najib يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 16:18:00

«قەشقەرلىكنىڭ ئايالى» نىمە دەيدۇ ؟



   تور ئارلاۋېتىپ ، «قەشقەرلىقنىڭ ئايالى » دىگەن بۇ شېئىرنى كۆرۈپ قالدىم .قىزىقىش ئىلكىدە ئوقۇپ چىققان بۇ شېئىر مېنى چېۋىن يەۋالغاندەك قىلىپ قويدى.
     ئاپتۇر نىمە مەقسەتتە يازغان بولغۇيتى ؟ قەشقەرلىكنىڭ ئايالى نېمە سەۋەب تىلغا ئېلىندى؟ دېگەن سۇئاللار كاللامدا ئەكىس ئەتتى ۋە تۆۋەندىكى قۇرلارنى يېزىپ چىقتىم.
    قەشقەرلىكنىڭ ئاياللىرى نەم ۋە تەر پۇلنى تۇتىدىكەن،خۇددى ئۇنىڭ يىپيىڭى پۇلنى تۇتقىسى كەلمەيدىغاندەك،ئاسماندىن خۇددى يىپيىڭى پۇللار ياغىدىغاندەك،باشقا يەردىكىلەر نەملەشكەن ۋە تەر پۇرايدىغان پۇللارنى خەجلىمەيدىغاندەك.
    ئاپتۇرنىڭ كۆزى ھەقىقەتەنمۇ ئۆتكۇر ،پۇلنى نەدە ساقلاپ نەدىن ئالىدىغانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكەن،ئۇ بەلكىم بىر ئايالنى كۈزەتكەندۇ ياكى ھەممە ئايالنى كۈزەتكەندۇ ۋە ياكى ئۆز ئەتراپىدىكى ھەمشىرە تۇققانلىرىنى كۆزەتكەن بولىشى مۇمكىن،ۋە ياكى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەمشىرىلىرى ئالىي ئوقۇنلاردا غول بىلىملەرنى ئىستىمال قىلغانلار ،پۇلنى ئېسىل قاپچۇقلاردا ساقلايدۇ.
     كالا گۆشى ئۇگرىسى ۋە مۇچلۇق يىمەكلىكلەر قەشقەرلىك ئاياللارغا تالىقتەك، ئاپتۇرمۇ كالا گۆشى ئۇگرىسىنىڭ تەمىنى تىتىپ باققاندەك،مۇچلارنى يەپ ئاغزىنى ئاچچىق قىىلىپ باققاندەك ،ئۆزىنىڭ ئايالىغا چەكسز ھوقوقنى بىرىۋەتكەندەك ،ئايالىنىڭ قانچە كەچ كىرىشى بىلەن كارى يوق،ئوخشىغان تاماقنى ئۈستەلگە تىزىپ كەچ قالغان ئايالىنى ساقلاپ ئولتۇرىدىغاندەك،باشقا قىلدىغان ئىشى يوق «قەشقەرلىقنىڭ ئايالى» نى كۆزىتىپلا يۈرىدىغاندەك.
  قىزىل چىراقتا توختىغان توكسىكىلىت ھەجەپ دىققىتىنى تارتىپتۇ ،خۇددى «توكسىكىلىت» كۆرمىگەندەك ، قەستەن كۆرسىتىپ قوياپتۇ بازارلىق يەلىرىنى ،ئاپتورغىلا كۆرسىتىپ قويغانمىدۇ ؟

   جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ يەرلىرى ھەقىقەتەن مەۋجۇت ، بىراق يۇرت نامىنى ئاتايىتەن ئاتاپ ،خاسلىققا كۆتۈرۈش نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالدى ؟

        بەلكىم بۇنى يېزىش ئارتۇقچە دۇ ، ئەمما مەنمۇ قەشقەرلىك.



================================================================================

بۇ ئەسەر سالام ھاياتنىڭ تورخاتىرسىدىن ئېلىنغان بولۇپ ،ئادېرسى ۋە ئەسلى ئەسەر تۆۋەندە بېرىلدى.http://www.salamhayat.com/


قەشقەرلىقنىڭ ئايالى

ساۋۇتجان يۈسۈپ تادۇ




نەم، تەر پۇرايدۇ
روماللىق ئايال ئۇزاتقان ئون كوي پۇل
ئۆرۈلۈپ ئالغان ئۇنى
ئەڭ چۇڭقۇر ئېگىز بىر يەردىن

بازارغا چىقىپ
خالىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ يانالمايدۇ
تىقىپ ساقلىغان پارچە پۇلغا ئاچىچىق مۇچنى جىق سېلىپ
كالا گۆشى ئۇگرىسىنى ئوغۇرلۇقچە ئىچىدۇ
كەچ قېلىش خەتەرلىك
ئاشنىسى بارىكەن دېگەن بەدنامغا قالىدۇ
ئۆيدە بالا بېقىپ
ئېرىنىڭ تاماشاسىنى كۆرەلمەيدۇ

بىر ئۆمۇر خوتۇن بولۇپ
نەچچە بالىنىڭ ئانسى تۇرۇقلۇق
ۋاقتى كەلگەندە كىچىككىنە بىر ئىش بىلەن
تاپقان -تەرگىنى يوققا چىقىپ تۇل ئايالغا ئايلىنىدۇ

سېلىشتۇرۇپ قالسەن ئۇلارنى
كۆچمەنلەرنىڭ ئاياللىرىغا

ئۆز ئۆيىدەك
ئېرىنى چاقىرغاندەك چاقىرىۋېرىدۇ
كېچىدە مەسىت دەلدەڭشىيدۇ
شەھەر نوچىلىرىدىمۇ ئۇنچىلىك يۈرەك يوق ھازىر
بەزىدە قىزىل چىراقتا سەت ئولتۇرۇپ
قىزىل رەڭلىك بايراقتەك كالتا ئىشتىنىنى
توكسىكىلىت مىنگەندە قەستەن كۆرسىتىپ قويىدۇ
بازارلىق يەرلىرى ئاشكارا
قاراپ تاشلايسەن

سۈركىلىپ كەتسەڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن
ئاچچىق تىللاپ ھۆرپىيىدۇ
ئارا تۇرۇشقا پېتىنالمايسەن
تۇيۇقسىزلا تېرۇرچىغا ئايلىنىپ قېلىش
سەن كۆتۈرەلمەيدىغان ئېغىر يۇك

سەن ھېچىنمە ئەمەس
قارشىلىق ۋە چىرايلىق گەپ ئاقمايدۇ
شۇنىڭدەك يەنە شۇنىڭدەك
ئۆلۈۋېلىشمۇ ئەرزىمەيدۇ دەپ ياشاۋېرىسەن

2013 -يىلى ئىيۇل ، قەشقەر


ئادېرسى:http://www.salamhayat.com/282.html#comment-

بەت: [1]
: «قەشقەرلىكنىڭ ئايالى» نىمە دەيدۇ ؟