omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 21:28:40

ۋېلسپىت سىتىۋېلىش توغرىسىدا

سالام ئىزدىنىش ئەھلى
بىر يىلدىن ئاشتى خىزمەت شۇنچە ئالدىراش جاپالىق بولۇش ۋە يىمەك ئىچمەكنى كونترول قىلماسلىق تۈپەيلى خېلىلام سەمىرىپ قالدىم ...
بوي ئىگىزلىكىمغۇ خېلى ئىگىز ، ئۆيدىكىلەر بۇنچىلىك سىمىزلىك، بويۇڭ ئىگىز بولغاندىكىن بەك بىلىنىپمۇ كەتمەيدىكەن ، يارىشىپتۇ دىيىشىدۇ ، لىكىن مىنىڭ ياش تۇرۇپلا بۇنچىلىك سىمىزلىكنى قوبۇل قىلالمىدىم ،  ئادەتتە ئىشقا ئادەتتە ماشىنامنى ھەيدەپ بارىمەن ، كۈندە دىگۈدەك ئىشخانىدا ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيمەن ،چاينى كۆپ ئىچىمەن ،خىزمەت ۋاقتىم كۈندە 10 نەچچە سائەتكە بارىدۇ ، چۈشلىرى كەچلىرى بىنادىن چۈشۈپ ئىدارىنىڭ ئالدىغىچە پىيادە چىقىمەن ، ئۆيۈم 5- قەۋەتتە (لىفىتسىز) ھەركىتىمنىڭ ھەممىسى شۇ ،
قايسى كۈنى بىر خەڭسوچە ژورنالدا مۇشۇ ۋېلىسپىت مىنسە تەن سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكى ، ۋە ئورۇقلىتىدىغاننى ئوقۇپ قالدىم ، شۇڭلاشقا  توردىن ۋېلىسپىت سىتىۋىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ، ئىزدىنىش ئەھلى كۆپنى كۆرگەن ، ھەر ساھە ھەر كەسىپتىن ئادەم ئۇچراتقىلى بولىدۇ ، شۇڭلاشقا تورداشلار ماڭا بىر ياشلار مىنىشكە ماس كىلىدىغان باھاسى مۇۋاپپىق ۋېلىسپىت تەۋسىيە قىلساڭلار ....

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:14:25

ئەسلى مۇشۇ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئادەمگە ۋەلىسپىت بەك ياخشى ئۇرۇقلىتىش دورىسى ۋە چېنىقىش قۇرالى.يىنىك،ئەپچىل.ئەمما ھازىر ۋېلىشپىت مىنىدىغانلار قالمىغاچ ئادەم ئىككى يېنىغا قاراپ قالىدىغان ئىشكەن.مەن يېزىدا ئىشلەيمەن.خىزمەت ئورنۇم بىلەن ئۆيۈمنىڭ ئارلىقى 3كىلومېتىر،ماشىنىنى توختىتىپ قويۇپ ۋېلسپىتتا ئىشقا بارسام دوست بۇرادەرلەر،تۇنۇش بىلىشلەر مازاق قىلىپ،خاتونۇم ئىشقا كىچىكىدىكەنمەن دەپ يەنە ماشىنىدا بارماي بولمىدى.ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ياخشى ھەركەت بولاتتى بۇ.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:21:00

بولسا يۇقارقى تورداشقا بىر ياخشى ۋېلسىپىت تەۋسىيە قىلىڭلار... ماڭىمۇ بىرى لازىمتى بازارغا قارىسام ساپلا كىچىك بالىلارنىڭكى باركەن... ئويلاپ باقسام مېنىڭ ھەرىكىتىم يۇقارقى تورداشتىنمۇ ئاز ئوخشايدۇ. ئۆيۈم بىلەن خىزمەت ئورنۇم بەش كىلومېتىر كېلىدۇ. ئادەتتە تاكسىدا بېرىپ كېلىمەن. 10-11 سائەت ئەتراپىدا كومپىيوتېردا ئىشلەيمەن. كەچلىك تاماقنى دائىم 10دىن كېيىن يېگەچكە قوساق سەل چىقىپ قاپتۇ... :L:L

