ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:20:01

(ئۆزھال) ھارپا كۈنى


ھارپا كۈنى

(ھىكايە)

راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

زاھىد يان كامىردا بۇۋاينىڭ ئۈزمەي يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن كۆزىنى ئاچتى . بوۋاي ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ خۇددى غەمسىز خورازغا ئوخشاش بوغۇق ئاۋاز بىلەن يىرىم سائەتتىن ئارتۇق يۈتىلەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق تاڭ ئاتقانلىغىنى جاكارلاپ يىقىن ئەتراپتىكىلەرنى ئويغىتىۋىتەتتى
        قاسىم كۆزىنى ئېچىپلا ئورنىدىن تۇرۇپلا تەرەت ئىلىپ بامدات نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن تۇتۇندى . تاڭ ئەمدى سۈزۈلۈشكە باشلىغاندى ، ھەپتىدىن بىرى ئۇنى بىسىۋالغان غەم ئاخىرقى كۈنلەر يىقىنلاشقاندا ئۇنى يەڭگىل بىر ھالەتكە ئەكىلىپ قويغاندى . چەكسىز ئۆمىتسىزلىكنىڭ ئاخىرى چوقۇمكى يەنە بىر خىل غۇۋا ئۆمىتتىن بىشارەت بىرىدىغان بىر كۈچ ۋە ئاخىرقى نەپەسلىرىگە ھەمرا بىردىن – بىر روھى ئۇزۇق ئىدى . ئۇ بەدەنلىرىنىڭ پەيدەك يەڭگىل بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدى . يۈزىنى يۇيۇپ تەرەت ئىلىۋاتقان چىغىدا مۇزدەك سۇ ئۇنى ئەندىكتۇرىۋەتتى ، ئۇ ئۈزىنىڭ ئەرزىمەس باللىق ھاياتى ئۆتكەن يوللارنى ئېسىگە ئالدى . ئۆينىڭ شەرىق تەرىپىدە پادا باققان سانسىز قەبىرىلەرگە ئوخشاپ كىتىدىغان زۈمچەك – زۈمچەك قۇملۇقلارنى ئىسىگە ئالدى . ئۆزىنىڭ ئاياق ئىزى قالغان لاي كوچىلارنى . توپا توزۇپ تۇرىدىغان ھويلىسىنى ئېسىگە ئالدى . ئۇنىڭ ھازىر قىلالايدىغان بىردىن بىر ئىشى كۈڭۈلسىز ۋە كۈڭۈللۈك ئۆتكەن ھايات دەملىرىنى سېىغىنىش ۋە ئەسلەش ئىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدە بۇنچىلىك ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمىغاندى . چۈنكى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىگىلگەن بەل بىلەن ئىگىلگەش باشتىن باشقا ھىچ نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغاندى . ئاشۇ قوي كۆزلەرنى . ياۋايىلىق چاقناپ ۋە سۈيقەسىت يوشۇرنۇپ ياتقان ئاشۇ كۆزلەرنى ھىلە مىكىرگە تولۇپ ، لىپىلداپ تۇرىدىغان سىمىز يۈزلەرنى كۆرۈش ئۇنىڭغا نېسىپ بولمىغاندى . ئۇ ئۇزۇندىن بىرى بىرەر ئادەمنىڭ يۈزىگە دىققەت قىلمىغانلىغىنى ھىس قىلدى . نىمە ئۈچۈن ؟ نىمە ئۈچۈن دىققەت قىلمىدىم ھە ؟ نىمىشقا بىرەر ئادەمنىڭ كۆزلىرى ئېسىمگە كەلمەيدۇ دەپ ئوھسىندى ئۇ . مەن ئۈچۈن كىملەر قايغۇرىدۇ ؟ كىملەر ئۈلۈمۇمگە ھەقىقى ئىچىنىدۇ ؟ كىملەر مەندىن قۇتۇلغانغا خۇشال بۇلۇپ دوسپپىسىنى ئاسمانغا ئاتىدۇ ؟ كىملەر مىنىڭ دوستۇم ئىدى .
          ئۇ بۇ خىياللارنى قىلغاندا يەنىلا بىر كامىرغا يالغۇز سولانغان ۋۇجۇدىنىڭ بىر قۇچقاچقا ئوخشاش تولىمۇ كۈچسىز ۋە ئىلاجسىزلىغىنى ھىس قىلىپ مەيۈسلەندى ، ئۆمىتسىزلىك شەيتان . دەپ ئۆزىگە سۆزلىگەنچە بامداتقا تۇردى . ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئاۋازىنى چوڭ چىقىرىپ ئەزان ئىيتىشتىن خىجىل بولمىدى . ئەزان توۋلىغاندا بوم ھەم ياڭراق ئاۋازى كىچىككىنە كامىرنى تەۋرىتىۋەتتى . تاملار تەۋرەپ دەسسەپ تۇرغان يەر زىلىزىلىگە كەلگەندەك بىر تۇيغۇ ئىچىدە دىلى ئىرىپ مومدەك يۇمشاپ كەتكەچكە كۈزلىرىگە ياش يامىشىپ سەجدىگە باش ئۇرغاندا ئىككى تامچە ياش پاكىز تازلانغان سىمنۇت يەرگە ئېقىپ چۈشتى .
گۇناھ قىلدىم ئەي ئاللا . ئالدىڭدا گۇناھكارمەن . مەن بىر قېتىم ئەمەس مىڭ قىتىم ئۈلۈمگە لايىق . مىنىڭ سەۋەبىمدىن نۇرغۇنلىغان جانلار جىنىدىن ئايرىلدى . ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلدى . ئەجىبا ئۇلارنىڭ جىنىمۇ مىنىڭ جىنىمدەك تاتلىق جان ئەمەسمىدى . مىنىڭ جىنىممۇ ئۇلارنىڭ جىنىدەك ئېسسىق مۇھەببەتكە تولغان جان ئەمەسمىدى ؟ مىليۇن پۇل بىلەن بىر جاننى تىرىلدۇرۇش ئەمەس ھەتتا ئۈزۈلگەن بىر بارماقنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغانلىغىنى نىمىشقا ھىس قىلمىدىم ھە ؟ ئۆلتۈر . پىيىنى كەس دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن چىغىمدا ئىنسانىيەتتىكى ھەممىلا ئادەم مىنىڭ مەنپەئەتىمگە توزاق قۇرىدىغاندەك كۆرۈنۈپ كىتەتتى . ماڭا لازىم بولغان جان ، مەن قوغداۋاتقان مەنپەئەت ئەمەلىيەتتە مەندىن بەكرەك ئۇلارغا لازىم ئىدى . ئۇلارنىڭ قىرى ئاتا – ئانىسى . ئۇششاق باللىرى ، كېسەلچان ئايالى بار ئىدى . لىكىن مىنىڭ كۈزۈمگە قىزىللىق تىقىلىپ بىگۇناھ جانلارنى ئۈلۈمگە ئىتتىرىپ ئاخىرىدا مەن نىمە تاپتىم . قوللىرىم باشقىلارنىڭ قىنى بىلەن بويالغان چاغنىڭ ئۈزىدە مەن ئىنسانىيلىق قىلىپىدىن ئاللىقاچان چىقىپ بولغان ئىكەنمەن . ھىكمىتى ئۇلۇغ ئاللا . مەن نىمە دەپ مۇشۇنداق قارا كۆڭۈل ئادەم بۇلۇپ قالدىم . مەندەك بىر قانخورنىڭ ئالدىدا تىتىرەپ تۇرغان ئاشۇ جانلار ئۈلۈش ئالدىدا نىمە دەپ نالە قىلغان بولغىيتتى . دىمەك ئۇلار ماڭا ئۈلۈم تىلىگەن . مىنى يەتكىچە قارغىغان . سىنىڭ ئۇزۇن ئارغامچاڭ ئاخىرى كىلىپ مىنى دارغا ئاسىدىغان يىپ بولدى . ئەي ئاللا ، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسىەن . سەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىسەن ، لىكىن مىنى بۇنچىلىك گۇناھلارغا شىرىك قىلغىچە تۇيۇقسىز كەلگەن بىر كېسەل بىلەن جېنىمنى ئالغان بولساڭ مەن بۇنچۇلا شەرمەندە . رەسۋايى ئەزىم بۇلۇپ كىتەرمىدىم ، ياق ياق . ھەر بىر ئىشنى ھىكمەت بىلەن قىلغۇچىسەن قادىر ئىگەم . كەم ئەقىل بەندەڭنى كەچۇرگىن . ئەگەر تۇيۇقسىز ئۈلۈپ كەتكەن بولسام توۋا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي فىرۋەندەك دوزاخقا چۈچۈلە بولغان بۇلاتتىم . ياق ياق . مەن سەندىن پەقەت كەچۇرۇم سورايمەن . شۇنچە جىق گۇناھى كەبىرلىرىم بىلەن سەندىن قانداقمۇ جەننەت تەلەپ قىلاي قادىر ئىگەم . بەس يىتەر . مىنىڭ رەھىمىسزلىگىم ، نۇرغۇن جانلارنى قاڭغىر قاخشىتىپ ئۆلتۈرگەنلىگىم ، نۇرغۇن ئادەملەرنى يىرىم پالەچ قىلىپ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مەڭگۈلۈك لەنەت تامغامنى باسقانلىغىم ئۈچۈن دوزاختا مىڭ يىللاپ كۈيۈشكە مەھكۇم مەن ، مەن قىلمىغان يەنە قانداق ئەسكىلىك قالدى قادىر ئىگەم . ئۈزۈڭ بار . مەن ئىزىپتىمەن . ئالدىڭدا ئاجىز بەندە ئىكەنلىگىمنى ئۇنتۇپتىمەن . ئالدىمدا باش ئىگىپ تۇرغان سانسىز ئادەملەرگە باش بۇلۇپ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان چىغىمدا ئاشۇ كۆزلەردىن تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان ياشلارنى نىمىشقا كۆرمىدىم . ئەگەر ئاشۇ ياشلار مىنىڭ تاشتىن مىڭ ھەسسە قېتىپ كەتكەن يۈرىگىمنى يۇمشاتقان بولسا ئىدى . سىنىڭ ھىدايىتىڭ بىلەن ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بەرگەن بولسام بەلكىم ئۈزۈم بۈگۈنكى ئاقىۋەتكە قالماس ئىدىم ، باشقىلارنىڭ جىنىغا زامىن بۇلىۋاتقان ئاشۇ چاغدا مەن ئۈزۈمنى ئۆلتۇرىۋاتقان ئىكەنمەن . ئەمەلىيەتتە ئۆلىۋاتقىنى مەن ئىكەنمەن .
            ھىممەت ئىگەم . ماڭا شۇنچىلىك پۈرسەت بەرسەڭ مەن يەنە ئۈزۈمنى بىلمەي ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ ھىس قىلىپ ياشاپ يۈرگىنىم نىمە كۈن بولدى ؟ دوزاخ ئەمەلىيەتتە ئۇ دۇنيادا ئەمەس ئۇ بۇ دۇنيادا بار ئىكەن . دوزاخنى سەن ياراتماپتىكەنسەن . ئۇنى ئادەملەر ئۆزنىڭ يامان نىيەتنىڭ تۈرىتكىسىدە ئۆز قولى  ئۆز ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق بىر بىرىمىزگە مىھرى مۇھەببەت قولىرىنى ئۇزۇتۇپ ياشايدىغان دۇنيادا ئاشۇ مىھىرلىك قوللارغا پىچاقنىڭ چىقىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلىپ يىتىدىغان ئادەم قانچىلىك . ئۆزى دوزاخنىڭ ئىمارىتىنى بىر كىسەك بىر كىسەكتىن قوپۇرىۋاتقان چىغىدا . ئۈلۈم كۈلەڭگىسىنىڭ ئەگىپ يۈرگەنلىگىنى كۆرۈپ يىتەلەيدىغان قەلىب كۆزى نىمىشقا كۆر بۇلۇپ قالدى ؟  ئۇ دۇغا كۆتۈرۈلگەن قولىنىڭ تالغانلىغىنىمۇ سەزمىدى .
          ياراتقۇچى بىلەن بولغان دىئالوگنىڭ قانچىلىك ئۇزاققا سوزۇلغانلىغىنى ئۆز ئۆزىمۇ بىلمەيتتى . كۆز ياشلىرى بۇلاق سۈيدەك تۈكۈلۈپ يۈزىدىن كۆكسىگە ئېقىپ ئاخىرىدا ئىشتاننىڭ تىزىغا ئېقىپ چۈشتى  ، ئۈزى سەۋەپلىك بىھۇدە ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى . ياراتقۇچىدىن گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلىدى . ئۇ ئىتىكاپتا ئىلاجسىزلىق دەھشىتىدە ئۆرتىنىۋاتقاندا ئىشىك شاراقلاپ ئېچىلىپ ئۇنىڭغا ناشتىلىق تاماق ئەكىرىۋاتقان ساقچىلار كىرىپ كەلدى . ئۇ قولنى ئاستا چۈشۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى . ئەمدى ھاياتتا ئىنسانلار تۈزگەن قانۇنلارغا بويسۇنۇش ياكى ئۆزىگە يۈك بۇلىدىغان قائىدىلەرگە باش ئىگىشنىڭ ھاجىتى قالمىغاندى . لىكىن ئۇنىڭ ئورندىن تۇرۇشى باشقا ۋاقىتلاردىكىدەك ساقچىدىن چۈچۈش ئەمەس بەلكى تەپتى ئىللىق ئىنساننىڭ چىھرىنى بىر كۆرۈش ۋە قىنىۋىلىش ئىدى .
           ساقچىلار ئۇنىڭغا ئالاھىدە تاماقلارنى ئەكىرگەن بۇلۇپ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ھىسداشلىق قىلىش ھىسياتى چىقىپ تۇراتتى . ئاشپەز دەرىزنىڭ يىنىغا قۇيۇلغان تۈمۈر شىرەنى قولىدىكى جامبا بىلەن پاكىز سۈرىتكەندىن كىين ئاندىن قەۋەتلىك جىمبىلنى بىر چەتكە قويۇپ ھەر بىر قەسىتىدىن ھورى چىقىپ تۇرغان ئېسسىق سەيلەرنى ئالدى . بۇ قۇرۇمىلارنىڭ نىڭ ھەممىسى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قورۇمىلار ئىدى  ، ئاخىرىدىكى چوڭ تەخسىنىڭ ئىچىگە يايپاڭ چىنە قولغان بۇلۇپ ئىككى چىنىدە لەغمەننىڭ خىمىرى ۋە گۈرۈچ تۇراتتى . چايداندىكى قايناقسۇ چىنىگە قۇيۇلغاندا زاھىدنىڭ تىنى شۈركۈنۈپ كەتتى . ئۇلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدە ئۆز ئىشىنى داۋام قىلىۋاتقىننىڭ ئۈزى ئۇنىڭ نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەيتتى ، ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە مۇڭدىشىۋاتاتتى  ، زاھىد ئىلاجىسىزلىق . ئىچ ئاغىرىتىش . ھىسداشلىق ، ئۆچمەنلىك ئارلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ھىسياتنىڭ ھەممىسى ئارلاپ ئەكىس ئىتىدىغان ئاشۇ كۆزلەرنىڭ نەقەدەر مىھىرلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدى  ، ئۇنىڭ ئالدىدا دىرىلداپ تىتىرەپ تۇرغان ئاشۇ ئادەملەرنىڭ كۆزلىرى بەلكىم بۇنداق ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ئادەمنى تولا كۆرۈپ يۈرىگى قېتىپ كەتكەن ساقچىلاردىن كۆپ مىھىرلىك بولغىيتتى . لىكىن ئۇ ھىچكىمنىڭ كۆزىگە قارىغان ئەمەس . ئۇ قارىغان ئەمەس باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغان ئەمەس . ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغانلار پەقەت باش ئىگىشتىن ۋە ئىلاجىسزلىقتىن باشقا ئۇنىڭدا ھىچقانداق تەسىرات قالدۇرمىغاندى .
        ئۇلار ئۇنىڭغا بىر ئىغىز گەپ قىلمايلا چىقىپ كەتتى . ئاشپەز شىرەنى تازلاپ تاماق قويىۋاتقاندا ئىككى ساقچىنىڭ كۆزلىرى كامىرنى نۇردىن تىز . قىلىچتىن ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن كۆزىتىپ چىقتى . چۈنكى ئۈلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنشىتىن ئاۋال قورقۇنۇش ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلارمۇ چىقىپ تۇراتتى . دىمەك بۇ يەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغىدەك ھىچ نەرسە ھىچ بولمىسا ئۇ ئۆزى ئىتىلىشىنى تاللىغان . ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنغاندىن كىين ئۇنىڭغا ئىككى خىل تاللاشنى ئىختىيارىغا قويغاندى . ئۇنىڭ بىرسى ئۈكۈل بىلەن ئۈلۈش . يەنە بىرسى ئوقتا ئۈلۈش ئىدى . ياق ياق . مىنىڭ ئېتىڭلار . ھايات ياشاپقۇ سېسىق نامىم ئالەمگە پۇر كەتتى . ئۆلگەندىن كىين ئۈلۈمدىن قورقۇپ ئۈكۈلدا ئۈلۈپتۇ دىگەن گەپنىڭ تارقىلىشىنى خالىمايمەن . قانداق بولسۇن بىر ئۈلۈم بولغاندىن كىين نۇمۇسسىز ھاياتىمنى ئۈزۇم جازالاپ ئوقتا ئۈلۈشنى تاللايمەن دىگەندى ئۇ .
ساقچىلار چىقىپ كتىىشتىن ئاۋال ئۇنىڭغا سۇغۇق كۈمۈلسىرىدى ۋە ئىشىكنى تاقىماي چىقىپ كەتتى . ئۇ يا ئالدىغا مىڭىشنى يا كەينىگە مىڭىشنى بىلمەي ئىزىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ كەتتى .
(داۋامى بار )                       

