Mr___57 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 11:09:32

كارخانا باشقۇرۇش ۋە تۈر يۈرگۈزۈش توغرىسىدا لېكسە ئېلىپ بېرىلىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر !
كارخانا باشقۇرۇش بىر سېستىما قۇرۇلىشى، شۇڭا كارخانىچى ئاۋۋال بىر سىتىراتېگىيىچى بولىشى كېرەك. ئۇ بىر شاھمات ئوينىغۇچى، ھەرگىزمۇ شاھمات تاختىسىدىكى پېشكا، ئات ياكى پىل ئەمەس. پۈتۈن ئويۇن جەريانىدىكى ئومۇمى سىتىراتېگىيىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى توغرا  مۆلچەرلەپ، ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى، بايلىق مەنبەلىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ، ستراتېگىيىلىك غەلبىنى قولغا كەلتۈرىشى زۆرۈر.
ئۇ قانداق چاغدا يول قۇيۇشنى، قانداق چاغدا چىقىم قىلىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىلىدۇ. كارخانا باشقۇرۇش كارخانىنىڭ سىتىراتېگيىلىك نىشانىنى بەلگىلەشتىن باشلىنىدۇ. ئۇ كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ئۇلىنى ياخشى سالغان بىلەن ئوخشاش، ئۇل ياخشى سېلىنغاندىن كىيىن ئاندىن ئادەم، مال-ئوبوروت ، مالىيە ۋە بازار باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى زۆرۈر. بۇ خۇددى ياخشى ئۇل سېلىنغان ئۆينىڭ تۆت تېمىنى قوپارغانغا ئوخشايدۇ.بۇ تۆت ئاساس ياخشى سېلىنغاندىن كىيىن ئۆينىڭ ئۈستىنى ياپىمىز، بۇ كونكىرىت ئەمەلىيىەت ئاساسىدا ئۆزىمىزنىڭ ئوتتۇرا-قىسقا مۇددەتلىك پىلانىنى تۈزۈش، ئىقتىدارىمىز يەتكەن دائېرىدىكى ئىشلارنى ئاۋال قىلىشنى پىلانلاش بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئۈستنى ياپماي، ھازىرقى تىجارەت دائىرىمىزدىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماي تۇرۇپ، ھەممە تەرەپكە كۈچىمىزنى چېچىۋەتسەك، نىشاندىن يىراقلاپ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلمەي قالىمىز. بۇ خىزمەتلەر ئىشلەنگەندىن كىيىن، ئاندىن ئۆينىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى زىننەتلەپ باشقىلارغا تېخىمۇ ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى پىلانلايمىز. بۇ كارخانىنىڭ ئوبراز قۇرۇلىشى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەك ئاخىرىدا بىز سالغان ئۆيىمىزدە بىر ئائىلىۋى مەدەنىيەتنى ۋە روھنى بەرپا قىلىمىز. بۇ كارخانا مەدەنىيىتى بەرپا قىلىش بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
كارخانا باشقۇرۇشنىڭ يۇقارقى ئاساسى تىكلىنىپ مۇناسۋەتلىك قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بىز يېڭى سىتىراتېگىيلەرنى تۈزۈپ، ئىشلىرىمىزنىڭ كۆلىمى ۋە تۈرلىرىنى كۆپەيتىمىز، بۇ بىر ئۆينى ئىككى قىلىش، ياكى ئۇنى چوڭايتىپ داچا سېلىش دېگەنگە ئوخشايدۇ. بۇ جەرياندا يېڭى تۇرلەرنىڭ مەبلەغ سىلىش لاھىيىلىرىنى توغرا تاللاش ۋە پايدا-خەتەر ئانالىزى ئېلىپ بېرىش، تېخنىكىلىق باھالاش ئېلىپ بىرىش زۆرۇر بولىدۇ. تىجارىتىمىزنىڭ ياخشى تەرەققى قىلىشى ئۈچۇن يەنە ئاكتىپ ھالدا تور سودا سەھنىلىرىنى بەرپا قىلىش ۋە پايدىلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت قانۇنى مۇئامىلىرىمىزنى تەرتىپلىشىمىز، توختام ۋە يېڭى تۇرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىنچىكە ھالقىلارغا دىھقەت قىلىشىمىز كېرەك. دىمەك كارخانا باشقۇرۇش بىر سېستىمىلىق قۇرۇلۇش، ئۇ تېخنىكىچانلىققا، ئەمەليەتچانلىققا ئىگە بولۇپ، مۇكەممەل تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا مۇھتاج بولىدۇ.
    يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئاساس قىلغان ھالدا شىنجاڭ ئۆز تۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى 12 قېتىملىق يۈرۈشلۈك لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى. لېكسىيەلەر بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان بولۇپ، بىر سېستىمىلىق باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈرىدۇ. 12 قېتىملىق لېكسىيە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.        كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ستراتېگىيىلىك ئاساسىنى تۇرغۇزۇش
2.        كارخانىلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش
3.        كارخانىلارنىڭ تىجارەت ۋە ئوبورۇت جەريانىدىكى مال ئايلىنىشنى باشقۇرۇش
4.        كارخانا مالىيىسىنى تەرتىپكە سېلىش ۋە باشقۇرۇش  
5.        كارخانا بازار ئۇچۇرىنى ئانالىز قىلىش ۋە باشقۇرۇش
6.        كارخانا باشقۇرۇش جەريانىدىكى پىلان ۋە ئىجرا قىلىش كۇچى
7.        كارخانا ئوبراز قۇرۇلىشى ئېلىپ بىرىش
8.        كارخانا مەدەنىيەت قۇرۇلىشى ئېلىپ بىرىش
9.        كارخانا تىجارەت مۇھىت قۇرۇلىشى ئېلىپ بىرىش
10.        كارخانا قانۇنى مۇئامىلىلىرىنى تەرتىپلەشتۇرۇش
11.        تور سودا ئەندىزىسى ۋە تور تىجارەت تېخنىكىسى
12.        ماكرو ئىقتىساد يۈزلىنىشى ۋە رايونىمىز كارخانىلىرىنىڭ پۇرسىتى
تۇنجى قېتىملىق لېكسىيە كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ستراتېگىيىلىك ئاساسىنى تۇرغۇزۇش  توغرىسىدا ئېلىپ بېرلىدۇ.
لىكسىيە ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (پۈتۈن كۈن)
لېكسىيە بەرگۈچى: شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسىدىن دوكتور
مۇھەممەدجان ياسىن

شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 2010-يىلى ئەنگىلىيە بېرمىڭھام ئونۋېرسىتىتىدا سودا ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا بېرمىڭھام ئونۋېرسىتىتىدا تولۇق كۇرۇس ۋە ماگىستىر ئاسپىرانتلارغا كارخانا باشقۇرۇش ۋە سىتاتېستىكا پەنلىرى بويىچە دەرس بەرگەن. ياۋرۇپا دەرىجىلىك بىر نەچچە تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان ھەمدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە ژورناللىرىدا ماقالە ئېلان قىلغان . خەلقئاراغا داڭلىق Deloitte كارخانا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 2011-يىلىدىن بۇيان شىنجاڭدىكى مىللىي كارخانچىلارنى تەربىيلەش مەركەزلىرىدە تەكلىپ بىلەن دەرس بەرگەن ۋە كۆپلىگەن كارخانا، زاۋۇتلاردا ئېكىسكۇرسىيە پائالىيىتى  ئېلىپ بارغان. رايونىمىزدىكى بىرقىسىم كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي تىجارەت جەريانىغا قاتنىشىپ، مالىيە، مال ئوبوروت، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە بازار ئېچىش جەھەرلەردىكى سىتىراتىگىيىلىك مەسلىھەتچىلىكىنى ئېلىپ بارغان.
ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، ئېرلاندىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ نوتۇق سۆزلىگەن. 2013-يىلى فېلىپىننىڭ پايتەختى مانېلادا ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك دۇنيا تەرەققىيات يىغىنىدا ياقلىغان ماقالىسى خەلقئارالىق 1-دەرىجىلىك (ئالتۇن مېدال) مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
لىكسىيە ھەققى: 480 يۈەن.
لېكسىيەنىڭ ئۈنۈمىگە ۋە لېكسىيە جەريانىدىكى ئەمەلىي مەشىقلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 50 تە چەكلىنىدۇ.
تىزىملاش تېلفۇن نومۇرى:   13565950750    8559632-0991
بەت: [1]
: كارخانا باشقۇرۇش ۋە تۈر يۈرگۈزۈش توغرىسىدا لېكسە ئېلىپ بېرىلىدۇ