paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 08:32:11

قېلىپلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار

قېلىپلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار
ئالىم ئەھەد
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى ئېلان قىلىنغان بىر ئايدىن بۇيان تورداشلار ئىزدەش قېتىم سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىزدەش قېتىم سانى بويىچە رەتلەپ، تىلچىلار ئۈندىدار سورۇنىغا تاشلىغان ئىدىم. بۇ سورۇندا پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تىل-يېزىق كومىتېتى، ئالىي مەكتەپ، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان تىلشۇناس، تەرجىمان، يازغۇچىلار توپلانغان بولۇپ، تورداشلار ئىزدەپ تاپالمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كېلىندى، بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتى(ئىزدەش نومۇرى: uighursoft_alimahat)گە قوشۇلدى. پات يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇلماقچى، بىرقىسىم مەتبۇئاتلارمۇ شۇنداق ئاتاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قايتا كۆرۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، رەھمەت!

(1)微信
wei xin
تېڭشۈن ئۈندىدارى (تېڭشۈن شىركىتى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(2)易信
yi xin
ۋاڭيى ئۈندىدارى (ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى ياساپ چىققان بىر خىل ئالاقە يۇمشاق دېتالى)

(3)80后
80 hou
80-يىللارنىڭ (1980-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(4)90后
90 hou
90-يىللارنىڭ (1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)

(5)可穿戴设备
ke chuan dai she bei
تاقالما بويۇم (كىيىم-كېچەك ياكى زىبۇ-زىننەت، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ۋە ئىلغار ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان بىر خىل يېڭىچە بويۇم. مەسىلەن: Google شىركىتى پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى بولغان كۆزئەينەك، ئالما شىركىتىنىڭ قول سائىتى…قاتارلىقلار)

(6)靠谱
kao pu
ئىشەنچلىك

(7)屌丝
diao ci
زەكەر، ئارىلىك جىنسىي ئەزا؛ تەلۈ، كاكاسالتاڭ (ھاقارەت سۆزى)؛ يارىماس، لىڭتاسما

(8)财付通
cai fu tong
تېڭشۈن چىقىمدانى (تېڭشۈن شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(9)牛逼
niu bi
قالتىس، نوچى؛ دەھشەت؛ ئاجايىپ يامان، كۈچتۈڭگۈر

(10)泡妞
pao niu
(قىز-چوكانلارنى) كەلتۈرۈش، قۇشلاش، ئوۋلاش

(11)装逼
zhuang bi
ياسالما؛ پوچى، قاپاق نوچى (بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىغان كىشىلەر)

(12)傻逼
sha bi
ھاماقەت؛ كالۋا، دۆت

(13)淡定
dan ding
سالماق؛ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنى بېسىۋېلىش

(14)机顶盒
ji ding he
TV قۇتىسى (رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگىنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئادەتتە تېلېۋىزورنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ)

(15)汉考民
han kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق خەنزۇلار

(16)民考汉
min kao han
خەنزۇچە ئوقۇغانلار؛ خەنزۇ تىللىق مىللىيلار

(17)民考民
min kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق مىللىيلار

(18)余额宝
yu e bao
ئەلى قالدۇقدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار قالدۇق پۇلىغا ئۆسۈم بېرىش سۇپىسى)

(19)支付宝
zhi fu bao
ئەلى چىقىمدانى (ئەلى بابا گۇرۇھىغا قاراشلىق تاۋباۋ تور سودىسى شىركىتىنىڭ خېرىدارلار پۇل تۆلەش سۇپىسى)

(20)环线快客
Huan xian kuai ke
تېزبۇس (ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسى)

(21)正能量
zheng neng liang
ئىجابىي كۈچ

(22) 奇葩
ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان، ئالاھىدە، ئىنتايىن

(23) 鸡巴
زەكەر، ئارلىك جىنسىي ئەزا

(24) 无语
تىمتاسلىق، جىمجىتلىق

(25) 吐槽
سۆكۈش، چاۋىسىنى چىتقا يېيىش؛ دەرد تۆكۈش

(26) 温馨
مۇلايىم، ئىللىق، يېقىشلىق؛ مېھرى ئىسسىق.

(27) 卧底
سۇقۇنماق، سۇقۇنۇپ كىرمەك؛ بۆكتۈرمە

مەنبە : http://www.alimahat.com/?p=3607

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:12:42

بىر قانچىسى مەن ئويلاپ ئېسىمگە كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان تەرجىمە بوپتۇ،كەسىپ ئەھلى دېگەن بەرىبىر كەسىپ ئەھلىدە. كاكا سالتاڭ،قاپاق نوچى،قۇشلاش دېگەنلەر دەششەت جايىغا چۈشكەندەك
يەنە بىر قىسىمى پەقەت يېزىق تىلىدىلا ئىشلىتىلىپ،ئېغىز تىلىغا ئانچە كەلمەيدىغاندەك.
قانداقلا بولسۇن تەرجىمىسى بولغىنى ياخشى بولدى،لۇغەت ئاقتۇرۇپمۇ تەرجىمىسىنى تاپالمىسا كۆڭۈل بەك يېرىم بولىدىكەن

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:26:27

مىن كاۋ خەن ( تېلفۇندا خەنچە باسقىلى بولمىدى) نى خەنساۋات دېسە ياخشى بولغىدەك دەپ ئويلىۋىدىم

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:05:43

تەرجىمىلەر جايىغا چۈشۈپتۇ
ئارىلىك ئەمەس ئەرلىك بولۇشى كېرەكمۇ قانداق.
يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بار ھازىر ئىستىمالغا كىرىۋاتقان.
مەسلەن:
萝莉   
得瑟  
型男  
变态
色狼
(山寨(版
A 货      ئەڭ  يۇقىرى دەرىجىدە ئوخشىتىپ ياسالغان داڭلىق ماركىلىق ھەشەمەتلىك بۇيۇملار
    قالغانلېرىنى باشقىلارامۇ دەپ باقسۇن

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:15:38

15)汉考民
han kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق خەنزۇلار

(16)民考汉
min kao han
خەنزۇچە ئوقۇغانلار؛ خەنزۇ تىللىق مىللىيلار

(17)民考民
min kao min
مىللىيچە ئوقۇغانلار؛ مىللىي تىللىق مىللىيلار

-------------------------

جۇڭگوچە ئالاھېدىلىككە ئىگە تەپەككۇرنىڭ يەنە بىر ئۆرنىكى.
1. ئالدى بىلەن «ئاز سانلىق مىللەت» دېگەن ئۇقۇمنى بەرپا قىلىپ، كىيىن بۇ ئاتالغۇنى «مىللىي»غا ئۆزگەرتىپ، «مىللىلار»، «مىللىچە».... دېگەندەك ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ۋە تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ ھەممەيلەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. «بىز مىللىلار....» ياكى «مىللىلار بىلەن خەنزۇلار،....»

2. خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىلار - بۇمۇ يېزا نوپۇس، شەھەر نوپۇس دەپ كىشىلەرنى سىنىپلارغا ئايرىغاندەك، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار ۋە مىللىيچە ئوقۇغان مىلليلار (ئۇيغۇرچىدە ئوقۇغان ئۇيغۇرلار دېمەكچى) ئىككى كاتېگورىيەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئۇقۇملارمۇ شۇنچىلىك ياخشى قوبۇل قىلىندىكى، ھەتتا ئىجتىمائى مەسىلە سۈپىتىدە تەبىقىلەشتۈرۈپ چىقتۇق.

دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە، باشقا تىلدا ئوقۇغانلارنى ئايرىپ بىر كاتېگورىيە شەكىللەندۈرىدىغان ئەندىزە يوق.
بىر بالا تۇغۇلۇپ يېزا نوپۇسى ياكى شەھەر نوپۇسى دەپ ئايرىلىپ، تامغا ئۇرلۇپ كېتىدۇ. لېكىن بۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىككى كاتېگورىيەنىڭ بىرسىگە مەنسۇپ بولىدىغان...
......

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:17:07

Wolqan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 11:26 static/image/common/back.gif
مىن كاۋ خەن ( تېلفۇندا خەنچە باسقىلى بولمىدى) نى خەنساۋ ...

خەنساۋات دىسىڭىز خەنزوچە بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالىدىغاندەك. مەندەك مىللىچە ئوقۇغان لېكىن خەنزوچىنى كىيىن ئۆگىنىۋالغانلارمۇ بۇ دائىرىگە كىرىپ كىتەمدۇ قانداق...

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 13:08:21

مىللىي دېگەن گەپ بىلەن خەنزۇدىن باشقا مىللەتنى ئاتاش پۈتۈنلەي خاتا. مىللىي دېگەن گەپ خەنزۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بارغۇ. مەسلەن: چاغان خەنزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى. يەنە  خەنزۇ ئاياللىرنىڭ يوتىسىنىڭ يېنىنى ئېچىپ قويۇپ كىيىدىغان كۆينىكى (چىپاۋ دەمدا) خەنزۇلارنىڭ مىللىي كىيىمى.... دېگەندەك.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 13:32:17

چاغان دىگەن سۆز تىلىمزغا قانداق كىرگەن؟ خەنزۇلار春节.过年 دەيدىغۇ    ،  چاغانتوقاي دەپ ناھىيەمۇ بار ، مەملىكەت خەۋەرلىرىدە ئىچكىردىكى بىر كۆلنى چاغانكۆل دەۋاتاتتى
  موڭغۇللار مۇ چاغان ئۆتكىزەمدۇ

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 13:54:56

卧底 دېگەن ئىشپىيۇن دېگەن گەپ ئەمەسما؟

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:35:56

« مىنكاۋخەن » نى « خەنزۇۋان » دېسە بولدىغاندەك

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:49:51

卧底  ئىسىم ئىسىم بۇلا ، مەنىسى ئىشپىيۇن ،
يەنە  土豪  = باي  ،پۇلدار ؛  
给力

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 16:21:06

屌丝نىڭ ئۆلچىمى بويىچە بايىقى تەرجىمە تازا چۈشمەيدىغاندەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   79588010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 16:22  

Qutadmish يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 17:15:08

无语
بۇنى يېڭى سۆز دەپ تۇرۇپ قىلغان تەرجىمە بەكلا چەتنەپ كېتىپتۇ.
无语作为网络语言和郁闷、无奈的意思差不多,本意是没有话讲,在网络中却引申为看到某种人或事表示不理解、没有头绪,或者是表示不愿再为此计较、懒得说,或者是崇拜至极而发出的无话可说的感觉,有的时候不知道说什么就发这个回应一下。
بەيدۇ قامۇسىدا تولۇقى بار.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 21:26:49

ۋاقتىڭلار بولسا ئەلى قالدۇقدانى  ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسەڭلار بوپتىكەن؟ بۇ يەردە پۇل قويۇپ قويساق بىخەتەرمۇ ؟:lol
ئادەتتە پۇل قاچىلىساق ئاۋال شۇ يەرگە كىرىۋالىدىكەن...

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:02:19

ئەرلىك دىگەن سۆز ئارلىك بوپ قالدىمۇ?

perex323 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 23:42:55

房奴
车奴
月光族
蜗居、
蚁族、
鼠族(يېقىندا بېيجىڭدا يەر ئاست ئىسستىش تۇرۇبا يولىدا تۇرىۋاتقانلارنى شۇنداق ئاتىدى)قاتارلىقلارنى قانداق ئاتىسا بولار؟
بەت: [1]
: قېلىپلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار