kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:29:27

دەۋرىمىزدىكى خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسىسى

دەۋرىمىزدىكى خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسىسى







خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى تەتقىقاتى دۇنيا مىقياسىدا جۈملىدىن جۇڭگۇ مەدەنىيەت تەتقىقاتى ساھەسىدە ئاللىقاچان باشلىنىپ ، قېلىپلاشقان، سېستىمىلاشقان تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن بولسىمۇ، لىكىن خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتىنىڭ ياراتقۇچىللىرى، ھەقدارلىرى بولغان ئويغۇرلار ئارىسىدا بۇ ساھە ئۇزاق مەزگىللىك  مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى سەۋەبىدىن ھېچقانداق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلماي، يېقىنقى كۈنلەرگە قەدەر چوڭ بوشلۇق سۈپىتىدە ئاق قالغان ئىدى. مۇشۇنداق  شارائىتتا، ئۇيغۇر قاشتېشى مەدەنىيىتى ساھەسىگە تۇنجى بولۇپ قەدەم بېسىپ، دەسلەپكى قەدەمدە بىر قاتار تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا مۇئەييەن نەتىجە ياراتقان بىر تۆھپىكار مۇتەخەسىس ۋۇجۇتقا كەلدى . تىنىمسىز تەر تۆكۈپ قاشتېشى مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۋاتقان بۇ مۇتەخەسىس- ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇلدۇر.



ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل 1963- يىلى كېرىيە ناھىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1985- يىلى خوتەن ئالىي سىفەن تېخنىكومىنىڭ تەرجىمانلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1987- يىلىغىچە كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1989- يىلىغىچە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش ئىشخانىسىدا ئىشلەپ، «كېرىيە خەلق قوشاقلىرى»، «كېرىيە خەلق چۆچەكلىرى»، «كېرىيە خەلق ماقال- تەمسىللىرى» قاتارلىق 3 توپلامنى توپلاش، رەتلەش، تەھرىرلەش ۋە نەشىر قىلدۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1991- يىلىغىچە يەرناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدا، 2004- يىلىغىچە مەمۇرى تەپتىش ئىدارىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، تەشكىلات بۆلۈم قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمانلىق، كاتىۋاتلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش شەكلى بىلەن ئوقۇپ، 2002- يىلى ئوقۇش تاماملاپ، تولۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئېرىشكەن.  2004- يىلى 9- ئايدا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، رەھبەرلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كېرىيە ناھىيىسىدە ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇپ، 2007- يىلى 9- ئايغا قەدەر بۇ بىرلەشمىدە دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس ۋە باش كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ يىلى 9- ئايدا كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغا قەدەر غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدە ئىشلەپ كەلمەكتە.



ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەت بېلەن شۇغۇللىنىپ، ھەرقايسى گېزىت ژورناللاردا بىر قاتار شېئىر، ھېكايە، نەسىرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. 1987- يىلى خەلق ئېغىر ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇش جەريانىدا، فولىكلور تەتقىقاتىغا كىرىشىپ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، يەرلىك تەزكىرە، يەرلىك شىۋە، ئۆرۈپ- ئادەت، ھۈنەر- كەسىپ قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئاز بولمىغان ماتېرىياللارنى توپلىغان ۋە ئۆگەنگەن. بۇ دەۋىرلەردە كۆتۈرۈلگەن خوتەن قاشتېشى قىزغىنلىقى ئۇنى بۇ ساھەگە باشلاپ كىرگەن. ئۇ 2001- يىلىدىن باشلاپ خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىگە دائىر ماتېرىياللارنى توپلاپ ۋە ئۆگۈنىپ، خوتەن قاشتېشى مەدەنىيتى تەتقىقاتىغا كىرىشكەن. ئۇنىڭ بۇ ساھەدە تۇنجى يېزىلغان «خوتەن قاشتېشى» ناملىق ئەسىرى ئابدۇللا سۇلايمان ئەپەندى تۈزگەن «دۇنيادا بىرلا خوتەن بار» سەرلەۋھىلىك يۈرۈشلۈك توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ شۇ ئاساستا «خوتەن قاشتېشى ۋە قاشتېشى مەدەنىيىتى» دېگەن تېمىدا خوتەن قاشتېشى مەدەنيىتى تەتقىق قىلىنغان كىتاپ يېزىشقا كىرىشكەن. بۇ جەرياندا، خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان خوتەن قاشتېشى تەتقىقات تېمىسىدىكى ئاز بولمىغان كىتاپ ماتېرىياللارنى توپلاپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، نۇرغۇنلىغان يەرلىك تاشچىلارنى، كانچىلارنى، ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنى زىيارەت قىلىش، قاشتېشى چىقىدىغان دەريا- ئېقىنلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، بېرىش ئىمكانىيىتى بار بولغان قاشتېشى كان رايۇنلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، قاراقۇرۇم ۋادىسىدىكى ۋە بۇ ۋادىغا يېقىن بولغان قۇملۇق رايۇنلاردىكى قەدىمىي شەھەر خارابىرىلىرى، قەدىمىي ئىزلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، پىشقەدەم قاشتېشى ئويمىچىلىرى، قاشتېشى تىجارەتچىلىرىنى زىيارەت قىلىش، قاشتېشى كان رايۇنلىرى ئەتراپىرىدىكى تاغلىق كەنتلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، تاغلىق رايۇنلاردىكى چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق جاپالىق ئەمگەكلەر ئارقىلىق خەلق ئارىسىدىن ماتېرىيال توپلاپ، ئاز بولمىغان بىرىنچى قوللۇق خام ماتېرىياللارغا ئرىشكەن. خەنزۇچە نەشىر بويۇملىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بېلەن خەلق ئارىسىدىن توپلىغان ماتېرىياللارنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ خوتەن قاشتېشى تەتقىقاتىدىكى خاتالىقلىرى، سەھۋەنلىكلىرى ۋە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان ياكى تەتقىقاتچىلار ئېرىشەلمىگەن مۇھىم نوقتىلارنى تېپىپ چىقىپ، خاتاسىنى شاللاپ، توغرىسىنى قوللاش، شاكىلىنى شاللاپ، مېغىزىنى تاللاش ئۇسسۇلى ئارقىلىق، ئۆز كىتاۋىنى يېزىش، تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتلەردە ئاز بولمىغان ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان. 2008- بۇ ئىلمىي ئەمگەكنى تاماملاپ، خوتەن قاشتېشى تېمىسىدا ئۇيغۇر تىل يېزىقىدا كىتاپ بولماسلىقتەك بوشلۇققا خاتىمە بەرگەن. ئۇنىڭ خوتەن قاشتېشى تېمىسىدا يازغان 20 پارچىغا يېقىن ماقالىسى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا يول ئاچقان. 2007-يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى خوتەندە سۈرەتكە ئالغان «مەدەنىيەت بوستانى» فروگراممىسىنىڭ 32- سانى «جۇڭگۇنىڭ دۆلەت گۆھىرى - خوتەن قاشتېشى» تېمىسىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان.


ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى گېزىت- ژورناللاردا 50 پارچىغا يېقىن ھېكايە، نەسىر، فىليەتون، 30 پارچىغا يېقىن شېئىر، 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «باشلىق كېلىدۇ» ناملىق شېئىرى ناخشا قىلىپ تارقىتىلىپ، خەلق ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، يەرلىك تەزكىرە، يەر ناملىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، تىل تەتقىقاتى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى.... قاتارلىقلارغا دائىر تەتقىقات ۋە تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر قالدۇرغان. مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى «يىپەك يولىدىكى بايقاش» فروگراممىسى، جۇڭگۇ تاراتقۇ ئۇنۋېرىستېتى (中国传媒大学) قاتارلىق ئورۇنلار ئشىلىگەن بىر قانچە مەخسۇس فىلىملىرىدە ئۇنى زىيارەت قىلىپ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقىقاتچىسى»، «ئۇيغۇر فولىكلورى ئالىمى»، «ئۇيغۇر غەيرى ماددى مەدەنىيەت تەتقىقاتى مۇتەخەسىسى» ... دىگەندەك شەرەپلىك ناملار بىلەن تەرىپلىگەن. ئۇ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى جاپالىق خىزمەتلىرى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن تونۇلۇپ، 2012- يىلى ياپونىيىلىك ئارخىلوگىيە ئالىمى ياسۇتاكا كوجىما (شاۋداۋ كاڭيۈ) ئەپەندى ئويۇشتۇرغان «ياسۇتاكا كوجىما مەدەنىيەت مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.


ئۇ ھازىر «جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنيىتى ئىلمىي تەتقىقات جەمىيىتى»نىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايۇنلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. «خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى»نىڭ ئەزاسى، خوتەن ۋىلايەتلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، كېرىيە ناھىيىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
بىز بۇ مول ھۇسۇللۇق مۇتەخەسىسنىڭ بۇندىن كېيىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمىز ۋە خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىرىن مىۋىلىرىنى ئاۋام خەلققە تەغدىم قىلىشىغا تىلەكداشمىز.

ئەسلى مەنبە:http://www.uyhqt.com/uy/forum.php?mod=viewthread&tid=3542
توغرۇل ئەپەندىمنىڭ خوتەن قاشتېشى ھەققىدىكى ماقالىلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز،ئۇيغۇر قاشتېشى تورىمىزنىڭ <<توغرۇل يازمىلىرى >>سەھىپىسىگە كىرىڭ.مەنزىل:http://uyhqt.com/uy/forum.php?mod=forumdisplay&fid=47

ئاپتور: ئۇيغۇر قاشتېشى تورى-ئەقىدە قاشتېشى دۇكىنى
2014-يىلى قەھرىتان ئېيىنىڭ 31-كۈنى
جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى

forever يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 19:32:37

مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ھازىرقى خىزمەتدىشىمىڭ يولدىشى بۇ. بەلەن ئادەم!!!

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 10:29:51

forever يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 19:32 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ھازىرقى خىزمەتدىشىمىڭ يولدىشى بۇ. بە ...

سىز بىرنچى ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچىمۇ؟ ئابدىرشات بولسا مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم. داڭلىق ساتىرا «باشلىق كېلىدۇ»نىڭ ئاپتۇرى.

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 11:28:01

{:112:}

forever يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 17:23:36

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 10:29 static/image/common/back.gif
سىز بىرنچى ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچىمۇ؟ ئابدىرشات بولسا مې ...

مەن بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرىدا ئىشلەيمەن.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 16:21:09

forever يوللىغان ۋاقتى  2014-2-14 17:23 static/image/common/back.gif
مەن بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرىدا ئىشلەيمەن.

مەن بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 15 يىل ئىشلىگەن.

forever يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 18:39:21

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-2-15 16:21 static/image/common/back.gif
مەن بىرىنچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 15 يىل ئىشلىگەن.

سىز قايەردىن؟ ئىسمىڭىز؟

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-15 19:32:34

ئوبۇل ئابدىراخمان
بەت: [1]
: دەۋرىمىزدىكى خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتى مۇتەخەسىسى