qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 12:08:36

ھېكىمەتسىرىغان خەلقىمگە_ئىمپورت ھېكىمەتلەر

   خەلقىمىز مەنىۋىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ھېكىمەتلىك سۆزلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسىرى ئاشماقتا.  بولۇپمۇ 2013_يىلدىن كىيىن بىر تۈركۈم «ھېكىمەتكە ھۆددىگەر پىر» لىرىمىز يىتىشىپ چىقىپ، مەتبۇئات، تور، ۋىشىڭ سۇپىسى قاتارلىقلاردا بەسبەستە ئۆزلىرىنىڭ ھېكىمەتلىك سۆزلىرىنى ئېلان قىلماقتا.  بۇ ھېكىمەتكە ھۆددىگەر پىرلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى ئاجايىپ بىر خىسلەتكە ئىگە ھىكىمەت بولۇپ بازار تاپماقتا.  بۇلار ھەتتاكى «مەن ھاجەتخانىغا كىردىم» دىسىمۇ، ئۈشبۇ سۆزىنڭ كەينىگە ناھايىتى چوڭقۇر بىر ھېكىمەت يوشۇرنۇپ ياتماقتا.  
  يېقىندا خەلقىمىزنىڭ ھېكىمەتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى تۈپەيلى، ھېكىمەتكە ھۆددىگەر پىرلىرىمىزنىڭ ھېكىمەتلىرى يىتىشمەي قالدى. شۇل سەۋەپ «نۇر ھېكىمەت ئىمپورت شىركىتى» مىز چەتئەلدىن بىر تۈركۈم ھېكىمەتلەرنى ئىمپورت قىلىپ، خەلقىمىز ھوزۇرۇغا سۇندى.  كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھېكىمەتلەرنىڭ تېگىگە يىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.  
  تۇنجى قېتىمدا داڭلىق پۇتبول چولپىنى كىرىستىيان رونالدونىڭ ھېكىمەت دۇردانىللىرىنى ئېكىسپورت قىلدۇق.
  ھېكىمەت ئادىرسى:  http://www.nur.cn/news/2014/02/154674.shtml   
  
  
  مەن ئەزەلدىن ھەقىقەتنى يوشۇرمايمەن، مېنىڭ نىشانىم دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى بولۇش.
  
   

  مەن ھەقىقەتەنمۇ بەك قالتىس بولغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ قويىمەن.




  بەزى مەستانىلەر توختىماستىن ماڭا ئىسقارتىدۇ، پەقەت مەن ھەقىقەتەنمۇ قاملاشقان، بەستلىك، پۇلدار ئەر بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلار ماڭا ھەسەت قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ.




  7-نومۇرلۇق جەڭ كىيىمى شان-شەرەپ ۋە مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ماڭا تېخىمۇ كۆپ ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەر مېنى بېست ياكى بېكخامنى ھۆرمەتلىسە، مەن بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، بۇ مېنىڭ نىشانىم.


سىلەر (مەستانىلەر) نىڭ مۇھەببىتىڭلار مېنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۆچمەنلىكىڭلار مېنى توسۇپ قالالمايدۇ.

ھەرقېتىم سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات قوبۇل قىلغاندا، دادامنى ئەسلەيمەن.
  ئىختىيارىي توپ تېپىشتىكى مەخپىيەتلىك؟ مەن پەقەت ۋارتانى نىشانلىغاندىن كېيىن ئۆزۈمگە «دادىللىق بىلەن تېپىۋەر كىرىستىيانو رونالدو» دەيمەن.

توپ كىرگۈزۈش ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ھېسسىياتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مەن توپ كىرگۈزۈپ نومۇرغا ئېرىشىشكە خۇشتار، قانداق ئۇسۇلدا توپ كىرگۈزۈشۈم مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مەن توپ كىرگۈزۈشتىن خوشاللىققا ئېرىشەلەيمەن

مەن رىپىرنىڭ قارارىنى چۈشىنەلمەيمەن. بەزى پۇتبولچىلارغا تېگىپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەگەر مەن بولغان بولسام، بارلىق رەقىبلىرىمنىڭ مېنى خالىغانچە، بار كۈچى بىلەن تېپىشىغا يول قويغان بولاتتىم.   

