Apollon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 18:43:52

ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ

ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ


       لى ياكې

  

ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﻫﻪﺳﻪﻥ بوزقىر ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ

/ j$ a+ e+ l9 ~# E% K+ R# X9 k. y; B


ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ( 950– 870 ) ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ، ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯩﻼﺗﻮﻧﯩﺰﻣﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ «ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ» ﺩﻩﭖ تەرىپلەنگەن . ﺋﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ،ئاللاھ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ – ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ. ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﻪ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻛﺪﯦﻨﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ (ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ) ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯘﺭ. ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ئاللاھقا ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ئاللاھنىڭ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻳﺪﯗ:
1. ئاللاھنىڭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﺴﯩﺰﺩﯗﺭ، ﺋﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاللاھ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺰ، ﺷﻪﻛﯩﻠﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺷﻪﻛﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼھﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻦﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. 3 ]4 a: |: E  d. Q. Y8 ^7 k
2. ئاللاھ ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ. «ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ئاللاھ ﻛﯚﭖ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻫﻪﻡ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﯘ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ». ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺷﯘﻛﻰ، ئاللاھ
ﺑﯩﺮﺩﯗﺭ. . h* P* ~5 {! z! V
3. ئاللاھ ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ. ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺑﯩﻠﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ئاللاھﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﺎﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﻫﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ئاللاھنى ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺪﺍ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ، ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺋﯜﭼﻰ «ئاللاھتا ' a  S5 y8 q2 h* Y
ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻧﻪ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ»، «ﺑﯩﺮﻻ» ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ، ﻫﯧﻜﯩﻢ ﯞﻩ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻰﻳﻪﻧﯩﻼ ئاللاھتا ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﯩﺪﯗﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ئاللاھ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯘﺭ.
4. «ئاللاھ مەۋجۇدتۇر». ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ئاللاھنىڭ & ^7 J/ I! q+ ?  f+ c0 m9 X
ﺋﯚﺯﻯ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺕﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺟﯧﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ئاللاھﻧﯩﯔ مەۋجۇتلۇقى
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﯩﺪﺍ. ﺷﯘﯕﺎ ئاللاھنىڭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙﮔﯜﺯﻩﻝ ﻧﺎﻣﯘ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﻫﻪﻛﯩﻢ، ﻗﺎﺩﯨﺮ، ﺋﯩﮕﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ئاللاھنى ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻪﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺭﯦﺌﺎﻝ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﺷﻪﺭﻫﯩﻠﻪﻳﺪﯗ: ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡﺑﻪﺵ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺳﯜﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻨﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻮﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕﭘﺎﺭﭼﻪ - ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻫﺎﻟﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻙ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﻪﯞﻩﺏ - ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ، ﺋﯘ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻨﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻫﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئاللاھنىڭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺷﻪﻳﺌﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯜﻛﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻧﺘﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﻩﺏ - ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ مۇقەددەس كالامى ) j7 \9 q( W; C$ I0 W% E1 Z
ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ»ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ئاللاھنىڭ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ، ئاللاھنىڭ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸىدۇ ﻫﻪﻣﺪﻩ ئاللاھنىڭ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ، ﺳﺎﭖ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﮔﻪﯞﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩۇ.
ئاللاھ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯗﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰﺋﯩﺴﭙﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﯜﻧﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؟ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﻯ «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ»ﮔﻪﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ «ئاللاھ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﺪﯗﺭ. ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻨﻰﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻫﺎﻟﺪﯨﻼﺳﯘﻳﯩﺌﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﻪﺭﻫﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﻪﺭﺳﻪ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ئاللاھ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﻜﯩﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻠﯩﻖ، ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﭘﺎﺳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﺴﯩﺰ ﭘﺎﺳﯩﻞ (ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎ)ﻏﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼھنىڭ 3 o, U2 M; [& ~" h0 o% Y, c' M
ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﭘﻪﺳﯩﻴﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘﻗﺎﺭﺷﯩﺪﯗﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯘﻧﯩﯔﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ - ﺩﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺗﻪﻧﻬﺎ «ﺑﯩﺮ»ﺩﯨﻦ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ «ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻰ» ئاللاھ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰﺑﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ، ﺧﺎﻻﺱ، ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ئاللاھنىڭ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ئاللاھنىڭ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻚ ئاللاھتىن ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰﺗﯜﺭﻟﯜﻙ - ﺗﯜﻣﻪﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ئاللاھنى ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻫﻪﻡ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھنى ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻝ 2 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 3- ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﻰ ﻫﻪﻡ ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. 3 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 4 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﺳﺎﺗﯘﺭﯗﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 4 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 5 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩﻳﻮﭘﯩﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 5 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 6 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﻣﺎﺭﯨﺲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 6 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 7 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 7 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 8 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﯞﯦﻨﯧﺮﺍﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 8 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 9 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﻣﯧﺮﻛﯘﺭﯨﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 9 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ 10 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ، ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
ئاللاھ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ 2 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. 10 - ﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ «ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﻫﻨﯩﯔﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ تادۇ (ﺳﯘ، ﻫﺎﯞﺍ، ﺋﻮﺕ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ)ﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ». ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎﺗﻪﯞﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺﺋﯩﺪﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﺭﻭﻫ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ 3 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮىلىدۇ. ﺭﻭﻫ 4 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺷﻪﻛﯩﻞ 5 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ، ﻣﺎﺩﺩﺍ 6 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔﺭﻭﻫ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯜﭺ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ئاللاھ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺭﺍﻛﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﺋﯩﺪﺭﺍﻙﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻤﯘﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺭﻭﻫ، ﺷﻪﻛﯩﻞ ﯞﻩﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺟﯩﺴﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﯧﺰﻩﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ، ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ، ﻣﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﯞﻩ ﺗﯚﺕ تادۇدىن ( \  n. X( n9 A  g) N9 C
ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕﺋﺎﻟﺘﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻪﻡﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﭖ، ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﯨﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻱ ﺷﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻰﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ، ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﭘﺎﺳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﭗ، 12 ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﻟﻪﻡﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﮕﻪﻡ – ئاللاھ ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﯩﺪﯨﻦﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﻪﯕﺪﺍﺷﺴﯩﺰ ﮔﯜﺯﻩﻝﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯩﮕﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 4 ~  X# x" {/ _8 Y8 v- u" M; j' l) D7 i
ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ئاللاھ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﻯﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ئاللاھنى ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺍﻫﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﯩﺪﯦﺌﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ.


   [خەنزۇچە «ئەرەب دۇنياسى» ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 2-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمىسى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 4-سانىغا بېسىلغان]

Apollon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 19:10:06

ئىبىن سىنانىڭ روھ ۋە بىلىش نەزەرىيىسى
            

      
6 W/ i3 }  d* l


جى خوڭبو
      



بوزقىر تەرجىمىسى
      
ئەسلى خەنزۇچە ئىلاۋە:
      
«روھ»كاتېگورىيىسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ پەلسەپە تەرەققىياتى جەريانىدا ناھايتى موھىم رول ئويناپ كەلدى.ئوتتۇرا ئەسىردىن ئىلگىرى بىرەر پەيلاسوپنىڭ روھ ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىنى بىۋاستە بېكىتكىلى بولاتتى.نۇرغۇن پەيلاسوپلار روھ ھەققىدە مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازدى.مەسىلەن ئارىستوتىل،فارابىنىڭ «روھ ھەققىدە»دېگەن ئەسەرلىرىگە ئوخشاش.مەزكۇر ماقالىدە ئىبىن سىنا ئىسىملىك بىرپەيلاسوپنىڭ روھ ۋە بىلىش نەزەرىيىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى غەرب ئەللىرىدە زور تەسىرگە ئىگە بولۇپ،دۇنيا پەلەسەپە تارىخدا موھىم ئورۇن تۇتسىمۇ ئەمما، دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.
      

      
ئادەمنىڭ روھى
      

      
ئىبىن سىنانىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئادەم روھىنىڭ فۇنكسىيىسى شەك - شۈبھىسىزكى، ئادەملەرنىڭ ئىدراكى، تەپەككۇر قابىلىيىتى بولۇپ، ئۇلار جەمئىيەتتە ياشاپ، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ئىدراكىي تەپەككۇرغا ئىگە بولىدۇ.
      
ئىبىن سىنا، ئادەمنىڭ ئىدراكى، تەپەككۇر قابىلىيىتى ئاساسلىقى ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى شەكلەن ئىدراك فۇنكسىيىسى، يەنە بىرى ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ.
      
بىز ئاۋۋال ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسىنى كۆرۈپ باقايلى.« بۇ خىل فۇنكسىيە مەخسۇس ھەر خىل ئالاھىدە نەرسىلەرنى تەپەككۇر قىلىشقا، پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى تەپەككۇر قىلىشقا، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى تەپەككۇر قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل فۇنكسىيىنىڭ پەيدا بولۇشى بىر خىل ھەقىقىي ياكى بېكىنمىچىلىكتىن خالىي ھالدىكى ئەقلىي خۇلاسە ۋە تەپەككۇر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى ھەر خىل ئېھتىمالدا تۇرغان شەيئىلەر ئىچىدىكى تېخى زاھىر بولمىغان بىر ئالاھىدە شەيئىنىڭ ئورنى ھەققىدە پىكىر قىلىشتۇر.» (ئىبىن سىنا : «روھىيەتنامە»،سودا نەشىرىياتى 1963-يىلى نەشرى، 210 – بەتكە قارالسۇن. ) ئىبىن سىنانىڭ ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسى ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسىنى تەكىتلىگەندە، باشقا شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەپ بولغان. ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسى ھەققىدىكى بىلىشى شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلغان. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ھەققىدىكى بىلىش قانداق كېلىدۇ؟ ئۇ ھېسسىي بىلىش ماتېرىيالىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ شەكلىگە قارىتىلغان فۇنكسىيىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەزالارنىڭ بىر - بىرىگە تايىنىش خۇسۇسىيىتى بولامدۇ - يوق؟
      
بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتە ئىبىن سىنا بىر ئاز ئىككىلىنىپ قالغان. ئۇ بىر تەرەپتىن، «ئەمەلىي ئىدراك ئۇنىڭ بارلىق پائالىيىتىدە بولىدۇ، ئۇ شەكىل ۋە شەكىلگە تەۋە تەننىڭ فۇنكسىيىدۇر» (يۇقۇرقى كىتابنىڭ 211 – بېتىگە قارالسۇن) دەيدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىبىن سىنا ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسىنىڭ شەكىل فۇنكسىيىسىگە نىسبەتەن بىر - بىرىگە بېقىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىگە قارىتا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىگەن، بەلكى بىر - بىرىگە زىددىيەتلىك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنى ئۇ ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسى «شەكىلنىڭ بارلىق ماھىيەتلىك تەلىپىنىڭ تەسىرىدۇر» (يۇقۇرقى كىتابنىڭ49 – بېتىگە قارالسۇن( دەپ قارىغان. مانا بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپىدۇر. يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئىبىن سىنا ئەمەلىي ئىدراكنىڭ شەكىل فۇنكسىيىسىگە نىسبەتەن مەلۇم بىر خىل تايىنىش خاراكتېرىگە ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئەمەلىي ئىدراكنىڭ شەكىل فۇنكسىيىسىگە تەقەززا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە شەكىل فۇنكسىيىسىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېسسىي ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتكۈزۈپ، شەكىل فۇنكسىيىسىنى ئۇنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئورنىنى ساقلايدىغانلىقىنى بايقىۋالالايمىز. ئەمەلىي ئىدراكنىڭ شەكىل ئىدراكى بىلەن چەك - چېگرا ھاسىل قىلىشى شەكىلنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلماسلىقىنى شەرت قىلغان. تۇيغۇ نەزەرىيىسىدە ئىبىن سىنا بىر مۇستەھكەم ماتېرىيالىزمچى ئىدى. ئەمما ئۇ ئەمەلىي ئىدراكنىڭ ھېسسىي ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلىپ، ھېسسىي بىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىش ئوتتۇرىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ پەيدا قىلىپ قويغان.
      
شەكلەن ئىدراك فۇنكسىيىگە كەلسەك،« بۇ بىر خىل خام ماتېرىيالدىن ئابستراكىتلاشتۇرۇپ ئېلىنغان ئومۇملاشتۇرۇلغان شەكىلدىكى تەسىرنىڭ فۇنكسىيىسىدۇر» (يۇقۇرقى كىتابنىڭ 49 –بېتىگە قارالسۇن). شۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، شەكلەن ئىدراك شەيئىلەرگە نىسبەتەن ئومۇملاشقان بىلىشتۇر. بۇ خىل ئومۇملاشقان بىلىش قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟« ئىدراك بىر خىل ئىقتىدارغا ئىگە … ئۇ ھەر خىل قاراشتىكى كۆپ خىل نەرسىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. كۆپنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى خىل شەكىل كۆپلۈك - ھەر خىل تەسەۋۋۇر ماتېرىياللىرىغا تايىنىپ سان - سىفىرلار ئۈستىدىكى پەرقلىق قاراشقا ئاساسەن پەيدا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئېنىقلىما جەھەتتىن پەرق ھاسىل قىلغاندا، بىر پۈتۈن كۆز قاراشقا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى خىل شەكىلنىڭ پەيدا بولۇشى ھەر قايسى‹تۈر ۋە پەرق› لەرنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن تەشكىللەنگەن بىر پۈتۈن كۆز قاراشنى كۆرسىتىدۇ» (يۇقۇرقى كىتابنىڭ 240 - بېتىگە قارالسۇن). ئىبىن سىنانىڭ «كۆپنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى» ئەمەلىيەتتە ئالاھىدىلىكنىڭ ئومۇمىيلىققا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى خىل «كۆپنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» شەكلى بولسا بىز بۈگۈن ئىستېمال قىلىۋاتقان قوشۇلما پەرق ئېنىقلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى كۆز قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئىبىن سىنانىڭ بىرىنچى خىل «كۆپنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» شەكلىنى ئومۇمنىيلاشقان بىلىش دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت قوشۇلما پەرق ئېنىقلىمىسىدىنلا ئىبارەت بىر خىل شەكىلدۇر. بىراق بىز شۇنداق كېسىپ ئېيتالايمىزكى، شۇ دەرۋە ئىبىن سىنانىڭ ئابستراكىت تەپەككۇر سەۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بىز ئىبىن سىنانىڭ «كۆپنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» تىن ئىبارەت ئومۇملاشقان بىلىشنى يەنە بىر نۇقتىدا تۇرۇپ كۆزەتكىنىمىزدە، ئەللامنىڭ ئومۇمىيلىق بىلەن ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، ئومۇمىيلىقتىن ئىبارەت «بىر» نىڭ ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت «كۆپ» تىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايمىز. ئەمما ئىبىن سىنا بۇ يەردە ئەمەلىي ئىدراك فۇنكسىيىسى نامى بىلەن شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى بىلىشنى ھېسسىي بىلىش ئەمەلىيىتىدىن ئايرىۋەتكەن. شۇڭا ئىبىن سىنا ئالاھىدە بىلىش ۋە ھېسسىي بىلىشنى ئومۇمىي بىلىشنىڭ ئاساسى قىلغان.بولسىمۇ ئەمما ،ئۇ مۇئەللەققە ئىمارەت سالغاندەك ئىش قىلىپ قويغان.
      
روشەنكى ، ئىبىن سىنا بىلىش نەزەرىيىسى روھنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايىدۇ. بۇ بىر خىل روھ نەزەرىيىسى ھەققىدىكى بىلىش نەزەرىيىسىدۇر. بۇ خىل روھ نەزەرىيىسى ھەققىدىكى بىلىش نەزەرىيىسى ئىبىن سىنا بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. شۈبھىسىزكى ئىبىن سىنا روھنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان. شۇنداقلا بۇ خىل بىلىش ئۆسۈملۈك روھى، ھايۋانات روھى ھەمدە ئادەملەر روھىغا ھەر خىل فۇنكسىيىلەرنى بەرگەن. قارىماققا ئىبىن سىنا روھىنىڭ فۇنكسىيىسىنى تۆۋەن دەرىجىدىن ئالىي دەرىجىگە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ روھىدىن ئادەملەرنىڭ روھىغىچە بىر - بىرلەپ بايان قىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇ خىل تۆۋەندىن يۇقىرىغا تەرەققىي قىلىش بىر خىل لوگىكىلىق تەرتىپ بولۇپ، بىلىشنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىن ئالىي دەرىجىگە تەرەققىي قىلىشى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات ۋە ئادەملەرنىڭ روھىنىڭ فۇنكسىيىسىنىڭ ھەممىسىلا ئۇلارغا تالىق بولۇشى بولۇپ، ئۇلار روھتىن مۇستەسنا ھالدا ئۆزلۈكىدىن تەرەققىي قىلالمايدۇ. بۇ نۇقتىدا ئىبىن سىنا تارىخ بىلەن لوگىكىنىڭ بىردەكلىك پرىنسىپىدا چىڭ تۇرمىغان. بۇ ئۇلارنىڭ روھنى بىر خىل سۇبىستانسىيە، سۇبىستانسىيە بولغاندىمۇ ئاساسىي سوبىستانسىيىلىك مەۋجۇدىيەت دەپ قاراپ، روھتىن ئىبارەت بۇ بىلىشنىڭ ئاساسىي فۇنكىتسىيىسىنىڭ رولىنى بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.
      