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:52:28

ئىنكاسىم ئاستىلاپ قاپتۇ مىنىڭ:L:L:L:L

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:21:44

{:92:}

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:43:40


2

بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن تومۇزنىڭ ئېسسىق بىر كۈنلىرىدە بىر توپ باللار مەھەللىگە يانداش ئىرىقتا سۇغا چۈشىۋاتاتتى . شۇ ئارلىقتا ناھايىتى سالاپەتلىك كىينگەن بىر ئادەم بۇ يەرگە تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ قالدى . ئۇ قىرىق ياشلاردا بۇلۇپ كۈچ قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ساغلام بىر تەن قۇرلۇشىغا ئىگە ئادەم بۇلۇپ ، مۇشۇنداق بىر توپىلۇق يولدا پارقىراپ تۇرىدىغان ئاق خىرۇم ئاياق . پىچاقنىڭ بىسىدەك دەزمال سىلىنغان ئاق ئىشتان ، ئاپپاق كاستىيۇمنىڭ ئىچىدىن كۆرۇنۇپ تۇرىدىغان كۆز قۇيۇلغان پىنجەك بىشىغىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئاق تور شەپكە كىيۋالغان بىر ئادەمنىڭ پەيدا بۇلۇپ قىلىشى باللارنىڭ دىققىتىنى تارىتتى . ئۇنىڭ قولىدا پاقىراپ تۇرغان ئالتۇن ئۈزۈك . ئالتۇن ئۈزۈكنى تىخىمۇ جەلىپكار كۆرسىتىدىغان خۇشپۇراق تاماكىنىڭ ئىسلىرى قوللىرىنى ئايلىنىپ ئۇنى خۇددى كىنولاردىكى قەھرىمانلارغا ئوخشىتىپ قويغاندى . پاكىز كىيم كىچەك پاكىز قىرىلغان يۈزلىرىدىكى قورۇق بىلەن بوينىدىكى تاتۇقنى يوشۇرالمىغان بولسىمۇ لىكىن پەقەت چىچىدىن باشقا ھەممە يىرىنى ئورىغان ئاق كىيم ئۇنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىشقا ۋاستە بولغاچقا بۇ ئادەمنىڭ چوڭ شەھەردە ياشايدىغان ئادەم ئىكەنلىگىنى ئۈنسىز سۆزلەيتتى . قولىدا ئويناپ تۇرىدىغان گاز چاقماقنى باللار كۆرۈپ باقمىغاچقا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان بۇ ئادەمگە باشتا تارتىنىش ۋە قىزىقىش ئىچىدە قارىغان بولسا كىين ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى .
ئۇ باللارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلى قارايتتى ، بۇلۇپمۇ باللارنىڭ ئالقانلىرىغا . بارماقلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلاتتى . ئۇ باللارنىڭ ئىچىدىن زاھىدنى يىنىغا چاقىردى . قىپ يالىڭاچ زاھىد باللارغا خاس تارتىنچاقلىق بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى .
سىلەرنىڭ بۇ يەردە ماي پونكىتى بارمۇ دەپ سورىدى زاھىدتىن
زاھىد تارتىنىش ۋە قورۇنۇش ئىچىدە بىلمەيمەن دەپ ئارقىسىغا قايىتماقچى بولدى .
توختا نەگە ئالدىرايسەن . دەپ بەرسەڭ پۇل بىرىمەن دەپ ئون سوملۇق بىر پارچە پۇلىنى پاقىراپ تۇرغان يان يانچۇغىدىن ئىلىپ قولىدا تۇتۇپ تۇردى
مەن بىلمەيمەن دىدى كۆزلىرىدىن سەممىلىك ھەم قەتئىلىك چىقىپ تۇرغان زاھىد .
مەكتەپتە ئوقۇمسەن دىدى ئۇ زاھىددتىن
بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيمەن دىدى زاھىد ئوڭ پۇتىنىڭ بارمىقى بىلەن يەرنى جىجاپ تۇرۇپ
  نەچچە ياشقا كىردىڭ دىدى ئۇ .
سەككىزگە دەپ جاۋاپ بەردى زاھىد
مەن بىلەن شەھەرگە كىتەمسەن ؟ دىدى ئۇنى سىناپ باقماقچى بولغاندەك
زاھىدنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ۋە ئۆمىد پاللىدە يىنىپ بۇ خىل ئۆمىد ئۇچقۇنى يەنە تىزلا لاپپىدە ئۆچۈپ ئاۋالقى ھالەتكە كەلگەندىن كىين بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ
ياق . شەھەردە مىنىڭ تونۇشۇم يوق دىدى بىشىنى ئۈستۈن كۈتۈرمەي ،
مانا مەن سىنىڭ تونوشۇڭغۇ دىدى مىھرىبانلىق بىلەن زاھىدنىڭ ئۇزۇن بارماقلىرىنى مىھرى بىلەن سىيلاپ . زاھىد يۇلقۇنۇشقا باشلىدى . ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق . ئىسمىم ئەركىن ، بۇ مەھەللىدە تۇققانلىرىم بار يوقلاپ كەلگەن . تۇنجى كىلىشىم بولغاچقا ماي قاچىلاش پونكىتى بارمۇ يوقمۇ بىلەلمەي شۇڭا سەندىن سورۇشۇم . بولسا كىيملىرىڭنى كەي . مەن ساڭا بازاردىن نەرسە كىرەك ئىلىپ بىرەي . ئۆزۈڭ يەپ ئاشقاننى ئۆيدىكىلەرگە بەرگىن . بىرەر ئاغىنەڭنى ئىلىۋالساڭمۇ بۇلىدۇ دەپ ئارقسىغا بۇرۇلۇپ كەتتى ئەركىن . زاھىد بىر ئۇزۇن ئىزىدا قېتىپ تۇرغاندىن كىين ئارقسىىغا بۇرۇلدى . ئۇ باللارغا قاراپ قويۇپ ئاندىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئەركىنگە قارىغاندىن كىين ئىرىقنىڭ قىرىغا سىلىنغان كىيىملىرىنى كەيدى . ئۇنىڭ ھەركىتى تىز ئىدى . كۆينەك ، شەپكە . ئايىغى يىرتىلىپ كەتكەن ئىشتان بىر دەمدىلا ئۇنىڭ ئۇچسىغا چىقىپ بولدى . ئارقىدىن ئۇ باللارغا يەنە بىر قېتىم قاراپ قويۇپ ئەركىنگە ئەرگەشتى . يالاڭ ئاياق تاپانلىرى يىرىلىپ كەتكەن بۇلۇپ ئاياق كىيمىگەچكە بارماقلىرى قارىداپ كەتكەندى . ئەركىن يولنىڭ گىرىگىدە توختۇتۇپ قويغان ماشىنىغا چىقىتى . زاھىد بۇنداق ماشىننى يىراقتىن كۆرگەن بولسىمۇ لىكىن چىقىپ باقمىغاچقا ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ قاراپ تۇردى . ئەركىن بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئىشكىنى ئىچىدىن ئىچىۋەتتى  ۋە چىقە دىگەندەك بىشى بىلەن شەرەت قىلدى . زاھىد ماشىنىغا چىقتى . ماشىنا يۈرۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ماشىنىغا چىققانلىغىنى كۆرگەن باللار ماشىننىڭ ئارقسىدىن يۈگۈرۈپ زاھىدقا ھەۋەس بىلەن قاراپ قىلىشتى . زاھىد ئارقا ئەينەكتىن باللارغا قاراپ قويۇپ ئىپتىخار ئىگەللىۋالغان تىننىڭ جىدىللىشىنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتاتتى .
بىر دەمدىن كىين ئۇلار بازارغا يىتىپ كەلدى . بۈگۈن بازار كۈنى ئىدى . چىرايلىرىنى توپا باسقان دىھقانلار چوڭ يولدىن ھارۋا بىلەن ۋە كالا ئىشەك ، قويلارنى يىتىلىۋالغان ھالدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى . ئەركىن ماشىنسىنى چوڭ يولنىڭ بويىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا توختاتقاندىن كىين ماشىندىن چۈشۈپ زاھىدقا ئىشىكنى ئېچىپ بەردى . زاھىد قىزارغانچە ماشىنىدىن چۈشتى ، ئەركىن ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىسىدەكلا يىتىلەپ ئۆچەيدەك ئۇزۇن كەتكەن بازارغا كىرى مغىلداپ تۇرغان ئادەملەر توپىغا سىڭىپ كەتتى . زاھىد كتىۋىتىپ كالىنىڭ چوقا پاچىغىنى سىتىۋاتقان غالتەككە قاراپ قىيمىغاندەك مىڭىپ ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولىۋاتقاندا ئەركىن بۇنى بايقاپ قىلىپ غالتەكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇستامغا كاللىنىڭ ياخشى يىرىدىن بىر كىلو كېسىشكە بۇيرۇدى . زاھىد ئۇنىڭغا يانداش ئولتۇردى . ئۇلار گەرچە گەپ ىلمىشقان بولسىمۇ لىكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەلبى ئاۋازسىز ھالدا بىر -بىرى بىلەن سۆھبەتتە ئىدى . بىر دەمدە سىرى چۈشۈپ كەتكەن لىگەنگە ئىرىپ پىشقان كالا چوقسىنىڭ تىل ئارلاش گۆشى كەلتۇرۇلدى . ئەركىن بىر پارچىنى ئىلىپ زاھىدقا تەڭلىدى . زاھىد قوللىرىنى ئۇزۇتۇپ بۇلۇپ قولۇمنى يىيۋىتەي دىدى . غالتەكنىڭ يىنىدىكى قىرى سۆگەتكە قول يۇيىدىغان چۆگۈن قويۇلغاندى . زاھىد قولىنى يۇغاندىن كىين قايتىپ كىلىپ ئورنىدا ئولتۇردى . ئەركىن قولىنى يۇمىغان بولسىمۇ لىكىن رەىتكە ئوخشايدىغان نەم قەغەز سىلىنغان بىر پارچە يالتىراق قاپنى ئىلىپ قوللىرىنى سۈرتۈپ بىر پارچىنى ئاغزىغا سالغاندىن كىين بىر پارچە گۆشنى زاھىدقا ئۇزاتتى . زاھىد گۆشنى ئىشتىھا بىلەن يەيتتى . ئەركىن پەقەت ئۇنى تارتىنىپ قالمىسۇن دەپلا يەپ قويىۋاتاتتى . زاھىد بۇنى ھىس قىلىپ يىتەلمىدى . ئۇ لىگەنگە ئۆزى قول سىلىپ گۆشنى ئاساسەن ئۈزى دىگىدەك يەپ بولدى .
يارايسەن ئوغال بالا دىدى ئەركىن ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىيلاپ . ئۇ پۇلىن تۆلىگەندىن كىين ئاياق بازىرىغا كەلدى . ئەركىن ھەممە ئاياقلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئاق تەنتەربىيە ئايىغىدىن بىرنى تاللاپ زاھىدقا كىيدۇردى . زاھىد ئىچىدىكى خۇشاللىغىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەيتتى . ئۇ خۇشاللىغىنى بۇ ناتونۇش ئادەمدىن يوشۇرماقچى بولسىمۇ لىكىن كۆزلىرىنى ۋە كۈلكە يامراپ تۇرغان چىھرىنى يوشۇرالمايتتى ،         

(داۋامى بار)

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 15:52:17

داۋامىنى كۆرۈپ ئاندىن بىراقلا مۇلاھىزە قىلساق قانداق بولار؟


ozhal ئەپەندىم كۆڭلىگە ئالماي داۋامىنى يوللاۋېرەر- ھە؟

mykariz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 17:51:46

بەلەن چىقىپتۇ. ئاخىرىنى كۆرۈشكە تەشنا بىز...

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 14:01:24

    داۋامى ...
بەت: [1]
: (ئۆزھال) ھارپا كۈنى