waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:48:37

مەۋلان تۇرسۇن جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا قۇشۇلدى

   
ۋاڭيى تەنتەربىيىسى10- فېۋرال خەۋىرى؛ بۈگۈن شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى مەۋلان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن ئايرىلىپ NBL كوماندىسى  جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا قۇشۇلغانلىقىنى، بۈگۇن كەچ كوماندىغا رەسمي قۇشۇلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى، ئارقىدىنلا جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسى باشقۇرۇشىدىكى مىكرو بىلوگىمۇ مەۋلان تۇرسۇننىڭ مەزگۇر ئۇچۇرىنى كۈچۇرۇپ تارقىتىپ، مەۋلان تۇرسۇننىڭ كوماندا بىلەن رەسمىي توختاملاشقانلىقىنى جەزىملەشتۇردى.   
   مەۋلان تۇرسۇن 1984-يىلى 17-ئۆكتەبىردە تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 2.05 مېتىر. 1997-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان، 2002-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ۋاسكېتبول كوماندىسىدا توپ ئويناشقا باشلىغان، 2006-يىلى تۇنجى قېتىم چولپانلار مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسېكىتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2-بولىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان، 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە فوشەن كوماندىسىدا توپ ئوينىغان.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: مەۋلان تۇرسۇن جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىغا قۇشۇلدى