mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:18:30

مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېداگوگ يۈسۈپ سەككاكى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahammatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 12:22  

                                  مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېداگوگ يۈسۈپ سەككاكى


         ئىلاۋە:ئۆتكەندە بۇرادەرلەر بىلەن چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخاي مازىرىغا چىققانتۇق.مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شۇ چاغدا تارتىلغان مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر ۋە يۈسۈپ سەككاكى ھاياتىغا ئائىت يازمىنى يوللاپ قويدۇم.














        سىراجىدىن ئەبۇ ياقۇپ يۈسۈپ ئىبىن ئەبۇ بەكرى ئەل خارەزمى سەككاكى_(1160-1228) مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، داڭلىق پىداگوگ ۋە يازغۇچى.
    سەككاكى ئىسمىنىڭ بېشىغا قويۇلغان خارەزمى دېگەن جاي ئىسمىغا،شۇنداقلا ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خۇنخەي دېگەن يېرىگە جايلاشقان مازارنىڭ سەككاكى نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ خارەزىمدا تۇغۇلغانلىقى ۋە ئالمىلىق(ئىلى)دا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
     سەككاكى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا ئىلىم-پەنگە ئىشتىياق باغلاپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. دىنىي ئىلىم،تىل-ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،تارىخ،جۇغراپىيە،ئىلمىي نۇجۇم(ئاسترونومىيە)،تىبابەت ئىلمى قاتارلىق پەنلەردە كامالەتكە يەتكەن.ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا پارىس،ئەرەپ تىلىنىمۇ پۇختا ئىگەللىگەن.مۇزىكا ساھەسىدىمۇ ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ«بايات»مۇقامىنى ئىجاد قىلىپ«9-ئۇستاز» دەپ شۆھرەت قازانغان.
    چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا جايلارنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردا دۆلەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنى بېجىرىشكە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى،ھەربىي مۇتەخەسىسلەر ۋە مەدەنىيەت مائارىپ ئەرباپلىرىنى قويغان بولۇپ شۇ چاغدىكى چاغىتاي خانغا مەسلىھەتچى بولغانلار ئىچىدە يۈسۈپ سەككاكىمۇ بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىجدىھات قىلىشى ئارقىسىدا چاغاتاينىڭ ئوردىسى جايلاشقان ئالمىلىقتا ھەر-خىل مەكتەپلەر ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەسىس قىلىنىپ،مائارىپ ئىشلىرى زور تەرەققىي قىلغان،قەشقەر،بۇخاراغا ئوخشاشلا ئالمىلىقمۇ ئاسىيا بويىچە ئىلىم-پەن مەركەزلىرىگە ئايلانغانىدى.
     سەككاكى ئوردا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن بىلىملىك كىشىلەرنى ئالمىلىققا توپلىسا،يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىشقا پائال يېتەكچىلىك قىلغان.بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتسە،يەنە بىر تەرەپتىن دەرسلىك تۈزۇپ چىققان. ئۇنىڭ«مۇفىتا ھۇل ئۇلۇم»(ئىلىملەر ئاچقۇچى)ناملىق يىرىك ئەمگىگى ئەنە شۇ خىلدىكى بولۇپ،ئۇنىڭدا تىل-ئەدەبىيات، لوگىكا،ئىستىتىكا،پەلسەپە،ئاسترنومىيە،ماتىماتىكا،تارىخ، تىبابەت ئىلمى،مۇزىكا ئىلمى قاتارلىق 13تۈرلۈك ئىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ مەزمۇنىنىڭ كەڭ ھەم چوڭقۇرلىقى، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى تارىخىدا كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك مەدەنىي مىراس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
     ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىكى مەرىپەت يۇلتۇزى،ھەققانىيەتچى،خەلق بىلەن تەقدىرداش ئالىم يۈسۈپ سەككاكى گەرچە ئۆز خەلقىنىڭ مەنىۋى ئازاتلىقى يولدا تەر ئاققۇزغان خانغا دۆلەت باشقۇرۇش،ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش يولىداياخشى مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ،ئوردىدىكى مەرىپەت دۈشمەنلىرى،ھەسەتخور مەنسەپدارلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن زىندانغا تاشلىنىپ 3يىل زىنداندا يېتىپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ.بۇ مەشھۇر ئالىم،داڭلىق پىداگوكنىڭ مازىرى ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 13:45:50

   مېنىڭمۇ بىر چىقىپ كۆرۈپ كېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى . ئەمما شۇنداق بىر پۇرسەتنى يارىتالمىدىم . بەزىلەر بۇ مازارنىڭ يۈسۈپ سەككاكىنىڭ مازىرى ئىكەنلىكىنى ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارايدىكەن . ئاۋۇ ئاخىرقى رەسىمدىكى خەنزۇچە «  خوشاللىق » دىگەن خېتى بار يوتقان تاشلار  نىمە ئىشكەن ؟ پارچە  پۇل ھەم دەپتەرچۇ ؟

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:19:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahammatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 14:43  



        مازار بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەرگە يەنە بىر قىسىم  كىشىلەر كېلىپ،ئالىم ، داڭلىق پېداگوگ يۈسۈپ سەككاكىنىڭ مازىرى  سۈپىتىدىن ئەمەس،بەلكى،كاتتا بىر دىندارنىڭ مازىرى سۈپىتىدە تاۋاپ قىلىپ،تىلەكلىرىنى تىلەيدىكەن.مازارغا بىرەر كېلۇمىتىر كىلىدىغان تۆۋەنكى سايدىكى دەرەخلەرگە لاتىلارنى باغلاپ،ھەتتا،كىچىك بۆشۈكلەرنى ئېسىپ قويىدىكەن.ئۇيغۇر،قازاق،خۇيزۇلار ھەتتا غەيرى مۇسۇلمانلارمۇ كېلىدىكەن.مازارنىڭ تۈۋىنىدىدىكى سايدا نەزىرلەرنى قىلىدىكەن...شۇ كۇنىمۇ بىر توپ قازاق قېرىنداشلار نەزىر قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان....تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ رەسىمى:




مازارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى سايلىق:



مازارنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تاغ:

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 16:06:21

بۇ مازارنىڭ شەجەرىسى بارمىكىنا. مۇشۇ ھازىرقى قۇرۇلۇش قاچان بىنا قىلىنغانىكەن.
چىڭگىزخان ھايات ۋاقتىدا بويسۇندۇرغان يەرلىرىنى تۆت ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن. چوڭ ئوغلى جۇجىدىن باشقىلىرى چىڭگىزخاننىڭ يېنىدا چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكىچە بىللە تۇرغان.
سەككاكىنىڭ ۋاپات بولغان يىلى 1228-يىلىكەن. يەنى 1225-يىلى تۈرمىگە كىرگەن دېگەن گەپ. چاغاتاينىڭ ئىلىدا ئايرىم خانلىق قىلىپ ئولتۇرغان ۋاقتى چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ۋاقتى يەنى 1227-يىلىدىن كېيىن بولۇشى كېرەك. يىلنامىلەر بەك ئىشەنچلىك ئەمەستەكلا.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 16:06:38

مازارنىڭ ئۇسلۇبىنى سىڭدۈرەلمەي تۇرسام يوتقاننى كۆرۈپ{:107:}

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 16:29:03

سايلىق ؟ ياپيېشىل يايلاقنى سايلىق دېسە ، يايلاقلىرى قانچىلىك گۈزەلدۇ ... بىر بېرىپ كېلىدىغان يەركەن ...

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 16:33:19

ناھايىتى ياخشى بىرىنچى قول ماتېرىيالكەن. مازاردا شەيخ يوقمىكەن؟ بولسا قوشۇپ تارتىپ قويسىڭىز چۇ...

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 02:09:22

قىزىل يوتقان، پارچە پۇل، يەنە دەرەخكە بىر نەرسە باغلاپ تىلەك تىلەش دېگەندەك خۇراپات ئىشلار.....مۇشۇلارغا چۈشەنچە بامۇ؟:o

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 08:47:16

ئۆزبىكلەر بۇ ئالىمنى بىلمەمدىغاندۇ؟ بۇخارادا تۇغۇلغان دەپ تالاشسىمۇ بولاتتى   ھى ھى ھى
بەت: [1]
: مەشھۇر ئالىم ، داڭلىق پېداگوگ يۈسۈپ سەككاكى