)، ئويچىغيا (ياكى سېرىغ ئۆي يا. كۆكيار يېزا سېرىغ ئۆيكەنتى تەۋەسىدە، ھازىرمۇ ئېقىن)، سايۋاغيا (شەنبازار بازىرى سايۋاغ كەنتى تەۋەسىدە، ھازىرمۇ ئېقىن)، سېسىق ئىلەك (شەنبازار بازىرى سايۋاغ كەنتىنىڭ غەربى،قاراتۈرۈن كەنتىنىڭ شەرقىدىكى ساسلىق) قاتارلىق تاراملار شەرقى تارمىقى ھاسىل قىلغان تاراملار بولۇپ، بۇ تاراملار ھازىرقى بوستان شاللىق رايۇنىدا يىغىلىپ، چوڭساسلىق ۋە كۆللەرنى ھاسىل قىلغان.




توغراق كەنتىنىڭ شىمالىدا غەربى شىمال يۆنىلىشىدە ئاققان غول ئېقىنى ھازىرقى لەنگەر سۇ ئامبىرىنىڭ ئورنىدىن ئۆتۈپ،غەربكە قىيپاشراق شىمال يۆنۈلۈشىدە ئېقىپ، لەڭگەر يېزىسىنىڭ ئارا كەنتى بېلەنئۈجمىلىك ئارقا كەنتى ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاندىن شىمالغا قىيپاشراق  غەرب يۆلۈنىشىدە ئېقىپ توغرىغاز تەۋەسىدىكى ئايدىڭ كۆلدىن ئۆتۈپ، غەربى شىماليۆنۈلۈشىدە بۇرۇلۇپ، شىۋول يۋزىسىنىڭ شىمالىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئارىش مازار تەۋەسىدەئىككىگە ئايرىلىپ، غەربى تارمىقا دەندان ئۆيلۈك، يومۇلاققۇم شەھەرلىرىگە بارغان،شەرقى تارمىقى قارا دۆڭ شەھرىگە بارغان. بۇ ئېقىنمۇ لەڭگەر يېزىسى ۋە شەنبازار،توغرىغاز يېزىلىرىنىڭ جەنۇبى، لەڭگەر بوزيەرنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇنتارماق ئېقىنلارنى ھاسىل قىلغان. داۋزايا (شىۋول يېزىسىنىڭ شەرقىدە، ھازىرمۇئېقىن)، زوڭتال (لايسۇ ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنىڭ غەربى، قارقى يېزىسىنىڭ شەرقىدىكىساسلىق)، ئاق ئۆستەڭ (قارقى يېزىسى تەۋەسىدە)، چىگىلىك يا (قارقى يېزىسىنىڭ غەربى،دامكۇ يېزىسىنىڭ شەرقىدە، ھازىرمۇ ئېقىن) قاتارلىق تاراملارنى ھاسىل قىلغان.ھازىرقى دۆلەت مۇداپىيە يولىنىڭ شىمالى تەرەپلىرىدە ۋە جەنۇپ تەرىپىنىڭ دۆلەتمۇداپىيە يولىغا يېقىنراق يەرلىرىدە بۇ غول ئېقىننىڭ ئىزى ئاساسەن ئۆچۈپ، ساسلىققاايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، جەنۇپ تەرەپلىرى، يەنى لەڭگەر يېزىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەنئىزىنى ھېلىمۇ ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.



يوقارقى ئېقىن بويلىرىدىكىقەدىمىي ئىزلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھازىرقى لەڭگەر بوزيەر دېھقانچىلىقمەيدانىنىڭ شەرقىدە سەتمەت ساپالچىلىق مەيدانى قەدىمىي ئىزى بار. بۇ ئىزنىڭدائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، شەرقى شەنبازار بازىرىنىڭ قۇمبان كەنتىگە قەدەر،غەربى جەنۇبى لەڭگەر بوزيەرنىڭ جەنۇبىدىكى تۇزلۇق سايغا قەدەر، شەرقى جەنۇبىلەنگەر يېزىسىغا قەدەر، شىمالى قازىناق بوزيەر ۋە توغرىغاز يېزىسىنىڭ ياقا سارايكەنتىگە قەدەر سوزىلىدۇ. غەربىدە لەنگەر بوزيەر دېھقانچىلىق مەيدانى بولغاچقا،بۇرۇن قانداق ئىزلارنىڭ بارلىقى ئايدىڭ ئەمەس. بۇ جاي چوڭ سېغىزلىق بولۇپ،بىرقانچە يەردە خۇمدان ئىزى ۋە تۇرالغۇ ئىزلىرى بار، شۇ دەۋىرلەردە سېغىزىنى كولاپقالدۇرۇپ قويۇلغان كەتمىلەر ھازىرغا قەدەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ جايدا ساپالپارچىلىرى يېيىلىپ ياتقان بولۇپ، ئەڭ ئىپتىدائى ساپال بويۇملىرىغا مەنسۇپ بولغانقولدا ياسالغان قارا ساپال پارچىلىرى، ئوتتۇرا دەۋىرلەرگە مەنسۇپ رەڭلىك ساپالپارچىلىرى ۋە يۈەن سۇلالىسىدا بارلىققا كەلگەن سىرلىق ساپال پارچىلىرىمۇ ئورتاقمەۋجۇت. بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، ئارخىلوگلار بۇ يەردە خەن دەۋرىدىن باشلاپ، يېقىنقىزامانغىچە ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان، دەپ قارىماقتا. ھازىرمۇ بۇ رايۇندا 4ئورۇندا كېسەك خۇمدىنى بار. بۇ رايۇننىڭ شىمالىدىكى قازىناق رايۇنىدا بۇدداخارابىسى ۋە بۇددا مۇنارى بار. بۇلاردىن قەدىمىي دەۋىردە بۇ رايۇنلاردا ئاھالىلار ساپالچىلىقۋە تارقاق ھالدا چارۋىچىلىق قىلغان، شەھەرلىشىپ ياشىغانلار بولمىغان، دېگەنخۇلاسىگە كېلىمىز. ھازىرقى ئارىش مازار تەۋەسىدە شېھىتلەر مازىرى بار بولۇپ، بۇمازار ئىسلام غازاتچىلىرىنىڭ مازىرى، مىلادى 1002~1004- يىللارغا توغرا كېلىدۇ.



