tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 20:37:50

ئۇزاققا سۇزۇلغان قىزىتمىغا دورا بارمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-14 20:39

ئەسسالامۇئەلەيكۇم توردشلار

مىنىڭ بىر ئاچام بارئىدى،1-ئايىنڭ 24باشلاپ قىززىپ ھازىرغىچە بىردەم قىززىپ بىردەم چۈشۈپ دېگەندەك
ھازىرغىچە نورمال ئەمەس ،38ياش ئىدى.ھازىر ئۈزۈمچىدە داۋالىنىۋاتىدۇ.ئالدىنقى قېتىم يۈرەك ئوپىراتسىيەسى
قىلغۇزغان ئىدى.دوختۇرلامۇ ئامال قىلالماپتۇ.قىززىتىسى 39.6،39.2ھالەتتە داۋالشىپ تۇرىۋاتىدۇ.
ئەمدى ئۇلار ئىچكىرىگە بېرىپداۋالاشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.يەنە خوتەندىمۇ بىر تىۋىپنى بۇنداق كېسەلنى
داۋالىيالايدۇ دەيدۇ.
ئەمدى قېرىنداشلاردىن ياردەم سورايدىغانىم بولسا مۇشۇ ئۇزاققا سۇزۇلغان قىزىتمىغا دورا بارمۇ؟
مەيلى غەربچە دورا ياكى مىللىي تىبابەت،يەرلىك داۋالاش ئۇسۇلى ....دېگەندەك
بولمىسا ئىچكىرىدە داۋالىنىپ باققان قېرىنداشلار بولسا قايسى ئۆلكە،شەھەردە بۇنداق كېسەللىكىنىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي ياخشى داۋالىيالا؟
ياكى ياخشى دوختۇرخانا بولسىمۇ تەۋسىيە قىلساڭلار؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 21:32:11

ئالدى بىلەن ئاللاھتىن ئاچىڭىزغا سالامەتلىك تىلەيمەن،
بۇ ئۇزۇن مۇددەت قىزىش ناھايتى خەتەرلىك ئەھۋال بولۇپ ، ئەس ھوشى جايىدا بولماسلىق، قالايمىقان جۆيلۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.بۇرۇن ئاكامنىڭ بىر دوستى مۇشۇنداق ئۇزۇن مۇددەتلىك قىزىتما تۈپەيلىدىن ئاوارمىغان يەر قالماي ئاخىرى بەر بالىسنى تاشلاپ ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغان ئىدى، ماڭا بۇ ئىش بەك تەسىر قىپتىكەن ھازىرغىچە يادىمدىن چىقىرالمىدىم، شۇ ۋاقىتتا ئاخىرغا كەلگەندە دوختۇرلار لىمفا نىڭ گېپىنى قىپتىكەنمەن، بەلكىم ھازىر داۋالىيالىيدىغاندۇ، قىزىتما ئادەتتە ياللۇغ سەۋەبىدىن بولىدۇ دەپ قارىلدۇ. مەنمۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس بېشىمدىن ئۆتكەننى دەۋاتىمەن، ئاللاھ قېرىندىشىڭىزنىڭ كېسىلگە شىپالىق بەرسۇن.
مۇمكىن بولسا @bilgejan بىر بىلگىنىچە مەسلىھەت بەرگەن بولسا

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 10:10:37

مەن دوختۇر ئەمەس،لېكىن ئامرىكىدا مەنمۇ نەچچە قېتىم تولا قىززىپ دوختۇرغا بېرىپ دوختۇردىنئاڭلاپ بىلگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا، ئادەمدە قىززىتما دەپ كىسەل بولمايدۇ. ئادەمنىڭ قىززىپ قېلىشى بەدەندىكى يۈز بەرگەن مەلۇم ئۆزگىرىشلەردىن ياكى ياللۇغلىنىپ قېلىشتىن، ياكى باكتىرىيەلەر بىر قىسىم ئەزالاردا يامراپ كەتكەنلىكتىن دىگەندەك باشقا بىر سەۋەپتىن بۇلىدۇ.ئادەتتە نورمال قىززىپ قالغاندا بەدەن ئۆزىنىڭ ئىممونىت كۈچى ئارقىلىق ياللۇغلارغا ياكى باكتىرىيەلەرگە قارىتا قارشى فۇنكىسيەدە بۇلۇپ 3-4 كۈن ياكى ھەپتىلەردە ئەسلىگە كىلىدۇ. بۇ ئارلىقتا ئامرىكىدا ئاغرىق پەسەيتىش دورىسى بىرىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ دەيدۇ.يىقىندا قىززىپ قېلىپ 4-5 كۈنگىچە ئەسلىگە كەلمىسەم دوختۇر داۋالاش ئېلىپ بارمىدى ۋە يەنە ساقلاپ بېقىشنى، ئەگەر 10 كۈنگىچە ئەسلىگە كەلمىسە ئاندىن چوڭۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز دىدى. لېكىن مەن ئەتىسى ياخشى بولۇپ كەتتىم.

ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل قىززىپ ئەسلىگە كەلمىسە بۇ بەدەندەيۈز بەرگەن باشقا ئۆزگىرىش ياكى كىسەلنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ شۇ يىلتىزنى تېپىپ شۇنىڭغا دورا قىلىش كىرەك. تىبابەتكە ياكى دوختۇرغا بارسىڭىز ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق ئاغرىق پەسەيتىش خاراكتىرلىق دورىلارنى بىرىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى ياخشى دوختۇر تېپىپ دىئاگنوز قويدۇرۇش بولۇشى مۇمكىن.

مەن دوختۇر ئەمەس، يۇقارقىلار پەقەتئاڭلىۋالغانلىرىمنى يەتكۈزۈپ قويدۇم. پايدىلىنىپ ئاڭلاپ قويۇشقىلا بۇلىدۇ. مەسلەت دەپ بىلسىڭىز بولمايدۇ. كەسپى بىلىدىغان ئادەمدىن مەسلەت سوراڭ.





baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 10:17:47

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 10:52:27

ئوپراتسىيىدە بەدەنگە قويۇلغان سۇنئى بىر ئەسۋاپنىڭ تەسىرىدىن ياللۇغلۇنۇش شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 13:02:09

مەن 4 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇدا بىر ھەپتە قىززىغان،ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 41گە چىققان،دورا ئۇكۇل پەقەت كار قىلىمىغان،ئاخىرى يەرلىك ئۇسۇل بىلەن قىزتىمىنى ياندۇرغان،

ئىسىمىدە قالغىنى بۇيىچە دەپ بىرەي،   ئاپام شۇ چاغدا چىلان، يىمىش، نۇقۇت ( يەنە نىملەر بولغىيىتى) قاتارلىقىلارنى ئارلاشتۇرۇپ شوگۇرۇچ قىلىپ بەرگەن ھەر قىتىم ئىچسەم تەرلەپ قىزتىمام ئاز ئازدىن كەينگە قايتقان،ئىككى كۇندە تەل تۇكۇس ئوڭشالغان ئىدىم،

_oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 20:03:57

مىنىڭ تەكلىپىم ، سىز قىززىتمىغا دورا ئىزدىمەي ئاۋۋال يوقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ، قىززىتمىنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلىتىپ ، كېسەللىككە توغرا دېئاگۇنۇز قويغۇزۇڭ، دىئاگۇنۇز توغرا قويۇلغاندىن كېيىن داۋاسىنى تېپىش ئاسان.
ھازىر قايسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ؟ دوختۇرلار قانداق كېسەلدىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ؟
بەت: [1]
: ئۇزاققا سۇزۇلغان قىزىتمىغا دورا بارمۇ؟