waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 20:28:52

شىنجاڭ گۇاڭخۇي شەندۇڭ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ  32- ئايلانما  باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مىھمان مەيدانىدا شەندۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرى 93- 103 نەتىجە بىلەن  شەندۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتىگە خاتىمە بەردى.   نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 24 مەيدان غەلبە قىلىش 8 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن ئىلىپ بىرىلغان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىيجىڭ كوماندىسى 102-117 نەتىجە بىلەن سىچۋەن كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاچقا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ مەيداندىكى مەغلۇبىيىتى ئىككىنچىلىك ئورنىنىڭ مۇقىملىقىغا ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 29 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 18 نۇمۇر، 11 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  شىرئەلىجان 11 نۇمۇر، 1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   سېنگېلدون 8 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 9 نۇمۇر،3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
شەندۇڭ كوماندىسىدىن جېتىر 33 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى،5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دىڭ يى يۈخاۋ 19 نومۇر، تاۋ خەنلىن 12 نومۇر، خاۋېي 12 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ،  لى جىڭيۈ 11 نۇمۇر ئالدى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 14- فېۋرال ساھىپخان مەيداندا جېجىياڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:14:37

گەرچە ئىككىنچى ئورۇندا بولسىمۇ نەتىجىسىنى بەك كۆرۈنەرلىك دىگىلى بولمايدۇ. 9 مەيدان ئۇتتۇرغان بولدىما ئەمدى...

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:48:43

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 21:14 static/image/common/back.gif
گەرچە ئىككىنچى ئورۇندا بولسىمۇ نەتىجىسىنى بەك كۆرۈنەر ...

تىمىدا 8 مەيدان ئۇتتۇردى دەپ ئىنىق تۇرمامدۇ؟;P

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:56:52

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 21:48 static/image/common/back.gif
تىمىدا 8 مەيدان ئۇتتۇردى دەپ ئىنىق تۇرمامدۇ؟

ماۋۇ مەغلۇبىيەتنى ئىككى قىتىم ھىساپلىۋاپتىمەن...:shutup:

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 22:07:46

يىقىندىن بۇيان ۋاسكىتبولدا ئۇيغۇر تەنھەركەتچىلەرنىڭ خوش خەۋىرى  ئۈزۈلمەي كىلىۋاتىدۇ دىسە.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 14:58:50

ئاخشامقى مۇسابىقىنى بەك سەت ناچار ئوينىدى، كۆرەشكە تاقەت قىلالماي ئاخىرىنى كۆرمەيلا قويدۇم ئۇتتۇرىشى ئېنىق بولۇپ بولدى دەپ.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 22:07:39

شىنجاڭ گۇاڭخۇي شەندۇڭ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى
----------------------------------------------

تور تەرجىمىچىلىقتا ئانا تىلىمىز دەپسەندە قىلنىۋاتىدۇ
«مەغلۇپ قىلىندى »  ئەجەبا بۇ سۆزنى يىڭىلىپ قالدى، يىڭىۋالدى، ئۇتتۇرۋەتتى.... دەپ ئالساق گۇناھ بولارمۇ؟
قايسى كۈنى قارىسام مەلۇم ئىستانسا «ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنىدىن ، بەشىنجى كۈنىگىچە» دەپ ئاتاۋاتىدۇ،ئەجەبا ھەرھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە ... دىسەك تىلىمىز سىسىپ كىتەما؟ ئانا تىلىمزىنىڭ سۆز بايلىقىنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىپمۇ باشقىلارغا ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ ، بۇرادەرلەر . {:101:}
بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي شەندۇڭ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى