waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 21:28:58

ئۇيغۇر يىگىتى رەپقەتجان شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 21:32  

  
   خوتەن دىيارى- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىىغا نىسپەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا، ۋاسكىتبول تەنتەربىيە ھەركىتى بىر قەدەر كەڭ ئۇمۇملاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، يىقىنقى يىللاردىن بىرى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق كۈڭۇل بۈلىشى نەتىجىسىدە خوتەننىڭ شەھەر-بازار، يىزا-قىشلاق كەنتە، ئىدارە-ئورگان، مەكتەپلەرگە ۋاسكىتبول مەيدانلىرى سىلىنىپ، ۋاسكىتبولنى ھەممە ياخشى كۈرۇپ كۈرىدىغان، تاماشىبىن ئەڭ كۆپ قاتنىشىدىغان تەنھەركەت تۈرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
  يىقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋاسكىتبول تەنھەركىتى خوتەن دىيارىدا تېخىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى.  خوتەن پىداگوگىگا ئالى تىخنىكومى تەنتەربىيە فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خوتەن ۋاسكىتبولچىلىقىنىڭ تۆھپىكارى، دۆلەت بىرىنجى دەرىجىلىك ۋاسكىتبول رىپىرى،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىنىڭ  باش مەشقاۋۇلى ئېرشات مۇئەللىم قاتارلىق تۆھپىكارلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى يىتەكچىلىگى ۋە خوتەندىكى مىللى كارخانىچىلارنىڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى تەشكىللەپ ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا ۋاسكىتبول قىزغىنلىقى يەنىمۇ بىر قەدەم يۇقۇرى كۈتۇرۇلۇپ، يەرلىك ۋاسكىتبول  ئەزمەتلىرى بىرىنىڭ ئىزىنى يەنە بىرى بىسىپ داۋاملىق يىتىشىپ چىقتى. ئالدىنقى يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ مىللى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە  «خوتەن تۈنجى نۆۋەتلىك ھەرەمباغ لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » ۋە  «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » قاتارلىق سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان چوڭ تىپتىكى ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۇپ،  شىرئەلىجان مۇختەر، مۇرات ئادىلجان، مەۋلان تۇرسۇن قاتارلىق داڭلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىلارنى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇردى.  قىزغىنلىققا تولغان خوتەن ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچىلىقى- شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ۋە ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار بىرلەشمىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ خوتەن شەھرىدە  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. تەربىيەلەش بازىسى جەنۇبىي شىنجاڭ بۇيىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ، بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي ئوقۇش باشلىدى.
  بۇ يىل يانۋار ئېيىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى- شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى رەپقەتجان تۇرسۇنجان بىلەن توققۇز يىللىق توختام بىلەن گۇاڭخۇي كوماندىسىغا قۇبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تەربىيلەش بازىسىنىڭ يەنە بىر ئوقۇغۇچىسى ئەزھەر  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىدا 20 كۈنلۇك سىناق مەشىققە قاتناشقان بۇلۇپ، فېۋرال ئېينىڭ ئوتتۇرلىرىدا گۇاڭخۇي كوماندىسى بىلەن رەسمىي توختاملىشىدىكەن.
   رەپقەتجان تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر، خوتەن شەھرىدىن، 1998-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 1.98 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 69 كىلوگىرام، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، ئۇ خوتەن شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ، خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىۋىدە ئۇقۇغان،   شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىىدا تەربىيەلەنگەن.    نۆۋەتتە رەپقەتجان تۇرسۇنجان  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىدا مەشىقلەندۇرلىۋاتىدۇ.
  ئەزھەرجان، ئۇيغۇر خوتەن شەھرىدىن، 1999-يىلى تۇغۇلغان،  بوي ئىگىزلىكى 1.92 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 63 كىلوگىرام، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، ئۇ ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇقسىز 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى،  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىىدا تەربىيلىنىۋاتىدۇ.
بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى رەپقەتجان تۇرسۇنجان بىلەن ئەزھەرجاننىڭ ۋاسكىتبول كەسپى ھاياتىنىڭ پارلاق بۇلىشىنى، تىزلىك بىلەن پىشىپ يىتىلىپ ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن مىللىتىنىڭ پەخرىگە ئايلىنىشىنى ئۈمۇت قىلىمىز.

  ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 22:17:43

ۋاسكىتبول خوتەندە كەڭ ئوموملاشقان تۈر بولوپ، باشقا توپ تۈرلىرىگە قارىغاندا ئالقىشقا ئىرىشكەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ۋاسكىتبول مەيدانلىرىنىڭ كۆپ بولوشىدا بولوشى مۇمكىن. لىكىن پۇتبول مەيدانلىرى كۆپ ئەمەس.
ياز بولسا بىزمۇ ئۆز ئارا مۇسابىقىلەرنى باشلاپ كىتىمىز.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 10:11:46

جىق جىق تاماق يەپ بېرىپ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 13:26:15

69 كىلو بەك ئۇرۇقمۇ قانداق؟ تورى يوق

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-14 16:57:13

بۇ يىل يانۋار ئېيىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبى- شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى رەپقەتجان تۇرسۇنجان بىلەن توققۇز يىللىق توختام بىلەن گۇاڭخۇي كوماندىسىغا قۇبۇل قىلغان.
  رەپقەتجان تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر، خوتەن شەھرىدىن، 1998-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 1.98 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 69 كىلوگىرام، ئالدى سەپ ھۇجۇمچى، ئۇ خوتەن شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ، خوتەن ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىۋىدە ئۇقۇغان،   شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىىدا تەربىيەلەنگەن.    نۆۋەتتە رەپقەتجان تۇرسۇنجان  شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىدا مەشىقلەندۇرلىۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: ئۇيغۇر يىگىتى رەپقەتجان شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىغا قۇبۇل قىلىندى