ئىبىن سىنانىڭ روھ بېلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتىنى بەكلا مۇبالىغىلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنى «روھ تەنگە بېسىلغان مۆھۈر ئەمەس، شۇنداقلا ئۇ مەۋجۇتلىقنى ساقلاشتا تەنگە تايانمايدۇ. روھنىڭ تەننى ئاساس قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ خىل شەكلىنى قوللىنىشى روھنىڭ ئالاھىدە بىر خىل خۇسۇسىيىتى تەلەپ قىلغان. ئاشۇ خىل خۇسۇسىيەت روھقا تەننى ئىگىلەتكەن. ئۇ تەنگە ماسلىشىشتەك ئەڭ چوڭ كۆيۈنۈش بىلەن تەنگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ »(يۇقۇرقى كىتابنىڭ 222 - بېتىگە قارالسۇن). قارىماققا، روھ گەرچە تەن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مۇناسىۋەت تەننىڭ روھقا بويسۇنۇشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. روھ گەرچە مەلۇم جەھەتتىن تەنگە تايانسىمۇ، لېكىن بۇ خىل تايىنىش گېنېرالنىڭ ئەسكەرگە تايانغىنىغا ئوخشايدۇ. ئەسكەر بۇيرۇقنى ئاڭلىمىسا، قوماندانلىققا بويسۇنمىسا گېنېرالنىڭ ئىردىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، روھنىڭ قوماندانلىقىنى تەن ئىجرا قىلمىسا، روھنىڭ ئىرادىسىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. روھنىڭ پائالىيەت ئېھتىياجى تەننىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەمما روھنىڭ پائالىيتى مەلۇم شارائىتتا تامامەن تەننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ دەپ قارايدۇ. روھ بىر يېتەكچى سالاھيېتى بىلەن تەننى ئىدارە قىلىدۇ. ئۇ تەنگە ھەرخىل فۇنكسيىلەرنى ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا تەن سىرتقى ئەزالار ئارقىلىق تۈرلۈك ھېسسىي بىلىشلەرگە ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. ھەم ئىچكى ئەزالار ئارقىلىق بۇ ھىسسىي ماتىرىياللارنى ساقلاپ، ئەقلىي بىلىشنىڭ ئىشلىتىشىنى كۈتىدۇ. ئەلۋەتتە روھ بۇنىڭغا تەۋە ئەمەس. شۇڭا «روھ ئىككى خىل پائالىيەتكە ئىگە، ئۇنىڭدا تەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پائالىيەت بار. مانا بۇ تەنگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە سۇبىستانسىيىسىگە ئالاقىدار بولغان پائالىيەت بولۇپ، ئۇ ئەقلىي بىلىشكە تايىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل پائالىيەت ئۆزئارا قارىمۇ قارىشىدۇر…» (يۇقۇرقى كىتابنىڭ 223 – بېتىگە قارالسۇن). پەقەت ئەقلىي تەپەككۇر بولغاندىلا، ئاندىن ئۇ روھىي سۇبىستانسىيىلىك پائالىيەتكە مەنسۇپ بولغان بولىدۇ. ئىبن سىنا ئۆسۈملۈك روھى، ھايۋانات روھى ھەققىدە توختالغاندا ماتىرىيالىزمچى ئىدى. ئەمما، ئۇ ئادەم روھى ھەققىدە توختىلىشقا كۆچكەندە ئاستا - ئاستا ماتىرىيالىزملىق مەيدانىدىن يىراقلىشىدۇ.
      
ئىبن سىنانىڭ بىلىش نەزەرىيىسى تولىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ ئاۋۋال روھتىن ئىبارەت بىلىشنىڭ بۇ ئاساسىي گەۋدىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىلىش نەزەرىيىسىنى قانات يايدۇرغىنى ھەم پائال ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەم چەكلىمىلىككە ئىگە. ئىسلامىزم دەۋرىدە ئىبىن سىنا روھنىڭ بىلىشتە ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئەمەلىيەتتە بولسا ئادەملەرنىڭ رولىنى تەكىتلىگەنلىكى ئىدى. چۈنكى بىز دەپ كېلىۋاتقان ئەقلىي بىلىش ئىقتىدارى پەقەت ئادەمنىڭ روھى بولغاندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.
      
بۇلاردىن باشقا ئىبىن سىنانىڭ بىلىش نەزەرىيىسىدە ھېسسىي بىلىش بىلەن ئەقلىي بىلىش بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن، يەنە كېلىپ ئەقلىي بىلىشنى زىيادە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ تۇيغۇ نەزەرىيىسى جەھەتتىكى ئىپادىسى ماتېرىيالىزملىق خاھىشقا ئىگە ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇنى تەبىئىي پەن ئالىملىرىغا خاس كۆزىتىش ئىقتىدارىغا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىلمىي پوزىتسىيىگە ئىگە دېمەي بولمايدۇ. ئىبىن سىنانىڭ پەلسەپىۋىي ئىدىيىسى ئارىستوتېلدىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ تۇيغۇ نەزەرىيىسىدىكى ماتېرىيالىزملىق خاھىشلار بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.
      

      
ئەسكەرتىش: «ئىبىن سىنانىڭ روھ ۋە بىلىش نەزەرىيىسى»دېگەن بۇ تېما تولىمۇ كەڭ دائىرلىك بولۇپ يۇقۇرقى ئىلاۋە خارەكتىرلىك مۇقەددىمە ، «روھ ئۇقۇمى»،«ئۆسۈملۈك روھى»،«ھايۋانات روھى» ۋە «ئادەمنىڭ روھى»دىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان.مەزكۇر يازمىدا «ئادەمنىڭ روھى»دېگەن 5-بۆلەك قىسمەن قىسقارتىلىپ تونۇشتۇرۇلدى. «ئىبىن سىنانىڭ روھ ۋە بىلىش نەزەرىيىسى»ھەققىدىكى بۇ تېمىنىڭ تولۇق ھالەتتىكى خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرىغا قىزىققۇچىلارنىڭ خەنزۇچە «ئەرەب دۇنياسى»ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىللىق 3-سانىغا ياكى ئۇيغۇرچە .«تەڭرىتاغ»ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 1-سانىغا مۇراجەت قىلىپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 11:21:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biltap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-9 11:22  

قىممەتلىك تېمىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، ئاتا بوۋىلىرىمىز ھەقىقەتەن ئىلىم تاجى بولمىش پەلسەپىدىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئىرىشكەن. مۇشۇنداق قىممەتلىك پەلسەپىگە ئائىت نادىر تېمىلارنىڭ ئۇلىنىش ئادرىسىنى توپلاۋاتىمەن.
پەلسەپىگە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن كۈرۈش ئادرىسى: http://www.biltap.com/?bilimlar=tur&id=34

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 10:24:29

بۇ تېمىدىكى بەزى خەتلەر ئۇندىدار توپىدا ھەمبەھىرلەنگەندە يانفوندا نورمال كۆرۈنمىدى ،

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 11:00:44

ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-10 12:05:44

ئەركيار ئەپەندىم،تور بېكىتىڭىزگە كىرىپ كۆرۈپ باقتىم،ياخشى نەرسىلەر ئاز ئەمەسكەن،لېكىن كانتىنىڭ ئۈچ تەنقىدى دىگەن تېمىدا خاتالىق باردەك ھىس قىلدىم،‹‹ساپ ئەقلى تەنقدى ›› ئەمەس ‹‹ساپ ئەقىلگە تەنقىد››،‹‹ئەمەلى ئەقلى تەنقىد››ئەمەس ‹‹ئەمەلى ئەقىلگە تەنقىد›› ،‹‹ھۆكۈم ئىقتىدارى تەنقدى ››ئەمەس ‹‹ھۆكۈم ئىقتىدارىغا تەنقىد››بولسا توغرا بولىدىغاندەك.مەن كانىتنىڭ ئۈچ تەنقىدىنى ئوقۇپ باقاي دەپ بۇ كىتاپلار توغرۇلۇق بەزى پايدىلىنىش ماترىياللىرىنى كۆرۈپ بېقىپ يۇقارقىلارنى ھىس قىلدىم،ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن،مېنىڭ مەقسىتىم قۇسۇر تېپىش ئەمەس.
بەت: [1]
: ﻓﺎﺭﺍﺑﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