Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 16:49:25

بۈگۈن نەۋايى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغان كۈن

بۈگۈن نەۋايى بىلەن ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر تۇغۇلغان كۈن


    مىلادىيە 1441-يىلى 9-فېۋرال كىلاسسىك شائىرىمىز ئەلىشىر نەۋايى ھازىرقى ئاففانىستان تەۋەلىكىدىكى ھېرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەنىكەن. نەق 600 يىلدىن كېيىنكى 9-فېۋرالدا- 1901-يىلى 9-فېۋرال يەنە بىر مۇنەۋۋەر شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر تۇرپاندا دۇنياغا كەلگەنىكەن. بىز ئاشۇ ئۇلۇغ سىمالىرىمىزنى  ئەسلەش يۈزىسىدىن تۆۋەندىكىلەرنى سۇندۇق.

   
( رەسسام غازى ئەھمەد سىزغان نەۋايى پورتېرىتى )

   نەۋايىنىڭ زاماندىشى، ئېمپىراتور ،  ئەدىب بابۇرنىڭ  ‹‹ بابۇرنامە ›› ناملىق دۇنياۋېي ئەسىرىدە ئەلىشىر نەۋايى ھەققىدە ھۆججەتلىك مەلۇماتلار بار:
    «بابۇرنامە» دە ئەلىشىر نەۋايىنى خېلى جىق يەردە تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ بەگلىرى قاتارىدا تۇنۇشتۇرغاندا بىرقەدەر تەپسىلىي تۇنۇشتۇرغان. شۇ زاماندىكى كىشىلەرنىڭ نەۋايىغا بولغان باھاسىنى ئۆز پېتى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن تۆۋەندە «بابۇرنامە» دىن بىر بۆلەك بەردۇق(318-319-320-بەتلەر):
  «ئەلىشىر بەگ ناۋايى – بېگى ئەمەس، دوستى ئىدى(سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ دېمەكچى)، كىچىك ۋاقتىدا مەكتەپداش بولۇپ، ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەنىكەن. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزى(سۇلتان ھۈسەيىن مىرزىنىڭ دادىسى)نىڭ ئۇنى نىمە گۇنا بىلەن ھىرىدىن(ھىراتتىن دېمەكچى) سۈرگۈن قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن.سەمەرقەنتكە باردى، ئۇ يەردە تۇرغان بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئەھمەد ھاجىبەگ ئۇنىڭغا مۇرەببى ۋە ھامىي بولدى. ئەلىشىر بەگ نازۇك مېجەزلىكى بىلەن مەشھۇردۇر. كىشىلەر ئۇنىڭ نازۇكلىقىنى دۆلىتىنىڭ غۇرۇرىدىن بولغان دەپ بىلىشەتتى، لېكىن ئۇنداق ئەمەس ئىكەن. بۇ ئۇنىڭ تۇغما سۈپىتى ئىكەن. سەمەرقەندتە تۇرغان ۋاقتىدىمۇ شۇنداق نازۇك مېجەز ئىكەن. ئەلىشىر بەگ تەڭدىشى يوق ئادەم ئىدى. تـۈركىي تىلدا شۇنداق شېىرلارنى يېزىپتۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك كۆپ ھەم ياخشى يازغان ئەمەس. ئالتە مەسنەۋى كىتاپ نەزم قىلىپتۇ، بەشى ‹ خەمسە › تەقلىدىدە تۈزۈلۈپتۇ، بىرى ‹ مەنتىقۇتتەير › ۋەزنىدە تۈزۈلۈپ ‹ لىسانۇتتەير › دەپ ئاتىلىپتۇ……….پارىسىي دىۋانمۇ تۈزۈپتۇ، پارىسىي نەزمىدە ‹ فانى ›تەخەللۇسىنى قوللىنىپتۇ. بەزى بېيىتلىرى يامان ئەمەس، لېكىن كۆپچىلىكى سۇس ھەم تۆۋەندۇر. مۇزىكىدا ياخشى نەرسىلەرنى يارىتىپتۇ. ياخشى ناخشا ۋە ياخشى پەشرەۋلەرى بار. ئىلىم ۋە ھۈنەر ئەھلى ئۈچۈن ئەلىشىر بەگكە يېتىدىغان مۇرەببى ۋە ھامىينىڭ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەستۇر. سازدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستاد قۇل مۇھەممەت، شەيخى ۋە ھۆسەيىن ئۇدىلار ئەلىشىر بەگنىڭ تەربىيىسى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا شۇقەدەر يۈكسىلىپ شۆھرەت قازاندى……پەرزەنتسىز، ئايالسىز، بۇ ئالەمدىن يالغۇز- يىگانە ئۆتتى. دەسلەپتە مۆھۈردار بولدى، ئارىلىقتا بەگ بولۇپ، ئاسترابادتا بىرقانچە ۋاقىت ھۆكۈمەت ئۈستىدە بولدى. ئاخىرىدا سىپاھىيلىقىنى تەرك قىلدى. مىرزىدىن ھېچ نەرسە ئالمايتتى. بەلكى ھەر يىلى مىرزىغا نۇرغۇن مىقداردا مەبلەغ ھەدىيە قىلاتتى...»
    يۇقۇرىقىلاردىن باشقا شائىر بىنائنى تۇنۇشتۇرغاندىمۇ نەۋايى ھەققىدە توختالغان(337-338-بەتلەر):
   «بىنائى – ھىرىلىقتۇر. غەزەللىرىدە رەڭ ھەم ھېسسىيات بار…..بۇرۇن مۇزىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەن ھەم بۇ جەھەتتىن ئەلىشىر بەگ تەنە قىلار ئىكەندۇق….كېيىن تىرىشىپ مۇزىكىدا ياخشى كۈيلەر يارىتىپتۇ. ئەلىشىر بەگكە كۆپ ھۇجۇم قىلار ئىكەن….مىسالى شۇكى، بىر شاھمات ئولتۇرىشىدا ئەلىشىر بەگ پۇتىنى ئۇزاتقانىكەن، بىنائىنىڭ ساغرىسىغا تېگىپ كېتىپتۇ. ئەلىشىر بەگ چاقچاق قىلىپ: ‹ بۇ نېمە بالا، ھىرىدا پۇتۇڭنى ئۇزاتساڭلا، چوقۇم بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدىغان بولدى › دەپتۇ. بىنائى جاۋابەن:‹ ئەگەر يىغساڭ، يەنە بىر شائىرنىڭ ئارقىسىغا تېگىدۇ › دەپتۇ…. ئەلىشىر بەگ نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلغان ئىدى. بىر كىشى ھەرقانداق بىر ئىشتا بىر بەرسىنى ۋۇجۇدقا چىقارسا، ئۇنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن، ئۇنى ‹ ئەلىشىرى › دەيتتى.»

   
( خەتتات ئەرشىدىن راشىد يازغان نەۋايىنىڭ بىر پارچە شېئىرى )

   

  ئالىيجاناپ غايە، يۈكسەك تالانت، ئېگىلمەس-سۇنماس قەيسەر ئىرادىگە ئىگە ۋەتەنپەرۋەر شائىر‏- ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر 1901-يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان ناھىيە يېڭىشەھەردىكى ئابدۇراخمان مەخسۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933-يىلى جاللات شېڭشىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇ مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن ، ئائىلىسىدە مەكتەپ يېشىغا يەتمەيلا ساۋاتىنى چىقىرىۋالغان . ئابدۇخالىق دەسلەپ بىر مەزگىل دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىپ، شەرق ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرى ۋە ئـۇيـغـۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشقان.
  ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇرنىڭ چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى چوڭ شەھەرلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەمەي (ھازىرقى سىمپىلاتىنسكى) قاتارلىق شەھەرلىرى، سانكىت پېتىربورگ، ھەتتا شەرقىي ياۋروپالارغا سودا ئىشلىرى بىلەن بېرىپ-كېلىپ تۇرغان. شائىر 1916-يىلى چوڭ دادىسىغا ھەمراھ بولۇپ روسىيگە بارغان. ھەر قېتىم بارغىنىدا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. شائىرنىڭ بىلىمىگە بولغان تەشنالىقى ۋە چەت ئەللەرگە قىلغان سەپەرلىرى ئۇنى روس، ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پىششىق بىلىش پۇرستىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىجىتمائى تەرەققىياتىنىىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىدا ھەر خىل سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان خەلىقلەر ۋە مىللەتلەر، سىنىپ ۋە تەبىقىلەر بىلەن تونۇشۇش ۋە ئۇلارنى چۈشىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى رۇسىيگە قىلغان سەپەرلىرى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتىلغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇ جاھانگىرلار مۇستەملىكە تالىشىپ قىلغان ئادالەتسىز ئۇرۇشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. روسىيە پرولېتارىياتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنى قوزغاش يولىدا ئېلىپ بارغان ئەمەلىي ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ھەتتا، ئۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىنىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.
     ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپاندا شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئوقۇغان . ئوقۇش جەريانىدا شۇ زاماننىڭ مەكتەپ قائىدىسى بويىچە ئۆزىگە خا ۋېىنسەي (哈文才)دەپ خەنزۇچە ئىسىم قويغان. ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىكى مەشھۇر ئەسەرلەردىن «سۇ بويىدا»، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق كىلاسسىك رومانلارنى ئوقۇپ، مەزمۇنىنى دوست-بۇرادەرلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن . كېيىنكى كۈنلەردە سۇن جۇڭشەن ۋە لۇ شۈننىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان . «1923-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ، موسكۋا شەر ئۇنىۋېرستېتىدا بىلىم ئاشۇرغان». بۇ جەرياندا روس سوۋېت ئەدەبىياتىنڭ ۋەكىللىرى پوشكىن ، لېرمونتوۋ، لېۋ تولىستوي، ماكسىم گوركىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇغان.
   1926-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا خورلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۆز خەلىقىنىڭ سىياسى جەھەتتە يېتەرلىك ئاڭغا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقى، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەندە ئىنتايىن ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقى، ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ تەرەققىياتى ئۆز يۇرتىدىن خېلىلا ئىلگىرلەپ كەتكەنلىكى شائىردا خەلىق ئازادلىقى ۋە دېمكۇراتىيە ئىدىيسىنى پەيدا قىلىپ ، ئۇنى ئىنقىلاب يولىغا باشلىدى . نەتىجىدە شائىر ھاياتىنى پۈتۈنلەي زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ ، خەلقنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشىغا بېغىشلىدى.
   ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى بىلەنلا بىر ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنقىلابىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى ئەمەلىي ئىنقىلابىي پائالىيتىدە، ئىككى قولىغا ئىككى قورالنى - قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭلا كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ بىر قولىدىكى قەلىمى ئىنقلابتا خەلقنى ئويغىتىش، سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ يەنە بىر قولىدىكى ئەلىمى خەلقنى يېتەكلەپ، ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى. ئۇ يالغۇز ئىنقىلابىيلىق ۋە ئىلغارلىقنىڭ تەشۋىقاتچىسىلا ئەمەس، بەلكى بىۋاستە ئىشتراكچىسى بولدى . ئۇ يالغۇز ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان بىر ئىنقىلابىي شائىرلا ئەمەس، بەلكى سىياسى جەھەتتە ئۆز دەۋىرىدىكى خەلىق ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇچى رەھبەر ئىدى.» ئۇ 1927- يىلى « ئاقارتىش بىرلەشمىسى» نامىدا مەرىپەت جەمئىيتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئىئانە توپلاپ مەكتەپ ئاچتى. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ بەزىلىرى كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئوقۇپ كېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
   شىنجاڭدا سىنىپىي زىددىيەت، مىللى زىددىيەتلەر ۋە باشقا تۈرلۈك زىددىيەتلەر گىرەلىشىپ ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن، گويا بۇ زددىيەتلەر بىر دۆۋە قۇرۇق ئوتۇنغا ئوخشاش بىر سۈركىلىش بىلەنلا ئوت ئېلىپ، يەر-جاھاننى قاپلىغۇدەك ئوت يالقۇنىغا ئايلىنىدىغان ۋەزىيەتتە تۇرغاندا ، ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىللە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، 1931- يىلىنىڭ ئاخىرى 1932- يىلنىڭ باشلىرىدا تۇرپان ئويمانلىقىدا، ياڭ زېڭشىن، جىن شۇرېننىڭ ئەكسىيەتچى چىرىك ھاكىمىيتىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇردى. 1932- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، مىلتارست جىن شۇرېن تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ، تۇرپانغا جازا قوشۇنى ئەۋەتكەندە ، قوزغىلاڭچىلار يېڭىشەھەرنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقتا «ئوت قالاپ كۈتۈۋېلىش» تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ، بىر يولىلا بىر نەچچە يۈز دۈشمەننى تارمار قىلىپ ، نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا غەنىيمەت ئېلىپ دەسلەپكى غەلبىگە ئېرىشكەن (شائىر بۇ ۋەقەنىڭ جەريانىنى «مۇزلىدى» دېگەن شېئىرىدا تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن.) بىراق، قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان قانخور شېڭ شىسەي 1933- يىلى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن دەككىسىنى يەپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىۋېتىپ تۇرپانغا كەلگەندە، ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىلىرى ، دەپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر تۈرمىدە دۈشمەننىڭ سۈيىقەستىنى پاش قىلىپ «ئىچ پۇشۇش» دېگەن شئېرىنى يازغان . سۈيىقەستى پاش بولۇپ قالغان شېڭ شىسەي 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۇنى سەپداشلىرى بىلەن قوشۇپ، جازا مەيدانىغا ئەپچىقىپ ، ۋەھىشىيلىك بىلەن پاجئەلىك ھالدا چېپىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن. ئابدۇخالىق ئـۇيـغـۇر بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا : «ياشىسۇن ئەركىنلىك!»، « ياشىسۇن ئازادلىق!» دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر پارچە شېئىرى ھۇزۇرۇڭلاردا :

   ئايرىلمىغىل

ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.

مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
شىر نە يا يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل.

تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نېچۈك بولغاي كىيىن دەپ، يوق خىيالغا قالمىغىل.

سەن ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.

ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.

1929-يىل

( كىتاب ۋە توردىكى ماتېرىياللار ئاساسىدا مۇيۇنچۇر تەييارلىغان )

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 14:11:30

600يىل ئەمەس 460 يىل پەرقلىنىدىكەن. :)

Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 14:54:37

سان خاتا كېتىپ قاپتۇ، رەھمەت ! مەن تۈزىتىپ قوياي.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 17:49:14

ئاۋۇ ھۆسىنخەتنى پىچەت يېزىپ قوياپتۇ. مۇشۇ تەئلىق خەت نۇسخىسى كۆزۇمگە ئاجايىپ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
بەت: [1]
: بۈگۈن نەۋايى ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغان كۈن