ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 15:57:02

بوۋىقىم توغىرلىق مەسلىھەت سورايمەن

بوۋىقىم تۇغۇلغىلى بۈگۈن ئۈچ ئاي بولدى، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن باشقا جەھەتلەردىن ياخشى لېكىن قولتۇقىنىڭ ئاستى تەرىپىدە 5~6 سانتېمىتىر دائىرىدە ئازراق ئىششىق پەيدا بولۇپ قالغىلى بىر ئاي بولۇپ قالدى، ئازراق كۆكلۈك بار ، لېكىن ئاغرىمايدىغان ئوخشايدۇ، بالىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنكاسى يوق، دەسلەپتە بىر دوختۇر دوستۇمدىن سورىسام چاتاق يوق يوقاپ كېتىدۇ دېدى ، لېكىن يوقىماۋاتىدۇ بۈگۈن ۋاكسىنا ئۇردۇرغىلى بارغاچ شۇ يەردىكىلەردىن سورىسام بىز دىئاگىنوز قويالمايمىز باللار بۆلۈمىگە ئاپىرىپ بېقىڭ دەيدۇ، دوختۇرخانىغا ئاپىراي دېسەم ئۇلارنىڭ نەق گەپنى قىلماي قالايمىقان دورا ئوكۇل بۇيرۇشىدىن ئەنسىرەپ سىلەردىن مەسلىھەت سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن، مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققانلار بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 16:25:09

مېنىڭچىمۇ بالىلار بۆلىمىگە ئاپىرىپ بېقىڭ. ئاۋال دېئاگنوزنى قويدۇرۋىلىڭ، ئاندىن دېئاگنۇزغا قارىتا مەسلىھەت ئالسىڭىز توغرا بولامدىكىن دەپ ئويلايمەن.

1miskal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 16:26:55

كارىڭىز بولمىسۇن . مىنىڭمۇ چوڭ ئوغلۇمنىڭ بەدىنىدە سىز دىگەندەك كۆك بار ئىدى . بۇ كۆك تاكى بەش ئالتە ياشقىچە بار ئىدىلىكىن ھازىر يۇقاپ كەتتى

1miskal يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 16:27:41

مىنىڭكىدە شۇ كۆك ئىزلا بارتىئىششىق ئەمەس

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 16:36:10

1miskal يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 16:26 static/image/common/back.gif
كارىڭىز بولمىسۇن . مىنىڭمۇ چوڭ ئوغلۇمنىڭ بەدىنىدە سىز...

ئوخشاش ئىششىق بارمىتى؟

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 17:25:50


ئىششىق بولماي كۆكلا بولغان بولسا جىق ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولاتتى . مىنىڭ بالامنىڭمۇ دۇمبە تەرىپىدە كۆك ئۇزۇم چوڭلىقىدا كۆك باتتى ، دوختۇرلار ھىچ ئىش يوق دىگەن .
ئەڭ ياخشىسى ئىككى -ئۇچ بالىلار بولىمىگە ئاپىرىپ تەكشۇرتۇپ ئاندىن دەۋالاتقۇدەك بولسا مەسلەھەت بىلەن قىلسىڭىز بولغۇدەك ، ئاللاھ سالامەت قىلسۇن .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 18:05:15

ئەگەر ئىششىق بولسا تەكشۈرتۈپ باققىن ئاداش

saray يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 18:56:28

مۇشۇ باھانىدا مەنمۇ سورىۋالاي،مېنىڭ بالام بەش ئايلىق بولدى،ساغرىسىدا كۆكۈچ ئىز بار،چوڭلار بىر مەزگىلدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ دېگەن،تېخىچە يوقىمايۋاتىدۇ،بۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىش كىرەكمۇ يا ھاجىتى يوقمۇ؟
بالا تۇغۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كۆپرەك ئوڭ تەرەپكە قارىتىپ ياتقۇزۇپ قويغان ئوخشايدۇ،شۇڭا بېشى بىر تەرەپكە مايماق بۇلۇپ قاپتۇ،بۇنى قانداق تۈزەيمىز؟دوختۇرلاردىن سورىسام چوڭ بولغانچە تۈزۈلۈپ كېتىدۇ دەيدۇ،لېكىن پەقەت خاتىرجەم بولالمىدىم.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:02:24

‹‹قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن›› قېرىندىشىم بىز شۇ مەسلىھەتلا بېرەلەيمىز بىراق ‹‹يىپ تارتىپ تومۇر تۇتۇش›› تىن بەك ئۆمۈتمۇ كۈتۈپ كەتمەڭ،بولسا كىچىك بالا ئەمەسمۇياخشىسى بالىلار بۆلىمىگىلا كۆرسىتىپ بېقىڭ

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:11:51

بەزى بوۋاقلارنىڭ قۇيمۇشىدا كۆك باركەن، يۈرەك قان يېتىشتۈرەلمەي شۇنداق بولىدۇ دەيدىكەن،
كېيىن يوقان كېتىدۇ دەيدۇغۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:32:43

مىنىڭ بوۋىقىممۇ 70 كۈنلۈك بولدى ھەر ھالدا ياخشى، لىكىن شۇ ئۇيقىسى بەك ئاز، ئۇخلاپ يىرىم سائەت بولمايلا ئويغۇنۇپ كىتىدۇ، يەنە 1-2 سائەتىن كىيىن ئۇخلايدۇ لىكىن يىرىم سائەتتىن ئاشمايدۇ، دوختۇرلاردىن سورىساق كالتىسى كەمكەن، كالتىسى يىگۈزۈڭلار دەيدۇ، بۇ زادى قانداق گەپتۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:46:25

ئىششىق باربولسا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ!!!!!

begtash كالتىسى كەم بولسا بالا ياخشى ئوخلىيالمايدىكەن.بېشىنىڭ ئارقا تەرپىدىكى چىچى ئايسىمان چۈشىدىكەن.مۇۋاپىق كالتىسى ،ۋىتامىن تۇلۇقلاپ بارسەڭلار بىر ئايدىن كىينلا ياخشى، تاتلىق ئۇخلايدىغان بۇلىدۇ ، كىچىسىمۇ تولا ئۇيغانمايدۇ.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:47:36

مېنىڭئوغۇلۇمدۇنياغا كۆز ئاچىقىلى بۈگۈن ئاللا خالىسا 6 كۈن بولدى ئەتتە ئىسمىنى قويىمىز.   ئوغۇلۇم كېچىسى بەك يىغلايدۇ. بىردەم كۆتۈرۈپبىردەممىدىرلىتىپقويمىزئىش قىلىپ كۈندۈزى بەك ئۇخلايدۇ. ئەمما كېچىسىپەقەت ئۇخىلمايدۇ. مەن چۈچۈك بولۇپ قېلىپ يىغلامدىكىندەپئويلاپ چۈچۈك دورىسىئەكەلگەن. لېكىن ئىشلەتمىدىم. قانداق قىلىساقبولار ؟ تۇغۇلۇپلاچۈچۈك بولۇپ قالامدۇ   بوۋاق باللايەنە بىر ئىش، بالىغا ياڭاق بېرەيلى دېسەم   چوڭلار بالىنىڭ قورسىقىكۆپۈپ قالىدۇ. ھازىر ياڭاق بەرسەك دەپ بەرگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ.بالىغاتۇغۇلۇپ بىر قانچە كۈن بولغاندا ياڭاق بەرسە بولامدۇ بولمامدۇ.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:50:01

saray يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 18:56 static/image/common/back.gif
مۇشۇ باھانىدا مەنمۇ سورىۋالاي،مېنىڭ بالام بەش ئايلىق...

   ساغرىسىدىكى كۆك چوڭ بولغانچە سۇسلاپ يوقاپ كېتىدىكەن، بۇ بىزنىڭ بېشىمىزدىنمۇ ئۆتكەن.
   بالىنىڭ باش شەكلى مېنىڭچە ئېرسىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، قانداق ياتقۇزۇش، قانداق باش كىيىم كىيگۈزۈش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقمىكىن دەيمەن. مېنىڭ چوڭ قىزىممۇ يېشىغا توشۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە پىشانىسى چىقىۋاپتىكەن، ئانىسى بەك ئەنسىرەپ كۈندە دىگۈدەك بېشىمنى ئاغرىتاتتى، مەن «باش سۆڭىكى شەكلىنىڭ ئىگىسى بەلگىلىۋەتكەن شەكلى بار، شۇ شەكلى بويىچە بولىدۇ، بۇ يېشىدا ھەرقانداق كىچىك بالىنىڭ پىشانىسى ئۆسكەن كۆرۈنىدۇ» دەيتىم، ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ يۈزە كۈزىتىپ ۋە ئۆز كۆزقارىشىم بويىچە چىقارغان ھۆكۈمۈم ئېدى، دىگەندەك بالا چوڭ بولغانچە باش شەكلى تۈزۈلۈپ كەتتى، ھازىر 6ياشتىن ئاشتى، باش شەكلى مېنىڭكىگە ئوخشايدۇ، كەينى دوقا. ئەمما پىشانىسى شۇنداق تۈز.
   چوڭلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لىكىن ئارتۇقچە ۋايىم يەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:51:49

talmas1 يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 19:46 static/image/common/back.gif
ئىششىق باربولسا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ!!!!!

begtas ...

   كالتىسىينىڭ قايسىنى يىگۈزگەن ئىشەنچلىك ۋە ياخشىدۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:08:02

qalbim يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 19:47 static/image/common/back.gif
مېنىڭئوغۇلۇمدۇنياغا كۆز ئاچىقىلى بۈگۈن ئاللا خالىس ...

   بالا تۇغۇلۇپلا چۈچۈك بولۇپ قالغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئانىسى پەرھىز بويىچە تاماق يىسۇن، بالىنىڭ مېجەزىگە، تەرىتىگە دىققەت قىلىڭلار، ئىشتاھاسى ياخشى بولسا، سۈتى ياخشى سىڭىپ بەرسە، تەرىتى راۋان بولسا ئادەتتە كۆپ يىغلىمايدۇ.
   بالىغا بىرنەرسە يىگۈزۈشكە كەلسەك، ھازىرلا ياڭاق يىگۈزۈش بالدۇرلۇق كېلىدۇ، ئەلۋەتتە ئېغىزلاندۇرغاندا ناھايىتى يۇمشاق چايناپ ئاز يىگۈزۈپ قويسا بولىدۇ، لىكىن رەسمى بىرنەرسە يىگۈزۈشنى بالىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا قاراپ 20كۈن ياكى بىرەر ئايلاردىن كىيىن باشلىغان ياخشىراق دەپ قارايمەن. مېنىڭ چوڭ بالامنىغۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 4ئايغىچە تاماق سالماي ئانا سۈتى ۋە سۈت پاراشوگى بىلەنلا باققان، شۇنداق سېمىز چوڭ بولغان، لىكىن چوڭ بولغانچە ئىشتاھاسى ئازلاپ كەتتى، سۈتكە، تالقانغا شۇنداق ئامراق ئەمما ئالدىغا تاماق كەلسە بېشىغا تاغ ياغىدۇ، ھازىرغا قەدەر (6ياشتىن ئاشتى) تاماقنى زورلاپ يىگۈزىمىز. بىز بۇنى دەسلەپكى تاماق بېرىشنى بەك كەينىگە تارتىۋەتكەننىڭ نەتىجىسى دەپ قاراپ، ئىككىنچى بالىمىزدا بىر ئايغا توشا-توشمايلا ئۆز ئەنئەنىمىز بويىچە تاماق سېلىشنى باشلىدۇق. قارىسام ئەسلىدە بىزنىڭ ئەنئەنىۋى بالا بېقىش تەجرىبىلىرىمىز شۇنداق ياخشى، شۇنداق ئىلمى ئىكەن. بالىغا گۆش ياكى سۆڭەكنى ئۇزۇن قاينىتىۋىتىپ سۈيىگە نېپىز يېيىپ تاشلانغان يېيىۋاش (يېيىپ ئاش ياكى خولۇپ ئاش)ياكى جىلتىسى نېپىز تۈگۈلگەن تۈگرە سېلىپ ئۇزۇن پىشۇرۇپ ئېلىپ ئۆزىڭىز ئىچسىڭىز ۋە بالىڭىزغا ئىچۈرسىڭىز شۇقەدەر قۈۋۋەتلىك، شۇقەدەر يېنىك، شۇقەدەر سىڭىشلىك ئېسىل تاماق بولىدىكەن. ئەسلىدە خەقنىڭ بۇنداق ئىسسىق ۋە سىڭىشلىك تاماق تۈرى بولمىغاچقا، ئۇلار ئادەتتە يەيدىغان سوغۇق ۋە يىرىك يىمەكلىكلەرنى بوۋاقلار ھەزىم قىلالمايدىغان بولغاچقا ئۇلار شۇنداق تاماق بېرىشنى كەينىگە تارتىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. شۇڭا بالا بېقىشتا يەنىلا ئۆز ئەنئەنىمىزدىكى ئۇسۇللاردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، يىمەكلىك بېرىشنى بىرەرئايلىق بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە باشلىسا، يىمەكلىك ئىسسىق، ئۇزۇن قايناپ پىشقان، يۇمشاق ۋە سىڭىشلىك بولسا، مېغىز تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر ناھايىتى يۇمشاق چايناپ نان بىلەن بىللە بېرىلسە مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:14:49

بالىنىڭ بېشى قاتمىغاندا بىر تەرەپكە بەكرەك ياتقۇزغاندىمۇ باش شەكلى ئۆزگىرىدۇ، چۈنكى بالىنىڭ بېشى يۇمشاق بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئەگەر ئوڭ تەرىپى بىسىلىپ قالغان بولسا سول تەرىپىگە كۆپرەك ياتقۇزۇڭلار ئەمما ئىزچىل سول تەرەپكە دېمىدىم، پەقەت كۆپرەك دېدىم، ئاندىن ئاستا ئاستا تۈزىلىپ كېتىدۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
بەدىنىدىكى كۆك نورمال، مېنىڭ باللىرىم 3 ياشقا ئەمدى كىردى، دۈمبىسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كۆك تېخى يوقىمىدى ئەمما بۇرۇنقىدىن سۇسلاپ كەتتى، ئاستا ئاستا يوقاپ كېتىدۇ ئىنشائاللا دەپ ئويلايمەن.
كالتىسىي بېرىشتە دورىخانىغا كىرىپ دورىگەرلەردىن سورىسىڭىز سىزگە ياخشىسىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەگەر ئىقتىسادىڭلار يار بەرسە جوڭگۇ مېلىنى ئامال بار بەرمەڭلار، ئىشقىلىپ مەن جۇڭگۇ مېلىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن، دورىخانىلاردا ئىمپورت ئوزۇقلۇقلارنىمۇ ساتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى شۇلاردىن بېرىڭلار.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:19:44

ياڭاقنى ئەڭ ياخشىسى تېخى ئېيىغىمۇ توشمىغان بالىغا بەرمىگەن ياخشى، مەن 3 ئايلىق بولغاندا ئاندىن ئانچە مۇنچە بىر نەرسىلەرنى بېرىشكە باشلىغان.
بالا كىچىسى يىغلىسا بەلكى ئىچىنى يەل قاپلىۋالىدىغان ئوخشايدۇ، كەشتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن 2-3 تال تەرتاز ئىچكۈۋەتسە يەلنى سۈمۈرۈپ كۆپۈپ چوڭ تەرەتتىن چىقىپ كېتىدۇ دەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قورساقلىرىنى سىلاپ، بوش ئۇۋىلاپ بەرسىمۇ يەل مېڭىشقا پايدىسى بار.

nopano يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:35:34

اللاھ شىپالىق بەرسۇن؟!

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:59:45

Elqvn يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 19:51 static/image/common/back.gif
كالتىسىينىڭ قايسىنى يىگۈزگەن ئىشەنچلىك ۋە ياخشىدۇ؟ ...

ئەڭ ياخشىسى ئانىسى كالتىسىي تولۇقلىسا (بالىنى ئىمىتىۋاتقان بولسا ) ، ئانىسىدىن سۈت ئارقىلىق بارسا ياخشى .
ئىشەنچىلىككالا سۈتى تاپالىساڭلا كالا سۈتىمۇ بولىدۇ .
پەقەت ئامال بولمىسا يىنىك بولسا شۇ جىياجىياگەيبەرسەڭلىمۇ بولىدۇ .

يەنە قوشۇمچە كۇندە يىرىم سائەت ئەتراپىدا كۇنگە قاقلاپ بېرىڭلار .
ۋىتامىن ADقوشۇپ ئىچكۇزسەڭلەر كالتىسىينىڭ بەدەنگە سۇمۇرلۇشىگە پايدىسى بار ....
بەت: [1] 2
: بوۋىقىم توغىرلىق مەسلىھەت سورايمەن