dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 11:53:41

كونسول كوچىسىنىڭ غەيۋىتى

كونسۇل كوچىسى كىچىكلا بىر كوچا. ئۇنىڭ چوڭلۇقى، ھەشەمىتىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق، بۇ تار ھەم قىسقا كوچىنى بېيجىڭنىڭ چاڭئەن كوچىسىغا،ئەنگىلىيەنىڭ ئوكېسفورد كوچىسىغا سېلىشتۇرۇش زادىلا مۇمكىن ئەمەس.  كوچىنىڭ باشلىنىشىدىكى بىز نوغاي مەسچىت دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قالغان <بەيتۇلمەئمۇر جامىئەسى> بىلەن ئەينى يىىللىرىدىكى سۆۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا-ئۇسسۇل،تىياتىر ئۆمىگى ( ھازىر بۇ ئۆمەكمۇ داۋان مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەتتى)نى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ كوچىدا دۇنياغا داڭلىق بىرەر مەشھۇر ئىمارەت-قۇرۇلۇشمۇ يوق. ئەمما، مەيلى تەكلىماكاننىڭ يىراق گىرۋەكلىرىدە رىسقىنى يەردىن تېپىپ ياشاۋاتقان دېھقانلىرىمىز بولسۇن ياكى پاكىز ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان زىيالىلىرىمىز بولسۇن بۇ كوچىنى بىلمەيدىغىنى يوق. چۈنكى كونسۇل كوچىسىنىڭ لەغمەنلىرى، ئۆپكە-ھېسىپلىرى،كاۋاپ-سامسىلىرى دېھقان بىلەن زىيالىغا ئوخشاشلا ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. بۇ كوچىنىڭ شۇنچىلىك باغرى كەڭكى تەرلەپ كەتكەن ھۆپىگەر يىگىت بىلەن قاتۇرۇپ كىيىنىۋالغان باشلىق ئەپەندى تار ئاشخانىدا تەڭ قىستىلىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنالايدۇ. بۇ بەلكىم كونسۇل كوچىسىغا خاس دېموكراتىيە بولسا كېرەك...

    مەن بۇ كۆرۈمسىز كوچىغا ئامراق.شۇ سەۋەپ ئۇنىڭ كەچقۇرۇندىكى قىستاڭچىلىقى، ئاشخانىلىرىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ھەتتا لۈكچەكلىرىنىڭ كۆكەمىلىكىمۇ مېنى بىزار قىلمايدۇ. ئىشلەپ چارچىغاندا كونسۇل كوچىسىدىن بىر تەخسە كەسكەن لەغمەن يېۋىتىپ، بۇ كوچىنىڭ دوقىسىدا بىردەم تۇرۇش ياكى ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئالدىرىماي مېڭىش ماڭا تولىمۇ ھۇزۇرلۇق ئارام پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ كوچىدا يېڭى ئالغان ماشىنىسىنىڭ دېرىزىلىرىنى چۈشۈرىۋېتىپ، ياڭراتقۇنى بولۇشىغا قويۇپ،كۆرەڭلىك بىلەن ھەيدەپ كېتىپ بارغان ياش بايۋەچچىلەرنى، ئادەتتە پەقەت ئېكرانلاردىلا كۆرگىلى بولىدىغان چولپانلىرىمىزنى، ئابايىغا پۈركىنىپ كېتىپ بارغان قىز-چوكانلارنى كۆرىمەن، يەنە سەدىقە تىلەپ يۈرگەن ساھىللارمۇ، چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇپ، كالتە چاچلىرىنى رەڭدار بويۇۋالغان قىزچاقلارنى پاتىڭىدىن قۇچاقلاپ ئەكېتىۋاتقان مودا يىگىتلەرمۇ نەزەرىمدىن چەتتە قالمايدۇ. مەن ئۆزۈممۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان نامەلۇم قىزىقىش ۋە مۇرەككەپ،زىددىيەتلىك تۇيغۇلاردا ئۇلارنى كۆزىتىمەن.

    بۇ كوچىدا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئىزى قالغان، مەرھۇم ئۇستازلىرىمىزدىن ئۆتكۈر ئەپەندى، تېيىپجان ئەپەندى،كېرىم خوجا ئەپەندى،ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى.... كەبىي كىشىلىرىمىز بۇ كوچىدا يار-بۇرادەرلىرىنىڭ قورسىقىغا لەغمەنلا ئەمەس ئىدىيەسىگىمۇ تالاي نېمەتلەرنى ھازىرلىغان. بۇ كوچا ھېسام ئاكىنىڭ چاخچاقلىرىدىمۇ، غەزەلخانلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرىدىمۇ ئۆز ئورنىنى تاپقان. خۇددى ئادەمنىڭ يۈرىكى بولغاندەك، بىر شەھەرنىڭمۇ يۈرىكى بولىدۇ، مېنىڭ نەزەرىمدە كونسۇل كوچىسى دەل بۇ شەھەرنىڭ يۈرىكى.( بۇ پەقەتلا مېنىڭ قارىشىم خالاس)

     بەزىلەر شەھەر بۇزۇلۇپ كەتتى، دېيىشىدۇ. مەن كونسۇل كوچىسىنىڭ دوقىسىدا خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ئېقىملىرىنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولىدىغان شەھەر پۇقرالىرىغا قاراپ شۇنداق ئويلايمەن: ياق، شەھەر بۇزۇلمىدى. ئەگەر ئادەملەر بولمىسا، شەھەر پەقەت تاش بىلەن كېسەكتىنلا ئىبارەت، ئۇ ھالدا بارچە گۇناھنى ئادەملەردىن ئايرىپ قويۇپ، ھەممە ئادەمنى ھاياتلىق ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان شەھەرگە ئارتىپ قويۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ قانداق؟ زادى بۇزۇلغىنى شەھەرمۇ ياكى ئادەممۇ؟

   مەن كونسۇل كوچىسىنىڭ دوقىسىدا تۇرۇپ مانا مۇشۇنداق ئوڭ_تەتۈر خىياللارنى قىلىمەن. خۇددى جۈمە نامازنى نوغاي مەسچىتتە ئوقۇپ بولۇپ،ئارقىدىنلا كونسۇل كوچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدا چىلاشقۇچە ئىچكەن مەستنىڭ ناخشىسىدەك......كونسۇل كوچىسى تارىخى بار،ھېكايىسى بار كوچا.... مەن گۇگۇمدىكى كونسۇل كوچىسىنىڭ شائىرانە پىچىرلاشلىرىنى تىڭشايمەن، بۇ پىچىرلاشلار دا ھەممە مەزمۇن بار، مەن ئويلىغان-ئويلىمىغان،دېگەن-دېمىگەن........ بەلكىم سىزنىڭمۇ قۇلاقلىرىڭىزغا ئاڭلىنىدىغاندۇ. مەيلى قانچىلىك كاتتا ئىمارەتلەر سېلىنسۇن، مەن يەنىلا كونسۇل كوچىسىنىڭ كۆرۈمسىز، ئاددىي تۇرقىنى ياقتۇرىمەن.
مەنبە:http://www.qomul.com/showart.asp?art_id=505

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:12:25



        بۇ كونسۇل كوچىسى ھەققىدىكى يېقىملىق ئېيتىلغان بىر ناخشا ئىكەن!

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:30:00

mahammatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 12:12 static/image/common/back.gif
بۇ كونسۇل كوچىسى ھەققىدىكى يېقىملىق ئېيتىلغان بى ...

   شۇ تاپتا مەنمۇ بۇ ناخشىغا ئەگەشتىم ...

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:55:24

جەنۇبى قوۋۇقتىن كونسۇل كوچىسىغىچە ئاجايىپ بىر دۇنيا .  

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 13:15:48

ئىشقىلىپ مېھىرلىك كوچا بۇ،يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان چۆلدەرەپ قالغاندەك بۇلۇپ قاپتۇ،ئەپسۇس!