سىيەك يېزا بەشتوغراقكەنتىدىكى قەدىمىي شەھەر سېپىلىنىڭ قالغۇقى بۇ رايۇندا قەدىمىي شەھەربولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەر قەدىمىي كېرىيە دەرياسىغول ئېقىنىنىڭ شەرقىگە، بوستان شاللىق رايۇنىدىكى «يېشىل كۆل» دەپ ئاتالغان چوڭساسلىق ۋە كۆللەرنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بولىدۇ. بۇ جۇغراپىيىلىك شارائىت بۇشەھەرنى مول سۇ مەنبىئى ۋە تەبىئى بايلىق بېلەن تەمىن ئېتىدۇ. مېنىڭچە، «يىڭى تاڭنامە»دە تىلغا ئېلىنغان جەمدەر دەرياسى ھازىرقى ئايدىڭ كۆلدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان غولئېقىن بولسا كېرەك. ئايدىڭ كۆلنىڭ شەرقى شىمالى بوستان شاللىق رايۇنى بېلەن، غەربىشىمالى شىۋول يېزىسىنىڭ شەرقى ۋە شىمالىدىكى ساسلىق، شورلۇق بېلەن تۇتىشىدۇ. بۇجۇغراپىيىلىك ئەھۋال بۇ رايۇندا بۇرۇنقى دەۋىرلەردە نەچچە تارام ئېقىنلارنىڭ ئېقىپئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال «جەملەشكەن دەريا» مەنىسىدىكى «جەمدەر»سۆزى ھەققىدىكى قىياسىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. جەمدەر شەھرى بەشتوغراق تەۋەسىدىكىشەھەر سېپىلى جايلاشقان يەر بولسا كېرەك. يەرلىكلەر ”بۇ شەھەردە يات بىر قەۋىمياشىغان“ دەپ رىۋايەت قىلىشىدۇ. بۇ شەھەردە ياشىغان «يات قەۋىم» توغرىسىدىكىرىۋايەتلەر ھەر خىل بولۇپ، بەزىلەر «قالماقلار» دېسە، يەنە بەزىلەر «موڭغۇللار»دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر «قازاقلار» دېسە، يەنە بەزىلەر تىبەتلەر دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە«قالماق» ئاتالغۇسى بېلەن «موڭغۇل» ئاتالغۇسى بىرلا مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇرايۇننىڭ ئاھالىسى توغرىسىدىكى تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايۇنغاموڭغۇللارنىڭ ياكى قازاقلارنىڭ توپلىشىپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى توغرىسىداھېچقانداق مەلۇمات يوق. خەلق ئارىسىدىمۇ بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق رىۋايەت يوق. گەرچەتىبەتلەر تارىختا خوتەن رايۇنىنى بىر قانچە قېتىم ئىستىلا قىلغان بولسىمۇ،توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، شەھەر ياكى بىرەر كەنت بەرپا قىغانلىق توغرىسىداھېچقانداق مەلۇمات ياكى رىۋايەت يوق. مېنىڭچە، بۇ شەھەردە قەدىمىي بىمبالىقلارنىڭئەۋلاتلىرى داۋاملىق ياشاپ كەلگەن. قەشقەردىن كەلگەن غازاتچىلاردىن قالدۇرۇلغانلەشكەرلەر ۋە كۆچۈرۈلگەن تېرىقچى ئاھالە بۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى تېخى ئېچىلمىغان،ئاھالە ئولتۇراقلاشمىغان رايۇنلاردا يەر ئېچىپ ماكانلاشقان. بىمبالىق ئاھالىسىئېتنىك مەنبە جەھەتتىن ئۇلارغا ئوخشىمىغاچقا، ھەم ئەجداتلىرىنىڭ ئەنئەنىسى، تىلى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەچكە، ئۇلار كېيىنكى دەۋىرلەردە «يات قەۋىم»دەپ خاتا چۈشۈنىلگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. مىلادى 1884- يىلى كېرىيە ناھىيەقىلىپ تەھسىس قىلىنغاندىن كېيىن، كېرىيەگە ئەۋەتىلگەن ئامبال بۇ قەدىمىي شەھەرئورنىغا يامۇل سېلىشنى پىلانلاپ، بۇ يەرنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنھاشارچىلارنى يىغىپ ئۆستەڭ قازدۇرغان. ئۆستەڭ پۈتكەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ زەيكەشئىكەنلى ۋە يەنە زور كەلكۈن كەلسە شەھەرنى ھەيران قىلىۋېتىش مۈمكىنچىلىكىنىنەزەردە تۇتۇپ، بۇ يەرگە يامۇل سېلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، ناھىيە يامۇلىنىھازىرقى كېرىيە بازىرىنىڭ كونا شەھەر رايۇنىغا سالدۇرغان. شۇڭا بۇ ئۆستەڭ ھازىرغاقەدەر «يامۇل ئۆستەڭ» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئەگەر شۇ دەۋىردە ناھىيە يامۇلى بۇقەدىمىي شەھەر ئورنىغا سېلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا كېرىيەنىڭ مەركىزى شۇ جاي بولۇپقالاتتى.



بىز جەمدەر شەھرىنىڭئورنىنىمۇ بەشتوغراق قەدىمىي شەھرى، بىمبالىق شەھرىنىڭ ئورنىنىمۇ بەشتوغراققەدىمىي شەھرى بولۇشى مۈمكىن دېگەن قىياسنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇنداقتا، بىرشەھەرنىڭ نامى ئىككى خىلمىدى؟ «يېڭى تاڭ نامە»دە «جەمدەر» دەپ تىلغا ئېلىنغان بۇشەھەر يەنە شۇ دەۋىردىكى «غەربكە ساياسەت خاتىرىسى»دە «بىمبالىق» دەپ تىلغائېلىنىدۇ. ئومۇمى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ شەھەرنىڭ «جەمدەر» دەپ ئاتالغان دەۋرىقىسقا، «بىمبالىق» دەپ ئاتالغان دەۋرى ئۇزۇن بولۇپ، تاڭ دەۋرىدىن يۈەن سۇلالىسىدەۋرىگىچە شۇنداق ئاتالغان. مېنىڭچە. «جەمدەر» دەريانىڭ نامى بولۇپ، سەيياھلار بۇدەريا بويىدا ئاپىرىدە بولغان شەھەرنىمۇ دەريانىڭ نامى بېلەن ئاتىغان بولۇشى، ياكىبۇ شەھەر بىر مەزگىل شۇ دەريانىڭ نامى بېلەن ئاتىلىپ، بىر ئايماقنىڭ مەركىزىشەھرىگە ئايلانغاندىن كېيىن «بىمبالىق» (يەرلىك تىلدا «بىما» ياكى «پىما») دەپئاتالغان بولۇشى مۈمكىن.



12. كېرىيە دەرياسىنىڭئېقىن ئۆزگەرتىشى



ئىسلامىيەت دەۋرىدىنبۇرۇنقى دەۋىرلەردە دەريا سۈيىنىڭ تارتىلىپ كېتىپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى پەيداقىلىپ، ئاھالىلارنىڭ كۆچىشىگە سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىل – كېرىيە دەرياسىنىڭيوقۇرى ئېقىنىدىكى يانار تاغنىڭ پارتلىشى ئىدى. كېرىيە دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدادۇنيا بويىچە ئەڭ ياش ھەركەتچان يانار تاغ بار بولۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرگەئاساسلانغاندا، تارىختا بىر نەچچە قېتىم پارتلىغان. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1951- يىلى5- ئاينىڭ 27- كۈنى پارتلىغان بولۇپ، گىئولوگلار شۇ چاغدا بۇ يانار تاغنى 50 يىلدابىر قېتىم پارتلايدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە قايتا پارتىلىمىدى.كېرىيەدىكى يەر تەۋرەش مەركىزى ئاساسلىقى مۇشۇ رايۇندا بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچەيىل مابەينىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش پۈتۈنلەي يانار تاغ رايۇنىدا كۆرۈلدى. سۈنئىھەمراھتا تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق كۈزەتكىنىمىزدە، بۇ رايۇندا ئۈچ ئورۇندايانار تاغ پارتلىغان ئېغىز بار. قەدىمقى دەۋىرلەردە بۇ يانار تاغ پارتلىغاندىنكېيىن، ئېتىلىپ چىققان ماگمىلار كېرىيە دەرياسىنىڭ يوقۇرى ئېقىنىنى توسۇپ،دەريانىڭ باش قىسمىنى ئۈزۈۋەتكەن. بۇنىڭ بېلەن ئاچچىق كۆل، ئىبراھىم كۆل قاتارلىقئىككى چوڭ كۆل ھاسىل بولغان. دەريانىڭ باش قىسمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەپلىك دەرياسۈيى ئازلاپ كېتىپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى پەيداقىلغان ۋە كېرىيە دەرياسىنىڭ تارىم دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان تارىخىغا خاتىمە بەرگەن.بۇ ئاپەت كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىندىكى تەبىئى بوستانلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى،دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتىكى ئېغىر قۇرغاقچىلىقنى پەيدا قىلىپ، كېرىيەدەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا بەرپا قىلىنغان شەھەر- راباتلاردىكى ئاھالىنى دەريانىڭيوقۇرى ئېقىنىغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان.



ئىسلامىيەت دەۋرىدە، يەنىمىلادى 1002-، 1004- يىللىرى كېرىيە دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى ھازىرقى ئورنىغايۆتكىلىش سەۋەبىدىن، بۇرۇنقى غول ئېقىننىڭ كەلكۈن مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، بۇرۇنقىغول ئېقىن بويلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئاھالە يىڭى غول ئېقىن بويىغا تەدرىجى كۆچۈپ، بۇيەردىكى ئاھالىگە سىڭىشىپ كەتكەن. ئۇنداقتا، كېرىيە دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى قانداقبولۇپ ھازىرقى ئورنىغا يۆتكىلىپ كەتكەن؟ مۇناسىۋەتلىكتارىخى ماتېرىياللار ۋە خەلق ئارىسىدىكى ھېكايە- رىۋايەرلەرگە ئاساسلانغاندا،مىلادى 960- يىلى قاراخانىيلارنىڭ سۇلتانى سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى دۆلەتدىنى دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، قەشقەر ئىسلامىيەتچىلىرى بىلەن خوتەن بۇددىستلىرىئوتتۇرىسىدا ئۇدا 40 نەچچە يىل ئۇرۇش بولدى. ئارىلىقتىكى ئۇرۇش توختىغان قىسقامۇددەتلىك تىنچلىق دەۋرلىرىدە قاغىلىق چېگرابولۇپ تۇرغان بولسا، ئۇرۇش مەزگىللىرىدە گاھ خوتەن بۇددىستلىرى يېڭىسارغىچە بېسىپبارغان، گاھ قەشقەر ئىسلام غازاتچىلىرى گۇمىنىڭ پىيالمىغىچە بېسىپ كەلگەن. ئاخىرخوتەن بۇددىستلىرى قەشقەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغاندا، قاراخانىيلارنىڭ شۇ چاغداقەشقەردە تۇرىۋاتقان سانغۇنى يۈسۈپ قادىرخان ئەرەبلەرنىڭ40 مىڭ كىشىلىك (بەزى ماتېرىياللاردا 20 مىڭ كىشىلىك دىيىلىدۇ) قوشۇنىنىياللىۋېلىپ، ئۆز لەشكەرلىرىنى قوشۇپ خوتەنگە ئومۇمىي يۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغان. بۇئۇرۇشتا خوتەن بۇددىستلىرى تارمار قىلىنغان بولسىمۇ، ئىسلام غازاتچىلىرى بىر نەچچەقېتىم پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. چىرا ناھىيىسىنىڭ چاقا رايونىدا ئەرەب قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان 4ئىمام شېھىت بولغان بولسا، خوتەن بۇددىستلىرىنىڭ سەركەردىلىرى نۇقتى ۋە جۇقتىلار ئەسىرگە چۈشكەن. چاقا ئۇرۇشىدىنكېيىن، غازاتچىلار كېرىيەگە ھۇجۇم قوزغىغاندا، كېرىيەدىكى بۇددىستلار ئۇرۇشتايېڭىلىپ كېرىيىگە چىكىنىپ كەلگەن خوتەن بۇددىستلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قاتتىققارشىلىق كۆرسەتكەن. قارقى، شىۋول تەۋەسىدىكى ئۇرۇشتا غازاتچىلارنىڭ ئالدىن يۈرەرقىسمى قاتتىق تالاپەت تارتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭ قوشۇن يېتىپ كېلىپ، بۇددىستلارنىتارمار قىلغان، بۇددىستلار جەڭدە يېڭىلىپ، ھازىرقى كۆكچى سايدىكى مۇستەھكەمقورغىنىغا بىكىۋالغان. بۇ يەردە 40 كېچە- كۈندۈز ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ،بۇددىستلارنىڭ قورغىنى كېسەكلەپ ياسالغان، مۇداپىئەگەقۇلاي مۇستەھكەم قورغان بولغاچقا، ئىسلام غازاتچىلىرى بۇ قورغاننى زادىلائالالمىغان. ئىككىنچى يىلى كەلكۈن پەسلىدە ئىسلام غازاتچىلىرى كېرىيە دەرياسىنىتوسۇپ، كەلكۈن سۈيىنى قورغانغا باستۇرۇپ، ئاندىن بۇددىستلارنى ئۈزۈل- كېسىل مەغلۇپقىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ قورغان 2~3 مېتىر تاش- شېغىللىق لاتقا تېگىگە مەڭگۈلۈككۆمۈلۈپ قالغان. بۇ قېتىمقى دەريانى توسۇپ، كەلكۈن سۈيىنى شەھەرگە باستۇرۇشۋەقەسىدىن كېيىن، كېرىيە دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى شۇ دەۋىرلەردە «كېريا» دەپ ئاتالغانتارماق ئېقىنغا يۆتكىلىپ، ھازىرقى ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن.



ئىسلام ئىستىلاسىدىن كېيىن،بۇددىستلارنىڭ بۇدخانىلىرىلا ئەمەس، شەھەر- راباتلىرىمۇ ۋەيران قىلىنغاچقا،ئاھالىلار پارچە بوستانلىقلارغا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇرۇشتا يېڭىلگەنبۇددىستلارنىڭ بىر قىسمى داۋاملىق شەرققە قېچىپ، كۆكنۇر (ھازىرقى چىڭخەي)، كەڭسۇ(ھازىرقى گەنسۇ) رايۇنىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. يەنە بىرقىسىم بۇددىستلارتاغ يوللىرى ئارقىلىق تىبەتتىكى لىخاسا بۇدخانىسىغا چىقىپ پانالانغان. لىخاسابۇدخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ۋەسىقىلەردە، خوتەندىن قېچىپ چىققان بۇددا راھىبلىرىغائالاھىدە ئىمتىياز بېرىلگەنلىكى ۋە ئەتىۋارلانغانلىقى توغرىلىق مەلۇماتلار بار.يەنە بىر قىسىم جاھىل بۇددىستلار تاغلىق رايۇنلارغا چىقىۋېلىپ، پات-پات شەھەرگەھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ تۇرغاچقا، بىر جەھەتتىن يەرلىك بۇددىستلارنىڭئىسيان كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىش، يەنە بىر جەھەتتىن: شەرق تەرەپتىن كېلىدىغانتۈبۈتلەر، كۆكنۇرلۇقلار ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ خەۋپىدىن، شىمال تەرەپتىنكېلىدىغان كۈسەن بۇددىستلىرىنىڭ خەۋپىدىن مۇداپىيەلىنىشتە، كېرىيە ئىستىراتىگىيەجەھەتتە ئىنتايىن موھىم ئورۇندا ئىدى. شۇڭا قاراخانىيلار كېرىيەگە غازات قىلىپكەلگەن چېرىكلەرنىڭ بىر قىسمىنى بۇ رايۇندا ئولتۇراقلاشتۇرغاندىن باشقا، يەنەقەشقەر تەرەپتىن مەركىت قەبىلىسى، قارلۇق قەبىلىسى ۋە باشقا قەبىلىلەردىنتېرىقچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرغان. بۇ دەۋىرلەردە كېرىيە دەرياسىنىڭغول ئېقىنى ھازىرقى ئورنىغا يۆتكىلىپ كەتكەچكە، قارلۇق قەبىلىسى مۇداپىيە ۋەماكانلىشىشنى نەزەردە تۇتۇپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ يىڭى غول ئېقىنى بويىغائولتۇراقلىشىپ، قارلۇق كەنتىنى بەرپا قىلغان. مەركىت قەبىلىسى كېرىيەنىڭ بۇرۇنقىئورنى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ، مەكىت كەنتىنى، بىرقىسىم چېرىكلەرمۇ شۇ ئەتراپتىكىرايۇنلاردا ئولتۇراقلىشىپ، قاراتۈرۈن، چوقلا، توغرىغاز قاتارلىق كەنتلەرنى بەرپاقىلغان.



چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭدەۋرىدە (مىلادى 1736~ 1796- يىللىرى) يېزىلغان «غەربى دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى»نىڭ19- جىلتىدا: ”كېيا، بۇرۇنقى تەلەپپۇزى كېريا، چىرا شەھرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن 200چاقىرىم، غەربى ئىلچى شەھرىگە 430 چاقىرىم، شەھەر سېپىلى بار، شەرقى چېگرىسى كېريادەرياسىغا تۇتىشىدۇ“ دەپ خاتىرىلەنگەن. «ئېقىن خاتىرىلىرى»نىڭ 2- جىلتىدا:”ھازىرقى دەريا (كېريا) شەھرىنىڭ شەرقىدە، دەريانىڭ يۆتكەلگەنلىكىگە باشقىچە گۇمانيوق“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ خاتىرىلەردىكى بايانلار كېرىيەنىڭ ھازىرقى ئورنىغا ماسكېلىدۇ.



13.«كېرىيە» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى



كېرىيە دەرياسىنىڭ غولئېقىنى ھازىرقى ئورنىغا يۆتكىلىشتىن بۇرۇنقى كىچىك ئېقىن «كېريا» دەپ ئاتىلاتتى.كېيىن بۇ ۋادىدا بەرپا قىلىنغان بوستانلىق شۇ دەريانىڭ نامى بېلەن «كېريا» دەپئاتىلىپ، كېيىنچە «كېرىيە»گە ئۆزگۈرۈپ كەتكەن. يەرلىك كىشىلەر ھازىرمۇ كېرىيەنى«كېيا» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنداقتا، «كېريا» دېگەن ئىسىم قانداق شەكىللەنگەن؟ خوتەنساك تىلىدا كىچىك دەريالارنىڭ «يا» دىيىلىدىغانلىقىنى باشتا سۆزلەپ ئۆتتۇق.ھازىرمۇ خوتەن شىۋىسىدە شۇنداق ئاتىلىدۇ. خوتەن رايۇنىنىڭ شەرقىدىن غەرپكە قاراپ،يا سۆزى بېلەن ئاتالغان يەر ناملىرىنى تىزىپ كۆرىدىغان بولساق: روكيا، نىيا،ئوييا، تۇميا، كېيا، ئويچىغيا، سايۋاغيا، داۋزايا، چىگىلىكيا، دامكۇيا، گۇلاخمايا،بۇيا، جىيا، كۇيا، ھاڭگىيا (ھازىرقى ھاڭگۇي)، زاڭگۇيا (ھازىرقى زاڭگۇي)، قارايا...بۇلارنىڭ ھەممىسى دەريا بېلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسىملاردۇر. ئەمدى، «كېر» سۆزىنىڭمەنىسىگە كەلسەك، بېيلىي تۈزگەن «خوتەن ساك تىلى لوغىتى»دە «كېر» سۆزىگە:”زىرائەت، تېرىش. «كار»غا قارالسۇن.“ دەپ تەبىر بەرگەن. «كار» سۆزىگىمۇ ”زىرائەت،تېرىش“ دەپ ئىككى خىل يېشىم بەرگەن⑭. ھازىرقى زامان خوتەن شىۋىسىدە«كېر» سۆزى خوتەن شىۋىسى ئالاھىدىكى بويىچە «كېي» شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،زىرائەت پەرۋىشىگە ۋە ئاش- تاماق تەييارلىقىغا قارىتىلىدۇ. مەسىلەن: يەگە كېيىدۇق(تېرىقچىلىققا تەييارلىق قىلدۇق)، بۇغدايغا كېيىش بېلەن بولداق (بۇغداي پەرۋىشىبېلەن بولدۇق)، لەغمەنگە كېيىدىم (لەغمەن ئېتىشكە تەييارلىق قىلدىم) ....دېگەندەك. «كار» سۆزى خوتەن، قاراقاش شىۋىلىرىدە ئېتىز ئەمگىكىنى كۆرسىتىدۇ. كارغابادىم (ئېتىز ئەمگىكىگە باردىم)... دېگەندەك. پارىس تىلىدا «مەلۇم ئىش، ئەمگەكبېلەن شۇغۇللانغۇچى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مەدىكار، نىمكار، مەدەتكار،سەئەتكار… دېگەندەك. بۇ سۆز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئىش» مەنىسىدە ساقلانغانبولۇپ، «نېمە كارىڭ، كارىم يوق» دېگەندەك شەكىللەردە ئۇچرايدۇ.



يوقارقى ئەھۋاللارغائاساسلىنىپ، «كېريا» سۆزى «زىرائەت تېرىلغان ئېقىن» ياكى «تېرىلغۇ يەردىكى ئېقىن»دېگەن مەنىدە ياسالغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا تۈرۈك تىلىدا ياسالغان«تارىم دەرياسى» بېلەن مەنىداش سۆز دۇر. بۇنداق بولۇشىدا، كېرىيە دەرياسىنىڭ غولئېقىنى ھازىرقى ئېقىنغا يۆتكىلىشتىن بۇرۇنقى كىچىك ئېقىن ھازىرقى كېرىيە ناھىيەمەركىزىنىڭ جەنۇبىدىكى ئارىش يېزىسى ۋە لەڭگەر يېزىسىنىڭ شەرقى شىمالى بۆلەكلىرىدەبىرقانچە تارامغا بۆلۈنۈپ ئاققاچقا، تېرىقچىلىق قىلىشقا قولاي شارائىتھازىرلانغان. شۇڭا بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقانلار دەريا سۈيىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسىتارماق ئېقىنلارنىڭ ئىككى قىرغىقىدا كەڭ كۆلەمدە تېرىقچىلىق قىلغان. كۆكيار يېزىسى،جاي يېزىسى، ئارال يېزىسى ۋە بۇ يېزىنىڭ كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىغاجايلاشقان بەشتوغراق رايۇنى شۇ دەۋىرلەردە ئاھالە ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىققىلغان رايۇنلاردۇر. بەش توغراق رايۇنىنىڭ غادىراڭ كەنتى تەۋەسىدىكى كەڭقېرىنقەدىمىي ئىزى ۋە يىڭىباغ يېزىسىنىڭ جەنۇبى، كېرىيە دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىدىكىيۇمىلاق قەدىمى ئىزى قاتارلىقلار– بۇ قارىشىمىزنى ماددى پاكىت بېلەن تەمىن ئېتىدۇ.كۆكيار ۋە جاي يېزىلىرى تەۋەسىدىكى خوتەن ساك تىلىدا ياسالغان يەر ناملىرى بۇقارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كېرىيە دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى «كېريا»دەپ ئاتالغان تارماق ئېقىنغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، شىمالى يېرىمشاردىكى بارلىقدەريا ئېقىنلارنىڭ شەرققە سۈرۈلۈش قانۇنىيىتى بويىچە، دەريا ئۆزلۈكسىز شەرققەسۈرۈلۈپ، شەرقى قىرغاقتا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلارنى تەدرىجى ۋەيران قىلغان. بۇئاھالىلارنىڭ ھۈنەرۋەن، سودىگەر، تىجارەتچىلىرى تەدرىجى ھالدا غەربى قىرغاققاكۆچۈپ بۇ تەرەپتىكى ئاھالىلارغا قوشۇلۇپ ئولتۇراقلىشىپ، كونا شەھەر رايۇنىنىشەكىللەندۈرگەن بولسا، دېھقانچىلىق بېلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلار داۋاملىقشەرىققە سۈرۈلۈپ، ھازىرقى بەشتوغراق، يەتتە قىزىل، غادىراڭ، يەتتەباش قاتارلىق كەنتلەرنىبەرپا قىلغان.



ئىسلامىيەتتىن كېيىن،كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقى، كونا شەھەر رايۇنىنىڭ شەرقى شىمالىغا شەھەرسېپىلى ياسىتىلغان ۋە ھازىرقى كونا شەھەر رايۇنى شەھەر مەركىزى ۋە بازار قىلىنغان.كېيىنكى دەۋىرلەردە شەھەر سېپىلى كەلكۈننىڭ ھۇجۇمى ۋە زەي زەربىسىدىن تامام ۋەيرانبولغان بولسىمۇ بۇ جاي ھازىرغا قەدەر قەدىمىي تۈرۈك تىلىدا «شەھەر سېپىلى»نەمىسىنى بىرىدىغان «ھېسار» سۆزىدىن فونىتىكىلىق ئۆزگۈرۈش ياساپ ھاسىل بولغان«ھاسا» («ھا» بوغۇمى سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) سۆزى بېلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.



سەيياھ ماركوپولو ئۆزىنىڭساياھەت خاتىرىسىدە بۇ رايۇننى «pein ئۆلكىسى» دەپ خاتىرىلىگەن. ئۇمۇنداق يازغان: ”پېئىننىڭ يەر مەيدانى بەش كۈنلۈك يولنىڭ مۇساپىسىچىلىك بولۇپ، ئۇيەر شەرق بېلەن شىمال ئارىلىقىدىكى يۆنۈلۈشكە جايلاشقان… بۇ يەرنىڭ ساناپتۈگەتكۈسىز شەھەر- راباتلىرى ۋە قەلئە- قورغانلىرى بار. مەركىزى پېئىن دەپئاتىلىدۇ. بىر دەريا بۇ ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. دەريا قېنىدىكىقاشتېشىنىڭ زاپاس مىقتارى مول بولۇپ، ئۇنىڭدىن قارشىدون ۋە ياسىپ دەپ ئاتىلىدىغانقاشتېشى چىقىدۇ. بۇ يەردىن خىلمۇ- خىل يىمەكلىكلەر تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا يەنەپاختىمۇ چىقىدۇ…“ بۇ خاتىرىدىكى «پېئىن» سۆزى «بىم بالىق»نى كۆرسىتىدۇ. بىم بالىق تاڭدەۋىردىكى خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللاردا «媲摩» دەپ يېزىلغان. بۇ سۆزنىڭقەدىمىي تەلپپۇزى «p’iei mua پىيې مۇا»دۇر. ماركو پولونىڭخاتىرىسىدىن قارىغاندا، 13- ئەسىرلەردە كېرىيە دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى ھازىرقىئورۇنغا يۆتكەلگەن، بىر قىسىم ئاھالە كېرىيە دەرياسىنىڭ يىڭى غول ئېقىنى بويىدايېزا، بازار، كەنتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئاھالە كۆجۈم ئولتۇراقلاشقان بۇ يېڭى بازار«كېريا» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، مەركىزى شەھرى يەنىلا بىمبالىقتا بولغاچقا،بىمبالىققا قاراشلىق بارلىق رايۇنلار، جۈملىدىن كونا- يىڭى، چوڭ- كىچىك شەھەر-بازارلار، راباتلار، قورغان- قورۇللار ۋە لەنگەر- ئۆتەڭلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ،يەنىلا بىمبالىق (يەرلىك تىلدا «بىما» ياكى «پىما) دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقابولىدۇ. ماركوپولونىڭ بايانىدىن يەنە بۇ بوستانلىق ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ پېما ئۆلكىسىقىلىپ باشقۇرۇلغانلىقى مەلۇم.



«‹چىڭ سۇلالىسى تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار›تەزكىرە51. جۇغراپىيە 23. شىنجاڭ» باپىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: ”كېرىيە ناھىيىسى (于阗繁)، ئۇيغۇر. ئايماق شەرقىدىن 460 چاقىرىم. خەنچە ئۇمې (扞弥). چىرا، نىرەن، روڭلۇ، چەرچەن، ئەندىرە دۆلەتلىرى قۇرۇلغان يەر.كېيىنكى خەن دەۋرىدە 拘弥  دەپ ئاتالغان.شىمالى ۋېي سۇلالىسىدا جورجانلارغا قارام بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە تۈرۈكلەرگەتەۋە بولغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا پىشا قورۇقچى بەگ مەھكىمىسىگەقارىغان. يىفېڭنىڭ ئوتتۇرلىرى (مىلادى 677- يىللىرى) تۈبۈتلەر بېسىۋېلىپ، چاڭشۇيىللىرى (مىلادى 692، 693- يىللىرى) مۇستەققىل بولۇپ، ئۇدۇنغا تەۋە بولغان.كېيىنكى جىن (مىلادى 936~942- يىللىرى) گەنجۇ (绀州) ئايمىقى تەھسىس قىلىنغان. سوڭ سۇلالىسىدا يەنىلا ئۇدۇنغا تەۋەبولغان. جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسىدا غەربى لىياۋغا، كېيىن نايمانلارغا قارام بولغان.يۇەن سۇلالىسىدا ئارغۇنلارنىڭ سويۇرغاللىق يېرى بولغان. مىڭ سۇلالىسىدامۇسسۇلمانلار يۇرتىغا قوشۇۋېتىلگەن. كاڭشى يىللىرى جۇڭغارلارغا تەۋە بولغان.چىيەنلوڭنىڭ 20- يىلى (مىلادى 1681- يىلى) ئىچكىرىگە قارىغان. 24- يىلى (مىلادى1685- يىلى) ھاكىمبەگ مەھكىمىسى قۇرۇلغان. گۇاڭشۈنىڭ 9- يىلى (مىلادى 1883- يىلى)قاراقاشنىڭ باشقۇرۇلىشدا بولغان، كېيىن كېرىيە(克里雅)نىڭ باشقۇرۇشىغا كۆچۈرۈلگەن.“ بۇ بايانلار كېرىيەلىكلەر خەن دەۋرىدىنباشلاپ كېرىيە دەرياسىنىڭ ئاياغ ۋە ئوتتۇرا ئېقىنلىرىدا شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپ،گاھ مۇستەقىل بەگلىك بولۇپ، گاھ باشقا بەگلىكلەرگە قارام بولۇپ ياشاپ كەلگەنلىكىنىچۈشەندۈرۈپ بېرىپلا قالماستىن، ھازىرقى كېرىيەلىكلەرنىڭ ئۇمې شەھرىدەياشىغانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىكەنلىكىدىنمۇ مەلۇمات بېرىدۇ. ھەم كېرىيەناھىيە قىلىپ تەھسىس قىلىنغاندىن كېيىن، چىرا، نىرەن، روڭلۇ، چەرچەن، ئەندىرەدۆلەتلىرى قۇرۇلغان زىمىنلارنىڭمۇ كېرىيەگە قاراشلىق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.



14. كېرىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە يەر ناملىرىتوغرىسىدا



1)نامپايامنا: خوتەن رايۇنىدىكى قەدىمىي ئىزلاردىن تېپىلغان ۋەسىقىلەردە ئۇدۇندا Nampajamnai )نامپايامناي) دەپئاتىلىدىغان بىر ئۆلكىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بار. توماس ئۇدۇن رايۇنىدا jamna (يامنا) دەپ ئاتىلىدىغان بىررايۇننىڭ بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. يەنە بەزى تارىخچىلار Nampajamnai سۆزىدىكى Nam (نام) نى خەنزۇچىدىكى «南»، pa (پا) تۈبۈت يېزىقىدىكى ھالەتقوشۇمچىسى بولۇپ، jamna (يامنا) سۆزىنىڭئېنىقلىغۇچىسى،  jamna ئۇدۇنغا قاراشلىق بىر رايۇندەپ قارىغان. سېن جوڭمىيەن ئەپەندى 宁弥 سۆزىنىڭ قەدىمىي تەلەپپۇزى niengmjie،  mتاۋۇشى بېلەن n تاۋۇشى نۆۋەتلىشىپ، m تاۋۇشى p لىشىپ،Nampa  宁弥دەپئاتالغان بولۇپ، ئۇمېنىڭ يەنە بىر نامى، دەپ قارىغان.⑮ ساك تىلىدىكىشەھەر ياكى ئايماقلانىڭ نامىغا «دانا، يانا» سۆزىنى قوشۇپ ياساش ئادىتىگە ئاساسەن،بۇ سۆزنى «نامپايانا» دەپ پەرەز قىلىشمۇ مۈمكىن. بۇ پەرەزنى توغرا دەپ قارىساق، «نامپا»سۆزىگە ئۆلكە (ياكى ئايماق) مەنىسىنى بىرىدىغان «يانا» سۆزى قوشۇلۇپ، «نامپايانا»دەپ ئاتالغان دىيىش مۈمكىن. ئۇھالدا بۇ نام دەندان ئۆيلۈكنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغانئۆلكىنىڭ نامى بولۇشى مۈمكىن.



2) كەنچىڭ:خەنزۇچە تارىخى ماتېرىياللاردا 坎城镇، 坎城守捉 دېگەن نام ئۇچرايدۇ. 坎خېتىنىڭ قەدىمىيتەلەپپۇزى k’am, k’om (كوم،كام)، 城خېتىنىڭ تەلەپپۇزى، ʒĭeŋ،ʒĭἑŋ(ژېڭ،ژەڭ). ئەگەر 坎城 سۆزىدىكى 城 تەلەپپۇز تەرجىمىسى بولۇپ،يەرلىك ئاھالىنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسىدا شۇنداق يېزىلغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ بازارنىڭيەرلىك نامى «كامژىڭ» بولىدۇ. لېكىن خوتەن ساك تىلىدا «ژ» تاۋۇشى مەۋجۇت ئەمەس،شۇڭا بۇ تەلەپپۇزنى توغرا دىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر مەنەن تەرجىمىسى قىلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ سۆز «كام شەھرى» دېگەن مەنىدە«كامدانا» ياكى شۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرىدىن قوبۇل قىلىنغان «شەھەر»مەنىسىدىكى «بالىق» سۆزى قوشۇلۇپ «كامبالىق» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن.(«كامدانا» سۆزى پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە «داناكام» ياكى «داناكوم» دەپ ياسالغان بولسا،ھەم بۇ شەھەرنىڭ ئاخىرقى ئاھالىسى بۇ شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يايلاققا كۆچۈپئولتۇراقلاشقان بولسا، شەھەر ئاھالىسى ئۆزلىرى ياشىغان شەھەرنىڭ نامىنى ياد ئېتىشئۈچۈن «داناكام» ياكى «داناكوم» سۆزىنى ئۆزلىرى بەرپا قىلغان يىڭى مەھەللىگە قويۇپئىشلەتكەن بولسا، بۇ سۆز ئۇزۇن يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا «داماكۇ» بولۇپئۆزگۈرۈپ، ھازىرقى دامىكۇ يېزىسىنىڭ نامى بولۇپ قالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىيەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە تىگىشلىك.)



«يىڭى تاڭ نامە» 48- جىلد «تەزكىرە 33- باپ كېيىنكىبۆلەك. ئوڭ (غەرب) تەرەپ لىفېڭ ئايمىقى تۇتۇق مەھكىمىسى. تاغنىڭ جەنۇبىدىكىيول»دا: ”... ئۇدۇننىڭ 300 چاقىرىم شەرقىدە كامژېڭ بازىرى (坎城镇) بار، 600 چاقىرىم شەرقىدە لامژېڭ بازىرى (兰城镇) بار.... لوپنۇر كۆلى (蒲昌海)نىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن... 500 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇدۇننىڭشەرقىدىكى لامژېڭ قورۇلى (兰城守捉) غا بارىدۇ. يەنە غەربكە يۈرۈپ، جېدۇ قەلئەسى (移杜堡)، بېڭخۇەي قەلئەسى (彭怀堡)، كامژېڭ قورۇلى (坎城守捉)دىن ئۆتۈپ، 300 چاقىرىم يۈرگەندە ئۇدۇنغا بارىدۇ.“ دەپخاتىرىلەنگەن. «خەن سۇلالىسى تارىخى»دا ”ئۇمىبەگلىكى، ئۇدۇنغا 300 چاقىرىم“ دىيىلگەن. «يىڭى تاڭ نامە» 237- جىلد«تەزكىرە 146- باپ ئالدىنقى بۆلەك. غەربى دىيار، ئالدىنقى بۆلەك»تە: ”ئۇدۇننىڭ 300چاقىرىم شەرقىدە جەمدەردەرياسى بار“ دىيىلگەن. بۇ بايانلارداكامژېڭ، ئۇمې، جەمدەر دەرياسى قاتارلىق جايلارنىڭ مۇساپىسى ئوخشاشلا 300 چاقىرىمدىيىلگەن. گۇ دەن يازغان «قەدىمقى دەۋىر يەر ناملىرى مەجمۇئەسى» ناملىق كىتابتا: 宁弥 قەدىمىي نامى، 达德勒يەرلىك نامى، 坎城ھۆكۈمەت ھۆججەت- ئالاقىلرىدا ئشىلىتىدىغان ئەدەبىي نامى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. سېنجوڭمىيەن بۇ قاراشقا قوشۇلماي، 坎城بېلەن khema ئىككىسى ئوخشاش، بىر يەر بولۇش ئېھتىماللىقى زور، دەپ قارىغان. ئۇبۇ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا 坎خېتىنىڭ قەدىمىي تەلەپپۇزى kamبېلەن khem(a) سۆزىنىڭ ئىنتۇناتسىيەسىنىڭ يېقىنلىقىنى پاكىت قىلغان.⑯ئەگەر سېن جوڭمىيەننىڭ ھۆكۈمىنى توغرا دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا بۇ شەھەر ئۇمىبولىدۇ.



بۇئەھۋاللاردىن مۇنداق ئىككى خىل قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ: 1) كامدانابازىرى ياكى قورولى تىلغا ئېلىنغان بايانلاردا ئۇمې ياكى جەمدەر، دەندانا،بىمبالىق شەھەرلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، شۇ دەۋىرلەردە ئۇدۇنياكى باشقا بەگلىكلەر بېلەن بولغان ئۇرۇشتا بۇ شەھەر ئاھالىلىرى سىرتقا پىتىراپكېتىپ، بۇ شەھەر ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ بىر بازىرى ۋە قورولى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپتۇرغان بولۇشى مۈمكىن. 2) تاڭ دەۋرىدە دەندانا شەھرى قۇرغاقچىلىققا ئۇچراپ، شەھەرئاھالىسى بىمبالىققا كۆچۈپ، بىمبالىق رەسمى شەھەر دەرىجىسىگە يەتمىگەن، دەنداناشەھرىدە ئاھالە ئازلاپ كەتكەچكە، ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ بىر بازىرى ۋە قورولى سۈپىتىدەمەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇشى مۈمكىن. بۇ قىياسىم توغرا بولسا، ئۇ ھالدا، دەنداناشەھرىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دەۋرىدىكى نامى ئۇدۇن بەگلىكى تەرىپىدىن كامداناقىلىپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇشى مۈمكىن.



