كومپىيۇتىردا ھۆججەت يۇيۇشتىن ياردەم سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى، سىلەرگە كەمىنە ساياقتىن ئوتلۇق سالام.مېنىڭ بىر شەخسىي خاتېرە كومپىيۇتىرىم بار ئىدى، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى يۇيۇۋىتىشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ، مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار، قانداق قىلسام ئۇنىڭدىكى ھۆججەتلەتنى ھېچكىم ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان قىلىپ مەڭگۈلۈككە يۇيۇۋىتەلەيمەن؟
ئىلگىرى ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەن يۇيۇۋەتكەن بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئەسلىگە قايتۇرغۇلە بولىدىكەن، قانداق قىلسام ئىلگىرى ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەن يۇيۇۋەتكەن شۇ ھۆججەتلەرنى كومپىيۇتىرىمدىن مەڭگۈلۈك يوق قىلىۋىتەلەيمەن؟
( كەمىنىنىڭ كومپىيۇتىر سەۋىيىسى بەك تۆۋەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈگەنگەن سەۋىيەدە)
رەھمەت سىلەرگە. پۈتۈنلەي فورماتلىۋەتسىڭىزمۇ، ھازىرقى تېخنىكا بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل، قاتتىق دېسكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، چەيلەپ-يانجىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ،كۆمىۋېتىش. دېسكىنى قايتىدىن رايونلارغا بۆلۈپ، فورماتلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا senewer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 19:19
ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇل ، قاتتىق دىسكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ، مەشكە سېلىپ قالىۋەتسىڭىز ، ھىچقانداق ئىز قالمايدۇ .
ئاندىن low level format (تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاش ) قىلىۋاتسىڭىز ، ئاندىن قايتىدىن رايۇنلارغا ئايرىسىڭىز نىسپىي پاكىز بولىدۇ . ئەمما FBI مىخانىك بۇزۇغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان ھەر قانداق قاتتىق دىسكىنى ئەسلىگە قايتۇرالايمىش .... سىزدە دۇنيادا ھېچكىمدە يوق ماتېرىيال بولمىسىلا ھېچكىم ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان قىلىپ يۇيۇۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
دېمەكچى: ھېچكىممۇ نەچچە كۈن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ھۆججەتلىرىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ. يەنە كېلىپ لەپتوپنىڭ قاتتىق دېسكىسى ھۆججەتلەرنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغۇچە بەرداشلىق بېرەلىشىمۇ ناتايىن. ئەمدى دۇنيادا ھېچكىممۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەي دېسىڭىز قاتتىق دېسكىسىنى سۆكۈپ ئېلىپ، تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كەكىنىڭ چۇلدىسى بىلەن كەلتۈرۈپ نەچچىنى سالسىڭىز، ئىش تامام،ۋەسسالام.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-14 09:13):
ئىزدىنىش مۇنبىرى › ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ › قەدىمقى زامان ئۇﻳﻐﯘﺭ تارىخى › كومپىيۇتىردا ھۆججەت يۇيۇشتىن ياردەم سورايمەن شۇنداق قىلغىلى بولۇدىغان يۇمشاق دېتالمۇ بار : http://abral.net/?p=496 سىز ئۇ نەرسىلەرنى توردىن چۇشۇرگەنمۇ ياكى ئۆزىڭىز ئاشۇ كومپىيتوردا يازغانمۇ؟ بەك مۇھىم بولمىسا ntfsبولسا مانى قىلىڭ.
توردىن چۇشۇرگەن بولسا مۇلازىمىتىردا ياكى سىز بىسىپ ئوتكەن روتىر ياكى سىۋىچتا بار قاچان قايسى تور بەتتىن نىمە چۇشۇرگەن دىگەنلەر ئۇچۇق ئاشكارا.بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىمىز ئۇچۇق ip شۇڭا ھەممىسى ساقلاقلىق. لىكىن بۇنى كورۇشمۇ xxxلار كورەلەيدۇ.
توۋەن دەرىجىدە فورماتلاپ يەنە سىستىما قاچىلاپ ياكى باشقا ئۇششاق نەرسىلەرنى قاچىلاپ،存片整理دىگەننى ھاغىچە قىلىپ ئاندىن يەنە قاچىلاپ يەنە ئۇچۇرۇپ يەنە 存片整理 قىلىپ بىر نەچچە قىتىم قىلىپ بىقىڭ. يېڭىدىن بىر قاتتىق دېسكا ئېلىپ لەپتۇپقا سېلىپ كونىسىنى ساقلاپ قويۇڭ.
ئۆزىڭىز يىغقان ماتىرياللار بولغاندىكىن ھامان لازىم بولىدۇ yulhun يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 19:49 static/image/common/back.gif
سىز ئۇ نەرسىلەرنى توردىن چۇشۇرگەنمۇ ياكى ئۆزىڭىز ئاشۇ ...
مەنمۇ شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەقسىزى
سىستېما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش دىتالى- CCleaner
hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 20:02 static/image/common/back.gif
يېڭىدىن بىر قاتتىق دېسكا ئېلىپ لەپتۇپقا سېلىپ كونىسىن ...
بۇمۇ ياخشى چارە، قاتتىق دىسكا بەك قىممەتمۇ ئەمەس ھازىر. بولقىنى ئىشلىتىش سىزنى خاتىرجەم قىلغۇسى ھۆججەتتىنى تاللاپ shift+delete قىلىسىڭىز بولدىغۇ، كومپىيۇتىرىڭىزدىكى نەرسىلەرنى چۇقۇم بىرسى ئەسلىگە كەلتۇردىغان دۆلەت بىخەتەرلىكىگە دائىر نەرسىلەر بارمىتى مانا ماۋۇ قاتتىق دېتال ئارقىلىق ئىككى- ئۈچنى قويسىڭىز ھارقانچە FBI بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ.:lol
نەزىريە جەھەتتىن ئېيىتقاندا فىزىكىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرمىغان ھەر قانداق قاتتىق دىسكىدىكى ماتىرياللارنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بۇلىدۇ ، گەپ ئەسلىگە قايتۇردىغان دىتالنىڭ نوچىلىقىدا . بىر يەردىن كۈرۈشىمچە گۇگۇل شىركىتى ئىشلىتىپ بولغان دىسكىلارنى چېقىپ پارچىلىۋىتىدىكەن ،ئەگەر بۇ ئىش راس بولسا يۇقىرقى يەكۇننى قۇۋۋەتلەيدۇ .
ئەگەر چېقىۋىتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىسىڭىز دىسكىنى قايتا -قايتا فۇرماتلاپ توشقىچە كىنو دىگەندەك نەرسىلەرنى قاچىلاپ يەنە يۇيۇپ فۇرماتلاپ ،فۇرمات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ (ئادەتتە دىسكىنىڭ فۇرمات شەكلى FAT32 ,FAT64 , NTFS نىڭ بىرسىدە بۇلىدۇ ،سىز قايتا رايۇنغا بۆلگەندە شۇنى ئۆزگەرتىڭ )قايتىدىن رايۇنغا بۇلۇڭ ، شۇنداق قىلىپ نەچچە قېتىم تەكرارلىسىڭىز ئەسلىگە قايتۇرۇشنىڭ ئېھتىماللىقىنى تۈۋۈنلەتكىلى بۇلىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-21 22:44
dban ، مۇشۇ قورال بىلەن يويۇڭ! FBI نىڭ قورالى، دېسكىدىكى بارلىق ئىزلارنى يەتتە قېتىم يۆتكەپ چېچىپ، ھېچكىم تاپالماس قىلىۋېتىدۇ. بىر نەچچە خىل يويۇش ھالىتى بار. مەن 5 يىل ئىلگىرى بىر كادىرلار ئىشلىرى كومپيۇتېرىنىڭ قاتتىق دېسكىسىنى شۇنداق يۇيۇۋەتكەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇنداق يۇيغان دېسكىغا ھېچكىمنىڭ ئامالى قالمايدۇ.
Dban
Darik's Boot and Nuke
بۇنىڭ سايە ھۆججىتىنى قوزغىتىش دېسكىسى قىلىپ ياسايدۇ، نۇر دېسكىدىن قوزغىتىپ قاتتىق دېسكىنى يۇيىدۇ. بارماق دېسكىدا قوزغىلىدىغان قىلىپ ياسىسىمۇ بولىدۇ.
iso نى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ، ئاندىن نېرودا بولامدۇ، دېسكىغا ئۇيۇڭ:
http://download.cnet.com/Darik-s-Boot-and-Nuke-for-CD-and-DVD/3000-2094_4-10151762.html
يەرلىك ئۇسۇلدىن بىرنىمۇ دائىم ئىشلىتىمەن. چوڭ سىن ھۆججەتلەرنى دېسكا توشقىچە كۆچۈرىمەن، قالدۇقىغا ناخشا كۆچۈرىمەن، يەنە قالدۇقىغا *.ini دەك كىچىك ھۆججەتلەرنى كۆچۈرۈپ... ئەڭ ئاخىرى، دېسكىدا نەچچە كىلو بايىت ئەمەس، نەچچە بايىت بوشلۇق قالغۇچە داۋاملاشتۇرىمەن. ئاندىن فورماتلايمەن. بۇ مېنىڭ رايون بويىچە ئىز تازىلاش ئۇسۇلۇم. بىراق بۇ پەقەت چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى يوقىتىپ قوغداشقا ماس كېلىدۇ، تور خاتىرىسى، ھۆججەت ئىشلىتىش خاتىرىسى، پىرىنتېردا بېسىلغان ھۆججەتلەر خاتىرىسى قاتارلىق خاتىرىلەرنى مەڭگۈلۈك يوقىتىشقا كار قىلمايدۇ، بىز قانداقلا سىستېما ئىقتىدارى بىلەن ئۆچۈرسەك، تەكشۈرگۈچى تەرەپنىڭ بىر نۇر دېسكىسى بىلەن بىمالال تەكشۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل نۇر دېسكىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلىتىپ، نەچچە ئون ئىدارىنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى تەكشۈرگەن، ئىقتىدارىغا قايىل بولدۇم. مىكروسوفتنىڭ ھۆكۈمەتلەرگە بەرگەن قوراللىرىغا قارىتا، پۇل خەجلەپ ئالغان كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ يوقىرى ھوقۇقى ئۆزىمىزدە ئەمەسكەنغۇ دەيمىزكەن.
بۇرۇن نورتوننىڭ بىر دېسكا wipe قورالى بار ئىدى، win98 ۋاقتىدا بىر قوزغىتىپ قويسام، كومپيۇتېرىم قوزغىلىقلىق ھالەتتە تۇرۇپ، ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلىرىنىمۇ يەپ تازىلاپ، سىستېمىنى پۈتۈن كاردىن چىقارغان، ھۆججەتلەرمۇ يوق بولغان. ئاتوم بومبىسى تاشلىۋەتكەندەك قىلىۋەتكەن ھۆججەت- ئەجىرلەر پۈتۈن يوق بولغان. روھ چاقىرغىلىمۇ بولمىغان.
زۆرۈر نەرسىلەرنى نۇر دېسكىغا ئۇيۇپ، سامانلىققا كۆمۈپ ساقلاپ قويسىڭىز، لازىم بوپ قالار..:lol:lol
بەت:
[1]