izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 09:41:12

بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ۋە نۇرچىلار جامائىتى ھەققىدە چۈشەنچە


بۈيۈك ئىسلاھاتچى ئالىم سەئىد نۇرسىي 1878-يىلى تۈركىيىدە ئاناتولىيىنىڭ شەرقى بىتلىس ۋىلايىتىگە تەۋە نۇرس يېزىسىدا پەزىلەت ۋە دىيانەت بىلەن تۇنۇلغان بىر كۇرد ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. توققۇز يېشىدىن تارتىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا يۈزلەنگەن. تىز يېتىلىپ كاتتا ئالىم بولۇپ زامانىدىكى ئالىملار بىلەن مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىپ شۆھرىتى پۇر كەتكەن. 1897-يىلى ۋان ۋىلايىتىگە كېتىپ شۇ جايدا ئالگېبرا، فىزىكا، خىمىيە، ئاسترونومىيە، تارىخ ۋە پەلسەپە قاتارلىق پەنلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا بېرىلىپ ئۇ پەنلەردە ئەسەرلەرنى يازىدىغان دەرىجىدە مۇھەققىق ئالىم بولۇپ يېتىشكەن بولغاچقا، زامانىدىكى ئۆلىمالار ئۇنىڭ زېھنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ۋە بىلىمىنىڭ موللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنىڭغا "بەدىئۇززامان" دەپ نام بەرگەن.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ئىنگىلىزلەرنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى قۇرئاندىن ئايرىپ تاشلاش پىلانى ھەققىدە توختۇلۇپ نۇر جامائىتىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىنى مۇنداق بايان قىلغان: "بۇ خەتەرلىك سۇيىقەستكە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلىپ، چارە-تەدبىرلەرنى ئىزدىسەم، قەلبىم بىلەن ئىمانىم مېنى مۇسۇلمانلارغا دىنلىرىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۈگىتىدىغان، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئىسلامغا تارتىدىغان، ئارىلىرىدا قېرىنداشلىق ۋە سۆيگۈ رىشتىلىرىنى كۈچەيتىدىغان بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتى قۇرۇپ چىقىش يولىغا باشلىدى."
بۇنىڭ بىلەن بىللە شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ئەينى چاغلاردا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ گەۋدىسىدە ئۇلغىيىپ كېتىۋاتقان ئىرقى ئايرىمىچىلىقنى ئاساس قىلغان مىللەتچىلىك ئېقىمىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، مىللەتچىلىك تۈركلەرنى ئەرەبلەردىن ئايرىۋەتكەن ئىدى.

شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي يۇقىرىقىلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك چارە قوللانغان:
(1) ئىمان بىلەن قېرىنداشلىق رىشتىسىنى كۈچەيتىدىغان نۇر رىسالىلىرىنى يازغان.
(2) ئافرىقىدا ئەزھەر بولغىنىدەك ئاسىيادا «زەھرائ ئىسلام ئۇنىۋېرسىتىتى» قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى 1907-يىلى خەلىپە سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھەزرەتلىرىگە سۇنغان.
ئەينى چاغدا تۈركىيە سيونزم ۋە ماسون ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە بىۋاسىتە ئۇچرىغان، مىللەتچىلىك كېسىلى تۈركىيەدىن چىققان بولغاچقا كۈچىنى تۈركىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئارقىلىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ھۆكۈمىتىگە ئىسلام دىنى ئىبادەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بولۇپمۇ نامازنى چىڭ تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلغان، غەرب ئەللىرىگە ئەگىشىپ مېڭىش ئۈممەتكە خەتەرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا تىرىشقان.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي پۈتۈن كۈچىنى مۇسۇلمان خەلقنى ئىلمىي ۋە پىكرىي جەھەتتىن ئاقارتىپ، ئۇلارنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىۋەتمەكچى بولغان سېكولارىزم (ھاكىمىيەت بىلەن سىياسەتنى دىندىن ئايرىۋېتىش ئېقىمى) ھۇجۇملىرىغا قارىتا مۇستەھكەملەشكە، شەرئىي بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي پەننى بىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشكە تەرغىب قىلىشقا سەرپ قىلىپ، ئاتېستلارغا قۇرئانى ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغالغاندا ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىدىن بىر گۇرۇپ مۇجاھىدلار قوشۇنى تەشكىللەپ كاۋكازدا ئالدىنقى سەپتە رۇسلارغا قارشى جان تىكىپ جەڭ قىلغان. جەڭدە يارىلىنىپ ئەسىرگە چۈشكەن. چالا ئۆلۈك ھالىتىدە سىبىرىيىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل تۆت ئاي تۇرۇپ روسىيىدە بولشىۋېكلار ئىنقىلابى بولغاندا قۇتۇلۇپ 1918-يىلى رامزاندا ۋەتىنىگە قايتقان. خەلىپە، شەيخۇل ئىسلام، دۆلەت ئەربابلىرى ۋە تالىپلىرى تەرىپىدىن كاتتا ئالقىش بىلەن كۈتۈۋېلىنغان.

1922- يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە ئىسلامنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن نۇرغۇن قانۇن-تۈزۈملەر چىقىرىپ، 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى، ئارقىدىن 1924-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىسلام خىلاپىتى يىقىتقان. ئىسلام خىلاپىتى تولۇق يىقىتىلىشتىن بۇرۇن 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ دىنىي ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش چەكلەنگەن، دۆلەت كادىر-خىزمەتچىلىرىنىڭ شەپكە كىيىشى بەلگىلەنگەن. دىنىي مەدرىسلەر تاقىلىپ، ۋەقپىلەر مۇسادىرە قىلىنغان. تەرەققى قىلىش ۋە ئەركىنلىك نامىدا ئاياللارنىڭ يېرىم-يالىڭاچ يۈرۈشى تەشۋىق قىلىنغان. خرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارغا ياتلىق بولۇشقا يول قويۇلغان. ئەرەبچە ئېلىپبە بىلەن يېزىلىدىغان ئوسمانچە يېزىق لاتىنچە يېزىققا ئالماشتۇرۇلغان...
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ئۆلىمالارنىڭ بېشىغا كۈلپەتلىك كۈنلەر كەلگەن ئاشۇنداق قىيىن پەيتلەردە غەربلەشتۈرۈش دولقۇنىغا قاتتىق قارشى تۇرغاچقا، زۇلۇمغا كۆپ ئۇچراپ، 1926-يىلدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۇرمىلاردا ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى دەۋردە تۈركىيە ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دىنىي روھنىڭ قايتىشىدا چوڭ رول ئوينىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. 1926-يىلدىن تارتىپ 1950-يىلغا قەدەر بىر تۇرمىدىن بىر تۇرمىغا، بىر مەھكىمىدىن يەنە بىر مەھكىمىگە يۆتكىلىپ تۇرۇش جەريانىدا يېزىپ قالدۇرغان رىسالىلىرى 130 دىن ئاشقان بولۇپ، بۇ رىسالىلەر «نۇر رىسالىلىرى كۇللىياتلىرى» دېگەن نامدا توپلۇنۇپ 1954-يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ رىسالىلەردە ئاساسەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئىلمىي ئۇسلۇبتا تەپسىر قىلىنغان. شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەرەبچە «مەسنەۋىي نۇرى» دېگەن ئەسەر بىلەن «ئىشاراتۇل ئىئجاز» دېگەن تەپسىر قاتارلىق ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي 1960-يىلى رامزاندا ۋاپات بولۇپ ئۇرفە شەھرىگە دەپنە قىلىنىپ تۆت ئاي كېيىن تۈركىيەدىكى ھەربىي ھاكىمىيەت ئۇنىڭ قەبرىسىنى نامەلۇم بىر جايغا يۆتكىۋەتكەن.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاجىزلاپ يېقىلىشى بىلەن يېڭى تۈركىيە قۇرۇش دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنى غەربلەشتۈرۈش، ئۆلىمالارنى قىرىپ تۈگىتىش، ئىسلام ئەقىدىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق نەرسىگە قارشى تۇرۇش دەۋر سۈرگەن بىر ئەسىردە مۇسۇلمانلار كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى كاتتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!

شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ۋاپاتىدىن كېيىن تالىپلىرى ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىشقا تىرىشقان بولۇپ، نەتىجىدە نەچچە تارماق جامائەتلەر شەكىللەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگىنى فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى جامائىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقىنى مۇشۇ جامائەتتۇر.
مۇھەممەد فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى 1941-يىلى ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىگە تەۋە بىر يېزىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى دىنىي ئالىم، ئانىسى ئىمانى كۈچلۈك، دىيانەتلىك ئايال ئىدى. كىچىكىدە ئانىسى ئۇنىڭغا قۇرئان ئۆگەتكەن.
فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى ئاشۇنداق دىن ۋە ئىلىم بىلەن تولغان ئۆيدە ئالىملارنىڭ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىپ، دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ يېتىشكەندىن كېيىن ئىمامەتچىلىك ۋە ۋائىزلىق خىزمىتىنى قىلغان. شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي رىسالىلىرىدىن تەسىرلەنگەن.
فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەز-نەسىھەتتە بولغاچقا، ئۇنىڭ پىكرىدىن تەسىرلەنگەنلەر، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تەشكىللىنىپ ھىممەت قىلىپ پۈتۈن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن تارتىپ بۇ جامائەتنىڭ قۇرغان مەكتەپلىرى تۈركىيە سىرتىغا قۇرۇلۇشقا باشلىغان، ھازىر تۈركىيىدە نەچچە يۈزلىگەن مەكتەپلىرى، پۈتۈن دۇنيادا ئىككى مىڭغا يېقىن مەكتەپلىرى بار.
1993-يىلى بىرقانچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بۇ جامائەتنىڭ ئىستانبۇل، ئىزمىر ۋە باشقا بىرقانچە شەھەرلەردىكى مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچى ياتاقلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. ئىستانبۇلدا فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۇق. كېيىن ئىزمىردا فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى تۇرالغۇسىدا ئۈچ كۈن مېھمان بولۇپ، بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ سۆھبىتىگە داخىل بولدۇق. شۇ كۈنلەردە فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندىنىڭ ئانىسى رەفىيئە خانىم ۋاپات بولۇپ كېتىپ نامىزىغا قاتناشتۇق، تۈركىيىدە ياغلىق ئارتىش چەكلەنگەن يىللاردا رەفىيئە خانىم ياغلىقنى ئېلىۋەتمەي يىگىرمە يىل بويىچە ئۆيىدىن سىرتقا چىقمىغان ئىكەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!

نامازدا شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىنىڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بىلەن ئۇچراشتۇق.
فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى فىقھى جەھەتتىن ئالاھىدە بىر ئالىم بولمىسىمۇ ئەدەبىيات ۋە پەلسەپىدە بىلىملىك، جامائەت ئىچىدىكىلەرگە تەسىرى چوڭ، ۋەز-نەسىھەتلىرى ئىنتايىن تەسىرلىك بىر مۇتەپەككۇر، ئالىم، تېخى ئۆيلەنمىگەن، سىياسىي سەۋەبلەر ۋە تەن-سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ھازىر ئامېرىكىدا داۋالىنىپ تۇرماقتا. نەچچە ئونلىغان ئەسەرلەرنى يازغان.
بۇ جامائەتنىڭ يەنە نەچچە ئونلىغان گېزىت-ژۇرناللىرى، رادىئو ئىستانسىلىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى، بانكىلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بار.
بۇ جامائەتكە ئەزا بولغانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاساسەن ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا جامائەتنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن ياشلار بىلەن تىجارەتچىلەر تەشكىللەيدۇ. بۇلار جامائەتكە تولۇق ئىتائەت قىلىش ۋە "خىزمەت" ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش روھىغا ئىگە.
تۈركىيەدىكى باشقا جامائەتلەرگە ئوخشاش بۇ فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى جامائىتىنىڭمۇ سوپىزم خاھىشى كۈچلۈك، ئەمما، سىياسىي جەھەتتىن تۈرك ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئىسلام خىلاپىتىنى تىكلەشنى كۆزلەيدۇ. لېكىن زوراۋانلىققا، تېرورغا قارشى تۇرۇپ، تىنچ ئۇسۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بارىمىز، دەپ تەكىتلەيدۇ. جامائەت ئەزالىرى سۆھبەتلىرىدە ئاساسەن شەيخ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي رىسالىلىرى دەرسلىك قىلىنىدۇ.
قىسقىسى، بۇ جامائەتمۇ باشقا ئىسلامىي جامائەتلەرگە ئوخشاش بىر تەرەپتىن ياخشى باھالارغا ئېرىشسە يەنە بىر تەرەپتىن ئەقىدە، ئەھكام ۋە سىياسىي جەھەتلەردە نۇرغۇن تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان. بۇ تەبىئىي ئەھۋال.
ەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى جامائىتى تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىشلاردىن بىرەر مىسال ئالىدىغان بولساق. مەسىلەن:
◆ مەكتەپتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى توختاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ياغلىقنى ئېلىۋېتىشكە رۇخسەت قىلغانلىقى.(تۈركىيەدىكى ئوقۇغۇچىلارغا شۇنداق رۇخسەت بېرىپ: تەسەتتۇر تەفەررۇئاتتىر" دېگەن. ئورتا ئاسىيادىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خانىملىرىغا ياغلىق ئارتماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان)
◆ ئەسكەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقانلارغا (ناماز ئوقۇغانلىقى بىلىنىپ قالسا ھەربىيلىكتىن قوغلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن) نامازنى ئىشارەت بىلەن ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن.

◆ 11-سىنتەبېر ۋەقەسىنى مۇسۇلمانلار ئىچىدىن ئەڭ قاتتىق ئەيىپلىگەن كىشى فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى بولغان.
◆ تۈركىيەدىكى ئىسلامىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نەجمۇددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى بىلەن قاتتىق ئاداۋەتلىشىپ، باشقا سېكولارىزمچى پارتىيىلەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان. (لېكىن ھازىر ئەردوغان پارتىيىسى بىلەن يېقىن)
◆ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆيگۈسىدە چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش، پۈتۈن جاھان مۇھەممەد ئۈچۈن يارىتىلغان دېگەندەك قاراشلىرى.
◆ خرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارغا قارىتا كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە دىنلار ئارا دىئالوگ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرىش.
بۇلار سەل ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بولۇپ، مىش-مىش گەپلەر ئىنتايىن كۆپ. چۈنكى بۇ جامائەتنىڭ دۈشمىنىمۇ ئىنتايىن كۆپ.
ئەلۋەتتە فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى جامائىتى بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا رەددىيە بەرگەن.
قانداقلا بولمىسۇن ھەرقانداق بىر جامائەت مەسۇم بولمىغاندىن كېيىن توغرا ۋە خاتا قىلغانلىرى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنى، ياشلارنى ئىسلام ئەخلاقى بويىچە تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىغان ياخشى، ئىلغار تەرىپىنى ئۆگىنىپ، مۇۋاپىق بولمىغان تەرىپىنى قويۇپ قويسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم
― دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-6-10
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.koklem.biz/forum.php?

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:40:37

youku.com
din
hor Adam dap izlisangla kinosi bar

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-14 12:34):
youku.com دىن ‹hor adam› دەپ ئىزدىسەڭلار كىنوسى بار ، كۆرۈپ بىقىڭلار .... ئاتا تۈرۈك مۇستاپامۇ بۇ ئادەمنى ھۆرمەتلەپتى...

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:42:27

مۇھەممەد فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى تىنىچلىق دەۋرىدە ھازىرغىچە توي قىلمىغان بولسا  دىن نۇختىسىدىن تازا توغرا ئەمەس،ئەمىلىيەت تارازىسىغا سالساقمۇ بۇنداق ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ناتوغرا تەرەققى قىپ ماڭىدۇ.يىشى چوڭايغانسىرى تەپەككۇرى خاتالىشىدۇ،توي قىممىغانكى بالىسى بوممايدۇ،بالىسى بوممىغانكى ئنسانىيەتكە مىھىرى سۇسلىشىپ ماڭىدۇ.
ئۇرۇش دەۋرىدكى سەئىد نۇرسىيمۇ توي قىمماپتۇ،بىراق ئۇنى توغرا چۇشەنسەك بۇلىدۇ،ئۇ ئادەم قەيسەرلىك بىلەن جەڭگە قاتىنىشىپتۇ ،كۆپ ھەرەج تارتىپتۇ، تۈرلۇك بىسىملاردا تۇرمۇشى بىر كۈنمۇ تىنىچ ئۆتمەپتۇ.

matu يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:23:16

:lol:lol

falconer يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 17:06:23

◆ تۈركىيەدىكى ئىسلامىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان نەجمۇددىن ئەرباقان ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى بىلەن قاتتىق ئاداۋەتلىشىپ، باشقا سېكولارىزمچى پارتىيىلەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلغان. (لېكىن ھازىر ئەردوغان پارتىيىسى بىلەن يېقىن)
********************************************************************************************
ھازىرئەردوغان پارتىيسىگە ۋەھشى دەرىجىدە ئۆچ،   ئەردۇغان ھاكىميىتىنىڭ تەخىتتىىن چۈشۈپ كىتىشى ئۈچۈن بەددۇئا ئوقۇدى، .......................................

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 17:24:51

خوش!بۇ ھەزرەتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نىمە ئالاقىسى باركىن؟:funk::funk:ياكى ئۇيغۇرغا نىمە ئىش قىلىپ بىرىپتىكەن؟{:116:}{:116:}{:116:}

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 19:12:11

داۋانچىنىڭ بۇ ئىنكاسى ئاجايىپ-غارايىپ ئىنكاس بوپتۇ.{:87:}

مەلۇم بىر ئادەم ياكى ۋەقە توغرۇلۇق سۆزلىمەكچى بولساق جەزمەن ئۇيغۇرغا قانداق پايدىسى تەگدى دەپ سۈرۈشتە قىلىپ ئاندىن يوللاش كېرەكمۇ؟

ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ سانلىق بولمىسىمۇ لىكىن نۇرچىلار دەپ ئاتىلىدىغان بىر جامائەت بار.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 19:20:27

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 11:42 static/image/common/back.gif
مۇھەممەد فەتھۇللاھ گۈلەن خوجا ئەپەندى تىنىچلىق دەۋرىد ...

سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسكەن ،تىمىدا ئوچۇق ئەسكەرتىپتۇ

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 19:24:09

ئافغانىستاندىكى ،پاكىستاندىكى تالبانلارنى تىرورچى دەپ تىللايلى،تۈركىيەدىكى نۇرچىلارنى ماسون دەپ تىللايلى ،
ئاتا بوۋمىزنى ئازغۇن دەپ تىللايلى ، :lol   ،،،،ما بالنى نىمە دەپ تىللىساق بولا

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 19:52:37

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 19:24 static/image/common/back.gif
ئافغانىستاندىكى ،پاكىستاندىكى تالبانلارنى تىرورچى دە ...

ۋەھھابىي دەپ تىللايلى :lol

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 21:43:06

ۋاھابىيلارنىڭ ئەكسى بۇلار ، تالىبانمۇ ۋاھابى ئىدى  ، نۇرچىلار تىرورلۇق ، ئاشقۇنلۇققا قارشى

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 21:54:23

تالىبان دەپ موللا ئۆمەرنىڭ ئادەملىرىنى دەمسىز؟ موللا ئۆمەر، تاھىر فارۇق قاتارلىق تىرورچى تەشكىلاتلارنى قۇرغۇچى تىرورسىتلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىدە تاھاۋىي، فىقھىدا ھەنەفىي ئىكىنلىكىنى ئاشكارا بايانات قىلغان.  

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 21:56:58

ۋەھابىيلار مەزھەپسىزلىكنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئۆزىنى ھىچقانداق بىر مەزھەپكە تەۋە قىلماي قۇرئان بىلەن ھەدىسنىلا تۇتىمىز دەيدۇ. مەزھەپلەرنى ئىنكار قىلىدۇ.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:44:18

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 21:54 static/image/common/back.gif
تالىبان دەپ موللا ئۆمەرنىڭ ئادەملىرىنى دەمسىز؟ موللا  ...

ئاساسى بار

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:51:57

主张清除伊斯兰中类似民间信仰的部分。穆罕默德·伊本·阿布多·瓦哈比后与阿拉伯半岛的绍德家族领袖穆罕默德·伊本·绍德(Muhammad ibn Saud)合作,促成了后来沙特阿拉伯的成立。在吉尔吉斯南部与乌兹别克特别多这派信众,因此吉尔吉斯叫国内乌兹别克族为瓦哈比分子[来源请求]。

恐怖分子本·拉登是瓦哈比派的信徒
   مەنبە :Wikipedia
http://zh.m.wikipedia.org/wiki/%E7%93%A6%E5%93%88%E6%AF%94%E6%B4%BE

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:57:53

ۋىكپىدىيە نىڭ ئۇيغۇرچە بىتىنى قانداق ئاچىدۇ؟   باشقا تىلدىكى بىتىنى ئاچسا     ، بەت  ئاستىدىكى  باشقا تىللار دىگەن سەھىپىسىدە ئۇيغۇرچە يوق ئىكەن ، بۇ نىمە ئىش ؟ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ۋىكپىدىيە ئورگان تەرەپ تەستىقلاپ قۇرغانمۇ ياكى بىز  ئۆزىمىز قىلىۋالغانمۇ؟  ئۆزبىك ، تاتار ، تۈرك …تىللىرى تىل تاللاش سەھىپىسىدە بار ئىكەن ، ئەمما ئۇيغۇرچە يوققۇ؟
بەت: [1]
: بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىي ۋە نۇرچىلار جامائىتى ھەققىدە چۈشەنچە