mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 17:20:08

(كارىزى) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى ھەققىدە تەتقىق...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mykariz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 17:26  

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى ھەققىدە تەتقىقات
ئادىل غاپپار كارىزى

1.ھۈنەر-كەسىپ ئۇقۇمى توغرىسىدا
ھۈنەر-كەسىپ ئۇقۇمىغا تەبىر بېرىشتىن ئىلگىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش زۆرۆر. چۇنكى، ئۇيغۇر خەلقى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان «ھۈنەر-كەسىپ» دىگەن بۇ ئاتالغۇ ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپ-پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردىن ياسالغان قوشما سۆز. «چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»دە، «ھۈنەر» ۋە «كەسىپ» دىگەن بۇ سۆزلەرگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بېرىلگەن:« ھۇنەر [ھنر] (پارىسچە) ھۈنەر، ماھارەت، ماھىرلىق»①، «كەسىب [كسب] (ئەرەبچە) 1) ئۆگىنىش، ھاسىل قىلىش، ئىگىللەش؛ 2) ھۈنەر، مەشغۇلات»②. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، «ھۈنەر-كەسىپ» دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىغا پارس تىلىدىن كىرگەن «ھۇنەر» دىگەن سۆز بىلەن ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن «كەسىب» دىگەن مەنا جەھەتتىن ئۆزئارا يېقىن كېلىدىغان ئىككى سۆزنىڭ قۇراشتۇرىلىشىدىن ياسالغان قوشما سۆز. ئۇيغۇر خەلقى ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقان «ھۈنەر-كەسىپ» دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «ئۆگەنگەن ماھارەت، ئىگەللىگەن ماھارەت ياكى ماھىرلىق بىلەن قىلىدىغان مەشغۇلات» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئىستىمال مەنىسى بولسا «بىلىم-تېخنىكا، ماھارەت، تەجرىبە» دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ «ھۈنەر-كەسىپ» دىگەن بۇ ئاتالغۇنى قاچاندىن باشلاپ، ئىستىمال قىلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما، ئۇيغۇرلار بۇ ئاتالغۇنى چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىرلىرىدە، ئىستىمال قىلىشقا باشلىغان دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. چۇنكى، مەھموت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، ئەينى دەۋىردىكى تۇركىي تىلىدا «ھۈنەر-كەسىپ»نى ئىپادىلەيدىغان خاس سۆزلەرنىڭ بارلىقى توغرىسدا ئېنىق مەلۇمات بەرگەن. يەنى مەھموت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، «uz: uz kixi–قۇلى ئەپلىك كىشى، ئىش ھۈنەرگە ماھىر ئادەم» ③، « uzmak: نىمكار، شاگىرت» ④دىگەندەك ئىزاھاتلارنى بەرگەن. دېمەك، قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇز (uz)» دىگەن سۆز  «ھۈنەر-كەسىپ»نى ئىپادىلەيدىغان خاس ئىسىم بولغان. چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋىرىگە كەلگەندە، ئەرەپ-پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. يەنى، «ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا جەھەتتىن ئەرەپ-پارس تىلىدىن سۆز قۇبۇل قىلىپ كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە بېيىغان... بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان قوللىنىلىپ كەلگەن سان-ساناقسىز ناھايىتى ئىخچام، مەنىلىك قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئەرەپ-پارس تىللىرىدىكى سۆزلەر ئىگەللىۋالغان.»⑤ «ھۈنەر-كەسىپ» دىگەن قوشما سۆزمۇ ئەنە شۇ دەۋرلەردە ئەرەپ-پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى  «ئۇز (uz)» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ، تا بۈگەنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ھۈنەر-كەسىپ» دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئىستىمال مەنىسىگە ئاساسەن ھۈنەر-كەسىپ ئۇقۇمىغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىش مومكىن. ھۈنەر-كەسىپ دېگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە توپلىغان، قۇرال-سايمان ۋە باشقا ماددىي ئەسۋابلارنى قانداق ياساش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بىلىم-تېخنىكا ۋە ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. ھۈنەر-كەسىپ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساش جەريانىدا نۇقۇل ھالدىكى بىلىم-تېخنىكىغىلا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بەلگىلىك سەۋىيىدىكى ماھارەتكىمۇ ئېھتىياجلىق. ماھارەت دېگىنىمىز مەلۇم خىل تېخنىكىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشلىتىش قابىلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىلىم-تېخنىكىلا بولۇپ بەلگىلىك سەۋىيىدىكى ماھارەت بولمىسا، ئۇ مۇكەممەل بولغان ھۈنەر-كەسىپ ھېسابلانمايدۇ. ھۈنەر-كەسىپ مەلۇم خىل بىلىم-تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم تەركىبى قىسمىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغاندا ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرگەن تاياق-توقماق ۋە تاش قۇراللارنى ياساش ۋە ئىشلىتىش بىلىم-تېخنىكلىلىرىدىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىۋاتقان ھەرخىل زامانىۋىي ئىنىرگىيە بىلىم-تېخنىكىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
2. ھۈنەر-كەسىپنىڭ مەدەنىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
«دۇنيا ئىنسانشۇناسلىقى ئىلمىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان ئەنگىلىيىلىك ئىنسانشۇناس ئېدۋارد . ب . تايلور (Edward B. Tylor) «ئىپتىدائىي مەدەنىيەت» ناملىق ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسىرىدە، ئىلىم ساھەسىدە تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا ناھايىتى ئېنىق ۋە ئەتراپلىق ئېنىقلىما بېرىپ، بىلىم-تېخنىكىنى مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى ئامىللار قاتارىغا قويغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئامرىكىلىق ئىنسانشۇناس لېۋىس ھىنرى مورگان(L .H .Morgan) «قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق ئەسىرىدە، «تىرىكچىلىك ماھارىتى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئاساسى»① دىگەن كۆزقارشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھۈنەر-كەسىپ ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىي ساھەسىدە بولسۇن ياكى فولكلورشۇناسلىق ئىلمىي ساھەسىدە بولسۇن، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئاساسى تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى.
ھۈنەر-كەسىپ ئىنسانلار ياراتقان بىلىم-تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ھۈنەر-كەسىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتى بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئاساس بولۇش رولىغا ئىگە. ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىكى ھەربىر قېتىملىق داۋالغۇش ياكى ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تۆۋەن باسقۇچتىن يۇقىرى باسقۇچقا ئۆتۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مەلۇم خىل يېڭى ھۈنەر-كەسىپنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسلەن، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە مىتال تاۋلاش ھۈنەر-كەسىپىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئىنسانلار جەمئىيىتى تاش-قۇراللار دەۋىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ برونزا قۇراللار دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئوقيانىڭ ئىختىرا قىلىنىشى بىلەن، ئىنسانلار تەبىئەتتىن يىغىپ-توپلاش ئىقتىساددىي ئىگىلىك دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوۋچىلىق ئىقتىساددىي ئىگىلىك دەۋرىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، 16-ئەسىردە ياۋرۇپادا پارماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن ئىنسانلار سانائەت دەۋرىگە قەدەم قويغان.
