waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 23:44:01

شىنجاڭ گۇاڭخۇي جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى

   ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ  31- ئايلانما  باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا جىلىن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى باشتىن ئاخىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ ئۇلار  ئاخىرى 119- 101 نەتىجە بىلەن  جىلىن ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇردى.   نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 24 مەيدان غەلبە قىلىش 7 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئالتە ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 15 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 20 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   سېنگېلدون 17 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  ياڭ جىمىڭ 18 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 17 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 10 نۇمۇر ئالدى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سۇۋىي 7 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 6 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
جىلىن كوماندىسىدىن لوجېس 27 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ چاڭ ياسۇڭ 13 نومۇر، باۋ لېس 20 نومۇر، جاڭ بىياۋ 16 نومۇر، دوگلاس 7 نۇمۇر، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 12- فېۋرال ساھىپخان مەيداندا شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى