osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:55:08

نۇر رىسالىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىلدى

نۇر رىسالىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىلدى

تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى، بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ «رىسالەئى نۇر كۈللىياتى» نىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن «ئىشاراتۇل ئىئجاز» ئىسىملىك ئەسىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە باستى. باشباقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىتاپنىڭ بىرىنچى باسمىسىغا ئىمزالىق تەبرىك خېتى يازدى:

“2014.01.25
Merhum üstadımızın arzularının yerine getirilmiş olmasının huzuru içindeyiz. devamı niyetiyle …
R.Tayyip ERDOĞAN”
«2014.01.25
مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنىڭ ھوزۇرى ئىچىدىمىز. داۋامى (نىڭ بېسىلىشى) نىيىتى بىلەن...
رەجەپ.تاييىپ ئەردوغان»

ئىشاراتۇل ئىئجازنىڭ دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى تەرىپىدىن بېسىلىشى قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟
   ئۇستاز بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئارزۇلىرىدىن بىرى، نۇر رىسالىلىرىنىڭ دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى تەرىپىدىن بېسىلىشى ئىدى. سۈرگۈنلەردە، نەزەربەندتە ۋە تۈرمىلەردە يېزىلغان نۇر رىسالىلىرى 1950 غا قەدەر تۈركىيەنىڭ شۇ زاماندىكى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، باشقا دىنىي ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا چەكلەنگەن. سوتلاردا نۇر رىسالىلىرىنىڭ ئىمان ۋە ئەخلاق ئاساسىدىكى بايانلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە زىيىنى ئەمەس، بەلكى پايدىسى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ، دەۋادا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن، نەشىر قىلىنىشقا رۇخسەت بېرىلگەن. بەدىئۇززامان ۋە ئۇنىڭ تالىپلىرى خۇسۇسىي نەشرىياتلىرى ئارقىلىق بېسىشقا باشلىغان. ئەمما تۈرلۈك توسقۇنلۇقلار سەۋەبىدىن تا ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېسىلمىغان ئىدى. بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ ھازىر ھايات بولغان تالىپلىرى، 2012-يىلى دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقىنىڭ باشقانى مەھمەت گۆرمەزگە بۇ تەلەپنى بەردى. بېسىش تەييارلىقى شۇنىڭدىن باشلاندى. «ئىشاراتۇل ئىئجاز» بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە جەڭ مەيدانلىرىدا يازغان ئەسىرى بولۇپ، كىشىنى ئويغا سالىدىغان يېرى شۇكى، ئەسەر يېزىلىپ تا نەشىر قىلىنغان بۈگۈنگە قەدەر دەل 100 يىل بولغان ئىدى. مۇشۇنداق دەل كېلىش بىلەن كىتاپنىڭ بېسىلىشى ۋە باشباقان ئەردوغاننىڭ بۇ ئىشتىكى قىزغىنلىقى، بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى بولغۇسى.

بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىنىڭ تالىپلىرى قانداق مۇئامىلىدە بولدى؟
   ئۇستاز ھەزرەتلىرىنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن رىسالەئى نۇر خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتقان تالىپلىرىدىن ھۆسنۈ بايرام، مەھمەت فىرىنجى، ئابدۇللاھ يەگىن، ئابدۇلقادىر بادىللى قاتارلىقلار تولىمۇ سۆيۈندى. ھەمدە، ئىمزالىق تەبرىك يېزىپ بەردى:
Hüsnü Bayramoğlu ağabey: "Üstadımız Said Nursi Hazretlerinin en mühim arzusunun tahakkukunu görmekle bu eserin basılmasına binlerle teşekkürler ve çok güzel intizamlı olmasını tebrik eder devamlarını temenni ve niyaz ederiz."

ھۆسنۈ بايرام: «ئۇستازىمىن سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈش بىلەن، بۇ ئەسەرنىڭ بېسىلىشىغا مىڭلارچە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. ھەمدە تولىمۇ كۆركەم بېسىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. داۋامىنىڭ بېسىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ ۋە دۇئا قىلىپ
-ھۆسنۈ بايرام»
Abdullah Yeğin ağabey: "Cenab-ı Hak Adil-i Mutlaktır. Acele etmez."
ئابدۇللاھ يەگىن:«جانابى ئاللاھ مۇتلەق ئادىلدۇر. ئالدىرىمايدۇ.
-ئابدۇللاھ يەگىن»
Mehmet Fırıncı ağabey: Risale-i Nur'un tamamının neşrinin duası ile..."
مەھمەت فىرىنجى:«رىسالەئى نۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ
-مەھمەت فىرىنجى»
2014-01-27 06:40 risale haber خەۋىرى

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 07:09:58

ياخشى باشلىنىش ئاللاھىم ياخشى كىشلەرنى خاتىرجەم ئامان قىلغىن

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 07:18:08

فەتقۇللا گۈلەن قانداق ئىپادە بىلدۈرگەندۇ؟!
ئەرتوغان ھەقىقى نۇرچىلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقچى ئوخشايدۇ،  

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 07:23:03

بۇ كىتاب ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 08:02:10

{:112:}

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 09:22:22

نۇرچىلارنىڭ بارلىق يولىنى توپتوغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.نۇرچىلارنىڭ دىننى ناتوغرا سىياسەت ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىمۇ ئەمەلىيەت

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 09:58:32

فەتھۇللا گۈلەننىڭ ئىچى ئېچىشىپ كىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

osmanli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:59:18

مېنىڭچە ئەردوغان،  ئىمزاسىدا "ئۇستازىمىز" دېيىش  ئارقىلىق،  بىر مەنانى ئىپادىلەۋاتىدۇ.   بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ئۆزىنى قاماپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان تۈرمە باشلىقىغىمۇ بەددۇئا قىلماپتىكەن.  ھەم سىياسەت دۇنياسىدىكى يالغانچىلىقتىن ئۈركۈپ ، پىتنىچىلەرنىڭ باش بولۇۋېلىشى، ھەمدە دىندارلارنىڭ ئۇلارنىڭ پىچكىسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى؛ خەلقنىڭ  "دىننى سىياسەتكە ۋاستە قىلدى " دەپ كىشىلەرنىڭ دىندارلاردىن قېچىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،  پەقەت ئىمان خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ خەلقنى ئىسلاھ قىلغاندا ھەممە مەسىلە ھەل بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، سىياسەتتىن قول ئۈزگەن ئىكەن.  ئەردوغان خاتالىقنىڭ نۇرچىلاردا ئەمەس، فەتھۇللاھ گۈلەن جامائىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 12:19:38

تېمىسىنى «نۇر رىسالىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى» دەپ ئالغان بولسا چۈشىنىشكە ئاسان بۇلارىكەن

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:24:06

نۇرچىلارنى باسقان ئوخشايدۇ دەپ كىرىپتىمەن، ئەسلى كىتابلار نەشىر قىلىنىپتىكەنغۇ

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:29:58

Kamdidar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 12:19 static/image/common/back.gif
تېمىسىنى «نۇر رىسالىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ن ...

تەرىپىدىن دېگەننى قوشمىسىمۇ شۇنداق چۈشىنىشلىك بولاتتى مېنىڭچە.
نۇر رىسالىلىرىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى نەشىر قىلدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى نۇر رىسالىلىرىنى نەشىر قىلدى.
بەت: [1]
: نۇر رىسالىلىرى تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىلدى