bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 10:55:37

[بوزقىر]تارىمدىكى « گىگانىت ئادەم»لەر قەبرىستانلىقى

تارىمدىن « گىگانىت ئادەم»لەر قەبرىستانلىقى بايقالدى  

      ئالار شەھرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيىسى مۇشۇ ئورۇنغا جايلاشقان. خوتەن دەرياسى،  زەرەپشان دەرياسى ۋە ئاقسۇ دەرياسى شەرىققە قاراپ ئېقىپ مۇشۇ يەردە قوشۇلۇپ، تارىم دەرياسىنى شەكىللەندۈرگەن. تارىختا تارىم دەرياسى كۆپ قېتىم ئېقىن ئۆزگەرىتكەچكە سۇ، ئوتلاق، بوستانلىق قوغلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان يىراق قەدىمقى دەۋىردىكى ئىنسانلار نۇرغۇن تارىخىي مۆجىزىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ قېتىم تارىم دەرياسىنىڭ قەدىمىي ئېقىنىدىن بايقالغان سىرلىق قەبرىستانلىق توپى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيىسى تەۋەسىدىكى 11-پولكىنىڭ 13-،15- لىيەنىگە توغرا كېلىدۇ.خەلقئارا ئانتىرپولوگىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ بېكىتىشىچە ، بۇ قەبرىستانلىق 4 مىڭ 600 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بۇ قەبرىستانلىقنىڭ بايقىلىشى ئالارنىڭ قەدىمىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى مول ماددىي ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
       بۇ سىرلىق قەدىمقى قەبرىستانلىقتىن بىر باش سۆڭەكنىڭ ئاستىنقى زاڭاق قىسمى تېپىلغان بولۇپ، چىش ھالىتىمۇ مۇكەممەل ساقلانغان. مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭغا ئاساسەن جەسەتنىڭ ئىگىزلىكىنىڭ ئىككى مېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى بېكىتىپتۇ.دېمىسىمۇ بۇ يەردىن ئۇزۇنلۇقى2.8 مېتىرلىق تاۋۇتمۇ بايقىلىپتۇ.بەزى مۇتەخەسىسلەر بۇنى 4 مىڭ يىل بۇرۇنقى چىياڭلارغا باغلاپتۇ.
      ئەمما، تارىم ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، غەربىي يۇرىت تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى لىياۋ جاۋيۈ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەپتۇ :« قەبرىستانلىقتىن چىققان جەسەتلەرنىڭ چېچى سېرىق،ياڭاق سۆڭىكى  ئىگىز، يۈزى سوزۇنچاق، پۇت سۆڭەكلىرى چوڭ بولۇپ ، پۈتكۈل قىياپىتى ياۋروپا ئىرقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.بۇ قەبرىستانلىقتىن بۇنداق باش سۆڭەكلىرى نۇرغۇن تېپىلدى. ھەممىسىنىڭلا چېچى سېرىق بولۇپ تولىمۇ كۆركەم. بۇلاردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ ئاستىنقى چىشى ھازىرقى ئادەملىرىمىزنىڭ چىشىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ.چىشى ئۇزۇن ھەم چىڭ . بۇ ئىرقىي قۇرۇلمىغا ، يىمەك-ئىچمەك ئادىتىگە ياكى باشقا ئامىللارغا باغلىقمۇ -يوق ، بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ».
      بۇ بايقاش ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي دىياردا 5 مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقىغا يېتەرلىك پاكىت بولۇپلا قالماي يەنە  بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىق تارىمنىڭ مەركىزىي رايونىدا قەدىمىي ئىنسانىيەتنىڭ مىراسلىرى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدىكەن.

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بوزقىر قىسقارتىپ تەرجىمە قىلدى :

http://news.ifeng.com/mainland/detail_2014_02/13/33787304_0.shtml

مەنبە :
http://www.xahtur.com/bbs/forum.php

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 11:31:59

ئالار ئەمەس ئارال.  خەنچە 阿拉尔 ئومۇملىشىپ كەتتىغۇ ھازىر.  阿热力 دەيدۇ ئەسلى ئۇيغۇرچىنى ئەينى تەرجىمە قىلسا.  خەنسۇلار ئاسانلاشتۇرۇپ 阿拉尔دەپلا تەرجىمە قىلىۋاپتۇ. :Q
  تارىم ئۇنۋىرستىتىدا بۇ جەسەتكە باھا بەرگۈدەك بىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. :lol

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 11:36:04

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 11:38:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 11:39  

تارىم ئۇنۋېرسىتېتى ۋاڭ جېن دەۋرىدىكى بوز يەر ئېچىش تىپىدىكى نوقۇل يېزا ئىگىلىك ىئۇنۋېرسىتېتىدىن تەرەققىي قىلىپ   ، ھازىر غەربىي يۇرىت تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىمۇ قۇرۇپتۇدەك. ئۇلار ھەتتا قىزىل مىڭئۆيىنىمۇ تەت قىق قىلېتىپتىمىش.

   ئەمما، تارىم ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، غەربىي يۇرىت تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى لىياۋ جاۋيۈ نىڭ يۇقۇرقى باھاسىنى چىياڭلارغا باغلىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭكىدىن سەل ئىلمىيمىكىن ، دەپ ئويلاپ قالدىم.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 11:50:16

بۇ گىگانت ئادەملەرنىڭ بالا-ۋاقىسى نەگە كۆچەپ  كەتتىلەر؟

bozqir يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 12:08:30

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 11:50 static/image/common/back.gif
بۇ گىگانت ئادەملەرنىڭ بالا-ۋاقىسى نەگە كۆچەپ  كەتتىلەر ...

جۇڭگودىكى ئاقتەنلىكلەر رايونىدا ياشاۋاتقاندۇ ;P

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 13:10:06

ئالار دېگەن گەپنى تاشلاڭلار باللا، ئىزدىنىشتىكىلە ئالار دەپ يۈرسە بەك سەت تۇرىدىكەن

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 13:51:33

تارىخى رەشىدى نىڭ ئاپتورى مىرزا ھەيدەر ئۆزىنىڭ گىگانىت ئادەم سۆڭىكىنى كۆرگەنلىكىنى  شۇ  كىتاۋىدا  قەيت قىلغان، بىراق ئۇ جاي يەكەن ئەتراپىدا .

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 13:54:14

مۇشۇ خەقنىڭ گىپىنى ئاڭلىسام ھۆ قىلىپ قۇسىۋەتكۇم كىلىدۇ.***لار 5000يىلنىڭ ئالدىدا نىمە قانداق مەدەنىيەت بەرپا قىپتىكەن.بۇ نىمىلەرنىڭ لاۋزا تېتىقسىز گەپلىرى مۇشۇ جۇڭگودىن باشقا يەردە پۇت دەسسەپ تۇرالىغان بولسا نىمە دەي.جۇڭخۇا مەدىنىيتىنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقىنىڭ ئىسپاتىمىش.بەسەي تىرىپ پوق كۆلچەكلىرىدە لەيلەپ قالغان ما بىر نىمىلەر تالاغا چىقىپ بىقىپ نىمە گەپ بولاۋاتىدۇ دىپ تىڭشاپ بىقىپ ئاندىن ئون مىڭ يىل دىسىمۇ خەر ...

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 13:56:59

羌دېگەننىڭ ئۇيغۇرچىسى ساك دېگەن گەپ بولامدۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 14:07:46



تارىخى رەشىدى 641-642- بەتلەر

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 14:17:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 14:22  

