choice يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 08:37:51

مەملىكەتلك ئۇنۋان ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باققانمۇ....

3-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەملىكەتلىك ئۇنۋان ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ،باشلىققا   ئارقا ئىشىك قىلىپ ئۆسۈشنى ئېغىر ئالىدىغان، كېچىلەپ سىمىنا ئىشلەشتىن كۆرە بالا ۋە ئۆينى مۇھىم دەپ قارايدىغان مەندەك مۇدەئەسسىپ بىرى ئۈچۈن،ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپئالىي ئۇنۋان ئېلىشنى مۇشۇ ئىككى يىللىىق نىشانىم قىلدىم، شۇنداق قىلدىميۇ ئىنگىلىز تىلىدىن ئىبارەت بۇ يات تىلدا ئالىي دەرىجە سەۋىيىسدىن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش بېشىمنى شۇنچىلىك قاتۇردى، ئىمتىھان بېرىپ باققان، تەييارلىق قىلىپ باققان تورداشلار بولسا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈم بېرىدىغان ياخشى ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرساڭلار بولاتتى.

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 10:12:43

خەنزۇتىلىدىن بەسىڭىز بولمىدىمۇ، جاننى قىينىغىچە

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 10:19:29

hanjar01 يوللىغان ۋاقتى2014-2-12 10:12 static/image/common/back.gif
خەنزۇتىلىدىن بەسىڭىز بولمىدىمۇ، جاننى قىينىغىچە

مېنىڭغۇ شۇنداق قىلغۇم تازا بار ، قىلىۋاتقان كەسپىم چۈشمەيدىكەن، سۈرۈشتۈرمىگەن يېرىم قالمىدى. بولمىسا ئاساننى قويۇپ قىيىنغا ئېسىلىپ ماڭا نىمە جاپا دەيسىز

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 10:30:49

ئەگەر خەنزۇۋان بولمىسىڭىز خەنزۇ تىلىدىن بېرىش ھوقۇقىڭىز بار.ئوتتۇرا دەرىجە ئۈچۈن Bدەرىجە، ئالي دەرىجە ئۈچۈن A دەرىجىلىك چەتئەل (ياكى خەنزۇ) تىلى ئىمتىھان بېرىلىدۇ. ئىمتىھاندا بىر دانە كىتابى لۇغەت ئېلىپ كىرىشكە يول قويۇلىدۇ. ئىمتىھاندا 45 نومۇردىن يۇقىرى ئالسىڭىز شۇ يىلىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ،60 دىن يۇقىرى نومۇر ئالسڭىز ئىناۋەتلىك مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ.
يەنە ئۆزلۈكسىز تەربىيە ۋە كومپىيۇتېر سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. كونكىرىت تىزىملاش ۋاقتى ۋە ئىمتىھان ۋاقتى ھەرقايسى نازارەت ياكى ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلار نىڭ ئوخشاش بولمايدۇ،ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 10:52:50

ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى2014-2-12 10:30 static/image/common/back.gif
ئەگەر خەنزۇۋان بولمىسىڭىز خەنزۇ تىلىدىن بېرىش ھوقۇقىڭ ...

ئىنگىلىز تىلىدىن ئىمتىھان بېرىدىغىنىم ئېنىق، قىلىۋاتقان خىزمىتىم تەرجىمانلىق بولغاچقا چوقۇم خەنلەر بىلەن ئوخشاش ئىنگىلىز تىلىدىن ئىمتىھان بېرىدىكەنمەن، ئوتتۇرا دەرىجىدىن بېرىپ ئۇنۋان ئېلىپ بولغان، ئەمدى مۇئاۋېن ئالىيئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بەرمىسەم بولمايدۇ، ئىلگىرى ئۆزلىكىمدىن ئۆگەنگەن، ئالدىنقى قېتىملىق ئىمتىھاندا كارخانىمىز تەشكىللىگەن 3 ئايلىق كۈچەيتىش كۇرسىغا قاتنىشىپ 60 ئېلىپ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم، نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىىشلەتمىگەچكە ئۆگەنگەنلىرىممۇ ئۇنتۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستگە ياشمۇ يىلدىن يىلغا چوڭىيىپ كاللابۇرۇنقىدەك ئۇنداق ئىتتىك ئىشلىمەيدىغان بولدى، كۈندىلىك خىزمەت، ئائىلە ئىشلىرىدىن تاشقىرى ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆگۈنۈشۈم كېرەك.ۋاقىتمۇ قىستاپ قالدى، بىر ئاي ئىچىدە ئاز تولا جاپا تارتساممۇ 60 نومۇر ياشىسۇن دەپ ئۆتۈپ كەتسەم بولاتتى، شۇنىڭ غېمىدە.....

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 11:39:59

   بەكتۇر تورىغا   (   http://www.bektur.com    )   كىرىپ ياردەمسوراپ بېقىڭ ئىنگىلىز تىلى ئۆگىندىغانلار شۇ يەرگە كۆپراق كىرىدۇ ، يول كۆرسىتىشى مۇمكىن .   سۆزلۈك يادىلاڭ ، ئۇقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاشۇرۇڭ ، ئاڭلاڭ دىگەندەك ئەنئەنۋى ئۇسۇللارنى كۆرسىتەي . ئەگەر ئاڭلاپ چۈشىنىشتە ئازراق ئاساسىڭىز بولسا ئەقلى تىلفۇنىڭىزغاتور رادىئوسىنى ئاڭلايدىغان ئەپتىن بىرنى قاچىلاپتىڭشىغۇچنى قۇلاققاتىقىۋېلىپ خىزمەت ۋاقتىدا ئىنگىلىسچە رادىئو تىڭشاڭ .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:00:14

ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىمتىھاندىن بۇرۇن جاۋابىنى سېتىۋىلىش، سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز تاپالىشىڭىز مۈمكىن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 07:49:35

كۈندە مەشىق ئىشلەڭ!
ئىشەۋەرسىڭىز كۆنۈپ كېتىسىز، گەرچە بەك بىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ!
بەت: [1]
: مەملىكەتلك ئۇنۋان ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باققانمۇ....