ھۈنەر-كەسىپ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەتكە بېقىنىدۇ ۋە مەدەنىيەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ھۈنەر-كەسىپ مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسى ئامىللارنىڭ بىرى. ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا يەككە-يىگانە ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماستىن، بەلكى مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى باشقا ھەرقايسى ئامىللار بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. يەنى، مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى باشقا ھەرقايسى ئامىللار ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. ھۈنەر-كەسىپمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى باشقا ھەرقايسى ئامىللارنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. تۆۋەندە ھۈنەر-كەسىپ بىلەن مەدەنىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى باشقا ھەرقايسى ئامىللارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
1) ھۈنەر-كەسىپ بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتى
ئىنسانلار ياراتقان ھەرقانداق بىر ھۈنەر-كەسىپ بارلىققا كېلىش بىلەن تەڭ چۈشۈنىشكە، كىڭىيىشكە ۋە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزىلىشكە مۇھتاج. تىل ئىنسانلار تارىخىدا ھۈنەر-كەسىپنىڭ بۇخىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كەلگەن بىردىنبىر قۇرال ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،تىل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرگەن ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ھۈنەر-كەسىپلىرىنى ئەڭ دەسلەپتە باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشتە، ئەمىلىي ئىش-ھەركەت ياكى ئۇسۇل ھەركىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن، بىر-بىرىنى دوراپ ئۆگىنىش ئارقىلىق كېڭەيتكەن ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزگەن. ئىنسانلار ئارىسىدا تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن بولسا، ئىنسانلار تېرىكچىلىك  ھۈنەر-كەسىپلىرىنى تىل ئارقىلىق باشقىلارغا چۈشەندۈرگەن، تىل ئارقىلىق ئۆگىتىپ كېڭەيتكەن ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزگەن. يېزىق پەيدا بولغاندىن كېيىن بولسا، ئىنسانلار خىلمۇ-خىل ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ رىسالىلىرىنى يېزىپ، ھۈنەر-كەسىپلەرنى باشقىلارنىڭ چۈشۈنۈشى، ئۆگىنىشى، تارقىلىشى ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزىلىشىدە زور قولايلىقلارنى ياراتقان. مەسىلەن:ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ياراتقان بارلىق ھۈنەر-كەسىپلىرىنى يازما شەكىلدە يېزىپ قالدۇرۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى مۇكەممەل بولغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپ مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالغان، شۇنداقلا بۇگۈنگىچە يىتىپ كېلەلىگەن. دېمەك، تىل ئىنسانلار ياراتقان ھۈنەر-كەسىپلەرنى چۈشۈنۈش، ئۆگىنىش، كېڭەيتىش ۋە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى.
ئىنسانلارنىڭ تىلى پەيدا بولۇش بىلەن تەڭلا تىل بايلىقلىرى ھازىرقىدەك بۇنچە مول ۋە رەڭگارەڭ ئەمەس ئىدى. تىل بايلىقلىرىنىڭ ئىشىشى ئىنسانلار مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەمدە بولغان. يەنى ھەربىر مەدەنىيەت ھادىسىسى پەيدا بولغاندا، شۇنىڭغا خاس بولغان تىل ماتېرىياللىرى بارلىققا كېلىپ، ئىنسانلار تىل بايلىقلىرىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. دېمەك، ئىنسانلار ياراتقان ھۈنەر-كەسىپمۇ ئىنسانلار تىل بايلىقىنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن زور تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى. چۇنكى، ئىنسانلار ھەر بىر ھۈنەر-كەسىپنى بارلىققا كەلتۈرگەندە، شۇ خىل ھۈنەر-كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بولغان تىل ماتېرىياللىرى(خاس ئىسىملار، ئۆلچەم بىرلىكلىرى، سۈپەتلەر،رەۋىشلەر...) مۇ بىرلا ۋاقىتتا بارلىققا كەلگەن. بۇ تىل ماتېرىياللىرى ئىنسانلار تىلىنىڭ لىكسىكا بايلىقلىرىنى بېيىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەمىلىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىدە ئۆز مەقسەتلىرىنى ئۆز-ئارا تېخمۇ تۇلۇق، تېخىمۇ توغرا ۋە ئىنچىكە ئىپادىلەشكە ئاساس بولغان. مەسلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپ رىسالىلىردە خاتېرلىنىشىچە، ئۇيغۇرلاردا 360 خىل ھۈنەر-كەسىپ بار بولۇپ، ھەربىر ھۈنەر-كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس نامى، قۇرال-سايمانلىرىنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئۆلچەم بىرلىكلىرىنىڭ ناملىرى بولغان. بۇ تىل ماتېرىياللىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ لىكسىكا بايلىقلىرىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دىيىشكە بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ھۈنەر-كەسىپ بىلەن تىل ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تىل ئىنسانلار ياراتقان ھۈنەر-كەسىپلەرنى چۈشۈنۈش، ئۆگىنىش، كېڭەيتىش ۋە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى. ھۈنەر-كەسىپ بولسا، ئىنسانلار تىل بايلىقىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن تىل ماتېرىياللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى.
2) ھۈنەر-كەسىپ بىلەن تۈزۈمنىڭ مۇناسىۋىتى
تۈزۈم مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتمائىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىنسانلار بارلىققا كەلتۈرگەن تۈزۈم مەدەنىيىتى ناھايىتى مول مەزمونغا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئادەتتە سىياسىي تۈزۈم، ئىقتىساددىي تۈزۈم، قانۇن تۈزۈم، تەلىم-تەربىيە تۈزۈمى،ئەدەپ-ئەخلاق قاتارلىق مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈزۈملەر مەدەنىيەتنىڭ تەركىبى قىسمى بولغان ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭمۇ بارلىققا كېلىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، يوقىلىشى ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
مۇئەييەن بىر جەمئىيەتتىكى مەلۇم خىل سىياسىي تۈزۈم شۇ جەمئىيەتتىكى ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. يەنى، جەمئىيەتتىكى سىياسىي ھاكىمىيەتكە پايدىلىق بولغان ھۈنەر-كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە، سىياسىي ھاكىمىيەتكە پايدىسىز بولغان ياكى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن ھۈنەر-كەسىپلەر بەلگىلىك دەرىجىدىكى چەكلىمىلىككە ئۇچرايدۇ ياكى تەدرىجىي يوقىلىپ كېتىدۇ. مەسلەن، مىتال تاۋلاش، قۇرال-ياراق ياساش، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق...قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپلەر ئىنسانلار جەمئيىتىدىكى ھەرقانداق بىر سىياسىي ھاكىمىيەت دەۋرىدە توختىماستىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كېلەلىگەن. دېمەك، سىياسىي تۈزۈم ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى مۇھىم ئامىل.
مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭ مەلۇم خىلدىكى ئىقتىسادىي تۈزۈمىمۇ شۇ جەمئىيەتتىكى ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. يەنى، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمىگە ماسلىشالىغان ھۈنەر-كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە، جەمىئيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمىگە ماسلىشالمىغان ھۈنەر-كەسىپلەر بەلگىلىك دەرىجىدىكى چەكلىمىلىككە ئۇچرايدۇ ياكى تەدرىجىي يوقىلىپ كېتىدۇ. مەسلەن، ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلتۈرگەن تاش قۇراللارنى ياساش ھۈنەر-كەسىپلىرى كېيىنكى ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىگە ماسلىشالماي تەدرىجىي يوقىلىپ كەتكەن، مىتال قۇراللارنى ياساش بولسا، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. دېمەك، ئىقتىسادىي تۈزۈم ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.
مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭ مەلۇم خىلدىكى قانۇن-تۈزۈمى ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ شۇ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك  قىلىدۇ ھەم يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنى، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتە قايسى خىل ھۈنەر-كەسىپلەر بىلەن شوغىللىنىش ياكى شوغىللانماسلىق توغرىسىدىكى سىياسىي بويرۇقنى قانۇنىي كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىپ، مەلۇم خىلدىكى ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ شۇ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلسا، مەلۇم خىلدىكى ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قانۇن-تۈزۈملەر ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئېىلپ بېرىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەنى، ھەر بىر ھۈنەر-كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مەشغۇلات پىرىنسىپى، قۇرال-سايمانلارنى ئىشلىتىش قائىدە-قانۇنىيەتلىرى،ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش تەرتىپى... قاتارلىقلار بولىدۇ. بۇ قائىدە-پىرىنسىپلار ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ھەر بىر مەشغۇلات ھالقىلىرىغىچە ئوموميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئېىلپ بېرىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھۈنەر-كەسىپلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانلار قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مەزمونىنى بېيىتىشتا موھىم رول ئوينايدۇ. يەنى، ھەر بىر ھۈنەر-كەسىپ بارلىققا كەلگەندە، شۇ ھۈنەر-كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مەشغۇلات پىرىنسىپى، قۇرال-سايمانلارنى ئىشلىتىش قائىدە-قانۇنىيەتلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىش تەرتىپى... قاتارلىقلارمۇ تەڭلا بارلىققا كېلىدۇ. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بۇ قائىدە-پىرىنسىپلىرىنىمۇ ئىنسانلارقانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى دىيىشكە بولىدۇ.
ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ھەربىر دەۋىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەپ-ئەخلاقى بولغىنىدەك، ھەر بىر ھۈنەر-كەسىپنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرى بولىدۇ. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بۇخىل ئەخلاقى مىزانلىرى ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يەنى، ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئەخلاقى مىزانلىرى ھەربىر ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شوغۇللانغۇچى كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ۋە ھۈنەر-كەسىپ مەشغۇلاتى ئۈستىدىكى ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرىغا چەك قويۇپ ۋە باھا بېرىپ، ھۈنەرۋەنلەرنى زىھنىنى چاچماي تېرىشىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۈنەرۋەنلەر ماھارەتتە يۈكسىلىپ، ھۈنەر-كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
ھۈنەر-كەسىپمۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، ئىنسانلار ئەدەپ-ئەخلاق مەزمۇنىنى بېيىتىش رولىغا ئىگە. يەنى، ھەر بىر ھۈنەر-كەسىپ بارلىققا كەلگەندە، شۇ ھۈنەر-كەسىپنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەخلاقى مىزانلىرىمۇ تەڭلا بارلىققا كېلىدۇ. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بۇ ئەخلاقى مىزانلىرىنىمۇ ئىنسانلار ئەدەپ-ئەخلاقى تۈزۈملىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى دىيىشكە بولىدۇ.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،ئىنسانلارنىڭ تۈزۈم مەدەنىيىتى ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، يوقىلىشى ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى ھۈنەر-كەسىپلەرمۇ ئىنسانلارنىڭ تۈزۈم مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە بېيىپ مۇكەممەللىشىشىگە نىسبەتەن مۇھىم تەسىر كۆرىستىدۇ.
3) ھۈنەر-كەسىپ بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى
دىننى ئېتىقاد ئىنسانلار مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ بەلگىلىك باسقۇچتىكى مەھسولى بولۇپ، ئۇ بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، مەدەنىيەتنىڭ تەركىبى قىسمى ئىچىدىكى ھەرقايسى ئامىللارغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. ھۈنەر-كەسىپلەرمۇ ئىنسانلار ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە ئېتىقاد قىلغان ھەرخىل دىننى ئېتىقادلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. دىننى ئېتىقاد ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىياتى، تۈرلىرى، ئالاھىدىلىكى، ئەخلاق-مىزانلىرى ۋە يوقىلىشى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئىنسانلار مەلۇم خىل دىننى ئېتىقاد شەكلىگە ئېتىقاد قىلغان دەۋردە شۇ خىل دىننى ئېتىقاد شەكلىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى ھەم تەرققىي قىلشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەكسىچە، شۇ جەمئىيەتنىڭ دىننى ئېتىقاد شەكلىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ تەرققىياتىنى چەكلەنگەن ياكى يوقىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدە شۇ جەمئىيەتنىڭ دىننى ئېتىقاد شەكلى ۋە مەزموننىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئەخلاق-مىزانلىردا شۇ جەمئىيەتنىڭ دىننى ئەقىدە قاراشلىرىغا خاس بولغان ئەخلاق-مىزانلار ھۈكۈمران ئورۇننى ئىگىللىگەن. مەسلەن، ئۇيغۇرلار بوددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەيكەلتېراشلىق، رەسساملىق، قەندىھار مىمارچىلىق سەنئىتى... قاتارلىق ھۈنەر-كەسىپلەر بارلىققا كەلگەن ۋە مىسلىسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدە بۇددا دىنىنىڭ شەكىل ۋە مەزمون جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتكەن. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئەخلاق-مىزانلىردا بولسا، بۇددا دىنىنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە ئەخلاق-مىزانلىرى ھۈكۈم سۈرگەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە بولسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەيكەلتېراشلىق ھۈنەر-كەسىپلىرى چەكلەنگەن ھەم يوقىتىلغان، رەسساملىقنىڭ ئورنىنى نەققاشلىق ئالغان، قەندىھار مىمارچىلىق سەنئىتىنىڭ ئورنىنى ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتى ئالغان. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ شەكىل ۋە مەزمونىدىكى بۇددا دىنىغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنىنىڭ شەكىل ۋە مەزمون جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ئىگىللىگەن. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ ئەخلاق-مىزانلىردا ھۈكۈم سۈرگەن بۇددا دىنىنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە ئەخلاق-مىزانلىرىنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە-قاراشلىرى ۋە ئەخلاق-مىزانلىرى ئىگەللىگەن.
يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ھۈنەر-كەسىپ بىلەن دىننى ئېتىقاد ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دىننى ئېتىقاد ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى،تەرەققىي قىلىشى ۋە يوقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ياكى كېمىيىشىگە تۈرتكە بولدۇ؛ شەكىل ۋە مەزمون جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگىرىش يۈنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەخلاق-مىزانلىرىنىڭ ئۆزگىرىش خاراكتېرىنى بەلگىلەپ، مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
4) ھۈنەر-كەسىپ بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتى
ئىقتىساد مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەدەنىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئۇيناپ كەلگەن مۇھىم ئامىل. ئىنسانلار ھەر بىر خىل ئىقتىساددىي ئىگىلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندە، شۇ خىل ئىقتىساددىي ئىگىلىككە خاس بولغان ئىنسانلار مەدەنىيىتى بارلىققا كەلگەن. ھۈنەر-كەسىپلەرمۇ مەدەنىيەتنىڭ تەركىبى قىسىمى سۈپىتىدە، ئىقتىساددىي ئىگىلىكنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىقتىسادىي ئىگىلىك ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى بەلگىلەشتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىل.  ئىنسانلار باشتىن ئۆتكۈزگەن ھەربىر خىل ئىقتىسادىي ئىگىلىك دەۋرىدە شۇ خىل ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان ھۈنەر-كەسىپلەر بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەكسىچە، ئىقتىسادىي ئىگىلىكنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھۈنەر-كەسىپلەر ئىقتىساددىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە شاللىنىپ قېلىپ، يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. مەسلەن، ئىنسانلار ئوۋچىلىق ئىقتىسادىي ئىگىلىك دەۋرىدە،بارلىققا كەلتۈرگەن ئىقتىساددىي تىرىكچىلىكنىڭ زورۆر قۇرالى بولغان ئوقيا ۋە ئوقيا ياساش ھۈنەر-كەسىپى ئىنسانلار بوستانلىق-تېرىم ئىقتىسادىي ئىگىلىك دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئىقتىساددىي تۇرمۇش ئەمىلىيىتىدە ئوقياغا ئھتىياجى چۈشمىگەنلىكتىن تەدرىجى ھالدا شاللىنىپ قالغان. ئەكسىچە، بوستانلىق-تېرىم ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى ئىقتىساددىي تىرىكچىلىكنىڭ زورۆر قۇرالى بولغان تېرىقچىلىق قۇراللىرىنى ياساش ھۈنەر-كەسىپلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلگەن ۋە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەركبى قىسمى بولغان سودىمۇ ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئىنسانلار جەمىيىتىدە سودا-سېتىق بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر ئارىسىدا كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. قول-ھۈنەر بۇيۇملىرى سودىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا زۆرور شارائىت يارىتىپ بەرگەن. نەتىجىدە ھۈنەر-كەسىپ بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئىقتىساددىي تۇرمۇش تىرىكچىلىكىنىڭ ئاساسى بولۇپ، مەخسۇس ھۈنەر-كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدىغان ھۈنەرۋەنلەر بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۈتۈرۈلۈپ، ھۈنەر-كەسىپلەر مەخسۇس كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ مەخسۇس كەسىپلىشىشى، تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى يەنە ئۆزنۆۋىتىدە، سودا-سېتىق تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساس بولغان. ھۈنەر-كەسىپ تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان قول-ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ تۈرلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن، قول-ھۈنەر بۇيۇملىرى سودىسىنىڭ تۈرلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆپىيىپ، سودا-سېتىقنىڭ تۇرلىرىنى بېيىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئاساس بولغان. مەسلەن، ئەنئەنىۋىي ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، شەھەر-بازارلارنىڭ كۆپ بولىشى ۋە شەھەر-بازارلاردا قايناق سودىنىڭ بولىشى، ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسىپ تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بۇلاردىن كۆرۇشكە بولىدۇكى، ئىقتىساد ۋە سودا ھۈنەر-كەسىپلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدۇ، ھۈنەر-كەسىپلەر بولسا سودا-سېتىقنىڭ تۇرلىرىنى بېيىتىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلىدۇرىدۇ.

3.ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى
بۇ ئەسەردە ئاساسلىق تۇنۇشتۇرۇلىدىغىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى بولۇپ، زامانىۋىي بىلىم-تېخنىكا توغرىسىدا توختالمايمىز. ھۈنەر-كەسىپ ئۇقۇمىغا بېرىلگەن ئېنىقلىمىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرىگە تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى-ئۇيغۇر مىللىتى تارىخى تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىقتىساددىي ئىشلەپچقىرىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمىليىتىدە بارلىققا كەلتۈرۈپ، ۋارىسلىق قىلغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن، تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە توپلىغان، قۇرال-سايمان ۋە باشقا ماددىي ئەسۋابلارنى قانداق ياساش ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بىلىم-تېخنىكا ۋە ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتى ۋە مەدەنىيىتى بارلىققا كېلىشى بىلەن تەڭلا بارلىققا كەلگەن دىيىشكە بولىدۇ.
مىللەت تارىخشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مىللىتى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، دەسلەپكى ئۇيغۇر ئىپتىدائىي توپىنىڭ تەدرىجىي ھالدا قانداشلىق جەمەتكە، ئۇرۇقداشلىققا، ئۇرۇق قەبىلىسىگە، قەبىلە ئىتتپاقىغا تەرەققىي قىلىشى ھەم مۇشۇ ئاساستا، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ دەسلەپكى «تەبئىي شەكىللەنگەن ئورتاق گەۋدىسى» بولغان ئىپتىدائىي ئۇيغۇر مىللىتى(گەرچە ئۇيغۇر مىللىتى ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ) – ئىنسانلار تارىخىدىن ئىلگىرىكى ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا شەكىللەنگەن ھەم ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئۇيغۇر مىللىتى تەدرىجىي ھالدا قەدىمكى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىگە ئۆزگەرگەن دەپ قاراش مومكىن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى تارىختىن ئىلگىرىكى ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا شەكىللەنگەن دىيىشكە بولىدۇ. ئامرىكىلىق ئىنسانشۇناس لېۋىس ھىنرى مورگان(L .H .Morgan)نىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق كىتابىدىكى «ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى» توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، «ئىنسانلارنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى ۋارۋارلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچى – ئىنسانلارنىڭ بېلىقنى ئوزۇقلۇق قىلىش ۋە ئوت ئىشلىتىش ساۋادىغا ئېرىشكەن ۋاقت»① ئىدى. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى ئوت ئىشلىتىشنى بىلىشتىن باشلانغان دىيەلەيمىز. بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى «چىن تۈمۇر باتۇر(ئاق ئۆلەمبەردىخان داستانى)②»... قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىدىكى « چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ مەختۇمسۇلاغا ئۇچاقتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلغانلىقى؛ مەختۇمسۇلانىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ يېنىغا ئوت سوراپ بارغانلىقى؛» قاتارلىق ۋەقەلىكلەر، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىختا ئوت ئىشىلىتىشنى بىلىشنى ئەڭ مۇھىم ھۈنەر-كەسىپ قاتارىغا قويغانلىقىنىڭ تىپىك بىر دەلىلى.
مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتى شەكىللىنىشى بىلەن تەڭلا بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان. مەدەنىيەت جۇغراپىيە ئالاھىدىلىكى نۇقتسدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ، يەنى يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ گىرەلەشمە جۇغلانمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ بوستانلىق مەدەنىيىتى قۇيۇق يايلاق مەدەىنىيەت ئارقا كۆرىنىشىگە ئىگە.»③ ئىقتىساددىي مەدىنىيەت تىپى نۇقتسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتې ئوۋچىلىق مەدەنىيەت تىپى، پادىچىلىق مەدەنىيەت تىپى، بوستانلىق-تېرىم مەدەنىيەت تىپى ۋە شەھەر مەدەنىيەت تىپى قاتارلىق مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن كۆپ خىل ئىقتىساددىي مەدەنىيەت تىپلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان ئۆزگىچە ئىقتىساددىي مەدىنىيەت تىپىدۇر. دىننىي ئېتىقاد ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئادەتلىرى ۋە دىننىي ئېتىقاد قاراشلىرى كۆپ خىل دىننىي ئېتىقاد ئەقىدىلىرى ھەم ئادەتلىرىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ دىننىي ئېتىقاد سېستىمىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىن بويان، ئىپتىدائى تەبىئەت ئېتىقادى، ئانىمىزىم ۋە تۇتىمىمزىم قاتارلىق ئىپتىدائى دىننىي ئېتىقادلارغا ۋە شامان دىنې، ئاتەشپەرەسلىك دىنې، نىستۇرىيان دىنى، مانى دىنې، بۇددا دىنې، ئىسلام دىنې قاتارلىق بىر قەدەر سېستىمىلاشقان دىنىلارغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇيغۇرلار ھەر بىر دىنغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىلدە، شۇ دىننىڭ ئەقىدە-قاراشلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆز ئىدىيىۋىي سېستمىسىغا ماسلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە شۇ دىننىڭ ھەر خىل ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرى بىلەن بىللە داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئالاھىدىلىكىدە، كۆپ خىل دىننىي ئېتىقاد قاراشلىرى ۋە ئادەتلىرى بىرگە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتەك ھالەت شەكىللەنگەن.
يۇقارقىلاردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى- كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، كۈچلۈك ئىلاستىكىلىققا ئىگە، كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتتۇر. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى بىلەن بىردەك دىيشكە بولىدۇ.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1. [ئامرىكا] لېۋىس ھىنرى مورگان(L .H .Morgan): باباخان تەرجىمىسى: «قەدىمكى جەمئىيەت»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1992-يىل نەشىرى.
2. مۇھەممەتتۇرسۇن قاتارلىقلار تۈزگەن: « چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل نەشىرى.
3. مەھموت قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1984-يىل.
4. شەرىپىدىن ئۆمەر:«ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدبىيات»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1988-يىل نەشىرى.

①  مۇھەممەتتۇرسۇن قاتارلىقلار تۈزگەن: « چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل،727-بەت
② مۇھەممەتتۇرسۇن قاتارلىقلار تۈزگەن: « چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى »، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2002-يىل،521-بەت
③ مەھموت قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1984-يىل،1-توم،64-بەت
④  مەھموت قەشقىرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1984-يىل،1-توم،134-بەت
⑤  شەرىپىدىن ئۆمەر:«ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدبىيات»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 1988-يىل،141-،143-بەتلەر
①  [ئامرىكا] لېۋىس ھىنرى مورگان(L .H .Morgan):باباخان تەرجىمىسى: «قەدىمكى جەمئىيەت»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1992-يىل
①  [ئامرىكا] لېۋىس ھىنرى مورگان(L .H .Morgan):باباخان تەرجىمىسى: «قەدىمكى جەمئىيەت»(ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1992-يىل، 20-بەت
②   ‹چىن تۈمۇر باتۇر داستانى›نىڭ ئەسلى ۋارىيانتىنىڭ نامى ‹ئاق ئۆلەمبەردىخان داستانى›
③  ئارسلان:«شىنجاڭ مەدەنىيەت جۇغراپىيىسى »(خەنزۇچە)، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى جۇغراپىيە فاكولتىتىنىڭ دەرسلىك تېزىسى،  2004-يىل 16-بەت


بۇ ماقالە «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 23:07:23

كارىزى ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىدىن بەكمۇ سۆيۈندۇق. مەرھابا!

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 06:56:17

تەتقىقاتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي!

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-24 11:40:47

رەھمەت، ئەزىزلەر...
بەت: [1]
: (كارىزى) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر-كەسىپلىرى ھەققىدە تەتقىق...