ھېلىمۇ ئېسىمدە،  كۇچا ئوچا بازىرىدىكى چوڭ يولنى   يەر ئاستى بازىرى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كولىغاندا  قەدىمى قەبرە  توپى بايقىلىپ بۇ ئىش خېلى ئۇزاقلارغىچە زىلزىلە پەيدا پەيدا قىلدى ، پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتە خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن يەنە جايىغا توپا تىندۇرۇپ كۆمۈۋەتتى . قېزىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شۇ مەزگىللەردە ھەقەمسايىلەر بىلەن بىر سۇرۇندا ئولتۇرساق بىر بۇرادىرىمىز بىر يىگىتنى  سورۇنغا باشلاپ كىردى ، سالام سائەت تۇنۇشتۇرۇشلاردىن كېيىن مەلۇم بولدىكى بۇ يىگىت ئاقسۇ ۋىلايەتلىك موزىيدا ئىشلەيدىغان بولۇپ مۇشۇ قېزىش خىزمىتىگە قاتنىشىۋېتىپتۇ . ھەممەيلەن بەس بەس بىلەن  ئۇنى بىردەمدىلا سۇئالغا كۆمۈۋەتتۇق ، كىمنىڭكىكەن ، تارىخى قانچىلىككەن ، جەسەت بارمىكەن ، قانداق  ھەمدەپنە بۇيۇملىرى باركەن ......ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىر قېزىش خىزمىتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغاچقا قەبرە ئېگىسى ۋە تارىخى توغرىسىدا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدىكەن ، يۇقىرىدىن بېكىتىكىنى ھىسابمىش . ھەمدەپنە بۇيۇملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ ساپال ، باشقا بۇيۇملار ۋە مەلۇم مىقتاردا كېپەك ئالتۇن  تېپىلغان،  پاراڭ ئارلىقىدا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قەبرىنىڭ ئالاھىدىكلىرى توغرىسىدىكى بەزى ھەيرانلىقلىرىنى يۇشۇرۇپ ئولتۇرمىدى ، بىرىنچىدىن بۇ قەبرىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى بەك ئالاھىدىكەن ، خشلارنى جىسىلاشتۇرغان لاينىڭ تەركىبى ۋە سۈپىتى ئەلئېھرامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، شۇنداقلا يەنە قەبرىلەرنىڭ يېرىم شارسىمان قۇببىسىنىڭ ئىچكى قىسىمى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سېلىنغانلىقىنى ، قوللىنىلغان ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنلا داڭلىق بىناكارلىق مۇتەخەسىسى تەكلىپ قىلىنغانلىقى . يەنە بىرسى بولسا تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئالاھىدە چوڭلۇقى ، دەسلەپكى قەدەمدە يېشى 16 ياش ئەتراپىدا دەپ بېكىتىلگەن ئايال جەسەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ 1.80 مىتىر ئىكەن ، جەسەتلەرنى تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىپتۇ . . ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر تەرەپ بولسا ئارخىلوگلارنىڭ  بۇ قەبرە ئىلگىرى ئاز دىگەندە بىر قېتىم ئوغىرلانغان دەپ ھۆكۈم قىلىشى بوپتۇ . باشتا قەبرە توپىنى بايقىغان قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپنىڭ تىگىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىپتۇ ،  بۇنىڭدىن دەرۋەقە بىزمۇ ھەيران قالدۇق ، قەبرە بايقىلىپ ئوزۇن ئۆيمەي كوچىلاردا قەبرىنى بايقىغان ھۆددىگەر قەبرىدىن جىق ئالتۇنلارنى كولاپ ئېلىپ  ئىچكىرىگە قېچىپ كىتىپتۇ دەپ گەپ بولۇپ كەتكەنىدى ، قەبرە جايلاشقان ئورۇن يەر يۈزىدىن  6-7 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولۇپ تۇپراق قاتلىمى ئاساسلىقى شېغىل ۋە قۇم ، ئىلگىرى كۇچا ناھىيە بازىرى كېڭەيمەستە بۇ جايلارنىڭ دائىم كەلكۈن سۈيى ئېقىپ كېلىدىغان  ئادەمسىز شېغىل تاشلىق ئىكەنلىكى ، يېقىنقى زاماندىمۇ بۇ جايدا قەبرىدىن نىشان بېرىپ تۇرىدىغان بىرە بەلگىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم .
شۇ سۆھبەتلەر بولۇنۇپ خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن تىلۋىزوردا بۇ قەبرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارلىدى ، دىمىسەممۇ  ئارخلوگلارنىڭ خۇلاسسىنىڭ قانداقلىقى سىلەرگە ئايان . {:90:}  خۇلاسە شۇكى : بۇ قەبرە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلۇبىدىكى قەدىمى قەبرە بولۇپ .............نىڭ ........لىقىنى ئىسپاتلاپ ........تەربىيسىنى بېرىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە .

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 14:40:11

مىرزا ھەيدەر كۆرگىنى بەلكىم دىنازاۋۇرنىڭ سۆڭىكى بولىشى مومكىن
  بىلىدىغانلار جاۋاب بەرسەڭلار: قۇرئاندە قەدىمكى جانلىقلار توغرىسىدا بايانلار بارمۇ؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 14:43:05

ئارال دەپ تەھرىرلەپ قويۇڭلار     

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 14:52:53

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 14:40 static/image/common/back.gif
مىرزا ھەيدەر كۆرگىنى بەلكىم دىنازاۋۇرنىڭ سۆڭىكى بولىش ...

قارىغاندا مۇسۇلمان دىنوزاۋۇر ئوخشايدۇ ،مېيىتى ئىنسانلارنىڭ  مازارلىقىغا دەپنە قىلىنغاندىكىن :lol

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 15:03:43

ئەسلى خەۋەرنى ۋە چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقتىم،كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
مېنى چۈشەنمىسەڭ ،چۈشۈنۈشنى خالىمىساڭ،مېنى ئېتراپ قىلمىساڭ،ھەم ئىتراپ قىلىشنى خالىمىساڭ بۇ مېنىڭ بەختىم(بۇ بايراملىق)

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 15:24:30

temsilci يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 13:56 static/image/common/back.gif
羌دېگەننىڭ ئۇيغۇرچىسى ساك دېگەن گەپ بولامدۇ

ئەمەس،羌 لار ئاۋۇلەرنىڭ ئەجداتلىرىدىن بىرى،بۇ 羌 لارنىڭ پەيدا بولغان يېرى چىڭخەي-شىزاڭ ئىگىزلىكى دەپ قارىلىدۇ،ھازىرمۇ سىچۈەندە مۇشۇ خەت بىلەن ئاتىلدىغان بىر مىللەت بار،بۇلار قەدىمقى 羌 لارنڭ بىر تارمىقى دەپ قارىلىدۇ.ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەتتە بەگىلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەن چىن بەگلىكىمۇ مۇشۇ 羌 لار ياكى شىمالدىكى ئاتىلىق مىللەتلەر دەپ قارىلىدىغان خېلى كۈچلۈك بىر كۆزقاراشمۇ بار،ئەسلى تېمىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭىزلار،كىمسەلەرنى رەللە قىلىشقا كورىيانلاردىن باشقىسى بىكار،كوڭ ھەزرىتىممۇ كورىيان ،تۆت چاسا خەتنى ،جۇڭين تىبابىتىنىمۇ بىز ئىجاد قىلغان دىسە  ئىمانىمىز قىرىق گەز ئۇچۇدۇدە.:lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 15:26:21

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 15:03 static/image/common/back.gif
ئەسلى خەۋەرنى ۋە چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقتىم،كۆڭل ...

مەنبەدىكى ئىنكاستا يامان قىزىق گەپتىن بىر ئىككىسى تۇرامدۇ نىمە راس ;P

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 18:56:15

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 14:52 static/image/common/back.gif
قارىغاندا مۇسۇلمان دىنوزاۋۇر ئوخشايدۇ ،مېيىتى ئىنسا ...

:lol

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 19:33:35

ئادەمنڭ ئىچىنى سىرىيدىغن ئىشلار كۆپ تۇرپان ئىدقۇر خانلار قەبرىسدىنى نىم چىقىپ كەتكەن ئۇنى بى رئاللا بىلىدۇ
ھىلقى  ئەل ئىھراملاردىنمۇ نىملەر قانچىلىك بايلىق مەدەنيەت چىقتى ئۇنى بىر ئاللا بىلىدۇ ھەي نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ دەيمە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
روسلا جىندا تۇركى قەۋىملرنىڭ تارىخنى چىن تەتقىق قىلىدۇ ؟ نىمىشقا  تارىخقا توغرا مۇئامىلە قىلنمايدىغاندۇ ؟
بەت: [1] 2
: [بوزقىر]تارىمدىكى « گىگانىت ئادەم»لەر قەبرىستانلىقى