Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:06:38

قۇددۇس-ئېرۇسالىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 17:26  

ئېرۇسالىم مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلار ئۈچۈن مۇقەددەس جاي، شۇ سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلارنىڭ زىددىيەتلىرىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق دىپلوماتىيە ياكى ئۇرۇش ھەل قىلالمايۋاتىدۇ.... ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنىڭ تۆۋەندىكى بىر نەچچە سەۋەبلىرى بار، (ئەمما بۇ يەردىكى زىددىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى يەھۇدىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماسلىقى):
سۇلايمان ئەلەيھسالام ئىبادەتخانىسى: بۇ ئىبادەتخانىنى يەھۇدىلار يەھۇدىي دىنىنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھسالام سالغان دەيدۇ؛ مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھسالام سالغان دەيدۇ.
غەربىي تام (ياشتام): سۇلايمان ئەلەيھسالام سالغان ئىبادەتخانا رىم ئېمپېرىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىنىپ، بىرلا تېمى ئېشىپ قالغان. يەھۇدىلار مەزكۇر تامغا يۆلىنىپ، تارىخنى ئەسلەپ يىغلايدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۈچۈن بۇ مۇقەددەس جاي.
ھالبۇكى بۇ تام 621-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىدە مۇھەممەد ئەلەيھسالام مىراجغا چىققاندا مىنگەن تۇلپارنى باغلىغان تام، شۇڭا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بۇ تام ئىنتايىن مۇقەددەس تام.
ئىبادەتخانا ئىچىدە بىر كونا تاش بار؛ بۇ تاش:
يەھۇدىلارنىڭ پەيغەمبىرى ئىبراھىم ئەلەيھسالام ئوغلىنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغاندا ياتقۇزغان تاش؛ شۇڭا يەھۇدىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن مۇقەددەس.
ھەمدە شۇنداق بولۇش بىلەن بىرگە مۇھەممەد ئەلەيھسالام مىراجغا چىقىدىغاندا، مۇشۇ تاشقا دەسسەپ تۇرۇپ، تۇلپارغا مىنگەن؛ شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىنتايىن مۇقەددەس تاش.
ئاقسا مەسجىدى: مۇسۇلمانلار سۇلايمان ئەلەيھسالام سالغان ئىبادەتخانىنى ئاقسا مەسجىدى دەپ ئاتايدۇ. ئەمما يەھۇدىلار مۇسۇلمانلار بۇ مەسچىتنى سۇلايمان ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىلىقىغا كېيىن سېلىۋالغان، بۇ ئەسلى چېركاۋ دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى مەسجىد «سېلىۋېلىنغان» دىن 40 نەچچە يىل بۇرۇن نازىل قىلىنغان ئايەتتە ئاقسا مەسجىدىنىڭ مۇقەددەسلىكى تەكىتلىنىدۇ.


ھەج (Pilgrimage): ھەج يالغۇز ئىسلام دىنىغا خاس سۆز ئەمەس، باشقا دىندىكىلەرمۇ ھەج قىلىدۇ. ئاقسا مەسجىدى\سۇلايمان ئەلەيھسالام ئىبادەتخانىسى ئىسلام دىنىي ۋە يەھۇدىي دىندىكىلەر ھەج قىلغاندا تاۋاب قىلىدىغان مۇقەددەس بېكەتلەرنىڭ بىرى.  
لوگىكىلىق تەھلىل قىلغاندا، «پالانچى ھەجگە بېرىپتۇ» دېگەن جۈملىدە پالانچىنىڭ مۇسۇلمانلىقى ئىسپاتلانمايدۇ، بەلكىم پالانچى ساكيامونى ئىبادەتخانىسىغا ھەج تاۋاب قىلغىلى بارغان بۇدپەرەست بولۇشى، غەربىي تامغا يىغىلىغىلى بارغان كاتولىك مۇرتى ياكى مەككىگە بارغان مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، قۇددۇس شەھرى (ياكى ئېرۇسالىم)دىكى ئوخشاش بىر جاي بىر-بىرىنى سىغدۇرالمايدىغان ئىككى دىننىڭ ھەج قىلىدىغان مۇقەددەس جايى.
......................
ئەلقىسسە، قەدىمكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى ئاغدۇرۇلغاندا مىسىر ۋە مېسىپۇتامىيەدەك كەڭ زېمىنلاردىن كەچكەن يەھۇدىلار ئېرۇسالىمدىكى ئۇزۇنلۇقى 83 مېتىر، كەڭلىكى 56 مېتىر كېلىدىىغان كىچىككىنە بىر پارچە يەردىن كېچەلمەي ئۇرۇشۇۋاتقىلى نەچچە مىڭ يىل بولدى. يەتتە يۈز يىللىق ماكانى بولمىش ئىسپانىيە ۋە ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىك كەڭ زېمىنلاردىن كەچكەن ئەرەبلەرمۇ بۇ كىچىككىنە يەر ئۈچۈن تاڭكىغا چالما ئېتىپ دېگۈدەك ئۇرۇشۇۋاتىدۇ.... قىسقىسى، مەسىلە يەر-زېمىن مەسىلىسى ئەمەس.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولغانلارنىڭ بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى پەقەت: بۇ ئىبادەتخانىنى جۈمە كۈنى مەسچىت دەپ ئاتاپ ناماز ئوقۇش، شەنبە كۈنى چېركاۋ دەپ ئاتاپ ئىنجىل تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ھەل قىلىش چارىسىنى ھېچقايسى تەرەپ قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىنىي ئەھكاملىرىغا خىلاپ.... مەسىلە يەھۇدىلارنىڭ ئەسكىلىكىدە ياكى ئەرەبلەرنىڭ نادانلىقىدا ئەمەس....

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 20:50:53

ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك-شۈبھىسىزكى ، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ.(130)

ئېيتىڭلاركى، «ﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز».(136)

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 21:50:47

tarim يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 21:19 static/image/common/back.gif
ئۈستىدىكى  نەنىڭ  تەپەككۇرى ئۇ تەكلىماكان.
ئاتوم بومبى ...

ماڭا يېقىندا «ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى» ھەققىدە ماتېرىيال ئوقۇش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن.
شۇڭا نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئالغان تەسىراتلىرىمنى بايان قىلىپ قويدۇم... بەلكىم خاتا چۈشىنىۋالغان، چۈشەنمىگەن جايلىرىم بولۇشى مۇمكىن، ئۆزۈر سورايمەن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 22:15:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 22:20  

tarim يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 21:59 static/image/common/back.gif
پەقەت 1895- يىلى  ھېرزىلنىڭ  يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانى  ...

ئىنكاسىڭىز ئىنتايىن توغرا...
ئەمما يەھۇدىي-مۇسۇلمان توقۇنۇشىنى ياكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا باغلاپ قويسىڭىز بولمايدۇ...
بۇ توقۇنۇش يودا ئەيسا ئەلەيھسالامنىڭ كەتكەن يېرىنى رىم قوشۇنىنىڭ قوماندانى پىلاتۇسقا چېقىپ قويغاندا باشلانغان. ئۇندىن بۇرۇن ۋە كېيىنمۇ ئەرەب ۋە يەھۇدىدىن ئىبارەت بىر قورساقتىن چىققان بۇ قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئېرۇسالىمنى تالىشىپ، سانسىز قېتىم توقۇنۇش بولغان...
يەھۇدىلارنىڭ «يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش» ھەرىكەتلىرى يىگىرمىنچە ئەسىردە پەيدا بولغان يېڭى ئىش ئەمەس، يەھۇدىلار ھەر قېتىم پارىسلار، تۈركلەر ئەرەبلەر، مىسىرلىقلار ياكى رىملىقلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندا، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەكلا نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قىلغان...
---------------------
بەزىلەر يەھۇدىلار دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن، ماداغاسقارنى ۋە ئافرىقىنىڭ باشقا جايلىرىنى كۆزەتكەن، ئاخىرى پەلەستىننى تاللىغان دېيىشىدۇ...
بۇ ئۇنداق مەسىلە ئەمەس، يەھۇدىلار ئەزەلدىن باشقا يۇرتتا دۆلەت قۇرۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان، بەلكىم باشقا يۇرتلارنى بېسىۋالماقچى بولغاندۇ. ئۇلار تارىختىن بۇيان شۇ پەلەستىن ئۈچۈنلا ئۇرۇشىۋاتقىنى بىر پاكىت.
مېنىڭ بۇ تېمىدا دېمەكچى بولغىنىم پەقەت، نۆۋەتتە تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسىي سەۋەب...

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 22:28:28

جۈمە كۈنى مەسچىت دەپ ئاتاپ ناماز ئوقۇش، شەنبە كۈنى چېركاۋ دەپ ئاتاپ ئىنجىل تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت
-----------------------------------------
ئارتۇقچە بولسىمۇ دىگۈم كېلىپ قالدى، يەھۇدىيلار شەنبە كۈنى تىلاۋەت قىلىدۇ، لېكىن ئىنجىلنى تىلاۋەت قىلمايدۇ، بەلكى تەۋراتنىدۇ.
نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، دىننىي ئالىملاردىن تارتىپ ھەممىسى بىلىپ- بىلمەي «يەھۇدىيلار ئىنجىل ئوقۇيدۇ» دەپ سالىدۇ. ئىبنى كەسىرنىڭ قۇرئان تەپسىرىدىمۇ شۇنداق دىيىلگەچكە، داۋاملىق ئوقۇماي توختاپ قالغان ئىدىم.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 22:47:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 22:50  

سىز يەھۇدىلارنىڭ مەسىلىسىنى پەقەت دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىن كېيىنكى ۋاقىتقىلا باغلاپ قويۇۋاتىسىز.
يەھۇدىي بىلەن ئەرەب بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى، خۇددى ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبېكتەك.... ئۇلار شۇ ئېرۇسالىمدا چوڭ بولغان...
مېنىڭچە، مەن دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يەھۇدىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك ماتېرىيال كۆرەي، سىزمۇ دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى يەھۇدىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بېقىڭ.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 22:58:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 23:22  

ماۋۇلار باشقىچە تۇرىدىغۇ ، ئەقسا مەسچىتنى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاتىسى ئىبراھىم  ئەلەيھىسسالام سالغان ، كەئبىنى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام  بىلەن ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سالغان ، دىمەك ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمايىل ئەلەيھىسسالام ئىبرايىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئايالدىن بولغان بالىللىرى ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام سارە ئانىمىزدىن ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھاجەر ئانىمىزدىن تۇغۇلغان ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ باللىردىن يەئقۇپ ئەلەيھىسسالام بولغان بۇ كىشىنىڭ باللىردىن يۈسۈف ئەلەيھىسسام بولغان ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى داۋۇد ئەلەيھىسسام بۇلاردىن كىيىن دۇنياغا كەلگەن ،
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئەقسا مەسچىتتە تاشتا ياتقۇزمىدى بەلكى مىنا تېغىدا ياتقۇزدى ،
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام نىڭ نەسەبى مانا : سُلَيْمَانُ بْنُ داود بن ايشا بن عويد بن عابر بن سلمون بن نحشون بن عمينا داب بن إرم بن حصرون بن فارص بن يهوذا بن يعقوب بن إسحق بن إبراهيم
يەشمىسى : سۇلايمان داۋۇت ئوغلى ، داۋۇت ئىيشائوغلى ئىيشا ئۇۋەيد ئوغلى ئۇېەيدى ئابىر ئوغلى ئابىر سەلمۇن ئوغلى سەلمۇن نەھشۇن ئوغلى نەھشۇن ئەمىينادەئب ئوغلى ئەمىينا دەئب ئىرەم ئوغلى ئىرەم ھەسرۇن ئوغلى ھەسرۇن پارىس ئوغلى پارىس يۈسۈف ئەلەھىسسالامنىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئاكىسى يەھۇدانىڭ ئوغلى يەھۇدا يەئقۇپ ئوغلى يەئقۇپ ئىسھاق ئوغلى ئىسھاق ئىبراھىم ئوغلى  يۇقىردا تىلغا ئېلىنغانلار ئىچىدىكى پەيغەمبەرلەرگە سالاملار بولسۇن ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن نەچچە ئەۋلات كىيىن ،  

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 23:13:02

ئەرەب  تىلنىڭمۇ يەھۇدىي ئەرەبچىسى دەيدىغان  تارمىقى  باكىن ئاڭلىسام

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 23:32:24

كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 23:39:54

دەپ تۇرسا يەنە ئۆزىڭىزنىڭ گىپىنى قىلىدىكەنسىز بىرھون
يەھۇدىلار بىلەن ئەرەپلەرنىڭ بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئىروسالىمنى تالىشىپ قىلغان ساناقسىز ئۇرۇشلىرى بولسا، شۇلاردىن بىر نەچچىنى مىسال كەلتۈرۋەتمەمسىز بىلىپ قالىلى
بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن برىتانىيە پارلامىنتىدا يەھۇدىلارغا پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇپ بېرىش ئاۋازغا قۇيۇلۇپتىكەن. شۇ چاغدا بىر يەھۇدى (ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن) پارلامىنت ئەزاسى قاتتىق قارشى چىقىپتىكەن بۇ پىلانغا. ئەگەر بۇنداق بولسا پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا يەھۇدىلارغا قارشى كەيپىيات باش كۆتۈرىدۇ، قۇرۇلغۇسى ئىسرائىل مەڭگۈ تىنچ ئۈتەلمەيدۇ دەپ. دىمەك ئۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئۆچمەنلىك كەيپىياتى مەۋجۈت ئەمەس دىگەن گەپ.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 01:45:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 01:50  

makansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 23:39 static/image/common/back.gif
دەپ تۇرسا يەنە ئۆزىڭىزنىڭ گىپىنى قىلىدىكەنسىز بىرھون
...

وك...
يەھۇدىلار موسا، سۇلايمان، داۋۇت،.... ئەلەيھىسالاملارنى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھلىرى، قەدىمدە ئىسرائىل خانلىقىنى قۇرغان دەپ قارايدۇ.... بۇ بەك ئۇزاقتىكى تارىخنى يەھۇدىلارنىڭ قارىشى بويىچە بايان قىلمايلى....
مىلادىدىن بۇرۇنقى 740-يىلى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقى ئاشۇر خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان ۋە يەھۇدىلار ئېرۇسالىمدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
مىلادىدىن ئىلگىرى 715-يىلى يەھۇدىلار ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋالغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 597-يىلى پارىسلار ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، يەھۇدىلارنى قوغلاپ چىقارغان. كېيىنكى يىللاردا يەھۇدىلار ھەرخىل يوللار بىلەن يەنە ئېرۇسالىمغا قايتقان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 586-يىلى ھەرخىل يوللار بىلەن ئېرۇسالىمغا قايتىۋالغان يەھۇدىلار يەنە بىر قېتىم قىرغىن قىلىنىپ، قوغلانغان ۋە ئۇلار نىشانلاپ كېلىدىغان سۇلايمان ئەلەيھسالام ئىبادەتخانىسى ۋەيران قىلىنغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 539-يىلى يەھۇدىلارنىڭ پىلانلىق ھەرىكەتلىرى، سىياسىي ئويۇنلىرى ۋە ھەرخىل تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدە پارىس خانى كورۇش بۇزرۇك يەھۇدىلارنىڭ ئېرۇسالىمغا قايتىشىغا ئىجازەت بەرگەن. يەھۇدىلار قايتقاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنى رېمونتلاپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 516-يىلى پۈتتۈرگەن.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 167-يىلى يەھۇدىلار مۇستەمىلىكىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئېرۇسالىمدا دۆلەت قۇرغان.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 63-يىلى رىم ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغان ۋە مىلادىي 66-يىلى يەھۇدىلارنىڭ رىم مۇستەملىكىسىگە قاراتقان قوزغىلىڭىدا يەھۇدىلار مەغلۇب بولغان ۋە ئېرۇسالىمدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان.
مىلادى 115-يىلى سۈرگۈندىكى يەھۇدىلار قوشۇن توپلاپ، رىم قوشۇنىغا قارشى تۇرغان، بۇ بىر قەدەر كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولۇپ، Kitos War دەپ ئاتىلىدۇ.
مىلادى 131-يىلى يەھۇدىلار يەنە كۈچ توپلاپ، ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلغان ۋە مەغلۇب بولغان. بۇ ئۇرۇشتا 580,000  يەھۇدى ئۆلگەن.
مىلادى 138-يىلى توختىماي جېدەل قىلىۋاتقان يەھۇدىلارنىڭ كەيپىياتىنى سەل تىنجىتىش ئۈچۈن، رىم ئېمپېرىيەسى يەھۇدىلارنىڭ يەھۇدىي كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 1- ۋە 2-كۈنلىرى ئېرۇسالىمغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان.
مىلادى 361-يىلى رىم ئېمپېرىيەسى يەھۇدىلارنىڭ ئېرۇسالىمدا ياشىشىغا رۇخسەت قىلغان
مىلادىي 610-يىلى يەھۇدىلار ئېرۇسالىمدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
مىلادى 7-ئەسىردە، ئىسلام دىنىي باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، يەھۇدىلارنىڭ مۇسۇلمان بولمىغانلىرى ئېرۇسالىمدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
مىلادى 711-يىلى مۇسۇلمانلار ئېسپانىيەنى ئىشغال قىلغان، يەھۇدىلار ئېسپانىيە خىرىستىيانلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى سۈپىتىدە مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ۋە ئۇلار مۇسۇلمانلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جېدەللەرنى تېرىغان، سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن، توپىلاڭلارنى قىلغان.
بۇلارنى تىنجىتىش ئۈچۈن، مىلادى 900-يىلىدىن 1090-يىلغىچە، ئىسپانىيەدە يەھۇدىلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن مەزگىلدە، يەھۇدىلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئېرۇسالىمغا قايتقان.
مىلادى 1141-يىلى يەھۇدىلار يەھودا ھالاۋى ئىسىملىك بىر داھىسىنىڭ باشچىلىقىدا، ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋە دۆلەت قۇرىدىغانغان تەييارلىق قىلغان.
مىلادى 1187-يىلى سالاھىدىن ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغان ھەمدە يەھۇدىلارنىڭ يۇمشاق قول سىياسەت قوللىنىپ، ھەيدىۋەتمىگەن، ئۇلارنىڭ ئېرۇسالىمدا ياشىشىغا يول قويغان.
مىلادى 1267-يىلى يەھۇدىلار ئېرۇسالىمدا رامبان جەمئىيىتى نامىدا «يەھۇدىي دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەمئىيىتى» قۇرغان.
مىلادى 1343-يىللىرىدىن باشلاپ يۈز يىللارغىچە يەھۇدىلار ئەنگلىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپا زېمىنلىرىدىن قوغلانغان. قوغلانغان يەھۇدىلار ئەرەب ئەللىرى، رۇسىيە، تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا ماكانلاشقان. ئوسمانلى خانلىقى يەھۇدىلارغا قۇچىقىنى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ يەھۇدىلار ياۋروپادىن قوغلانغان.  پولشا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا يەھۇدىلار پولشا تەرەپنى ئىقتىساد ۋە ئادەم كۈچى جەھەتتىن قوللىغان، (چۈنكى پولشادىكى يەھۇدىلار رۇسىيەدىكى يەھۇدىلاردىن جىق ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيەدىنمۇ قوغلانغان.
.......
.....
....
قىسقىسىي يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىن ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە ئۇرۇنۇشلىرى ھېچ توختاپ قالغىنى يوق.
«يەھۇدىلارنىڭ ئۇگاندا، رۇسىيە ياكى پەلەستىندىن بىرنى تاللاشنى بېلەت تاشلاشقا قويدى» دېگىنى خۇددى ۋاڭسەننى بېكىتىپ بولۇپ، سايلام ئۆتكۈزگەندەك ئىش. بۇ ھەقتە يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ ھەم كۆپ.
سىز پەقەت «زىيونىزىم» دەپ ئاتالغان يەھۇدىي ھەرىكىتىنىلا كۈچەپ تەكىتلەپ، ئۇندىن بۇرۇنقىلىرىنى نەزەرگە ئالمايۋاتىسىز.

--------------
ئاخىرىدا...
مېنىڭ بۇ تېمىدا ئوخشىمىغان پىكىر پەيدا قىلغۇممۇ يوق ھەم قىلالمايمەن
پەقەت زىددىيەتنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش مەقسىتىم بار.
ئىنكاسلىرىمدا ئارتۇق بوپ قالغان، كەم قالغان، خاتا كەتكەن... جايلارنى ئەسكەرتكەن دوستلارغا رەھمەت.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 02:08:29

ھەمدە پەلەستىن زېمىنىنى ئەرەبلەرلا ساتقان ئەمەس، ساتقان بولسىمۇ ناھايىتى نامرات، يوقسۇل ئەرەبلەر ساتقان، ئەمما بۇ دۆلەتنى ھەقىقەتەن يەھۇدىلارغا ساتقانلار ئوسمانلىلىق بايلار ۋە باشقا مىللەتلەر. ئەينى چاغدا بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئەرەبلەردە ئەمەس،
ئەرەبلەر ساتمىغان دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈشكە ھەم بولمايدۇ، چۈنكى يەھۇدىلارغا ساتقانلارمۇ ئەرەبلەردىن ئالغان ياكى تارتىۋالغان.
مەن ئالدىنقى بىر ئەرەب-يەھۇدىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تېمىدا، بىرسىنىڭ شۇ ھەقتە يازغان ماقالىسىنىڭ سىتاتىستىكىلىق بىر بۆلىكىنى يوللاپ قويغان ئىدى. (ھازىر تاپالمىدىم)
ئۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە.... ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر ساتقان زېمىن پۈتۈن پەلەستىندە يەھۇدىغا سېتىلغان زېمىننىڭ 20 پېرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىكەن... ھالبۇكى دۇنيا بۇ ئىشنى ئەرەبلەرگە دۆڭگەۋاتىدۇ.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 02:27:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 02:29  

tarim يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 02:19 static/image/common/back.gif
1916- يىل- سىكوس - پىكوت كىلىشىمىدىن كىيىن ئېنگىلىزلار د ...
سىز دېگەن كىنونى بۇرۇن بىر كۆرگەن، يەنە بىر كۆرەي...
-----------
سىز ئەنگلىيەلىكلەر بۇ زېمىننى بېسىۋالسا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئوسمانىيلار بېسىۋالسا ھېسىداشلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىسىز.
پەلەستىنگە نىسبەتەن ئوسمانىيلارمۇ تاجاۋۇزچى، شۇڭا ئۇلار ئوسمانىيلارنىڭ كاللىسىنى ساتمىغان، بەلكى تاجاۋۇزچىنى جازالىغان. ئوسمانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ، ھېچ بولمىغاندا يېرىم مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.
---------
مەنمۇ بىزگە قېرىنداش بولغان ئوسمانىيلارنى قوللايمەن، ئەمما پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۈچىنچى تەرەپتە تۇرۇپ تەھلىل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 08:36:46

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 02:27 static/image/common/back.gif
سىز دېگەن كىنونى بۇرۇن بىر كۆرگەن، يەنە بىر كۆرەي...
----- ...

ئسىلامدىكى خەلىپىنىڭ قانداق بولدىغانىقىنى بىلمەيدىكەسىزدە؟
ئەڭ مۇھىمى ئەرەبلەر تۈرۈكلەرنىڭ خەلىپە بولشىغا چىداپ تۇرالمىدى
شۇڭا ئىنگىلىز يەھۇدىلار بىلەن بىرلىشىپ قانچە تۈمەن ئوسمانيلارنىڭ كاللىسىنى ئالدى بۇ ھەقىقەت
ھازىرقى سۈريە ئافىغاندا بولغان جىدەل يەنە شۇ خەلىپىلىك تۈزۈمنىڭ ئشى بولىۋاتىدۇ
ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى بۇ سىز دىگەن ئىنگىلىزلارنىڭ يەھۇدىلارنىڭ بىسىۋىلشىغا ئوخشىشىڭىز قاملاشمىغانلا بىر مەنتىقە خالاس
ئۆزى خالاپ خەلىپە تۈزىمىگە بوي سۇنۇش بىلەن ئۆزى خالىمىغان ھالدا ئىنگىلىز يەھۇدىلارغا مەجبۇرلىنىش ئىككىسى ئىككى ئىش
ۋاقتى كەلسە خەلىپىگە ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بوي سۇنىشى كىرەك ھەم خەلىپە ھەرقانداق
مۇسۇلمان دۆلىتنىڭ بىر غىرىچ زىمىننىمۇ باشقىلارغا بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلشى كىرەك. ھازرىقى بولۋاتقان جىدەل
ئالدىنقى سەپتە ئىسلام ئۈچۈن خەلىپىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئىسسىق جىنىنى پىدا قىلۋاتقانلار بولسا كىيىنكى سەپتە
يەنە شۇ فايسال جەمەتى ئىران يەنە شۇ ئىنگىلىز يەھۇدى سودىسى بولىۋاتىدۇ (يەھۇدى ۋە ئىنگىلىزلار بولسا خەلىپىلىك تۈزۈمنىڭ بولىشىغا ئەڭ ئۆچ)
چۈنكى كۈچلۈك ئوسمان خەلىپىلىكى ياۋرۇپانى قانچە يۈز يىل تىترىتىۋەتتى . ياراتقۇچى ئىگمىزنىڭ ئالدىنقىلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز

absalam334 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 09:08:24

تارىخنى غالىپلا مەغلۇپلارنىڭ دۇمبىسىگە يازىدۇ دەپ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرلىشىغا تارىخى تەپەككۇر قىلسا سەئۇدىنىڭ ھازىرقى ھاكىمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرلۇشىغا تۆھپە قوشقاندەك قىلىدۇ

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 15:23:30

تارىم كاللسى ئوچۇق بالا.
ئوسمانلىلار يەھۇدىلارغا زىمىن ساتتى دىگەن گەپنىڭ پاكىتى بولسا بىر كۆرۈپ باقساق،ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 16:20:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 16:35  

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 15:23 static/image/common/back.gif
تارىم كاللسى ئوچۇق بالا.
ئوسمانلىلار يەھۇدىلارغا زىمى ...

مېنىڭ تارىمى ئەپەندىنىڭ كاللىسىنىڭ ئوچۇقلۇقىغا گۇمانىم يوق...
تارىخ شۇنداق دەپتۇ....
يەھۇدىلار ياۋروپادىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ قوغلانغاندىن كېيىن، ئوسمانلىلار ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولغان. يۇقىرىقى ئىنكاسلاردا ئېيتقىنىمىزدەك ئوسمانلىلار ئۇلارنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئېلىپ، ئۆز زېمىنلىرىغا، ئەرەبلەردىن بېسىۋالغان زېمىنلارغا ماكانلاشتۇرغان. ئوسمانلىلارنىڭ ئەسلى پۇقراسى بولغان تۈركلەردىن كۆپلىگەن بايلار پەلەستىندە يەر-زېمىنلىق بولغان بولۇپ، يەھۇدىي ئېقىمىدا باي بولۇشنى كۆزلىگەنلەر نۇرغۇن زېمىنلارنى ساتقان. ئەلۋەتتە، ئوسمانلى ھۆكۈمىتى ساتقان ئەمەس، بەلكى پۇقرالىرى ساتقان. يەھۇدىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەر-زېمىننى ئېرۇسالىم ئەتراپىدىن سېتىۋالغان بولغاچقا، ئوسمانلى خانلىقى يەھۇدىلارنىڭ غەرىزىنى ھېس قىلغان، ۋە ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولغان رۇسىيەدىن كەلگەن يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىندە زېمىن سېتىۋېلىشنى چەكلىگەن.
يەھۇدىلار ئاستا-ئاستا، رۇسىيە ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى باشقا زېمىنلارنى ئايلىنىپ ئاندىن ئوسمانلى تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، يەر سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. شۇنىڭ بىلەن 1892-يىلى ئوسمانلى خانلىقى تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق كىشىنىڭ يەھۇدىلارغا پەلەستىن تەۋەسىدىن زېمىن سېتىشىنى چەكلىگەن. ئەمما پەلەستىندىن باشقا يەردە يەنىلا يەھۇدىلارنى چەتكە قاقمىغان.
----------
مېنىڭچە، يەھۇدىي مەسىلىسىدە ئوسمانلىلارنى سۈت بىلەن يۇيۇپمۇ ئاقلاپ بولالمايمىز. يەھۇدىلار رىملىقلاردىن، ئەنگلىيەدىن، ئىسپانىيەدىن، فىرانسىيەدىن ۋە رۇسىيەدىن قوغلانغاندا، تۈركلەر ئۇلارنى پولو ئېتىپ كۈتۈۋېلىپ، قارشى ئېلىپ،... پەلەستىنگە يىغىپ قويغان. مېنىڭ ئوسمانلىلارغا ئۆچمەنلىكىم يوق، بۇ خانلىقتىن پەخىرلىنىمەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئىشلىرى بولغان.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 16:44:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 16:51  

يەنىلا ئوسمانلىلارنىڭ يەھۇدىلارغا يەر ساتقانلىقنىڭ پاكىتنى كۆرسەتمەپسىز.ئىرۇسالىمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئاھالىسى يەر ئىگىلىرى  تۈركلەر دىمەكچىمۇ سىز؟
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا شاڭخەيدىمۇ نۇرغۇن يەھۇدىلار پاناھلانغانكەن،ئەجەپ يەھۇدىلار شاڭخەيدە دۆلەت قۇرماپتا؟ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇلىدىغان نامزات ئورۇنلارنىڭ ئارىسىدا دۆلىتىمىزنىڭ شەرقى شىمالىمۇ باركەنتۇق،لېكىن يەھۇدىلار جۇڭگۇدا دۆلەت قۇرالمىدى،چۇنكى دۆلەت ئوسمانلىدەك پارچىلىنىپ كەتمىدى.سىزنىڭ بۇنداق ئويلىشىڭىز بىلەن يولداشلارنىڭ بىزنىڭ ئارقىدا قىلىشمىز،غەرپتىكى جاھانگىر دۆلەتلەرگە بوزەك بولىشىمىز مانجۇلارئىقتىدارسىزلىقىدىن بولغان دەپ ئويلىشنىڭ بىر خىل ۋارىياتنى.
ئىشلارنى سىز ئويلىغاندەك  ئۇسۇل بىلەن ئويلىسا قالايمىقانلىشىپ كېىتدۇ،مېنىڭ بىلىشىمچە ئىرۇسالىمغا كۆچۈپ كەلگەن يەھۇدىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 1918-يىلى ئوسمانلى ئىمپىرىيسى پارچىلىنپ كەتكەندىن كىيىن كۆچۈپ كەلگەن،ۋە يەر سىتىۋالغان.ئەگەردە ئوسمانلى پارچىلىنىپ كەتمىگەن بولسا يەھۇدىلار ئىرۇسالىمدا دۆلەت قۇرالامدا؟ئەگەردە يېرى بولسىلا ياكى يەر سېتىۋالسىلا دۆلەت قۇرىۋالغىلى بولسا كورىتلا نىمشقا ھازىرغىچە تانكىغا چامما ئېتىپ يۈرۈيدۇ؟

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 17:01:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-10 17:09  

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-10 16:44 static/image/common/back.gif
يەنىلا ئوسمانلىلارنىڭ يەھۇدىلارغا يەر ساتقانلىقنىڭ پ ...

وك...
1977-يىلى لوندوندا نەشىر قىلىنغان، يەھۇشا پورات (Yehoshua Porath) يازغان «پەلەستىن ئەرەبلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ھەرىكەتلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ 81-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: پەلەستىن تۇپرىقىدا يەھۇدىلارغا سېتىلغان يەرلەرنىڭ 52.6 پېرسەنتىنى ئوسمانلى، مىسىر ۋە سۈرىيەلىك بايلار ساتقان؛ 24.6 پېرسەنتىنى پەلەستىنلىك سودىگەرلەر ساتقان؛ پەقەت 9.4 پېرسەنتىنىلا پەلەستىنلىك ئەرەب دېھقانلار (يەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى) ساتقان.
------------------------
ئۇنىڭ ئۈستىگە...
مەن كىمنىڭ كىمگە يەر سېتىشىغا ھېچقانداق باشقىچە قاراشتا ئەمەس... چۈنكى يەر دېگەن مۈلۈك، ئۇنى كىمگىلا ساتسا بولىۋېرىدۇ. يەر ساتقانلىق دۆلەتنى ساتقانلىق ئەمەس. ھازىرمۇ شۇنداق، ئامېرىكىدىن ياكى ئاۋستىرالىيەدىن يەر سېتىۋالسىڭىزمۇ، شۇلارنىڭ قانۇنىي بويىچە بولىۋېرىدۇ. ئەمما ئۇلار سىزگە دۆلىتىنى سېتىپ بەرمەيدۇ.
مېنىڭ باشقا قاراشتا بولغان يېرىم، ئەينى ۋاقىتتا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە بۇ توختاملارنى باشقۇرىدىغانلار ئوسمانلى ھۆكۈمىتى. ئۇلار پۈتۈن دۇنيادا قوغلاندى قىلىنىۋاتقان يەھۇدىلارنى يىغىپ ئەكىلىپ قويمىغان بولسا، بەلكىم،....

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 17:15:03

ئوسمانلىنىڭ يەر ساتقانلىقى توغرىسىدا پاكىت باركەن.بەك ئاساسسىزمۇ گەپ قىلماپسىز.بۇ روھىڭىز يارايدۇ.
لېكىن ئوسمانلى پارچىلىنىپ كەتمىگەن بولسا ،يەنىلا كۈچلۈك بىر ئىمپىرىيە بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسا يەھۇدىلار پەلەستىننىڭ ھەممە زىمىنىنى سېتىۋالغان بولسىمۇ دۆلەت قۇرالمايىتتى.
بەت: [1] 2
: قۇددۇس-ئېرۇسالىم