3) گەنجۇ: «يىڭى بەش دەۋىر تارىخى» (مىلادى 907~960-يىللار) 74- جىلىدا: ”يەنە غەرىپكە ماڭغاندا گەنجۇغا بارىدۇ. گەنجۇ ئۇدۇنغاقاراشلىق بولۇپ، شاجۇنىڭ غەربى جەنۇبىدا، ئاستانىغا 9500 چاقىرىمغا يېقىندىيىلىدۇ.“ دەپ خاتىرىلەنگەن. «چىڭ سۇلالىسى تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار. تەزكىرە51. جۇغراپىيە 23. شىنجاڭ» باپىدا: ”كېرىيە ناھىيىسى (于阗繁)... كېيىنكى جىن (مىلادى 936~942- يىللىرى) گەنجۇ (绀州) ئايمىقى تەھسىس قىلىنغان.“ دەپ خاتىرىلەنگەن. 绀州 سۆزىدىكى 绀 نىڭ قەدىمىي تەلەپپۇزى «kam» بولۇپ،  坎城 دىكى 坎 نىڭ تەلەپپۇزى بېلەن ئاساسەن بىردەك. بۇ نوقتىدىن قارىغاندا، بۇۋادىدا تەھسىس قىلىنغان ئايماق يەنىلا «kam»نامى بېلەن ئاتالغان. بۇ سۆزمۇ يەرلىك تىلدا 坎城 غا ئوخشاش «كامدانا» ياكى«كامبالىق» دەپ ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن.



ئاخىرقى سۆز



تارىخى ماتېرىياللاردىكى بەگلىك، شەھەرلەرنىڭ تۇتۇقبەگ مەھكىمىسى، چاڭئەن، ئۇدۇن... قاتارلىقلار بېلەنكى مۇساپىسىدا پەرق بار. بەزىشەھەرلەر بېلەن ئۇدۇننىڭ مۇساپىسى ئوخشاش، تەرەپ يۆنۈلۈشى ئوخشاش ئەھۋاللاربولغاچقا، ئاز بولمىغان تەتقىقاتچىلار قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ ئورنىنى خاتا ھالداھازىرقى ناھىيەلەر ياكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمىي شەھەر خارابىلىرىغابېكىتىپ قويغان. بەزى قەدىمىي بەگلىكلەرنىڭ ئورنىنىمۇ خاتا بېكىتىپ قويغان.مەسىلەن: بىر قىسىم تەتقىقات ماقالىلىرىدا ئۇمېنى ئۇزۇنتات دەپ قارىسا، بەزىلىرىدەھازىرقى كېرىيەنىڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدە دەپ قارايدۇ؛ چىرا بەگلىكىنى بىرقىسىمماقالىلەردە ھازىرقى كېرىيە دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرىدە چىرا دەرياسىنى كېرىيەدەرياسى دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر سىياۋيىۋېن بەگلىكى (小宛国)نى ھازىرقى ئەندىرە قەدىمىي شەھرى دېسە، بەزىلەر نىيە قەدىمىيشەھرى دەپ قارايدۇ. بەزىلەر روڭلۇ بەگلىكى (戎卢国)نى ھازىرقى كېرىيە دېسە، يەنە بەزىلەر ھازىرقى نىيە دەپ قارايدۇ.بۇ خىل قالايمىقانچىلىق ۋە ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، بىرى، ھەرقايسىسۇلالىلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى يازغانلار بۇ رايۇنغا ئۆزلىرى كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپبارمىغان، پەقەت ئەلچىلەر ۋە سەيياھلارنىڭ مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان. كېيىنكىدەۋىرلەردە ئالدىنقى خانلىقلارنىڭ تەزكىرىسىدىكى مەلۇماتلارنى كۆچۈرۈپ ئېلىپقويغان. ئەينى دەۋىردە ئەلچىلەر ياكى سەيياھلار كەلگەن شەھەرنى قۇم بېسىپ كېتىپ،باشقا يەرگە كۆچۈپ، بەگلىك نامىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئورنى بۇرۇنقى مەلۇماتلاربويىچە يېزىلىۋەرگەن. يەنە بىرى: بىز مۇناسىۋەتلىك تارىخى مەلۇماتلارنى ئىنچىكەتەھلىل قىلساق، خەن دەۋرىدە شەرقتە كۈنقوۋۇقتىن (阳关) غەرپتە ئۇدۇنغىچە بولغان يول مۇساپىسى ئىككى بولۇپ، بىرى:پىشامشان، چەرچەن، نىران، ئۇمى قاتارلىق 4 بەگلىكنى بېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ لېنىيە شىمالتەرەپتە، قۇملۇق ئىچكىرىسىدە؛ يەنە بىرى: چارقىلىق، سىياۋيىۋېن بەگلىكى (小宛国)، روڭلۇ بەگلىكى (戎卢国)، چىرا (渠勒)قاتارلىق 4 بەگلىكنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ لېنىيە جەنۇپ تەرەپتە، قاراقۇرۇم تاغلىرىغايېقىن. بۇ ئىككى لېنيىگە جايلاشقان جايلارنىڭ يەر ناملىرى ئوخشاش ئەمەس. لېكىنتارىخى خاتىرىلەردە بۇ لېنىيىلەر پەرقلەندۈرۈلمىگەن ياكى ئايرىلمىغان بولغاچقا،يەر ناملىرى جەھەتتە قالايمىقانچىلىققا يول قويۇلغان. خوتەن رايۇنىدىكى قەدىمقىدەۋىردىكى يەر ناملىرى ۋە قەدىمىي بەگلىكلەرنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاشتا بۇ نوقتىنىئايدىڭلاشتۇرغاندا، ئاندىن يوقارقىدەك قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش مۈمكىن.



كېرىيەنىڭ تارىختىكى ناملىرىنىڭ خەنزۇچەماتېرىياللاردىكى نامى بېلەن بىراھمى يېزىقى، سانسكرتچە، تۈبۈتچە ۋەسىقىلەردىكىنامىنى ئۇدۇللاشتا، يەرلىك تىلغا، بولۇپمۇ خوتەن ساك تىلىغا ئەھمىيەت بىرىش زۈرۈر.كېرىيەنىڭ خەن دەۋرىدىن تاڭ دەۋرىگىچە بولغان خەنزۇچە نامىنى يوقۇرىدا كۆرسۈتۈپئۆتتۈم. بۇ ناملارنى يىغىنچاقلىغاندا «ئۇمې، ھۇمې»لەرگە مەركەزلىشىدۇ. باشقائاتالغۇلارنى كېيىنكى دەۋىرلەردە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئالمىشىشىدىن كېلىپ چىققان،دىيىشكە بولىدۇ. تاڭ دەۋرىدىكى نامى «جەمدەر، بىمبالىق»قا مەركەزلىشىدۇ. باشقائاتالغۇلىرىنى يەنىلا كېيىنكى دەۋىرلەردە خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئالمىشىشىدىن كېلىپچىققان، دىيىشكە بولىدۇ. بىراھمى يېزىقى، سانسكرتچە ۋەسىقىلەردىكى ناملىرىدىن khema «ھۇمې» بولۇشى، bhimaۋە ماركوپولو خاتىرىسىدىكى Peinلارنڭ «بىمبالىق» بولۇش مۈمكىنچىلىكى زور. بۇلاردىن باشقا «نامپايانا»،«كامدانا»لارمەركىزى شەھەرنىڭ يەرلىك نامى بولۇشى مۈمكىن.



شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكېرەككى، كېرىيەنىڭ خەنزۇچە نامى «于田 يۈتىيەن»نىڭ بۇرۇنقى يېزىلىشى«于阗» ئىدى. «于阗» ئەسلى خوتەننىڭ نامى بولۇپ، «ئۈدۈن» سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. چىڭسۇلالىسى چىيەنلوڭنىڭ 20- يىلى (مىلادى 1755- يىلى) چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارىيەنىتىنجىتقاندىن كېيىن، خوتەن رايۇنىدا ئىلچى، قاراقاش، يۇرۇڭقاش، كېرىيە (خەنزۇچە 克里底雅 دەپ ئاھاڭ تەرجىمىسىقىلىنغان)، چىرا، تاغ نۇرا قاتارلىق 6 ناھىيە تەھسىس قىلغان. كېيىنكى دەۋىرلەردەخوتەن رايۇنىدىكى توپىلاڭلار بۇ مەمۇرى رايۇنلارنى بېكار قىلىۋەتكەن. گۇاڭشۈنىڭ 8-يىلى (مىلادى 1883- يىلى) قاراقاشنى مەركەز قىلىپ تەھىسى قىلىنغان ناھىيەنىڭخەنزۇچە نامى «于阗» دەپ ئاتالغان. 1884- يىلى خوتەنشۇ يىللاردىكى نامى بويىچە ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنىپ «huotian和田»دەپ، قاراقاش مەنەن تەرجىمىسى قىلىنىپ 墨玉县 دەپ ئاتىلىپ، «于阗» سۆزى چىرا، كېرىيە، نىيە، چەرچەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قۇرۇلغانكېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەنزۇچە نامى قىلىپ قويۇلغان. 1913- يىلى چارقىلىق ناھىيىسى،1914- يىلى چەرچەن ناھىيىسى، 1929- يىلى چىرا ناھىيىسى، 1944- يىلى نىيە ناھىيىسىئايرىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، «于阗» ھازىرقى كېرىيە ناھىيىسىنىڭخەنزۇچە نامى بولۇپ قالغان. 1955- يىلىدىن كېيىن، يېزىق ئاددىلاشتۇرۇش سەۋەبىدىنۋە كېرىيەدىن قاشتېشى چىققاچقا، «于阗» خېتى «玉田»گە ئۆزگەرتىلگەن. لېكىن بۇنام خېبىي ئۆلكىسىدىكى «玉田» ناھىيىسىنىڭ نامى بېلەن ئوخشاش بولۇپ قالغاچقا، 1959- يىلدىكىيېزىق ئىسلاھاتى ۋە يەر ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا، «于阗» دىكى «阗» خېتىنى «田»گە ئۆزگەرتىش گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، «于田» قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇڭا 18- ئەسىردىن بۇرۇنقى تارىخىماتېرىياللاردا كۆرۈلىدىغان «于阗» بىردەك خوتەننى كۆرسىتىدۇ.



يوقارقىلار مېنىڭ شەخسىقاراشلىرىم، پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا باشقا ئالىم،تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ھەقتە باشقىچە قاراشلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويسا، پىكىرجەھەتتىن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن.



ئىزاھلار:



①②③⑥⑦⑪⑬⑮⑯ سېن جوڭمىيەن«خەن نامە غەربى دىيار تەزكىرىسىدىكى يەر ناملىرىغا يىشىم» جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى1979- يىلى خەنزۇچە نەشرى 1- قىسىم 56~63- بەتلەر.



④ ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەدئىمىن «قەدىمىكى مەركىزىي ئاسىيا» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىل نەشرى،248- بەت.



⑤چىنماچىنخەنزۇچە 西城دىيىلگەن. سېن جوڭمىيەن «خەن نامە غەربى دىيار تەزكىرىسىدىكىيەر ناملىرىغا يىشىم» دىگەن كىتاۋىدا ئۇدۇننىڭ مەركىزى شەھرى، ھازىرقى خوتەنئەتراپىدا، دەپ ئىزاھلىغان.



⑧ مەخمۇتقەشقىرى «تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى،44- بەت.



⑨ H.W.bayley«خوتەن ساك تىلى لوغىتى»كامبرىدگې ئۇنۋرستېتى 1979- يىلى ئەنگىلىزچە نەشرى، فاكسىمۇل PDFنۇسخىسى 108- بەت.



⑩ يوقارقى لوغەت152- بەت.



⑭ يوقارقى لوغەت65- بەت.



⑫ «ئىبراھىممۇتئى ئىلمىي ماقالىلىرى» مىللەتلەر نەشرىياتى 2007- يىلو نەشرى، 567- بەت.



پايدىلانمىلار:



1. «24 تارىخ» خەنزۇچە ئېل كىتاب.



2. «36 تارىخ» خەنزۇچە ئېل كىتاب.



3. خۇ شىنشەن«جۇڭگۇ تارىخى يىل نامى جەدۋىلى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىل خەنزۇچە نەشرى.



4. «دۇنيا تارىخى لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1994- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى.



5. لى شىياڭ، خەمىتتۆمۈت تۈزگەن «پارس تىلىدىن ساۋات» مىللەتلەر نەشرىياتى 1990- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.



6. «كېرىيە، بىردەريانىڭ ئەسلىمىسى. ئارخىلوگىيە ۋە تەكلىماكان بوستانلىق مەدەنىيىتى» جۇڭگۇ –فىرانسىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئەترىتى، فىرانسۇزچە نەشرى.



7. «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تارىخ ئاتالغۇلىرى لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1990- يىل نەشرى.



8. مەخمۇت قەشقىرى«تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.



9.سېن جوڭمىيەن «خەن نامەغەربى دىيار تەزكىرىسىدىكى يەر ناملىرىغا يىشىم» جۇڭخۇا كىتاپ ئىدارىسى 1979- يىلىخەنزۇچە نەشرى. فاكسىمۇل PDFنۇسخىسى.



10.         H.W.bayley «خوتەن ساك تىلى لوغىتى»كامبرىدگې ئۇنۋرستېتى 1979- يىلى ئەنگىلىزچە نەشرى، فاكسىمۇل PDFنۇسخىسى.



11.         گو شىلىياڭ «خەنزۇچەخەتلەرنىڭ قەدىمىي تەلەپپۇزى قوللانمىسى» بېيجىڭ داشۆ نەشرىياتى 1986- يىلى خەنزۇچەنەشرى. فاكسىمۇل PDFنۇسخىسى.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 14:13:49

قارلۇق قەبىلىسى مۇداپىيە ۋەماكانلىشىشنى نەزەردە تۇتۇپ، كېرىيە دەرياسىنىڭ يىڭى غول ئېقىنى بويىغائولتۇراقلىشىپ، قارلۇق كەنتىنى بەرپا قىلغان. مەركىت قەبىلىسى كېرىيەنىڭ بۇرۇنقىئورنى ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ، مەكىت كەنتىنى، بىرقىسىم چېرىكلەرمۇ شۇ ئەتراپتىكىرايۇنلاردا ئولتۇراقلىشىپ، قاراتۈرۈن، چوقلا، توغرىغاز قاتارلىق كەنتلەرنى بەرپاقىلغان.
---------------------------------
مۇغاللا بازىرىغا تەۋە بولغان قارلۇق رايۇنى يەتتە كەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . ئەمما يېزا بۇيىچە نام جەھەتتە مۇستەقىل ئاتىلىدۇ . باشقا ئۇرۇندىكىلەر يەتتە كەنتنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ ‹‹قارلۇقلۇقلار››دەپ ئاتايدۇ قارلۇق رايۇنى كېرىيە دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان . كېرىيە ناھىيە بازىرىنى كىسىپ ئۆتىدىغان چوڭ ئۆستەڭ قارلۇق ئۆستەڭ دەپ ئاتىلىدۇ . پېقىر شۇ ئۆستەڭنىڭ سۇيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ، قارلۇق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇغان .:lol

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 15:44:35

قايىل قىلارلىق يىزىلىپتۇ. خىلى نەرسىنى ئۇقۇۋالدىم.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:22:57

قارلۇقلار ھەققىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈشنى تاپقىلى بولامدۇ؟    قارلۇق    ئۇيغۇرلار باشقا قەبىلىلەر ئىتىپاقىمۇ

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 17:23:11

قارلۇقلار ھەققىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈشنى تاپقىلى بولامدۇ؟    قارلۇق    ئۇيغۇرلار باشقا قەبىلىلەر ئىتىپاقىمۇ
بەت: [1]
: كىرىيەنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى ناملىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش