تارىختىكى بۈگۈن
1958-يىلى2-ئاينىڭ14-كۈنى جۇ ئېنلەي چاۋشيەنگە زىيارەتكە بارغان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان. چاۋشيەن ئۇرۇش توختاتقاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن چەتئەل ھەربىي كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەننىڭ چېكىنىپ كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن، بىراق ئامېرىكىنىڭ رەت قىلغان. جۇ ئېنلەينىڭ چاۋشيەنگە زىيارەتكە بېرىشتىكى مەقسىتى دەل ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز ھۆكۈمىتى 1958-يىلىدىن بۇرۇن بارلىق ئەسكەرلەرنى ئۈچ تۈركۈمدە چاۋشيەندىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغان. 1958-يىلى2-ئاينىڭ14-كۈنى ئىئوردانىيە بىلەن ئىراق ئەرەب بىرلەشمە فېدېراتسىيىسى قۇرۇلغان. 1958-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، مىسىر بىلەن سۈرىيە ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىئوردانىيە بىلەن ئىراق بۇ يېڭى قۇرۇلغان ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆزلىرىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېڭى فېدېراتسىيە قۇرماقچى بولدى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىراق پادىشاھى بىلەن ئىئوردانىيە پادىشاھى بىرلىشىپ«ئەرەب فېدېراتسىيىسى» قۇرغان. 1946-يىلى2-ئاينىڭ14-كۈنى دۇنيادىكى تۇنجى كومپيوتېر دۇنياغا كەلگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئالىملاردىن زەمبىرەك يولىنى ھېسابلاشنى مەقسەت قىلغان ھېسابلاش ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ماشىنىغا 18 مىڭ 800 ۋاكۇئۇم لامپىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 15.24 مېتىر، كەڭلىكى توققۇز مېتىر ئەتراپىدا. ئېغىرلىقى 30 توننا كېلىدۇ، بۇ ئالتە پىلنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ، سېكۇنتىغا 5000 قېتىم ھېسابلىيالايدۇ، بۇ ماشىنا توققۇز يىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ، توك سەرپىياتى بەك چوڭ. بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى. ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار بار. بۇ بايرام ياۋروپا ۋە ئوكيانىيەدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈندە رىمدىكى دىنىي مۇرت ۋەلىنتاين ئۆلتۈرۈلگەن. مىلادى 3-ئەسىردە، رىمنىڭ ئىقتىسادى زاۋاللىشىپ، ھۆكۈمرانلىق چىرىكلەشكەن، جەمئىيەت مۇقىم بولمىغان، كىشىلەر قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىغان، ئاق سۆڭەكلەر خەلقنى ۋە خرىستىيان دىنى مۇرتلىرىنى باستۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋەلىنتاين ئىسىملىك بىر كىشىمۇ تۈرمىگە تاشلانغان، ئۇ تۈرمىدە تۈرمە باشلىقىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ مۇھەببىتى تۈرمە باشلىقىنىڭ قىزىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇلار بىر-بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ۋەلىنتاين ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلىدۇ، ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا قىزغا خەت يازىدۇ، خېتىدە ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقى ۋە قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋەلىنتاين ئۆلتۈرۈلىدۇ، خرىستىيان مۇرىتلىرى ۋەلىنتايننىڭ ئادالەتنى ياقلايدىغان، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدىغان روھىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ كۈننى ئاشىق مەشۇقلار بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. دارۋىن تۇغۇلغان
بەت:
[1]