melek يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 13:51:50

ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر-ئىلكىتاب


سائادەت دەۋرىدىكى بالىلاردىن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر
ھارۇن قىرقىل(تۈركىيە)
تەرجىمىدە: ئەي بالام بلوگى

* كىرىش سۆز  *
ئەزىز دوستلار! كۆزلىرى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغان بىر ئىنسانغا بىر گۈلنىڭ رەڭگىنى ،چىچەك ئاچقان بىر دەرەخنىڭ گۈزەللىكىنى تەرىپلەپ بەرمەك قانچىلىك تەس بولسا، قۇلاقلىرى ئاڭلىمايدىغان بىرسىگە خەندان ئۇرۇپ ۋىچىرلاپ سايراۋاتقان، ناۋا ئەيلەۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازىدىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرماق قانچىلىك مۈشكۈل بولسا،پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ،ئۇنى كۆرەلمىگەن ،ھاياتىنى ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن باغلىيالمىغان ئىنسانلارغا ھېس قىلدۇرۇشمۇ بەسىي مۈشكۈلدۇر.
  دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل گۈلىنى،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغان بالىلار ئارقىلىق تونۇشنى ، ئۇ ھاياتىمىزغا ئېلىپ كەلگەن باھارنىڭ گۈزەل تەرىپلىرىنى،ناۋا ئەيلەشنى ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن قۇشلاردىن ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلدۇق.
  بۇ كىتابتا بالىلىقىنى سائادەت دەۋرىدە يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ دەۋرىدە ئۆتكۈزگەنلەر،پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۆتكەن كۈنلىرىنى ۋە ئۆمۈر بويى ئېسىدىن چىقىرالمايدىغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئالىيجاناپ ئىنسان يوقلىقىنى بىلىپ يېتىپ ھاياتىنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئۆتكۈزگەن بۇ بەختلىك بالىلار بىزگە بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلىشىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ياخشى كۆرگەن ئۇ بالىلار بىزگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ھەزرىتى ئەنەس بىزگە :«ئۇ دەۋەت قىلغان دىنغا ۋە ئۇنىڭ ئۈممەتلىرىگە خىزمەت قىلىڭلار» دەيدۇ.
ھەزرىتى ئەلى :«نامازغا دىققەت قىلىڭلار!»دېسە،ھەزرىتى ساھىل ۋە سۈھەيىل :«نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇڭلار!» دەيدۇ. ھەزرىتى ئابدۇللاھ بولسا :«ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەڭلار»دەيدۇ،ھەزرىتى بەشىر:«يېتىم ھەققىنى يېمەڭلار» دەيدۇ.
شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى،ئۇلاردىن ئۆگەنگەن ھەقىقەتلەر بىلەن ھاياتىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشكۈسى ۋە ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئۆتكۈزگەن شۇ ئۆمرىمىزدە ئىنسانلارغا يول كۆرسىتىدىغان مۇنەۋۋەر شەخسلەر قاتارىدىن بولغۇسىمىز.
   خىزمەتچىسى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن چۈشلىرىدە كۆرۈشكەن پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىزنىڭ چۈشلىرىمىزگىمۇ كىرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە  سىلەرنى سائادەت دەۋرىدىكى بالىلارنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرى ئىچىگە قالدۇرىمىز.

چۈشۈرۈش

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 14:39:26

مەن مەخسىۇس ھەرقايسى بىكەتلەردىكى ئىلكىتاپلارنىڭ ۋە ئىلكىتاپ توغرىلىق تېمىلارنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى توپلاۋاتىمەن، قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن ئادرىس: http://www.biltap.com/?bilimlar=tur&id=14

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 01:04:33

تېلېفوندا كۆرسە راھەت ئەمەسكەن

ebutarik يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 16:55:10

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
رەھمەت.
بەت: [1]
: ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر-ئىلكىتاب