polatbay يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 23:10:17

ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى قۇرۇش ۋە ئىشلىتىشتىن ياردەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polatbay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 23:13  

     ھەممىمىزگە مەلۇم ،ئۈندىدار جاھانغا تارالغاندىن كېيىن ئۈندىدارنىڭ يەنە بىر ئىقتىدارى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ ،شىركەت ،ئىدارە -ئورگانلارنىڭ مەبلەغ كەتمەيدىغان تەشۋىقات سۇپىسىغا ئايلاندى.

    يېقىندا بىزنىڭ سودا-سانائەت ئىدارىمىز ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلش ،قانۇن تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش     خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش پىلانىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرغا قويغان ئىدى ،بۇ پىلان ئىستىمالچىلارنىڭ ئەرىز قىلش يوللىرىنى كۆپەيتىپ،ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ ،ئىدارىنىڭ قانۇن -تۈزۈملىرىنى تەشۋىق قىلىشقا ناھايىتى باپ كېلەتتى،لېكىن ئەپسۇس ئىدارىدا بۇنداق ئۈندىدار سۇپىسىنى قۇرۇپ ،تەڭشەپ ،نورمال مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشتا تەجىربىگە ئىگە كادىر بولمىغانلىقتىن ،مۇشۇ جەھەتتە بىلىمى بار ،مۇشۇنداق سۇپا قۇرۇپ باققان ،ئىشلىتىۋاتقان مۇنبەرداشلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۆمۈد قىلىپ بۇ قىسقا تېمىنى يازدىم.ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن،رەھمەت.


چ چ :1515109688

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 13:22:13

بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار بىزمۇ پايدىلىنىپ قالساق بوپتىكەن...
بەت: [1]
: ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى قۇرۇش ۋە ئىشلىتىشتىن ياردەم