mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 10:52:45

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاي چېكى مۇسابىقىسى ئۆتكىزىلىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:
         تەڭرىتاغ ئاكسىيسى تورىمىز كۆيۈمچان ئۇستازلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۆيۈنىشى، دوسىتلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ۋە قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى بىلەن، قۇرۇلغان قىسقىغىنە تۆت يىل جەريانىدا ئاز بولمىغان مۇۋەپپەقيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىجىتھاتلىق ئۇستازلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەمەلىيەت جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى مۇنبەر ئارقىلىق كەڭ پايچى دوسىتلارغا يەتكۈزىشى بىلەن پايچىلار قوشۇنى كۈنسېرى كېڭىيىش بىلەن بىرگە، پايچى دوسىتلارنىڭ نەزەريىۋى بىلىملىرىمۇ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۈگەنگەن نەزىريىۋى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش، پايچى دوسىتلارنىڭ ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا تورىمىزنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ” تەڭرىتاغ ئاكسىيسى تورى مۇكاپاتلىق پاي مۇسابىقىسى“ ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
      1. مۇسابىقىگە تەۋسىيە قىلغان پاي چېكىنىڭ پاي نومۇرى ئېنىق كۆرسىتىلگەندىن باشقا، شۇ پاينى تەۋسىيە قىلىش ياكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشتىكى ئاساسىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. ھېچقانداق ئاساسسىزلا پالانى پاينى قاتناشتۇرىمەن، پوكۇنى پاينى قاتناشتۇرىمەن دەپ يوللانغان پايلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
         2.  بۇ نۆۋەتلىك پاي مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلدىغان پايلارغا چوقۇم ” تەڭرىتاغ ئاكسىيسى تورى مۇكاپاتلىق پاي مۇسابىقىسىغا قاتناشتۇرۇلدىغان پاي“ دەپ ئەسكەرتىش بېرىلىشى كېرەك.
        3. ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆپ بولغاندا ئىككى دانە پاينى قاتناشتۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ، ئارتۇق تەۋسىيە قىلىنغان پايلار بىردەك قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
       4. بۇ قېتىملىق پاي مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى بىر ئاي بولۇپ، تەۋسىيە قىلغان پېيىڭىزنىڭ تەۋسىيە قىلىنغان ۋاقتى ھەم شۇ ۋاقىتتىكى باھاسى خاتىرلىنىپ، بىر ئايدىن كېيىن خۇلاسە قىلىنىدۇ.
      5. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزدىكى، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان پايلار تورىمىز ياكى باشقۇرغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇ پاينى ئېلىپ- سېتىشتىن كېلىپ چىققان زىيانغا ئاكسىيە تورى ياكى ھەرقانداق بىر باشقۇرغۇچى، ئۇستازلار مەسئۇل بولمايدۇ.
     6. بۇ قېتىمقى پاي مۇسابىقىسىدە ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپات تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىردانە، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۇەن؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر دانە، يەككە مۇكاپات سوممىسى 500 يۈەن، ئۈچنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى دانە، يەككە مۇكاپات سوممىسى 300 يۇەن بولۇپ، مۇكاپات سوممىسىنى تەڭرىتاغ ئاكسىيسى تورى ئۈستىگە ئالىدۇ.
      پايچى دوسىتلارنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىنى، پاي تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىشىنى، شۇنداقلا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.  
      بۇ نۆۋەتلىك پاي مۇسابىقىسى      2014 - يىلى   2 -ئاينىڭ   17-كۈنىدن 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، ۋاقتى بىر ئاي بولۇپ، بىر ئايدىن كىيىن خۇلاسە قىلىنىپ، مۇسابىقە نەتىجىسى تەڭرىتاغ ئاكسىيسى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ.   

ئىزدىنىش تورىدىكى مۇشۇ يازما ئاستىغا پاينى ئاساسىمىز بىلەن چاپلىساقمۇ بولىدۇ،بىز خاتىرلەپ ماڭىمىز :چ چ  توپ نۇمۇرى: 45576475
تور ئادرىسى:http://13999414104a.a766.cnaaa6.com/bbs/read.php?tid=605
                          تەڭرىتاغ ئاكسىيسى

mollam1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 15:23:08

دوسلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى سورايمىز

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 17:39:46

مۇشۇ پاي دىگەن نىمنىڭ خەترى چۇڭ شۇڭا مۇشۇ پاي تەۋسىيە قىلىش ھىساپ  ئىچىش ئىشلىردا بەك دىققەت قىلىش كىرەك ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ، بىرسىگە بىر ياخشى نەرسىنى تەۋسىيە قىلسا شۇ كىشى پايدا ئالالىسا  تەۋسىيەقىلغان ئادەمگە ياخشلىق يىتىدۇ ئەممە تەۋسىيە قىلغان نەرسە  زيان يەتكۈزسە بۇنىڭ ئىككى دۇنيادا ھىسابى بار،
بۇ پەقەت شەخسى قارشىم ھەرگىز خاتا چۇشنىۋالماڭلار قىقىسى پاي  ئۇيغۇر بازرىمىزنىڭمۇ  ساغلام تەرەققى قىلىشنى چىن يۇرگۇمدىن ئۇمۇد قىلىمەن ،
مەنمۇ پاي ئوينايمە
پاي تەۋسىسيە قىلىش بۇ ھەرگىز چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەمما مۇنداق مۇسابىقە شەكلىدە تەجىربە ئالماشتۇرسا ئۇ ياخشى دەپ ئويلايمە .

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 23:17:22

بۇغۇ ياخشى پائالىيەت بوپتۇ.لېكىن زىياننى يوق دىگىلى بولمايدۇ-دە.

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 23:04:35

ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر!مۇشۇ مۇقۇم تور نامىدىن بىرنى قىلىۋالغان بولساڭلار تېخمۇ ياخشى بولاركەن!!

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 23:50:25

ياخشى ئىش بوپتۇ
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پاي چېكى مۇسابىقىسى ئۆتكىزىلىدۇ