koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 09:06:24

قازاقىستان ئەلباشى دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى



خەلقئارا سىملىق لىنىيەسى خەۋىرى: 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، قازاقىستان ئەلباشى نەزەربايوف دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، بۇ تەكلىپ شۇ ھامان شۇ يەردىكى تاراتقۇلار قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
6 – چىسلا، نەزەربايوف غەربتىكى ئاتىرائۇ شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بېرىپ، شۇ يەردىكى ئاۋام ۋەكىللىرى بىلەن يۈز كۆرۈشكەندە، نەزەربايوف مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، «ھازىرقى قازاقىستان دېگەن نامنى ‹قازاق ئېلى› دەپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەكمۇ قانداق؟»
ئۇ مۇنداق دېدى، «ھازىر ئېلىمىزنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا، ئاخىرى ‹ستان› بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىراق ئىككى مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار موڭغۇل دۆلىتىنىڭ نامىدا ‹ستان› دېگەن سۆز يوق. شۇڭا چەتئەللىكلەر موڭغۇل دۆلىتىگە بەكرەك قىزىقىدۇ. شۇڭا، بىز چوقۇم دۆلەت نامىنى ‹قازاق ئېلى› دەپ ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىمىز كېرەك».
بۇ تەكلىپنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە قارىتا، نەزەربايوف مۇنداق دېدى، «بىز چوقۇم ئاۋۋال خەلق بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنى ئوبدان پىكىرلىشىشىمىز كېرەك». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەزەربايوف مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى قازاقىستاننىڭ ئەۋزەللىكى، پەقەت مىللەتلەر ئىتتىپاق، دۆلەت بىرلىككە كەلگەن ئاساستىلا ئاندىن دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېدى.
قازاقىستان زوڭتوڭىنىڭ دۆلەت نامىنى «قازاق ئېلى» دەپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشىدىكى سەۋەب، «ئېلى» دېگەن گەپ قازاقچىدا «دۆلەت، ۋەتەن، يۇرت» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا «قازاق ئېلى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «قازاقلار دۆلىتى» دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر قازاقىستان زوڭتوڭىنىڭ بۇ يېڭى تەكلىپى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بولۇپمۇ ئاتىرائۇ شەھىرىدىكى يەرلىكلەر زوڭتوڭنىڭ بۇ تەكلىپىنى راسا ماختاشتى.
بىراق شۇ يەردىكى خېلى كۆپ تاراتقۇلار مۇنداق دېيىشتى، نەزەربايوفنىڭ تەكلىپى قازاقىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئۆز ئالدىغا ئايرىلىپ، كۆزگە بەكرەك چېلىقىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە بۇ خىل «باشقىلارغا زادى ئوخشىمايدىغان» ئالاھىدىلىك قازاقىستانغا نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كېلىپ، چەتئەلدىكى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قازاقىستانغا بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ.

مەنبە: نۇر تورى

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 14:57:35

قازاق دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتەمدىكنى دەپتىمەن قىپچاق ، قىزاي ،  نايمان دەپ :dizzy:

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 15:08:03

قازاقىستان دىگەن ئىسىمنى قازاق ئېلى  دەپ ئۆزەگەرتسە، بۇ ئىسىم بارا-بارا تېخمۇ قىسقىراپ قازاقلى بولۇپ كېتىدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئېغىز تىلىدا شۇنداق بولىدۇ. ئېغىز تىلىدا قازىغىستان دىگەندەك.:lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 15:45:42

ئېلى ئىسىملىكلەرگە يېڭى لەقەم سىڭىدىغان بوپتۇدە :lol

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 15:48:45

قازاقئەل دىسە بولمامدۇ، قازاقچىدىمۇ ئە ھەرىپى ئې ھەرىپىگە ئاجىزلىشامدۇ،  ئويغۇرچىدىن باشقا تىلدا سوزۇق تاۋۇشلار ئاجىزلاشمايدۇ دەپ ئاڭلىغانغۇ،

