TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 13:41:26

تاشپولات: مەن چوڭ بىلىدىغان ئىككى باي

مەن چوڭ بىلىدىغان ئىككى باي

تاشپولات روزى

بىل گايتىس (Bill Gates) ئەپەندى



2014-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى مىكروسوفت شىركەت رەئىسى بىل گايتىس ئەپەندىنىڭ شىركەت رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بېرىپ، شىركەتنىڭ تېخنىكىلىق مەسلەتچى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىندى. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئەڭ  ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى (چەو) ساتيا نادەللا ئۆتەيدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن.

گايتىس بولسا 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سودىگەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1975-يىلى  دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپ خارۋارد ئۇنىۋەرسىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ دوستى بىلە بىرلىكتە مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. 1980-يىلى بازارغا سېلىنغان مىكروسوفت كۆزنەك سىستېمىسىنى (Windows) سېتىش ئارقىلىق ، ئۇ مىكروسوفت شىركىتىنى دۇنيادا ئەڭ چوڭ بولغان يۇمشاق دېتال شىركىتىگە ئايلاندۇرىدۇ.  2008-يىلىغا كەلگەندە ئۇ شىركەت باشقۇرۇشتىن پۈتۈنلەي چېكىنگەن بولسىمۇ رەئىسلىك ئورنىدا قالغان ئىدى.

گايتىس مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ھەم باشقا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۇنۇڭغا پەخىر دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىدۇ.  1994-يىلدىن 2006-يىلىغىچە بولغان فوربېز (Forbes) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلار تەرتىپىدە، ئۇ بىرىنچىلىكنى 13 يىل ئۈزلۈكسىز ساقلاپ كەلگەن. ئۇ 2007-يىلدىن تا ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بايلار تىزىملىكى ئىچىدە بەزىدە 2-لىكنى بەزىدە 3-لىكنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.  ئۇ شىركەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن يەنى 1997-يىلى ئايالى بىلەن بىرلىكتە Bill ھەم Melinda گايتىس فوندىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ گايتىس فوندى ھازىر ئەيدىز كېسىلى تەتقىقاتىغا ھەم ئاساسى ئىلىم-پەن يەنى ماتېماتىكا قاتارلىق ئاساسلىق پەنلەرگە زور مىقداردا مەبلەغ چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇ دائىم بىر دۆلەتنىڭ ئاساسى پەن سەۋىيىسى ياخشى بولماي تۇرۇپ باشقا ساھەلەردە ياخشى ئىجادچانلىقنى قولغا كەلتۈرمەك تەس دەيدۇ.

مەن بۇلتۇر Bill Gates بىلەن Steve Jobs توغرىلىق ئىشلەنگەن فىلىمنى، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر دەرس ۋاقتىدا كۆرگەن ئىدىم. بۇ فىلىمنىڭ ئىسمى "Pirates of Silicon Valley"  بولۇپ، فىلىمنى كۆرسىڭىز گايتىسنىڭ قانداق تىرىشقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئۇنۇڭ تىرىشچانلىقى ئادەمنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. گايتىس ئۆز ئۆيىنى تەجرىبىخانا قىلىپ كېچە كۈندۈز تىرىشىدۇ. شۇ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدە ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي گايتىس بولغان دەپ قارايمەن. ھەرقانداق شارائىتتىن قۇتۇلۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن بەلنى مەھكەم باغلاپ توختىماي تىرىشىش كېرەك. ھەرگىزمۇ يولدا توختاپ قالماسلىق لازىم. ئەلۋەتتە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى تىرىشقانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي مەغلۇپ بولىشى مۇمكىن بىراق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك  ئاشۇ تىرىشقانلارنىڭ ھەم ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەنلەرنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم.

بەزىلەر گايتىسنى كۆپ ئوقۇمىغان، ئانچە تىرىشىپ كەتمىگەن، ئوقۇغان ۋاقتىدىكى ئوقۇش نەتىجىلىرى ياخشى ئەمەستى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. گايتىسنىڭ ئوقۇش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ماتېماتىكا ھەم ئۇنۇڭدىن باشقا تەبىئىي پەن دەرسلىرىدە ئەلا نەتىجىلەرنى ئېلىپ ئوقۇپتىكەن. 1973-يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يەنى “SAT” دا 1590 نومۇر ئېلىپ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ چاغدىكى تولۇق نومۇر 1600 ئىكەن. ئۇ ئاپىسىنىڭ تەۋسىيىسىدە كەلگۈسىدە ئادۋوكاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلىغان ئىكەن. بىراق ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا  پۈتۈن كۈن دېگۈدەك ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كومپيۇتېرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئويىدىكىلىرىگە دېمەي كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسىدا ۋاقتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئالىي مەكتەپتىن چېكىنىپ چىقىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كومپيۇتېر ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ ئالىي مەكتەپتىن نەتىجىسى ياخشى بولماي چېكىنىپ چىققان بولماستىن، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ساھەدە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ نەتىجە يارىتىشقا بەل باغلايدۇ. ئۇ قاتتىق تىرىشچانلىق ھەم ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئۆز نىشانىغا ئاخىرى يېتىدۇ.

گايتىس تېلېۋىزورلاردا  ھەم باشقا ئۆز يازمىلىرىدا داۋاملىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى بىلىملەرنى بولۇپمۇ  ماتېماتىكا  ھەم ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى قاتتىق ئۆگىنىشنى تەكىتلەيدۇ.  ئۇ يەنە  ئۆزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەستە ئېرىشكەن پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىشىنى قوللاپ كەتمەيدۇ. گايتىس  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشلارنى كىچىك ئىشلاردىن باشلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  ئۇ شۇنداق باي تۇرۇپ ئۆز ئوغلىغا  كومپيۇتېر ئېلىپ بەرمەي ۋاقىتلا بولىدىكەن ئاساسى بىلىملەرنى ئۆز كالىسى بىلەن ھەم ئۆز قولى بىلەن ئۆگىنىشنى تەكىتلەيدۇ.  ئۇ ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: “مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشنى تاماملىشى كېرەك. بۇ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىدۇر. مەندىن ئۆگىنىپ يېرىم يولدا ئوقۇشتىن چېكىنمەڭلار!”

گايتىس ئاشۇنداق چوڭ بايلاردىن بولسىمۇ تۇرمۇشتا بەكمۇ ئىختىساتچان ئىكەن.  ئۇ  قانداقلا يەرگە بارمىسۇن ئۇنۇڭ دەيدىغىنى ماڭا چوڭ ئوي كېرەك ئەمەس پەقەت ئىنتېرنېتنى ئۇلىغىلى بولسىلا بولدى دەپ قىممەتلىك مېھمانخانىلاردا ياتمايدىكەن.  ئۇنۇڭ كۈندىلىك  تامىقى ئاساسەن تېز تاماقلىنىدىغان رېستورانلاردا بولىدىكەن. بولۇپمۇ ئۇ تاماقلارنى كۆپ ۋاقىتلاردا ئامېرىكادىكى ئەرزان ئاشخانا McDonald's دا يەيدىكەن.  ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئايروپىلانى بىلەن شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا ماڭغاندىمۇ شىركەت پۇلىنى ھەرگىز ئىشلەتمەيدىكەن.  ئۇ ئايروپىلان بىلەن شىركەت خىزمىتى ئۈچۈن باشقا يەرلەرگە بارغاندا ئەرزان بېلەت “Economy Class” ئورۇندۇقىنى  ئېلىپ ماڭىدىكەن. بىر قېتىم ياپونىيەگە يىغىنغا بېرىپ قايتىشىدا ياپونىيەدىكى مىكروسوفت شىركىتى ئۇنۇڭغا ئايروپىلاندا يالغۇز ئولتۇرۇپ ماڭىدىغان بىلەت “First-Class” نى ئېلىپ بېرىپتۇ.  بىراق گايتىس بېلەتنى ئۇققاندىن كېيىن شىركەتكە قاتتىق  ئاچچىقلىنىپتۇ. مەن قىممەت بېلەتنى ئېلىپ ماڭساممۇ بارىدىغان يېرىمگە ئوخشاش ۋاقىتتا بارىمەن.  شۇڭا  شەخسى  پۇل بولامدۇ ياكى شىركەتنىڭ پۇلى بولامدۇ ئىسراپ قىلىشقا بولمايدۇ دەپتىكەن.

مەن گايتىسنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ياخشى كۆرىمەن.  ھەر قېتىم مەكتەپتە يېڭى مەۋسۇم باشلانغاندا بىرىنچى سائەتلىك دەرسىمدە مۇشۇ سۆزنى دوسكىغا يېزىپ قويىمەن.  دەرس باشلاشتىن بۇرۇن بۇ سۆزنى چۈشەندۈرگەچ مائارىپنىڭ مۇھىملىقى ئۇنۇڭ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز لازىملىقىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن.  ئوقۇغۇچىلارمۇ گايتىسنىڭ بۇ سۆزىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ.

“ئەگەر سەن كەمبەغەل تۇغۇلغان بولساڭ، ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس. بىراق كەمبەغەل ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ”


خاسۇمى ماسايو (Hasumi Masayo) ئەپەندى


رەسىمدە سولدىن خاسۇمى ماسايو ئەپەندى ، ئۆمەرجان ئابلا

خاسۇمى ماسايو ئەپەندى ياپونلۇق باي بولۇپ ھازىر ياپونىيەنىڭ چىبا ناھىيىسى ناگارەياما شەھىرىدە تۇرىدۇ.  ئۇ گايتىستەك باي بولمىسىمۇ بىراق ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان ناگارەياما شەھىرىدىكى بانكىدا تۇرۇۋاتقان پۇللىرىنى ئېلىۋالسا شۇ شەھەر ماڭماي قالىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. مەن بۇ كىشى بىلەن 1990-يىلى ياپونغا ئوقۇشقا چىققان ۋاقتىمدا كۆرۈشكەن ئىدىم.  بۇ كىشىنىڭ يېنىغا ئۇيغۇرلاردىن بىرىنچى بولۇپ بارغان ئوقۇغۇچى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى ھەم جۇغراپىيە ئالىمى دوستۇم تاشپولات تېيىپ بولىدۇ.  تاشپولات  تېيىپ ياپونىيە تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشقا كەلگەندە مەكتەپ ئۇنۇڭغا  مۇشۇ ياپونلۇق كىشىنىڭ ياتاق بىناسىدىن ياتاق ئېلىپ بېرىپتىكەن. خاسۇمى ئەپەندىنىڭ پۇلى ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان كەڭ يەر زېمىنى ، ئوي سېتىش، ياتاق بىنالارنى ئارىيەت بېرىش قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ.  ئۇ ئۇيغۇرلارنى تاشپولات تېيىپ ئارقىلىق تونۇغان.  شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار بۇ كىشىنىڭ يېنىغا  كۆپلەپ كېلىدۇ.  بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن خاسۇمى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. مەن بىلەن بىر قاراردا ياپونىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن دوستۇم دوكتور ئۆمەرجان ئابلا مۇشۇ كىشىنىڭ بىناسىدا تۇراتتى.  بەزى شەنبە كۈنلىرى  ئۆمەرجان ھەم تاشپولات بىلەن كۆرۈشكىلى باراتتىم. ئۇ يەرگە بارساق خاسۇمى ئەپەندى بىزگە ئولتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرەتتى.  ئۇ ئەپەندى بەكمۇ كىچىك پېئىل، پاراڭچى ئىدى. ئۇ داۋاملىق بىزگە ئۇيغۇرلار بەكمۇ ئەقىللىق ئىكەن.  سىلەر ياپونچىنى بىزدىنمۇ ياخشى سۆزلەيدىكەنسىلەر دەپ بىزنى ماختىغاچ رىغبەتلەندۈرەتتى. خاسۇمى ئەپەندى  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ياتاق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋۇ رەسىمدە كۆرۈنۈۋاتقان ئىككى قەۋەتلىك يېڭى بىنانى سېلىپ بېرىدۇ. ئۇ ياتاقلارنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز بېرەتتى.  ئۇنۇڭ ئۈستىگە مەكتەپتە ياخشى ئوقۇسىڭىز ھەر ئايدا قولىڭىزغا 300 ئامېرىكا دوللار مۇكاپات پۇلى بېرەتتى.

خاسۇمى ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلسىمۇ بىراق ئوي ئىچىدىكىلىرىنىڭ ئىختىساتىغا ناھايىتى قاتتىق ئىدى. بۇ دېگەنلىكىم ئۆزلىرى پۇلنى ئىسراپ قىلمايتتى. ئۇنۇڭ ئوغلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ئۆزى ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى تۆلەيدىكەن.  ئۇنۇڭ ئوغلى ئوقۇشتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا ماشىنىغا گاز قاچىلايدىغان يەردە ماشىنىلارنى يۇيۇش ئىشلىرىنى قىلىپ ئۆزىنىڭ تاماق پۇلىنى تاپاتتى.

1998-يىلى ياپونىيەدە بىرىنچى بولۇپ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى يەنى “ئۈمىد” يىغىنى مۇشۇ ئەپەندى تۇرغان يەردىكى  ياپونىيە تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان ئىدى. خاسۇمى ئەپەندى مۇشۇ يىغىنغا كەتكەن ئىختىساد ھەم بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇر زىياللىرىنىڭ ياتاق مەسىلىسىنى ئوز ئۈستىگە ئالغان.  1999-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق “ئۈمىد” يىغىنى بىزنىڭ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ مەن مۇشۇ يىغىننىڭ رەئىسلىك ھەم تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئۆتىگەن ئىدىم.  شۇ يىللىق يىغىنغا ۋەتەندىن ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولغان خىمىيە ئالىمى دوستۇم زەپەر ئابلىزنى تەكلىپ قىلغان ئىدۇق.  ئۇنۇڭ ۋىزىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى بىر ياپونلۇق ئىختىساد جەھەتتىن گۇۋاھلىق بەرمىسە ۋەتەندىن ئادەم چاقىرتقىلى بولمايتتى.  مەن خاسۇمى ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دېسەم  بولىدۇ مېنىڭ ماتېرىياللىرىم ساڭا قاچان كېرەك دەپ سورىدى. مەن ئۇنۇڭغا مۇمكىن بولسا ئەتە بولسا ياخشى بولاتتى دېسەم.  ئۇ ئەپەندى ئىككىلەنمەستىن بولىدۇ ئەتە ئۆزۈم بارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ بارىمەن ئەتە ئەتىگەن سائەت 10 لاردا ياپونىيە كۆچمەن ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا كۈرىشەيلى دېدى. ئەتىسى ئەتىگە سائەت 10 دىن بۇرۇن بىنا ئالدىغا كەلسەم بۇ ئەپەندىمۇ كېلىپ بوپتۇ.  بىز ئۆزئارا كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن بىنا ئىچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ مەن ئەكەلگەن ماتېرىياللار بىلەن ئەپەندىنىڭ ماتېرىياللىرىنى بەردۇق. ئۇلار ماتېرىيالنى كۆرگەندىن كېيىن  ۋاقىت بەك قىس ئىكەن بىز پوچتىدىن ۋىزا ئەۋەتسەك كېلەلمەسلىكى مۇمكىن شۇڭا ھازىرلا بېجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا تېلگراپ خېتى يوللايمىز دېدى. كەلمەكچى بولغان كىشى ۋىزانى ئەتە قولىغا ئالىدۇ دېدى. ياپونلۇقلارنىڭ بۇ ۋىزانى بۇنداق تېز بېجىرىشى بۇ ياپونلۇق باينىڭ بولغانلىقىدۇر. دېگەندەك دوستۇم زەپەر ۋىزانى ئۆز ۋاتىدا تاپشۇرۇپ ئېلىپ يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كەلدى.

بىز ئىشلىرىمىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ پاراڭلاشقاچ چۈشلۈك تاماق يېدۇق. ئۇ يېقىندا دوستۇم ئومەرجا ئابلا بىلەن ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ بەكمۇ ئاق كۆڭۈل مېھماندوست ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.  ئۇ بېرىشىدا ۋەتەندىكى ئىككى مەكتەپكە ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم پۇلى بەرگەنلىكىنىمۇ سۆزلەپ بەردى.  ئۇ ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلىرىنى سۆزلەۋېتىپ، مەن ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرغان ۋاقتىمدا،ۋاننىغا سۇ تولدۇرۇپ مۇنچىغا چۈشمىدىم دەيدۇ. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن دەپ سورىسام. ئۇ ئەپەندى ئۈرۈمچىدە سۇ قىس ئىكەن شۇڭا سۇ ئىختىساد قىلدىم دەيدۇ.  كۆردىڭىزمۇ مۇشۇنداق بىر چوڭ باي تۇرۇقلۇق ئۆزىنى ئويلىماي بىزنىڭ ۋەتەندىكىلەرنى ئويلىغىنىنى! بۇ كىشىنىڭ بۇ ئالىي جاناب ئىشلىرى ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ! خاسۇمى ئەپەندى ئۇيغۇرلار سىزنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ!

مېنىڭچە بىر ئىنسان توغرا ئەخلاققا، ھەقىقىي ساپاغا، توغرا غايىگە، توغرا مائارىپ ئىدىيىسىگە ئىگە بولسا ئۇنداق ئىنسان قايسى مىللەتتىن، قايسى ئىرقىدىن، قايسى دىندىن بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ!

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 14:51:52

خاسۇمى  ماسايونى ئۇقمايدىكەنمەن ،ھەقىقەتەن  ياخشى كىشىكەن ،ئىگىسى پۇلغا قوشۇپ ئەقىلنى بىرگە  بەمىسە باكاكىن

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 15:10:21

بىل گايتىسنى مەنمۇ ھۆرمەتلەيمەن، خاسۇمى ماسايونى ئەمدى ئاڭلاپتىمەن، بۇ ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 15:44:24

رەھمەت تاشپۇلات ئاكا
ئۆمەرجان ئابلا ئاكىمىز نەدە خىزمەت قىلىدۇ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 18:51:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 18:56  

مەن ئىككنچىسىنى سىتىۋ جوبىسنى دەپمدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.
بۇ ياپۇنيىلىكلەرنىڭ شۇنداق ئۆزىنى ئۇنتۇش روھى بەكلا ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ.
ئۆزى ئىچىگە قاتتىق ،سىرتىقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە  سېخى.
ياپۇنيىنىڭ 冷暖人间 دەپ بىر كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى بار بەش قىزنىڭ تەقدىرىنى بىر ئائىلىنى سۆزلەيدىغان. مۇشۇ كىنۇنى كۆرسەڭلار ياپۇنيىلىكلەرنى بەك ئۇددۇل چۈشىنەلەيسىلەر

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 19:55:51

ئىككىلى باي مېنى شۇنچە قايىل قىلدى !! رەھمەت ئۇستاز ...!!

senewer يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 20:40:14

يۇمۇر تەرىقىسىدە بىر گەپ : بىر مۇخبىر  بىل گەيتىستىن سوراپتۇ : سىز داۋاملىق ئايرۇپىلاننىڭ ئەزران بۆلۇمچىسىدە ئولتۇرىدىكەنسىز ، نېمىشقا ئالاھىدە بۆلۇمچىدە ئولتۇرمايىسىز ؟  ئالاھىدە بۆلۇمچە  ئەرزان بۆلۇمچىدىن تىز ئۇچامدىكەن ؟ دەپتۇ جاۋاپ بېرىپتۇ بىل گەيتىس ...
ئەمما بىزنىڭ باشلىقلار  ئالاھىدە بۆلۇمچىدە ئولتۇرۇشقا ئامراق ....

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 20:56:09

مەنمۇ ئاڭلىماپتىكەنمەن، بىلىۋالدىم. بىزنىڭ بايلىرىمىزنىڭمۇ پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 21:00:32

ئاۋۇ ياپۇنلۇق باينىڭ كىيىنىشىمۇ ماڭا تەسىر قىلدى.
بىل گايتىسنىڭ پىرىنسىپى دەپ بىر كىتاب بار. مەن پەند نەسىھەت كىتابلىرىدىن زىرىككەن ئىدىم. لىكىن بۇ كىتاب ھەقىقەتەن بولىدىكەن. يىنىمدىراق قويۇپ، پات-پات كۆرۈپ تۇرىمەن.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 21:00:46

مەن باي بوپ قالغان بولسام چاتاقنىڭ يوغىنى چىقاركەن :lol:lol ........خۇداغا شۇكرى.......

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 21:06:15

ماۋۇ بايلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرۈپ، 16 توننا خەلق پۇلىنى تىزىپ قويۇپ، «نيۇ يورك ۋاقىت گىزىتى»نى سىتۋالىمەن دەپ سۆزلەپ يۈرگەن باي ئىسىمگە كىلىپ قالدى. :lol


ئىسىم كارتوچكىسى:

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 21:18:20

مىكروسوفتقا ھىندىستانلىق ساتىيا نادېللا ceo بولغان خەۋەرنى تاشپولاتكام ئىزدىنىشقا تۇنجى يوللىدىمۇ نېمە.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 22:03:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqi1991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 22:51  

مەنمۇ ئىككى باينى تونۇشتۇراي ، ئەمما بۇلارنى قىلغان ئىش ئىزلىرىنى ئانچە ئۇقمايدىكەنمەن ، چۈنكى   ئوڭ قول قىلغان ئىشىڭنى سول قول بىلمىسۇن دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ ، بەلكىم ئۇلار ئىشلىرىنى داۋراڭ سالمىغانلىقى ئۈچۈن بىلمەسلىكىمىز مومكىن
1. ھىبىبىللا ھاجىم        ئەبۇ سەخىي(abu _sahey) گورۇھىنىڭ خوجايىنى    بۇ گورۇھ خەلىقئالىق تىرانسىپورت ، مال ئوبىرىت ، تاشقى سودا  بىلەن شۇغۇللىنىدۇ  ، ئوتتىرا ئاسىيا ۋە ئىچكىردە مال يەتكۈزۈش ئورۇنلىرى بار ، ئوتتىرا ئاسىيادا خىلى چوڭ تەسىرى بار، ئوتتىرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ باي دەپ قارىلىدۇ   ، بىلىدىغىنىم ئۇلارنىڭ مال يەتكۈزۈش ئورنىدىن باشقا  قەشقەرنىڭ مەركىزى رايۇنىدا مىران سارىيىنى سالغان، نام مىرەن شىركىتىنىڭ ، مەبلەخ ئەبۇ سەخىي گورۇھىنىڭ ، شاڭخەي پۇدۇڭدا ئازغىنە زىمىنى بار ، ئوزبىكىستان  پىرىزدىنتى ئىسلام كەرىمۇفنىڭ قىزى بىلەن سودا شىرىكلىك مۇناسىۋىتى بار     كوچا پاراڭلىرىدا ئومۇمى  مۆلىكى ئۈچ مىرلىياتتىن كۆپ دىيىلىدۇ  ……   
2. پەخىردىن ھاجىم    سوڭلىك (濍岭)ئوقەتچىلىك گورۇھىنىڭ خوجايىنى ، بۇ گورۇھ تامىقىدا   كانچىلىق ، تاشقى سودا ، ئوي مۆلۈك ، تىرانسىپورت تىجارىتىدىكى تارماق شىركەتلەر بار، ئاساسلىق كان ئىچىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇيغۇرلاردىن دىيارىمىزدىكى كان بايلىقلىرىمىزدىن پايدىلىنىۋاتقان بىردىن بىر كىشى ، ئۇلارنىڭ رودا توشۇيدىغان ماشىنىسىلا 500 يۈزدىن ئاشىدۇ ، سەككىز كانى بار (بەش يىل ئاۋال )، توردىن كۆرىشىمچە  ئاقتۇدىكى تاغدا ئاچقان ئىككى كان تۈرىگە 200 مىليۇن مەبلەغ سالغان ، بىر كانىنىڭ ئىنىقلانغان تۆمۈر رودىسى مىقدارى  بىر مىرلىيات بەش يۈز مىليۈن توننادىن كۆپ   ، ئۆتكەندە ئاتۇش سانائەت رايۇنىدىكى  ياشىن پۇلات تۆمۈر گورۇھىنى سىتىۋىلىشقا  ئىككى مىرلىياد باھا قويۇپ كىيىن پۈتىشەلمىگەن  ، كارخانا ئىسمى خەنزۇچە بولسىمۇ قانۇنلۇق ۋە ئەمەلى ھوقۇق ئىگىدارى پەخىردىن ھاجىم …      كوچا پاراڭلىرىدا بارلىق مۆلىكى ئۇچ مىرلىياتتىن كۆپ دىيىلىدۇ
  بۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئاتۇشتىن      

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 02:06:33

ئاۋۇ ياپۇنلۇق بايغا ئەجەپ ھۆرمىتىم قوزغالدى....

salimboy يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 03:12:49

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 22:03 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئىككى باينى تونۇشتۇراي ، ئەمما بۇلارنى قىلغان ئى ...

        سىز دىگەن ھەبىبىۇل ھاجى ھەقىقەتەندە ناھايىتى خۇش پىئېل ئادەم ، مەن ئۇ ئادەمنى يېقىندىن تونۇغانلىقىم ئۇچۇن دىگەنلىرىڭىزنى تولۇقلاپ قويغۇم كەلدى .  ھەبىبۇل ھاجىمنىڭ دۇبەي ، ئالمۇتا ، تاشكەنىت ، بۇخارىلاردا نۇرغۇن زىمىنى بار ، خۇش پېئللىقتا ، كەمتەرلىكتە مەن كۆرگەن ئاتۇشلۇق بايلارنىڭ ئالدى ،  ھەتتا ئككىنجى دوختۇرخانا ئارقا ھويلىسى يان تەرىپىگە جايلاشقان ئېگىز بىنانى (بىزنىس نۇر دەپ يېزىىقلىق) مىىھمانخانا قىلىپ ئۆزگەرتىش توغۇرلۇق مەسلىھەتلەر بولۇنغاندا ، بۇزۇقچىلىق بولىدىغان ئىش كۆپ بولىدىغان مىھمانخانا ئاچقاندىن ، مەن تاكى ئۆزگەرىتكىچە شۇ پېتى تۇپتۇرسۇن دەپ كەسكىن رەت قىلغان چېغىدا كۆزۇمگە شۇنداق ئىللىق كورۇنۇپ كەتكەن .  
          ئەمدى بۇ ئاتۇشلۇق بايلىرىمىزنىڭ ھېكايىسىنى يېزىپ ئوتتاساق بۇنىڭدەك كۆپ مۇلكى بار ئاتۇشلۇق بايلىرىمىز بەك كۆپ ، تورغاتتىكى تۇكىچارنىڭ ئېگىسىنىڭمۇ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى  قىرغىزىستان پرىزدېنتى بىلەن  سودا ئالاقىسى بەك قويۇق ،  ئامما كۆپىنچىسىنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ زاكىتىنى ھەقىقى ئايرىغىنىنى تېخى كۆرۇپ باقمىدۇق ...    ئايرىدى ، بەردى ، ئېئانە قىلدى دەيمىز سانى قانچىلىك ، قانچە قېتىم دېگەندە ھىچكىم بىرنەرسە دىيەلمەيدۇ ، چۇنكى دېگۇدەك ، ھېساپلىغۇدەك سانسىفرغا چۇشمەيدۇ دوسلار .
            چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاكادىمىسىدەك يەرلەر بۇرۇنمۇ كوپ قۇرۇلۇشقا ھەركەت قىپتىكەن ، ئەپسۇس شۇ بايلىرىمىزنى ئزدىمىدىمۇ يا ئزدىسە باغۇ-ساراي قۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بوپ كېتىپ ياردەمدە بولاماي ئۆزرە قويدىمۇ بىلمىدۇق ، يېرىم يولدا توختاپ قاپتىكەن .....   پۇل تاپسىلا ، ئېسىل ساراي ، ئېسىل ماشىنا ئەيدىسە ھېساپ ئەمەس ،  تاپقان مىليارىد پۇللىرىنىڭ زاكىتىنى توغرا جايغا ئايرىيالىسا ئاندىن ھېساپ قېرىنداشلار .
ئەمدى بۇندا دېسەم پۇلنى تېپىشىپ بەگەنمۇ ، سەن ئايرامسە ۋە ئاداش دەپ ئاچچىغىڭلار كەممىسۇن ، كەمىنە ئاددى پۇخرا بولغاچقا ، ئۆزىمىزدىن ئاشقىنىنى ئايرىپ كېلىۋاتىمەن .
دېسەم گەپ جىقتى ، ئايرىم توختۇلۇشقا پۇرسەت بوپقالا ............................

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 04:22:14

خاسۇمى ماسايو ئەپەندىنى ئەمدى ئاڭلشىمكەن . بۇ ئەپەندىگە بەك ھۆرمىتىم قوزغالدى .

Rohimiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 13:15:45

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 22:03 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئىككى باينى تونۇشتۇراي ، ئەمما بۇلارنى قىلغان ئى ...

پەخىىردىن ھاجىمنىڭ رودا توشۇردىغان چوڭ تىپتىكى ماشىنىسىدىن ھەقىقەتەن 500 بار  ۋە ئۆزىنىڭ ماشىنىللىرىغا ماي قاچىلاردىغان ماي قاچىلاش پونكىتىمۇ بار سىرىتنىڭ ماشىنىللىرىغا ماي قاچىلىمايدۇ .
مىنىڭ دوستۇم پەخىردىن ھاجىمنىڭ تۆمۇر كىنىدا تەجىرىبە ئىشلەيدۇ.
ھاجىمنىڭ تومۇر رودىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇتى مەن كۈندە ماڭىدىغان يول بويدىلا . بۇھاجىمنىڭ بايلىقى ھەقىقەتەن كۆپ .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 15:54:29

ئۇ ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلىرىنى سۆزلەۋېتىپ، مەن ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرغان ۋاقتىمدا،ۋاننىغا سۇ تولدۇرۇپ مۇنچىغا چۈشمىدىم دەيدۇ. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن دەپ سورىسام. ئۇ ئەپەندى ئۈرۈمچىدە سۇ قىس ئىكەن شۇڭا سۇ ئىختىساد قىلدىم دەيدۇ.
+++++++++++++++++++++++++++++++++
ماۋۇ گەپلىرى بەك تەسىرلىككەن. شىنجاڭنى گۈللەندۈرىۋاتىمىز دەيدىغانلاردا مۇشۇنداق روھنىڭ 100 دىن بىرى بولسىمۇ جىق ياخشى بولاتتى.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 21:27:12

90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى تۇلۇقسىزدىكى چاغلارغۇ دەيمەن   بىزنىڭ يۇرتقا شىياۋداۋ كاڭيۈ دىگەن بىر ياپۇنلۇق كېلىپ  باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياردەم قىپتۇ  دەپ ئاڭلىۋېدىم ،شۇ كىشى بولمىسۇن يەنە .

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 22:01:03

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 21:27 static/image/common/back.gif
90-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى تۇلۇقسىزدىكى چاغلارغۇ دەيمەن    ...

كۇچاردىكى «ئۈمىد» باشلانغۇچ مەكتىپىنى دەمسىز؟ مۇشۇ مەكتەپكە شۇ چاغلاردا بىر ياپونىيەلىك ئادەم ياردەم قىلىپ قۇرۇلۇپتىكەن دەپ ئاڭلىغان، بۇ مەكتەپ بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدا.
بەت: [1] 2
: تاشپولات: مەن چوڭ بىلىدىغان ئىككى باي