Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 13:38:52

سەپرا بولغان قارابەگ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-11 13:59

سەپرا بولغان قارابەگ

چوڭ چىرىغىنى يورۇتۇپ كەلگەن ماشىنىلارغا كىچىك چىراقتا بەلگە بەرسەممۇ يەنىلا ھىچبىر ئىنكاسسىز، بەخارامان چوڭ چىرىغىنى يورۇتۇپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرگەندە "ھۇ گومۇش!" دەپ قويۇپ يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئوڭ تەتۈر ماشىنا ياندىغانلارنى كۆرسەم "ھىھ، ماۋۇ ماشىنا ھەيدەشنى بىلەمدۇ، بىلمەمدۇ؟" دەيمەندە يەنە يولۇمغا راۋان بولىمەن. 80-90 كىلومىتىرلىق تىزلىك بىلەن كېتىۋېتىپ بىر يەرلەرگە بارغاندا، 50-60 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن كېتۋاتقان بىر ماشىنىغا دۈچ كېلىمەن، يانداي دىسەم، قارشى تەرەپتىن ماشىنا كېلىۋاتقان، يانداشقا بولمايدۇ. ئىختىيارىسىز تۇرمۇزغا دەسسەيمەن. ئاچچىقىمدا بىرنىمنىلەرنى دىگۈم كېلىدۇ، ئۆزۈمنى يەنە بېسىۋالىمەن. بۇنداق چاغلاردا "مەيلىلا، يۈز بەرگەن ھەرقانداق بىر ئىشتا، ئاللا-تائاللاھنىڭ بىر ھىكمىتى بار" دەپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىمەن، كۆڭلۈم بىردەم بولسىمۇ ئىزىغا چۈشىدۇ.
بىراق، مۇشۇ يۈرۈش تېزلىكى 40 كىلومىتىر قىلىپ بەلگۈلەنگەن كوچىلاردا شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەرنى كۆرىمەنكى، ماشىنىنى 40 كىلومىتىرلىق يولدا 20 كىلومىتىرلىق تىزلىك بىلەن كېتىۋاتقان، ماشىنىدىن ئىنتايىن كۈچلۇك DJ مۇزىكىسىنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتقان، ئاغزىدا تاماكا، بىر قولىنى قولىغىغا تۇتۇپ تېلىفۇندا ئاسمانغا قارىغىنىچە ئاللاكىملەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقان، مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازىدىن تېلىفۇندىكى ئاۋازنى ئاڭقىرالماي، ۋاقىراپ گەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتقان بىىر ھالەتتە، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يول ئايرىش سىزىقىنى ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققىنىمدا يا ئۇ ياقتىن ياندىيالماي، يا بۇياقتىن ياندىيالماي، شۇنداق ئاچچىغىم كېلىدۇ-دە، بېرىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىنى ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ، ئارقا مەھەللىسىگە بىرنى تەپكىم كېلىدۇ. ياقىسىدىن بىرنەچچىنى سېلكىۋەتكەندىن كېيىن، قولىغىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، يول يۈرۈش قائىدىسىنى، ماشىنىنى قانداق ھەيدىسە بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى، يولدا باشقىلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى، شۇڭا ماشىنىنى
ئاستا ھەيدىگەندە يولنىڭ بىر چېتىدىن يۈرۈشنىڭ لازىملىقنى ئۈگەتكۈم كېلىپ كېتىدۇ؛ ھادىسىنىڭ تىز ھەيدەشتىنلا ئەمەس، ئاستا ھەيدەشتىنمۇ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئاستا ھەيدىسە، بولۇپمۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يول ئايرىش سىزىقىنى ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ ماشىنا ھەيدىگەندە يولنىڭ توسۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى، بەلگۈلىمىدىن كۆپ ئاستا ھەيدىگەن ماشىنىنىڭ ئەخلەتتىن پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى ئۈگەتكۈم؛ ماشىنا ھەيدىگەندە يول يۇرش بەلگۈلىمىسى 40 كىلومىتىر بولسا 40 كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەش، 60 كىلومىتىر بولسا 60 كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەش،نەچچە كىلومىتىر بولسا شۇنچە كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەشنىڭ لازىملىقىنى، شۇنداق قىلسا ماشىنا يانداش شەكىللەنمەي ھادىسىنىڭ ئاز كۆرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويغۇن كېلىدۇ.
باشقا يەردە قانداق بىلمىدىم، قارابەگنىڭ يۇرتى بولغان ماۋۇ خوتەندە، تاززا ئاۋات كوچىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىغا كەلسەم، تەلىيىمگە يېشىل چىراق يېنىقلىق ھەلەتتە كەلسەمغۇ مەنچە كىشى يوق، ئەمما قىزىل چىراقتا كېلىپ قالسام، باشقا يەردىكىگە ئوخشاشلا يولنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. پىيادىلەر يولىدىن پىيادىلەر ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىرىنچى رەتتە ساقلاۋاتىمەن، ئۇچ.... ئىككى....بىر.... مانا يول ئېچىلدى.
ئەمما يۈرەي دىسەم بىر ئىككى پىيادىدىن باشقا بىر ھارۋا سۆرىگەن ئادەم يولدىن ئۆتىۋاتقان، يولنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن. ئاران بىر كەلگەن پۇرسەتتە، كەينىمدىكىلەر تىت-تىت بولۇپ، ماشىنىسىنى تا-تاتلىتىۋاتقان، جىددىلىشىمەن، مانا يولمۇ ئېچىلدى، يېشىل چىراق ئۆچەيلا دەپ قالغاندا كېسىشمىدىن ئاران ئۆتىۋالدىم. "يا خۇدايا، شۈكرى" دەيمەندە بۇنداق قالايمىقانچىلىقلار دەستىدىن خۇتەنلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قان بېسىم كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قالمىغانلىقىغا، ھېلىمۇ ئۆرە يۈرىۋاتقانلىقىغا ئاللا-تائاللاغا چەكسىز ھەمدىلەرنى ئېيتىپ، يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن سىزمۇ قارابەگدەك بىرەر قېتىم سەپرا بولۇپ باققانمۇ؟
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى. خوتەن.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 16:49:32

« 40 كىلومىتىر بولسا 40 كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەش، 60 كىلومىتىر بولسا 60 كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەش،»
ئۇنداق بولمايدىغاندۇ ، مەنغۇ تىخى ئۇگەنچى شوپۇر ، ئەمما ئەڭ يۇقرى تىزلىكىنى 40 دېسە ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 ، بولمىسا 30 ، 35 ، 37 لەردە ماڭىدىغاندۇ ،40 دەپلا قويسا 40 قا تاقاپ ماڭسا ، جەرىمانىگە ئۇچرايدۇ دەپ ئۆگەنگەن نەزەريىدە .....

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 16:53:44

radiofan يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 16:49 static/image/common/back.gif
« 40 كىلومىتىر بولسا 40 كىلومىتىرلىق تىزلىكتە ھەيدەش، 60...

دىگىنىڭىز توغرا، قارىغاندا مەن توغرا ئىپادىلىيەلمىگەندەك تۇرىمەن. ئەمما ماشىنىنى ئۆلچەمدىن سەل تۆۋەنرەك ھەيدەيدىغانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئېنىققۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 19:50:15

خوتەندە ماشىنا ھەيدەش پىراۋىسىنى ئىمتاھان بەرمەيلا پۇلغا ئىلىۋالغانلار بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنام بار دەپ پوچىلىق قىلىدىغان پۈچەك گۇيلارمۇ خىلى بار. موتوسىكىلىت ھەيدەيدىغانلار تىخىمۇ قارام. پىيادىلەرنىغۇ بىر نەرسە دەپ يۈرمەڭ، ماشىنا ھەيدەيدىغانلار قاتناش قائىدىسىنى بىلمىگەن يەردە، پىيادىلەر تىخىمۇ بىلمەيدۇ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:19:27

چۇقۇر بازاردىن قانچە سائەتتە ئۆتىسىز...:lol
مەن پىيادىمۇ خېلى تەستە ئۆتىمەن كوچىدىن...

elturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:20:01

چىچىلماڭ قارىبەگيا سىزمۇ يەرگە چۈشۈپ ھەيدىمەپسىز ماشىنېڭىزنى ...:lol
‏سەپرا بولۇپ قالغاندابىر قولىڭىزدا بىلىڭىزنى ، بىر قولىڭىزدا كاسسىڭىزنى يۆلەپ تۇرۇپ تازا قاقىلاپ تۈكۈرۋەتىڭا ...راھەتلىنىپ قالىسىز

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 20:46:40

ماشىنانىڭ كىنىشكىسىنى ئالغىلىمۇ 4يىلدىن ئېشىپتۇ ئىككى ماشىنا ئېلىپ بىرمەزگىل ھەيدپ سېتىش جەريانىدا 4تۈمەندىن ئوشۇق زىيان تارتىپمۇ ئۈلگۈردۈم ھەسەپلەپ باقسام ھايدىگەن ھايدىمىگەن كۈنلىرىمنىباقسام كۈنىگە 250سوم ئەتراپىدا ماشىنا بېقىپتىمەن .
شۇنىڭ بىلەن تۆگىنى يۈك قىلماسلىق تۆگىگە يۈك بولماسلىق ئۈچۈن ماشىنىغا بولغان ھەۋسىمنى نۆلدىن تۆۋىنىگە چۈشرۈۋەتتىم .
قىزىل چېراقنىڭ تولىلىقى قاتناش ساقچىسىنىڭ قوپاللىقى تارتىلىۋاتقان نۇمۇرلار ئۈزىمىز يالۋۇرۇپ تۆلەۋاتقان جەرىمانىلەر ماينىڭ قىممەتلىكى گازغا نۆۋەت ساقلاشلاردىن زىركىپ بىردانە موتسىكلىت سېتىۋالغان ئىدىم بىراق ماشىنىغا ئىشلىگەن بۇ كىنىشكەم موتوغا ئىشلىمەي قويدى .
مانا موتسىكلىت كىنىشكە بىجرەي دەپ رەسمىيەت بىجەرگىلى بىريىلمۇ توشۇپ قالدى بىراق ھازىرغىچە ئۇچۇر يوق تېل قىلسام بۈگۈن ئەتە دەپلا تۇرىدۇ ماۋۇ قارقاشتا موتسىكلىت رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش ئىشىنى شەخىسلەرگە ھۆددە بېرۋېتىپتىكەن ئىككى قېتىم جوتۇڭ باللا تۇتۇۋېلىپ ئادەمنى بەكلا خارقىلىۋەتتى .
شۇنداق قىلىپ بىريېرىم تۈمەنگە ئالغان موتسىكلىتىمنى مىنەلمەي ساتاي دىسەم 350 سومغا ئالاي دىگەن بىر توكسىكلىتىمنى مىنىپ يۈرىمەن غىتىلدىتىپ .

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:06:54

مۇشۇ موتسىكلىت كىنىشكىسىنى قانداق بىجرىمىز قاياردىن بىجىرسەك ئەڭ تىز چىقىدۇ بىرياردەم قىلىڭلا باللا يازدىن موتورىمنى مىنىپ ئىشىك ئالدىغا چىقىشىمغىلا جوتۇڭ باللا تۇتۇۋالدى يالۋۇرۇپ باقتىم پۇل تۆلەي دىسەممۇ ئۇنىماي قويدى موتونىڭغۇ رەسمىيتى تولۇقتى بولمىسا
كۈندە كەچتە كىنىشكام چىقسا جوتۇڭلارنى ئىزدەپ دىيشىدىغان گەپلەرنى مەشىق قىلۋاتقىلى بىر يىل بولدى.
سەپرالىقتىن سەۋدا بوپمۇ قادىم ھازىر
لىكىنزى ھېلىقى رەزگى جوتۇڭنىڭ چىرايى ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.ياكىنىشكا بىجرىپ بەرمەي يا مۇتۇرۇمنى بەرمەي بىرنەرسە دىيشەي دىسەم قالپىقى تەييار ئۆزيېغىمدا ئۈزۈمنى قورۇپ ئاخىرى يەنىلا كۈچۈم يىتىدىغان ئايالىمغا توۋلاپ جوتۇڭدىن ئالالمىغان ئاچچىقىمنى بېسىۋاتمەن

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:14:33

قايسى كۈنى دوستۇم بىلەن كېتىۋېتىپ ئاشۇنداق بولۇپمۇ تۇمان چىرىغى يېقىۋالغان بىرسىگە دوقۇرۇشۇپ قېلىپ شۇ ھەقتە پاراڭلاشسام « چىرىغى نوچىراقلار ئادەتتە بىز پاس بەرمىسەك ھەرگىز پاس بەرمەيدۇ» دېگەنتى.
مەنمۇ ئۆچ ئاشۇنداق يوپ- يورۇق كوچىدا چوڭ چىراغنى كۈچلۈك ياندۇرۇدىغان ياكى تۇمان چىرىغى يېقىۋالىدىغانلارغا.
بەزىسىگىغۇ « تۇمان چىرىغى يېنىپ قاپتۇ» دەپ قويۇمەن.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:25:07

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 20:19 static/image/common/back.gif
چۇقۇر بازاردىن قانچە سائەتتە ئۆتىسىز...
مەن پىيادىمۇ...

ئىمكان بار چۇقۇ بازاغا كىرمەيمەن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:26:16

ئۇبۇلكا سەت جىلىغۇ سىز ؟

ماشىنا ئالاي دىسەم پۇلۇم يوق . موتو ئالاي دىسەم سۇغۇق شۇڭا پىيادە يۇرۇۋاتىمەنغۇ :lol
ئەفىيفىي دىگەندەك خوتەننىڭ يۇرىكى چۇقۇر بازاردىن پىيادە ئۆتمەكمۇ بەسى مۇشكۇل :lol

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 22:25:10

elturk يوللىغان ۋاقتى2014-2-11 20:20 static/image/common/back.gif
چىچىلماڭ قارىبەگيا سىزمۇ يەرگە چۈشۈپ ھەيدىمەپسىز ما ...

مەنمۇ ئەگىشىتمە سىزگە ئايدا قىسۇنە قايا بەگ

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 22:31:18

      مەنمۇ شوپۇرلۇق كېنىشكىسى ئالايدەپ ئوقۇۋاتىمەنشۇ نەزىرىيەدىن 3نۆۋەت بولدى يۈرەك پوكۇلداپ بەرمىدىن سىزلا بولامسىز يا ئۇستاز. مەنمۇ تازا چىم پىششىق 80لىك چىرتىڭلىدىن سىز ھەيدەڭ مەن تىللاشنى تىللاپ ،توۋلاشنى توۋلاپ ،قاخشاشنى قاخشاپ كەينىدە ئولتۇراي .لىكىن ...............

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 08:12:59

      قارا بەگ دىگەن ئەھۋاللار ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ، ماشىنا ھەيدىگەنلا بولساق ھەممىمىزنىڭ سەپرا بولمىغانلىرىمىز مېنىڭچە يوق جۇمۇ، بىر چاغدا ئاكامنىڭ بالىلىرىنى ئېلىپ خۇالىن بازىرىغا بارغىچە ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا ئاشۇنداق گالۋاڭلارنى توختىماي تىللاپ چققان ئوخشايمەن، بالىلار ماشىنىدىن چۈشۈپ كۈلۈشۈپ ھامما سېنىڭمۇ ئاچچىقىڭ كېلىپ ئادەم تىللايدىغان ۋاقىتلىرىڭ باركەن ھە؟! ماشىنا ھەيدىسىلا ئادەمنىڭ مىجەزى ئۆزگۈرۈپ كېتەمدۇ نىمەشوپۇرلارنىڭ ئاچچىقى يامان سەپرا بولىشى كەسپىي كېسەل ئوخشايدۇ ، بىز تېخى دادامنىڭ مىجەزى تەرسا ئاچچىقى يامان دەپ ئويلاپتىمىز دىيىشكەن   ئىدى،ھازىر بۇخىل پىسخىك ھالەتنى 路怒症    دەپ ئاتايدىكەن.

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-12 12:54:33

ئىزدىنىش تا شوپۇر تېرىنىرى بارمىدۇ ؟ ئۈرۈمچىدىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلەرنىڭ تېرىنىرى ، ئۇيغۇر تېرىنىر نىڭ قولىدا ئۆگىنەي دەپ ئويلىغانتىم .

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-2-13 10:25:26

قارا بەگ ئاكىنى قاتناشتىن ۋايساپ ئارقىدىن مۇنبەردىكى تېرىكىشلارغا چۈشىدۇ دەپ ئويلىغان . ئۇنچىۋالامۇ ھاياجان ئادەم ئەمەسكەنسىز ...
بەت: [1]
: سەپرا بولغان قارابەگ