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:22:24

捷安特 美利达  مۇشۇ ئىككى ماركا بولىدۇ. 1500 نىڭ تۈپى ئادەتتە بۇلارنىڭ ۋىلىسىپىتلىرى.
قىممەتنىڭ قىممەتلىكى بار ، شۇنداق يېنىك ماڭىسىز ، لېكىن ئورۇقلاش نىيىتىدە بولسىڭىز ،
ئەرزانراق ۋىلىسىپىتنى ئىلىڭ ، كۆپ كۈچەيسىز ، ئوغرى ئەكەتسىمۇ ئېغىر كەلمەيدۇ ...
ئەزرانلىرى ، چىرايلىقلىرى  200 دىن 500 ئەتراپىدا تاۋباۋدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

Kartal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:38:59

دەل مەنمۇ سىز ئويلىغاندەك، ئورتاقلىقىمىز بار ئىكەن. مەن بۇنى تاللىغان كۆرۈپ بىقىڭ
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.5.t7hMYJ&id=15449872263

ئورگان تور بىكىتى:http://www.giant.com.cn/Bike/BikeView/978

ۋىلسىپىت ھەۋەسكارلىرى تو بىكىتى پايدىلنارسىز: http://www.bicyc.com/

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:46:34

چىنىقىدىغانغا، ئورۇقلايدىغانغا ئالىدىغان ئىش بولسا تۆۋەندىكى ۋېلىسىپىتلارنى ئالسىڭىز بولا. بىراق ئىشقا ۋېلىسىپىتتە بېرىپ-كېلىپ ئورۇقلايمەن دېسىڭىز ئۇ مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. بەش يىل بولدى ۋېلىسىپىت مىنىۋاتىمەن (قىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا)، بىراق ئورۇقلىمايدىكەن ئادەم. بولمىسا كۈنىگە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ باسىدىغان مۇساپەم 15 كىلومېتىرغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. ئاشۇ ۋېلىسىپىت مىنسە ئورۇقلايدۇ دېگەنلەر بەلكىم ئۆزى ۋېلىسىپىت مىنىپ ئورۇقلاپ سىناپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن.
http://s.taobao.com/search?&initiative_id=tbindexz_20140214&spm=1.6659421.754896237.1&sourceId=tb.index&search_type=item&ssid=s5-e&commend=all&q=%D4%CB%B6%AF%C6%F7%B2%C4%D7%D4%D0%D0%B3%B5&suggest=0_9&wq=yundongqi&suggest_query=yundongqi&source=suggest

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:49:31

مەن ئۆتكەن يىلى بىر ۋەلىسپىت سېتىۋالغان تولىمۇ رازى بولدۇم  ھەم يىنىك ھەم پۇختا ئىكەن   يەنە كىلىپ ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن ئىكەن   ۋەلىسپىت ساتقۇچىنىڭ دىيىشىچە   سىزمۇ مۇشۇنى كۆرۈپ بېقىڭ مىڭ يۈەنگە ئالغان ماركىسى  百鸟王 525

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:49:49

ماۋۇ ۋېلىسىپىتكە قاراپ بېقىڭلار خېلى بولدىغاندەك. بەك ئەرزىنىنى ئېلىۋالسا تولا بۇزۇلۇپ ئادەمنى زېرىكتۈرىدىكەن، بەك قىممىتىنى ئوغرى ئالسا ئېغىر كېلىدۇ.
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.56.Jcxffn&id=17167695130
مىڭ كوي ئەتراپىدا كەلگۈدەك.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:58:28

ماندىغىنى ئېلىڭ يا كىلاسسىكراق



ئەقلىمگە كەلسەم دادامنىڭ باركەن ماشتاق ۋەلسىپتى.  كىچىك بولغاچ رامنىڭ ئۈستىدىن چىقساق پىدالغا پۇت يەتمەي ئاستىدىن كىرگۈزۈپ ھەيدەپ ئوينايتىم. :lol



  باۋمانىڭ ۋەلسىپىتلىرى ياخشى. سىزگە شۇنى ەەۋسىيە قىلاي.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 23:00:50

باۋمانىڭ ۋېلىسپىتلىرى خېلىلام قىممەتكەن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 23:08:24

بىر خارنىڭ بىر ئەتىۋا بولىدىغان زامانى كېلىدۇ دەپ. بەزىلەر ۋېلىسپىتكە يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. بۇمۇ ياخشى نەرسە ئەسلى. ھەركەت قىلىدۇ ئادەم، ھەم ئىقتىساد تىجىگىلى بولىدۇ. مەنمۇ بىرنى ئالىمەن يىڭى ئۆيۈمگە كۆچكەندە.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 23:18:40

ماۋۇنى كۆرۈپ بىقىڭلارچۇ   http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.165.NDvmkE&id=37190661374&_u=e447p7p1332

puhra يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 00:13:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   puhra تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-14 00:26  

atella0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 22:14 static/image/common/back.gif
ئەسلى مۇشۇ ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئادەمگە ۋەل ...

ئەر -ئايال ئىككەيلەن مىنىدىغان ئىش بولسا بۇمۇ بۇلىدىكەن.:lol
[http://www.bicyc.com/product-214.html
يالغۇز مىنىدىغان ئىش بولسا بۇمۇ بۇلىدىكەن.
http://www.bicyc.com/product-1590.html
بولسا كونا تىپتىكى يوڭجۇ پىگېر دىگەندەك ۋېلسىپىتلەر ياخشى .مەن يوڭجۇنى ئالدىم.ئارقىغا خۇتۇننى ئېلىپ ماڭساممۇ مۇزدەك تۇرىدۇ.
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.87.9Cg9gJ&id=16203981864
يالغۇز مىنىدىغان ئىش بولسا بۇمۇ ياخشى ۋېلسىپىت.
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.237.9Cg9gJ&id=17336979130

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 01:05:02

ماشىنىسى بارلارغا نىسبەتەن قاتلىنىدىغانلىرى بولامدىكى دەيمەن. مەنمۇ بىرنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقان، مىنمىگەن چاغدا قاتلاپ ماشىنىنىڭ كەتنىگە قويۇپ قويۇپ، مىنگىم كەلگەندە ئېلىپ مىنىشكە...
24-26سۇڭغىچە چوڭلىرىمۇ باكەن، ئەرزانلىرىمۇ قىممىتىمۇ دېگەندەك. ماۋۇنىڭغا ئوخشاش :http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.12.Je8STg&id=17369410210

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 01:06:31

راس، ھازىر ۋېلسىپىت رېمونت قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك، بۇزۇلسا كىمنى ئىزدەيدىغان گەپ؟:o

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 01:59:01

Merida  بىلەن Giant نىڭ ۋېلسىپىتلىرى ماس كەلگۈدەك مىنىڭچە. بۇلۇپمۇ ياشلارغا.  بەك قىممەتلىرىنى ئېلىۋالماي، باھاسى مۇۋاپىقنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇلار خېلى چىداملىق، دوسلىرىمنىڭ ئىچىدە مىنگەنلەر ھەممىسى دېگۈدەك رازى بۇ ئىككى ماركىدىن.

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 02:06:53

مۇنداق ۋېلسىپىتلەرمۇ باركەن بولمىسا

nirvana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 09:43:32

مېنىڭچە، ياخشىراقىنى ئېلىڭ. 1500نىڭ يۇقىرسىدىكى، چۈنكى ياخشى ۋېلسىپتىڭىز بولسا، ۋېلىستپچىلەرنىڭ توپىغا قېتلىپ، شەنبە-يەكشەنبە دالاغا چىقىپ كەلسىڭىز بولىدۇ.نېمىشقا1500نىڭ دەيمەن، چۈنكى ئۇ يەردىكى ۋېلىسپتلەرنىڭ تۆۋىنى2500يۈەن. ئۇلارغۇ كەمستىمەيدۇ، بىراق ئۆزىڭىز خىجىل بولۇپ قالىسىز.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 09:54:55

ئۇرۇقلاش ئۈچۈن بولسا، يەنە ئۆيىڭىز ئازادىرااق بولسا  ئەڭ ياخشىسى يۈگۈرۈش ماشىنىسى (跑步机) دىن بىرنى ئېلىڭ. ماشىنىڭىزنى ئاقسا ھەيدىيەلەيسىز. ئەتىگەن- كەچتە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ يۈگۈرۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 10:29:11

捷安特 نىڭ ۋېلسىپىتىنى 2010 -يىلى 1600 سومغا ئالغان، بەك ياخشى چىقتى،  ئىچىم پۇشۇپ قالغاندا 70،80 كېلومېتىېر ئارلىقنى ئۆزۈم مېنىپ ئايلىنىپ كېلىمەن
بەت: [1] 2
: ۋېلسپىت سىتىۋېلىش توغرىسىدا