  
  قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، چوڭقۇر ھېكىمەتلەر ھە؟!   
  بىز بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئىسىل ھېكىمەتلەرنى ئىمپورت قىلىپ خەلقىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ تۇرىمىز. بۇ پەقەت تۇنجى قېتىملىقى.  كىلەر قېتىم خەلقىمىزدىكى تۈركىيە قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيىدىن زور بىر تۈركۈم ھېكىمەتلەرنى ئىمپورت قىلىپ ئەكىرمەكچى بولىۋاتىمىز.  بىزنىڭ ھېكىمەتلىرىمىز مۇسۇلمانچە بولۇپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئېزىپ كىتىشتىن قورقماي ئۆزىگە يول بەلگىسى قىلىشنى سورايمىز.  


   ئالدىرماڭلا، خوش خەۋەر تېخى ئالدىمىزدا.   

   يېقىندا كەمىنىنىڭ ھېكىمەتلىرى بىلەن تولغان «كۆزدىن كۆڭۈلگە _ قاسسىۋاخۇن ھېكىمەتلىرى» ناملىق كىتاپ نەشىردىن چىقتى. ھېكىمەتسىرىغانلارنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدۇ.   
  ئۈشبۇ كىتاپقا كەمىنە قاسساپنىڭ قاسساپلىقنى باشلىغان ئىككى يىل جەريانىدىكى، بەزىدە قوي سويىۋاتقان چاغدا، بەزىدە گۆش سېتىۋاتقان چاغدا، بەزىدە مال ئېلىۋاتقان چاغدا، بەزىدە ئېغىلدا قىغ چىقىرۋاتقان ۋاقىتتا  ئاغزىمدىن تۆكۈلۈپ كەتكەن ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلىك دۇردانىلەر يىغىپ توپلانغان بولۇپ، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ئىشقىلىپ، توغما قابىليەتمۇ يا تۇغمىدىنمۇ بۇرۇنمۇ، تۇرۇپلا ئاغزىمدىن مىڭ تىللاغا تىگىشمۈگىدەك ھېكىمەت دۇردانىللىرى تۆكۈلۈپ كىتىپ قالىدۇ.   تادۇبەگ، گۇدلاك، ۋەيرانى، تارىم 222 قاتارلىق بۇرادەرلىرىم ماڭا ئۈشبۇ تۆكۈلۈپ كەتكەن ھېكىمەت دۇردانىللىرىنى يىغىپ توپلاپ بىر كىتاپ نەشىر قىلدۇرۇش ھەقىدە جىق نەسىھەت قىلدى.  كەمتەرلىكىم تۈپەيلى بۇنىڭغا قوشۇلمىدىم.ئۇلار ئۇنىمىسام ئۇنىماي تىللاپ يۈرۈپ، ئۈشبۇ كىتاپنى نەشىر قىلدۇرغۇزدى.  
  كىتاپ باھاسى: 15 سوم.   ئې خەلقىم، ئوغۇل بالا بولسىڭىز ئىككى قاپ تاماكىنى ئاز چىكىڭ، ياكى بىر ۋاخ گۆش پولونىڭ ئورنىغا نان يەپ تۇرۇپ، ئۈشبۇ كىتاپنى سېتىۋىلىڭ. ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ھۆددە قىلىمەن.  قىز بالا بولسىڭىز كوخۇڭدىن بىرنى ئاز سېتىۋالسىڭىزلا ئۈشبۇ كىتاپتىن بىرنى سېتۋالالايسىز.   
  ئۈشبۇ كىتاپ خەلقارالىق سەۋيىدە يېزىلغان بولۇپ،  ئەرەپچە، خەنسوچە، تۈرۈكچە، ئىنگىلىزچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.  
  
   ئەرەپچە ئىسمى : ئەلھىكىمەتۇل قاسساپىيە  
   تەرجىمە قىلغۇچى:  ئاۋار  

    خەنسۇچە ئىسمى: 买肉人的语录
  تەرجىمە قىلغۇچى: گۇدلاك

   ئىنگىلىزچە ئىسمى: Quotations buy meat  
   تەرجىمە قىلغۇچى:  تۇماق


    تۈركچە ئىسمى:  et satın Özlü Sözler  
  تەرجىمە قىلغۇچى: يەلكەن  

   كىتاپلار يۇقارقى تىللاردا، يۇقارقى دۆۋلەتلەردە بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن تىرراژى بەك ئېشىپ كەتتى.  جىڭ گەپ.  بىلگەيتىس ئىنگىلىزچىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن كەمىنىگە ئىلخەت يوللاپ يۇقرى باھالارنى بەردى.  كىتاپنىڭ ياپۇنچىسىغا زىيالى، كورىيانچىسىغا ۋەيرانى، نىمىسچىسىگە ئوغۇزكب جىددى ئىشلەۋاتىدۇ.  پات ئارىدا پۈتۈپ نەشىردىن چىقىدۇ.  
  مۇسۇلمان بولسىڭىز بۇ كىتاپنى چوقۇم سېتىۋىلىڭ!  ئۇيغۇر بولسىڭىز بۇ ئۇچۇرنى ۋىشىڭدا جىددى تارقىتىپ قويۇڭ.   

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 12:20:57

  «كۆزدىن كۆڭۈلگە _ قاسسىۋاخۇن ھېكىمەتلىرى» ناملىق كىتاپتىن دۇردانىلەر:  
  خەلقىمدىن يوشۇرمايمەن، مىنىڭ ئارزۇيۇم ئۇيغۇردىكى ئەڭ چوڭ قاسساپ بولۇش.  
   قوي سويۇش ئاسان، ئەمما گۆشنى تەڭشەپ ساتماق بەك تەس.  
   بەزى خېرىدارلارغا ھەيرانمەن.  دۇككانغا كىرىدۇ، ئۇنداق گۆش بەرسەممۇ ياراتمايدۇ، بۇنداق گۆش بەرسەممۇ ياراتمايدۇ.  ئېيتىڭلارچۇ خەلقىم، مەن زادى قانداق گۆش بەرسەم رازى بولىسىلەر؟  
  قىغ چىقىرىشتىن بەك زىرىكتىم. كىلەر يىلى بىرەرسىگە مۇئاش بىرىپ ئىشلەتمىسەم خەپ!  
   گۆش سېتىش مەن ئۈچۈن بىر ھوزۇر.  خەلقىمنىڭ گۆشنى ئېلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دۇككاندىن چىقىپ كەتكىننى كۆرگىنىم_كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم.  
  
  
   باكاغا ئوقۇۋەرمەي ئونبەشكويغا چىداپ كىتاپنى سېتىۋىلىپ ئوقىشالا قاغىننە.  

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:13:52

:lol كىنولا قىلىپ ئىشلىمەمسىز ،ھازىر كىتاپ ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كىنو كۆردىغانلار ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ، كىنو ئىشلىمىگەن سىزلا قالدىڭىز - ئاينا{:87:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:17:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   radiofan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 14:19  

  ئىنگىلىزچە ئىسمى: Quotations buy meat seller    دېسەك بولامدىكى دەيمىنا ...:lol

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:20:44

ما كىتاپتىن جىق ئېلىپ ئۆيۈمگە بېسىپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن ،تاۋباۋ تورىدا سېتىش ئادرىسى بارمۇ :lol

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:26:31

:lol:lol:lol
قۇنەكنىڭ لەڭپۇڭىدىن بىرەر تەخسە يىگەچ ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىغان گەپكەن ما كىتاپنى

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:34:31

ئېلان ھەققىنى بەرسەڭلار مەن شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسىسىغا ئۇقتۇرمايلا ئۆزەم بىزنىڭ ئېدارىنىڭ رادىيوسىدا داڭلاپ بېرەي ، مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلەپ ، قىزىق لىنيە تەسىس قىلىپ ، .....
ۋەي ، مۇتەپەككۇر قاسساپما ؟ ........ قانداق قىلىمىز ...
بۇ كىسەل ............دىن بولىدۇ ، مېنىڭ يىڭى چىققان كىتابىمنى  كۇندە ئۇخلاشنىڭ  بىر قىتىم ئۇقۇپ بەرسىڭىز ، جەمىئىي ئۇچ كۇرۇس ئوقۇسىڭىز ، ساقىيىپ قالىسىز ......:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:50:24

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 14:34 static/image/common/back.gif
ئېلان ھەققىنى بەرسەڭلار مەن شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستا ...

:lol

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 15:09:13

ھاھا   

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 16:18:00

ئوت چىقىرۋېتىپ بارىسىلەر جۇما{:87:}

ناۋادا ئىزدىنىشتا 2014-يىلدىكى ئەڭ ئېسىل تېمىلار باھالانسا مۇشۇ تېمىنى تەۋسىيە قىلسام بولغىدەك.


baydowlat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 16:26:51

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 17:03:22

دىمىسىمۇ ھازىر مۇشۇنداق قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلار ئاۋۇپ كىتىپ بارىدىغۇ تاڭ
بىرئادەم لىكسىيە سۆزلەپ بىرمۇنچە كىشىلەرنى مۇۋاپىقىيەتكە قازاندۇرالىسا نىمىشقا ئۆزى شۇنداق قىلمايدۇ
لىكسىيە سۆزلەپ بىلەتنى پۇلغا سىتىپ يۇرەمدۇ دەيمەن ھاھا مۇشۇ يىرى قىززىق

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 17:35:03

تور مودا بولغاندىن كىيىن شۇنى بايقىدىمكى : ئەسلى نۇرغۇن دوستلىرىم قالتىس پەيلاسوپ،  تالانتلىق مۇخبىر، فوتوگىراف ۋە ئۇستا ئاشپەزكەندۇق ، يەتتە قات تۇپىنىڭ ئاستىدا قالغان بۇ تالانتلىقلار بەك كىيىن بايقىلىپ بەك ئىسراپ بولۇپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ ، شۇنداق بولسىمۇ سىلەردەك دوستلىرىم بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 18:08:43

بىزگە مۇشۇنداق قاسساپلار كېرەك :lol  

Biigan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 18:14:07

خەنسۇچىسى :卖肉的语录


ئىنىگلىزچىسى:QuOTaTiON BuTcher

مەكتەپتە ئوقۇپ باققان بولغاندىكىن ***چىسىنى بولسىمۇ توغرا يازساڭلار بولمامدۇ دەيمەن . ئىنىگلىزچىسىنى تىخى ***چىنى ئۇدۇللا تەرجىمە قىلغان گەپ ھورۇن قاسساپ .

elturk يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 19:11:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-8 19:14  

گۆش ساتقۇچى ـــــــــــ گەپ ساتقۇچى  ،    قايسىسى مۇھىم ؟;P

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 19:56:43

مۇشۇنداق بىر كىتابنى تەرجىمە قىلغانتىم ھە راس:lol

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 20:00:27

:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 20:32:45

كەچۈرۈڭلا خالايىق، Quotations Of The Butcher نىڭ تەرجىمىسى كېچىكىپ كەتتى.:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 21:07:35

خەلق سۆيگۈسى ئىچرە ھاياجان ئىلىكىدە يازغاچقا قوللۇرۇم تىترەپ بەزى يەرلىرىدە ئىملا خاتالىقى ئۇنىڭدىن باشقا كىتاپنىڭ خانسۇچى ۋە ئىنگىلىزچە نامى خاتا ئېلىنىپ قاپتۇ. تەرجىمانلارنىڭ تۈزۈتۈپ بەرگىنى بويۇنچە ئوقۇغايسىزلەر.
بەت: [1] 2 3 4
: ھېكىمەتسىرىغان خەلقىمگە_ئىمپورت ھېكىمەتلەر