muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 13:40:47

ھەجگە بىرىشتىن مەسلەھەت بەرسەڭلار

بىز بالىلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئاتا-ئانامنىڭ ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى ئۇمۇدىنى ئاقلاش ئۇچۇن ئۇلارنى ھەرەمگە يولغا سالماقچى بولغان ئىدۇق، ئەمما ئوتكەن يىلى خىلى تىرىشىپمۇ ساننى ھەل قىلالمىدۇق.
قىنى تورداشلار مۇشۇ جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىربەڭلارنى بىر سوزلەپ بەرمەمسىلەر ساۋاپ بولىدۇ .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 17:41:38

بىرىنجى : قايسى ئورۇنغا ئىلتىماس سۇنىمىز ؟
ئىككىنچى: قانداق شەرىتلىرى بار؟
ئۇچىنچى : نىمە رەسمىيەت كىتىدۇ؟
مۇرەككەپلىگىنى بىلىمەن
توتىنچى : ئەڭ ئۇنۇملۇك چارە بارمۇ ؟

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 18:25:59

مىنىڭ بىلىشىمچە :
1-ج خ ئورۇنلىرى تىزمىلايدۇ . نورمال تىزىملىسا نەچچە يىلدا نوۋەت كىلىشى مۇمكىن .
2- پارتىيە ئەزاسى بولماسلىقى ،  60 ياشتىن تۆۋە بولىشى ، تۇققانلىرىدىن كادىر پارتىيە ئەزالىرى بولماسلىقى .سىيسىغا باغلانمىغان بولىشى كىرەك دىگەندەك تەتۇر شەرتلىرى بار .
3- ئىلتىماس قىلغاندا بىردىغان جەدىۋەلنى توشقۇزۇپ ،ئىمزا قويدۇردىغان يەرلىرنى توشقۇزسىڭىزلا بولدۇ.
دىمەك بەك ئاسان بولغان بىلەن ، بۇ ئۇسۇل بىلەن نورمال يول مىڭىپ چىققانلىردىن بىرسى يوق بولىشى مۇمكىن ....... نەچچە ئون خەتنى باسمىدىم .
ئۇنۇملۇك چارىدىن ئىككىسى بار ..
بىرى قوقماي پۇل يىگۇزۇپ ئۆمەك بىلەن چىقىش .
يەنە بىرى ئىقامەت ئىلپ تارقاق ھەج قىلىش .
ئاتا-ئانىڭىز بەك ياشىنىپ قالغان بولسا ئۆمەك بىلەن چىقسا جاپا تارتمايلا ھەج پالىيتىنى تۇگىتەلەيدۇ. بىراق مۇددىتى بەك قىسقا چۇشكۆرگەندەكلا بولۇپ قالىدۇ .يېشى بەك چوڭ بولماي قالسا سىررتتىن ئۆزى قىلسا سۇكۇن بىلەن قىلالايدۇ .

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 18:28:46

سىرتتىن تارقاق چىقىش ئۇچۇن چوقۇم پ س  بولىشى كىرەك .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 18:59:02

پەرز ھەجگە بېرىش سەل تەسرەك ئوخشايدۇ، لىكىن ئۆمرە ھەجگە بېرىش ئاسان ، پاسپورتنى بېجىرىپ بولغان بولسىڭىزلا.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:41:20

بۇ ئاڭلاشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:41:39

ھەجگە چىقىدىغانلارنى دىننىي ئىشلار ئىدارىسى تىزىملايدۇ ھەم تەستىقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقاردا destiny دەپ ئۆتكەندەك بىر قاتار سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشىڭىز شەرىت.
بۇنىڭدا ئاۋال شۇ كەنىت، يىزا رەھبەرلىرىنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلىشىڭىز كىرەك. سىزدە مەسىلە بار ياكى يوق دەيدىغانلار شۇلار، ئۇنىڭدىن قالسا دىننىي ئىشلار ئىدارىسى ئەڭ مۇھىم.
بىزنىڭ ما يۇرىتتا بىر كادىر ھەجگە چىقىشقا ياردەم بىرىمەن دەپ بىر سىنىڭ 100مىڭ يۇەن پۇلىنى ئىلىۋىلىپ، ئىشنى بىجىرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۋىتىپ، تاس قالدى تۈرمىگە كىرگىلى. دادىسى مىڭ تەستە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەپ بىرىدىغان بوپتۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:43:52

ھەجگە چىقىمەن دىسىڭىز ئاساسەن ھالال يول بىلەن ئىشنى پۈتتۈرەلمەيسىز، چوقۇم باشقىلارنىڭكىدىن كۆپرەك پۇل بىرەلىسىڭىز ئاندىن بولىدۇ. مىنىڭچە بۇنداق قىلغاندىن يەنىلا بولدى قىلىڭ.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:47:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 20:08  

بۇ ئاڭلاشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:46:20

مىنىڭچە ھارام يول ئارقىلىق ھەج ئۆمىكىگە قاتنىشىپ ھەج قىلىش دۇرۈس بولمايدۇ ، چۇنكى ھەج ئۆمىكىنىڭ ئادەم سانى چەكلىك ، پارا بىرىش ئارقىلىق سانغا ئىرىشسە  چوقۇمكى ئۇ باشقا بىرسىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالىدۇ، يەنى بىرىنىڭ ھەج قىلىش يولىنى توسۇپ قويىدۇ   ، يەنە تىخى پارە بىرىپ ئىش بىجىرىش ئىسلام ئەھكاملىرىغا خىلاپ   

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:50:58

ئاڭلىشىمچە جۇڭگۇ  ~سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككى تەرەپ ئوتتىرىسىدا ھەر يىللىق  ھەج قىلغۇچىلار سانى ھەققىدە كىلىشىم بار ئىكەن ، بەلكىم سان بەك چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن  ئىسلامنىڭ بۇ بىر پەرىزى بىز ئۈچۈن بەك تەس كىلىۋالىدۇ
  ساننى جۇڭگۇ تەرەبتىن كۆپەيتىشكە ئىلاجىمىز بولمىسا  سەئۇدى ئەرەبىستانغا مۇراجات قىلىپ  دىيارىمىزدىكى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرسەك بولاتتى  ،  دىننى ئالىملىرىمىزمۇ  كۆپىيىپ قالدى، ئۇلار بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقسا بولاتتى

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:55:47

سەئۇدىدىن قانچىلىك دىسە ساننى ھەل قىلالايدۇ . مەسىلە يەرلىك ھۆكىمەتتە  .
ئىزدىنىشتا  بۇرۇنمۇ بىرقىتىم دىيىشكەن بۇ مەسىلنى ، مەركەزدىكىلەر ساننى كۆپەيتىش توغۇرلۇك نەچچە قىتىم تەلەپ سۇنسا ھازىرغىچە يەرلىكتىكىلەر كەينىگە سۇرۇپ كىلىۋاتقانلىقى توغۇرسىدا . بۇ ئىشلارنى مۇنبەردىكى زۇلال بىلەن ئەرتۇرك ئوبدان بىلىدۇ .

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:00:01

begtash يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 19:43 static/image/common/back.gif
ھەجگە چىقىمەن دىسىڭىز ئاساسەن ھالال يول بىلەن ئىشنى پۈ ...


     توغرا ،   ھالال يول بىلەن بارالماي ھالال ئەمەس يول بىلەن بارسا قۇبۇل بۇلامۇ دەپ ئويلاپ قالدى كاللام ،   ھەجگە بېرىش ئىشىنى خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى تەستىقلايدۇ ، شۇ ئىدارىگە بېرىپ بېقىڭ .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:35:16

« ھەج سەپىرىدىكى ئىشلار»

xaha يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:55:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 22:03  

پارا بىرىش توغرىمۇ؟ مەسلەن ئۆي ئېلىم – سېتىم مەكتەپلەرگە كىرىش (دىنى مەكتەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە) ئالىدۇ.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
دىنىمىزدا «باشقىسىنىڭ مېلىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن» مەنسەپدارلارغا بېرىلگەن نەرسە «پارا» ھېسابلىنىدۇ.- (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 188 ـ ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ).
مەنساپدارالارغا بېرىلگەن نەرسە بۇ شەكىلدە بولسا ئالغۇچى ۋە بەرگۈچى ئوخشاشلا گۇناھكار بولىدۇ.
ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىشىنى مەلۇم بىر مەنسەپدارغا بىر نەرسە بەرمەستىن بېجىرەلمىسە، يەنى ئۇ مەنسەپدار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىش قىلدۇرماقچى بولغان كىشىدىن بىر نەرسە ئالماي قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئىش قىلدۇرماقچى بولغان كىشى بۇنداق مەنساپدارغا بىر نەرسە بېرىپ ئىشىنى قىلدۇرسا بولىدۇ.
بۇ تەقدىردە ئۇ مەنسەپدارغا بېرىلگەن نەرسە، ئۇ (ئالغۇچى)  ئۈچۈن ھارامدۇر، بەرگۈچى ئۈچۈن ھارام ئەمەستۇر.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 188 ـ ئايىتى بۇ مەسىلىنى ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىدۇ. شۇڭا لۇغەت كىتابلىرىدا رىشۋەت (پارا دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان ئەرەبچە كەلىمە) «باتىلنى ھەق قىلش ئۈچۈن ياكى ھەقنى باتىل قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان نەرسە» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا:
ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن ياكى قانۇنلۇق بىر ئىشىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمىسە ئىش ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلارغا بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ. بۇ، «پارا» ھېسابلانمايدۇ. ئالغۇچى بىر نەرسە ئالمىسىمۇ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشنى بىر نەرسە ئېلىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ھارام يېگەن بولىدۇ. بەرگۈچى ئامالسىز بەرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولمايدۇ

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 23:00:27

ئۆزى پاسپورت بىجىرىپ ھەج قىلسا بۇ تارقاق ھەج بولامدۇ؟ بىزنىڭ مەسچىتكە تارقاق ھەج قانۇنسىز دىنى پالىيەت دەپ چاپلاپ قوياپتىكەن.
  قانۇنسىز دىنى پائالىيەت 27 دىن 28 گە جىقايدىمۇ نىمە. ئۈندىداردا رايۇن ئاتلاپ ناماز ئوقۇش قانۇنسىز دىنى پائالىيەت دەپ يېزىلغان بىر رەسىم ئۇچۇپ يۈرىيدۇ.  بۇ نىمە دىگنى ئەمدى؟

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 23:16:05

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 23:00 static/image/common/back.gif
ئۆزى پاسپورت بىجىرىپ ھەج قىلسا بۇ تارقاق ھەج بولامدۇ؟  ...

چاڭتۇ  ناماز  ئوقۇماڭلا دىگەن  گەپمىكى

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 23:51:50

جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا كۆزىڭىز يەتسە مىللەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «رەسمىيىتى»ئەللىك مىڭ بولىۋاتىدىغۇ دەيمەن

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 00:36:26

ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسەك ھەج قىلىش پەرھىز ئەمەس،
پارا بەرگۈچىلەر دوزاختىدۇر.
شۇڭا پارا بەرمەي.... قانۇن بويىچە دۇرۇس يول بىلەن بارغىلى بولسا، ئاپىرىڭ. بولمىسا، ئىچكىرىگە ساياھەتكە ئاپىرىڭ. گۇاڭجۇدىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىدا يۈرگەن ساھابىلار سالغان مەسچىت بار.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 00:42:41

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-12 00:36 static/image/common/back.gif
ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسەك ھەج قىلىش پەرھىز ئەمەس،
پارا بەر ...

بولمىسا، ئىچكىرىگە ساياھەتكە ئاپىرىڭ. گۇاڭجۇدىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىدا يۈرگەن ساھابىلار سالغان مەسچىت بار.
-------------------
تولا تاقا - تۇققا گەپ قىلمىسىڭىز قانداق؟ ساھابىلەر قەشقەرگە كېلەلمىگەن تۇرسا نەدىكى گۇۋاڭجۇغا بېرىشكەن؟
بەت: [1] 2 3
: ھەجگە بىرىشتىن مەسلەھەت بەرسەڭلار