ئېسىل ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 00:48ئاندرويد ۋە iPhone دا.... ھەرخىل ئۇيغۇرچە كىرگۈزچلەر يەتكۈچە بولۇشى مۇمكىن.
بۈگۈن مەن تونۇشتۇرماقچى بولغىنى ئىچكىرىدىكى cootek شىركىتى ئىشلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ.
cootek شىركىتى (触宝) سونىي، گۇگول قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆزىگە خېرىدار قىلغان چوڭ تىپتىكى يېزىق يۇمشاق دېتاللىرى شىركىتى بولۇپ، سونىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن شىركەتلەر cootek شىركىتىنىڭ كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىدۇ.
بۇ شىركەت يېقىندا (ياكى يىراقتا) ئۆزىنىڭ كىرگۈزگۈچىگە ئۇيغۇر تىلىنىمۇ قوشقان. «ئۇيغۇرچە» گىمۇ ئۇچۇر ساھەسىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان 30 نەچچە خىل خەلقئارالىق چوڭ تىلنىڭ ئىچىدە مۇئامىلە قىلغان.
------------------
ئارتۇقچىلىقى
1. بىر گەۋدە. سىز 触宝 كىرگۈزگۈچىنى قاچىلىسىڭىز، 30 دىن ئارتۇق تىلنىڭ كىرگۈزگۈچى شۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن. ئۇيغۇر تىلىمۇ بار. يانفوندىكى باشقا بارلىق كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ. خەنزۇچە پىنيىن كىرگۈزگۈچ، بىخۇالىق كىرگۈزگۈچ، قوليازغۇچ... ھەممىسى تەل. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوليازما كىرگۈزگۈچتە يانفوننى يانچە تۇتقاندا، ئۇزۇن جۈملىنى بىراقلا يېزىشقا بولىدۇ، بىرخەت-بىرخەتتىن كىرگۈزۈش ھاجەتسىز.
2. خاسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك. لۇغەت ئامبىرىنى ئۆزىڭىز كۈچەيتىۋالالايسىز. ئۆزىڭىز خالىغان سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇۋالالايسىز.
3. ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى. كىرگۈزگۈچنىڭ ئاپتوماتىك پەرەز قىلىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويسىز، بەزىدە بىر ھەرپ يېزىپلا، پۈتۈن جۈملىنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سىز «ئەسسالام ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭ، ئاداش؟» دېگەن جۈملىنى 2 قېتىملا كىرگۈزسسىڭىز، 3-قېتىمدا پەقەت «ئەس» دېگەن ئىككى ھەرپنى باسسىڭىزلا، قالغان قىسىمىنى كىرگۈزگۈچ ئاپتوماتىك چىقىرىپ بېرىدۇ.
4. ھەقسىز. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە: «خەت يېزىش دېگەن ئادەم ھەركۈنى قىلىدىغان ئىش، ئۇ كىشىنىڭ ئەركىنلىكى، ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ»
5. كۆرۈنۈشى چىرايلىق. نۇرغۇن چاپانلىرى بار ئىكەن. رەسىمدىكى چاپاننىڭ ئىسمى: 蓝色畅想
.............
قاچىلاش ئۇسۇلى:
ئالما ياكى ئاندرويد ئەپ دۇكانلىرىدىن 触宝国际输入法 دەپ ئىزدەپ قاچىلاڭ.
触宝输入法 ئەمەس، چوقۇم «خەلقئارالىق» دېگەن نامدىكىسىنى قاچىلاڭ، چۈنكى 触宝输入法 پەقەت خەنزۇچە كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن. 触宝国际输入法 دا 触宝输入法 نىڭ بارلىق ئىقتىدارى بار ئىكەن.
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، كىرگۈزگۈچنىڭ تەڭشەش ئورنىدىن، خالىغان تىل بولىقىنى قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ (ئۇيغۇرچىمۇ شۇ يەردە).
--------------------
ھە راست،
ئەگەر يانفونۇڭلار سونىي، HTC، جۇڭشىڭ (ZTE)، خۇاۋېي، ئالكاتېل، شياۋمى قاتارلىق ماركىدىكى بولسا، بۇ كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش ھاجەتسىز، كىرگۈزگۈچ يانفونۇڭلاردا بار. كىرگۈزگۈچنىڭ تەڭشەك ئورنىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىۋالساڭلارلا بولىدۇ (خاڭخو يانفونلارنىڭ بىر قىسىمىغا بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ جۇڭگو نۇسخىسى، خەلقئارالىق نۇسخىسى ئەمەس، قاچىلانغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇيغۇرچە يوق، خەلقئارالىق نۇسخىنى ئايرىم قاچىلىشىڭلار كېرەك.)
يەنە مېرسىدىس-بېنىز (Mercedes-Benz) ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ زاۋۇت تەرەپ ئورناتقان GPS قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرىگىمۇ مۇشۇ كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىلگەن.
بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى Touchpal
لېكىن بۇ كىرگۈچنىڭ كونوپكا ئورۇنلارشتۇرىلىشىنى ئانچە مۇۋاپىق كۆرمىدىم قارلۇق شىركىتىنىڭ خاتىرەمدىكىدەك ياكى بولمىسا multiling كىرگۈزگۈچنىڭكىدەك ئورۇنلاشتۇرغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى باشقا كونوپكا ئورۇنلاشتۇرىشىغا كۆنۈپ قالغان بوپغاچقا مانى زورىغا ئىشلىتەي دىسەممۇ ئىشلىتەلمەيدىكەنمەن تولا ھاللاردا خەتلەر خاتا بېسىلىپ دىگەندەك تۈرمىدىن قاچمىغان ئالما، سىرىتتىن كىرگۈزگۈچ قاچىلاشنى قوللىمايدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە App Store دىمۇ يوقكەن. مەنمۇ ئىزدەپ باقتىم app store دا باركەن لېكىن 2012-12-24 تىن كىيىن يىڭىلانماپتۇ بۇنىڭدا ئۇيغۇرچە يوقكەن, cydia دا 国际版 يوقكەن. بەيدۇنىڭ كىرگۈزگۈچىگە كۆنەپ قاپتىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahadirlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 09:37
بوپقالىدىكەن مەنمۇ يىرىم يىلدەك بولدى. مۇشۇ كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىۋاتىمەن بەيدۇنىڭ كىرگۈزگۈچىگە كۆنەپ قاپتىمەن
مەنمۇ ئۇزۇن بولدى مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى، ھەقىقەتەن ياخشى كىرگۈزگۈچ multiling مۇ ياخشى كىرگۈزگۈچ، بىر ھوندىكى multiling كىرگۈزگۈچىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولۇپتىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Berdem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-14 09:59
بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ ئېسىللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ . مەنمۇ يېرىم يىلدىن بېرى مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە لوغەت ئامبىرى بىلەن تەمىنلىگەن . خەنزۇچە كىرگۈزۈشمۇ شۇنداق قولايلىق ھەم مۇككەممەلكەن . سىز دىگەندەك كىرگۈزگۈچنىڭ ئۇسلۇبلىرىمۇ شۇنداق جىق ھەم بىر- بىرىدىن كۆركەمكەن . مەنمۇ يانفونۇمدىكى ئۆزى تەمىنلىگەن كىرگۈزگۈچنى ئۆچۈرۋىتىپ مۇشۇنىلا ئىشلىتىۋاتىمەن.بۇ كىرگۈچگۈچنى ئىشلەتسىڭىز، باشقا كىرگۈزگۈچكە قىلچە ھاجىتىڭىز چۈشمەيدۇ. مەنمۇ ھەممىڭلارغا مۇشۇ كىرگۈزگۈچنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. ياخشى كىرگۈزگۈچ. ماۋۇ يەردىن خەلقئارا نۇسخىسنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى
http://alip.biz/app/android.php?ac=detail&cname=jingyingcelve&id=1111 alip يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 10:06 static/image/common/back.gif
ياخشى كىرگۈزگۈچ. ماۋۇ يەردىن خەلقئارا نۇسخىسنىڭ چۈشۈر ...
تۇرمىدىن قاچۇرمىغان ئالما تېلفۇنغا قانداق قاچىلايمىز ؟ بىر ئوگىتىپ قويغان بولسىڭىز مەن ئىشلىتىۋاتىمەن ،تىل ئالماشتۇرۇش جەھەتتە بەيدۇدىن ياخشى ، ئالىپ تورىدى چۈشۈرۈپ قاچىلىساملا ئۇيغۇر تىلى باركەنتۇق .
ئاۋۇ سىنىغان تىلفۇنغا ئۇيغۇرچە فونىت قاچىلاڭە ، خەت نوچى چىقىدۇ . بىلكان، بەيدۇ، مۇلتىڭ كىرگۈزگۈچلىرىنى ھەممىسىنى ئىشلىتىپ ئەڭ ئاخىردا مۇشۇنىڭدا توختىدىم، ئېسىللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.{:143:} {:143:} {:143:} {:143:} {:143:} hanjar يوللىغان ۋاقتى 2014-2-14 10:09 static/image/common/back.gif
تۇرمىدىن قاچۇرمىغان ئالما تېلفۇنغا قانداق قاچىلايمى ...
App Store دا بولمىسا ئايفوننى تۈرمىدىن قاچۇرماي قاچىلغىلى بولمايدۇ. ما بولىدىغان ئەپمۇ نىمە......... مەزكۇر ئىنكاس مەزكۇر كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزۈلدى. ياخشى ئىكەن. بۇلىدىكەن ماۋۇ كىرگۈزگۈچ راس پەيزىكەن، بەيدۇنىڭكىنى ئۆچۈرۈۋەتتىم.{:112:} شىفىت كۇنۇپكىسىنى باسىدىغان يىرى قاملاشمايدىكەن