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 16:15:52

مەنمۇ بۇرۇنلاردا «ستان» دېگەن گەپ تۈركچە بولمىغاندىكىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەر شۇ قوشۇمچىنى ئېلىۋەتسە بولمامدىغاندۇ، دەپ ئويلايتتىم. دېگەندەك نەزەربايىۋ بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. مۇمكىن بولسا، قازاق دەپلا قويسا بولاتتى دۆلەت نامىنى.
ئەمدىكى نۆۋەتتە «نەزەربايىۋ»نىڭ ئارقىدىكى «ىۋ» دىن ئىبارەت ئورۇسچە گىرىمنى ئېلىۋىتىپ، «نۇرسۇلتان نەزەرباي ئوغلى» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلامدىكىن دەيمەن.  ئىسىم ئارقىغا ئوغلى دېگەن سۆزنى قوشىۋېلىش قەدىمكى ئۇيغۇر باخشىلىرىنىڭ ئادىتىمىكىن دەيمەن.
ئەگەر راستىنلا ئۆزگەرتىپ قالسا، بىز بۇنى «قازاق ئېلى» دەپ قېلىپلاشتۇرىمىزمۇ ياكى «قازاق ئەلى»مۇ، ۋەياكى «قازاق ئىلى» مۇ؟

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 16:21:20

قازاقىيە دىسىلا بولغۇدەك

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 16:56:38

ئۇيغۇرنى «ئۇيغۇر» دەپ تىللىغاننى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئەمما مەكتەپتە ۋاقتىمىزدا بەزى قازاق بالىلارنى «ھۇئ قازاق» دەپ قويسا ئۇرۇشقىلى تەييار بولاتتى....
مەن بەك ھەيران، مۇشۇ قازاقلارنى «قازاق» دەپ قويسا نىمانداق ئاچچىقى كىلىدىغاندۇ دەيمەن؟
بولمىسغۇ بۇ «قازاق» دىگەن خەتنى ئالدىغا ئوقىسىمۇ، كەينىگە ئوقىسىمۇ «قازاق»  دىگەندىن باشقا گەپ چىقمايدىكەن

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:05:51

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 16:15 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بۇرۇنلاردا «ستان» دېگەن گەپ تۈركچە بولمىغاندىكى ...

ياخشى ئىنكاس بوپتۇ.

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:07:10

قازاقىڧ ياكى قازاقوۋا :lol

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:13:01

ئالە   شەنى!!!  ئېلى  دىگەن  گەپ قازاقچىدا    ۋەتەن، يۇرت.  دۇلەت   دىگەننى  بىلدۇرەمدا..ئۇنداق  ئەمەستۇ؟
مۇشۇ ئاپتۇنۇم  دىگەن  گەپ  رۇسچىمۇ  ياكى  ئىنگىلىسچە  ئاتالغۇمۇ؟   كالۋالىغىمنى  كەچۇرۇڭلار؟!!!

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:20:42

قازىقىستانغا  قازاق ئېلى دەپ قويسا بىزنىڭ ماۋۇ ئېلى قازاق ئوبلاستى بىلەن مەنىداش بوپ قىلىپ كىينچە بىرە يۇز يىل ئۆتۈپ  زىمىن تالىشىدىغان ئىش چىقامۇ يا..ئۇنىڭ ئۈستىگە چىگىرداش...{:116:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:28:05

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 17:13 static/image/common/back.gif
ئالە   شەنى!!!  ئېلى  دىگەن  گەپ قازاقچىدا    ۋەتەن، يۇرت.   ...

ئىنگىلىزچە گەپ.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:35:30

بىشىڭنى يەيدىغان ئىنگىلىسلار:lol

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:36:44

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 15:48 static/image/common/back.gif
قازاقئەل دىسە بولمامدۇ، قازاقچىدىمۇ ئە ھەرىپى ئې ھەرى ...

ئاۋۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئۇيغۇر تىلى بولغاندىكىن، ئاجىزلىشىدۇ.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 17:43:45

خاگو دەپ ئۆزگەرتسە ئاسان باي بولىتى....

seidiye يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 18:55:51

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-2-9 17:43 static/image/common/back.gif
خاگو دەپ ئۆزگەرتسە ئاسان باي بولىتى....

:lol :shutup:

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 19:03:42

بۇرۇن پايتەختىنى ئۆزگەرتكەنتى، ئەمدى دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ قاپتۇ. قارىغاندا تارىختا نامىنى راۋرۇس بىر قالدۇراي دەپتۇدە بۇ 20 نەچچە يىللىق پېرزىدىنىت.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 19:06:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 19:08  

   ئىزچىلار دىگەندەك قازاقىيە دىسۇن.   ياۋرۇپا دۆلىتى ئوخشايدۇ دەپ مەبلەغنى تازا سالىدۇ چەتئەللىكلەر.   

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 19:19:56

ئامرىكا  - قازاقكا {:92:}
بەت: [1] 2 3 4
: قازاقىستان ئەلباشى دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردى