waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 19:50:48

شىنجاڭ كوماندىسى جېجىياڭ كوماندىسىنى يەڭدى

   ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ  33- ئايلانما  باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مىھمان مەيدانىدا جېجىياڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى ئەڭ ئاخىرىقى چارەك مۇسابىقىدە ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئاخىرى 93- 83 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.   نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 25 مەيدان غەلبە قىلىش 8 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مەيداندىكى غەلبىسى بىلەن دائىملىق مۇسابىقىدىكى ئىككىنچىلىك ئورنى مۇقۇملاشتى .
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 18 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 19 نۇمۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ياڭ جىمىڭ 19 نۇمۇر، 11 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  شىرئەلىجان 16 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   سېنگېلدون 14 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 4 نۇمۇر ئالدى.
جېجىياڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاڭ دايۈ 14 نومۇر، 4 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، خارىس 19 نومۇرغا 12 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى، سىبانس 9 نومۇرغا ۋە 4 گاردىن قايتقان توپقا ئېرىشتى.
   مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 16- فېۋرال مىھمان مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانىغا قايتىپ، دائىملىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مەيدان مۇسابىقىسىنى تىيەنجىن كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى جېجىياڭ كوماندىسىنى يەڭدى