udun123 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:12:04

ھەيدى ۋاپات بولدى ( تولۇق قىسمى )

ھەيدى ئالەمدىن ئۆتتى
ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى شىرلېي.تېمپول 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.



bbc نىڭ خەۋەر قىلىشچە ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس شىرلېي.تېمپول شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى  دۈيشەنبە ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى ئۆيىدە 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە بارلىق قېرىنداشلىرى يېنىدا ئىدى.
شىرلېي.تېمپول 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا نام چىقارغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: «چولپان كۆز»،«بۈدۈر چاچ» قاتارلىقلار بار. ئۇ ئامېرىكا كىنوچىلىق جەمىيىتى تەرىپىدىن يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ يۈز ئايال ئارتىس ئىچىدە 18-ئورۇنغا تىزىلغان.
شىرلېي.تېمپولنىڭ ھاياتىي پائلىيىتى

شىرلېي.تېمپول 1923-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان. دادىسى جورج بولسا لوس.ئانجىلىستىكى بىر بانكىنىڭ ئادەتتىكى كاسسىرى، ئانىسى گىترودىس بولسا چىكاگودىكى ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرىنىڭ قىزى. شىرلېي.تېمپولنىڭ جېك ۋە كىچىك جورج قاتارلىق ئىككى قېرىندىشى بار ئىدى.
ئىككى ياش ۋاقتىدا شىرلېي.تېمپولنىڭ مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشى قوزغالغان ئۈچ ياش ۋاقتىدا شىرلېي.تېمپول ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر ئۇسۇل تەربىيىلەش مەكتىپىگە كىرىپ تەربىيىلەنگەن. بۇ مەكتەپ ھوللىۋود ئارتىسلىرىنى قازغۇچىلىرىنىڭ دائىملىق كىلىدىغان ئورنى ئىدى. شىرلېي.تېمپولنىڭ ئانىسى قىزىنىڭ ئاساسلىق روللارغا چىقىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى 1934-يىلى سانتانامونىكادىكى بىر كىنوخانىدا ئەمەلگە ئاشتى.
1934-يىلى 4-ئايدا سىنارىست جېي ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساس قىلىنغان ئۇسۇللۇق تىياتىر «ئالقىشلاش» نى يېزىۋاتاتتى. ئۇنىڭ نەزىرى ناھايىتى تىزلا سەھنىدە سەكرەپ-تاقلاپ يۈرگەن شىرلېي.تېمپولگە چۈشتى. شۇ يىلى ئۇ فوكىس شىركىتىنىڭ «گۈل-گىياھلار يىغىنى»،«كىچىك ئەنچىر»،«كىچىك ئاشىق» قاتارلىق سەككىز فىلىمدە رول ئالدى ۋە بۇ فىلىملەردىكى قالتىس ماھارىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئون چوڭ ئارتىس قاتارىغا كىردى. شۇنداقلا 7-نۈۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.

1934-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى «چولپان كۆز» فىلىمى تارقىتىلدى. بۇ تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس شىرلېي.تېمپولنىڭ رول ئېلىش سەنئىتىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەنگەن كىنو ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى تۇنجى بولۇپ كىنو تىمىسىدا چىقتى.
شىرلېي.تېمپول يەنە تېخى 30،40-يىللاردىكى ئامېرىكا تىتا ئۇسۇلى تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى.
1938-يىلى ئۇ 10 يېشىدا ئامېرىكىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ ئارتىس بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى ۋە تاتلىق كۈلكىسى سان-ساناقسىز كىشىلەرنى مەپتۇن
قىلىۋالغانىدى. « شىرلېي.تېمپول قونچىقى» ھەر بىر كىچىك قىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر تەركىبى بولۇپ قالغانىدى. لىكىن بۇ كىچىك ئارتىسنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىنكى ئارتىسلىق ھاياتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تاماشىبىنلار ئۇ كىچىك ئوماق قىزنىڭ چوڭ بولۇپ ئۆزگۈرۈپ كەتكىنىنى پەقەتلا قۇبۇل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 22 يېشىدا كىنو سەھنىسىدىن چىكىنىپ چىقتى.

60-يىللاردا ئۇ سىياسىي قىياپەتتە يەنە سەھنىگە چىقتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەرخىل سىياسىي ئورۇنلىرىدا خىزمەت ئۆتىدى. شىرلېي.تېمپول 1977-يىلى 4-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتىمۇ بولدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بولسا ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىش، گولف توپ ئويناش ۋە خاتىرە بۇيۇملارنى يىغىش بىلەن ئۆتكۈزدى.

«بالىلىق ۋاختىمدا ھوللىۋودنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئارتىسى بولغىنىم ھاياتىمنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىم، مەن ئۆزەمنى يەنىلا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان بەخىتلىك ۋە تەلەيلىك ئايال ھېسابلايمەن.» دېگەنىدى. شىرلېي.تېمپول ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۆتمىشىدىن پەخىرلىنىپ كەلگەنىدى.
تېڭشۇن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەنبە : مىكرو كىنو ئۈندىدار سالونى ( Micro kino  )
ئىزدەش نومۇرى : microkino


hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 09:46:45

ئوقۇلمىغان ئەسكەرتىشلەر
ئوقۇلغان ئەسكەرتىشلەر
systempm
نىقابلاش1 سائەت ئالدىدا
سىزنىڭ تېمىڭىز ھەيدى ۋاپات بولدى نى adip ئۆچۈرگەن
قايتىلانغان يازما

نىقابلاش8 سائەت ئالدىدا
توردىشىمىز newstar تېمىڭىز ھەيدى ۋاپات بولدى   غا ئىنكاس يازدى. كۆرۈش
يەنە 6 دانە ئوخشاش ئۇقتۇرۇش نەزەردىن ساقىت قىلىندى
systempm
نىقابلاش تۈنۈگۈن 20:16
يوللىغان تېمىڭىز ھەيدى ۋاپات بولدى تەستىقتىن ئۆتتى !   كۆرۈش ›
========================================================
ماڭا كەلگەن ئۇچۇر

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:32:48

كىچىك ۋاقتىلىرىمىزدا بۇ ئۇماق قىزچاقنىڭ كىنۇسىنى ياقتۇرۇپ كۆرتۇق،   مەن شۇ چاغلاردا مەن بىلەن تەڭ دەپ يۇرۇپتىكەنمەن

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 00:02:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begtash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-13 00:03  

بۇ قىزچاق رول ئالغان بۈدۈرە چاچ فىلىمىنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم. مانا كۆرۈش ئادىرىسى:
http://f.hd.baofeng.com/play/130/play-166630.html?fid=1314
كىنونىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 卷毛头

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 07:51:07

1923-يىلى تۇغۇلغان، 1938-يىلى 10ياشقا كىرگەن {:87:} ...

'سىزمۇ تۇخۇم تۇغالامسىز ؟؟' دىگەن سۆزى ۋە تۇرقى بەك ئوماق ... ھاۋاخان ھېيتنىڭ ئاۋازى بۇ قىزنىڭ قىلىقلىرىغا بەكلا ماسلاشقان، خەنزۇچىسىنى كۆرگەن ،ئەمما ئۇيغۇرچىسىدەك يېقىشلىق ئەمەس، ئاۋازى بەكلا سۈنئى.

كىنولىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى توردا بارمىكىن ؟

بەت: [1]
: ھەيدى ۋاپات بولدى ( تولۇق قىسمى )