دۇڭگۈەندىكى پاكىزلەشتىن ئويلىغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-12 19:221.سىنا تورىدىن گۇاڭجۇڭ دۇڭگۇەن توغۇرلۇق ئىكرانلىق ئۇچۇرلارنى كۆرىۋېتىپ ، بىرمۇخبىرنىڭ دۇڭگۈندىكى تاكىراڭخانىلارغا بولغان مەخپى زىيارىتىنى كۆرۇپ قالدىمدە . بىر تاكىراڭخانىغا كىرگەن مۇخبىر ئايال دەللالنى گەپكە سېلىپ ساقچى كىلىپ قالسا قانداق قىلارمەن دەپ غەم يىسە دەللال قوپۇپ :ۋاي ساقچىدىن بىزەمۇ ئەنسىرمەڭ ، ئەڭ يامىنى مۇخبىرلارنىڭ جەميەتكە ئاشكارلىۋېىتىشى دەپ چۇشەندۇرۇدى ، ئەمىليەتتە بۇ دەللال قورۇققان ئىشنىڭ دەل ئالدىدا يۇز بىرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ .
2. مۇخبىر تاكاراڭخانىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ نۇرغۇن نومۇسسىز رەسۋالارنى سىنغا ئېلۋېلىپ قايتىپ چىقىپ تاكىراڭخانا ئالدىدا ساقچىغا تېلفۇن سوقتى . ۋەي ساقچىما پوكونچى تاكىراڭخانىدا ئىپپەت نومۇسىنى ساتىدىغان قانۇنسىز ئۇۋا باركەن .ساقچى :سىز قانداق بىلىدىڭىز ، مۇخبىر :مەن ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۇم ، ساقچى ھە بىز ھازىر ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۇرەيمىز . مۇخبىر تاكىراڭخانا ئالدىدا كەچ كىرگىچە ساقىلىغان بولسىمۇ ساقچىلارنىڭ قارىىسمۇ كۆرۇنمىگەن .
3.توردىن كۆرۇشۇمچە دۇڭگۇەن شەھرىنىڭ موشۇ تاكىراڭخانا رېستۇران كەبى يوقۇرى ئىستىماللىق بۇزۇقچىلىقلارغا سالغان مەبىلىغى ئومۇمىسى 30مىليارت يۇەن ئىكەن.
4.خەن ئوبزورچىلىرىنىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشچە پاھىشىنىڭ كەينىدە خوجايىن ، خوجايىننىڭ كەينىدە چىرىك ئەمەلدار چىرىك ئەمەلدارنىڭ كەينىدە يولۋاس ئەمەلدارلار باركەن ،بۇ قېتىمقى دۇڭگۇەندىكى پاسكىنچىلىقنى سۇپۇرۇپ پاكىزلەش ھەركىتىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ئەمەلدارلار سورىننى ئومۇمىيۇزلۇك تەرتىپكە سېلىش ،چۆچىتىش بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن ،يەنە ئەلنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپقان ھەر كەت بولۇپ ھىساپلىنىدىكەن ،
شۇنداق ئەل كۆڭلىگە ئەلۋەتتە ياقىدۇ ، ئويلاپ كۆرىڭىزلەر بۇزۇقچىلىققا ئىسراپچىلىققا يوقۇرى ئىستىمالغا سېلىنغان 30 مېليارت مەبلەغ ئاز گەپ ئەمەستە ، يەنە ئويلاپ كۆرسەك بۇ شەھەردە قانچىلىك پاھىشە بار ، بۇ پاھىشىلەر زادى نەدىن كەلگەن ، بۇ پاھىشىلەرمۇ جۇڭگۇلۇق ، ئۇنىڭ ئۇسىتىگە ئاددى ئاۋام پۇقرانىڭ قىزلىرى ئىكەنلىكىدە شۇبھە يوق ، نۇرغۇن مەجبورلاش چىقىش يولى تاپالماسلىق بۇ قىزلارنى موشۇ كوچىغا سۆرىگەن ، موشۇ پاھىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىرەرمۇ ئەمەلدارنىڭ ، باينىڭ قىزى بولماسلىقى مۇمكىن . مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ قېتىملىق پاسكىنچىلىققا قارىتىلغان تازلاش پۇقرالارنىڭ قەلىپ يارىسىغا ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولىدۇ ،
ئەينى يىللىرى دۆلىتىمىز ئازات بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي بىيجىڭ شاڭخەيدىكى پاھىشىلەرنىڭ ھەممىنى يېغىۋېلىپ تەربىيلەپ ھەر قايسى بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا يوللاپ ئۇلارنىڭ ھالال ياشاىشى ئۇچۇن پۇرسەت ياراتقان پارتىيمىزنىڭ بۇ قېتىممۇ مەيلى دۇڭگۇەندىكى بولسۇن مەيلى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى پاھىشلەرنى تولۇق يىغىۋېلىپ ئۇلار نى ھالال ياشاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلشىنى ئۇمۇت قىلىمىز . چۇنكى پاھىشە دەپ كەمسىتكەن بىلەن ئۇ ئاۋام پۇقرانىڭ جەميەت تەرپىدىن ئىلاجىسىز قالدۇرۇلغان قىز پەرزەنىتلىرى بولۇشى مۇمكىن .
5 .ئەمدى يۇرتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىمۇ بۇنداق تاكىراڭخانا ، قىزىل چىراق رايۇنلىرى خېلى بەك ئاۋۇپ قالدى ، بۇنداق تاكىراڭخانىلار يۇرت يۇرتلاردا قانۇنسىز ئېچىلىپ جەميەت مۇقىملىقى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۇزمەكتە . بولۇپمۇ ئەيدىز ۋە باشقا جىنسى كىسەللەر نىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتى كىشىنى قاتتىق چۆچىتىدۇ ،
شىنجاڭدىكى تاكىراڭخانىلاردىكى تاكىراڭلارنى ئىچكىرسىدىن چىققان تاكىراڭلار ۋە شىنجاڭدىكى بىندى تاكىراڭلار دەپ ئىككىگە بۆلۇش مۇمكىن ،
شىنجاڭدىكى بىندى تاكىراڭلارنى ئۇيغۇر تاكىراڭلار ۋە باشقا تاكىراڭلار دەپ يەنە ئىككىگە بۆلسەك ،
جۇملە ئەمدى ئۇيغۇر تاكىراڭلار غا كەلدى ، ئۇيغۇر تاكىراڭلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تاكىراڭلار ۋە ئىچىكىرسىدىكى ئۇيغۇر تاكىراڭلار دەپ بۆلسەك ، موشۇ قېتىملىق پاسكىنچىلىقنى تازلاش ھەركىتىدە ئۇيغۇر تاكراڭلىرىغا زادى قانداق مەسئوليەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك ، ئۇلارغا بىر ھالال ياشايدىغان كەسىپ ئۆز ئىنسانى قەدىر قىممىتى بىلەن ياشايدىغان غۇرۇر ئاتا قىلىش نۆۋەتتە ئەلۋەتتە مۇھىم .
مەن ئاپتۇنۇم رايونلۇق ھۆكۆمەتنىڭ ئۇيغۇر تاكىراڭلىرىغا مەسئوليەت بىلەن قاراپ ھەل قىلىش چارىسىنى كۇنتەرتىپكە قويۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن . م
6. شۇڭا دۇڭگۈەندىكى بۇ پاسكىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەركىتىنىڭ دائىرسىنىڭ كەڭلىشىنى يۇرتىمىزغىمۇ ساپ ھاۋا پاكىزلاش ئېلىپ كىلىشنى ئۇمۇت قىلىمەن .
7.ئاخىرىدا ھەممىڭىزلارغا ئسىلام ئۆلىماسى موسا جارۇللايۇفنىڭ قەشقەرگە زىيارىتىنى ئەسلىتىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-12 19:51
:( Birhon يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 19:50 static/image/common/back.gif
دۆلەت مەمورى قىلۋەتمىسىمۇ ئاشۇ پاھىشىلەرنىڭ جۇملىدىن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر پاھىشىلەرنى يىغۋېلىپ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇشىدىكى ئىقتىسادى ھاڭلارنى تۇزلەپ بىر يېپيېڭى ھايات بىر ھالال ياشاش يولى بىلەن تەمىنلەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۆمەتكە نسبەتەن ، قىلغىلى بولمايدىغان ياكى ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان ئەمەس ،
موشۇنداق ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئۇيغۇر پاھىشىلەرگە ئىنسانىيەت ياردىمى بىرىش ،ئۇلارغا خاتىرجەملىك ھالاللىق يارىتپ بىرىش بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقىلى قايىللىغىنى قوزغىغىلى بولىدۇ ، tohotur يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 19:56 static/image/common/back.gif
دۆلەت مەمورى قىلۋەتمىسىمۇ ئاشۇ پاھىشىلەرنىڭ جۇملىدى ...
قايىل قىلارلىق ئىنكاس .
ئەمما شۇنىسىنى تەكشۇرۇپ كۇرۇش كىرەككى ‹بەزىلەر› تاكراڭلارنىڭ كۇپىيىشىنى ئۇمىد قىلامدۇ قانداق ؟ بۇنداق ئۇيۇنلار ھەر يېلى بارغۇ ...
كىچىك سويمىلارنى تۇتۇپ ، قوقۇتۇپ ، چوڭلىرى ئۆزلىرىنىڭ بازىرى كىڭەيتىش ، باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرى ...
خەلقئارادا ئازراق گەپ سۆز باشلانسلا ، تاراتقۇلار مۇشۇنداق خەۋەرلەرنى چىقىرىپ ، خەلقنىڭ كۆزىنى باشقا يەرگە قارىتىپ قويىدىغان ...
地沟油 ياسايدىغان ، يالغان مال ساتىدىغان ، ھاۋۋ ھاۋۋ بولىدىغان ..... پاھىشىدىن ئۆتە پەس بىر نىمىلەر ... پاھىشىلەرنى ئۆزگەرتىش بىر مەسىلە، لىكىن ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش خىيالى بارمۇ يوق بۇ تىخىمۇ مۇھىم ئىش، ئۇلارنى يىغىۋىلىپ سىرىت بىلەن ئالاقىنى ئۈزىۋىتىپ ئۇلار قىلالايدىغان ئىشلارغا سالسا زادى قانچىسى ھالال ئىشلەي دەپ ئۆز يولىنى تاپالايدۇ؟ جاپادىن قورقىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلار شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان. ماندا قارىسام شىنجاڭدىكى ، بولۇپمۇ جەنۇپلاردىكى تاكىراڭخانىلار قانۇنسزدەك ئەمەس ، ھۆكۈمەت ياردىمىدە :funk: begtash يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 21:56 static/image/common/back.gif
پاھىشىلەرنى ئۆزگەرتىش بىر مەسىلە، لىكىن ئۇلارنىڭ ئۆزگ ...
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ كىممىڭمۇ ئىللىق بىر ئۆيى ،نورمال بىر تۇرمىشى ، ھالال كۆڭۇللۇك بىر كەسپى بولۇشنى ئۇمۇت قىلمىسۇن ،
تەڭدىن تولىسى نۇغۇن قەرىز گە بوغۇلغان ، ياشاشقا ئامالسىز قالغاندا ئاندىن بۇ يولنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن ، توردا ، ۋېيشىندا ساپلا مۇشۇ خەۋەر ، خەنزۇلار دەپتۇ : بۇ قېتىمقىسى دوڭگۈەن شەھىرىگە بولغان بىر قېتىملىق ئالاھىدە تەشۋىقات بولدى !! بۇندىن كېيىن بۇ ئىشلار تېخىمۇ ئەۋج ئالىدۇ، خېرىدار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ !!
دېمىسىمۇ بىلمەيدىغانلار بۇ ئارقىلىق دوڭگۈەنگە قىزىقىپ قالىدۇ ، بېرىپ باققۇسى كەلگەنلەر كۆپىيىشى مۇمكىن، ئىجابىي تەسىرىدىن سەلبىي تەسىرى چوڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن !!! ئەمىلىيەتتە جەمىيەتتىىكى ئەخلاق مەسىلىسى دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىجرا ئۈنىمى بىلەن زىج مۇناسىۋەتلىك ، ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقنى ئىگەللىگەن ھۆكىمەت ئورگانلىرىدا پارىخۇرلۇق ، شەكىلۋازلىق ، نەپسانىيەتچىللىك، ھاكۇۋۇرلۇق، بىيوكراتلىك ئەۋىج ئالسا جەمىيەتتىنىڭ ئىنچىكە قاتلاملىرىدىمۇ شۇ خىل ھالەت شەكىللىنىدۇ ، ئۆلكە دەرىجىلىك بەزى ئەمەلدارلار ئاشنا ئويناشتا رىكورت يارىۋاتىسا ئاددى پۇقرا بۇنداق بۇزۇقچىلىقتىن ئۆزىنى تارتالامدۇ !قانۇن تۈزۈم ئادىل باراۋەر ئىجرا بولمىسا ئاۋامدا سىياسەت ۋە جەمىيەتكە بولغان بولغان گۇمان ، ئىشەنىچسىزلىك پەيدا بولىدۇ، ھەتتا ئىجدىمائى ئەخلاققا بويسۇنىشىمۇ سۇسلايدۇ، شۇڭا جۇڭگۇ ئاڭلىق ئوچىرەتتە تۈرۈش ئومۇملىشالمىغان ، تۈزۇم ئەسكەرتىشلەر كۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ بويسۇنمايدۇ ، چۈنكى ئۇلاردا قانۇن تۈزۈمنىڭ ئىجرا بولىشىغا ئىشەنىج قالمىغان ئۆزى خۇپىيانە تەكشۈرۈپ، ئىسپات توپلىغاندىن كېيىن زىرىكمەي ساقچىغا تېلفون قىلىپ دىلو مەلۇم قىلىپ، ئاخىرىدا رەھبەرلەر تەرپىدىن ئىت باقارلىققا ئىۋەتىلۋەتكەن ئالاھىدە ساقچى تونۇشۇم يادىمغا كىلىپ قالدى... ئەينى يىللىرى دۆلىتىمىز ئازات بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي بىيجىڭ شاڭخەيدىكى پاھىشىلەرنىڭ ھەممىنى يېغىۋېلىپ تەربىيلەپ ھەر قايسى بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا يوللاپ ئۇلارنىڭ ھالال ياشاىشى ئۇچۇن پۇرسەت ياراتقان پارتىيمىزنىڭ بۇ قېتىممۇ مەيلى دۇڭگۇەندىكى بولسۇن مەيلى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى پاھىشلەرنى تولۇق يىغىۋېلىپ ئۇلار نى ھالال ياشاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلشىنى ئۇمۇت قىلىمىز . چۇنكى پاھىشە دەپ كەمسىتكەن بىلەن ئۇ ئاۋام پۇقرانىڭ جەميەت تەرپىدىن ئىلاجىسىز قالدۇرۇلغان قىز پەرزەنىتلىرى بولۇشى مۇمكىن .
ئۇ، شۇ چاغدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى، ھازىر ئۇنداق قىلغىلى بولماس.
قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئېتىقاد، ئەخلاقنى كۈچەيتىش. ئىنكاسىم يوق تۇرىدىغۇ ئادەمدە جىنسىي ئېھتىياجلا بولىدىكەن بۇ كەسىپنى ھىچكىم توساپمۇ بولالمايدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتىمىز بۇنى بىژ قايدا قىلىمىز دىمەي ساق قالغانلىرىنىڭ بۇ يولغا كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان تۈززۈك . ھەممىسىنى يىغىپ شىنجاڭنى باي قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلىۋەتسە، ئالە شەنى. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا قانۇنلاشتۇرۇپ،قانۇنلۇق تىجارەت كىنىشكىسى تارقىتىپ،سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ،كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلسىلا بولىدىغان ئىش.يەنە مىنى تىللاپ يۈرمەڭلار،ھەق گەپ ئاچچىق بۇلىدۇ مۇشۇنداق:lol:lol:lol dawanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-2-13 09:28 static/image/common/back.gif
ئەڭ ياخشىسى يەنىلا قانۇنلاشتۇرۇپ،قانۇنلۇق تىجارەت كى ...
ھەق گەپ قىلغان داۋانچى غوجام ، ھەمشىە قېرنداشلىرىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىپ ئاندىن ھەق گەپ قىلسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىزغۇ ديمەن يې باللا، مۇشۇ شامالدىن پايدىلىنىپ، بىكا تىلفون كارتىسى بولسا، ئىشىك ئالدى، مەكتەپ يېنىدىكى قايچا تاغاق تاپقىلى بولمايدىغان ساتىراشخانىلارنى مەلۈم قىلىپ سىناپ باقساق، ما ساقچىلار چۆچۈپ قالامۇ؟