UYGHUR0991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:16:43

ھازىر ئىككى تەرەپتىكى.  دۇكانلارنى چېقىۋاتىدۇ
دەرەخلەر كېسىلدى     ھھازىر ماڭغۇسىمۇ كەلمەەيدىغان بوپ قالدى بۇ كوچىدا.
سودىگەرلەرمۇ ئاز دۇكاندارلارمۇ ئا ز        

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 14:23:10

بۇ كوچىنى ئاۋات قىلغانلار كوچىدىن قوغلىنىپ ھازىر كوچىنى غېرىپلىق باسقاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، ئىلگىرى يازنىڭ ئايدىڭ كەچلىرىدە ئائىلە بويىچە بۇ كوچىدىن ھىچنىمە ئالمىساممۇ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە مېڭىپ ئۇنى بۇنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 15:12:46

خېلىلام چۆلدەرەپ قاپتۇ

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:09:59

ئاددىلا بىر كوچا ھەقىقەتەن ئاۋات ئىدى........
........شۇ كوچىنى ئاۋات قىلغان دەل مەدىنيەت ئىدى، ئۇيغۇر مەدىنيىتى ئاستا سۇسلىشىپ تارقاقلىششقا باشلىغاندەك ھېس قىلىدۇ ئادەم يىقىندىن بۇيان شوكوچىنى ئايلانغاندىن بېرى.
كونسۇل كوچىسى دىگەن ئىسسىمغا قانچىلىك ئۇزۇن بولغاندۇ.
ئۈرۈمچىدىكى يەرجاي ناملىرى ئىچىدە ئەل ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىسسىم قايسىدۇ؟؟؟؟

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:34:35

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 16:09 static/image/common/back.gif
ئاددىلا بىر كوچا ھەقىقەتەن ئاۋات ئىدى........
........شۇ كوچى ...

ئۈرۈمچى، دېگەن ئىسىمنىڭ تارىخى ئۇزۇنمىكىن

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:43:25

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 16:34 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچى، دېگەن ئىسىمنىڭ تارىخى ئۇزۇنمىكىن

ئەمدى ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن يەر جاي كوچا مەھەللە ئىسسىملرىنى (ئۇيغۇر-خەنزۇ  تىللىرىدا) ئۆلچەملەشتۇرۇشتە قانۇنىي رول ئوينايدىغان ئىدارە قايسى ئىدارىدۇ.
ھەممىمىز ئۆلچەملەك  يەر جاي كوچا مەھەللە ئىسسىملرىنى تېپىشىپ بەرمىسەك نۇرغۇن كوچىلارنىڭ ئىسمىغا ئىگە بولالمايدىغان ئوخشايمىز. بىلگەنلېرىمىزنى تۆكۈپ باقىلى.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:46:19

{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 16:50:15

بۇ يىل غېرىپ بوپ قاپتۇ ؟

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 18:09:52

كىمۇ بىرەيلەن مۇشۇ ئۈرۈمچى يەر جايلىرى توغرىسىدا  شۇنداق ئوبدان بىر تېما يوللىغان ، ساقلىۋالغانتىم ، يېڭى نۇسقىغا كۆچۈپ يوق بوپتۇ .

Forgetme15 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:44:28

بۇ تېمىنى مۇنبەرگە يوللىسام بۈگۈن ئۆچۈرىۋېتىپتۇ،ئەجىبا تۈركىيە سەنئەتكارلىرى ھەققىدە تەنقىدى پىكىرلەرنى ،ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىشكە بولمامدۇ؟ باغداشمۇ ماختاشتىن باشقىنى قوبۇل قىلالمامدۇ،ماۋۇ تېما تەستىقلىنىپتۇيۇ،مەن يوللىغان 7 بەت ئىنكاس چۈشكەن ئىنكاسلاردا بىردەك تەنقىدلەنگەن ئەھۋال تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ،پىنھاننىڭ مونۇپۇللۇقى بىلەن  باشقۇرىلامدۇ‹ پىنھان نوچى بولسىڭىز تېمىنى ئەسلىگە ئەكىلىڭ،سىز بىلەن يەكمۇ يەك مۇنازىرىگە چۈشۈشكىمۇ مەن تەييار .بۇ تېمىنىڭمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

كارۋان،ئانا تۇپراق،چىمبۇلاق،مىسرانىم قاتارلىق ئۇيغۇر تورلىرى خەۋىرى ؛مۇستافا ساندال كېچىلىكى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ھەم بىر قىسىم بېلەتلەرمۇ سېتىلىپ تارقىتىلىپ بولغان  ئىدى، شۇنىڭدەك مۇستافا ساندالنىڭ بىر قىسم سەپداشلىرىمۇ دىيارىمىزغا بۈگۈن چۈشۈپ بولغان ،ئەپسۇس مۇستافا ئەترىتىنىڭ نەق مەيدان مۇزىكا تەڭكەش قىلغۇچىلارنىڭ گىرمانىيدىكى كېچىلىكى سەۋەبلىك بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدىكى كونسېرتىنىڭ ۋاقتىنى 3-ئاينىڭ 19-كۈنىگە بېكىتتى، سېتىلغان بېلەتلەر ئىناۋەتلىك،بېلەت سېتىۋالغانلارنىڭ بېلىتىنى ساقلاپ قويىشىنى سورايمىز، سەپداش بېكەتلەر تۈركىيەدىن كەلگەن مۇستافا ساندالنىڭ سەپداشلىرىنىڭ شۇنداقلا ئويۇن ئورۇنلاشتۇرغان تەرەپنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىغا  ئۆزرىسىنى فىلىم شەكلىدە ئىشلىدى،فىلىم سەل تۇرۇپ تارقىتىلدۇ ...…دىققىتىڭىز تورلىرىمىزدا بولسۇن…
بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار بۇ يەردە:

http://v.youku.com/v_show/id_XNjcxODg0NDcy.html
http://bbs.misranim.com/thread-118910-1-1.html

خوش ئەمدى مەن نىمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى ئىزدىنىشقا يوللىدىم،چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئىزدىنىش تورى ھەق گەپنى دىگىلى قويىدىغان بىر ياخشى سورۇن ،
بۇ تېمىغا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم،تۈنۈگۈن ئۈندىدارىمدا كارۋان،ئانا تۇپراق،چىمبۇلاق،مىسرانىم بېكەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، قۇرغۇچىلىرى يوللىغان بۇ ھەقتىكى تارقاتما ئۇچۇرلارنى تورداشلارنىڭ بەس - بەس بىلەن تارقاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم،ئۇ ئۇچۇردا مۇنداق دىيىلگەن :

تورداشلارنىڭ كۈچلۈك قارغىشلىرى بىلەن مۇستافا سەندالنىڭ ناخشا كېچىلىكىنى 14-فېۋرال ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى،تورداشلارنىڭ يازغان ماقالىرى،ئۆز-ئارا سۆزلەشلىرى كۈچىنى كۆرسەتتى،19-مارتقا ئۆزگەرتىلدى،تەپسىلى خەۋىرى تور بېكەتلىرىمىزدە ئېلان قىلىنىدۇ.
بۈگۈن بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى  ۋە زىيارەت توردا ئېلان قىلىنىپتۇ.
بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۈندىداردا توختىماي رافەتنىڭ كېچىلىكىگە قارغىش ۋە ماختاش،تەنقىتلەش قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ.ئۈستىدىكى تور بېكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن بۇ كېچىلىكنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكى ئۇيغۇرغا ئارتىپ قويۇلغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ،تورداشلار قارغىغاچقا بۇ كېچىلىك 14-چىسلا ئۆتكۈزۈلمەي 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان بولدى دەپ بىر ئاخبارات تاراتقۇچىسىغا لايىق گەپ قىلمىغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالغان.بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى بىلەن تور بېكەتلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ‹مۇستافا سەندەل ناخشا كېچىلىكى كەينىگە سۈرۈلۈش سەۋەبى››دىگەن قاملاشمىغانلا بىر زىيارەتنى كۆرۈپ تېخىمۇ باشقىچە بولۇپ،بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
يېقىندىن بۇيان جۇڭگو -تۈركىيە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش دىگەن بىر يالغان ئىدىيەنىڭ باش تەشۋىق بولىشى نەتىجىسدە ئۈرۈمچىدە ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيە چولپانلىرى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى،بىر قېتىم كەلسۇن قارشى ئالايلى،ئىككى قېتىم كەلسۇن قارشى ئالايلى،ئۈچ قېتىم كەلسۇن قارشى ئالايلى،ئارقا-ئارقىدىن كىلىۋەرسە ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دەيلى،بىراق ئويۇن ئويۇشتۇرغۇچىلار ۋە بۇ ئىشلارنى تەشۋىق قىلغۇچىلار خەلقنىڭ ھىسياتىدىن قانچىلىك پايدىلاندى بۇنى ئويلىمامدۇق؟ ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق چولپانلىرىمىزمۇ مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ھەر يىلى دىگۈدەك چەتئەللەرگە ئويۇن قويوپ چىقىدۇ،يېقىندا تېخى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۈندىدار سۇپىسى،مىكرو بلوگىدىن ئۇنىڭ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەرلەرگە ئويۇن قۇيۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆردۇق،بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقاي دەپ سۈرۈشتە قىلساق بۇ ئويۇنلارغا تۈركلەردىن بىرە ئاخبارات ئورۇنلىرى ياكى تۈرك قاتناشماپتۇ،قاتناشسىمۇ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ياكى باشقا سەنئەتكارلارنىڭ قولىغا پۇل ئەمەس باشقا ھېچنىمە تەگمەپتۇ،ئەمدى ئۆز يۇرتىمىزدىكى تەشېۋىقاتقا قاراپ باقايلى،ئاشقۇنلۇق ، تۈركىيە ئاشقۇنلۇقى بىزدە ھەقىقەتەن ئەۋج ئېلىپ كەتتى،دۇنيادا بىزنىڭ خەلقىمىزدەك ئۇيغۇرغا يېقىن تۇرىدۇ دىگەنلەرگە ھەددىن زىيادە مېھماندارچىلىقنى يەتكۈزىۋېتىدىغان خەلق بولمىسا كىرەك،خوش بۇمۇ مەيلى مېھمانغا يېقىن تۇرايلى ئەمما مېھمانلارنى باشلاپ كەلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسەت نىشانىنى بىلىپ قويۇش كىرەك،

تېمامدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەم،مۇستافا سەندەل دىگەن بۇ ناخشىچى دۇنيادا 10داڭلىق ناخشىچى قاتارىدا دەپ تەشۋىق قىلىنغاندىلا بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ خەلقنىڭ ھىسياتىنى ئالداپ پۇل تېپىشنى نىشان قىلغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم،نيوركتىكى بەش مۇنار فىلىمىدە رول ئالغان ،ۋوللىۋودتا ئالاھىدە نامى بار دەپ تەشۋىق قىلىنغانلىقىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ھىسياتىدىن پايدىلنىشنى مەقىسەت قىلىنغان ئىدى،ئۇيغۇرلار ئۇنچە دۆتمۇ ئەمەس،ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردىن باشقا تىللاردىكى،تۈركچە ،ئېنگلىزچە،خەنزۇچە ۋە باشقا گېرمانچە ئىشقىلىپ ھەرخىل تىللاردىكى تور بېكەتلەرنى،ئاخبارات ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلالايدىغان ،خەلقنىڭ ھىيساتىدىن پايدىلانمايدىغان ئادەملىرىمىز تېخى ئارىمىزدا ئۇنچە ئاز ئەمەس،ئەمما نىمىشقا ئەڭ باشتىن باشلاپ ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىمىز كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپلا ئويۇن ئويۇشتۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ يالغان گەپلىرىگە سورۇن ھازىرلايدۇ.بو ئويۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسىتى ئۇ چولپانلارنى دىيارىمزغا تەكلىپ ئىتىش ئارقىلىق پۇل تېپىش،بۇنىڭدىن ئۈتەر چوڭ مەقىسەت يوق،ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ،ھەممەيلەن چىن كۆڭلىمىزدىن ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇكېرىم ئابلىز،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،مۆمىنجان ۋە باشقا ھەرقانداق كېچىلىكلەرنىڭمۇ ئويۇن كۆرۈش بېلىتى 300يۈەندىن ئاشقان ھالدا سېتىلمايدۇ،ئالدىنقى قېتىم ئىسمايىل نىڭ كېچىلىك بېلىتى 680دىن باشلانغان ھالدا 6مىڭ كىشىلىك چوڭ زال توشۇپ 2مىليوندىن ئوشۇق پۇلغا بېلەت سېتىلدى،ئويۇن ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپمۇ 2مىليوندىن كۆپرەك پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ تۈركىيەگە كىتىپ قالدى،بۇنى كۆرگەن بىر قانچە سودىگەر قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيە قىزغىنلىقىدا كۆپرەك پۇل تېپىش مەقسىتىدە ئارقا-ئارقىدىن بەسلىشىپ تۇرۇپ تۈركىيەدە بەكرەك نامى بار رافەت ئەل رومان(بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز ئۇنىڭغا مۇھاببەت ناخشا پادىشاھى دەپ نام بەردۇق)مۇستافا سەندەل(تور بېكەتلەر ئۇنى دۇنيادىكى 10 داڭلىق ناخشىچىنىڭ بىرى دەپ ئاتىدى)نى تەكلىپ قىلدى،تېخى نەچچە كۈن بورۇن شىنجاڭ خەلق سارييى(بىلىشىمچە شىنجاڭ خەلق سارىيى 2000كىشىلىك زال ئۈستىدە 400دەك ئورۇن بار ئاستىدا 1600دەلك ئورۇن(رافەتنىڭ كېچىلىكىدە ئاران توشۇپ بىر قىسىم بېلەتلەر ئىنتايىن ئەرزان باھادا سېتىۋېتىلدى،ئوخشاش يوسۇندا مۇستافانىڭ بېلىتىمۇ داۋاملىق سېتىلىۋاتقان بولۇپ،ئۆز ئالدىغا مىكروفونى بارلار تاراتقۇ دەپ مەيدانغا چىقىدىغان بۈگۈنكى كۈنلەردە رىقابەتچىسىنىڭ كەينىدە قالماسلىقى ئۈچۈن مۇستافا سەندەل ناخشا كىېچلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى،مۇستافا سەندەل كېچىلىك زىيارىتى ،رافەت ئەل روماننى كۈتىۋېلىش زىيارىتى دىگەندەك ..يىراقتىكى موللا دا موللا،يېقىندىكى موللا جا موللا بىلىنىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرگە خوش يېقىپ بۇ زىيارەتلەر ئېلان قىلىندى.6مىڭ كىشىلىك چوڭ زالنىڭ بېلىتى مۇستافا دىگەن تۈرك ناخشىچىنىڭ بېلىتى تۈزك سېتىلمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئويۇن ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپ كېچىلىك ئۆتكۈزۈشكە نەچچە كۈنلا قالغاندا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كېچىلىك كەينىگە سۈرۈلدى دەپ بىر قانچە تۈركنى يىغىپ،خەلقنىڭ ھىسياتى بىلەن ئوينىشىپ بۇ زىيارەتنى تېلېۋېزىيە ۋە توردا تارقىتىش ئۈچۈن تەييار قىلغان.
ئۈستىدىكى تور بېكەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولىشىچە،بۇ مەلۇم سەۋەب تورداشلارنىڭ قارغىشى،يازغان ماقالىرى بولۇپ،3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغاندەك بىر كۈچنى كۆرسەتكەن.ئارقىدىن ئۈندىداردا ھەي ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق قالاق مىللەت،ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ،تەنقىد دەستىدىن كېچىلىكمۇ كەينىگە سۆرۈلدى،زادى بىز خەقنىڭ قۇسۇرچىلىقىدىن ھېچ ئىش قىلماسلىق كىرەك...دىگەنگە ئوخشاش بايانلار كۆپىيىپ قالدى،مەن بۇ يەردە نىمە دىمەكچى دىگەندە تور بېكەتلىرىمىز سودىگەرلەرنىڭ ئىككى - ئۈچ موچەن پۇلى ياكى مەلۇم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىۋېلىش ،تور بېكىتىگە ئادەم توپلاش مەقسىتىدە خەلقنىڭ ھىسياتىغا قارشى چىقمىسۇن،خەلقنى قارلىمىسۇن،بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى كۆزەتكەن كىشىلەر بۇ ئويۇننىڭ ئېنىقلا 6مىڭ كىشىلىك زال توشمىغاچقا مىڭمۇ بېلەت سېتىلمىغاچقا ،چىقىم كىرىمگە ئازراقمۇ يېقىنلاشمىغانلىقى،سودىگەرنىڭ پۇل تېپىش مەقسىتى ئىشقا ئاشمايۋاتقانلىقى شۇڭا مەۋقەنى دەرھال بۇراپ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇشقا كەلگەن ھامان نورۇز دىگەن يەنە بىر قالپاقنى كەيگۈزۈپ خەلقنى تۈركىيە چولپانلىرى نورۇزنى تەبرىكلىمەكچى دەپ ھىسياتنى يەنە بىر قېتىم ئىشقا سېلىپ ئاۋۇ زالنى توشقۇزۇپ پۇل تاپماقچى بولغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرۇپتۇ،نىمىشقا بۇ يەردە بىزنىڭ تور بېكەتلىرىمىز يامانغا يان تاياق بولۇپ،سودىگەرنىڭ ھىسياتى بويىچە خەلقنى گۇناھكار قىلىپ كۆرسىتدۇ›ئايروپىلان بىلىتى سېتىۋالسىمۇ ئىككى سائەت كېچىكسە بېلەت پۇلىنى شۇنداق چىرايلىق قايتۇرۇپ بىرىدۇيۇ،ماۋۇ كېچىلىكنى ئۆتكۈزگەنلەرنى تور بېكەت تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى زىيارەت قىلىپ مەلۇم سەۋەب دىسە قاراپ ئولتۇرۇپ ،زادى قانداق سەۋەب دەپ ھەقىقىي زىيارەت قىلمايدۇ،يەنە كىلىپ تەشۋىقاتىدا گۇناھنى ئۇيغۇرغا،تورداشلارغا ئارتىپ گەپ قىلىدۇ،تور بېكەت ئاچقانلا ئادەمنىڭ توغرا گەپ قىلىشى ناتايىن،يەنە كىلىپ ھېچكىمنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ھىسياتىدىن پايدىلىنىپ يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھەققى يوق،تۈرك كىلەمدۇ‹،ئۆزبىك كىلەمدۇ،يا چەتئەللىك كىلەمدۇ،خەلق ياقتۇرسا كۆرىدۇ،ياقتۇرمىسا كۆرمەيدۇ،كۆرگەندىن كىيىن پۇل تۈلىگەنگە چۇشلۇق ئۆز پىكىرىنى يازىدۇ،بېلەىتنى قىممەت قىلىۋەتكەندىكىن ئەلۋەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ،ئويۇن قويغۇچىلار بولسۇن ياكى تەشۋىقات قىلغۇچى تورلار بولسۇن خەلقنىڭ ھىسياتىغا يامان تاياق بولمىسۇن،بىزگە كەلسە كەلمەس تايىنى يوق زىيارەتلەر بىلەن خەلقنى تېخىمۇ نادان قىلىشقا ھەسسە قۇشىدىغان كىشىلەر لازىم ئەمەس.تېمام سەل قاتتىق تىگىشى مۇمكىن.ئەمما مەن دەيدىغاننى تېخى تولۇق دەپ بۇلالمىدىم،ئىنكاسلاردايەنە سۆزلىشەرمىز،بۇ زىيارەتنى ئىشلىگەن خەلقنى قارلىغان تور بېكەت باشقۇرچىلىرى ئويۇن ئويۇشتۇرغۇچىلار (ھىسياتتىن پايدىلانغانلار)كەچۈرۈم سورىشى كىرەك دەپ قارايمەن.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:28:40

      ئەشۇشۇ تاركوچا دېگىنى .لىكىن ھازىر چېقىلىۋاتىدۇ كىيىن ئىسمى نىم بۇلار بۇكوچىنىڭ .
     ئۈرۈمچى دېگەن شەھەردە ئۈچ تاشتىن تارتىپ تۆگە قوۋۇق نىڭ كۈن چىقىش تەرىپى داۋەن مەھەللىسى ،...، دىن باشقايەردىن ........  ھېلىقى 25سوم پۇلنى ئالىمەن دەپ 4000سوملۇق يانفونىنى ئوغرىغا بەرگەن ئۆپكە دوكىنى يەنە كەسكەن لەغمەن ،قوش ئامەت توخو قۇرداق خانىسى ،.................لار نى ھەي بىر دۇنيا ئۇكۇچا .ھەي .

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 21:44:23

مېنىڭچىمۇ كۆرمەسلىك كېرەك، ئۈرۈمچىگە پۇل تاپقىلى كەلگەن غىتمەكلەرنىڭ پۇلدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان سودىگەرلەر ۋە  بىچارە تور تەشۋىقاتچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىق. مەن تۈركىيەگە كېلىپ بۇ ناخشىچىلارنى تۈركلەرنىڭمۇ تۈزۈك بىلمەيدىغانلىقىنى ياكى چوڭ بىلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بىز خەقنىڭ ئۇ ئاتالماش چولپانلارغا نېمانچە قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمەي قالدىم، بولمىسا بۇ يەردە ھەر كۈنى دېگۈدەك كۈلتۈر سارايلىرىدا  ئالىملار، دوكتورلارنىڭ ئىلمىي دوكلات، لېكسىيەلىرى بولۇپ تۇرىدىكەن، پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەن. ئادەملەر مەنىۋىيەت، بىلىم تەقەززاسىدا يۈرىدىكەن، نامايىشلارغا قاتنىشىدىكەن، سىياسەتنى مۇنازىرە قىلدىكەن، ناخشا دېگەن نېمە ئۇ، تېلۋىزوردا 24 سائەت ناخشا بېرىدىغان قاناللار بار، شۇنى كۆر، دەيدىكەن، بىزدە ئالقىشلىنىپ كەتكەن ئۇ چولپانلارمۇ بۇ تېلېۋىزورلارغا خېلى تەستە چىقىدىكەن، دېمەك قاتاردىن سانىغاندا خېلى كەينىدە دېگەن گەپ، ئىسمائىل ئىككى مىليوننى سۈپۈرۈپ كەتكەن بولسا، قالغانلىرى ئۇنچىلىك سۈپۈرەلمەسلىكى مۇمكىن، قارىغاندا پۇل دېگەنمۇ ئادەمنىڭ ساپاسىغا بېقىپ خەجلىنىدىغان، قىممەت تاپىدىغان ئوخشايدۇ.  

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 22:27:14

كۇنسۇل كوچىسىنى خەنزۇچە نىمە دەيدىغاندۇ قاراپ باقماپتىمەن ، 2012 -يىلى نەنمىندە تۇرسام ، تۇنۇشلار بىر خەنزۇنىڭ قارا تاكسىسىنى تۇسۇپتۇ ، كۇنسۇل كوچىسىغا بارماقچى ئىكەن ، مەنمۇ خەنزۇچە دىيەلمىدىم ، ئاندىن شۇ ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى كىچىك كوچا ئىكەنلىگىنى چۈشەندرۈرۈپ قويسام ، ھەئە بىلدىم ، دەپ ھەيدەپ كەتكەنتى ......

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 23:04:25

خەرىتىدە 领馆巷 دەپ بار.
بەت: [1] 2
: كونسول كوچىسىنىڭ غەيۋىتى