izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 15:40:43

سوپىزىمنىڭ ماھېيىتى ھەققىدە(ئىلمى ماقالە)

سوپىزم

ئېنىقلىما:
تەسەۋۋۇپ- ھاقارەت بابىدا ئەيش-ئىشرەتكە چۈكۈشكە بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە قاتتىق ئىبادەت قىلىشقا ۋە زاھىدلىققا چاقىرىدىغان شەخسى ئىنتىلىشلەر شەكلىدە ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىردە ئىسلام ئالەمىگە تارقالغان بىر خىل دىنىي ھەرىكەت. كېيىنچە بۇ خىل مايىللىقلار تەرەققى قىلىپ، سوپىزم نامى بىلەن تونۇلغان پەرقلىق تەرىقىلەرگە ئايلانغان. تەسەۋۋۇپچىلار شەرئىي ۋاسىتىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئەمەس، كەشىف (بايقاش) ۋە كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى بىلىشكە يىتىش مەقسىتىدە نەپىسنى تەربىيلەش ۋە ئۇ ئارقىلىق يۈكسىلىشنى كۆزلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن،ئۇلار ئايرىم يول تۇتقان ۋە تەرىقەتلىرى ھىندىستان، پارىس (ئىران)، يۇنان قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان بۇددىست پەلسەپىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. زاھىدلىق بىلەن تەسەۋۋۇپ ئوقۇمى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى: زاھىدلىق شەرىئەت تەرىپىدىن بۇيرۇلغان بىر خىل ئەھۋال بولسا، تەسەۋۋۇپ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە تۇتۇپ ماڭغان ھەق يولدىن ئېغىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدا ياتىدۇ.
قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:
مۇھىم مۇقەددىمە:
* پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ، توغرا يولدىكى خەلىپىلەر ھەتتا ھەسەن ئەلبەسرىي ۋاپاتىغىچە بولغان دەسلەپكى ئىككى ئەسىر جەريانىدا، سوپىزم نە ئىسمى، نە رەسىمى ۋەياكى سۈلۈكلىرى بىلەن تونۇلمىغان ئىدى. ئۇ دەۋردىكى ھەممىنى ئۆز ئىچىنى ئالىدىغان ئاتالغۇلار: مۇسۇلمانلار، مۆمىنلەر ياكى ساھابە، بەدر ئەھلى، بەيئەت ئەھلى، تابىئىن دېگەنگە ئوخشاش مەخسۇس ئىسىملاردىن ئىبارەت ئىدى.
ئۇ دەۋردە، ئايرىم كىشىلەرنىڭ نەپىسكە ئېغىرچىلىق سېلىش خۇسۇسىدىكى شەخسىي ئىنتىلىشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەمەلىي خۇداگۇيلۇق ياكى ئىلمى ئەقىدە پەرەستلىك ساھەسىدە بۇ دەرىجىدە رادىكاللىق يوق ئىدى. بۇ ئىشلاردىن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قانچە يەردە چەكلىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى توغرىسىدا سورىغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرگە ئېيتقان سۆزىدۇر: «لېكىن مەن روزا تۇتىمەن ۋە روزىسزمۇ يۈرىمەن، مەن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇيمەن، بىر قىسمىدا ئۇخلايمەن ھەم ئاياللار بىلەن توي قىلىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈنىتىمدىن يۈز ئۆرىسە ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس.»
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىكى، كېچە ئوقۇيدىغان نامىزىدا ئوخلاپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆزىنى باغلاپ قويغان ھەۋلا بىنتى نۇۋەيتكە دېگەن سۆزىمۇ بۇنىڭ دەلىلى: «سىلەر تاقىتىڭلار يىتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ سىلەر زىرىكمىگۈچە زېرىكىپ قالمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل، ئاز بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان ئەمەلدۇر.»
-ساھابە، تابىئىن ۋە تابىئىنلارنىڭ تابىئىنلىرىنىڭ دەۋرىدە مۇشۇ خىل ئۆلچەم بويىچە مېڭىشاتتى، ئىلىم بىلەن ئەمەلنى، ئىبادەت بىلەن نەپىس ۋە ئائىلىگە ھەمدەم بولۇشنى، ئىبادەت بىلەن جىھادنى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇفە مەسچىتىدىكى كوللېكتىپ زىكىر قىلىش بىدئىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنى ۋە مۇئەززىد ئىبنى يەزىيد ئەلئەجلىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بەزى تاغلاردا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس يەر تۇتقانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇ ئىشتىن قايتۇرغانلىقىغا ئوخشاش، بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئارا مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى.
* ئابىدلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى: ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە، يەنى تابىئىنلار ۋە قالغان ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە، بىر گۇرۇھ ئابىدلار مەيدانغا كىلىپ، يالغۇزچىلىقنى، كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىقنى ئەۋزەل كۆردى، ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزلىرىنى ئىبادەتكە زورلىدى. ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى، بەزى ئىچكى پىتنىلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، گۇناھسىز قانلارنىڭ ئېقىتىلىشى قاتارلىقلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، جەمئىيەتتىكى پىتنىلەردىن ئۆزلىرىنى ھېمايە قىلىش، دىنىي جەھەتتىكى ساغلاملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئايرىم ياشاشنى ئەۋزەل كۆرۈشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ ئېچىلىپ كېتىشى، بولۇپمۇ ئىسلامىي پەتھىلەرنىڭ كېڭىيىشى، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا بىرىلىپ كېتىشى ۋە ئەدەبسىز كىشىلەر ئارىسىدا ئەيش-ئىشرەت ۋە ھاياسىزلىقنىڭ يامراپ كېتىشى قاتارلىقلار بەزى ئابىدلاردا بولۇپمۇ بەسرە، كۇفە قاتارلىق جايلاردىكى ئابىدلاردا ئىنكاس پەيدا قىلدى. ئەمما، دەسلەپتىكى مېتودتىن ئېغىشنىڭ باشلىنىشى سۈلۈك قىسمىدىلا ئىدى.
-كۇفىلىكلەردىن بىر جامائەت چىقىپ، كىشىلەردىن ئايرىلىپ چىقتى، ھۇسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەتل قىلىنىشىدىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقلىرىنى ئاشكارىلاشتى ۋە ئۆزلىرىنى كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلار ياكى يىغلىغۇچىلار، دەپ ئاتاشتى. يەنە، ئىبادەت ساھەسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغان، دۆلەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشتىن يىراق تۇرىدىغان بىر تەبىقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار ئەمەل، پەزىلەت ۋە شەرىئەتنىڭ ئەدەب- قائىدىلىرىنى چىڭ تۇتۇشتا، كىتاب ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىلەن شوغۇللىنىشلاردىن باشقا، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، ھاۋايى- ھەۋەس ئەھلىلىرىگە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇردى. ئۇلاردا يەنە ئاللاھ تائالادىن قاتتىق قورقۇش، قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىغاندا ھۇشىدىن كېتىش ۋە ئاۋازىنى كۆتىرىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئىشلار، يەنە شۇ دەۋردە قارىلار، زاھىدلار ۋە ئابىدلار، دېگەنگە ئوخشىغان لەقەملەرنىڭ تارقىلىشىغا ئوخشىغان ئىشلار سەۋەپلىك، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، مۇھەممەد ئىبنى سىيرىين ۋە باشقىلارغا ئوخشىغان(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) بىر قىسىم ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ رەت قىلىشلىرىغا ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى، ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، سەفۋان ئىبنى سەلىم، تەلقە ئىبنى ھەبىب ئەلئېنەزىي، ئەتائ ئەسسىلمىي، ئەسۋەد ئىبنى يەزىيد ئىبنى قەيس، داۋۇد ئەتتائېي ۋە ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ بىر قىسىم ئەسھابىلىرىدىن ئىبارەت ئىدى.
* ئېغىشنىڭ باشلىنىشى: ھەر قانداق بىر ئېغىشنىڭ باشلىنىشى كىچىكىدىن باشلىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەدرىجى كېڭىيىدۇ. زۇھد ئوقۇمى كۇفە، بەسرەلەردە، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم، مالىك ئىبنى دىينار، بىشىر ئەلھافىي، رابىئەتۇل ئەدەۋىييە، ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيدكە ئوخشىغان زاھىدلارنىڭ چوڭلىرى ئارقىلىق بۇرۇنقى زاھىدلاردا كۆرۈلۈپ باقىمىغان تاماق يىمەسلىك ئارقىلىق نەپىسنى قىيناش، گۆش يېيىشنى ھارام قىلىش، سەھرا، تۈزلەڭلىكلەرگە ساياھەت قىلىش، ئۆيلىنىشتىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق ئوقۇملارغا تەرەققىي قىلدى.
مالىك ئىبنى دىينار ”بىر كىشى ئايالىنى گويا تۇل ئايالغا ئوخشاش تاشلاپ قويۇپ، ئىتلارنىڭ زەمبىللىرىدە پاناھلانمىغۇچە، سىددىقىينلار دەرىجىسىگە يىتەلمەيدۇ“ دەيدۇ. بۇلارنى ھېچقانداق تايانچى ياكى كىتاب، سۈننەتتىن نەس بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىقى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن تۇترۇقسىز، رەزىللەرچە ئېيتىلغان سۆزلەر ئەشۇ زاھىدلارغا مەنسۇپ قىلىپ قويۇلغان ئەھۋاللارمۇ بار.
-كۇفىدە مۇئزەد ئىبنى يەزىيد ئەلئەجلىي ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىنى ئوخلىماسلىققا، نامازنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۆندۈرۈشكە باشلىدى. كۇفەنىڭ بىر تۈركۈم زاھىدلىرى ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭدى ۋە باشتا دېيىلگەندەك ئىبنى مەسئۇدنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تاغلارغا چىقىپ كىتىشكە باشلىدى.
-ئۇلارنىڭ رابىئەتۇل ئەدەۋىييەگە ئوخشىغان بىر قىسىملىرىدىن، پەرۋەردىگار بىلەن بەندىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە، ئىلاھىي ئىشىق، سۆيگۈگە ئائىت ناتوغرا سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارغا ئەگىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ «(رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى» دېگەن سۆزىگە خىلاپ ھالدا، ئىبادەت ھەققىدە نە جەننەتنى تاما قىلىپ، نە جەھەننەمدىن قورقۇپ قىلماسلىق دېگەندەك خاتا چۈشەنچىلەر مەيدانغا كەلدى.
-شۇ باسقۇچتىكى بۇ خىل تەرەققىياتلارنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مونۇ سۆزى ئارقىلىق خۇلاسىلەيدۇ: ”تابىئىنلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆز قاراش، كالام ۋە تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىش يۈز بەردى: كۆز قاراش تەرەپدارلىرى كۇفىدە ئىدى. كالام ۋە تەسەۋۋۇپ تەرەپدارلىرى بەسرەدە ئىدى. ھەسەن ۋە ئىبنى سىيرىينلارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەمرۇ ئىبنى ئۇبەيد، ۋاسىل ئىبنى ئەتائ ۋە ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ شاگىرتى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيدنىڭ تالپىى ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئەلھۇجەيمىي (200ھ ۋاپات بولغان)لار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ قەدەر توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى بار ئىدى. ئۇ ئىسلامدا تۈنجى بولۇپ، ئاڭلاش ۋە زىكىر قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن مۇستەقىل ھالدا بەسىرىگە سۇپىلار ئۈچۈن بىر خانىقا ياسىدى. ئۇلاردا مۇزىكىغا ئىشارە قىلىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاش ئەھۋاللىرى شەكىللەندى. مەدىنىلىكلەر ئۇلارغا قارىغاندا سۆز ۋە ئەمەلگە يېقىنراق ئىدى. ئەمما شاملىقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇجاھىدلار ئىدى.“
* شۇ دەۋردىن باشلاپ، تەسەۋۋۇپ بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. ئۇلارنىڭ مۇھىملىرى:
-باشلىنىش ۋە مەيدانغا كىلىش: تەسەۋۋۇپ ۋە سوپىزم ئاتالغۇسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئاتالغۇ تۈنجى بولۇپ، پارىس ئېلىگە يېقىن بولۇش سەۋەبى ۋە تەرجىمە دەۋرىدىن كېيىن، يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئەھلى كىتاب راھىبلىرىنىڭ سۇلۇكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى يۈزىسىدىن كۇفىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۆلىما ۋە تارىخچىلار بۇ ئاتالغۇ بىلەن كىمنىڭ دەسلەپتە ئاتالغانلىقى مەسىلىسىدە ئۈچ خىل قاراشقا كەلگەن:
1-شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ قارىشىنى ئويغۇن دەپ قارىغانلار: تۈنجى سۇفىي، نامى بىلەن تونۇلغان كىشى ئەبۇلھاشىم ئەلكۇفىي (150ھ ياكى 162ھ ۋاپات بولغان) شامغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە تونۇلغان. ئۇ سۇفيان ئەسسەۋرىي بىلەن زامانداش ئىدى. سۇفيان ئۇنىڭ توغرىسىدا ”ئەبۇ ھاشىم بولمىغان بولسا، رىيانىڭ ئىنچىكىلىكلىرى تونۇلمىغان بولاتتى.“ دېگەن. ئۇ يەنە جەئفەر ئەسسادىق بىلەن ئەسىرداش ئىدى. ئۇ دەسلەپكى شىئەلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، شىئەلەر ئۇنى سوپىزمنىڭ ئىجادچىسى، دەپ ئاتىشىدۇ.
2-بەزى تارىخچىلار ئەبدۇھك (ئابدۇلكەرىم ياكى مۇھەممەد) (210ھ ۋاپات بولغان) نىڭ سۇفىي، دەپ ئاتالغان تۈنجى كىشى، ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. ھارىس ئەلمۇھاسىبىي ئۇنىڭ ئۆزىنى كۇفەدە تەسىس قىلىنغان سۇپىزمچىلار، دەپ ئاتىلىدىغان يېرىم شىئە تائىپىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما مەلتېي ئۆزىنىڭ“التنبيه والرد على أهل الأهواء والبدع“ ناملىق كىتابىدا ئەبدۇھكنىڭ، ”دۇنيانىڭ ھەممىسى ھارام، دۇنيادىكى ئۇزۇقلۇقتىن باشقا نەرسە ھېچكىمگە ھالال ئەمەس، توغرا يولدىكى ئىماملار دۇنيانىڭ ئادىل ئىمامسىز ھالال بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئادىل ئىمام بولمىغاندا ئۇ ھارامدۇر، ئۇنىڭ ئەھلى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامدۇر،“ دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان زىندىقلار پىرقىسىنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ.
3-فىھرەستتىكى ئىبنى ئەننەدىيم جەئفەر ئەسسادىقنىڭ شاگىرتى جابىر ئىبنى ھەيياننىڭ تۈنجى سۇفىي، دەپ ئاتالغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىئەلەر ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن ھېسابلايدۇ ۋە پەيلاسۇپلارمۇ ئۇنى شىئەلەرگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ.
-ئۆلىمالار يەنە، سوپىزم سۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشى مەسىلىسىدە بىر قانچە خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1- شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى خەلدۇن ۋە كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار ، دەسلەپكى سۇپىلار تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھلى كىتاب راھىبلىرىنىڭ چاچلىرىغا قارىتا، سۇف (يۇڭ)دىن تۈرلەنگەن، دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە ئاساسەن باشقا بارلىق تۈرلىنىش ۋە قاراتمىلىقلىرىنى يوققا چىقىدۇ. يەنە سۇپىلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىنىڭ ئىچىدىكى كەمبەغەللەرگە مەنسۇپ، دېيىشكە ئۇرۇنۇشلىرى ياكى ئۆزلىرىنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ھەسەن ئەلبەسرىي، سۇفيان ئەسسەۋرىي (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇشلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىدۇ. بۇ يەردىكى مەنسۇپلۇق قارىشى دەلىلگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھۆججەت، پاكىتلىرى تولۇق ئەمەس.
2-ئەبۇ رەيھان بىيرونىي (440ھ ۋاپات بولغان) ۋە يېقىنقى زاماندىكى فون ھامىر ۋە بۇ ئىككىسىدىن باشقىلار تەرىپىدىن كۈچلۈك، دەپ قارالغان باشقا بىر خىل كىلىپ چىقىش بولۇپ، ئۇلار ئۇنى يۇنانچىدىكى ھېكمەت مەنىسىنى بىرىدىغان SOHP (سۇف) سۆزىدىن كىلىپ چىققان، دەيدۇ. بۇ قاراشنىڭ ھېمايىچىلىرى ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ھىجىرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئاكتىپلاشقان تەرجىمە ھەرىكىتىدىن كېيىن باغداد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تارقالغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا ئىسلام ئالەمىنىڭ غەرب ۋە جەنۇبىدا بۇ ئاتالغۇ تونۇلمىغان. زامان ۋە ماكاندىن باشقا، سوپىزم ۋە يۇنانلارنىڭ نەزىرىدىكى پىكىرنىڭ ئەسلىدىمۇ ئوخشاشلىق بار. ھەر ئىككىلا گۇرۇپتا ”ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد“، ”ھۇلۇل“، ”ئىشراق“ ۋە ”فەيز“ پىكىرلىرى مانا مەن چىقىپ، تۇرىدۇ. ئۇلار بۇ قاراشنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە دەلىل قىلىپ، دىندىن چىققانلىقى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەن سۇھرەۋەردىيگە ئوخشىغان سۇپىلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ”بۇ يېقىن زامانلاردىكى سۈلۈكنىڭ نۇرلىرى فىيساگورسنىڭ خېمىر تۇرۇچىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ قېرىندىشىم ئەخمىيم ”زۇنۇن ئەلمىسرىي“ گە ئۇنىڭدىن سىيارىستىرىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆچتى.“ دېگەن سۆزلىرىنى دەلىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شۇ دەۋردە يۇنانچىدىن تەرجىمە قىلىنغان پەلسەپە، مۇزىكا، مۇزىكىشۇناس، سەپسەتە ۋە ھىيولىي دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ، دەلىل قىلىشىدۇ.
* سۇپىلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى كىشىلەر: ھىجىرىيە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەسىردە تەسەۋۋۇپقا مەنسۇپ ئۈچ تەبىقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار:
* بىرىنچى تەبىقە: كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ۋەسۋەسىگە سالغۇدەك دەرىجىدىكى زاھىدلىققا، دۇنيادىن يىراقلىشىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى ياشىغان ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەھۋاللارغا قارشى شەكىلدىكى ئىبادەت ۋە سۈلۈكتىكى ئېغىشقىلا ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى ئەسىردىكى ئابىدلارغىمۇ قارشى شەكىلدىكى ئېغىشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، ”سەمىمىيەت“ بىلەن مەشھۇر بولغان ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ، گەرچە جۇنەيدكە ئوخشىغان بەزىلىرىدىن ئۆلىمالار تەرىپىدىن توترۇقسىزلىق، دەپ قارىغان بەزى ئىبارىلەر رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقىدىدە دورۇستلىقى، سۈننەت ۋە سەلەپلەرنىڭ مېتودىنى چىڭ تۇتۇش چاقىرىقىنى كۆپ قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى. بۇ ئېقىمنىڭ تونۇلغان كىشىلىرىدىن:
-جۇنەيد: تولۇق ئىسمى، ئەبۇلقاسىم ئەلخەراز (298ھـ ۋاپات بولغان) بولۇپ، سۇپىلار ئۇنى ”تائىپىنىڭ ئەپەندىسى“ دەپ ئاتىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سوپىلار بولۇپمۇ تەۋھىد، مەرىپەت ۋە مۇھەببەتكە ئائىت مەسىلىلەردە ئۇنىڭ سۆز ۋە قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئۇ زۇننۇن ئەننۇبىينىڭ قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، شاگىرتى شىبلىي ئۇنى تەھقىقلەپ، توپلاپ تارقاتقان. ئەمما ئۇ، فەنا قارىشىدا زۇننۇن، ھەللاج ۋە بەستامىيلارنىڭ يوللىرىغا قارشى يول تۇتقان؛ ھۇشسىزلىقتىن سەگەكلىكنى ئەۋزەل كۆرىدۇ، تۇترۇقسىز قاراشلارنى رەت قىلىدۇ، فەنادىن بەقانى ياخشى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ سۇپىلاردىن شەرئىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ساقىت ئىكەنلىك قارىشىنى رەت قىلىدۇ. جۇنەيد تۈنجى بولۇپ تەسەۋۋۇپ بىلەن كالامنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ئۇستازى ھارىس ئەلمۇھاسەبىي ۋە تاغىسى سىررىي ئەسسەقتېي (253ھ ۋاپات بولغان) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
بۇ تەبىقە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلار يەنە، ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەتېييە ئەلئەنىي (205ھ ۋاپات بولغان)، ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ ئەلھەۋارىي، ھەسەن ئىبنى مەنسۇر ئىبراھىم ئەبۇ ئەلى ئەششەتاۋىي ئەسسۇفىي (بۇخارى سەھىھىدە ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان)، سىررىي ئىبنى مۇغلىس ئەسسەقتېي ئەبۇلھەسەن (253ھ ۋاپات بولغان)، سەھىل ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتەستەرىي (273ھ ۋاپات بولغان)، مەئرۇف ئەلكەرخىي ئەبۇ مەھفۇز (200ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن، شۇلارنىڭ تەرىقىلىرى بويىچە داۋام قىلغان ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىي (412ھ)، مۇھەممەد ئىبنى ھۇسەين ئەلئەزدىي ئەسسىلمىي، خەتىيبۇل بەغدادىينىڭ ئۇستازى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى فەزىل ئىبنى ئەلئەبباس ئەبۇ يەئلا ئەلبەسرىي ئەسسۇفىي (368ھ) لارمۇ بار.
- بۇ تەبىقىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇھىملىرى قاتارىدا، مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۆلىمالىرىدىن پەرقلىق تۇرۇشنىڭ باشلىنىشى، بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرىدىكى ”ئىلمىمىز، مەزھىپىمىز، يولىمىز“ دېگەنگە ئوخشىغان كېيىنچە تەرىقەتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە شارائىت ھازىرلايدىغان شەكىلدىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى قاتارلىقلار بار. جۇنەيد مۇنداق دەيدۇ: ”ئىلمىمىز ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن“. بۇ خىل مەنسۇپلۇق شەرئىي جەھەتتىن ھارام بولۇپ، بۇ بىدئەتكە، مەئسىيەتكە، ھەتتا شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەرىقىسىدە مېڭىشنى مەقسەت قىلغانلارغا مال-دۇنياسىنى تاشلاش، تاماقلىرىنى كېمەيتىش ۋە سۈلۈك ئىچىدىلا بولغانكەن ئۆيلىنىشتىن يىراق تۇرۇش قاتارلىقلارنى شەرت قىلىدۇ.
- ئىلىم ۋە دىنىي چۈشەنچىسىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋەز- نەسىھەت ۋە قىسسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەھلى كىتابنىڭ ئىستىقامەتچىلىرى ۋە راھىبلىرىنىڭ سۈلۈكلىرىغا ئەگىشىۋاتقان بولغاچقا ساغلام شەكىلدىكى ۋەز- نەسىھەت ۋە قىسسىلەرنى ئۈگۈنىشتىن ھەزەر ئەيلەش كۆپەيدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئارا ئۇچىراشقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىماملىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن يىراقلىشىشنى كۈچەيتىۋەتتى. ئاقىۋەت بۇ ئىشلار ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن باشقا ئورۇن تۇتۇش بىلەن نەتىجىلەندى؛ ئۇ يەرگە زاھىدلارنىڭ قەسىدىلىرى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ماختاش مەقسىتىدە، كۆرۈنىشى غەزەلگە ئوخشايدىغان قەسىدىلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن توپلىنىدۇ. بۇ ئىش فىقھىي ئالىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك دۈشمەنلىككە سەۋەب بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە كەشىف (بايقاش)، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارغا دائىر دەۋا قىلىشلار ۋە كالامىزمغا ئائىت بەزى سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ جەرياندا، ئەبۇ تالىب ئەلمەككىينىڭ كىتابى، ئەبۇ نەئىيم ئەلئىسفەھانىينىنڭ ”قوت القلوب و حليە الأولياء“ ناملىق كىتابى ۋە ھارىس ئەلمەھاسىبىينىڭ كىتابلىرىغا ئوخشىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئىلگىرىكى ئۆلىمالار، مەۋزۇئ، مۇنكەر، ئىسرائىلىييات قىسسىلىرى ۋە ئەھلى كىتابلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كىتابلارنى ئوقۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىمام ئەبۇ زەرئەدىن: بۇ كىتابلاردا ئىبرەت بارمۇ، دەپ سورالغاندا ئۇ: ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن ئىبرەت ئالمىغانلار ئۈچۈن بۇ كىتابلاردا ئىبرەت يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن.
* تەسەۋۋۇپ مەزھەپلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇھىملىرىنىڭ يەنە بىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىبادەت ۋە باشقا مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىكى پەرقلىق مېتودىنىڭ ئورتاق نوقتىسى بولغان ”زوق“ دەپ ئاتايدىغان نەرسىسىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كالامپايلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن سۇپىلىق ئۆزىنى بىرىكىپ كېتىش ياكى ئىسلامىي بولمىغان پەلسەپە ۋە ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇقۇشتىن ھېمايە قىلىشقا قادىر بولالمىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ تەبىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، رادىكاللىقى ۋە ئېغىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ۋە ئىككىنچى تەبىقىنىڭ تارقىلىشىنى كۈچەيتكەن.
ئىككىنچى تەبىقە: زاھىدلىق باتىنىيلارنىڭ ئىبارىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمەلىي ئىش، رېئال سۈلۈك بولۇشتىن چىقىپ يالغۇز پىكىر يۈرگۈزۈش، نەزىرىۋىي سۆزلەر باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە، يالغۇزلۇق، فەنا، ئىتتىھاد (بىرلىشىش)، ھۇلۇل، سۇكر (ھوشسىزلىنىش)، سەھۋ (سەگەكلىك)، كەشپ، بەقا، مۇرىد، ئارىپ ، ئەھۋال، ماقاملار دېگەنگە ئوخشىغان ئاتالغۇلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەرىئەت بىلەن ھەقىقەتنى پەرقلەندۈرۈش، ئۆزلىرىنى ھەقىقەت ئىگىلىرى، باتىنىيلار، دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بىلەن ئاتاش، ئۆزلىرىدىن باشقا فىقھىي ئالىملىرىنى زاھىرىيلار، رەسىمچىلەر، دەپ ئاتاشلار كەڭ ئومۇملاشتى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى كۆپەيتىۋەتتى. بۇلاردىن باشقا سەلەپ-سالىھلار ۋە ”سائادەت دەۋرى“ دەپ تونۇلغان دەۋردىكى كىشىلەرگە، ھەتتا سۇپىزمغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ بىرىنچى تەبىقىلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇلار ئۇنىڭ ئېغىشىنى ئاشۇردى. ئۇ دەۋر ھەقىقەتەنمۇ ھازىرغىچە شەكىللەنگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ رېئال باشلانغۇچى بولۇپ قالغان ئىدى.
* بۇ تەبىقىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرى: ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي (263ھـ ۋاپات بولغان)، زۇننۇن ئەلمىسرىي (245ھ ۋاپات بولغان)، ھەللاج (309ھ ۋاپات بولغان)، ئەبۇ سەئىيد ئەلخەزار (277-288ھـ)، ھەكىم ئەتتىرمىزىي (320ھ ۋاپات بولغان) ۋە ئەبۇ بەكر ئەششىبلىي (334ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار. بۇ يەردە ئۇلاردىن كېيىن ھازىرغىچە تەسىرى كۈچلۈك بولغانلارنىڭ تەرجىمە ھالى بىلەن كۇپايىلىنىمىز. مەسىلەن:
-زۇننۇن ئەلمىسرىي: تولۇق ئىسمى، ئەبۇلفەيز سەۋبان ئىبنى ئىبراھىم بولۇپ، ئەسلى مىسىر ئېگىزلىكىنىڭ ئەخمىيم يېزىسىدىكى نەۋبەلىك قىبتېيلاردىن. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 245-يىلى ۋاپات بولغان. ئىبنى خېللىكان ۋە ئابدۇرراھمان ئەلجامىينىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇ تەسەۋۋۇپنى شەقران ئەلئابىد ياكى ئىسرائىل ئەلمەغرىبىيدىن ئۆگەنگەن. شىئەلەرنىڭ كىتابلىرىدا ئۇنىڭ خېمىيەنى جابىر ئىبنى ھەيياندىن ئۆگەنگەنلىكىنى تەكىتلىنىدۇ، ئىبنى نەدىيممۇ ”ئەلفىھرىست“ ناملىق كىتابىدا ئۇلار بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ. ئىبنى خىللىكان ئۇنىڭ كىشىلەردىن تەقۋالىقىنى يۇشۇرۇپ، شەرىئەتنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلىپ يۈرۈيدىغان ”مەلامىتىييە“لەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېكمەت ۋە پاساھەتتە مەشھۇر ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ.
سوپىزم يازغۇچىلىرى ئۇنى مەرىپەت ۋە سۆيگۈگە دائىر تەرىقىلىرىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى، مىسىردا ماقاملار، ئەھۋاللار توغرىسىدا دەسلەپ ئېغىز ئاچقان كىشى، دەپ ھېسابلىشىدۇ. ئۇ ”كەشپ“ ۋە شەرىئەتنىڭ زاھىرىي ۋە باتىنى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قۇشەيرىي ئۆزىنىڭ رىسالىسىدە ئۇنىڭ تەۋھىدكە سوپىزم ئوقۇمى بويىچە ئېنىقلىما بەرگەن تۈنجى كىشى، ۋەجد ۋە ئاڭلاش (سوپىزمدىكى ئىككى خىل ئاتالغۇ-ت)نىڭ تۈنجى قېتىم ئېنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئىپادىلەشتە تۈنجى قېتىم ئىشارە ئىشلەتكەن كىشى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. ئىسمائىلىييەلەرنىڭ باتىنى ئەقىدىسى ۋە ئىخۋانۇسسەفالار بىلەن بولغان كۈچلۈك ئالاقىسى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ تەىسىرىگە ئۇچرىغان؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل مەزھەپلىرىگە چاقىرىش جەريانىدا ئۆز ئارا ھەمكارلاشقان. ئۇنىڭ باتىنى ئىلىم، ئىلاھىي ئىلىم، ئىتتىھاد (بىرلىشىش) ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەسلىنىڭ نۇرى مۇھەممەدىيگە قايتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى بار. ئۇنىڭ قېبتىي تىلىدىكى ئىلمى يېزىسىدىكى قېبتىيلارغا ئائىت ئىزلارغا سىزىلغان ئالامەتلەر، نەقىش چۈشۈرۈشلەرگە قەدەر تەسىرىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئۇنىڭ پالچىلىق، سىھىر ۋە ئۆزى شۇغۇللانغان تىلسىمات ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئىمكان يارىتىپ بەرگەن. زۇننۇن مۇتەسەۋۋۇپلار ئىچىدىكى يۇنان مەدەنىيىتى، يېڭى ئەفلاتۇنچىلار مەزھىپى، بولۇپمۇ ئارىستوتىلنىڭ ئىلاھىيەتكە دائىر سىيولوگىيەسى قاتارلىقلار بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقا كىشى، ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مەرىپەت ۋە فەنا قارىشىدا گىنوسىيس (يۇنانچە مەرىپەت ئوقۇمىدا)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەخسۇس مەزھىپى بار ئىدى.
- ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي:تولۇق ئىسمى، تەيفۇر ئىبنى ئىيسا ئىبنى ئادەم ئىبنى سروشان بولۇپ، بەستامدا ئەسلى مەجۇسىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر سۆزلەر مەنسۇپ قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار بۇ خىل مەنسۇپلۇقنىڭ ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭ ”مەن ھەقتىن ھەققە چىققىنىمدا، ماڭا: ”ئەي مەن سەن كىم ؟“ دەپ ۋارقىرىدى، مەن ئاللىقاچان ئاللاھتا فەناھلىق ماقامىغا ئېرىشتىم“، ”پاكلىقىم، مېنىڭ شەنىم نېمە دېگەن ئۇلۇغ!“ دېگەن سۆزلىرى. بۇ مەيلى مەسىت ياكى سەگەك ھالەتتە ئېيتىلغان سۆزلەر بولسۇن، ساھىبىنى كەچۈرگىلى بولمايدىغان سۆزلەردۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئۇنى بۇ تەبىقىنىڭ ئەسھابىلىرىدىن ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دەپ قارالغان سۆزلەرنىڭ ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۈننەتنى چىڭ تۇتۇدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان سۆزلەر بار. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئۇنى ھەللاج ۋە سەھرۇۋەردىيلار بىلەن بىر تەبىقىدە قويىدۇ.
- ھەكىم ئەتتىرمىزىي: تولۇق ئىسمى: ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلھۇسەين ئەتتىرمىزىي (320ھـ ۋاپات بولغان) بولۇپ، ھامىيلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا تۈنجى ئېغىز ئاچقان كىشى. ئۇ بۇ ھەقتە كىتاب يېزىپ، ئۇنىڭغا ”ئەۋلىيالىقنىڭ ئاخىرلىشىشى“ دەپ نام بەرگەن. بۇ كىتاب ئۇنىڭ كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلىنىشى ۋە يۈرتى تىرمىزدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئونىڭ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”سۇپىلارنىڭ بىر تائىپىسى ”ئەۋلىيالىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى“نى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ھەكىم ئەتتىرمىزىيغا ئوخشاش كىشىلەر چۇڭايتتى. بۇ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ بىرى. كۆپ نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان ئىبنى ئەرەبىينىڭ ئەكىسىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ساغلامدۇر.“ يەنە ”پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى بولغاندەك، ئەۋلىيالارنىڭمۇ خاتىمىسى بولىدۇ“ دېگەن سۆز ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ، ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى سەبئىين، ئىبنى ھۇد ۋە ئەتتىلمەسانىيغا ئوخشىغان سوپىزم پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئالدىدا ”ئەۋلىيالار خاتىمىسى“ سۆزىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇنىڭ ماقامىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسىنىڭ ماقامىدىن ئەۋزەل، دەپ قارايدۇ.
* ئۈچىنچى تەبىقە: بۇ تەبىقىدە تەسەۋۋۇپ يۇنان پەلسەپىسى بىلەن يوغۇرۇلۇپ، ”ھۇلۇل“، ”ئىتتىھاد“، ”ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد“ ۋە پەيلاسۇپلارنىڭ سۆزلىرىگە ماسلاشقان ھالدا، ”ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى خىيالى، مەۋھۇم ۋە يالغان سۈرەتلەردىن ئىبارەت“ دېگەنگە ئوخشىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭدەك، غەزالىي، سۇھرەۋەردىيلەرنىڭ قولىدا ”ئىشراق“، ”فەيز“ نەزىرىيەلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ تەبىقە تەسەۋۋۇپ باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ خەتەرلىك تەبىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەبىقە ئەمەلىي بىدئەتلەردىن تەسەۋۋۇپنى ئىسلامدىن تامامەن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئىلمى بىدئەتلەرگە ھالقىغان. بۇ تەبىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن، ھەللاج (309ھ ۋاپات بولغان)، سۇھرەۋەردىي (578ھ ۋاپات بولغان)، ئىبنى ئەرەبىي (638ھ ۋاپات بولغان)، ئىبنى ئەلفارىز (632ھ) ۋە ئىبنى سەبئېين (667ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
- ھەللاج: ئەبۇ مۇغىيس ئەلھۇسەين مەنسۇر ئەلھەللاج (244ھ – 309ھ)، ئىراندا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، زەردۇشت دىنىدىكى بىر كىشىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇ ئىراقنىڭ ۋاسىت شەھىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ، ”ھۇلۇل“ ۋە ”ئىتتىھاد“ چىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى. كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك جىنايەت سەۋەبىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن:
1-قەرامىتەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى.
2 -“ئەنەلھەق“ دېگەن سۆزى.
3 -ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇنى ئىلاھىي، دەپ ئېتىقاد قىلىشى.
4-ھەج توغرىسىدىكى سۆزى. ئۇ ھەرەم بەيتىگە ھەج قىلىش ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پەرزلەردىن ئەمەس، دەپ قارايتتى.
ھەللەج رادىكال، جاھىل ۋە دەبدەبىچى بولغىنىدىن سىرت ئۇنىڭ شەخسىيىتىدە نۇرغۇن گوڭگىلىقلار مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ ”تەۋاسىين“ ناملىق بىر كىتابى بولۇپ، ئۇنى فرانسىيىلىك شەرقشۇناس ماسنيون تەھقىقلاپ چىققان.
* بەزى تەتىقىقاتچىلار ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرىدە بۇ تائىپىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىر خىل باتىنى ئىلىمنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنى يوشۇرغانلار بولۇپ، ”مەن ۋە ھۇسەين ئىبنى مەنسۇر ئەلھەللاج بىر ئىدۇق، ئۇ ئاشكارىلىدى ۋە مەن يۇشۇرۇپ قالدىم“ دېگەن سۆزنىڭ سۆزلىگۈچىسى شىبلىيدىن سىرت بىرىنچى تەبىقىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، ئۇنى ئاشكارىلىغان، جار سالغانلار بار بولۇپ، ھەللاج ۋە ئۇنىڭ تەبىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆمۈرنىڭ تەمىنى تېتىتتى. بۇ سۆزنى، فرانسىيىلىك شەرقشۇناس ماسنيوننىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، جۇنەيدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەللەج دارغا ئېسىلغان چاغدا بىر ئايال ئېيتقان.
* تەرىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى:
ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىينىڭ شاگىرتى، ئەبۇ سەئىيد مۇھەممەد ئەھمەد ئەلمەيھەمىي ئەسسۇفىي ئەلئىرانىي (357ھ – 430ھ) ۋارىسلىق بويىچە زەنجىرسىمانلىق شەكىلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ تۈنجى تەرتىپ ئاپپاراتىنى ئورناتقان.
* بەشىنچى ئەسىر، ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىي (412ھ ۋاپات بولغان) نىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق راۋاجلانغان ئىلگىرىكى ئەسىرلەردىكى پىكىرلەرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئىبنى تەيمىييە ئۇنى مونۇ سۆزى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ: ”ئۇنىڭ كىتابلىرىدا سەھىھ رىۋايەتلەر ۋە دىندا پايدىلىنىشقا بولىدىغان نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەر بار. ئۇنىڭدا يەنە، ساغلام بولمىغان رىۋايەتلەر ۋە تەجرىبىسىز كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان رەت قىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەرمۇ بار. بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ رىۋايىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ.“ ئۇ سوپىزمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ھەدىسلەرنى توقۇيتتى.
* بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى بىلەن ئالتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى ئىسلامنىڭ ھۆججىتى، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي (505ھ ۋاپات بولغان) زامانىدا تەسەۋۋۇپ ئەھلى سۈننەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئورنىنى تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامىي بولمىغان پرىنسىپ ساھىبلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشقان بولدى. بۇ باسقۇچنىڭ زامانىمىزغا قەدەر سۇزۇلغان مەشھۇر كىشىلىرىدىن:
-ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي: مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەتتۇسىي (450ھ – 505ھ) بولۇپ، ئىسلامنىڭ ھۆججىتى، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان. خۇراسان رايونىنىڭ تۇس شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىلمىي كالام، پەلسەپە، باتىنىييە ۋە تەسەۋۋۇپقا ئوخشىغان قاراش ۋە مەزھەپلەر كۆپ بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بۇلار ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ۋە شەكلىنىش بەخشەندە قىلغان ۋە باغدادتا تۇرۇش جەريانىدا يۇقىرىدىكى تۆت مەزھەپنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە ئېلىپ بارغان. جورجان، نىسابۇرلارغا بارغان. نىزامۇل مۇلكنىڭ يېنىدا تۇرغان. باغداتتىكى نىزامىييە مەدرىسىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. دەمەشق مەسچىتىنىڭ مۇنارىدا ئېتىكاپتا تۇرغان. قۇددۇسقا، ئۇ يەردىن ھىجازغا بېرىپ، ئاخىرىدا يۈرتىغا قايتقان. ئۇ بىر قانچە پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلاردىن، ”تهافت الفلاسفە“، ”المنقذ من الضلال“ ۋە ئەڭ مۇھىمى ”إحياء علوم الدين“ ناملىق كىتابلىرىنى ساناش مۇمكىن. غەزالىي پارىس ئەسىللىك كىشىلەرنىڭ قولىدىن تەسەۋۋۇپنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ، سۈننى ئەسىللىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان مەرىپەتتىكى كەشىپ مەدرىسىسىنىڭ رەئىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنىڭ بىرى، يۇنان پەلسەپىسىنى ۋەيران قىلىشى، ”المستظهري“ ياكع ”فضائح الباطنيە“ ناملىق كىتابىدا باتىنىيلارنىڭ ئەپتى بىشرىنى ئىچىپ تاشلىشى بولدى. شاگىرتى ئابدۇلغافىر ئەلفارىسى ئۇنىڭ يۈرتى تۇسقا قايتقاندىن كېيىنكى، ئاخىرقى ھاياتىنى مۇنداق ھېكايە قىلىپ بىرىدۇ: ”ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ھەدىس تەرەپدارلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ھۆججىتى ھېسابلىنىدىغان سەھىھۇلبۇخارىي ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدىن ئىبارەت ئىككى كىتابنى مۇتالىئە قىلىش بىلەن ئۆتتى.“ بۇ ئىشلار يۇرتىدا ئۇنىڭغا سەھىھۇل بۇخارىينى ئوقۇپ بەرگەن، ئەبۇ سۇھەيل مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلھەفسىي، سۇنەن ئەبۇ داۋۇدنى ئوقۇپ بەرگەن قازىي ئەبۇلفەتھ ئەلھاكىمىي ئەتتۇسىيلاردىن ئىبارەت ئەھلى ھەدىسلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
-بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىلمى كالام ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئەيىبلەپ ”إلحام العوام عن علم الكلام“ ناملىق كىتابىنى يازغان. سەلەپلەرنىڭ مەزھەپ ۋە مېتودلىرىنى ھېمايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”سەلەپلەرنىڭ مەزھىپىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، ئۇنىڭ قارشىسىنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدۇر. بىدئەت گۇناھتۇر، ئازغۇنلۇقتۇر. ئاۋامنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ تەۋىلگە ئىچكىرلەپ كىرىشى بىدئەتتۇر، گۇناھتۇر. ئۇنىڭ قارشىسى گۈزەل سۈننەتلەر بىلەن كۇپايىلىنىشتۇر.“
-ئۇنىڭدا يەنە، كەشىفتىن، پەيغەمبەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئامىللىرىنى بايقاش، دېگەن سۆزلىرى ۋە كىشىلەرنى تىزگىنلەشتىن ئىلگىرىكى تەۋىل ياكى ئىسپاتلاشتا كەشىفكە تايىنىش، دېگەن قاراشلىرىدىن يانغان.
* ھىجرىيە ئالتىنچى ئەسىر سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ ئەمەلىي باشلىنىشى ۋە تارقىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى بۇ دەۋردە سوپىزم ئىراندىن ئىسلام شەرقىگە يۆتكەلدى. يەنە بۇ دەۋردە ئابدۇلقادىر جەيلانىي (561ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ ”قادىرىييە“ تەرىقىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ قىرىق توققۇز پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئون بىرى ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئۈگەندى ۋە ئىسلام ئالىمىگە تارقاتتى. گەرچە ئۇ ھەسەن بىلەن ئۇچىرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپ ۋە خىرقەنى ھەسەن ئەلبەسرىيدىن، ئۇ ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتىن ئالغان، دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. بۇلاردىن باشقا غەيبنى بىلىش، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كائىناتتا ئۆلۈك ياكى تىرىك بولسۇن خالىغىنى قىلىش دېگەنلەردىن ئىبارەت ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالمايدىغان بۈيۈك ئىشلارنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلغاندىن سىرت، بىر يۈرۈش زىكىر، ۋىرد ۋە رەزىل سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئائىت، دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشىدا دېگەن ”مېنىڭ بۇ پۇتۇم ئاللاھنىڭ بارلىق ئەۋلىيالىرىنىڭ بوينىدا“ سۆزىدۇر. ئۇ: ”كىمكى قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندە، مەندىن مەدەت تىلىسە، قېيىنچىلىق ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلۇپ كېتىدۇ. كىمكى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا مېنى چاقىرسا، ئۇنىڭدىن خالاس بولىدۇ، كىمكى ھاجىتىدە مېنى ۋەسىلە قىلسا، ئۇنىڭ ھاجىتى راۋا بولىدۇ“ دەيتتى. بۇ سۆزلەردىكى شېرىك ۋە پەرۋەردىگارلىقنى دەۋا قىلىش مانا مەن، دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
-سەييىد مۇھەممەد رەشىيد رىزا مۇنداق دەيدۇ: ”شەيخ جەيلانىدىن باشقا ھېچكىمدىن رىۋايەت قىلىنمىغان كارامەتلەر، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەت ئەھلىنىڭ باھالىغۇچىلىرى بۇ تۈردىكى نەقىللەرنى تايىنىدىغان دەلىللىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ.“
* ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھۇسەين ئەررىفائىي (540ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ ”رىفائىييە“ تەرىقىتى مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭغا يەنە ئىراقتىكى شېغىللىق بىر يېزىغا يېقىن بىر ۋىلايەتنىڭ ئورنىغا قارىتا ”بەتھائىييە“ (شېغىللىقچىلار) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇپىلارنىڭ يازغۇچىلىرى سۇپىزمغا مەنسۇپ باشقا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۆلىشىپ، ئەپسانە ۋە خۇراپاتلارنى توقۇيدۇ، ھەتتا ئۇنى پەرۋەردىگارلىق ئورنىغا كۆتۈرىدۇ. بۇ تۈردىكى سۆزلەرنىڭ بىرى: ”ئۇ زېمىندىكى قۇتۇبلارنىڭ قۇتۇبى ئىدى، كېيىن ئۇ ئاسمانلارنىڭ قۇتۇپلىقىغا كۆچتى، ئارقىدىن يەتتە ئاسمان ئۇنىڭ پۇتىدىكى ھالقىلارغا ئايلاندى.“
-رىفائىي بىر قانچە ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن، ئەمما، پەرزەنتى بولمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەيخلىقىغا ئەلى ئىبنى ئوسمان (584ھ ۋاپات بولغان) ۋارىس بولغان، ئۇنىڭغا ئابدۇررەھىم ئىبنى ئوسمان (604ھ ۋاپات بولغان) ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ غەلىتە ئىش ۋە ئەھۋاللىرى بولۇپ، ئۇلارنى ھافىز ئىبنى ئەززەھەبىي زىكىر قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: ”ئەمما ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ياخشىلارمۇ، يامانلارمۇ بار.“-يەنە بۇ ئەسىردە، پەلسەپەنى ئاساس قىلغان ئىشراقىييە مەدرىسىسىنىڭ ئاساسچىسى سۇھرەۋەردىي شىھابۇددين ئەبۇلفۇتۇھ مۇھيىددين ئىبنى ھەسەننىڭ زىندىقلىقى، جۆيلۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مەدرىسىنىڭ ئاساسى قەدىمقى پارىسلارنىڭ دىنلىرى، ۋۇجۇدنىڭ ئىككىلىكى توغرىسىدىكى مەزھەپلىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن، يېڭى ئەپلاتۇنچىلىق شەكلىدىكى يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ فەيز، ئىزچىل كۆرۈنۇشلەرگە دائىر مەزھەپلىرىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەشتۈرۈشتىن شەكىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەلەب ئۆلىمالىرى ئۇنى زىندىقلىق، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى پاسسىپلاشتۇرۇش ۋە ئىشراقىييە پەلسەپىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن ئەيىپلىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ سۇلتان سالاھۇددين ئەييۇبىيغا ئۇنىڭ كاپىرلىقى ۋە زىندىقلىقى توغرىسىدا ماتېرىيال يوللىشىغا ئېلىپ بارغان. سالاھۇددين ئەييۇبىي ئۇنى دىندىن چىققانلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان. سۇھرەۋەردىييە تەرىقىتى ۋە ئۇنىڭ فەيز ياكى ئىزچىل كۆرۇنۇش دەپ ئاتالغان مەزھەپلەر ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ”حكمە الإشراق“، ”هياكل النور“، ”التلويحات العرشيە“ ؤە ”المقامات“ قاتارلىق كىتابلىرى بار.
³ بۇرۇنقى ئەسىرلەردىكى سوپىزم مەدرىسىلىرىنىڭ كۆپلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى ئەلفارز ۋە ئىبنى سەبئىيلار ھەللەج، زۇننۇن ئەلمىسرىي ۋە سۇھرەۋەردىيلارنىڭ ئەقىدىسىنى قايتىلىدى.
* ھىجرىيە يەتتىنچى ئەسىردە تەسەۋۋۇپ ئەندەلۇسقا (ھازىرقى ئىسپانىيەگە) كىردى. ئىبنى ئەرەبىي ئەتتائېي ئەلئەندەلۇسىي سوپىزم كاتىۋاشلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە شەيخۇل ئەكبەر (ئەڭ چوڭ شەيخ) دەپ ئاتالدى.
- شەيخۇل ئەكبەر (560ھ – 638ھ)، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان مۇھييىددين ئىبنى ئەرەبىي: ئۇ ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد مەدرىسىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۆزىنى ئەۋلىيالارنىڭ خاتىمىسى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئىسپانىيەدە توغۇلغان، مىسىرغا سەپەر قىلغان، ھەج قىلغان، باغداتتا زىيارەتتە بولغان. دەمەشىقتە ئولتۇراقلاشقان، شۇ يەردە ۋاپات بولغان ۋە دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ھازىر زىيارەت قىلىنىدىغان قەبرىسى بار. ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھدانىييىتىگە تولۇق بىرىلىش مۇمكىن بولسىلا، بارلىق مەخلۇقاتلار ئىچىدىن پەقەت ئىنساندىلا بارلىق ئىلاھىي سۈپەتلەر تەجەللى قىلىشى مۇمكىن، دېيىشنى مەركەز قىلىدىغان كامىل ئىنسان نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى بار، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ۋە كىتابچىلىرىنىڭ سانىنى 400گە يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم كونىيادىكى يۇسۇف ئاغا كۇتۇپخانىسى ۋە تۈركىيىنىڭ باشقا كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ مەشھۇر كىتاپلىرىدىن: : ”روح القدس“، ”ترجمان الأشواق“نى ۋە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى قاتارىدا ”الفتوحات المكيە وفصوص الحكم“قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
- ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي (593ھ -656ھ): ئىلىم تەلەپ قىلىش مەزگىللىرىدە ئىبنى ئەرەبىگە يولداش بولغان، ئەمما كېيىن، ئەبۇلھەسەننىڭ كەشىپ مەسىلىسىدە غەزالىي مەدرىسىسىنى تاللىشى ۋە ئىبنى ئەرەبىينىڭ ھەللاج ۋە زۇننۇن ئەلمىسرىينىڭ مەدرىسىسىنى تاللىشى سەۋەپلىك ئايرىلىپ كەتكەن. ھەر ئىككىسىنىڭ ئايرىم مەدرىسلىرى شەكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھازىرغىچە سوپىزم تەرىقەتلىرى ئىچىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىككىسىنىڭ چۈشەنچىلىرى ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي مەدرىسىسىنىڭ مەشھۇر شاگىرتلىرىدىن ئەبۇلئابباس ئەلمىرسىي (686ھ ۋاپات بولغان)، ئىبراھىم ئەددەسۇقىي، ئەھمەد ئەلبەدەۋىي (675ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن. بۇ مەدرىسە تەرەپدارلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىبنى ئەرەبىينىڭ سۆزلىرى ۋە مەدرىسىسىنى تەۋىل قىلىدىغانلىقى ۋە كۆپلەپ ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.
* يەنە يەتتىنچى ئەسىردە، تۈركىيەدىكى مۆۋلىۋىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى جالالۇددين ئەررۇمىي (672ھ ۋاپات بولغان) ئوتتۇرىغا چىقتى.
* سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى ئەسىرلەر ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى فارىز ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىنى شەرھىلەش، شاخلاندۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئۆتتى. بۇ دەۋرلەردە تەسەۋۋۇپتا يېڭى نەزىرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ گەۋدىلىك سىمالىرىنىڭ بىرى ھەر ئىككى مەدرىسىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى بولدى. سەككىزىنچى ئەسىردە نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى بەھائۇددين نەقشىبەندىي (791ھ ۋاپات بولغان) ئوتتۇرىغا چىقتى. ئونىنچى ئەسىرمۇ ئىبنى ئەرەبىينىڭ كىتابلىرىنى ئىزاھلاش، ئۇنى مۇداپىئە قىلىش بىلەن ئۆتتى. بۇ ئەسىردە تەسەۋۋۇپتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتلىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلىش بىلەن تونۇلدى. ”الطبقات الصغرى والكبرى“ ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇلۋاھھاب ئەششېئرانىي (973ھ ۋاپات بولغان)بۇ ئەسىردىكى سۇپىزمغا ئائىت تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.
* كېيىنكى ئەسىرلەردە سۇپىزمغا باشقا ئىشلار ئارىلىشىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق ئومۇملاشتى. ھەر ئىككى مەدرىسىنىڭ پىكىرلىرى ئۆز ئارا كىرىشىپ كەتتى ۋە دەرۋىشلىك باسقۇچى باشلاندى.2- قىسمىنى بۇيەردىن ئۇقۇڭhttp://www.patiwalar.com/?p=1480
  مەنبە  : پەتىۋالار تورى

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 16:50:25

مۇشۇ سوپىلارنىڭ بەزى ئىش-ھەرىكەت ۋە سۆزلىرى كۆزۈمگە ئانچە  سىغمىسىمۇ، ئەمما سوپىلارنىڭ بەزى ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى قوغداشتا ئوينىغان رولىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمەن.
يۇرتىمىزدا بىر مويسىپىت سوپى بار بولۇپ، گەرچە ئەل ئىچىدە نامى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ھەر جۈمە ۋە ھېيت كۈنلىرى ھەرخىل رەڭدىكى سەللە ئوراپ،بەقەسەم   تون كىيىپ ، سالاپەتلىك مۆتىۋەرلەرچە يۈرەتتى،  كىيۋالغان تونى ۋە ئورىغان سەللىسى شۇنداق ئۆلچەملىك بولۇپ، بۇرۇنقى شەرىئەت قازىلىرىدەك كۆرۈنەتتى. يېقىنقى مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىققان ئىنتىرناتسىئونالىزىمچىلارنىڭ قىسقا ئىشتان، ئۇزۇن چاچ،بومبا ساقال تېجىمەل قىياپىتى بىلەن رۆشەن سېلىشتۇرما  ھىس قىلاتتىم.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 18:43:43

ئورۇن ئېلىپ قويۇپ سەل تۇرۇپ ئىنكاس يازاي

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:28:01

ALMAS333 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 16:50 static/image/common/back.gif
مۇشۇ سوپىلارنىڭ بەزى ئىش-ھەرىكەت ۋە سۆزلىرى كۆزۈمگە ئا ...

ئوخشىتىشىڭىزنى ئاڭلاپلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلىدىم.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:44:30

ئىلمى كالام ئارقىلىق ئەقىدىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ئازغۇنلۇققا باشلايدۇ .
ئىمامى غەززالى ‹ئىھيائۇلئۇلۇم› دىگەن كىتابىدا ئوبدانلا بايان قىلغان .
ھە راس سۇپى ، ۋەھھابى جىدىلى بۇلىدىغان چىراي ما تىمىدا:)

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:54:48

ئىمام غەززالى ، يۈسۈف قەرداۋىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارمۇ ؟ مەنبە بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولاتتى

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:04:50

مەن سوپىزىم توغرۇلۇق  جىق   بىرنىمە  بۈلمەيمەن  لىكىن  ئابدۇۋەلى قارىنىڭ  دەرسىدە  ئابدۇلقادىر جەيلانى ھەققىدە  بىر  ئاز  سۆزلەيدىغان  يىرى  بار ئۇنىڭدا  ئابدۇلقادىر  جەيلانىنىڭ تەۋھىدچى كىشى ئىكەنلىكى  ئۇنى شىرىك دەپ  تۆھمەت قىلغانلارنىڭ  ئاخىرەتتە بۇنىڭ  سورىقىنى  بىردىغانلىقى توغرىلىق  گەپ  با

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:12:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 21:20  

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 20:54 static/image/common/back.gif
ئىمام غەززالى ، يۈسۈف قەرداۋىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغ ...

يۇسۇف قەرزاۋىنىڭ ‹ئىمان ۋە ھايات › دىگەن كىتابى تەرجىمە قىلىنغان ، ھازىر تاپقىلى بۇلامدۇ بولمامدۇ بىلمەيمەن .
غەززالىنىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم .
‹ئەقىدەتۇتتەھاۋى› دەيدىغان بىر كىتاب بۇلىدىغان ، شۇ كىتابنىڭ شەرھىسى بەك ياخشى يېزىلىپتىكەن . ‹جەھمىيە›، ‹قادىرىيە› ، ‹مۆئتەزىلىيە›، ‹باتىنى› ، ‹زاھىرى› ، ......قاتارلىق پىرقىلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىمىنى كەلتۇرۇپ شۇنىڭغا ‹ئايەت ھەدىس›تىن ئىبارەت <نەس›لەر ئارقىلىق قايىل قىلارلىق رەددىيەلەر بىرىلگەنىكەن . ئاپتۇرنىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:28:12

ئالدىرماي ئوقۇي

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:44:17

سىز دىگەن پىرقىلەر توغرىسىدا  مەندە ئىلكىتاب بار، تىخى ئوقۇپ بولالمىغان

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 22:20:09

ئەقىدە تاھاۋىيەنىڭ ئۇيغۇرچە شەرھىسى بارما؟  ئۇيغۇرچە مەتىننىمۇ ئىزدەپ تاپالمىغان مەن.  

  دوكتۇرانىت ئابدۇراھمان جامال دەرىسلىك قىلغان مەتىننى.  بۇ يەردىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ.  ئەقىدە ساھەسىدە ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولاي دىگەنلەر چۈشرۈپ ئاڭلاپ باققاي.
     

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 22:21:17

http://irxad.com/metni-tahawiye/metni-tahawiye.htm

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 22:32:31

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 22:20 static/image/common/back.gif
ئەقىدە تاھاۋىيەنىڭ ئۇيغۇرچە شەرھىسى بارما؟  ئۇيغۇرچە  ...

مەندىكىسى ئەرەبچە شەرھى ئىدى :o

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 22:37:33

ئەنە لۇغەتى ئۇيغۇرىيە ئې تورداش، لا ئەرەبىيە:lol

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 23:45:39

16-ئەسىردىكى قەشقەرلىك تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر يازغان «تارىخي رەشىدىي» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئاقسۇدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇفىزىمنىڭ تارقاتقۇچىسى بولغان شەيخ جالالىدىن ۋە ئەرشىدىن خوجا ئاتا-بالا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ دالالىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

newayi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 01:08:04

سۇفىىزىم ئۇلۇغ يول جۇمۇ ، ئاشۇ مەنسۇر ھەللاج جالالىدىن رۇمى ھاكاۋۇرباھاۋۇددىن نەقشىبەندە ، ئابدۇلقادىر گىلانى ، ئەلشىر نەۋايىدەك ئەھمەد يەسسەۋى ، ئىبىن ئەرەبى ، مەشرەپ ، ئابدۇراھمان جامى ، ئىمام غەززالى ، ئىمام رەببانى  دەك ئۇلۇغ ئۇستازلارنى ئاللاھ دوسلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان سۇفىلىق يولى ، تەرىقەت يولى ئاللاھقا ئۇلايدىغان يولدۇر... ئاللاھنى ئۇلاردەك سۆيىدىغان ئىنسانلار بارمۇ ، پەيغەمبەرلەرگە سىلىشتۇرمايمىز ، ئۇستازلىرىمىزغا قىلىنغان تۆھمەت لەر ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىقىنىڭ سايىسىنىمۇ يۇقىتالماس بەلكى كۆتۈرەر ، ئاللاھ يارلىرى ئۇلار ئاللاھ ئاشىقلىرى ئۇلار ... ئەڭ بۈيۈك پەيغەمبەر مۇھەممەد مۇستافا سەللىلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ۋارىسلىرى ياق ئۇنداق دىسەم ئۇستازلار خاپا بوپ قالىدۇ ئۇلار دىدىكى ، بىز پەيغەمبەر قەدىمى ئاستىدىكى  تۇپا چاڭلىرىبىز......

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 08:07:50

مەنسۇر ھەللاجىنىڭ ‹قۇرئانغا ئوخشاش كىتاپ يېزىۋاتىمەن›دىگەن گىپىنى ئەسلەڭ. ئاندىن ئاللاھتىن قورقۇڭ

newayi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:07:36

ئاشۇ سۇافى ئۇستازلار بولمىغان بولسا پۇتۇن دۇنيا دىكى ھەر دىن ھەر مىللەتتىكى ئىنسانلار ئالدىدا بۇ ئىسلام دىنى پەس ھالەتكە چۈشكەن بۇلاتتى ، شۇلار يازغان يازمىلار ھازىر ھەرقايسى دىن مىللەتەر ئالدىدا گۆھەر ئورنىدا قەدىر قىممەتكە ئېرىشۋاتىدۇ قۇرئانغا سىلىشتۇرمايمىز ، ئەمەلىيەتتە قۇرئاننى ئۇلار يىشىپ بېرىۋاتىدۇ شۇ ۋەجىدىن ئىسلامغا بولغان خاتا قاراشلار قۇرئاننى يۈزەكى چۈشۈنۈپلا سۈكىۋاتقان باشقا دىندىكىلەر توغرا چۈشۈنىۋاتىدۇ ، ئىسلامنىڭ بۈيۈك كىتاۋىنى ئوقۇمايلا چۈشىنىشنى خالىمايلا قارقۇيۇق ھاقارەت قىلىۋاتقانلار، دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قايماقتۇرۇلغانلار  بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىز يازغان كىتاپ يازمىلار ئارقىلىق دىننى چۈشۈنۋاتىدۇ دە قايتىدىن قۇرئاننى قولىغا ئېلىۋاتىدۇ ، مانا بۇ ئۇستازلارنىڭ ئىسلام ئۈچۈن چىقارغان بۈيۈك خىزمەتلىرى ، .. ئەلۋەتتە بۇلار ئۇلار ئالدىدا ھىچ ئىش ئەمەس نۇرغۇن تەرەپلىرىنى تەرىپلەپ بولالمايمىز ،  

( سېنىڭ سۆزۈڭنىڭ مەنىسى پەقەت ئۇلار چۈشىنەلىگىچىلىكلا ) جالالىدىن رۇمى.
تامام ، ئاللاھ ھەممە ئىنسانلارغا توغرا يولنى نىسىپ قىلغاي ئامىن

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 19:20:25

چىچىلماڭ شەيقىم :lol

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 20:15:23

مەن تېخى مەشرەپنى (بابارەھىم مەشرەپنى  كىلاسىك شائىېر ،گۇڭگا شئېر ئۇستسى دەپ چۈشنىمەن)

بابارېھئىم  مەشرەپنىڭ ‹‹دىۋان مەشرەپ ››ناملىق شئىېلار توپلىمدا .

1بۇتەنى خاكىنيۇ رۇھى راۋاننى نە قىلاي،
بولمىسا قاشىمدا جانانە بۇ جاننى نە قىلاي.

يەشمىسى
قېشىمدا جانانىم بولمىسا  ،تۇپراقتىن يارالغان تەننى ،
يۇرۇپ كىتىدىغان روھنى نىمە قىلممەن.

2.يارىسىز ھەم بادەسىز مەككىگە بارماق نە كىرەك،
قالغان ئىبراھىمدىن  ئول ئەسكى دۇكاننىي نە قىلاي.؛

يەشمىسى
ياربىلەن  مەي بولمىغان مەككىگە  بېرىشنىڭ نىمە كىرىگى ،
ئىبرايىم پەيغەمبەر ياسغان ئۇ كونا دۇكاننى نىمە قىلمەن.

ئورايىنىمۇ  باشىمە سەككىز بىېھشۇر دەۋزەخەن،
بولمىسا ۋەسلى  ماڭا ئىككى جاھاننى نەقىلاي.

يەشمىسى
3. سەككىز جەننەت ،دۇۋزاقلارنى دەپ ئۆزئۆزەمنى كاچاتلايمۇ؟
ماڭا  يار ۋەسلى مۇيەسسەر بولمىسا  ئىككى جاھاننىڭ كىرىگى يوق.،
بەت: [1] 2 3 4
: سوپىزىمنىڭ ماھېيىتى ھەققىدە(ئىلمى ماقالە)