tuyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 18:31:08

بۆرەك شارچە ياللۇغىدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، قانداق ئەھۋالىڭلار؟
    يېقىندىن بېرى بىر ئىشقا بېشىمىز قېتىپ، تورداشلار بىلەن ھال-مۇڭ بولايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
      مېنىڭ بىر قېرىندىشىم 3 – 4 يىلنىڭ ئالدىدا سالامەتلىكىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىسىدا سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە «ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك شارچە ياللۇغى»(慢性肾小球肾炎)دەپ دىياگىنوز قويۇلۇپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىر كۇرس (13كۈن ئەتراپىدا) ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان. (بىمار: ئەر، 27 ياش، توي قىلمىغان)
ياتاقتا يېتىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى: (تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى خەنزۇچە ئاتىلىشى بويىچە ئالدۇق، ئەيپكە بۇيرۇمىغايسىلەر)
(2011-يىلى 5-ئاي ئەتراپىدا)

尿蛋白质:2+
尿隐血:2+
24小时尿蛋白:1180mg/L
24小时尿量:1.9kg
بىر كۇرس داۋالانغاندىن كېيىنىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى:
尿蛋白质:微量
尿隐血:2+
    دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، دوختور بۇيرۇغان مۇناسىۋەتلىك غەربچە دورىلارنى بىر مەزگىل يېگەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى:
(2011-يىلى 7-ئاي ئەتراپىدا)

尿蛋白质:-
尿隐血:2+
24小时尿蛋白:564mg/L
24小时尿量:1.3kg
    ئارىلىقتا باشقىلاردىن بۇ خېل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ غەربچە دورىلارنى كۆپ يېسە بولمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى سىناپ بېقىش تەكلىۋىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قەشقەر، خوتەنلەردىكى داڭلىق تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپ، بىر مەزگىل غەرپچە دورىلارنى يېيىشنى توختىتىپ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى يېگەن.
تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى يېگەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى:
(2011-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا)
尿蛋白质:弱阳性
尿隐血:阳性
24小时尿蛋白:379mg/L
24小时尿量:1.5kg
تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي يېگەندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى: (2011-يىلى 11-ئاي ئەتراپىدا)
尿蛋白质:3+
尿隐血:2+
24小时尿蛋白:1295mg/L
24小时尿量:1.5kg
تەكشۈرگەن ۋاقىت: 2012-يىلى 8-ئاي ئەتراپىدا  
يېگەن دورا: ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى
تەكشۈرۈش نەتىجىسى:
尿蛋白质:弱阳性
尿隐血:1+
24小时尿蛋白:620mg/L
24小时尿量:1.9kg

تەكشۈرگەن ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاي ئەتراپىدا  
يېگەن دورا: ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى
تەكشۈرۈش نەتىجىسى:
尿蛋白质:2+
尿隐血:2+
24小时尿蛋白:790mg/L
24小时尿量:1.4kg

تەكشۈرگەن ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاي ئەتراپىدا  
يېگەن دورا: ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى
تەكشۈرۈش نەتىجىسى:
尿蛋白质:2+
尿隐血:+ -
24小时尿蛋白:550mg/L
24小时尿量:1kg

    مۇشۇ تەرىقىدە بىر يىلدىن ئارتۇقراق قەشقەر ئاساسلىقى خوتەن تەرەپلەردىكى بىر نەچچە داڭلىق تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، بىر قانچە كۇرس دورىلارنى يەشىكلەپ ئەكىلىپ ئۆز ۋاقتىدا يېگەن، تېۋىپلار بۇيرۇغان تۈرلۈك ساقلىق ساقلاش، تۇرمۇش ئادەتلىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرھىزلەرگىمۇ ناھايىتى دىققەت قىلىپ كەلگەن. (بۇ جەرياننى بەلكىم ئۇزاقراق مەزگىل مىللىي تىبابەت دورىلىرىنى ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ ئورنىدا يەپ باققانلار ھېس قىلالىشى مۇمكىن) ، 2013-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن «شىنيۈەن كاپسۇلى»(肾元胶囊)دېگەن بىر جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن ياسالغان دورىنىڭ مۇشۇ كېسەلگە ئوبدان شىپا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،ئاپتونوم رايۇنلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى بىر دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇشۇ دورىدىن ئەكەلدۈرۈپ يېگەن.

تەكشۈرگەن ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاي ئەتراپىدا  
يېگەن دورا: شىنيۈەن كاپسۇلى (ئۇدا بىر ئاي ئىستىمال قىلغان)
تەكشۈرۈش نەتىجىسى:
尿蛋白质:阳性
尿隐血:+ -
24小时尿蛋白:525mg/L
24小时尿量:2.1kg

تەكشۈرگەن ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا  
يېگەن دورا: شىنيۈەن كاپسۇلى (ئۇدا ئىككى ئاي ئىستىمال قىلغان)
تەكشۈرۈش نەتىجىسى: ( ئىزاھات: تەكشۈرتكەن مەزگىلدە گېلى ئاغرىپ قالغان)
尿蛋白质:2+
尿隐血:3+
24小时尿蛋白:590mg/L
24小时尿量:1.9kg
تەكشۈرگەن ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاي ئەتراپىدا  
يېگەن دورا: شىنيۈەن كاپسۇلى (ئۇدا ئالتە ئاي ئىستىمال قىلغان)
تەكشۈرۈش نەتىجىسى:

尿蛋白质:+ -
尿隐血:1+
24小时尿蛋白:558mg/L
24小时尿量:1.8kg
يېقىندا يەنە دورا ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونۇم رايۇنلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىكى دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مۇشۇ كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدىغان يەنە باشقا دورىلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغاندا بۇ دوختۇر «شىنيۈەن كاپسۇلى» نى ئىستىمال قىلىش بىلەن بىرگە، «冬虫夏草» دەپ بىر خىل دورىنى قوشۇمچە قىلغاندا بەدەننىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولۇش بىلەن بىرگە تۈرلۈك بۆرەك كېسەللىكىگىمۇ ياخشى مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
كېسەل كۆرسەتكەن دوختۇر، تېۋىپلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كېسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىكەن بىراق داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا بىزمۇ ئاۋۋال ئاللاھتىن شىپاھلىق تىلەش بىلەن بىرگە ھازىرغىچە كۆزىمىز كۆرگەن، قۇلىقىمىز ئاڭلىغان سەۋەبلەرنى قىلىۋاتىمىز. لېكىن نەچچە تېۋىپ، دوختۇرنىڭ ئوخشاش كېسەلگە بولغان كۆز قارىشى، بۇيرۇغان پەرھىزلىرى نەچچە خىل بولىدىكەن، بىرسى «گۆش يېسەڭ قەتئىي بولمايدۇ » دېسە، يەنە بىرسى «قۇش گۆشىلا يەيسەن» دېگەندەك .... زىددىيەتلىك گەپلەرنى قىلىپ ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدىكەن ....
بىمارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى:
ئىممونىت كۈچى ئاجىزراق، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى، ئاچچىق لازىلىق يېمەكلىلەرنى سەل كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ قالسىلا، گال ئاغرىقى قوزغىلىدۇ. لېكىن ئاسان ماغدۇرسىزلىنىدىغان، ئاسان چارچايدىغان ئالامەتلەر كۆرۈنەرلىك ئەمەس.
تورداشلارغا دەيدىغىنىمىز:
مۇنبەردە بىلگەجان، جىك، زىيالىي ... قاتارلىق چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تورداشلىرىمىز بار، شۇڭا بۇ خىل كېسەلنى شۇ يەرلەردە ئادەتتە قانداق داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ؟ قانداق پەرھىزلەرنى بۇيرۇيدۇ؟ ... دېگەنلەردىن ئۇچۇر بەرسەڭلار؛ باشقا تورداشلار ئەتراپىڭلاردا، تونۇش-بىلىشلىرىڭلار ئارىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بولسا ( ئاللاھ شىپاھلىق بەرگەي) پايدىلىق مەسلىھەتلەر بولسا ئايىمىساڭلار كۆپ خۇرسەن بولاتتۇق...

شىنيۈەن كاپسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر:
http://baike.baidu.com/link?url=zIiUg-GlR-sSAdfWkrCHh0Fjcc6Hp7gxurEkjCUDhLa89IEkoJOPOZf3cHzhsKe-vZTPx_UKm1qdOgaOKt1f2a
«冬虫夏草» غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر:
http://baike.baidu.com/link?url=oEcHUwQ8hlYj7iUO1wzye_B4YfB0hbtyUuXlvjJtcwVIib36x_fuuMJ_-jUC6ox-
ئىلخەت : shemshad@126.com



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-14 09:53):
دوختۇرخانىدا داۋالانغاندىن كېيىنكىسىدە 2 تۈر قېپقالغان:
24时尿蛋白:540mg/L
尿量:1.5kg

2011-يىل 11-ئايدا گېلى ئاغرىپ قالغان

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 08:39:47

سالام بۇرادەر،يۇقىردىكى كېسەللىك تارىخىنى خېلى تەپسىلىي يېزىپسىز،ئەمما بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ يەنەبىر مۇھىم تەكشۈرۈش ئوبىكتى بولسا قان بېسىمى،چۈنكى بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن بىرى يۇقىرى قان بېسىمىدۇر،مەلۇم جەھەتتىن بىمارنىڭ قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ كېسەللىك ئەھۋالىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ پەقەت بىر تەرىپى خالاس،يۇقىرىدا سىز تەمىنلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا يېقىنقى 3يىلدىن بۇيان بىمارنىڭ  سۈيدۈكتىكى ئاقسىل ماددىسى ئاساسەن دېگۈدەك تۆۋەنلىمەپتۇ،بۇ ياخشى ئەمەس، بىرىنچى قېتىملىق كېسەللىك بايقالغان چاغدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىنچى قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىغاندىن كېيىنكى ئاقسىل زور دەرىجىدە پەرق باركەن يەنى خېلى تۆۋەنلەپتۇ ئەمما 2011-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ تاكى 2013-يىلى 8-ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا بىمارنىڭ سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقتارى ئىزچىل ھالدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگىنى يوقكەن،مەن ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە جۇڭيى تىبابىتى توغرىلىق ھېچنىمە بىلمەيمەن شۇڭا بىمارنىڭ  سۈيدۈك ئاقسىلىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلىمىگەنلىكىنى يۇقىرقى ئىشلەتكەن دورىلاربىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش تەس. يەنە كېلىپ بۇ خىل كېسەللىك بولسا ئالامەتلىرى بىر قەدەر كۆپ،داۋالىماق بىرقەدەر مۈشكۈل بولغان مۇرەككەپرەك كېسەللىك،ئەگەر ۋاختىدا ياخشى سېستىمىلىق داۋالىمىسا كېيىن سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش ،بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىن.
غەرپ تىبابىتىدە بولسا مەيلى ئامرىكا مەيلى ياۋروپا ۋە ياكى جۇڭگودا بولسۇن ئەڭ ئاساسلىقى ياللۇغنى كونتىرول قىلىش،قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش،بۆرەك زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقتارىنى ئازايتىش،ۋە شۇنىڭدەك ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە بولغان داۋالاش قاتارلىق پىرىنسىپلار بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ،شۇڭا كېسەللىكنىڭ ئەھۋالىغا ماس ھالدا داۋالاشمۇ ھەر خىل بولىدۇ ئەلۋەتتە.
شۇڭا بىمارغا مەسلىھەتىم:ئەگەر قۇربى يەتسە شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتى بۆرەك بۆلۈمىگە بېرىپ تەلتۆكۈس بىر تەكشۈرتۈپ مۇنتىزىم داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك،مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر دىيارىمىزدا شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ داۋالاش تېخنىكىسى خېلى ئالدىنقى قاتاردا،خېلى داڭلىق مۇتەخەسسىلەر بار،ھازىرچە بىمارنىڭ بۆرەكنىڭ زەئىپلىشىش ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن،شۇڭا بۆرەكتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش زۆرۆر.قالدى ئىشلارنى دوختۇرلار كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ماس ھالدا داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.تېلۋىزوردىن چىققان دورىلارغا قاراپ ئۇنى بۇنى يەپ بېقىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمىسۇن،بىمار تېخى ياشكەن،كېيىنكى ئەۋلاد قالدۇرۇش دېگەندەك ئىشلارغا تەسىر يېتىپ قالمىسۇن.
بۇ كېسەللىكنىڭ يەنە بىر ئەڭ دىققەت قىلىدىغان يېرى يېمەكلىكتۇر،دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولمىسۇن بۇ كېسەل بولغان بىمارغا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى:1.قەتئىي تۇزكام تاماق يېيىش،قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش2.嘌呤碱 بۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئاتايدىكىن بىلمىدىم،مۇشۇ ماددا كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش،مەسىلەن پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر،ھايۋانات گۆشى(ئەلۋەتتە مىقدارىنى كونترول قىلغان ئاساستا يېسە بولىدۇ) يەنە شۇنىڭدەك草酸钙تەركىبى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش،ئادەتتە يېشىل كۆكتاتلاردا كۆپرەك بولىشى مۇمكىن، بەيدۇدىن ئىزدەپ باقسىڭىز بۇ توغىرلىق ئۇچۇرلار كۆپ بولۇشى كېرەك.يۇقىرقى يېمەكلىكلەر بۆرەكنىڭ خىزمەت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ بۆرەك زەئىپلىشىشنى تېزلەشتۈرىۋېتىش مۇمكىن.3.ئاچچىق،يەللىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش،بۇلار ياللۇغ،ئىششىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.4.ھاراق تاماكا ۋە سوغۇق ئىچىملىك شۇنداقلا گازلىق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش قاتارلىقلار،كېيىنچە دوختۇر كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ تېخىمۇ تەپسىلىي يېمەكلىك ئۇچۇرلىرىنى بېرىشى ،مۇمكىن.
ئەمدى مېنىڭ مەسلىھەتىم  مۇشۇلار،بىمارنىڭ بالدۇرراق ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشمەن

tuyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 11:18:54

     رەھمەت ئادىلجان، ئىنكاسىڭىزدىن خېلى كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق. قارىغاندا سىزمۇ دوختۇرلۇق ساھەدە ئوخشايسىز. كۆپ رەھمەت. ھە راسىت  تېمىدا ئىككى ئۇچۇر كەم قاپتىكەن تولۇقلاپ قويدۇق. كۆرۈپ باقارسىز....

      بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى چاغدىكى ئالامەتلىرى تازا روشەن بولمىغاچقا، باشلىنىشىدا بىلگىلى بولمايدىكەن. تۇتۇپ بىر يېرى ئاغرىمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدىكەن. پەقەت تاسادىبىي پۇرسەتلەردە سۈيدۈك تەكشۈرۈش دېگەندەك ئىشلاردا بىلىنىپ قالىدىكەن.

      تۆۋەندىكىسى بىمارنىڭ ياتاققا كىرىشتىن بۇرۇنقى تەپسىلىي دىياگونوز ئىسپاتى:



     

tuyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 21:54:56

adil621 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 08:39 static/image/common/back.gif
سالام بۇرادەر،يۇقىردىكى كېسەللىك تارىخىنى خېلى تەپسى ...

جاۋابىڭىزغا كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم...:handshake

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 21:44:50

يۇقىرقىسى بىمارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بالنېستتا ياتقان ۋاقتىدىكى كېسەللىك تارىخى ئىكەن،يۇقىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا قان بېسىم،بۆرەك ئىقتىدارى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئەھۋالى يامان ئەمەسكەن،ئەمما بۇ 2يىل بۇرۇنقى تەكشۈرۈش بولغاچقا ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ،شۇڭا تەۋسىيەرىم يەنىلا چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ قايتىدىن تەكشۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر

baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 23:32:26

بەت: [1]
: بۆرەك شارچە ياللۇغىدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار