TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:52:00

تاشپولات: سىز قانچىلىك جاۋاب بېرەلەيسىزنىڭ جاۋابى



سالام قېرىنداشلار،مېنىڭ يۇقىرىدىكى سوئالىمغا ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب يازغانلىقىڭلاردىن كۆپ خوش بولدۇم. رەھمەت سىلەرگە!

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز قېرىنداشلىرىمنىڭ جاۋابىنى كۆرەلەيسىز:

http://bbs.izdinix.com/thread-57087-1-1.html

مەن يەنە بۇ تېمىدىكى جاۋابلارنى خالىسانە ستاتىك قىلىپ بەرگەن باغداشتىكى Heyrani ئۇكامغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. بېرىلگەن ئىپادىدە بولۇش، ئېلىش، قوشۇش ئەمىلى بار. ئەمەللەر قائىدىسى بويىچە ئالدى بىلەن بۆلۈش ئەمىلىنى بېجىرىمىز، بۇ تۈگىگەندىن كېيىن ئېلىش ئەمىلىنى، ئاخىرى قوشۇش ئەمىلىنى بېجىرىمىز. مۇشۇنداق قىلساق نەتىجە 1 بولىدۇ. شۇڭا ئىپادىنىڭ نەتىجىسى 1 بولىدۇ.

باغداش، ئىزدىنىش، مىسرانىمدىكى جاۋابلارنى ئومۇمى يۈزلۈك خۇلاسىلىگەندە تۆۋەندىكىدەك نەتىجە كېلىپ چىقتى.

بۇ قېتىمقى ستاتىستىكىغا قاتناشقانلار جەمئىي 261 نەپەر.

جاۋابى 1 دەپ قارايدىغانلار: 197 نەپەر
جاۋابى 9 دەپ قارايدىغانلار: 27 نەپەر
جاۋابى 1- دەپ قارايدىغانلار: 7 نەپەر
جاۋابى 2 دەپ قارايدىغانلار: 5 نەپەر
جاۋابى 7 دەپ قارايدىغانلار: 11 نەپەر
جاۋابى 0 دەپ قارايدىغانلار:6 نەپەر
جاۋابى 4.5 دەپ قارايدىغانلار: 2  نەپەر
جاۋابى 0.1111111111111111111دەپ قارايدىغانلار: 2 نەپەر
جاۋابى 6 دەپ قارايدىغانلار: 2 نەپەر
جاۋابى 3 دەپ قارايدىغانلار: 2 نەپەر

يۇقىرىدىكى ستاتىكىغا قارىغاندا 75% ئادەم بۇ سوئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن. بۇ پىرسەنت ياپونلۇقنىڭ 40% دىن كۆپ يۇقىرى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بۆلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى بىلىم سەۋىيىسىنىڭ خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ نىسبەت ئامېرىكالىقلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى دەپ ئويلايمەن. بۇنداق ئويلىشىم ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكادا ماتېماتىكا دەرسىنى بېرىش جەريانىمدا ھېس قىلغانلىقىم بولدى. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان 13 ياشلىق بالىلار خەلقئارا ماتېماتىكا مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا 38 ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلەر شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلار بولدى. بۇ نەتىجە ئامېرىكا مائارىپىنى خېلى تەۋرەتتى. يېقىندا CNN مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ شاڭخەيگە بېرىپ بالىلارنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە شاڭخەيدىكى بالىلارنىڭ بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئېلىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مىتوتىنىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى دېدى. مېنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ھېس قىلغانلىرىم بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش مىتوتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى. مەن داۋاملىق مېنى ئوقۇتقان ۋەتەندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ئەگەر ئامېرىكادا بولغان بولسا ئامېرىكالىقلارنىڭ ئاساسى بىلىم سەۋىيىسى كۆپ يۇقىرى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.  بۇ توغرىلىق كېيىنچىرەك ئايرىم توختىلىمەن. مېنىڭ بۇ يەردە يەنە بىر دەيدىغىنىم  ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان بالىلارنىڭ چوقۇم كەم دېگەندە ۋەتەندىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن ئامېرىكىغا چىقىپ يۇقىرى  ئۆرلەپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:39:00

مەن ئىككى خىل جاۋاب چىقارغان ئىدىم، 1 ۋە 7 دەپ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 15:59:11

تاشپولاتكا ،  ھەر قايسى تور بېكەتلەردىن بېرىلگەن جاۋاپ سىتاتىستكىسىنى كۆرۈپ بېقىشقا بولارمۇ ، بۇنىڭمۇ مۇئەييەن ئەھمىيىتى بار دەپ ئويلايمەن ، گەرچە تور بەتلەرنىڭ  ئۆزىگە يارىشا  خاسلىقى  بولسىمۇ  مۇشۇنداق ئاساسى بىلىم خاراكتىردىكى سۇئالغا توغرا جاۋاپ بېرىش نىسبىتى ئارقىلىق ئىلمىلىققا ئاز تولا يېقىنلاشتۇرۇلغان سېلىشتۇرما پەرقنى بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق ، بۇنى دىيىشىمدە  ھەرگىزمۇ ئاساسلىق  تور بەت ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئاساسى مەقسەت ئەمەس ، بىر قىزىقىش بوپ قالدى .
بولسا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك سىناقلارنى پات پات  قىلىپ تۇرغان بولسىلا

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 18:28:59

مەن دوسلا چەمبىركىگە يوللاپ  قويسام 2كىسى 9چىقىرىپتۇ يانا بىر  يەمەنلىك 4.33چىقىرىپتۇ قالغانلىرى 1 چىقىرىپتۇ     

sada425 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 18:34:50

باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقوتقۇچۇم مۇرەككەپ ھىسابلاشلاردا ئاۋۋال كۆپەيتىش بۆلۈشنى ئاندىن قوشۇش ئىلىشنى ئىشلەيمىز دىگىنى ئىسىمدە  شۇ بويىچە بولغاندا 9 چىقىدىكەن ،.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 19:57:22

sada425 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 18:34 static/image/common/back.gif
باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقوتقۇچۇم مۇرەككەپ ھىسابلاشلار ...

سىز دىگەندەك بولسىمۇ 1بولمامدۇ،  

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 20:02:00

ھازىر خەنزۇ مەكتەپ بىلەن مىللى مەكتەپلەرنى قۇشۋەتكەندىن كىين شۇنى ھىس قىلدىم،  خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۇش ئۇسۇلىنى مەن ئازراقمۇ ياقتۇرمىدىم،    ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن ۋاستە تاللىمايدۇ،   

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 20:50:10

قانداقلا قىلسا 1 چىقىدۇ .

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 21:20:34

sada425 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 18:34 static/image/common/back.gif
باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقوتقۇچۇم مۇرەككەپ ھىسابلاشلار ...

تۆت ئەمەللىك ھېسابلاشتا ئاۋال كۆپەيتىش بۆلۈش ئاندىن قوشۇش ئېلىش سولدىن ئوڭغا قاراپ ھېسابلىنىدۇ.
كەسىر سانلارنى بۆلۈش قائىدىسى:
بۆلۈنگۈچىنىڭ سۆرىتى بىلەن بۆلگۈچىنىڭ مەخرىجىنى كۆپەيتىپ سۆرەت قىلىمىز.
بۆلۈنگۈچىنىڭ مەخرىجى بىلەن بۆلگۈچىنىڭ سۆرىتىنى كۆپەيتىپ مەخرەج قىلىمىز.

ئاۋال بۆلۈشنى ھېسابلىساق:
(1/3)/(9/3)=27/3=9

ئاندىن ئېلىش ۋە قوشۇشنى سول تەرەپتىن باشلاپ ھېسابلىساق نەتىجە 1 چىقىدۇ.

ئاۋۇ تېما يوللانغاندا مەن ھەرخىل جاۋابلارنى چىقارغان، شۇڭا يازمىغان ئېدىم، ئاتايىن باشلانغۇچنىڭ ماتېماتىكىسىنى ئازاراق كۆرۈپ چىقىپ، مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشتىم.:L

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 15:50:45

مەن بۇ سۇئالنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويغان ئىدىم، نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
12 ئادەم جاۋاب بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە 5 ئادەم توغرا جاۋاب بەردى، توغرا جاۋاب بەرگەنلە٪42

جاۋاب بەرگەنلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەر 9 نەپەر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەر 1 نەپەر، تۇلۇقسىز مەدەنىيەت سەۋيەسىگە ئىگە كىشىلەر 1 نەپەر، مەدەنىيەت سەۋىيەسى نامەلۇم كىشى 1 نەپەر.

galita يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 16:27:54

دىمەك جۇڭگۇ مائارىپى ئامىرىكا مائارىپىدىن مۇېەپپىقىيەلىك بولغان؟؟؟ بۇندىن 20-30 بۇرۇنمۇ شۇنداق دىگەن ھازىر ئەمەلى ئەھۋال يەنە ئوخشاش!شۇنىڭغا قارىغاندا لازىم بولغاندا ئۆزى ئىزدەپ ئۈگەنسە ۋاقىت زىھىن،كۈچنى تىجىگىلى بولغىدەك!
بەت: [1]
: تاشپولات: سىز قانچىلىك جاۋاب بېرەلەيسىزنىڭ جاۋابى