Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:51:38

تۈرمىدىن قاچۇرماي كۆپ ۋىيشىن قاچىلاش ئۇسۇلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Pasiban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-12 16:53  



بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دانە ۋىيشىن (مىكرو ئۇچۇر) ئىشلىتىشنى خالايدىغان، لېكىن بىر تال ۋىچەتتىن چېكىنىپ يەنە بىرنى ئېچىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرىدىغان كىشىلەركۆپ بولسا كېرەك. بۈگۈن بىز ئايفوندا تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپ ئىككىدىن ئۈچكىچە ۋىچەت قاچىلايدىغان ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.


بۇنىڭ ھېچقانداق بىر تېخنىكىلىق جەريانى يوق بولۇپ، ئايفوندىكى سافارى ئارقىلىق تۆۋەندىكى بەتنى ئاچىمىز.

http://app.neihanshe.cn/weixin.php

ئاندىن ئاستىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر بەت ئېچىلىدۇ. ئۈستىدىكىنى بېسىپ ئىككىنجى ۋىيشىننى، ئاستىدىكىنى بېسىپ ئۈچىنجىسىنى قاچىلىۋېلىڭ.



قاچىلاشنى باسقاندا ئەسكەرتىش چىقسا ئۇنىڭدىن «قاچىلاش» دېگەننى تاللاپ بېرىپ داۋاملاشتۇرىمىز.

ئارتۇقچىلىقى : بىر ئايفوندا كۆپ ۋىيشىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

كەمچىللىكى: دەسلەپتە سىزدە بارىغا ئۇچۇر كەلگەندە ئەسكەرتىدۇ. لېكىن كىيىن قاچىلىغاندىكىسىگە سىز ئاچمىغۇچە ئەسكەرتمەيدۇ (ئەسكەرتىش تاقاقلىق ھالەتتە قاچىلىنىدۇ). ئەگەر يېڭىسىنىڭ ئەسكەرتىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋەتسەك ئىلگىرىكىسىنى ئەسكەرتمەسلىكى مۇمكىن. ئىشقىلىپ ئەسكەرتىش ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرىلىدۇ. شۇڭا مۇھىمراقىنى بۇرۇنقى ۋىيشىندا ئېچىڭ، يېڭى قاچىلىغانغا قوشۇمچىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئايفوندا ئىككى ۋىيشىن ئىشلىتىش مانا مۇشۇنداق ئاددىي ئىش…

مەنبە : http://blog.pasiban.com/install-more-wechat-without-jailbreak.html

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 17:37:20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنىڭ ۋېيشىن دىيىشى ..........  {:118:}

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 17:44:02

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 17:37 static/image/common/back.gif
ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنىڭ ۋېيشىن دىيىشى ..........

ۋېيشىن ۋېيشىن بولماي نىمە بولماقچى؟

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:44:29

ئۈندىدار بولغانتى . ئۇيغۇرچىسى

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:52:46

Wolqan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 17:44 static/image/common/back.gif
ۋېيشىن ۋېيشىن بولماي نىمە بولماقچى؟

ئۇيغۇرچە مۇنبەردە ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچە بولماي نېمە بولماقچى يەنە؟

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 20:54:55

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 19:52 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە مۇنبەردە ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچە بولماي نېمە بو ...

تېڭشۈن خەنزۇچىسىنى 微信 ، ئىنگىىلىزچىسىنى Wechat دەپ نام بىرىپتۇ.
شۇنداق دەپ ئىشلەتكەچ تۇرۇڭلار

مەھسۇلات نامى تەرجىمە قىلىنمايدۇ بىلسەڭلەر

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 20:58:13

Mewdudi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 19:44 static/image/common/back.gif
ئۈندىدار بولغانتى . ئۇيغۇرچىسى

海尔 نى خەيئېر دەيمىز، 长虹 نى چاڭخوڭ دەيمىز
飞信,易信,微信ھەممىسىنى ئۇدۇل دېسەكلا بولدى
تەرجىمە قىلىش، ئات قويۇش ئارتۇقچە

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:06:50

ماۋۇ تېما يوللانغاندىن كېيىن، مەن ھە دېسە «ئۈندىدار-ئۈندىدار... » دەپ ئېغىز غېرىچلايدىغان 5 تونۇشۇمغا تېلېفون قىلىپ، ئاداش تېلېفون نومۇرىڭنى ئۆزگەرتتىڭمۇ، ئۇ بۇ دەپ گەپكە سېلىپ تېلېفون نومۇرىنى دېگۈزۈپ باقتىم. 5 نىڭ ھەممىسى ياۋ سەن سەن، ياۋ سەن ۋۇ، ... ياۋ با لىيۇ... دەپ جاۋاب بەردى....
بۇ قىسقا سىناق نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتىلىدىكى، «ئۈندىدار» دەيدىغان بەش تونۇشۇمنىڭ ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلۈشى يالغان. (مەن ئىزدىنىشتىكىلەرنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ دېمەكچى ئەمەس) ئەمما:
خەقنىڭ نەرسىسىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويىمەن دېمەي، ئۇيغۇرچە ئىسمى بار نەرسىنى ئۇيغۇرچە ئىسمىدا ئاتاشنى داۋاملاشتۇرايلى...

Mewdudi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:20:09

pansat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 20:58 static/image/common/back.gif
海尔 نى خەيئېر دەيمىز، 长虹 نى چاڭخوڭ دەيمىز
飞信,易信,微信ھەمم ...

مەن بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن تونۇيدىغان خەنزۇۋان بالىلارمۇ ئۈندىدار دەپ ئاتىغاچ، سەل تەسىرلىنىپ قاپتىمەن. ئەمدى مەنمۇ ئارتۇقچە ھاياجانلانماي ۋېيشىن دەۋېرەي.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:39:16

Android نىڭ يوقمىدۇ؟
قىزىقىپ قالدىم

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 22:16:24

مەن ۋىيشىننى تاشلىۋەتتىم، سىلەر ئىككىنى ئىشلىتىپ بولالماي ئاۋارىمۇ؟

jahangir786 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 22:58:49

ئۆز نامى بىلەن ئاتىغىنىمىزغۇ ياخشى ئىش، ئەمما ما ئىنگىلىسلارنىڭ نىمە قىلغىنىدۇ دەيمەن ۋىيشىن دىمەي ۋىچەت wechat دەپ

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 07:30:35

سەن خەقنىڭ مۇشۇنداقلىقىدىن بىزدە ئىتتىپاق يوق، نوپوزلۇق مەتبۇئاتلاردىن تارتىپ شۇنداق ئاتاپ ئوموملاشتى، سەن نېمە دەپ شۇنداق ئاتىمايسەن؟ شۇنداق ئاتىغىن ،پاكىتىڭنى قۇيۇپ تۇرۇپ ، ئومومغا ئەگەش ،ئەگەشكىنىڭ ئەگەشمىگىنىڭدىن كۆپ ياخشى.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 09:51:17

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 07:30 static/image/common/back.gif
سەن خەقنىڭ مۇشۇنداقلىقىدىن بىزدە ئىتتىپاق يوق، نوپوزل ...

ما مۇنبەردە « سەرخىل » زىيالىيلار باركەن ، ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى تېخنىكىغا ماسلاشتۇرىمىز دەيدىغان .

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:14:02

چوڭاملا سۆزلىگەننىڭ ھەممىسى ھەق بولىدىكەندە،بۇ يەردە ئولتۇرىۋېلىپ بۇ دېگەن خەقنىڭ مەھسۇلاتى،زادى مۇشۇنداق ئاتايمەن دېگەن بىلەن بۇ ئاللىقاچان بىر ئاددىي ئەپتىن تەرەققىي قىلىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندى،ئاللىقاچان خەيئېر،چاڭخوڭ بىلەن ئوخشاش بىر ئۇقۇم بولماي قالدى.
ITمەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يەرلىكلىشىشىگە ئاۋۋال ئالىم ئەھەت باشلىق مۇتەخەسىسلەر،ئاندىن قالسا شۇ مەھسۇلاتلار بىلەن كۆپرەك ئۇچىرىشىدىغان كىشىلەر ھەممىدىن بەكرەك ۋەكىللىك قىلالايدۇ دەپ قارايمەن.ئىزدىنىشتا ۋېيشىن دەپ ئومۇملاشقان بولسا بىلىۋالايلى.لېكىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كەسپىي يانفۇن ئۇچۇر مۇنبىرى ئالىپ تورىدىمۇ ئۈندىدار دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ،ئەشۇ روم تەرجىمە قىلىۋاتقان،ئەپ تەرجىمە قىلىۋاتقان،رېكوۋېرىي تەرجىمە قىلىۋاتقان خالىس مېھنەتكەشلىرىمىز ئۆز تەرجىمىلىرىدە شۇنداق ئومۇملاشتۇرۇپ بولدى.بەك بولمىسا ئالىپ ئەپەندىممۇ بارغۇ مۇشۇ مۇنبەردە

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:19:07

jahangir786 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 22:58 static/image/common/back.gif
ئۆز نامى بىلەن ئاتىغىنىمىزغۇ ياخشى ئىش، ئەمما ما ئىنگى ...

چەتئەللىكنىڭ قوڭىغا سۆيىدىغان بۇلار ئەلۋەتتە ئۇلارغا شۇنداق ئىسىم قويۇپ بەرمىسە ئىلشەتمەيدۇدە.شۇڭا بىزمۇ ۋىچەت دەپ ئاتاۋەرسەك بولىدۇ ۋېيشىنغا كۆنمىسەك.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:36:52

نېمە دىگەن مىللەتپەرۋەر،ئانا تىلپەرۋەر باللا ھە
Morons

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:47:51

ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتىگە 微信 نى ﺗﯧﯖﺸﯜﻥ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﻯ،  易信نى ﯞﺍﯕﻴﻰ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﻯ دەپ كىرگۈزۈش ئالدىدىكەن.
تالاشقاننىڭ پايدىسى يوق. ھەممىلا يەردە ئۈندىدار دەۋاتسا ۋېيشىن دەيتىم دەپ تەتۈرلۈك قىلىش ئاقمايدۇ.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:52:45

ئاقسا ئاقمىسا ۋېيشىن شۇ ۋېيشىن،يىشىن شۇ يىشىن ئالىپبەي.
ئالىم مەلىمدىن سوراپ باقسىلا،ئۇيغۇرچە تىل بولاقلىرىمۇ چىقتى،Windows 8  نى كۆزنەكلەر 8 دەپ تەرجىمە قىلامدىكەن يا.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 11:08:08

Wolqan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-13 10:52 static/image/common/back.gif
ئاقسا ئاقمىسا ۋېيشىن شۇ ۋېيشىن،يىشىن شۇ يىشىن ئالىپبە ...

خەنزۇچە ۋېيشىن دەۋېرىڭلار، ھېچكىم مەجبۇرلىمىدى. مەنمۇ ئۇيغۇرچە ئۈندىدار دەۋېرىمەن. ماڭا نىسبەتەن بىرەر تال ئاتالغۇنىڭ بولسىمۇ ئۇيغۇرچە بولغىنى ئەۋزەل.
بەت: [1] 2
: تۈرمىدىن قاچۇرماي كۆپ ۋىيشىن قاچىلاش ئۇسۇلى